قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2330|ئىنكاس: 15

(bilgejan) ئەيدىز يۇقۇشنىڭ پىرسەنتى قانچىلىك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

61

تېما

50

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 213
تۆھپە : 3488
توردىكى ۋاقتى: 1123
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 20:09:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىز يۇقۇشنىڭ پىرسەنتى قانچىلىك؟

بىلگەجان

نۇرغۇن كىشىلەر HIV نىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۈچ يۇقۇش يولىنى بىلىدۇ: قوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىلمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت،  زەھەرلىك چېكىملىك چەككەندىكى ۋە ياكى مېدىتسىنا مەشغۇلاتلىرىدا شىفىرىستىن يۇقۇش،  HIV نى ئېلىپ يۈرگۈچى ئانىدىن ھامىلىگە يۇقۇش. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۈچ خىل ئاساسلىق يۇقۇش يولىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ خەۋىپى زادى قانچە پىرسەنت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيدۇ ھەمدە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن سوئاللارنى تاپشۇرۋالدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، نوپۇزلۇق ئورگانلار ئېلان قىلغان سىتاتىستىكىلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. بۇ ئۇچۇرلار WHO (دۇنيا سەھىيەت تەشكىلاتى)، CDC (ئامېرىكا كېسەللىك كونتىرول قىلىش ئىدارىسى) قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتىدىن ئېلىنغان ھەمدە ئاساسلانغان ئىلمىي ماقالىلەرمۇ ئاستىدا بېرىلدى.

ئامېرىكا CDC ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر ئون مىڭ كىشى ئىچىدىكى ئەيدىز يۇقۇش نىسبىتى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە بېرىلدى:


دىققەت: رەتكە تىزغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەۋىپى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەھۋال يۇقۇملانغان كىشىدىن قان سېلىش بولۇپ، خەۋىپى 92.5% كە يېتىدۇ.  

يۇقۇش خەۋىپى بويىچە ئاساسلىق ئۈچ خىل ئەيدىز يۇقۇش يولىدىن يۇقۇملىنىش خەۋىپلىرى تۆۋەندە بېرىلدى.
(ئەسكەرتىش: بۇ نىسبەتلەر ئوتتۇرىچە سانلىق قىممەتلەر بولۇپ، HIV ۋىرۇسى جىددىي كۆپىيىۋاتقانلاردىن يۇقۇش نىسبىتى نورمالدىن 2-3 ھەسسە ھەمدە يۇقۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەزگىلىدە تۇرۋاتقان، يەنى ئۆزى يۇقۇملانغىنىغا 2-4 ھەپتە بولغان مەزگىلدىكى كىشىلەردىن يۇقۇش نىسبىتى نورمالدىن 10 ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن).

1. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئەيدىز يۇقۇش خەۋىپى

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئەردىن ئايالغا يۇقۇش نىسبىتى (ئېھتىمالى) تەخمىنەن 0.08%، ئايالدىن ئەرگە يۇقۇش ئېھتىمالى تەخمىنەن 0.04% ئىكەن.
بەچچىۋازلىق مۇناسىۋىتىدە، ئالدىدىن كەينىگە يۇقۇش نىسبىتى تەخمىنەن 1.4% ئەتراپىدا، كەينىدىن ئالدىغا يۇقۇش نىسبىتى ئېنىق پەرەز قىلىنمىغان بولۇپ دائىرىسى 0.06%-0.62% ئىكەن.
http://www.catie.ca/en/pif/summe ... t-risk-exposure-hiv

2. a. مېدىتسىنا خادىملىرى ئارىسىدا يېڭنە سانچىلىپ كېتىشتىن HIV يۇقۇش خەۋىپى

مېدىتسىنا خادىملىرى ئارىسىدا يېڭنە سانچىلىپ كېتىشتىن HIV يۇقۇپ قىلىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتە 0.1% - 0.3% ئەتراپىدا ئىكەن.
http://www.aidsmap.com/Risk-of-infection/page/1324549/

2. b. زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدا ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن HIV يۇقۇش خەۋىپى

زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدا ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن HIV نىڭ يۇقۇش ئىھتىمالى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا يۇقۇش خەۋىپى 0.67% - 0.84% ئەتراپىدا بولغان. ئەمما كانادا تەتقىقاتچىلىرى ئىشلىگەن تەتقىقاتلاردا زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدا ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن HIV نىڭ يۇقۇش ئىھتىمالى يۇقىرىراق بولۇپ، تەخمىنەن 1.5% - 5.9% ئەتراپىدا بولغان.
http://www.catie.ca/sites/defaul ... MISSION-RISK-EN.pdf

3. ئانىلاردىن ھامىلىگە HIV يۇقۇش خەۋىپى

WHO ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلاردىن يېتىلىۋاتقان ھامىلىگە يۇقۇش نىسبىتى ئادەتتە 15% - 45% ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلسا بۇ نىسبەتنى 5% كە چۈشۈرگىلى بولىدىكەن.
http://www.who.int/hiv/topics/mtct/en/


ئەيدىز ھەققىدىكى تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا بېرىلگەن "ئەيدىز ۋە ئۇيغۇرلار" ناملىق ماقالەمنى ئوقۇڭ:
http://bbs.izdinix.com/thread-61026-1-1.html


ئەسكەرتىش: بۇ مەزمۇنلار پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى، بۇ ھەقتىكى ھەر قانداق سوئاللارغا ماقالە ئاپتورى جاۋاب بەرمەيدۇ ھەم ھەر بىر كىشى ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرنى مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركەزلىرى ۋە دوختۇرخانىلاردىن سورىشى كېرەك. بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلار تۈپەيلى كىلىپ چىققان ھەر قانداق ئاقىۋەتكە ماقالە ئاپتورى مەسئۇل بولمايدۇ.

مەنبەلەر:
Baggaley RF, White RG, Boily M-C. HIV transmission risk through anal intercourse: systematic review, meta-analysis and implications for HIV prevention. International Journal of Epidemiology. 2010 Aug;39(4):1048–63.
2. Vittinghoff E, Douglas J, Judson F et al. Per-contact risk of human immunodeficiency virus transmission between male sexual partners. American Journal of Epidemiology. 1999 Aug 1;150(3):306–11.
3. Jin F, Jansson J, Law M et al. Per-contact probability of HIV transmission in homosexual men in Sydney in the era of HAART. AIDS. 2010 Mar 27;24(6):907–13.
4. a. b. Boily M-C, Baggaley RF, Wang L et al. Heterosexual risk of HIV-1 infection per sexual act: systematic review and meta-analysis of observational studies. Lancet Infectious Diseases. 2009 Feb;9(2):118–29.
5. Baggaley RF, White RG, Boily M-C. Systematic review of orogenital HIV-1 transmission probabilities. International Journal of Epidemiology. 2008 Dec;37(6):1255–65.
6. Ward H, Rönn M. Contribution of sexually transmitted infections to the sexual transmission of HIV. Current Opinion in HIV and AIDS. 2010 Jul;5(4):305–10.
7. Atashili J, Poole C, Ndumbe PM et al. Bacterial vaginosis and HIV acquisition: a meta-analysis of published studies. AIDS. 2008 Jul 31;22(12):1493–501.
8. Cohen CR, Lingappa JR, Baeten JM et al. Bacterial vaginosis associated with increased risk of female-to-male HIV-1 transmission: a prospective cohort analysis among African couples. PLoS Medicine. 2012 Jun;9(6):e1001251.
9. Wawer MJ, Gray RH, Sewankambo NK et al. Rates of HIV-1 transmission per coital act, by stage of HIV-1 infection, in Rakai, Uganda. Journal of Infectious Diseases. 2005 May 1;191(9):1403–9.
10. Baeten JM, Kahle E, Lingappa JR et al. Genital HIV-1 RNA predicts risk of heterosexual HIV-1 transmission. Science Translational Medicine. 2011 Apr 6;3(77):77ra29.
11. Wawer MJ, Gray RH, Sewankambo NK et al. Rates of HIV-1 transmission per coital act, by stage of HIV-1 infection, in Rakai, Uganda. Journal of Infectious Diseases. 2005 May 1;191(9):1403–9.
12. Hollingsworth TD, Anderson RM, Fraser C. HIV-1 transmission, by stage of infection. Journal of Infectious Diseases. 2008 Sep 1;198(5):687–93.

    Becker C et al. Occupational infection with human immunodeficiency virus (HIV). Risks and risk reduction. Ann Intern Med 110(8):653-6, 1989
    Leentvaar AK et al. Needlestick injuries, surgeons and HIV risks. Lancet 335: 546–547, 1990
    Gaughwin MD et al. Bloody needles: the volume of blood transferred in simulations of needlestick injuries. AIDS 5(8): 1025–1027, 1991
    Cardo D et al. A case control study of HIV seroconversion in health care workers after percutaneous exposure. N Engl J Med 337:1485–90, 1997
    Department of Health HIV post-exposure prophylaxis: Guidance from the UK Chief Medical Officers’ Expert Advisory Group on AIDS. London, 2008
    Baggaley RF et al. Risk of HIV-1 transmission for parenteral exposure and blood transfusion. AIDS 20: 805-812, 2006

Patz JA, Jodrey D. Occupational health in surgery:
Risks extend beyond the operating room.
Aust N Z J Surg. 1995 Sep;65(9):627-9.

Bayoumi AM, Zaric GS. The cost-effectiveness
of vancouver’s supervised injection facility. CMAJ.
2008 Nov 18;179(11):1143-51.

Murray JM, Law MG, Gao Z, Kaldor JM. The impact
of behavioural changes on the prevalence of human
immunodeficiency virus and hepatitis C among
injecting drug users. Int J Epidemiol. 2003
Oct;32(5):708-14.

Pinkerton SD. How many HIV infections are
prevented by vancouver canada’s supervised
injection facility? Int J Drug Policy. 2011
May;22(3):179-83.

Hu DJ, Subbarao S, Vanichseni S, Mock PA, van
Griensven F, Nelson R, et al. Higher viral loads
and other risk factors associated with HIV-1
seroconversion during a period of high incidence
among injection drug users in bangkok. J Acquir
Immune Defic Syndr. 2002 Jun 1;30(2):240-7

Thompson SC, Boughton CR, Dore GJ. Blood-borne
viruses and their survival in the environment: Is public
concern about community needlestick exposures
justified? Aust N Z J Public Health. 2003
Dec;27(6):602-7.

Abdala N, Stephens PC, Griffith BP, Heimer R.
Survival of HIV-1 in syringes. J Acquir Immune
Defic Syndr Hum Retrovirol. 1999 Jan 1;20(1):73-80.

Abdala N, Reyes R, Carney JM, Heimer R. Survival
of HIV-1 in syringes: Effects of temperature during
storage. Subst Use Misuse. 2000 Aug;35(10):1369-83.

Bruneau, J., Daniel, M., Abrahamowicz, M.,
Zang, G., Lamothe, F., Vincelette,J. Trends in human
immunodeficiency virus incidence and risk behavior
among injection drug users in montreal, canada:
A 16-year longitudinal study. Am J Epidemiol.
2011;173(9):1049-58.

Roy E, Richer I, Morissette C, Leclerc P, Parent R,
Claessens C, et al. Temporal changes in risk factors
associated with HIV seroconversion among injection
drug users in eastern central canada. AIDS. 2011
Sep 24;25(15):1897-903.

Miller CL, Kerr T, Frankish JC, Spittal PM, Li K,
Schechter MT, et al. Binge drug use independently
predicts HIV seroconversion among injection drug
users: Implications for public health strategies.
Subst Use Misuse. 2006;41(2):199-210.

uyghuray

ئالىي ئەزا

3

تېما

1

دوست

3920

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  895
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 566
تۆھپە : 815
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 20:28:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خىلى كۆپ ئامبۇلاتورىيەدە سىناققا ئىشلىتىدىغان شىپىرىسنى ھەممە ئادەمگە ئورتاق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايقىدىم،يىڭنىسىنى يەڭگۈشلىدۇق دەيدىكەن بىراق نەچچە يەردە كۆرۈپ قالدىم ،يەڭگۈشلىمەيلا سىناق قىلغىنىنى ،مۇشۇ ئىشلارغىمۇ قاتتىق دىققەت قىلايلى قىرىنداشلار،سىناق قىلىش ھەققىنى ئالىدۇ بولمىسا .....بىشىدا قارىتىپ يەڭگۈشلەتكۈزۈڭلار....

18

تېما

82

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 884
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 3196
توردىكى ۋاقتى: 707
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 20:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
boxuk يوللىغان ۋاقتى  2015-12-29 20:28
مەن خىلى كۆپ ئامبۇلاتورىيەدە سىناققا ئىشلىتىدىغان شىپ ...

بىزنىڭكىدە يىڭى ئىشپىرىسنى پۇلغا ئىلىپ ئاندىن سالىدۇ ،شۇڭا بىزمۇ رازى .

21

تېما

42

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   25.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6046
توردىكى ۋاقتى: 2502
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 21:00:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  82-يىللارمىكىن، تىلۋىزوردا بىر كارتون فىلىمدە يۇقۇملۇق كىسەللەرنى بىر ۋاگۇنغا قاچىلاپ ئاپىرىپ دىڭىزغا ئىتتىرۋەتكەن كۆرۈنۈش بار ئىدى...
uyghuray

10

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 1136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 3680
توردىكى ۋاقتى: 945
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 21:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھىشخانىلارنى يوق قىلماي تۇرۇپ بۇ نىجىس كىسەلنى يوقىتىمىز دىيىش ئۇچچىغا چىققان يالغانچىلىق .

3

تېما

1

دوست

2222

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1638
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 139
تۆھپە : 599
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 23:52:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-12-29 21:00
82-يىللارمىكىن، تىلۋىزوردا بىر كارتون فىلىمدە يۇقۇملۇ ...

كارتون فىلىم ئەمەس،ئۇ كىنونىڭ ئىسمى‹‹كاساندىرا كۆۋرىكى››

3

تېما

1

دوست

2222

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1638
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 139
تۆھپە : 599
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-29 23:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەھەر ساتقۇچىلارنى ھۆكىمەت تۇتىۋېلىپ كىسىۋاتماي،ئېچىقىپلا ئېتىۋەتسە،ساتقۇچى،چەككۈچىلەرمۇ جەمىيەتتە بارا-بارا يوقايتتى.شۇنىڭغا ئەگىشىپ بەچچىۋازلارغا،پاشۋازلارغا،پاھىشىلەرگىمۇ قاتتىق جازا يۈرگۈزۈلسە جەمىيەت ئەيدىزدىن خېلى خالى بولاتتى دەپ قارايمەن.

0

تېما

0

دوست

2351

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27494
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 766
توردىكى ۋاقتى: 256
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-30 00:30:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم ئاجىز بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي ، بولسا بىرمۇ ئىنسان بۇنداق كىسەل بولمىسۇن . مەنچە بۇ كىسەلمۇ ھامىنى بىر كۈنى ساقىيىدۇ . ئەمما ھەممىمىز مەينەتلىكتىن يىراق تۇرايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )