قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 896|ئىنكاس: 8

(bilgejan) ھامىلدار ئانىلار ۋە ھامىلە مېڭە يېتىلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

61

تېما

50

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 213
تۆھپە : 3488
توردىكى ۋاقتى: 1123
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-30 15:45:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا «شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 2014-يىللىق 8-سانىدا ئېلان قىلىنغان «خوتەندىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى، بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچىسى (بۇ يەردىن كۆرۈڭ) پەرزەنىت تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەزكۇر ماقالە كۈچلۈك دېققىتىمنى قوزغىدى.

بۇ ماقالىدە قاراقاش ناھىيىسىدىكى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان 787 نەپەر ئۇيغۇر بالىلىرى تەتقىقات ئوبىيكتى قىلىنغان بولۇپ، بۇ بالىلارنى 3 كۈن ئىچىدىكى ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇلار ئىستىمال قىلغان يېمەكلىكلەردىكى ھەر قايسى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۆلچەنگەن بولۇپ، بۇ نەتىجىلەر كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ دېققىتىمنى تارتقىنى، قاراقاشتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى خەلقىئارا ئۆلچەمدە تەۋسىيە قىلىنغان كۈندىلىك ئاقسىل مىقدارىنىڭ ئاران 50% توغرا كىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار ئىستىمال قىلغان ئاقسىل ئاساسلىقى پەقەت ئاشلىقتىن كىلىدىغان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل مەنبەسى بولغان سۈت، تۇخۇم، گۆش، بېلىق، پۇرچاق قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن.

بۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇۋىتىپ قاتتىق قايغۇردۇم چۈنكى بۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ماڭا بەش قولدەك ئايان. مېنىڭ تەتقىقاتلىرىم نەق ھامىلە ۋە نارسىدىلەرنىڭ ئوزۇقلۇقى بىلەن ئۇلارنىڭ مېڭە يېتىلىشى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى گېن سەۋىيىسىدە تەتقىق قىلىشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ ساھەدە تەجىرىبخانىمىز دۇنيادا باشلامچى ھېسابلىنىدۇ.  ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مېڭە يېتىلىشى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان كىچىك ياشتا ساغلام بولغان ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنىڭ بىرى شۇكى بۇ بالىلار گەرچە نورمال ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما نەق مۇشۇ مەزگىلدە ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكى تۈپەيلى كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتى، ئەستە تۇتۇش، دېققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەقلىي پائالىيەتلىرى پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

خوتەن بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىدا بايقالغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى پەرىزىمچە شىنجاڭدىكى باشقا يۇرتلاردىمۇ ئوخشاش نىسبەتتە ياكى مەلۇم دەرىجىدە تېپىلىشى مۇمكىن. يۇقىرىدىكى ئىلمىي ماقالە پەقەت بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى خاركتىرىدىكى ماقالە بولۇپ، كۆزىتىلگەن تەجىرىبە نەتىجىلىرىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە بولغان تەسىرلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنمىغان. شۇنداقتىمۇ بۇنداق تەتقىقات نەتىجىلىرى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ دېققىتىمىزگە سازاۋەر بولۇشى ۋە ئاتا-ئانىلار، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتكە بىر ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن. مەن ئۇزۇندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇنەۋۋەر زىيالىلاردا ئەۋج ئالغان ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيتىگە سېڭىشكە باشلىغان بىر ئىددىيەگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولساممۇ بۇ جەھەتتە رەسمىي قەلەم تەۋرىتىپ باقمىغان ئىدى. مېنىڭچە، ئىلمىي ئاساسى بىلەن چۈشەندۈرۈلۈشى كېرەك بولغان ئىجتىمائىي ھادىسىلىرى تەبئىي پەن تەتقىقاتچىلىرىنڭمۇ دېققىتىنى تارتىشى كېرەك. شۇ ۋەجىدىن، مەن مەزكۇر ماقالەمدە 2014-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكا مىچىگان شىتاتىدا ئېچىلغان دۇنيا «كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي يېغىنى» دا سۆزلىگەن بىر قىسىم ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمەن. مەزكۇر دوكلات تۇنجى قېتىم پىرىمات تىپىدىكى جانلىقلارنىڭ ھامىلە مېڭىسىنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تولۇق گېنوملىرىنى ئېنىقلاپ چىققان ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ مېڭە يېتىلىشىگە زادى قانداق تەسىرى بارلىقىنى يېڭى ئەۋلاد گېن تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ گېن سەۋىيىسىدە ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ «لالور تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. بۇ ماقالىدە ئىنسانلارغا مېڭە تۈزۈلۈشى ئەڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان پىرىماتلار تىپىدىكى ھايۋانلارنىڭ بىرى بولغان ئىت باش مايمۇندا ئىشلەنگەن ھامىلدارلىقتىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ھامىلە مېڭە يېتىلىشىگە بولغان تەسىرلىرى سۆزلىنىدۇ. ئەمما نارسىدىلەر (يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدىكى بوۋاقلار) ۋە 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ مېڭىسىمۇ ئوخشاشلا يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان بولغاچقا، بۇ مەزگىللەردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭمۇ بالا مېڭە يېتىلىشىگە سەلىبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىغا ئائىت ئىلمىي ئىسپاتلار مەۋجۇت. بۇ ئىلمىي دوكلاتىمنىڭ كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كېيىنكى ماقالەمدە ئەقىل ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىمەن ۋە يەھۇدىلارنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا باشقا مىللەتلەردىن ئەقىللىق ئەمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىمەن.



ھامىلدار ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مىكرو RNA نى ئاساس قىلغان ئېپىگېنتىكىلىق مېخانىزىملار بىلەن ھامىلە چوڭ مېڭىسىدىكى ئاچقۇچلۇق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتىدۇ


تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە، PhD


تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنسىتىتۇتى گېنتىكا فاكۇلتىتى
ئامېرىكا غەربىي-جەنۇب دۆلەتلىك پىرىماتلار تەتقىقات مەركىزى




تېمىنى تونۇشتۇرۇش


نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئاشۇرۇش، چوڭلاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ھەقىقىي نېگىزلىك سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە شۇ ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش، داۋالاپ ساقايتىش ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلمىي ئاساسلارنى تەمىنلەش بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ھازىر دۇنيادا نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنىڭ تۈپ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ھامىلە يېتىلىش جەريانىدىلا باشلىنىدىغانلىقى، پەقەت ھاياتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا كەلگەندىن ئاندىن رەسمىي ئىپادىلىنىپ چىقىدىغانلىقى بارغانسىرى ئايدىڭلاشماقتا. تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدا ئانا تېنىدىكى ھەر خىل پاسسىپ مۇھىت ئامىللىرىنىڭ كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ئوينايدىغان رولىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىگە ئائىت نۇرغۇن ئىلىمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ خىل مۇھىت ئامىلىنىڭ گېن تىپلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ جانلىقلارنىڭ فىنوتىپلىق (ئىپادىلىنىپ چىققان ئالامەتلەر) ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ئېپىگېنتىكا دەپ ئاتىلىدۇ.  

ئانىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق، دورا، ئوكسېگىن، روھىي بېسىم ۋە باشقا مۇھىت تىپىدىكى بارلىق ئامىللارنىڭ تۆرەلمە يېتىلىشى ۋە ھامىلە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىز ئەڭ قىزىقىدىغان مۇھىم ئۇقۇم ئەڭ ئاۋۋال «نېدىرلاندىيە ئاچارچىلىق قىشى» ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىشتىن باشلانغان.  دۇنيانىڭ قاتتىق دېققىتىنى قوزغىغان «نېدىرلاندىيە ئاچارچىلىق قىشى»دىن ئامان قالغۇچىلاردا ئىپادىلىنپ چىققان ھەر خىل ئېغىر كېسەللىكلەر ئانا ھامىلدار مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق مۇھىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇزاق مۇددەتلىك، پۈتكۈل ھاياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەسىرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي پاكىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

«نېدىرلاندىيە ئاچارچىلىق قىشى» ئەسلى مۇنداق ئىش: 1944-يىلى قىش كىرىشى بىلەن ناتسىست گېرمانىيىسى بېسىۋالغان نېدىرلاندىيە (گوللاندىيە)نىڭ غەربىي قىسىمىدىكى نوپۇس زىچ رايونلاردا قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن. كىشىلەر ھايات قىلىش ئۈچۈن بار بولغان ئىنتايىن قىس ئاشلىقتىن ئورتاق پايدىلىنىدىغان كوللېكتىپ ئاشخانىلارنى قۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ تۆۋەن مىقداردىكى يېمەكلىك بىلەن شۇ قېتىملىق قىشتىن ئۆتۈۋالماقچى بولغان ۋە بار بولغان يېمەكلىك كىشى بېشىغا جاننى ساقلاپ قالغۇدەك دەرىجىدە ئازدىن بۆلۈپ بېرىلگەن. بۇ ئاچارچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 4.5 مىليوندىن كۆپ كىشى ئىچىدىن 22 مىڭدىن ئارتۇقى ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسمى ئامان قالغان. ئەپسۇسكى، تەسىرگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئىچىدە ھامىلدار ئاياللارمۇ بار بولۇپ، 1944-يىل ئاخىرى ۋە 1945-يىلى يىل بېشى مەزگىلىدىكى بۇ قىشتا ھامىلدارلىقنى باشتىن كەچۈرۋاتقان ئاياللارنىڭ تۇغقان بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىرلىقى تۆۋەن تۇغۇلغان. شۇ مەزگىلدە ھامىلدار بولغان ئانىلارنىڭ تۇغۇت ئارخىپلىرى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، 80-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئەنگىلىيەلىك دوختور، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئالىمى دەيۋىد باركىر (David Barker) شۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان كىشىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، شۇ بىر توپ كىشىلەر ئىچىدە يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىرى، دىئابىت كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇش نېسبىتى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن خالىي كىشىلەر توپلىرىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى زور سانلىق مەلۇماتلار بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن. كېيىن باشقا ئالىملار ئارقا-ئارقىدىن «نېدىرلاندىيە ئاچارچىلىق قىشى»دىن ئامان قالغۇچىلار ئىچىدە نېرۋا ئاجىزلىقى، پىسخىكا بىنورماللىقى ۋە ئېلىشىپ قىلىش كېسىلى .... بىر قاتار چوڭ مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك بىنورماللىقلارنىڭمۇ كىلىپ چىققانلىقىنى بايقىغان ۋە بۇ ئىش پۈتۈن دۇنيادا زور داغدۇغا قوزغىغان. شۇنىڭدىن كېيىن دوكتور باكىر داڭلىق «باكىر پەرىزى» ياكى «چوڭلاردىكى كېسەللىك ۋە ساغلاملىقنىڭ يېتىلىش جەريانىدا باشلىنىشى» دەپ ئاتالغان ئىلمىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان. 2000-يىللارغا كەلگەندە بۇ خىل ھامىلە يېتىلىش جەريانىدىكى مۇھىت تەسىرلىرىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقنى بەلگىلىشىنى تەتقىق قىلىدىغان ساھە «ھامىلىنىڭ پروگراممىلىنىشى» دېگەن نام بىلەن يېڭى بىر تەتقىقات ساھەسى بولۇپ شەكىللەنگەن.

تەجىرىبخانىمىزدا ئانا تېنىدىن بالىغا ئۆتىدىغان ستىروئىدلىق دورا، ئوزۇقلۇق ۋە باشقا ھامىلدە بېسىم پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ئەۋلاد ساغلاملىقىدا قانداق بىنورماللىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ھايۋانات تەجىرىبە مودىللىرى ئارقىلىق تەكشۈرىمىز ۋە سىستىما بىئولوگىيسى (بىرلا خىل ھۈجەيرە، توقۇلما ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر جانلىقنىڭ كونتېكىستىدا كۆزىتىلگەن ھادىسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىنچىكە بىئولوگىيلىك قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ئانا مۇھىتىنىڭ تۆرەلمە ۋە ھامىلىگە بولغان تەسىرلىرىنى فىزىئولوگىيىلىك ۋە گېنتىكىلىق نۇقتىلاردىن تەتقىق قىلىپ، چوڭلاردىكى كېسەللىكلەر ياكى بىنورماللىقلارنىڭ ھامىلە يېتىلىش جەريانىدا پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنچىكە مولىكۇلالىق مىخانىزىمىلىرىنى قېدىرىپ چىقىشتىن ئىبارەت چوڭ تەتقىقات يۆنلىشىنى ئاساس قىلىمىز.


مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى


ھازىر دۇنيادا 1 مىلياردتىن ئارتۇق كىشى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ دەردىنى تارتىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئافىرىقا ۋە ئاسىيادا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىمۇ ھەر يىلنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە يېمەكلىكتىن قىسىلىدىغان ئائىلەر خىلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكىدا جەمئىي 18 مىليون ئائىلە (50 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس) يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردىكى ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەسلىك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھامىلدار ئاياللارغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، كېسەلچان تۇغۇلۇشى ۋە نارسىدە مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى يۇقۇملىنىش ۋە يەنە بىرى ئوزۇقلۇق يېتىشمەلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەرقانداق باشقا ئامىللاردىن زور خەۋىپ ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. يىلدا نۇرغۇنلىغان بوۋاقلار ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ئانىدىن تۇغۇلىدۇ.

نۇرغۇنلىغان ئىلمىي پاكىتلار تۆۋەندىكى ئىلمىي پەرەزنى قوللايدۇ:
ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك «تۆرەلمىنىڭ پىروگراممىلىنىشى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق تۇغۇلغان ئەۋلاد چوڭ بولغاندا كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇش نېسبىتىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
تەپسىلىي چۈشەندۈرسەك، ئانا بالياتقۇسىغا يېتىپ كەلگەن قاندا ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولسا، ئۇ ھالدا يېتىلىۋاتقان ھامىلە شۇ خىل ئوزۇقلۇق كەمچىل مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن «تېجەشچان» فىنوتىپنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە بار بولغان ئوزۇقلۇقلار بىلەن ھاياتنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىمكانقەدەر ئېنىرگىيە ئىشلىتىشنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ئېنىرگىيەنى ساقلاپ قويۇپ ئاياپ ئىشلىتىدۇ. ئەگەر بۇ خىل تەسىردىن كېيىن تۇغۇلغان جانلىق ئانا تېنى سىرتىدىمۇ ئوزۇقلۇق كەمچىل مۇھىتتا ياشىسا بۇ خىل «تېجەشچان» ئالاھىدىلىك ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ۋە قىسقا مۇددەتتە داۋاملىق ياشىيالىشىغا پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئوزۇقلۇق كەمچىل ئانا مۇھىتىدا يېتىلگەن ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق ماددىلار مول مۇھىتتا ياشىسا، ئۇ ھالدا ئۇلار ھامىلە مەزگىلىدە پروگراممىلانغان «تىجەشچان» فىنوتىپ ئەۋلادنىڭ مىتابولىزىملىق كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇش نېسبىتنى ئاشۇرۇپ ئەۋلادنىڭ ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقىغا زور سەلىبي تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ. ئىنسانلارغا نېسبەتەن، ھازىرقى دۇنيادا كۆپىنچە بالىلار ئوزۇقلۇق مول مۇھىتتا چوڭ بولىدىغان بولغاچقا، بالياتقۇدىكى ئوزۇقلۇق كەمچىلىككى بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ھازىرغىچە ئىنسان ۋە باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋان تەجىرىبە مودىللىرىدا، نۇرغۇن ئەزالارنىڭ بۇ خىل تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئايدىڭ بولدى. بولۇپمۇ ئىنسانلاردا ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، ھازىرغىچە ھامىلە مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلار چوڭ بولغاندا يۇقىرى قان بېسىم، سېمىزلىك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە بۆرەك كېسەللىرى قاتارلىق مىتابولىزىملىق كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

بۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا تەسىرلەر يۈرەك، بۆرەك، جىگەر، قان-تومۇر، بۆرەك ئۈستى بېزى، ئاشقازان ئۈستى بېزى، مۇسكۇل قاتارلىق ئەزالارنىڭ يېتىلىش جەريانىدا نورمال يېتىلمەسلىكى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ قارالماقتا. ئەكسىچە، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى، كۆپ قىسىم ئالىملار مېڭە «ئىمتىيازلىق ئەزا» دەپ قاراپ، ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى مېڭە يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ چۈنكى بار بولغان ئوزۇقلۇقلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم ئەزا بولغان مېڭىگە يېتىپ بارىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن.

ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى راستىنلا جانلىقلارنىڭ مېڭە يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەمدۇ؟
راستىنلا ئاتالمىش «مېڭىنىڭ قوغدىلىپ قىلىش» ھادىسىسى مەۋجۇتمۇ؟


ئىنسانلاردىكى كۆزىتىشتىن كەلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئەقلىي فۇنكىيىسەگە ئائىت كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. شۇنداقلا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن تۇغۇلۇش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ مېڭە يېتىلىشىدە بىنورماللىقلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلىنگەن. ئىنسانلاردا ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا نەتىجىگە تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللارنى كونتىرول قىلىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىزنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىمىز ھامىلە يېتىلىشى ئىنسانلارغا ئەڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان پىرىماتلار ئىچىدىكى گانگې دەريا مايمۇنىنى ئىشلىتىپ باشقا بارلىق ئامىللار قاتتىق كونتىرول قىلىنغان بىر ھامىلدارلىقتىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تەجىرىبىسىنى ئىشلىگەن. پىرىماتلار مېڭىسىدىن باشقا ھەر قانداق ھايۋاننىڭ مېڭىسى ئىنسان مېڭىسى بىلەن ئوخشاشلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، بىزنىڭ بۇ مايمۇن مودىلىمىز ئىنسانغا تەدبىقلاشقا ئەڭ ماس كىلىدىغان كونتىروللۇق تەجىرىبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەجىرىبىلەردىن گۇرۇپپىمىز تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە (90 كۈنلۈك ھامىلە) ئىشلەنگەن تەجىرىبىلەردىن بايقىشىمىزچە، ئوزۇقلۇق كېمەيتىلگەن گۇرۇپپىنىڭ ھامىلە مېڭىسىدىكى نېرۋا غول ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان SVZ دەپ ئاتالغان مېڭە رايونىدا كۆپ مىقداردا «ھۈجەيرىلەرنىڭ پروگراممىلىق ئۆلۈشى» بايقالغان ۋە بۇ رايوننىڭ قېلىنلىقى نورمال گۇرۇپپىدىكى ھامىلىلەردىن تۆۋەن بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ھامىلىلەرنىڭ مېڭە گېنومىدا نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلار بايقالغان (بۇ نەتىجە 2011-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىلمىي ژورنىلى بولغان PNAS ناملىق داڭلىق ژورنالدا ئېلان قىلىنغان) .

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقى نورمالدىن 30% كېمەيتىلگەن ئانىلاردىن تۇغۇلغان 3.3 ياشلىق مايمۇن بالىلىرىدا (12-14 ياشلىق ئىنسان يېشىغا باراۋەر) تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەر بايقالغان:
ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ئانىلاردىن تۇغۇلغان مايمۇنلارنىڭ ئىش ئىشلەش جەريانىدىكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە قىزغىنلىقى نورمال گۇرۇپپىدىن تۆۋەن بولغان. تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى، پەقەت ئەركەكلىرىدە ئۆگىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، دېققىتىنى يۆتكىشى ئاستا بولۇش ۋە ئۆزىنى تۇتالمايدىغان پىسخىكىلىق ھالەتلەر قاتارلىق بىنورماللىقلار بايقالغان بولۇپ، چىشىلىرىدا بۇنداق بىنورماللىقلار كۆرۈلمىگەن.

يۇقىرىدىكى ئىلمىي بايقاشلاردىن شۇنى خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:

1. يېتىلىۋاتقان ھامىلە مېڭىسى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ئىبارەت مۇھىت بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ۋە «مېڭە قوغدىلىپ قېلىنىدۇ» دېگەن ئۇقۇم ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئەمەس.
2. ئانىلاردىكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ھامىلە مېڭە يېتىلىشىدە ئەركەك ئەۋلادقا بولغان تەسىرى چىشى ئەۋلادتىن يۇقىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەركەك ئەۋلادنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.


بىز ئەقلىي ئىقتىدارنى بەلگىلەشتە ئەڭ مۇھىم بولغان چوڭ مېڭە ئالدى مېڭە قېرىنچىلىرىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا ئوزۇقلۇق كەمچىللىك ۋە باشقا مۇھىت بېسىملارغا ناھايىتى سەزگۈر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بولۇپمۇ بۇ خىل تەسىر ھامىلە يېتىلىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ۋە ھامىلە تۇغۇلغان دەسلەپكى مەزگىل ئارىلىقىدىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچتا تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقى مەلۇم. ئوزۇقلۇق مۇھىتى گېنلارنىڭ تەرتىپىنى ئۆزگەرتمىسىمۇ، ئەمما ئېپىگېنتىكىلىق مىخانىزىملار بىلەن گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق مەلۇم خىل ئېرسىي ئالاھىدىلىكنى بەلگىلىيەلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا مەلۇم جانلىق ئىپادىلەيدىغان بارلىق ئېرسىي ئالاھىدىلىكلەر ماھىيەتتە گېنتىكىلىق ئامىللار بىلەن مۇھىت ئامىلى تەسىرىدىكى ئېپىگېنتىكىلىق ئامىللارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېپىگېنتىكىلىق مىخانىزىملار دېگەندە تۆۋەندىكى ئۈچ ئامىل كۆزدە تۇتۇلىدۇ:
1. گېننىڭ خېمىيىلىك ئاساسى بولغان DNA نىڭ تۈزۈلۈشىگە مىتىل (CH3-) گۇرۇپپىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق مەلۇم گېنلارنىڭ ئاكتىپسىزلىنىشى 2. گېنلارنى ئۆز ئىچىدە ساقلايدىغان خىروموسۇم تۈزۈلۈشىنىڭ زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى يۇقىرىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان خېمىيىلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشلەر ئارقىلىق گېن ئىپادىلىنىشىڭ كونتىرول قىلىنىشى 3. ئىنتايىن، قىسقا مىكرو RNA دەپ ئاتىلىدىغان (miRNA) كىچىك يادرو كېسلاتالىرى مەخسۇس نىشانلايدىغان گېن قوزغاتقۇچى رايونىغا باغلىنىش ئارقىلىق شۇ گېننىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىشىنى توسۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق گېن ئىپادىلىنىشنىڭ كونتىرول قىلىنىشى.
بۇنىڭ ئىچىدە miRNA لىك مىخانىزىملار نۆۋەتتە ئەڭ قىززىق نۇقتا بولۇپ قالماقتا.

ئەمدىكى چوڭ سوئاللار:

1. پىرىماتلار (مايمۇنسىمانلار) ھامىلە يېتىلىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئالدى مېڭە قاسرىقى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكىگە قارىتا ئىنكاسىدا جىنسىي پەرق مەۋجۇتمۇ؟ ئەركەك ۋە چىشى جىنىسلار ئوخشاش ئىنكاستا بولامدۇ؟
2. مۇھىت قانداق مولىكۇلىق مىخانىزىملار بىلەن بۇ خىل تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟ ئىنچىكە قىلىپ ئېيتقاندا، مىكرو RNA تىپىدىكى مىخانىزىملار بۇ جەرياندا قانداق رول ئوينايدۇ؟


تەتقىقات مېتودى:
يۇقىردىكى سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بۇ تەتقىقاتتا بىز ئالدى بىلەن بىر ھامىلدارلىقتىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى تەقلىد قىلغان ھايۋانات مودىلىنى بەرپا قىلدۇق. گېنتىكىلىق ئارقا كۆرۈنۈشى ناھايتى ئوخشايدىغان ساغلام، ياش چىشى مايمۇنلارنى تاللاپ ئۇلارنى خالىغان ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلدۇق. بىر گۇرۇپپا مايمۇن نورمال ھامىلدارلىقنى تەقلىد قىلىش ئۈچۈن باشتىن-ئاخىرى نورمال ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەندى ۋە بۇ گۇرۇپپا «كونتىرول گۇرۇپپا» دەپ ئاتالدى. يەنە بىر گۇرۇپپا مايمۇنلار بولسا 30 ھامىلدارلىقنىڭ 30-كۈنىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ يېمەكلىكى نورمالدىن 30% كېمەيتىلدى. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى (0.9 مەزگىلى يەنى مايمۇنغا نىسبەتەن 165 كۈن، مايمۇن 180 كۈندە تۇغىدۇ) كەلگەندە قەيسەرىيە تۇغۇت ئوپراتسىيىسى قىلىنىپ مايمۇن ھامىلىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىندى. ئاخىرىدا «يېڭى ئەۋلاد گېنوم تەرتىپلىرىنى ئېنىقلاش تېخنىكىسى» ئارقىلىق ھامىلە مېڭىسىنىڭ تولۇق گېن ئىپادىلىنىشى ئېنىقلاپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھامىلە مېڭىسىدىكى بارلىق miRNA (مىكرو ئار ئەن ئەي، RNA) لەرمۇ كىچىك RNA تەرتىپلىرىنى ئېنىقلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق بارلىق مېڭە miRNA لىرىنىڭ تەرتىپلىرى ۋە ئىپادىلىنىش مىقدارى ئېنىقلاپ چىقىلدى. ئاخىرىدا بۇ نەتىجىلەرنى دەلىللەش ئۈچۈن، مىكروسكوپلۇق ئۇسۇللار بىلەن شۇ گېنلار كونتىرول قىلىدىغان ئاقسىللارنىڭ ئىپادىلىنىش مىقدارى ئۆلچەندى. سىتاتىستىكىلىق بىر تەرەپ قىلىشتا IPA يۇمشاق دىتالى ئىشلىتىلدى.


نەتىجە

1. ھامىلە ئاخىرقى باسقۇچىدىكى مېڭە تولۇق گېنلىرىنى ئۆلچەش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مېڭە گېنلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ، ناھايىتى روشەن ھالدا جىنىس-پەرقى مەۋجۇت. يەنى703 خىل گېننىڭ ئىپادىلىنىش مىقدارى پەقەت ئەركەك ھامىلە مېڭىسىدە ئوزۇقلۇق كەمچىللىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ چىشى ھامىلە مېڭىسىدە 548 خىل گېننىڭ ئىپادىلىنىش مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولغان. پەقەت 39 خىل گېن ھەر ئىككى جىنىستا ئوخشاش پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

2. مىكرو RNA ئىپادىلىنىش تىپىدىن قارىغاندىمۇ، ئوخشاشلا ناھايىتى ئېنىق جىنىس پەرقى كىلىپ چىققان.

3. چىشى ھامىلە مېڭىسىدە تەسىرگە ئۇچرىغان گېنلارنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن گېن سېگناللاش خەرىتىسىنى سېزىپ چىققاندا، ئاقسىل سېنتىزلىنىشى، ھۈجەيرە بۆلۈنۈشى ۋە تۆۋەن ئېنىرگىيەنى سەزگۈچى گېن سېگناللىرىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن ۋە بۇ سېگنال يوللىرىدىكى مۇھىم گېنلارنى miRNA ئارقىلىق كونتىرول قىلىنغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇ نەتىجە مىكروسكوپلۇق ھىستولوگىيە تەجىرىبىسى ئارقىلىق ئاقسىل سەۋىيىسىدىمۇ ئىپادىلىىپ چىققانلىقىنى دەلىللىدۇق.

4. ئەركەك ھامىلە مېڭىسىدە، ئەكسىچە ئېنىرگىيە مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرغۇچى گېن سېگناللىرى قوزغالمىغان، بەلكى نىرۋىلارنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىگۈچى گېن گۇرۇپپىلىرى قوزغالغان. بۇ گېنلار ئوخشاشلا miRNA نىڭ كونتىرول قىلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.


خۇلاسە

يۇقىرىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىز ھامىلە مېڭە يېتىلىشىنىڭ ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكىنىڭ تەسىرىگە زور دەرىجىدە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇ تەسىر يۈزلىگەن گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىش تىپىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، ئوزۇقلۇق ئارقىلىق كونتىرول قىلىنىدىغان miRNA لىق مىخانىزىم بۇ تەسىرنى پەيدا قىلغان.  چىشى ھامىلە مېڭىسىنىڭ ئوزۇقلۇق كەمچىللىكىگە قارىتا گېنوم ۋە كىچىك گېنوم سەۋىيىسىدە ناھايىتى تەرتىپلىك ئىنكاس قايتۇرىدۇ، يەنى ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنى ئاستىلىتىپ بار بولغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئەكسىچە، ئەركەك ھامىلە مېڭىسى يېتىلىش جەريانىدا ئوزۇقلۇق كەمچىلىكىگە قارىتا نېرۋا ھۈجەيرە مىتابولىزىمنى تەڭشەش ئورنىغا ھۈجەيرە ئۆسۈشىنى ئاستىلىتىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بىز ئىلگىرى كۆزەتكەن مايمۇن ئەركەك ئەۋلادىنىڭ ئوزۇقلۇق كەمچىللىكىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنىڭ ھامىلە مەزگىلىدىن باشلانغانلىقىغا مۇھىم پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەشەككۈرنامە

بۇ تەتقىقاتنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملىنىشى جەريانىدا ماڭا زور ياردەمدە بولغان تەتقىقات گۇرۇپپا ئەزالىرى ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلگۈچى ئورۇنلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن(تىزىملىكى يۇقىرىدا بېرىلدى).

ئاخىرقى سۆز

گەرچە ئانىلار ۋە بالىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى كەمبەغەللىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش ناھايىتى ئاسان بولسىمۇ، ئەمما شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى كەمبەغەللىك ئانىلار ۋە بالىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئەمەس. خوتەن ۋە باشقا يۇرتلاردا ئۇيغۇرلار ئومۇمەن گۆشنى ئەڭ ئالىي يېمەكلىك دەپ ئىستىمال قىلىدۇ، ئەمما كۆكتات ئىستىمال قىلىشقا سەل قارايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى كەمچىل ۋە خاتا بولغانلىقى ئۈچۈن شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدىمۇ دائىم سۈت، پۇرچاق ۋە يېشىل كۆكتاتلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئىلمي ئوزۇقلىنىش ھەققىدە تەربىيەلەش ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە نورمال ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.


uyghuray

0

تېما

0

دوست

1596

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28972
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 520
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-30 18:58:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە تۇرسۇنجان ئەپەندىم،

0

تېما

0

دوست

1920

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20352
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 578
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-30 19:48:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شارائىتى بارلارمۇ دىققەت قىلمايۋاتقان مەسىلە ئىكەن.رەھمەت بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلسام بولغۇدەك.

0

تېما

21

دوست

2007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35121
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-30 22:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە !
بىز خانىم ـ قىزلار ئۈچۈن ، ئىنتايىن زۆرۈر بولغان ، قىممەتلىك ساغلاملىق بىلىملىرى ئىكەن .
uyghuray

4

تېما

6

دوست

5317

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1638
توردىكى ۋاقتى: 613
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 10:40:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...ھازىر دۇنيادا نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنىڭ تۈپ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ھامىلە يېتىلىش جەريانىدىلا باشلىنىدىغانلىقى، پەقەت ھاياتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا كەلگەندىن ئاندىن رەسمىي ئىپادىلىنىپ چىقىدىغانلىقى بارغانسىرى ئايدىڭلاشماقتا. تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدا ئانا تېنىدىكى ھەر خىل پاسسىپ مۇھىت ئامىللىرىنىڭ كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ئوينايدىغان رولىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىگە ئائىت نۇرغۇن ئىلىمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى....
رەھمەت...

6

تېما

1

دوست

3637

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   54.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5470
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 193
تۆھپە : 1005
توردىكى ۋاقتى: 247
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 12:10:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان  رەھمەت سىزگە.  سەل ئالدىراش بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟

2

تېما

21

دوست

5978

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   19.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1861
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 14:03:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ئەھمىيەتلىك تىما بۇپتۇ بۇ بارىكاللا ! مەنمۇ ھازىرغىچە دىققەت قىلمايدىكەنمەن ! بۇندىن كىيىن چوقۇم ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرسەم بولغىدەك ! رەخمەت ! مۇشۇنداق ئسىل تىمىلىرىڭىز ئۇزلۇپ قالمىسۇن !

0

تېما

0

دوست

803

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33598
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 14:06:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك تېمىكەن، رەخمەت.
كۆڭلۈم بىر قىسملا بولۇپ قالدى دىسە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )