قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1037|ئىنكاس: 7

[دولان] 2016-يىللىق پاي بازىرىنىڭ يۈزلىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

132

تېما

12

دوست

7317

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 1076
تۆھپە : 1648
توردىكى ۋاقتى: 585
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 12:47:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-31 13:00  

2016-يىللىق پاي چېكى بازىرىنىڭ يۈزلىنىشى
يې تەن
دولان تەرجىمىسى

  بىۋاستەمەبلەغ يۈرۈشتۈرىش جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى، جۇڭگو ئىقتىسادىداھۆكۈمەت كارخانىغا يۆلەك بۇلىدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، چۇقۇم بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشنى ئىشقا ئاشۇرىشى كېرەك، بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى دەل پاي چېكى بازىرىدۇر.
  ھۆكۈمەت پايچېكى بازىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپلا قالماي بەلكى بارغانسىرى يۇقۇرى كۆتۈرىش كېرەك، جۇڭگودا مەبلەغ يۈرۈشتۈرىشتە پاي چېكى بازىرىدىن باشقا تەننەرخى تۆۋەن بازار بولمىسا كېرەك. 2015-يىلدىكى پاي ئاپىتى كېشىلەرنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى،لىكىن ھۆكۈمەتنىڭ پاي چېكى بازىرىدا، زايۇم بازىرىغا ئوخشاش باشتارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.
  ھۆكۈمەت 1998-يىلدىن2003-يىلغىچە بولغان ئىقتىسادىي بۇرۇلىش مەزگىلىدە، ناچار مۈلۇكنى ئاجرىتىش ئارقىلىق، دۆلەت كارخانىسى ۋە بانكىنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى ھەلقىلغان ئىدى؛ WTO، ئۆي-زېمىن ۋە ماشىنا ياساشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرال، جۇڭگونى ئوڭۇشلىق ھالدايەرشارىدىكى ئەڭچوڭ سودا دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. ھازىر جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسپى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات ئېھتىياجدىن ئېشىپ كىتىش، يۇقۇرى پەن-تېخنىكا بىلەن يۇقۇرى ئىناۋەتنىڭ كەمچىل بۇلۇشتەك مەزگىلىدە، پۇل-مۇئامىلەخەۋپ-خەتىرىنى ھەلقىلىشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى پاي چېكى بازىرىدۇر، قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇشۇقچىلىقى بولغان كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېرەك.
  ھۆكۈمەت سىياسەت جەھەتتە، بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش مۇھىم ئورۇنغا قۇيدى؛ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمى ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، جۇڭگو ئاكسىيەنازارەتچىلىك كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فاڭ شىڭخەينىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمى ئىشلار يىغىنى « بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،پۇل-مۇئامىلە قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قۇيۇش پىكرى » نى ماقۇللىغان. يولغا قۇيۇش پىكرىدە ئاساسلىقى ئۈچ مەسىلە ھەلقىلىنغان، بىرىنچى ئىلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش؛ ئىككىنچى كارخانىلارنىڭ يۆلىنىۋېلىش سالمىقىنى تۆۋەنلىتىش؛ ئۈچۈنچى پۇل-مۇئامىلەسىستېمىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىپ 2020-يلغا بارغاندا، شەھەرلىشىش، تۆۋەن تەننەرىخ ۋە يۇقۇرى ئۈنۈمنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش سىستېمىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش نىسبېتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقۇرى كۈتۈرىش تەلەپ قىلىندى. فاڭ شىڭخەي ئەپەندى پاي چېكى بازىرى ۋە زايۇم بازىرىنى ئاساسلىق تىلغا ئالغان.
  بىر يىغىن ياكى بىرپارچە ھۆججەت بىلەن پايچىكى بازىرىنى قايتا جانلاندۇرىش ناتايىن، باشقاتەرەپلەردىكى يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەرنى بىرگە يولغا قويغاندا پايچىكى بازىرى قايتاگۈللىنىشى تەبىئى.
  پۇل قىممىتىنىڭ چۈشۈشى ۋە ئۆسۈم نىسبېتىنىڭ تۆۋەنلىشى بارلىق مەبلەغنى ئاكسىيەبازىرىغا كېرىشكە مەجبۇرلىدى؛ 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىلىمىزنىڭ 10 يىللىق زايۇمنىڭ پايدا نىسبېتى 2009-يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سەۋېيىگە چۈشۈپ، %2.8 يېقىن تۆۋەنلىدى؛ ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، چوڭ ھەجىمدە تۆۋەنلەشكە خېلى ۋاقىت بولسىمۇ لىكىن كېلەر يىلى %2.5 ئەتراپىدا تۆۋەنلىشى مۈمكىن. بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدا نىسبېتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. قالدۇق پايدا نىسبېتى ۋە بانكا پايدا نىسبېتىدە بۇيىل زور ئۆزگۈرىش يۈزبېرىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ %6 لىك پايدا نىسبېتى %4 ئەتراپىغاچۈشۈپ قېلىشى مۈمكىن.
  ئۇندىن باشقا، ئۆي-زىمىن بازىرىنىڭ كاساتچىلىقى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرىۋەتتى، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنى قۇبۇل قىلالماسلىقى مۈمكىن لىكىن ئىقتىسادىي ئۆزگۈرىشتە خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش بەسى مۈشكىل. مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن پاي چېكى بازىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ھازىرچە قۇبۇل قىلىش دائىرىسىدە.
  بۇ ئىككى يىلدا پۇل تارقىتىش مىقدارى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق كەڭ مەندىكى ( M2 ) پۇل قالدۇقى ئاز ئەمەس؛ مەركىزىي بانكا تور بېكىتىنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، پۇل قالدۇقى 13 تىرلىيون 740 مىليارد يۈەن بۇلۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەنكى ئايدىن ۋە بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.2 پۇئىنىت ۋە 1.4 پوئىنت يۇقۇرى بولۇپ، 2014-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى سەۋېيىنى ياراتقان.2013-يىلدىكى %13.6 ۋە 2014-يىلدىكى %12.2 قارىغانداپۇل تارقىتىش مىقدارىنى كۆپ دېگىلى بولمايدۇ؛ بىرىنچىدىن تۈپ سانى چوڭ،ئىككىنچىدىن بۇيىل 10-ئايدىن باشلاپ تارقىتىش مىقدارى ئاشقان، ئىقتىسادنىڭ مۇقۇملىقى ئۈچۈن، پۇل سىياسىتىنى كەڭ قۇيۇۋەتكەنلىكىنى ئالدىن پەرەز قىلىشقابۇلىدۇ.
  2016-يىلى پاي چېكى بازىرىنىڭ نىسپىي مۇقۇملىقى يۇقۇرى بولسىمۇ، بىراق تەۋرىنىش يۇقۇرى بولمايدۇ، يەككە پاي ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈش ئېغىر بۇلىدۇ.
2015-يىلدىكى، پاي چېكىنىڭ كۆپ قېتىملىق چۈشۈشى ۋە چوڭ ھەجىمدە تەۋرىنىشى تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ، 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى A پاي چېكى شىددەت بىلەن چۈشۈپ، 5178 نوقتىدىن بىراقلا 2850 نوقتىغا تۆۋەنلەپ %45 چۈشتى؛ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 15-كۈنى بازار يېپىلغىچە تەخمىنەن 220 مىليارد مەبلەغنىڭ پارغا ئايلىنىشى ئاچچىق ساۋاق بولدى،شۇڭا ئاز-ئازدىن ئۆرلەش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. 2015-يىللىق IVIXتەۋرىنىش كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، 3-ئايدىن 9-ئايغىچە تەۋرىنىش نىسبېتى يۇقۇرى بۇلغان، نۆۋەتتە تەۋرىنىش نىسبېتى 2-ئايدىكى تۆۋەن سەۋىيىگە قايتىپ كەلدى، كىلەريىللىق رۇيخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى، تۆۋەن تەۋرىنىشنى ساقلاپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
  يەككەپايدىكى بۆلۈنىشنىڭ ئېغىر بۇلىشى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىكى تىپ ئۆزگەرتىشى ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان كارخاننىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشىشى ئارقىلىق تۆۋەنلەپ، بەزى سۇمرۇغلار تۇخۇغا ئايلىنىپ بەزى تۇخۇلار سۇمرۇغقا ئايلىنىشى مۈمكىن؛ كەلگۈسىدىكى پاي بازىرىنىڭ ئۈمۈدى يېڭى ئىقتىسادتا، ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلگەن پاي چېكىدە بۇلىدۇ.
  خەلقئارابازاردىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادى تىز ئېشىش باسقۇچىغا كىرسىمۇ لىكىن يەرشارى زايۇم بازىرىنىڭ ئۆنۈمى يەنىلا تۆۋەن ھالەتتە تۇرغاچقا، جۇڭگوغا بولغان زەربىسى ئاساسلىقى سودا ۋە پېرېۋوت نىسبېتىدىن كېلىدۇ.
بازار مەيلى قانچىلىك ئۆزگەرمىسۇن، ئۆزگەرمەيدىغىنى جۇڭگو پاي چېكى بازىرىنىڭ قېيىنچىلىقىدۇر، دىققەتكە ئەرزىيدىغىنى، نۆۋەتتىكى پايچېكى بازىرىنىڭ قانداق قىلىپ بۇ قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلىشىدۇر.


uyghuray

0

تېما

3

دوست

2610

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26906
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 13:37:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ناچار مۈلۇكنى ئاجرىتىش ئارقىلىق، دۆلەت كارخانىسى ۋە بانكىنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى ھەل قىلغان ئىدى›› بۇنى قانداق چۈشەنگۈلۈك؟

3

تېما

7

دوست

1408

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33893
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-31 21:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇگۇن ئەتتىگەن سائەت 7 ئەتراپىداخەلق پۇلىنىڭ تەيۋەن پۇلىغا بولغان پېروۋۇت نىسبىتى 45 مىنۇت ئىچىدە تۆۋەنلەپ 6.57 يۈەن بولدى.  جۇڭگو ئىقتىسادىي مىنىڭچە تەس كۈنگە قالغاندەك قىلىدۇ.  يېقىنقى 15 يىللىق تەرەققىياتنىڭ 60-70% پۇتۇنلەي ئۆي مۈلۈك ساھاسىدىن كەلدى، ئەمما جۇڭگونى قۇتۇلدۇرۋالغان ئانا كەسىپ قاتتىق بىسىمغا ئۇچراپ ئۆي باھاسىنى چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى بۇمۇ ئىقتىسادنىڭ يامانلاشقانلىقىدىن ئالدىن سىگىنال.
  جۇڭگودىكى بېسىلىپ قالغان ئۆيلەنىڭ ئومومىي يېغىندا كۆلىمى سىنگاپۇر زىمىنى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى مانا....   

   

4

تېما

5

دوست

1938

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44545
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 217
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-1 17:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇيخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ، پايچكى بازىرىدىكى ھەقىقى قىممەتكە ئىگە پايچېكىلار يەنىلار مۇقىم ئۈسۈش يۈنىلىشىنى ساقلاپ قالىدۇ ، ئەكسىچە بولسا قىممىتى يوق پايچېكىلار بولسا يەنىلا چۈشۈش يۈنىلىسشىدە بۇلۇپ پايچېكى بازىرىدىن چىقىپ كىتىدۇ . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھازر 600 گە يېقىن يېڭى پايچېكى بازارغا كىرىش ئۈچۈن ئۈچۈرەتتە تۇرغۇدەك . دىمەك پايچېكى بازىرىدىكى كۈپۈك باھا ۋە ھايانكەشلىك نىسبەتەن ئازىيىشى مۇمكىن .
uyghuray

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

8567

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 2199
توردىكى ۋاقتى: 358
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-4 12:52:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(بىر يىغىن ياكى بىرپارچە ھۆججەت بىلەن پايچىكى بازىرىنى قايتا جانلاندۇرىش ناتايىن، )
جاۋابى ئېنىق ئىكەن؟

0

تېما

0

دوست

1257

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51813
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-5 00:38:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ بازاردا ئىشەنىچ كەم!

4

تېما

5

دوست

1938

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44545
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 217
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-5 01:19:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى  يەنى بۈگۈن پايچېكى بازىرىدا ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بەردى .  ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 11دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەي شېنجىن 300 كۆرسەتكۈچى 7 پىرسەنىت چۈشۈپ كەتتى ، ھەمدە ئاكسىيە كومىتىتى پايچېكى بازىرىنى توختىتىپ قويدى  ، يەنى ئېلىم -سېتىم بولمىدى ، تاكى بازار يېپىلغۇچە ئەسلىگە كەلمىدى.

2

تېما

3

دوست

6730

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38188
يازما سانى: 813
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1956
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-5 22:22:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )