قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 719|ئىنكاس: 5

قەيسەر مىجىت: شېئىرلار...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

120

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 64
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 5611
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2016-1-4 12:16:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
90-يىللار
‏**********
‏زاكاس كىلىپ قالدى مۇنداق،
‏«مۇئەللىم، يىزىپ باقسىڭىزا،
‏ 90-يىللار قانداق؟»
‏بۇ زاكاسنى بۇيرۇغىنى،
‏90-يىللاردا تۇغۇلغان قىز.
‏مەن 70--يىللاردا تۇغۇلغان.
‏ئەمما، 90-يىللاردا
‏ئاساۋ ئات كەبى چاپقان.
‏ئۇ چاغدا ئادەملەر تاشلاپ بولۇشقان،
‏ھەممە ئوخشاش كىيىدىغان خىزمەت كىيىمىنى.
‏لاتا خەي، سېرىق چۇخەي ئورنىغا،
‏قۇرۇم ئاياق ھايۋان تېرىسىدىن تىكىلگەن ئالماشقان.
‏سۆيگۈنىڭ بېغىغا قەدەم ئالغانلارنىڭ،
‏بەزىلىرى ساپلىققا ئىسىلسىمۇ،
‏ بەزىلىرى ھەرىگە ئايلىنىپ، چىقىۋىلىپلا قىچىشقان.
‏قارىماققا ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى رەڭگا-رەڭ،
‏ئەمما سىڭىپ كىرگەن ئەبجەشلىكمۇ خىلى بار.
‏ئەن-ئەنئەنىنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغان مىنىڭ،
‏كۆڭلۈمگە چۈشكەن ھەم ئازاپلار.
‏ئۇ يىللاردا تۇغۇلغان بالىلارغا قاراپ،
‏دىگەنمەن بىشىمنى چايقاپ:
‏بۇلار نىمە كۈنگە قالار؟
‏ھەر بىر دەۋرنىڭ قويغان سوئالى ئوخشىمايدۇ،
‏بۇنى بىلىدۇ بىشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭلار...
‏مەن تىپچەكلىدىم ئاشۇ يىللاردا،
‏ئەل-يۇرتقا بولغان مېھىر بىلەن،
‏ياشلىق ئارزۇلىرىمنىڭ چۇقانلىرى ئارىسىدا
‏.تولۇق ياشاپ بولالماي ئاشۇ يىللارنى،
‏ئۇچۇپ كىتىپ قالدىم ئامىرىكىغا.
‏ھازىر كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام،
‏بازار چوڭ قىپتۇ نۇرغۇن ئادەملەرنى.
‏دوستلۇق، ۋاپا، ئىشەنچكىمۇ باھا قويۇلغاندەك،
‏ئەسلى ئىدى ئۇ نەرسىلەر بىباھا...
مىنىڭ كىتىپ قىلىشىم بىلەن،
‏ئۆزۈمنىڭ ھايات قىسسەلىرىم ئۆزگەردى.
‏بىراق ماڭا ئەينى يىللاردا سىڭگەن ئەن-ئەنئە،
‏مىنىڭ يۈرىگىمدە ھەر زامان ۋىلىقلىدى...
‏*******************************
‏80-يىللار...
‏********
‏ياسىن بولغۇم بار ئىدى،
‏رەنانى تاپقۇم بار ئىدى.
‏«رەنانىڭ تويى» دىكى،
‏مۇھىتتا ياشىغۇم بار ئىدى.
‏ئەي، 80-يىللارنىڭ بېشى.
‏ئۇ چاغدا ئادەملەر ساپ ئىدى،
‏كىشىلەر ئىچىدىن چىن كۈلەتتى.
‏«بەخت ناخشىسى» دىكى،
‏«رەنانىڭ تويى» دىكى،
‏گۈزەل قىزنىڭ ئوبرازى،
‏ئويغىنىۋاتقان ھىسلىرىمنى چىكەتتى.
‏خىيالىمغا ھەر دائىم:
‏ئەگەر چوڭ بوپ قالسام،
‏رەنادەك قىزنى ئالمىسام،
‏دىگەن بىر ئوي كىلەتتى.
‏پەزىلەت،كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىن،
‏ئاتۇشنىڭ ئەنجۈرىدەك كۈلەتتى.
‏غۇرۇر، سۆيگۈ ھەم ئىپتىخار،
‏تومۇزدىكى يېغىندەك تۆكۈلەتتى.
‏كىشىلەر لەۋزىدە تۇراتتى،
‏نامرات بوپ قالغانلىغىنى،
‏ھىچ بىر يامانلىققا سەۋەپ قىلمايتى.
‏مەن ئۈرۈمچىگە چىققاندا،
‏قىزلار كۆزۈمگە گۈل كۆرۈنگەنتى.
گۈل دەپ كۆڭلۈم ئەمرۇللانىڭكىدەك تەنتەك ئەمەستى،
‏لىكىن ئۇ ئىنتىلىشكە تولغان،
‏مۇھەببەتكە، ھاياتقا،
‏پارلاق كىلەچىكىمىز بولىدۇ دىگەن،
‏ھەممە نەرسە كۆزۈمگە گۈزەل كۆرىنىدىغان،
‏ئىشەنچكە ھەم خوشالىققا تولغان چاغ ئىدى....
*************************************************************


‏تەبىئەت قەسىدىسى...
‏**************
‏چۇرقۇراپ چىقماس چۈشلەر ئورمانلىقتىن،
‏كۈلكىلەر غازاڭ كەبى تۆكۈلمەس ھەم.
‏كىيىكلەر ئىزىپ-تىزىپ قالماس كىلىپ،
‏ئۇلارنىڭ ھىسلىرىمۇ ئۆزگە، بەردەم.

‏يوللارغا نەزەر تاشلاپ خىيال بىلەن،
‏رەڭگا-رەڭ تەبئەتكە مەس بولىمەن.
‏ئورمانلار ئارىسىدىن چىقار نىمە؟
‏مۇشۇنداق سوئال قويۇپ تەلپۈنىمەن.

‏مەن ئۆزۈم كىرىپ چىققان ئورمانلىق بۇ،
‏يىڭىچە ھىس بىرىدۇ كۆڭۈللەرگە.
‏خوشاللىق بىرگە بولسا دوستلار بىلەن،
‏نە ھاجەت بويۇن قىسىش، مۆھۈرلەرگە؟

‏بۇ ھىسلار، شۇنداق ھىسلار ئىسىڭدىمۇ،
‏مۇز تاغنىڭ باغرىدىكى يىشىل يايلاق؟
‏تومۇزدا مۇز كۆۋرۈكتىن دەسلەپ ئۆتۈش،
‏ساپلىقنىڭ يۈرىگىدە بولۇش، تايچاق؟

‏نە ئىنسان ئازاپلىرى دەم تارتالماس،
‏سېھېرلىك زىمىن ساڭا كۈچ بىرىدۇ.
‏شۇڭقارنىڭ كۆكتە پەرۋاز قېقىشلىرى،
‏مۇقەددەس تۇيغۇلارنى ئويغىتىدۇ....

‏ئوكسىگىن بىرىپ كەلدىڭ ھاياتىمغا،
‏مەيلى مەن ياشاپ قالاي قايسى يەردە.
‏تەبىئەت، باغرىڭدا بار بارچە نىمەت،
‏ئىزدەيمەن ئۆز رىسقىمنى ھەر پەيتتە!!!

‏*************************************************************
‏‏سەن..
‏**********
‏سەن، يىشىلمىگەن بىر تەڭلىمە،
‏سەن، قالدۇراتتىڭ تاتلىق ئەسلىمە.
‏باھار, تەبىئەتكە سۆيگۈنىڭ ئۇچقۇنىنى چاچراتقاندا،
‏ياز، ئۇنىڭ ئوتىنى كۈچەيتىپ لاۋۇلداتقاندا،
‏سەن چىقىپ كىلىشىڭ كىرەك ئىدى رەڭلىك ئورمان ئىچىدىن،
‏مەن سىنى چىقىش ئىغىزىدىكى ئورۇندۇقتا ساقلاپ ئولتۇرغاندا...
‏ساقلا، ساقلا، ساقلىساممۇ چىقىپ قالارسەنمۇ،
‏قىش كەلگەندە قارلار يېغىپ مەن قار بوۋايغا ئايلانغاندا...
سەن، مەن ئىيتالمىغان لېرىك ناخشا ،
‏سەن، مەن يەتمەك بولغان بۈيۈك مەنزىل.
‏سەن قەلبىمدىكى چوڭقۇر بوشلۇق،
‏سەن، ئىنئام ماڭا بەرگەن تەقدىر.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

3760

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1124
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-4 16:41:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئسىل

ئابدۇرەھىم تۇرغۇن(قەشقەر ئوغلى

0

تېما

2

دوست

437

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49647
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-4 23:23:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بەك ياخشى يىزىپسىز تەشەككۇر!

2

تېما

3

دوست

5711

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38188
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1652
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-5 22:08:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghuray

0

تېما

0

دوست

26

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55851
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-18 15:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل شېىر.

0

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55917
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 00:25:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )