- تىزىملاتقان
- 2016-1-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 59
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
19.67%
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكوم
باغداش مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق دوسلار يىڭى يىلىڭلار خەيرىلىك بولسۇن!
يىڭى يىلنىڭ بىشىدا مەن مۇنبەرداشلارنى بىر ئەھمىيەتلىك بولغان تېمىغا مۇنازىرىگە تەشكىللەش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم.
تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجىرتىپ بۇ تېما تۇغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بولۇپمۇ باغداش مۇنبىرىمىزدىكى تىببىي ساھەدە ئىزدىنۋاتقان بىلگەجاندەك تورداشلارنىڭ ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ تېمىغا يىقىندىن ماسلىشىپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
مۇلاھىزە تېمىسى:بالىلاردىكى بادامسىمان بەز ۋە گۈرەن بەز يۇغىنۋىلىش كىسىلى
كۆپ ئۇچىرايدىغان بالىلار:2ياشتىن 7ياشقىچە
ئاساسلىق ئالامىتى:كىچىسى ئۇخلىغاندا خورەك تارتىدۇ،ئۇخلىغاندىكى نەپىسى قىسىلىدۇ.كىچىسى ئۇخلىغاندا ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ.بۇرۇن پۈتىدۇ.ئۇخلىغاندا ئېغىزدا نەپەس ئالىدۇ.
كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان تەسىرلىرى:بالا كىچىسى ئۇزۇن مەزگىل ياخشى ئۇخلىيالمىغاچقا ئۈسۈپ يىتىلىشى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ،تۇتىۋىلىش قابىلىيىتى تۈۋەنلەيدۇ،ئېغىزنى ئىچىپ نەپەس ئالىدىغانلىقتىن يۈز گۈزەللىكىگە تەسىرى بۇلىدۇ،بادامسىمان بەز ئۇزۇن مەزگىل ئىششىق ھالەتتە تۇرسا بۆرەككە زىيان قىلىدۇ،بەدەن كىچىسى ئۇخلىغاندا ئۇزۇن مەزگىل ئوكسىگىن كەمچىل بولغانلىقتىن ھەرخىل ئەگەشمە كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
رايونىمىزدىكى داۋالاش تەدبىرلىرى:
1.ئوپىراتسىيە: بۇنىڭدا ئەگەز بالىنىڭ بادامسىمان بىزى ھەم گۈرەن بىزى(خەنزوچىدا 腺样体دەيدىكەن،مەن گۈرەن بەز دەپ ئالدىم،خاتا بولسا تۈزۈتۈپ قويساڭلار)يۇغىنۋالغاندا بالىنىڭ نەپىسى قىسىلىپ كىچىسى ئۇخلىيالمىسا،ئۇخلىسىمۇ ئېغىزىنى ئىچىپ ئۇخلىسا،بادامسىمان بەز بىر يىلدا كۆپ قىتىم ياللۇغلىنىپ يىرىڭلاپ كەتسە، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا رايونىمىزدىكى دوختۇرخانىلار بادامسىمان بەز(扁桃体)گۈرەن بەز(腺样体)نى كىسىپ ئىلۋىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئۇخلىغاندىكى نەپەسلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.
2.دورا:بۇ خىل كىسەلگە غەرپ تىبابىتى دوختۇرخانىلىرى چىقانداق دورا ئوكۇل تەسىر قىلمايدۇ،پەقەت ئوپىراتسىيە ئارقىلىقلا داۋالايمىز دەيدىكەن.دورا بەرسىمۇ يىگۈزسىڭىز ئازراق ياخشىلنىش بولغاندىن كىيىن دورىنى توختىتىپ قويسىڭىز يەنە يۇغىنۋالىدىكەن.
ئەمدىكى مۇلاھىزە نوقتىسى:
1.ئوپىراتسىيە ئارقىلىق بالىنىڭ بادامسىمان بەز(扁桃体)ۋە گۈرەن بەز(腺样体)نى كىسىپ ئىلۋىتىشنىڭ بالىغا قانداق زىيىنى بار؟ئادەتتە رايونىمىزدىكى دوختۇرخانىلاردا بالىلارنىڭ بادامسىمان بىزى ھەم گۈرەن بىزىنى بالىلار6ياشقا كىرگەندىن كىيىن رولى قالمايدۇ دەپ قارايدىكەن،بۇخىل قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟
2.چەتئەللەردە بالىلاردىكى بۇ كىسەلنى قانداق داۋالايدۇ؟(بادامسىمان بەز،گۈرەن بەز يۇغىنۋىلىش،扁桃体和腺样体肥大)
3.ئويغۇر تىبابىتىمىزدە بۇ خىل كىسەلنى قانداق داۋالايدۇ؟
ئىلتىجا:رايونىمىزدىكى تورداشلار ئەتراپىمىزدىكى مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ئاڭلىغانلار ئاڭلىغانلىرمىزنى دەپ باقساق،ئويغۇر تىبابىتى جەھەتتە بۇ خىل كىسەلنى داۋالىتىپ ساقايغانلار بارمۇ؟
بىلگەجانغا:
1.چەتئەللەردە بالىلاردىكى بۇ خىل كۆپ ئۇچىرايدىغان كىسەللەرنى قانداق داۋالايدۇ؟
2.بادامسىمان بەز،گۈرەن بەز،扁桃体和腺样体 نى كىسىپ ئىلۋىتىشنىڭ بالىلارغا ھەم بۇندىن كىيىنكى ئىممونىت كۈچىگە قانداق يامان تەسىرى بار؟
3.بادامسىمان بەز،گۈرەن بەز ،扁桃体和腺样体 نىڭ بالىلار 6ياشتىن كىيىن ھەقىيقەتەن ھىچقانداق رولى يوقمۇ؟كىسىپ ئىلۋەتسە يامان تەسىرى ھەقىيقەتەن ئازمۇ؟
4.دوختۇرلاز دىگەندەك بادامسىمان بەز بىلەن گۈرەن بەز بالىلارنىڭ 7يىشىدىن باشلاپ كىچىكلەپ ماڭامدۇ؟بۇ يەرىدكى دوختۇرلار بالىلار 10 ياشقا بارغاندا بۇ كىسەل ئۆزى ياخشى بولۇپ كىتىدۇ دەيدۇ؟راسلا شۇنداق بۇلامدۇ؟
تورداشلار مۇشۇ نۇقتىلارنى تۇتۇپ تۇرۇپ بىر ئىلمىي يەكۈنلەر بولسا ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق.
ئاخىردا بالامنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى ئوتتۇرغا قويۇپ قۇياي:
بالام بۇيىل 7ياش،4ياش ۋاقتىدا بادامسىمان بەز ۋە گۈرەن بەز(扁桃体和腺样体肥大)يۇغىنۋالغان،بادامسىمان بەز يىلدا بىر قىتىممۇ ياللۇغلانمايدۇ.شۇ كىچىسى بالام ئۇخلىغاندا نەپىسى قىسىلىدۇ ،خورەك تارتىدۇ،يانچە ياتقۇزۇپ قويسام ياخشى ئوخلايدۇ،4يىلدىن بېرى كىچىسى تۈزۈك ئۇخلىماي دىگۈدەك بالامنى ئۆرۈپ كەلدىم،ھازىر يەتتە ياش بولدى،ھىچقانداق دورا بەرمىدىم.دوختۇرغا بارسام كىسىپ ئىلۋىتەيلى دەيدۇ.مەن بالامنىڭ ئىممونىت كۈچىگە زىيان سىلىپ قويماي دەپ قورقۇپ ئارسالدى بولۇپ يۈرۋاتىمەن.
ھازىر بۇ كىسەل رايونىمىزدا بەك كۆپ بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بەك كۆپكەن،دوختۇرخانىدا ئوپىراتسىيە قىلغۇزۋەتكەنلەرمۇ بەك كۆپكەن.
|
|