ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 2-قېتىملىق موكاپاتلىق ئىزدىنىش سۇئاللىرى
تۈۋەندىكى بەش سۇئال ھەققىدە ئىزدىنىپ، خاتىرە قالدۇرۇڭ. ئىزدىنىش ۋە خاتىرە قالدۇرۇش ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن تۈۋەندىكىدەك موكاپاتلارغا ئېرشەلەيسىز:
1-دىن ئىككى نەپەر تاللاپ چىقىلىپ، «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ 500 يۈەنلىك نۇسقىسى بىلەن موكاپاتلىنىدۇ. 2-دىن 4 نەپەر تاللاپ چىقىلىپ، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» (ئىككى قىسىملىق) رومانى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. 3-دىن 6 نەپەر تاللاپ چىقىلىپ «جاللات خېنىم» (ئىككى قىسىملىق) رومانى بىلەن موكاپاتلىنىدۇ. 4-دىن 8 نەپەر تاللاپ چىقىلىپ «تۈشۈك مونچاق» رومانى بىلەن موكاپاتلىنىدۇ. 5-دىن 10 نەپەر تاللاپ چىقىلىپ، «ئادىمىي ھايۋان» رومانى بىلەن موكاپاتلىنىدۇ.
دەرىجىگە ئېرشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىزدىنىشئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق كىتاپلار بىلەن موكاپاتلىنىدۇ.
1. ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىن تۈۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ھەم ھەر-بىر سۆزگە تۈزۈلگەن جۈملە ئىچىدىكى ئۆزىڭىزگە يارىغان بىر جۈملىنى خاتىرىڭىزگە ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ چىرايلىق كۈچۈرۈڭ.
ئىنقىلاپ، ئەكسىلئ ىنقىلاپ،كۆرەش، كاپتالىستىك، ناتۇرال، ئەدليە، دىپلوماتتىيە، پۇقرا، ھۆكمىرانلىق، ئىدىيە،سىياسى، سىياسەت، پارلامنىت، پالاتتا، تۈزۈم، قانۇن، مۇستەملىكىچى، تامۇژنا، مۇستەقىل، ھۇقۇق،ئىسلاھات، تەسەۋۋۇر، تىنچلىق، مۇقۇملۇق، سۈلھى، پەرمان، باراۋەرلىك، مەسىلەك،جۇمھۇرىيەت، ئىمتىياز، دىمگۇراتتىك، دىمگۇراتتىيە، ھۆكىمەت، ھاكىمىيەت، پىروگىرامما، تايانچ، جاھانگىرلىك، كاپىتال،كېڭەش، ئەندىزە، كىرزىس، پەلسەپە، خىتاپنامە، نەزىريە، رىئاللىق، نامايىش، مۇۋاپپەقىيەت، پەرمان، تۆلەم،تەرەققىيات، ئىقتىساد، ھوقۇق، نازارەت، پىرىنسىپ، ئاپتۇنۇمىيە، تېرىتورىيە، ئىسىيان،مۇسادىرە، مىقىياس، سايلام، مۇراجەت، ئىستىقبال، ئۇلۇغۋار، ئىنسانىيەت، مىزان،سېستىما، شەرتنامە، ئىستىراتىگىيە، خەلقئارا، ئىتىپاق، قۇتۇپ، زومىگەرلىك، ئالەم،سەييارە، ھەمراھ، چاقناش، تىروپىك، ئېكىۋاتۇر، مىردىئان، پاراللىل، دولقۇن،يادىرو، ئاتموسفىرا، ھىدىروسفىرا، تەۋپىق، پاراغەت، ھالاكەت، سابا، ساما، كاڭ،ئەلۋەك، پەنجىرە، كەمزۇل، ئەگۈشتەر، ئۆزلۈك، سەتىر، كارتىنا، تۇتىيا، ئىنئام،پايە، شىرداق، پاساھەت، تىلماچ، تەۋەرۈك، ئىزتىراپ، مۇتەپەككۇر، ئەزرائىل، گۆركار،قابىل، تالىق، قازناق، مۇتەسسىپ، مەجمۇئە، سالۇن، مەستانە، جەۋھەر، جىلۋە، كېمىر،بورىيا، سەل، زىبا، بەرنا، پازىل، زىنھار، مەيىن، نازاكەت، رەقىپ، گىرىمسەن،تىلسىم، موزېي، سەيياھ، كۆجە، ساۋۇت، دۇبۇلغا، سەركەردە، مۆجىزە، مەھبۇس، پارلاق،كىلەچەك، مەرتىۋە، ئۇلۇغ، ھالاكەت، مەرىپەت، چاقناش، مۇۋازىننەت، ئىكولوگىيە، رومانتىك.
2. پەرھات جىلاننىڭ «مەھمۇد قەشقەرى» رومانىنى ئوقۇپ، ئالغان تەسىراتىڭىزنى يېزىڭ. كىتاپ ئوقۇش تەسىرات خاتىرىسى يازغاندا تەسىراتىڭىزنى رومان ۋەقەلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، پاكىتلىق ئوتتۇرغا قۇيۇڭ. ( بۇ سۇئال ئۈستىدە ئىزدەنگەندە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ مەسلىھەتىنى ئالسىڭىز، ياكى يازغان تەسىرات ماقالىڭىزنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ، تۇلۇقلىۋالغاندىن كىيىن تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ)
3. قىشلىق تەتىل ۋاقتىڭىزدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان يېزا ياكى تۇرىۋاتقان كەنىتنىڭ تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىڭ.
بۇنىڭدا سىز تۇرىۋاتقان يېزىنىڭ ئىسمى، بۇ يېزىدا قانچە كەنىت بارلىقىنى، ھەر-بىر كەنىتنىڭ نامىنى، ئۈزىڭىز تۇرىۋاتقان كەنىتتە قانچە ئەترەت بار، بۇ ئەترەتنىڭ نامى نىمە؟ سىزنىڭ يېزىڭىز ياكى كەنتىڭىزدە قايسى جاڭگاللار بار؟ قايسى مازالار بار؟ بۇ نام قاچان، نىمە سەۋەپتىن قۇيۇلغان؟ سىز تۇرىۋاتقان كەنتتتىكى يېشى چوڭ پىشقەدەملەردىن بىر قانچىنىڭ ئىسمىنى قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى، سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگەللەپ كىلىڭ.
يۇقۇرقى مەزمۇنلاردىكى ئىزدىنىشىڭىزنى چۇقۇم خاتىرلەپ كىلىڭ.
4. 400 خەتتىن كەم بولمىغان «مىنىڭ ئارزۇيۇم» تىمىسىدكى خەنزۇچە مۇھاكىمە ماقالىسىدىن بىرنى يېزىپ، دەپتىرىڭىزگە چىرايلىق كۈچۈرۈپ كىلىڭ. ئۈزىڭىز يازالمىسڭىز ماتىرياللاردىن كۈچۈرۈپ يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. شەرت ماقالىنى يادىلاپ كىلىسىز.
5. 1901-يىلدىن 2010-يىلغىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرشكەن ئالىملارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدىن تاللانمىلار بىرىلگەن «ئاجايىپ سۆزلەر» دىگەن كىتاپتىن، ئۈزىڭىز قىزىقىدىغان ساھەدىكى ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ تەرجىىمىھالى بىلەن سۆزلىگەن نۇتۇقىنى خاتىرڭىزگە كۈچۈرۈپ كىلىڭ.
بۇ ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ قايسى تەرىپى سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغانلىقىنى خاتىرىڭىزگە يېزىپ قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ.
پائالىيەتك ەقاتنىشىش ئوبىكتى: ھەر-بىر سىنىپتىن كەم دىگەندە ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى قاتنىشىدۇ. يۇقۇرىسىغا چەك قۇيۇلمايدۇ.
ئىزدىنىش ۋاقتى: قىشلىق تەتىل مەزگىلى.
خۇلاسىلەش ۋاقتى: ئىزدىنىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار قىشلىق تەتىلدىن يىغىلغان تۇنجى پەيشەنبە كۈنى ئىزدىنىش خاتىرىسىنى سىنىپ مۇدىرلىرى ئارقىلىق ئەخلاق تەربىيە بۆلۈمگە تاپشۇرىدۇ.
ئىزدىنىش ئەھۋالى باھالاش گورۇپپىسى تەسس قىلىنىپ، باھالاپ چىقىلدۇ. موكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ موكاپات نەخلەشتۈرىلىدۇ.
|