بۇ قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلايلى! بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىسىم فامىلىسى نۇرمەمەت رۇزمەمەت،ئەر،ئۇيغۇر،1980-يىلى5–ئاينىڭ14–كۈنى قاراقاش ناھىيە قويچى يېزا توتلۇق كەنتىدە تۇغۇلغان.دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 2010-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى تۈۋەنلەپ كىتىش سەۋەبىدىن بولغان قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغان.ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دۇختۇرخانىسى،خۇتەن ۋىلايەتلىك خەلق دۇختۇرخانىسى ..قاتارلىق دۇختۇرخانىلاردا كۆپ قېتىم داۋالىنىپ قىسمەن ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ كىسەللىك ئاسارىتى تۇلۇق تۇگىمىگەن.بۇ كىسەل مۇرەككەپ ۋە يۇقىرى تېخنكىلىق داۋالاشنى تەلەپ قىلىدىغان كىسەللىك بولغاچقا بىر يىلدىن ئارتۇق داۋالىنىپ مال بىساتىدىن ئايرىلىپ نۇرغۇن قەرزگە بۇغۇلۇپ قالغان نامرات دىھقاننىڭ داۋالىنىشقا كىتەرلىك ئىقتىسادنى قامدىشى بەك تەس بۇلۇپ قالغان.داۋالانماي دىسە ھايات قىممەتلىك،داۋالىناي دىسە قىيىنچىلىق ئېغىر.بۇ ھەممەيلەننىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىش بوپقالدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قېرىندىشىمىز ئۈچۈن تورداشلاردىن ياردەم سۇرىدۇق.ھەممەيلەننىڭ خالىس تىلىكى ۋە ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن بۇ قېرىندىشىمىز بۇ كىسەلدىن ساقىيىپ ھاياتقا قايتا ئۈمىد بىلەن قاراپ سىلى بىزلەردەك ساغلام ھالدا ياشاپ خەلقىمىز ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشسا ھەممىمىزنىڭ تۆھپىسى بولغۇسى. تورداشلارنىڭ بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشىم دەپ قاراپ، قېرىندىشىمىزنىڭ ھالىغا ھال مۇڭىغا مۇڭ بۇلۇپ سەمىمى تىلىكى ۋە قېرىنداشلىق مىھرى بىلەن ياردەم قۇلىنى سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار: "
بىمارنىڭ بانكا كارتا نومۇرى:
يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نومۇرى: 6228483700721889816
ئابونىت ئىسمى: نۇرمەمەت رۇزمەمەت (努尔麦麦提1如则麦麦提)
سودا-سانائەت بانكا كارتا نومۇرى: 6222023015001513063 ئابونىت ئىسمى: نۇرمەمەت رۇزمەمەت (努尔麦麦提1如则麦麦提)
بۇ تىمىنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ كۆچۈرۈپ قويۇڭ! |