قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6384|ئىنكاس: 20

ئەلكۈن: لوندون قەشقەر كوچىسىغا زىيارەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

21

دوست

6282

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 2420
توردىكى ۋاقتى: 325
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-7 06:25:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

لوندون شەھرى ئىنسانىيەتنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىلىم پەن، تەرەققىيات، كەشپىيات، قانۇن، دۆلەتچىلىك، دېڭىزچىلىق، پويىز، ئايروپىلان…. سودا، ھەربىي سانائەت قاتارلىق تۈرلۈك زامانىۋى ئىجادىيەت مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن ھەم «كۈن ئولتۇرماس» بۈيۈك بىرتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى پۈتۈن دۇنياغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان بىر شەھەر بولسا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيادىكى جەلىپكارلىقى، رەڭدارلىقى، دادىللىقى، ئىنسان پەرۋەرلىكلىكى، ئادەملىرىنىڭ كەڭ قورساقلىقى، قانۇنىنىڭ ئادىل ۋە زىللىقى بىلەن دۇنيا كەڭ تونۇشلۇق بىر شەھەردۇر. مانا مۇشۇ شەھەرنىڭ شەرقىدە گىرنىۋىچ مېردىئان دۇنيا ۋاقىت نۇقتىسىنىڭ باشلىنىش قوڭغۇرقىدىن  ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر خىلۋەت كوچا بار. بۇ كوچا ئىككى ئەسىر ئىلگىرى دۇنيا تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈلۈپ، مەغلۇب بولغان ئەللەر قاتارىغا قوشۇۋېتىلگەن بىر ئەلنىڭ پايتەختىنىڭ نامى بېرىلگەن، ئۇ كوچىنىڭ ئىسمى بولسا «قەشقەر كوچىسى» دۇر!

ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق سەنئەكارلىرىمىزدىن ئابدۇكېرىم ئابلىز ۋە ئارسىلان ئابدۇكېرىم ئاكىللىرىمىز بىلەن 2015- يىلى 18- دېكابىر كۈنى كەچ لوندوننىڭ Euston Square تىياتېرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ياۋروپا كىنو ـ فىلىم فېستىۋالى» دا بىرگە بولدۇق. بۇ كىنو ـ فىلىم فېستىۋالىغا ئاتاقلىق سېنارىست ئارسىلان ئابدۇكېرىم يازغان، ئاتاقلىق كومېدىيە ئارتىسىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىز باش رول ئالغان،  2014- يىلى تەڭرىتاغ كىنو - سىتودېيىسى ئىشلىگەن «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» ناملىق ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كومېدىيىلىك ھېكايە فىلىم 2015- يىللىق «7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ياۋروپا كىنو ـ فىلىم فېستىۋالى» غا قاتناشتۇرۇشقا تاللانغان جۇڭگودا ئىشلەنگەن 60 ئەڭ نادىر كىنو - فىلىم قاتارىغا تاللىنىپ مەزكۇر فېستىۋالغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. ئەلۋەتتە شەھرى لوندوندا بولۇپ ئۆتكەن مۇنداق بىر كاتتا مۇراسىملاردا ئۇليغۇرنىڭ ئاتاقلىق سەنئەتكارلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىش كىشى قەلبىنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر دىدارلىشىشتۇر!  

فېستىۋال پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن، تونۇلغان ناخشىچى شەمسىيە ياسىن  (ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ساۋاقدىشى) ئىككىمىز بۇ ئەزىز مېھمانلىرىمىزنى كۈتۈۋالدۇق.  ئۇچرىشىشىمىز داۋامىدا مېھمانلارغا لوندوننىڭ ساياھەت قىلىشقا تېگىشلىك يەرلىرىنى تونۇشتۇردۇم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن لوندوندىكى «قەشقەر كوچىسى» نى زىيارەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدىم. مېھمانلارنىڭمۇ لوندوندىكى «قەشقەر كوچىسى» ھەققىدە بۇرۇن ئاڭلىغانلىقىنى ۋە زىيارەت قىلىش ئارزۇلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئىككىنچى كۈنى يەنى 19 ـ دېكابىر ئەتىگەندە مەن ماشىنا بىلەن مېھمانلارنى تۇرغان مېھمانخانىسىدىن ئېلپ، لوندون شەھەر مەركىزىنى كېسىپ ئۆتۈپ 50 كىلو مېتىر يول يورۇپ، لوندوننىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان ئەزىزانە ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى لوندوندىكى تارىخىي ئىزناسى بولغان لوندون قەشقەر كوچىسىغا ئاپىرىپ زىيارەت قىلدۇرۇشتەك بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى ئادا قىلدىم. كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئوخشاشلا 2007 ـ يىلى لوندون ئۇنۋېرسىتىتىگە يېرىم يىللىق ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كەلگەن ئەدىبلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخنىڭ سىرلىرى كۆمۈلگەن ئۇشبۇ تەۋەرۈك كوچىغا ئېلىپ كېلىپ زىيارەت قىلدۇرغان ئىدىم.

ئاجىز ئەلنىڭ ئۆز تارىخىدا ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋى تارىخى قاچان ئادەملەرنىڭ خاتىرىسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىدىكەن، ئۇ تارىخ كېيىنكىلەر ئۈچۈن تارىخ بولۇپ ھېسابلانمايدۇ بەلكى ھېكايە ۋە چۆچەكلەردىكى ئەپسانىلەرگە ئايلىنىپ تۈگەيدۇ. تەبىئىيكى لوندونغا ئوخشاش ئەجنەبىيلەرنىڭ كاتتا شەھەرلىرىدە ۋەتىنىمىز نامىدا قالدۇرۇلغان تارىخىي ئىزلىرىمىزنى بايقاش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگنىش، مەۋجۇت بولغان ماددىي ئىزلىرىمىزنى قىدىرىپ چىقىپ بۈگۈنكى مەنىۋىيىتىمىزگە باغلاپ چۈشىنىش بىزگە ئۆزىمىز ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشنىڭ تارىخىي شاھىدلىق پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئەزىزانە قەشقەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆتكەن ۋە يېقىنقى زامان سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىنىڭ يۈرىكىدۇر. مانا مۇشۇ ئەزىزانە قەشقەر شەھەردە «قەشقەرىيە» بەدۆلىتى  ـ ئاتلىق غازى ئەمىر ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن  1867- يىلى قۇرۇلغان ئىدى.

ئەگەر سىز بەدۆلەت  ـ ئاتلىق غازى ئەمىر ياقۇپ بەگ زامانلىرىدىكى «قەشقەرىيە» دۆلىتى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر تارىخىنى ۋە بۈگۈنكى لوندون شەھىرىدىكى «قەشقەر كوچىسى» نامىنىڭ قانداق بىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۇش ئاساسىدا قويۇلغانلىقى ھەققىدە تارىخىي مەلۇماتقا ئېرىشىشنى خالىسىڭىز ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن قەلىمى بىلەن 2007 ـ يىلى يېزىلغان BBC ئۆزبېك تور سەھىپىسىدە ۋە «شىنجاڭ پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەنلەر» تور بېكىتى سەھىپىسى قاتارلىق تورلاردا ئېلان قىلىنغان «لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇيغۇرنىڭ ئاتاقلىق ئەدىبلىرىدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە چولپانلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابلىزدەك مەشھۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ خورلۇق تارىخىدىن نامايەندە بولۇپ قالغان لوندوندىكى «قەشقەر كوچىسى» غا زىيارەتكە كېلىشى كىشىنى ئۈمۈدلەندۇرىدۇ شۇنداقلا قەشقەردىن 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى لوندون دېگەن شەھەردە ئۆز شەھىرىنىڭ نامى - شەرىپىگە قويۇلغان بىر كوچىنىڭ بولۇشى خەلقىمىزنىمۇ سۆيۇۈدۇرىدۇ!

ئەدىبىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ لوندوندا تۇرغان يېرىم يىللىق ئىلىم تەھسىل قىلىش ھاياتىدا كۆرگەن - بىلگەن  تۇيغۇلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012 - يىلى نەشىر قىلىنغان «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» ناملىق كىتابىدا «لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى» ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ۋە «لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى» دەپ بىر پارچە ساتىرىك شېئىر يازغانلىقىنى ئاڭلىغان. كېيىن مۇئەللىپتىن ئۇشبۇ كىتابنى ئىمزالىق تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئوقۇپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدىم.

ئارىدىن يىللا - كۈنلەر ئۆتۈپ ئابدۇكېرىم ئابلىزدەك چولپانلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىم لوندونغا كېلىشى بىلەن يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان چولپىنىمىزنىڭ لوندوندىكى قەشقەر كوچىسىغا ئاياغ بېسىشى بىلەن تور ۋە سالۇنلاردا قايتا تارقىتىلىشقا باشلىغان «لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى» ناملىق بۇ ماقالىنى تورلاردا كۆرۈپ سۆيۈندۈم. مۇشۇ چولپانلىرىمىز سەۋەپلىك نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ـ قىسمىتى كېسىلگەن، قەشقەرنىڭ ئەجنەبىيلەرگە باغلىنىشلىق بولغان بۇ ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنگەن تارىخ بەتلىرىنى بىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىغان بولدى. مۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ چولپانلىرىمىزنىڭ تارىخىمىزىڭ يالدامىسى بولغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر كوچىلىرىنى پۇرسەت ۋە ئىمكانلىرى يار بەرسە داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىنى، ياشلىرىمىز قەلبىگە قايتىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك نۇرلىرىنى چېچىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

A_Abliz1.jpg


A_Abliz2.jpg



A_Abliz3.jpg



A_Abliz4.jpg




A_Abliz5.jpg



A_Arislan.jpg



A_I_Elkun2.jpg




تۆۋەندە «لوندون قەشقەر كوچىسى» ناملىق ماقالىنى «شىنجاڭ پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەنلەر» تورى بېكىتى، باغداش تور بېكىتى ۋە مىسرانىم تور بېكىتى قاتارلىق تور سەھىپىللىرىدىن ئوقۇيالايسىز.


شىنجاڭ پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەنلەر:
http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2008-06/10/content_3172.htm

باغداش تورى:
./thread-14985-1-1.html

مىسرانىم تورى:
http://bbs.misranim.com/thread-77713-1-1.html

كۆزنەك سالونى:
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA4NDIwNDM5OQ==&mid=400869549&idx=7&sn=816a75a5de72bd3ce3a8b7df33c08522&scene=2&srcid=1226XKfA14ejzn9qS8VNstks&from=timeline&isappinstalled=0#wechat_redirect


uyghuray

3

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 2927
توردىكى ۋاقتى: 852
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-7 10:23:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوندوندىكى قەشقەر كوچىسىنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمىزغا سالدىڭىز، تەشەككۈر!

3

تېما

0

دوست

7205

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18155
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2164
توردىكى ۋاقتى: 390
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-7 11:03:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-7 14:12  

   دۇنياغا داڭلىق لوندۇن نامىدا ئاتالغان كوچىدىن بىرىمۇ يوق بىزنىڭ ۋەتىمىزدە، لېكىن بىزنىڭ قەشقەر نامى بىلەن ئاتالغان كوچا لوندۇن شەھرىدە بار ئىكەن.ئېنگىلىزلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردە ھېلى ھەم دۇنيا خەلقىگە بولغان  كۈچلۈك تەسىرنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىغا قايىل بولدۇم. بىز دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك،لېكىن،بىرىنچى ئورۇنغا ئېنگىلىزلارنى قويماسلىققا باھانىمىز يوق.ئېنگىلىزلارنىڭ ئالدىدا يەھۇدىلارمۇ بىر خوجىدار خالاس.

7

تېما

0

دوست

3170

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10671
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 498
تۆھپە : 647
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-7 11:04:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدۇ
uyghuray

5

تېما

1

دوست

1348

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43825
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-7 12:45:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشقىن يوللىغان ۋاقتى  2016-1-7 11:03
دۇنياغا داڭلىق لوندۇن نامىدا ئاتالغان كوچىدىن بىرىم ...

توغرا دېدىڭىز ، بىر مىللەتنىڭ كۈچلۈك ياكى قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ھەربى كۈچى ۋە تېخنىكىسى ، تەرەققىياتىدىلا ئىپادىلەنمەستىن كەڭ قۇرساقلىقلىقى ، ئىنسانپەرۋەرلىكى ، مەسئۇلىيەتچان نەچچە ئەۋلاد تىرىشچان تەۋەككۇلچى بىلىم ئەھلىلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   37.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6055
توردىكى ۋاقتى: 1615
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-7 14:31:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوندون بولسا كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان شەھەر ئىكەن.

0

تېما

3

دوست

2151

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26906
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 670
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-7 16:24:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   visa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-7 16:28  

1990-يىللىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز مەشھۇر شائىر ل.مۈتەللىپنىڭ ‹‹ يىللاغا جاۋاپ›› نامىلىق شىېئىرنى ئۆتكەندە ‹‹بۇ شىئېر لوندۇندىكى بىر مۇنارغا ئويۇقلۇق گەرچە بىزنىڭ  يۇرتۇمىزدا بۇ شىئېر ئۇنداق مۇنارلاغا ئۇيۇلمىسىمۇ سەن قەلبىڭگە ئۇيۇۋالغىن ›› دىگەن ئىدى .ئەپسۇس تاكى ھازىرغىچە بۇ توغۇرلۇق بىرەر مەتبۇئات يازمىللىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم.ئەمما بۇ شىئېر ئاشۇ مۇئەللىم دىگەندەكلا ئا.ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ئىز››نامىلىق شىئېر بىلەن قېرىنداش بولۇپ قەلبىمگە ئويۇقلۇق.

0

تېما

0

دوست

2923

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34908
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-7 17:22:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ماقالىنى ئوقۇپ كۆزۈمگە ياش كەلدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )