- تىزىملاتقان
- 2011-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2305
- نادىر
- 3
- يازما
- 76
ئۆسۈش
10.17%
|
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر--- مېنىڭ چۈشۈم
توۋا خۇدايىم! مەن يەنە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى چۈشەپتىمەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشقىلارنىڭ نازارەتچىلىكىدە تىك ئۇچار بىلەن قارلىق تاغلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك يېرىگە قونۇپ، بۇ تاغلارنى تاماششا قىلىپتىمىش. چۈشۈمدىكى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر مەن ئىدىم. ئۇ تاغلار شۇنچىلىك ھەيران قالارلىق ئىكەنمىشكى، چۈشۈمدىكى ھەيۋەتنى، كۆركەملىكنى، ئاجايىپلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شۇنچىلىك ھاياجان بىلەن تۇراتتىكى، شۇ يەردىلا شۇ چوققىلارغا ئاتاپ شېئىر توقۇپتۇمىش. بۇ شېئىرلار ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يۈرىكىدىن ۋولقان كەبى ئېتىلىپ چىققانمىش. بۇ شېئىرلارنى چۈشۈمدە شۇنچىلىك دانىمۇ دانە، ئېنىق ئاڭلىغان ئىدىم. قانداق قىلىپ ئوڭۇمدا ئۇنتۇپ قالدىم بىلمەيمەن.
بۇ تاغلار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يۈرىكىگە شۇنچىلىك يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتنى تۇتاشتۇرۇپتىكەنكى، ئۆتكۈر ئەپەندى مۇزدەك تاغ سۈيىنى ئىچىشنى ئىستەپ، سۇ ئىزدەپ كېتىپتۇمىش. بىر يەردىن قارنىڭ ئېرىگەن مۇزدەك سۇلىرىنى تېپىپ، ئۇچۇم ئۇچۇملاپ ئىچكەندىن كېيىن، ئۇھ، يۈرىكىم ! ئوت سەل بېسىقتى، كۆڭلۈم راھەتلىنىپ قالدى دەپتۇمىش. چۈشۈمدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شۇنڭىدىن باشلاپ، يۈرەك كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپتىمىش.
توۋا خۇدايىم، مەن ھوشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قاپتىمىشمەن بۇ تاغلارنى كۆرۈپ. چۈشۈمدىكى ھېسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ يازالمىدىم، ئەمما كۆڭلۈم بىلەن ئېنىق ھېس قىلالايمەن.
بەك ھەيران قالدىم، ئىلگىرىدىن ئوقۇپ كەلگەن ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ شېئىرلىرىنى چۈشۈمدە تۇيۇقسىز چۈشىنىپ قالدىم. " مەن ئاق بايراق ئەمەس"، بۇغدا ئانام" غا ئوخشاش شېئىرلىرى ئويقۇدىن ئويغىنپلا كاللامدا شۇنچىلىك روشەن ئايان بولدىكى، بۇنداق چۈشنى كۆرگەنلىكىمدىن پۈتۈن ئەتجانىمدا بىر تالمۇ ماغدۇر قالمىدى، ئوڭۇمدىمۇ ھوشۇمدىن كېتەي دېدىم.
مەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى بۇنىڭلىق بىلەن ئىككىنچى قېتىم چۈشىشىم. ھەر قېتىمدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ماڭا شۇنچىلىك ئىلھام بەخىش ئەتتىكى، ئوڭۇمدىكى ئىلھامنىڭ داۋامىنى چۈشۈمدىن ئالغان ئىدىم. بىرىنچى قېتىم " ئىز" روماننى قانداق يازغانلىقى چۈشۈمدە زاھىر بولغانىدى. ئەمدى بۇ قېتىم قارلىق تاغلارنى، بەھەيۋەت قارىغايلارنى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇلارغا ئاتاپ شېئىر توقۇغانلىقى ئايان بولغانىدى.
مەن شۇنچىلىك ئېنىق ھېس قىلدىم: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەنە شۇچاغدىكى ھاياجان بىلەن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتىمىش. بۇ تاغلارنىڭ ئوتى نەقەدەر كۈچلۈك ھە؟!
چۈشۈمدە بۇ تاغلارنى كۆرۈپ، شۇنچىلىك ئازادە، كەڭرى ۋە بۈيۈك ھېس قىلدىمكى، ۋۇجۇدۇمدىكى بۇ ھەيۋەتلىكلىكنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىغا ئەقلىم لال بولدى. مەن كۆزۈم ئوچۇق تۇرغان بۇ دۇنيادا بۇنداق ھەيۋەت تۇيغۇنى ھېس قىلىپ باقماپتىكەنمەن.
ئادەمنىڭ يۈرىكى بۇنداق پايانسىزلىقتىن ئېتىلىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ. دېمىسىمۇ چەكلىك، ئالمىدەك بىر يۈرەك قانداقمۇ بۇنچە چەكسىزلىكىنى ئىچىگە پاتۇرۇپ بولىسۇن؟!
توۋا خۇدايىم، ئادەم نېمىشقا چۈشى ئارقىلىىق بۇنداق ئىشنى ھېس قىلىپ قالىدىغاندۇ؟!
مەن چۈشكە ئائىت بىر قانچە كىتابنى ئوقۇپ كۆرگەنىدىم، بۇ چۈشۈمنى ئۇ كىتابلاردىكى چۈشەندۈرۈشلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. قانداق قىلاي؟
مەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرىدىن چۈشۈمنىڭ زاھىرىنى ئىزدىدىم. بۇ قېتىمقى ھەيرانلىقىم چۈشۈمدىكى ھەيرانلىقىمدىن ھەرگىز كەم ئەمەستى. ( مەن بۇ چۈشنى كۆرگەن كۈنى تامامەن شۇ چۈشۈم ئىچىدە ياشىدىم، دىققىتىممۇ چېچىلىپ كەتمىدى، شۇڭا تۇيغۇلىرىممۇ بىر قەدەر ئېنىق بولدى.) مەن كۆرگەن ئاشۇ تاغ، كۆپكۆك ئاسمان، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھاياجىنى، چۈشۈمدىكى كۆرۈنۈشلەر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرىدە بار ئىدى. ئادەم زىيادە ھاياجانلانسا، پۇت- قولىدا جان قالمايدىغان بولسا كېرەك. مەن بۇ چۈشنىڭ، ئەسەرلەرنىڭ كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلمىدىم. ئوڭۇمدا يەنە بىر قېتىم ھوشۇمدىن كەتكۈدەك بولدۇم.
مانا قاراڭلار: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئاشۇ ھەيۋەت قارلىىق چوققىلارغا قاراپ تۇرغىنىغا!
1. " قاپقارا، بۈدۈر چاچلىرى قۇلاقلىرىنى يېپىپ تۇرغان قاڭشارلىق بىر يىگىت( چۈشۈمدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئوتتۇراياش قىياپىتىدە كۆرۈنگەنىدى) كۆپكۈك شېشىدەك تىنىق تەڭرى كۆلى بويىدا ھەيۋەتلىك بۇغدا چوققىسىغا قاراپ، خۇددى يالقۇنلۇق ناتىقلاردەك غۇلاچلىرىنى كېرىپ بىر نېمىلەرنى دەۋاتاتتى، ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ گەپلىرى سەل پەرىشان، ئاۋازىمۇ ئېگىز پەسرەك چىقاتتى.
- " بۇغدادىن سادا" دىن
چۈشۈمدە ئېنىق ئاڭلىغان، لېكىن ئوڭۇمدا ئەسلىيەلمىگەن سۆزلەرنىڭ بىرقىسىمى شۇ بولسا كېرەك:
2. " – ئەسىر- ئەسىرلەردىن بېرى رەسساملارغا ماۋزۇ، شېئىرلارغا ئىلھام بولۇپ كەلگەن، ئەي گۈزەل بۇغدا! – دېدى ئۇ ئاۋازىنى سەل كۆتۈرۈپ،- سېنى ھەر كۆرسەم قەلبىمنى ئاجايىپ نازۇك ھېسلار چۇلغىۋالىدۇ، ئىسسىق قېنىم تومۇرلىرىمغا پاتمايۋاتقاندەك پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا باشقىچە بىر ھالەت پەيدا بولىدۇ..."
- " بۇغدادىن سادا" دىن
چۈشۈمدىكى ئاسمان شۇنچىكى كۆك ئىدىكى،...
3. .... كۆكلۈكۈڭ- كەڭلىك، بۈيۈكلۈك. چەكسىز ساماغا باقسام، گۈمبەزسىمان ئاسمانمۇ كۆك؛ يىراقتىن كۆرۈنگەن مەغرۇر تەڭرىتاغمۇ كۆك...
- " قاشتېشىغا مەدھىيە"دىن
چۈشۈمدە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ كۆڭلىدە بىر تۈگۈنچى باردەكلا تۇيۇلدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شۇنچىلىك ھاياجان بىلەن سۆزلىگەن ئىكەنكى، بۇ سۆزلىرىدىن بىر غەزەبنى ئاڭقىرالىدىم:
4. ...
بىر قاراپلا بىلدىم، چېھرىڭدە چوڭقۇر بىر قايغۇنىڭ، ئاچچىق بىر ئەلەمنىڭ ئىزى بار. خۇددى يىلاندەك تولغىنىشلىرىڭمۇ مەنىسىز ئەمەس... تاپتايىنلىق ئوبدان بىلىمەنكى، ئۇ بىر جان ئاچچىقىدۇر...
.... ھامان سېنىڭ ئۈستۈڭنى بىر قارا ھىجران تۇمانى باسقان، سەن شۇنىڭ ئۈچۈن دەردلىنىسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇڭلىنىسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىقلىنىسەن، غەزەبلىنىسەن، ئاچچىقتىن تاشتىن- تاشقا ئۇرۇلۇپ ئاپئاق كۆپۈكلەر چاچرىتىسەن، قان ئاچچىقىڭدىن دېڭىزدەك دولقۇنلىنىپ، شىردەك ھۇۋلايسەن،
ھەققىڭ بار!
ھەر نېمە قىلماققا ھەققىڭ بار!
يەنە دەردلەن، يەنە مۇڭلان، يەنە ئاچچىقلان!
- " باشئەگىم"دىن
چۈشۈمدىكى تاغنىڭ بۈيۈكلۈكىگە ۋە ئاجايىپلىقىغا مېنىڭ بۇ ئاجىزانە قەلىمىم سۆز تاپالمىدى، يەنىلا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭكىگە قارايلى. چۈشۈمدىكىنىڭ ئەينىسى.
5. ئەنە ئۇ دېڭىز بويىدا ئاسمان بىلەن قۇچاقلاشقان تىڭ تاغ. ئۇنىڭ قىلىچ كەبى ئۆتكۈر تاشلىرى دولقۇنلۇق دېڭىزغا غەلىتە بىر تۈستە باقار، ئۇنىڭدىن بىر نەپەس كۆزىنى ئالماس، ھامان قاراپ تۇرۇر، ھامان ئىتىلۇر. ئەنە شۇ تاغنىڭ يان باغرىدا ئاللىقانداق خىيالغا چۈمگەن بىر شائىر تۇرار. ئۇ سۆز باشلاپ، گويا دېڭىزغا ئەرز ئېيتار، ئۇنىڭ ئاغزىدىن كۆپۈكلەر قاينار....
- " دېڭىزدىن سادا" دىن
چۈشۈمدىكى قارىغايلار تاغلاردەك ئۇنچە ئېنىق زاھىر بولمىدى، ئەمما چۈشۈمدىكى خىيالىمدىن نېرى كەتمىدى.
6. ئاھ يېشىل قارىغايلار--- بۇغدا قارىغىيى،
ئىلھامىم سەن بىلەن قاقىدۇ قانات.
بىلمەيمەن قايسى كۈن سېنىڭ ئوتۇڭنى،
ئىچىمگە سالدىكىن ئۇ تەڭرى- بايات.
تىك تۇرۇپ ياشىغاچ، قامىتىڭ تۈپتۈز،
تۈزلۈكۈڭ ھەممىدىن ئۇزلۇقىڭ سېنىڭ.
ھۆسنۈڭ قانچە، خىسلىتىڭ شۇنچە،
گۈزەللىك تاجىدۇر تۈزلۈكۈڭ سېنىڭ.
- " يېشىل قارىغايلار"دىن
بەلكىم بۇ كۇپلېتىمۇ چۈشۈمنى تېخىمۇ ئېنىق دەپ بېرىشكە مەنپەئەت قىلۇر:
7. كۆكتە سەيلان ئاق بۇلۇتلار توپلىشىپ،
تاغۇ دەشتكە مەرۋايىتلار چاچقۇدەك.
ئۇيقۇغا قانغان زېمىن قۇچاق يېيىپ،
ئەلگە ئىقبال خەزىنىسىنى ئاچقۇدەك.
-" مەرھابا"دىن
چۈشۈمدە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئىككى- ئۈچ ئادەم نازارەت قىلغۇدەك، بەلكىم ئۇلار ئەپەندىمنى ئاخىرقى قېتىم يۇرتىنى كۆرۋېلىشقا ئەكەلدىمىكىن. دانمۇ دانە ئاڭلىغان شېئىرلار شۇلاردۇر بەلكىم:
8. كۆر، بۈگۈن ئەۋلادلىرىڭ تاغلار ئېشىپ، يوللار كېزىپ،
ئاق سۈتۈڭدەك پاك تۇتۇپ ۋىجدانىنى، تۈنلەر يېرىپ.
تاكى ئەجداد شام- چىراغىنى يېقىپ ھەم ئىز بېسىپ،
ھەر قەدەم تارىخ بېتىگە يېڭى بىر مەزمۇن يېزىپ،
........
- " سالام يۇرتۇم"دىن
شۇ كۈنى كۆزۈمنى ئېچىپ كاللامغا كەلگەن تۈنچى ئىنكاس شۇ بولدى: مەن شائىرنىڭ " مەن ئاق بايراق ئەمەس" دېگەن شېئىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن چۈشىنىپ ئالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ھەيرانلىق دۇنياسىغا غەرق بولدۇم مەن.
9. كۈمۈش كەبى يالتىراق،
مەرۋايىتتەك پارقىراق
بىر چوققا بار ئاسمانغا مەغرۇر تاقاشقان،
ئۇنىڭ ئېتى خانتەڭرى، تەڭرىتاغقا جايلاشقان.
ئېرىمەيدۇ قىش- يېزى،
ئاق شايىدەك قار- مۇزى.
كۆكرىكىگە تاقاقلىق تەبىئەتنىڭ ئەكسى-
تاشنى يېرىپ چىققان ئۇ مۆجىزە قارلەيلىسى.
شۇڭلاشقىمۇ بۇ چوققا
بەزى بولۇپ ھۆرلىقا،
كۆرۈنىدۇ كۆزلەرگە ئاڭ ئېچىلغان گۈل كەبى،
ياكى باھار كۈنلىرى ئاققۇ قونغان كۆل كەبى.
... ...
-" مەن ئاق بايراق ئەمەس"دىن
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تاغلار سالغان ئوتنى يۈرىكىگە تۇتاشتۇرۋالغاندىن كېيىنىكى تەشنالىقى كۆزۈمنى يۇمساملا شۇنچىلىك ئېنىق كېلىدۇ كۆز ئالدىمغا. مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق تەشنالىقنى ھېس قىلىپ باقماپتىكەنمەن.
ئەپەندىنىڭ قەلبىگە تۇتاشقان ئوتلار ئۈچۈن:
10. .. ...
تېشىپ باغرىمنى قان قىلدى جۇدالىق ئوتلىرى كۆپتىن،
يېتەر بۇ زۇلمۇ بىداتلىق، يەنە ئوق ئاتما ئارتۇقچە.
تونۇردەك يانمىسا قەلبىم، بولۇرمۇ ئاھلىرىم يالقۇن،
يەنە كۆيدۈرگىلى، ئەي چەرخ، ئوت ياقما ئارتۇقچە.
-" يېتەر، ئەي چەرخ" دىن
ئەپەندىنىڭ ۋۇجۇدى ئۈچۈن:
11. ئوت بىلەم كۆيمەكنى ئۆز قانمىغا قىلدىم ئىختىيار،
ئىختىيار قىلماس ئىدىم، ھوشۇمنى ئالدى نىگار.
- " قەلبىم باھار"دىن
ئەپەندىنىڭ تەشنالىقى ئۈچۈن:
12. بىر نەپەس يۈز يىل بىلىندى ئىنتىزارلىق دەستىدىن،
تەشنەئى قەلبىم ئۈچۈن نەشئۇ نەماسى يوقمىدۇر!؟
-" تاڭ زىياسى يوقمىدۇر"دىن
ئەپەندىنىڭ پەقەتلا قانمىغان تەشنالىقى ئۈچۈن"
13. قېنى ساقى، ئۇزات گۈلگۈن پىيالە،
ئىچەيكىم بىر پىيالە خۇددى لالە.
ئۇنىڭ ھەر تامچىسى بولسۇن دىل ئارام،
ۋاپادار دوست كەبى- دىلغا ئارام.
ئىچەيمەن قەترە قويماي تەشنالىقتىن،
ۋاپايۇ مېھىر، دوستقا ئاشىنالىقتىن.
باسالماس ئۆزگىسى چاڭقاقلىقىمنى،
بىلەمسەن مەيگە دىل مۇشتاقلىقىمنى.
_ " قەشقەر كېچىسى" دىن
توۋا خۇدايىم، مەن چۈشۈمدە كۆرگەن مەنزىرىلەرنىڭ جىقىنى ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىدا كۆردۈم. يالغۇز ئەپەندىنىڭ مۇزدەك تاغ سۈيىنى ئۇچۇملاپ گۈپ-گۈپ ئىچىپ، ئۇھ يۈرىكىم ئەمدى قاندى دېگىنىگە ئائىت تەسىراتنى تاپالمىدىم. چۈشۈمدىكى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يۈرىكى تاغ سۈيىنى ئىچىپ قانغاندىن باشلاپ، يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالغانىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ شائىرىنىڭ يۈرەك كېسىلى بولغانمۇ بولمىغانمۇ ئۇنى بىلمەيمەن. چۈشۈمدە يەنە ئۆتكۈر ئەپەندى تۈرمىدىن ئېلىپ كېلىنگەندەك زاھىر بولغانىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولغانمۇ بولمغانمۇ بۇنىمۇ بىلمەيمەن.
ئىشقىلىپ، مەن بۇ چۈشنى كۆرگەندىن باشلاپ، ئۆزۈمنىڭ باشقا بىر دۇنياغا كىرىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. قومۇلغا بارغاندىكى چاغلىرىم، ئۇ يەردە مەن كۆرگەن، ھېس قىلغان ھەر بىرنەرسە، قومۇلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆرگەن بۇ يەرنىڭ ھەممە نېمىسىگە ئائىت ماتېرىياللار، كىتابلار،ئادەملەر مېنى بىر باشقا دۇنياغا باشلىغاندەك قىلاتتى.
ئۆتكۈر ئەپەندىگە چۈشلىرىم بىلەن تېخىمۇ بىۋاستە يېقىنلاشتىم.
ئۆتكۈر ئەپەندىنى چۈشۈمدە ھېلىقى نازارەت قىلغۇچىلار ئەپەندىنىڭ ئۇنىمىغىنغا ئۇنىماي ئېلىپ كەتكەنىدى.
ھەم يۈكىدىن پۈكلەنگەن،دەھىر ئوقىدىن تېشىلگەن،
مېنىڭ نېمىجان تېنىمگە سەنچە لوقمان تېپىلماس.
ئۆلگەننى تىرىلدۈرگەن بولسا مەسىھ ئۇ زامان،
ئەمدى جانغا سېنىڭدەك ئارامى جان تېپىلماس.
بۇلار بەلكىم ئەپەندىنىڭ ئىچىدىن ئېتىلىپ چىققان ئارمان، ئىشەنچ، قىيماسلىق سۆزلىرىدۇر.
چۈشۈمنى چۈشقۇ بۇ دەپ ئۇنتۇپ كەتكۈم كەلمىدى، ئەكسچە چۈشۈم بەرگەن تۇيغۇ- تەسىراتلارنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ قەدىرلىگۈم كەلدى. چۈنكى مەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى چۈشىگەنىدىم.
|
|