قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kanway

ئازنا كۇنىدىكى جەۋھەر پاراڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

\\؛-[

16

تېما

0

دوست

2634

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3126
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 574
تۆھپە : 429
توردىكى ۋاقتى: 586
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 10:30:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



                                                  ئالتۇندەك سۆزلەر

دۇنيادا ئۆلىمالارنىڭ خوشامەتكۇيلىقى بولمىغىنىدا ، زالىملار زۇلۇمغا جۈرئەت قىلالماس ئىدى.
                ــ ئابدۇلفەتتاھ شاھىن
كىشى ئىلىم ئۆگىنىشتە داۋام ئېتىۋاتقان پەللىدە ئالىمدۇر .«ئالىم بولدۇم ، ئەمدى يېتەرلىك » دەپ خۇلاسە چىقارغان چېغىندىن باشلاپ جاھىلدۇر.
      ــ ئابدۇللاھ ئىبىن مۇبارەك
ئاللاھ تائالا ھەر زاماندا ئۆلىمالارنى ئۇشبۇ زامان خەلقىنىڭ ئەمەللىرىگە مۇناسىپ سۆزلەر بىلەن سۆزلىتىدۇ.
_ ئەبۇ تارۇب نەخشابىي
كىشىنىڭ ئالىم بولىشىغا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ، ئىلىمسىز قېلىشىغا بولسا ئىلىمىگە مەغرۇرلىنىش كۇپايە.
_ مەسرۇق
ئىلىم ئېلىڭلار. ئىلىم بىلەن بىرگە خاتىرجەملىك ھەم مۇلايىملىقنىمۇ ئۆگىنىڭلار . سىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقان كىشىگە ئىززەتتە بولۇڭلار. سىلەردىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشىلەر ھەم ھۆرمەتتە بولۇشسۇن. جەبىر قىلغۇچى ئالىملاردىن بولماڭلار ، ئىلىمىڭلار جاھىللىقىڭلار ئۈستىگە قۇرۇلغان بولمىسۇن.
_ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىب
ئىلىمنى پۇرسەت بولسىلا ئۆگىنىۋېرىش كېرەك ، چۈنكى ئىلىم زۆرۈر بولغان پەيىتتە پۇرسەت تېپىلمايدۇ.
_ئابدۇللاھ ئىبىن مەسئۇد
ئىلىمنىڭ ھەممىسى دۇنيادۇر ، ئاخىرەت بولسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتۇر . ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئەمەلدىن باشقا ھەممە ئەمەل بىھۇدىدۇر.
_ سەھىل ئىبىن ئابدۇللاھ تۇستەرىي
ئىزدەنمەي ئۆگىنىدىغان شاگىرت قاناتسىز قۇش.
_ سەئىدى شىرازى
گۇناھ قىلىش ئىلىمنىڭ بەرىكىتىنى كەتكۈزۈپ ، ئىلىمنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
_ ئابدۇللاھ ئىبىن مەسئۇد
بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكلىكى ئىلىم بىلەن  قوشۇلۇپ كەلگىنىدۇر.
                 ــ ئەبۇ ئىسھاق زوھرۇرىي
سىلەر خالىغانچە ئىلىم ئۆگىنىۋېرىڭلار .ئاللاھقا قەسەمكى ئەمەل قىلمىغۇچە ئاللاھ سىلەرگە ئۆگەنگىنىڭلار ئۈچۈن ئەجىر بەرمەيدۇ . ئەخمەقلەر ھىممىتى رىۋايەت قىلىش ، ئۆلىمالار ھىممىتى رىئايە قىلىشتۇر.
             ــ ھەسەن بەسرىي
ئىلمگە ئەمەل قىلمىغان ئالىم باشقىنى كىيىندۈرگەن ھالدا ئۆزى يالىڭاچ قالغان زىققا(پوفايكا ،كىيىم كىچەك توقۇيدىغان زىق،ئەسۋاپ) ئوخشايدۇ.
              ـــ ئەبۇ ھامىد ئەل غەززالى
كىم قۇرئاننى ياد ئالسا قەدرى ياخشى بولىدۇ ، كىم ئۇنىڭ مەنالىرىنى ئاڭلىسا دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ ، كىم ھەدىسنى يادلىسا دەرىجىسى كۆتۈرۈلىدۇ، كىم ئەرەبچىنى ۋە شەرىئەتنى ئۆگەنسە تەبئىتى تىرەنلىشىدۇ . كىم نەپسىنى ساقلىمىسا ئۇنىڭغا ئىلىم پايدا بەرمەيدۇ .
            ــ ئىمام شافىي
ئىلىمنى ئەمەل ئۈچۈن ئۆگىنىڭلار .كۆپ ساندىكى ئادەملەر ئىلىملىرى تاغدەك ، ئەمەللىرى زەررىدەك بولۇپ قېلىپ خاتالىشىدۇ.
             ــ ئىبراھىم ئەدھەم
سىز ئىلىمگە بار – يوقىڭىزنى بەرمىگۈچە ئۇ سىزگە بىرەر نەرسە بەرمەيدۇ.
          ــ ئەبۇ ھامىد ئەل غەززالىي
بۇ دۇنيادا ئىلىمگە ئەمەل قىلمىغان ئالىملار ئەڭ كۆپ پۇشايمان يەيدىغان كىشىلەردۇر.
           ــ ئىبراھىم ئىبىن ئۇيەينا
جاھىل كىشى بورانغا ئوخشايدۇ ، ئاۋازى قاتتىق كۈچلۈك ، ئەمما ئىچى بوشتۇر.
           ــ سەئىدي شىرازىي
ئالىملارنىڭ جازاسى – قەلىبلىرىنىڭ ئۆلگىنىدۇر ، قەلبىنىڭ ئۆلىشى بولسا ئىلىمى ۋە قىلغان ئەمەللىرى بالا تۇرۇپ  دۇنياۋى نىيەتلەر كويىدا يۈرگىنىدۇر.
      __ھەسەن بەسرىي
بىلىم بارچە كۈلپەتلەرگە قالقاندۇر.
             ــ ئەبۇ ئابدۇللاھ رۆداكىي
تىرىكلىك ئىلىم بىلەن بولۇر ، راھەت مەرىفەتتە بولۇر ، لەززەت ئاللاھنىڭ زىكرىدە بولۇر.
           ــ ئەبۇ يەزىد بەستامىي
ھازىر ئوقۇ ، چۈنكى قەبرىدە ئوقۇيالمايسەن.
         ــ زۇبەرىي كۇندۇزەلىپ
ئىلىم تەلەپ قىلىڭلار ، پەقەت ئىلىمنىلا مۇلايىملىق بىلەن يۇشۇرۇڭلار .
        ــ ھەسەن بەسرىي
ئىككى كىشى چىقارغان پىتنىنى ھەتتا شەيتانمۇ چىقىرالمايدۇ ، ئۇلار ـ دۇنيا ھىرسىگە بېرىلگەن ئالىم ۋە ئىلىمسىز سوپى .
        ــ   ئەبۇل ھەسەن خاراقانىي
ئەفلاتۇندىن سورىدى :«ئوقۇش – ئۆگىنىش ئۇزارغانسىرى ئىززەت ۋە ھۆرمەتتە بولامدۇ؟»
ئەفلاتۇن جاۋابەن دېدى :«جاھىللىق نوقسان دەپ ھېسابلانغا قەدەر .»
          ــ جالالىدىن دەۋۋاني
ئەمەلدە قوللىنىلمايدىغان بىلىم جانسىز تەنگە ئوخشايدۇ.  بىلىم دەرەختۇر ، ئەمەل بولسا ئۇنىڭ مىۋىسى ….مىۋە بەرمەيدىغان شاخ كىسەلدۇر .
               ــ ھۈسەنىي ۋايىز كاشىفىي
كىشى تۆت تۈرلۈك ئىش بىلەن ئىسلامدىن چىكىتىدۇ:
بىلگىنىگە ئەمەل قىلمىسا ؛ بىلمىگىنىگە ئەمەل قىلسا ؛ بىلمىگىنىنى ئىزلىمىسە ؛ بىلىش ۋە ئۆگىنىشكە ئىنتىلگەن ئادەملەرگە زەربە بەرسە (يەنى ئۆزى بىلمەيدۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىشكە يول قويمايدۇ)
             ــ ئەبۇ مۇھەممەد فەزل
كىچىنىڭ بىر قىسمىدا ئىلىم مۇزاكىرسى بىلەن مەشغۇل بولۇش مىڭ كىچىنى پۈتۈنلەي ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەندىن ئەۋزەلراقتۇر.
           ــ ئابدۇللا ئىبىن ئابباس
كىشىلەر ئازغىنە ئالغان ئىلمىگە خۇرسەن بولۇشى ئىلىمدىن نىسىۋىدۇر ،  بىرەر نەرسىنى ئۇنۇتقىنىدا خاپا بولۇشى ئىلىمنىڭ شاراپىتىگە يىتەرلىك دەلىللدۇر.
             ــ ئىمام شافىي
ئالىملار ھۆرمەتكە لايىق بۈيۈك ئىنسانلاردۇر . ئىلىم بىلەن مۇستەھكەملەنمىگەن ھەر قانداق ئۇلۇغلۇقنىڭ ئاقىۋىتى خارلىقتۇر.
         ــ ئەخناف ئىبىن قەيىس
مېنى بىر ئۇلۇغ زات ئۈچ يۈز دىھرامغا سېتىۋېلىپ قۇللۇقتىن ئازات ئەتتى ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىلىم ئۆگىنىشنى قارار قىلدىم . ھىچ قانچە ۋاقىت ئۆتمەستىن شەھەر ئەمرى زىيارەتكە كەلدى ، مەن ھوزۇرۇمغا كىرشىگە رۇخسەت قىلمىدىم.
            ــ ھەلىم ئىبىن ئەبۇل جەد

ئىلىم مەردلىكتۇر ، ئۇنى پەقەت مەرد ئەركەكلەرلا سۆيىدۇ.
              ــ زۇھرىي
«شەرق ھەقنى تاپتى»ناملىق كىتابتىن
كىمكى ئىلمىنى يازمىسا ئۇنىڭ ئىلىمىنى ئىلىم ھىسابلىمايمەن.
                ــ مۇئاۋىي
ئىلىم مال – دۇنيادىن ياخشىدۇر ، ئۇ سېنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ ، مال – دۇنيانى بولسا سەن قوغدايسەن . ئىلىم ھاكىم ، مال مەھكۇمدۇر . مال دۇنيا سەدىقە قىلىش بىلەن كېمىيىدۇ ، ئەمما ئىلىم كۆپىيىدۇ.
                     ــ ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىب
كىسەلگە ئۈچ كۈن تائام بەرمىسە ئۆلگىنىگە ئوخشاش قەلىبگە ھەم ئۈچ كۈن ئىلىم بېرىلمىسە ئۆلىدۇ.
            ــ فاتىخ مۇسەللىي
ئالىملار قەلەملىرىنىڭ سىياھى شەھىدلەر قېنى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ، شۇندا ئالىملار قەلەملىرىنىڭ سىياھى شەھىدلەر قېنىدىن ئېغىر توختايدۇ.
            ــ ھەسەن بەسرىي
ئەي ئوغلۇم ، سەن ئالىملار بىلەن ئولتۇر ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىر ، چۈنكى ئاللاھ تائالا يەرنى ئاسمان  سۈيى بىلەن تىرىلدۈرگەنگە ئوخشاش قەلىبلەرنى ھىكمەت نۇرى بىلەن تىرىلدۈرىدۇ .
               ــ لوقمان ھەكىم
ئىلىم ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئۇلۇغلۇققا ئىنتىلگەن كىشىگە ھەيرانمەن.
               ــ ئابدۇللاھ ئىبىن مۇبارەك
كۈندۈزلىرى روزىدار ، كىچىلىرى قىيامدا بولغان مىڭ عاىبدنىڭ ئۆلىمى ، ھالال – ھارامنى ئاجىرتىپ ئالغۇچى بىر ئالىمنىڭ ئۆلىمىدىن يەڭگىلراقتۇر.
            ــ ئۈمەر ئىبىن خەتتاب
مەنبە:ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تور بېتى





  



























\\؛-[

16

تېما

0

دوست

2634

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3126
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 574
تۆھپە : 429
توردىكى ۋاقتى: 586
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 15:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمانلار توغرا ئىقتىسادىي ئاڭ يىتىلدۈرىشى كېرەك



ئابدۇرەھمان ئىسمايىل





بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم






ئىقتىساد ئەزەلدىنلا ئىنسانلارنىڭ تەتقىقات تېمىلىرى ئىچىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ كەلدى.ئۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋى تىرىكچىلىكى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىدىكى مۇھىم ۋاستە بولغانلىقتىن ،مەيلى مۇسۇلمانلار ياكى مۇسۇلمان ئەمەسلەر بولسۇن ئۈچۈن بۇ تېما يانداپ ئۈتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان ،ھېچكىم ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغان بىرمۇھىم  تېما.






بىز بۇ ماقالىمىزدە ئىقتىسادىي ئاڭ جەھەتتە مۇسۇلمانلار ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىككى خىل ئىدىيە ۋە ئىككى خىل يۈزلىنىش ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكچىمىز:






بۇنىڭ بىرىنچىسى،ئۆزىنى ئالاھىدە تەقۋادارلاردىن ھېسابلايدىغان ،لېكىن ئىقتىسادقا سەل قارايدىغان ياكى ئىقتىسادنى ئاڭسىزلارچە ئىنكار قىلىدىغان ،ئىقتىسادىي ئېڭى سۇس كىشىلەردۇر.ئىككىنچىسى،ئىقتىسادىي ئېڭى خېلى كۈچلۈك،لىكىن ئېتىقادى ئىنتايىن ئاجىز كىشىلەردۇر.بۇلار پەرز ئىبادەتلارگە سەل قاراپ ۋاقتىنى كىچىكتۈرىدۇ ياكى پۈتۈنلەي ئىجرا قىلمايدۇ،ئىقتىسادقا قاتتىق چۇقۇنىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىقتىساد توپلاشتىكى مەقسىدى مۈجىمەل بولۇپ،نېمە ئۈچۈن ئىقتىساد توپلايدىغانلىقىنى بىلمەك تەس.ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىلىدىغىنى ئىقتىسادىي بايلىق بۇلۇپ،ئۆزىنى شۇنىڭ بىلەنلا بەخىتلىك ھېسابلايدۇ.






بۇ ئىككى خاھىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى خاتا.ھالال كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشنى ئاللاھ تائالا ھەرگىز چەكلىگىنى يوق.ئۆزىنى ئالاھىدە تەقۋادارلاردىن چاغلاپ ئىقتىسادقا پەرۋاسىز قارىغان ئادەم چۇقۇم نامراتلىققا چۈشۈپ قالىدۇ.






ئىنسانلارنىڭ ئۆز غۇرۇرى،ئىمان-ئېتىقادى بىلەن ياشىشىدا ئىقتىسادنىڭ رۇلى چوڭ بۇلىۋاتقان بۈگۈنكى جەمىيەتتە،ئىقتىسادىي ئاساسىمىز ئاجىز،نامرات پېتى تۇرىۋەرسەك،ئېتىقادىمىز ۋە نورمال ئىبادەت ئىشلىرىمىز سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىماي قالمايدۇ.






بۇرۇن نۇرغۇن دىنىي ئالىملىرىمىز ئىسلام دىنىمىزنىڭ قارىشىنى توغرا شەرھىيلەپ،بارلىق مۇسۇلمانلارغا ھالال ئەمگەك بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش،ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىك،باشقىلاردىن بىر نەرسە تاما قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالماسلىق ھەققىدە تەربىيە-نەسىھەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،يەنە بىر قىسىم چالا ساۋات كىشىلىرىمىز ئىسلام دىنىمىزنىڭ قانائەت قىلىش،پۇل-مالغا چۇقۇنماسلىقتەك ئىلغار پىرىنسىپ قاراشلىرىنى ئۆز رايى بۇيىچە خاتا چۈشەندۈرۈپ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئاكتىپ ئىقتىساد قاراشلىرىنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ،نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ نامرات بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ھازىرمۇ كۆپلىگەن مۇسۇلمانلىرىمىزدا مۇشۇ خىل پاسسىپ قاراشنىڭ تەسىرى ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.ھالال كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشنى تەرغىپ قىلىدىغان ئايەت-ھەدىسلەر خېلى كۆپ.قۇرئان كەرىمدىكى:<<ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا(يەنى نامازدىن پارىغ بولغۇنىڭلاردىن كېيىن)زېمىنغا تارىلىپ(يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بۇلۇپ)،ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار>>(سۈرە <<جۇمۇئە>>،62-سۈرە،10-ئايەت)دىگەن ئايەتمۇ ھالال كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تاپساڭلار بولىدۇ،دىگەنگە ئىشارەتتۇر.






ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قىسىم نامراتلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دىگەن:<<ھەي كەمبىغەللەر جامائەسى!(ئۆزۈڭلارنى تاشلىۋەتمەڭلار!)بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ،بىرەر تىجارەت كەسپىگە تۇتۇش قىلىڭلار!يول ئۇچۇق،(خەلق بىزنى باقىدۇ دەپ خەلىققە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدىغان )خەلىقنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئايلىنىپ قالماڭلار>>(<<تەنبىيھۇل غاپىلىن>>ناملىق كىتاپتىكى<<كەسىپنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە>>دىگەن باپتىن)شۇ باپتىكى يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:<<ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ھۈنەرۋەن مۇئىمىن ئائىلە باشلىقىنى ياخشى كۈرىدۇ،ئۆزى تەندۇرۇس ،يا دۇنيانىڭ ئىشىدا ،يا ئاخىرەتنىڭ ئىشىدا بولمىغان بىكار تەلەپ ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ>>.مانا بۇ ئايەت-ھەدىسلەر ھازىرقى بىر قىسىم ئويغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە چوڭراق ئىش تۇتقانلارنى :<<ئۆلىدىغان جانغا ئۇنچىۋالا قىلىپ نىمە قىلىدۇ،ئادەم دىگەن نان يىسە تۇيىدىغۇ... بۇ جاھاندا ئاچلىقتىن ئۆلگەن كىم بار>>دەپ زاڭلىق قىلىپ جۆيلۈپ يۈرۈيدىغانلارغا تاقابىل تۇرىدىغان كۈچلۈك دەلىلىمىزدۇر.






يۇقۇرىدا بىز سۆزلىگەن ئىككى خىل تىپتىكى كىشىلەردىن ئىككىنچى خىلدىكىلەر بولسا بىرقەدەر كۈچلۈك ئىقتىساد قارىشى بار كىشىلەر بۇلۇپ،خېلى كۆپ بايلىققا ئىرىشكەن بولسىمۇ،ئۇلاردا تەۋرەنمەس ئېتىقاد،كۈچلۈك ئىمان،ماددى بايلىق ۋە نامراتلىققا توغرا قارايدىغان ساغلام ئىدىيە،قاراش كەمچىل؛ناۋادا ئۇلار شۇ بايلىقلىرىدىن تاسادىبىي ئايرىلىپ قالسا تۈگۈشۈپ كېتىدۇ ياكى بايلىقلىرى بىلىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئەرزىمەس ئىشلارغا سەرىپ قىلىنىپ ،مەنىۋى گادايلىقنىڭ قۇربانى بۇلۇپ تۈگەيدۇ.






بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنداق خىتاپ قىلىمىزكى:سىز ھەقىقى مۇسۇلمان بولسىڭىز ئۇلۇغۋار غايە ،يۈكسەك ئېتىقاد تىكلەپ،ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئەقلىي قۇۋۋەت بايلىقى ۋە جىسمانى كۈچ-قۇۋۋەتنى يۇقۇرى چەكتە جارى قىلدۇرۇپ،كۆپلەپ ماددى بايلىق يارتىپ،چىقىم قىلىشتا ئورۇنسىز ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىپ ،ئىقتىسادنى توغرا يول ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان مۇسۇلمانلاردىن بۇلۇڭ!خىيالىي دۇنيادا قايمۇقۇپ ياشايدىغان ،ھۇرۇن،نامرات،زەئىپ،چۈشكۈن،ئىزىلەڭگۈ مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس،بەلكى كۆز ئالدىدىكى رىئاللىققا دادىل يۈزلىنەلەيدىغان،ھۇرۇنلۇققا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان،باي،ساغلام،جۇشقۇن،روھلۇق مۇسۇلمانلاردىن بۇلۇشقا تىرىشىڭ!






بىزنىڭ ھالالدىن ئىقتىساد توپلاشنى تەرغىپ قىلغانلىقىمىز ھەرگىزمۇ دۇنياپەرەسلىكنى تەرغىپ قىلغانلىقىمىز ئەمەس،بەلكى ئۇلۇغۋار غايە(يەنى ئاللاھ رىزالىقى)ئاساس،ماددىي بايلىق ۋاستە دىگەننى تەرغىپ قىلغانلىق.






بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئېيتقاندەك:<<ھەقىقىي بايلىق روھىي بايلىقتۇر>>.ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقىي قورقۇنۇشلۇق بولغىنىمۇ ماددىي نامراتلىق ئەمەس،بەلكى روھىي نامراتلىقتۇر.روھىي نامراتلارنىڭ ھەرقانچە كۆپ ماددى بايلىقى بولسىمۇ كۆزى تويمايدۇ.قەلبىدە قانائەت بولمايدۇ.ئۇنىڭ چۇقۇنىدىغىنى ماددىي بايلىق بولغاچقا،ئۇنىڭ قەلبىنى پانىي دۇنيانىڭ ۋەسۋەسىلىرى،غەم-تەشۋىشلىرى ھەر تەرەپتىن چىرمىۋالىدۇ.شۇڭا ئۇلار كەسىپ تاللاشتا ۋە ئىستىمال جەھەتتە ھالال -ھارامغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ.شۇڭا،مۇسۇلماننىڭ قوتاندا مال-چارۋىسى،يانچۇقتا پۇلى كۆپ بولسا ياخشى،لېكىن قەلبىنى،روھىي دۇنياسىنى  ئۇ نەرسىلەر ئىگىلىۋالماسلىقى كېرەك.






روھىي بايلىققا ئىگە كىشىلەردە ئىماننىڭ ئاساسىي مېۋىسى بولغانروھىي قانائەت،ھالال تىرىكچىلىككە ئىنتىلىش،ھارام قىلمىش ۋە ھورۇنلۇقتىن نەپرەتلىنىش،پانىي دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى ياكى نامراتلىقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى قىلچە مەنسىتمەيدىغان روھىي كامالەت بولغاچقا،ماددىي بايلىق ۋە نامراتلىق تەشۋىشلىرى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ھىچقاچان ھۆكۈمران بۇلالمايدۇ.






قايناق بازارنى ئارلاپ كېتىۋاتىمەن،مەسچىت ئالدىدا ئاتا-ئانىسىغا ھەمراھ بۇلۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بالا تىلەمچىلەر،بېرلىيات ئويناۋاتقان بەستلىك ياش يىگىتلەر...يەنە بىر يەرلەردە بولسا مۇشۇ بازار كۈنىدىن پايدىلىنىپ سەرەڭگە،شام،ياغلىق،پايپاق سېتىۋاتقان،چىرايىدىن سەمەمىمىلىك،ئۈمۈدۋارلىق،زىرەكلىك چىقىپ تۇرغان ئوقۇغۇچى تىجارەتچىلەر...مانا بۇلار ھەرقايسى يۇرتلىرىمىزدا دىگۈدەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان  رىئال تۇرمۇش كارتىنىلىرىدۇر.ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىقتىساد قارىشى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا تىلەمچىلەر،بېكارچىلار توغرا ئىقتىسادىي


ئاڭدىن چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر بۇلۇپ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ.ئازراق بولسىمۇ ھالال تىجارەت قىلاي دىگەن كىشىلەر بولسا (گەرچە ئۇلارنىڭ شۇ كۈنلۈك ساپ پايدىسى15-20 يۈئەندىن ئاشمىسىمۇ)ئادەمنى سۈيۈندۈرىدۇ.يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى،ئۇلار ئەجىر قىلماي بايلىق چۈشەردۇ.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:<<ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ>>(سۈرە<نەجىم> 53-سۈرە،39-ئايەت).






بۇ-دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىنساننىڭ دۇنيادىكى قىلمىشلىرى ياخشى بولسىمۇ ،يامان  بولسىمۇ پەقەت شۇنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشىدۇ دېگەنلىكتۇر.دۇنيادا ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپ قىلسىڭىز،ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپاتقا ئىرىشىسىز.بۇ دۇنيالىقتىمۇ ھالالدىن كۆپرەك ئەجىر قىلسىڭىز،كۆپرەك ماددىي بايلىققا ئېرىشىسىز.ئەجىر-مېھنەت قىلماي دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشى نەتىجە چۈشەپ ئولتۇرۇش ئاللاھ تائالا بېكىتكەن سەۋەب-تەقدىر قانۇنىيىتىگە تۈپتىن خىلاپ.






ئائىلە باشلىقى بولغان كىشى  يۈكسەك ئىقتىسادىي ئاڭغا،ئائىلە ئەزالىرىنى يىتەكلەش ئىقتىدارىغا،ئەمەلىيەتكە يۈزلىنەلەيدىغان يۈكسەك پائالىيەتچانلىق روھىغا ئىگە بولمىسا،بۇنداق ئائىلىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىستىقبالىدىن قىلچە سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.






شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا ئىقتىسادىي ئاڭ ۋە ئېتىقادتىن چەتنەپ،ھورۇنلۇق ۋە ھارام كەسىپ كوچىسىغا كىرىۋېلىشتەك ھالاكەت يولىدا كېتىۋاتقانلارنى پاك ئېتىقاد ۋە ھالال كەسىپ ئاساسىدا يىتەكلەش ھەربىر يۇرت ۋە ئائىلە باشلىقى،شۇنداقلا ھەرقايسى مەسچىتلەردىكى ئىمام-خاتىپلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.






ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار!يېڭى ئەسىردىكى دەۋىر يۈزلىنىشى بىزنى يەر شارى خارەكتىرلىك ئۇنۋېرسال رىقابەت قاينىمىغا سۆرەپ كىردى.بۇ رىقابەت بىز مۇسۇلمانلاردىنمۇ يۈكسەك ھۇشيارلىق تۇيغۇسى ۋە يۇقۇرى ساپا تەلەپ قىلماقتا.بۇلۇپمۇ بىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتە جىددىي ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلماقتا.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:<<خالايىققا بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى،بۇ چاغدا(كىشىلەرنىڭ ھارامدىن ساقلىنىشى،ئىمان-ئېتىقادىنى مۇھاپىزەت قىلىشى ئۈچۈن)پۇل-مال ئەڭ چوڭ رول ئوينايدۇ.>>(<<مىشكاتۇل مەسابىھ>>ناملىق كىتابنىڭ <<كەسىپ ھەققىدە>>ناملىق بابىدىن) دەپ بىشارەت بەرگەن زامان بەلكى ھازىر كېلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.






بۇ زاماندا كىمكى ھورۇنلۇق ۋە نادانلىقنى تاشلاپ،توغرا ئېتىقاد ۋە ئىلمىي ئىقتىساد قارىشىنى تىكلەپ،كۆز ئالدىدىكى رىئاللىققا ئاڭلىق يۈزلىنەلىسە ھەقىقىي ئىنسانغا خاس مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ،دۇنيادا ئەل قاتارى ياشىيالايدۇ.ئەگەر توغرا ئېتىقادتىن تەۋرىنىپ،ھالال كەسىپكە ئىنتىلمەي،ھورۇنلۇق قىلىپ،رىئاللىق ئالدىدا قۇلاق يۇپۇرۇپ،قورساق تويغانغىلا قانائەت قىلىپ ئولتۇرسا،دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خار -زەبۇن بولىدۇ.






ئى ئاللاھ! بىز ھاياتلا بولىدىكەنمىز بىزنى ئۆزۈڭ ئاتا قىلغان جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتىمىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن،بىزنى ئۆزىمىزنىلا ئويلاشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان بىچارە مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس،بەلكى ئومۇمىيلىقنى كۆزلەيدىغان،نەزەر دائىرىسى كەڭ مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن.بىزنى ھالال نىمىتىڭ ئارقىلىق ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن،بىزنى ئىقتىسادىمىزنى ئېتىقادىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن،پانىي دۇنيانى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ چېكى قىلىپ قويمىغىن،ئامىن!



،مەنبە:<<ھىدايەت گۈلزارى>> 3-قىسىم


تارقاتقۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى



يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

654

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22483
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 05:57:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taxkin يوللىغان ۋاقتى  2011-10-6 16:47
كۈڭۈلدىكى سۆزلەرنى قىلىپسىز!

لىكىن ھازىر يېزىلاردا ئۇنداق خۇتىبە نىمىش قىلسۇن . ۋەتەننىڭ بىرلىكنى ساقلاپ . كومپارتىيەگە جاۋاپ قايتۇرايلى دەپ سوزلەيدۇ

3

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3376
توردىكى ۋاقتى: 802
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 22:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمەدىگەن ئىسىل مەزمۇنلار ھە ،
مۇشۇنداق ئېسىل مەزمۇنلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرسىڭىز بۇلاتتىكەن ،
ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

3

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3376
توردىكى ۋاقتى: 802
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 22:47:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kanway يوللىغان ۋاقتى  2013-5-10 16:32
ناماز مۇنداق ئوقۇلىدۇ
http://sayna.salamurumqi.com/read.php?tid=3057

مۇنۇ ئۇلۇنىشقا كىگىلى بولمايدىكەنغۇ قېرىدىشىم ،
قانداق قىلساق كىرگىلى بولىدۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )