قومۇلنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قومۇل تارىخى بىلەن باغلاپ چۇشەندۇرگەندىلا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى قومۇلغا جەلىپ قىلىغىلى بولىدۇ .ئەمما نۆۋەتتە قاراپ باقىدىغان بولساق قومۇلدىكى ۋەكىللىك خاراكتىردىكى ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ تارىخ بىلەن باغلىنىشى بىزنى ئانچە قانائەتلەندۇرەلمەيدۇ ، گەرچە سەنئەت پۇرىغى بولسىمۇ بىراق تارىخى بەك بەك قىسقا .ئيېتايلۇق قوغۇنچى قىز قومۇلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ئاق شاق دەۋالغىنىمىز بىلەن بۇنىڭ تارىخى ناھايىتى ئوتتۇز قىرىق يىلدىن ئاشمايدۇ ، زەپەر دەرۋازىسى تېخىمۇ بىمەنە ئۇ فىرانسوزلارنىڭ بىرنىمىسى قانداقمۇ قومۇلنىڭ خاسلىقى بولالىسۇن ،مۇقام سارىيى بىلەن يېڭى ئوردا سەل بولىدۇ .ئادەمگە تارىخنى ئەسلىىتدۇ ،.ھېيىتگاھقا كەلسەك قومۇلدىكى ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ئىككى ئۇچ يۇز يىللىق تارىخقا ئىگە ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كىلۋاتقان بىر بۇيۇك قۇرلۇش . ئەمما بىز ھېيىتگاھ جامائەسىنى ساياھەتچىلەرگە ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىلىپ كىلۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇرالمايۋاتىمىز ، ساياھەتچىلەر يەرلىك خەلقنىڭ بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن دىسە بىر يىل ساقلىسا بولىدۇ ، دىمەك سەل سۇنئى بوپ قېلىغلىق ، ناۋادا ساياھەتچىلەرمۇ ساياھىتىنى قىلۋەرسە ، يەرلىك خەلىقمۇ بىر كۇندىكى بەش ۋاقلىق قانۇنلۇق ئىبادەتلىرىنى قىلۋەرگەن بولسا بۇ تەبئى ئىش بولاتتى . ئشىقىلىپ بۇ نىمە قىلۋاتقان ئىشكىن تاڭ يەرلىك خەلىقنىمۇ ھېيتگاھقا كىرىپ نورمال ئىبادەت قىلغىلى قويماي ، ساھەتچىلەرنىمۇ ئەڭ تەبىئى مىللى مەدىنيەتنى يېققىندىن كۆرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ نىمكىن بۇ ئىش ئەمدى . .
ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك قارىتالدا قوچۇغۇن ئاقساقال خاتىرە سارىيى قۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن . قۇچۇغۇن ئاقساقال قومۇلنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ئۇچ مىڭ يىللىق تارىخىقا ئىگە ، يەنە كىلىپ قوغۇننىڭ ئىختىراچىسى يەنى قوغۇننى ياۋا ھالەتتىن ھازىرقى ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن يولباشچى ، قوغۇن دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىمۇ قۇچۇغۇن دىگەن سۆزدىن كەلگەن .دىمەك بۇنداق كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن بۇيۇك يولباشچىلىرمىز ئۇچۇن بىر خاتىرە ساراي سېلىش نىھايەتتە ئىنتايىن زۆرۇرھەمدە ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىشتىكى ئالتۇن ۋاستە .
قۇچۇغۇن ئاقساقال خاتىرە سارىيى قۇرۇلۇپ قۇچۇغۇن ئاقساقالىنىڭ ئۇۇرۇق ساقلاش ئۆيى كۇتۇپخانا ئۆيى ۋە تەبئى قشىلىق قوغۇن ساقلاش ئۆيى دىگەندەك ئۆيلەرنى قۇرۇپ تەبئى ساقلانغان قوغۇن مانداق دەپ ساياھەتچىلەرنى ھەم ئۇرۇق ساقلاش ئۆيى ۋە قوغۇن ساقلاش ئۆىىنى ئىكىسكورىسيە زىيارەت قىلدۇۇش ھەم بۇ ئۇچ مىڭ يىللىق ئاقساقىلىمىزغا نىسبەتەن ھۆرمەت پەيدا قىلىش مانا بۇ قومۇل ساياھەتچىلىكىدىكى بىر قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز دەپ ئويلايمەن .
ئىشقىلىپ قارىتالدا قۇچۇغۇن ئاقساقال خاتىرە سارىيى سېلىپ بۇ خاتىرە ساراينى ئۇچ مىڭ يىل ئىلگىرى ئۆتكەن قۇچۇغۇن ئاقساقالغا بېغىشلىساق قومۇللۇقلار پەخىرلەنگۇدەك سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىدەك ئىش بولغان بولاتتى . |