- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3219
- نادىر
- 0
- يازما
- 135
ئۆسۈش
40.63%
|
[blockquote]مۇھەببەت بەدەل تۆلەشتۇر، مۇھەببەتكە جاۋاپ قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مۇھەببەت سەمىمى ، راستچىل ، ئەپۇچان ، سەۋىرچان دىگەنلىكتىن ئىبارەت.مۇھەببەت قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغان مەڭگۈلۈكتۇر. مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسى شۇكى ، ئۇ بىر مەنزىل، ئۇ ھەممىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئۇ ئەڭ قەدىرلىكتۇر.
مۇھەببەت بىر خىل مەسئۇلىيەت، مۇھەببەتكە ئېرىشكەندە ، ئاندىن ئۇنىڭغا سەمىمى بولغىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مۇھەببەت توغرىسىدىكى ھىكايە، بىزگە بىر ئىلھام بەرگۈسى!
بىر كۆزى قارغۇ بولۇپ قالغان بىر ئەر، ئەما خوتۇنىنى يۆلىگىنىچە يول بويىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇلغا تاماق يىگىلى كىردى. ئۇ مۇلازىمەتچى خادىمغا يوقىرى ئاۋاز بىلەن ئىككى چىنە گۆش سېلىنغان سۇيقاشتىن بۇيرۇتتى. ئۇ پۇل تۆلەيدىغان ۋاقىتتا ، مۇلازىمەتچى خادىمغا تۆۋەن ئاۋاز بىلەن چوڭ چىنىلىك گۆش سېلىنغان سۇيقاشتىن بىر ۋە كىچىك چىنلىك گۆش سېلىنمىغان سۇيقاشتىن بىر دىدى. تاماق ئەكەلگەن چاغدا، ئەر كىشى گۆش سېلىنغان چوڭ چىنە سۇيقاشنى خوتۇنىنىڭ ئالدىغا قويۇپ ، ئۆزىنىڭ ئالدىغا يەنە بىر كىچىك چىنىدىكى ئاشنى قويدى ھەم خوتۇنىغا : " ئىككىمىزنىڭ ئوخشاشلا چوڭ چىنلىك گۆش سېلىنغان سۇيۇقئاش"دېدى. ئۇلارنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرغان بىر كىچىك قىزچاق بۇ ئەر كىشىنىڭ كۆڭۈل قويماي ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى كۆرسۈتۈپ بەردى. ئەر ئەنسىزلىك ئىچىدە جىممىدە ئولتۇردى ھەم خوتۇنىغا چۈشەندۈرۈشمۇ بەرمەي، بېشىنى تۆۋەن قىلغىنچە غىزالاندى. بىراق خوتۇنى ھەممىنى چۈشەنگەن ئىدى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى توختىماي تۆكۈلەتتى.
كىممۇ بۇ خىل مۇھەببەتتىن تەسىرلەنمەيدۇ ھەم ھاياجانلانمايدۇ؟ بەزى مۇھەببەت قاينىم -تاشقىنلىق بولغاندىلا ئاندىن ئاشىقلار ئوتتۇرسىدىكى قىزغىن ھېسياتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ، بىراق بەزى مۇھەببەت كىچىك ئېقىن توختاپ قالغاندەك ، خۇددى باھار پەسلىدىكى سىم - سىم يامغۇردەك كىشى قەلبىگە سىڭىپ كىرىدۇ. بىر ئۆمۈر بىر - بىرىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆتۈش كېرەكمۇ ؟ ياكى بىر بىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئالدىراش يولۇچىدىن بولۇش كېرەكمۇ ؟مۇھەببەت سىزنىڭ يۈرەك قېتىڭىزدا ، ئۇنى چىن دىلىڭىز بىلەن ئىپادىلىشىڭىز كېرەك.
مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسى بىر - بىرىگە ئۆمۈرلۈك ساداقەتمەن بولۇش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، قېيىن كۈنلەردە بىللە بولۇش شۇنداقلا بىر بىرىگە يار - يۆلەكتە بولۇشتىن ئىبارەت!
مەنبە: پەن ۋە تۇرمۇش[/blockquote] |
|