قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1249|ئىنكاس: 26

ئۆتكەن يىلىم ۋە بۇ يىلىم (ئارتۇچ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

9

دوست

2859

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 916
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-10 22:17:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(2015-يىللىق خۇلاسە ۋە 2016-يىللىق پىلان)
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار بۇ ماقالىنى ئۆزمنى ماختاش ياكى قىلغان ئىشلىرىمنى كۆككەكۆتۈرۈش مەخسىتىدە يازغىنىم يوق،2015-يىل مىنىڭلا ئەمەس بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇخىسلەتلىك بىر يىل بولدى. مىنىڭ بۇ خۇلاسەمدە خەلقىمنىڭ دۇئاسى ۋە تىلەكلىرى بار ،بىز ئىزچىلار ئاۋازى رادىئوسىدا شىنجاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلارنىڭ يىڭى يىللىق پىلانلىرىنى ئاڭلاتقاندىنكىيىن قىرىنداشلىرىم « سىزنىڭ نىمە پىلانىڭىز بار»دەپسورىدى ،شۇڭا ھەممىنى يۇغۇرۇپ خۇلاسە ۋە پىلانىمنى سىلەرگە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم،ئەمدى بىز ئۇيغۇرلار پىلانلىق ۋاقىت رايۇنىغا كىرىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.ئەمدى بىز ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر يىلى، ھەر بىر كۈنىدىن خۇلاسە چىقىرىپ ياشىمىساق بولمايدۇ!.مەن بارلىق قىرىنىداشلىرىمىنىڭ يىڭى يىلدا يىڭچە پىلان بىلەن ئىش كۆرۈشىنى ئارمان قىلمەن. مىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى خۇلاسەم مۇنداق :

2015-يىل ھاياتىمدىكى15چوڭ ئىش

1. 2014-يىل 12-ئايدا باغداش تورىدا ئۇيغۇرلاركىتاب ئوقۇش يىلى تەشەببۇسۇم ئىلان قىلىنپ يىل ئاخىردا بۇ ئارزۇ «شىرىن چۈش» پىروگراممىسىداسۈرەتكە ئىلىندى. 3-ئايدا جاھاننامە ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلغا جاكارلىنىپ كىتاب ھەققىدىكى تالاي ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە شاھىد بولدۇم. شىرىن چۈش پىروگىراممىسى پېقىرنى«ئەڭ گۈزەل شىرىن چۈش ئارزۇ ئىگىسى» دەپ مۇۋەپپەقىيەت مەبلىغى بىلەن تەمنلىدى.
2. 4-ئايدا مەلۇم بىرساخاۋەتچى شىركىتىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى 10 نەپەر ئەلاچى ئوقۇغۇچىنى ئالى مەكتەپتەھەقسىز ئوقۇتۇش پىلانىغا ئاساسەن شەرتكە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەپ تىپىپ ماتىريالىنى تەق قىلىدىم،8-ئايىنىڭ13-كۈنى ئالى مەكتەپكە يىڭدىن قوبۇلقىلىنغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا25000يۈەندىن پۇل ئۇرۇپ بىرلدى.ئۇلار ئۈچۈن بەكلاھاياجانلاندىم.
3.كىتاب يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ قەشقەر يۇپۇرغا، پەيزىۋات،پوسكام، يىڭسار،ئاقتۇ، قۇمۇل، قارىماي ، مەركىزى مىللەتلەر ئۈنىۋىرسىتى قاتارلىق جايلاردا «كىتاب مەشرىپى» ئۆتكۈزلدى.
4. شىنجاڭ تىلىۋىزىيەئىستانسى بىلەن بىرلىشىپ مەكتىپىمىزدە ئىككى سان ئۆسمۈلەر مەشرىپى ئۆتكۈزدۇق(بىرسان كىتاب مەشرىپى)بۇ مەكتپىمىز تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتىرلىق بىر ئىش بولدى.9-ئايدا بۇ مەكتەپ ئۆزىنىڭ تارىخى بۇرچىنى تاماملىدى.بىز باشقا مەكتەپكەكۆچۈپ كەتتۇق.
5. 6-ئايىنىڭ8-كۈنى ئالىپئەر تۈرك كىيىمچلىكى كۆرگەزمە پائالىيتى ئۆتكۈزۈپ بىر قانچىمىزگە تون كەيدۈردى ۋەكەلگەن مىھمانلارغا «ئىز»قاتارلىق كىتابلارنى سوۋغا قىلدى. ھەمدە يىتىم بالىلاركىتاب فوندىمىزغا 5000 يۈەن ئىئانە قىلدى.ئۈرۈمچى خۇشاللىق باغاچىلىقى كىتاب فوندىمىزغا2 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.بۇ قىرىنىداشلىرىمىغا رەھمىتىم چوڭقۇر.
6. 7-ئايدا 2012-يىلىقۇلۇمغا ئالغان ئوقۇغۇچىللىرىم مۇۋەپپىقىيەتلىك ئوقۇش تاماملىدى.بىر نەپەرئوقۇغۇچۇم ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرغا ئۆتتى.قالغان ئوقۇغۇچللىرىم تولۇق ئوتتۇرغاباردى.ئاكا-ئۇكىدەك بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىللىرىمىدىن ئايرىلىشقا چىدىماي قالدىم...
7. 8-ئايدا ئىزباسارىم،ئۆمىد شامىم ئوغلۇم بۇ گۈزەل دۇنياغا كۆز ئاچتى. ھەقتائالانىڭ ماڭا ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغىنىدىن ھەممە مەۋجۇداتقا ھەمدۇ سانا ئوقۇدۇم،ئوغلۇمغا «يارقىن»دەپ ئىسىم قويدۇم.
8.شىنجاڭ خەلق رادىئوئىستانسى قاتناش سەنئەت رادىئوسى ئۆتكۈزگەن «ئائىلە ۋە مەسئۇلىيەت»تىمىسىدىكى ماقالە مۇسابىقىسدە ماقالەم2- دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى.بىر يىل ئىچىدە جەمئىي ئالتە قېتىم رادىيو ئىستانسىسدا سۆھبەتتە بولدۇم.
9.غۇلجا ،قارماي،ئۈرۈمچى،قەشقەر ،ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا ۋە ئۈندىدار توپلىرىدا كىتاب ئوقۇش ھەققىدە ھەقىسىز لىكسىيە سۆزلەپ بەردىم.بۇ جەريانلار مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتقالدۇردى.
10. 11-ئاينىڭ 26-كۈنى كەمىنە ئۈچۈن بەكمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى.ئىسلام ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللام قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 6-قېتىملىق سۆي كىتاب سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلىپ كەمىنەگەتون كەيدۈردى ۋە كىتاب ھەققىدە شىئىر ئوقۇپ بەردى.سۆي كىتاب سۆھبىتى ھەرئاينىڭ3-شەنبە كۈنى ئەزىزانە قەشقەردە بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىۋاتىدۇ.
11. بىر قانچە جايداخەيرى -ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتناشتىم .كىتاب ئارقىلىق ساخاۋەت قىلىش ھاياتىم مەنىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.كىتاب ئارقىلىق خەيرى-ئىھسان قىلىشىنى داۋام قىلىۋاتقان كىتاب فوندىمىزغا بىر يىل ئىچىدە جاي- جايلاردىن كىتاب ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇردى ۋەتۇرىۋاتىدۇ،(2015-يىلدا 10000پارچە كىتاب تاپشۇرىۋالدۇق ۋە بىر تەرەپقىلدۇق،ئادىلجان ،ئابدۇغەنى،گۈزەلنۇر خانىم قاتارلىق قىرىنىداشلىرىمىز نەخ پۇل ۋەكىتاب يەتكۈزۈپ بەردى،ئالاھىدە رەھمىتىم بار)بىز ئۇنى دەل ۋاقىتىدا ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ قولغا يەتكۈزۈپ بىرىۋاتىمىز.
12.ئىزچىلار ئاۋازى رادىئوسى ئارقىلىق «كىتاب ھەققىدە پاراڭ»،«خەيرلىك سەھەر»،«بۇ يەرنىڭ سەھىرى جۇشقۇن»،«تەپەككۇرىمىز تەۋرەنسۇن»، «تاراتقۇلاردىن تەرمىلەر»قاتارلىق پىروگىراممىلارنى ئىشلەپ ياخشى ئىجدىمائى ئۈنۈم يارتىلدى.تورداشلارنىڭ ئالقىشىغاسازاۋەر بولدۇق.
13.بىر يىلدا ئۈچ قىتىم بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم.بىر يىلدا تۆت قېتىم ئۈرۈمچىگە چىقىش پۇرسىتىگەنائىل بولۇپ ئىدىيەم زەرەتلەندى.بۇ جەرياندا باللىرىم،ئوقۇغۇچىللىرىم بىلەن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇش پۇرسىتى بولۇپ ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمان بولدۇم.
14.كىتاب يىلىنىڭ ئىجدىمايى تەسىرى كۆرنەرلىك بولدى.نۇرغۇن كىتابخانا ،كۈتۈپخانا قۇرلدى.كىتابلىق چايخانا، ئاشخانىلار ئىچىلدى. ھىيت-بايرام، توي-تۆكۈن، خاتىرە كۈنلەردە يىقىنلار ئۆز-ئاراكىتاب سوۋغا قىلىشتى،نۇرغۇن كىشلەر بىلەن تۇنۇشتۇم،تۇنۇشۇش سوۋغا كىتاب بولدى. ئارتۇچ كۇتۇپخانىسى، ئارتۇچ تورى ،ئارتۇچ يانبىلوگى قۇرلدى(ئەلۋەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇ)كىتاب ھەققىدە بىر قانچە ناخشا ئىجاد قىلندى.كىتاب ئوقۇشىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئىتوتلار ئوينالدى.ئۈندىداردا مەخسۇس كىتاب ئوقۇپ بىرىدىغان توپلارقۇرۇلۇپ ياخشى پىكىرلەر بولدى،تىرەن لىكسىيەلەر سۆزلەندى.
15. 2015-يىلدا شىنجاڭدازور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى،خەلقىمنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىش،مۇۋەپپەقىيەتكە يۈرۈشقىلىش،ئىدىيە زەرەتلەش ئىشلىرىدا يۈكسىلىش بولۇپ مىنى بەكمۇ خۇشال قىلدى.خۇراپاتلىق،نادانلىققاجەڭ ئىلان قىلىندى.بۇ بىز ئالدىراپ ئۇنتۇپ قالمايدىغان بىر يىل بولدى.

2016-يىلدىكى 16 تۈرلۈك پىلانىم

ئىگەم خالىسا :
1.            سالامەتلىكىمنى ئاسىراش
2.            ئاتا-ئانامغاكۆپرەك غەمخانە بولۇش،ئائىلەمگە كۆيۈنۈش، ئۇرۇق-تۇقانلىرىم بىلەن كۆپرەك ئىزدىشىش
3.            كىتاب ھەققىدە بىر MTV  ئىشلەيمەن ،ھەپتىدە بىر پارچە كىتاب ئوقۇيمەن ۋەسىتىۋالمەن.
4.             ماشىنا پىراۋىسى ئىلىش،ماشىناسېتىۋىلىش
5.            شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىدا بىر پارچە،شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدا بىر پارچە، پەن ۋە تۇرمۇش ژورنىلىدا 2 پارچە شىنجاڭ گىزىتىدە بىر قانچە پارچە ماقالە ئىلان قىلىمەن.
6.            كىتابنى باش تىما قىلغان ھالدا ئەقىلىي ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشمەن. %70 ئەقىلىي ساخاۋەت %30ماددىي ساخاۋەت ئىشلىرىنى تەشكىللەيمەن.
7.            خوتەن،مارالبىشى،ئاقسۇقاتارلىق جايلاردىكى كىتاب پائالىيتىگە قاتنىشمەن،سەنياغا ساياھەتكە چىقىمەن.
8.            ئىجدىمائىي مۇناسىۋەت دائىرەمنى تىخىمۇ كىڭەيتىمەن، نۇرغۇن ئوتلۇق قەلىبلەرنى دوست تۇتىمەن.
9.            جاي-جايلارداكىتاب ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەيمەن،ئەڭ مۇھىمى خەلقىمىز ئارسىدا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ۋە ھەركەتلەردەبولىمەن.
10.ئۈرۈمچىگە كەم دىگەندە ئىككى قىتىم چىقىپ ئىدىيەمنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن.تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ھەقىقىي ئىزچىسى بولۇش ئۈچۈن خەلقىمىگە ئىلىم مەرىپەت تارقىتىش دائىرىسى ۋە سالمىقىنى ئاشۇرىمەن.ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك يىگىت بولۇشقا تىرىشىپ قىرىنداشلىرىمىنىڭ ئىدىيسىنى زەرەتلەيمەن!
11.«سىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز»،«ئۇيغۇر تارىخى شەخسلىرى»قاتارلىق بىر قانچە يىڭى رادىئو پىروگىرامملارنى لاھىيەلەپ ئاڭلىتىمەن. بىريىلدا100 ساندىن ئارتۇق پىروگىرامما ئىشلەيمەن.
12.مەكتىپىمنى ئاساس قىلغان ھالدا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى،دۆلىتىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئىيى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تۈرلۈك تەسىرچانلىققا ئىگە پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيمەن.بىر كۈننى شىنجاڭنىڭ كىتاب ئوقۇشكۈنى قىلىش ئىلتىماسىمنى تەستىقلىتىمەن.
13.ئالىمىمىز ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمنىڭ قەبىرىسىنى يوقلايمەن.يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ھەققىدە مەخسۇس بىر سان پىروگىرامما ئىشلەيمەن.
14.يىتىم بالىلار كىتاب فوندىنىڭ پائالىيەتلىرنى تىخىمۇ كۆپ قانات يايدۇرىمەن.كىتاب يەتكۈزۈش دائىرىسسىنى پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەندۈرىمەن.كىتابخۇمارياش-ئۆسمۈلەرنى كۆپلەپ ئىزلەپ نادىر كىتابلانى ئوقۇشىغا ياردەم بىرىمەن.
15. 2016-يىلدا ھاياتىمغا ئۆزگىچە تەسىر كۆرسەتكەن 16 كىشىنى باھالاپ چىقىپ ئۇلارغا ئالاھىدە مىننەتتارلىقىمنى بىلىدۈرىمەن.
16.يەنە مەن پىلانلىمىغان ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر،ئەھمىيەتلىكئىشلار ئۇچىراپ قالسا ئەھۋالغا قاراپ ئىشتىراك قىلىمەن. پائالىيەتلىرىمگە ھەمكاربولدىغان ،قوللايدىغان قىرىنىداشلىرىم ھەر ۋاقىت مىنىڭ قەلىب تۆرىمدە ...
ھاياتلىق دۇلدۇلۇم ئاللىقاچان جەڭگە كىردى،ئورتاق تىرشايلى قىرىنداشلىرىم ، 2016-يىل ھاياتىمىزدىكى ئابىدەخاراكتىرلىك يىل بولۇپ قالغۇسى !
ئارتۇچ
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى

uyghuray

Uyghur.Biz

0

تېما

1

دوست

328

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12360
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 103
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 00:39:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئىگمىز نىيەت مەقسەتلىرىڭىزگە يەتكۈزگەي
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

85

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10123
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 09:54:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھ نىيەتلىرىڭىزگە يەتكۈزسۇن قىرىندىشىم. بىزمۇ يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى گۇما ناھىيىمىزدە  پاسئان كىتابخانىسىنى ئاچتۇق. مۇۋاپىق بىر پەيتتە بۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالسىڭىز ئوقۇرمەنلەرگە كىتاب توغرىسىدالىكسىيە سۆزلەپ بېرەسىز.

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.09%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 5562
توردىكى ۋاقتى: 2216
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 12:06:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلىق كۆپەيسە يامانلىق ئازلايدۇ. سەپىرىڭىزگە ئاق يول تىلەيمەن..!

1

تېما

2

دوست

922

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50142
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 13:17:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قىرىنداشلا، 2015يىلى ((كىتاپ ئوقۇش يىلى))قىلىپ بىكىتىلىپ جەمىئيتىمىزدە نۇرغۇن ياخشى ئۆزگۈرۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى .مەنمۇ مۇشۇ بىريىلنى نۇرغۇن ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇش ئارقىلق ئەھمىيەتلىك مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم دەپ قارايمەن .بولسا ((كىتاپ ئوقۇش يىلىنىڭ ))مۇشۇ بىريىل بىلەنلا توختاپ قالماي مەڭگۇ داۋاملىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

0

تېما

0

دوست

2017

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35824
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 612
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 13:26:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلار داۋاملاشقاي!............
قەدەملىرىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەت،نىيەتلىرىڭىزگە تېخىمۇ خالىسلىق يار بولغاي.2016-يىلىڭىزمۇ زور نەتىنجىلەر بىلەن تۈگەللەنگەي!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )