قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 666|ئىنكاس: 10

ئانا سۈتى ۋە بوۋاق ساغلاملىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

5

دوست

930

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51269
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 11:07:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا سۈتى ۋە بوۋاق ساغلاملىقى

مەمەت ئىمىن

(ئەسكەرتىش: مىنىڭ يازمىلىرىم ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىدا يىزىلىپ يۇمشاق  دىدال"يۇلغۇن"  http://www.yulghun.com/  ئارقىلق كونا يىزىققا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئۆزگەرتىلىش جەريانىدا بەزى ئىملا خاتالىقلىرى يۈز بەرگەن بولۇشى،  بولۇپمۇ "ئو، ئۇ، ئۈ، ئۆ" ھەرىپلىرى ئۆز ئارا پەرىقلەندۈرۈلمەي يىزىلىپ قالغان بولۇش مۈمكىن، شۇڭا تۈزۈتۈپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.)
Apa sutige paydiliq yimeklikler.jpg

ئانا سۈتى بوۋاقىنىڭ ساغلام ئوسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن بەك موھىم، بوۋاققا نىسبەتەن ھىچقانداق نەرسە ئاپا سۈتىنىڭ ئورنىنى ئالالـمايدۇ. بۇ ئىنسانلار دۇنياغا كەلگەندىن بىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ھەقەقەت بولسىمۇ، بىراق يىقىنقى يىريم ئەسىردىن بۇيان جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، سۈت پارشۇگى بىلەن بوۋاق ئىمىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كەلگەن ئىدى، يىقىنقى يىللاردىن بىرى ئىلان قىلىنىۋاتقان ئىلمى تەتقىقاتلار نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئانا سۈتى بىلەن بوۋاق ئىمىتىشنىڭ بەك مۇھىملىقى قايتىدىن جەزمەنلەشتۈرۈلمەكتە. ئانا سۈتى بالىنىڭ ساغلام ئوسۈپ يىتىشى ئۈچۈن بەك موھىم، بالىغا نىسبەتەن ھىچقانداق نەرسە ئاپا سۈتىنىڭ ئورنىنى ئالالـمايدۇ،  شۇڭا  مەن ھەر بىر ئانىنى  ئۆز بوۋىقنى ئامال بار  ئاپا سۈتى بىلەن ئىمىتىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. بوۋاقنى ئامال بولسا  6 ئايدىن 1 يىل ئارىسىدا، ھىچ بولمىغاندا  دەسلەپكى 3  ئاي ئانا سۈتى بىلەن ئمىتىش بەكلا مۇھىم.

بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن ئمىتىشنىڭ  ئەھمىيەتلىرى
1. ئانا سۈتىدە نۇرغىنلىغان كىسەلگە قارشى ئىلىمىنىتلار بار بولۇپ، ئۇلار بوۋاقنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرىشىدا ۋە بوۋاقنىڭ  كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يىتىلدۈرۈشتە بەكلا مۇھىم.
2. ئانا سۈتى بوۋاققا نىسبەتەن ئەڭ غايىلىك ئوزۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا بوۋاق ئىھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق بار.
3. ئانا سۈتى باشقا سۈت ۋە بوۋاق يىمەكلىكلىرىگە نىسبەتەن ئاسان ھەزىم بولىدۇ، بوۋاقتا ئالاھىد نورمالسىزلى پەيدا قىلمايدۇ.
4.  ئانا سۈتى بىلەن بىقىلغان بوۋاقلار ئەقىل پاراسەتلىك چوڭ بولىدۇ.
5. ئانا سۈتى بىلەن بىقىلغان بوۋاقلارنىڭ ئانا-بالىلىق ھىسياتى كۈچلۈك بولىدۇ.
6. بوۋاق ئانا سۈتى بىلەن بىقىلغاندا ئاپىنىڭ ئەمچەك راكى ۋە  تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى توۋەن بولىدۇ.

ئاناسۈتىنىڭ مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
ئانىنىڭ ئۆزۇقلۇقى: ئانا سۈتى  ئاپىنىڭ ئۆزۇقلۇقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بوۋىقىنى ئىمىتىۋاتقان ئانىلار ئوزۇقلۇقىنى مۇناسىۋەتلىك ھالدا ياخشىلىشى، بولۇپمۇ ئۇسۇزلۇقنى (سۈنى) يىتەرلىك دەرىجىدە تولۇقلاپ تۇرىشى كىرەك. ھەر خىل ۋىتامىن، كالتسى، تومۇر قاتارلىقلار مول بولغان يىمەكلىكلەرنى يىتەرلىك ئىستىمال قىلىش كىرەك.
ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەن-ئەنىسىدە سۈتنى كۆپەتىش ئۈچۈن ئىستىمال قىلىدىغان يىمەك ئىچمەكلەر: تۇخۇم، سۈت، كالا-پاقالچاق شورپىسى، سۆڭەك شورپىسى قاتارلىقلاردۇر.

غەرىپلىكلەرنىڭ ئەن-ئەنىسىدە سۈتنى كۆپەتىش ئۈچۈن ئىستىمال قىلىدىغان يىمەك ئىچمەكلەر: سۇلۇ ئومۇچى، سامساق، سەۋزە، بىدىيان، ھەرخىل مىغىز،  چاقما كاۋا، كۇنجۇت ئۇرۇقى، زەنجىۋىل  قاتارلىقلاردۇر.

بوۋاقنىڭ ئىمىشى:  بوۋاقنىڭ ئىمىشىى ئانا سۈتىنىڭ ئاز  كۆپلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. ئاناسۈتنىڭ ئاز كۆپ بولۇشى يالغۇز  ئاپىنىڭ ئوزۇقلۇنۇشغىلا  باغلىق بولۇپ قالـماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى سۈت ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن يىتەرلىك غىدىقلاش بولۇش كىرەك. يىتەرلىك سۈت ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان غىدىقلاش بالىنىڭ يىتەرلىك ۋاقىت ئۈنۈملۈك ئىمىشى ۋە سۈت بەزلىرى ئىچىدىكى سۈتنى ۋاختى ۋاختىدا قۇرۇقداپ تۇرۇشىدۇر. ئەگەر بالا ياخشى ئەممىسە ياكى ئازراق ئىمىپ ھورۇنلۇق قىلىپ ئۇخلىۋالسا ۋە ياكى بالىنىڭ ئىمىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن ياخشى ئمەلـمىسە، سۈت بەزلىرى ئىچىدىكى سۈت ۋاىتى ۋاختىدا بوشۇتۇلمايدۇ، نەتىجىدە يىڭى سۈت ئىشلەپ چىقىرىش توسقۇنلۇققا ئۇچۇرايدۇ، ئەگەر بۇخىل ئەھۋال داۋاملىشۋەرسە ئۇزۇنغا بارماي سۈت توختاپ قىلىىشى مۈمكىن.

بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىنىڭ ئىمىشىنى مەششىق قىلدۇرۇش، ۋاختى ۋاختىدا يىتەرلىك ئەمدۈرۈپ، ئەمچەك ئىچىدىكى سۈتنى ۋاختى ۋاختىدا قۇرۇقداپ، سۈت ئاجىرتىپ چىقىرىشقا يىتەرلىك شەرىتشارايىت بەرپا  قىلىپ بىرىش كىرەك. ئۇنىڭلىق ئۈچۈن ئالدى بىلەن بوۋاقنى تولۇق ئىمىشكە مەجبۇرى قىلىش، ئازراق ئىمىپ، ھۇرۇنلۇق قىلىۋالسا ۋەياكى ئۇخلىۋالسا، ئۇخلىغىلى قويماي، مەجبۇرى ئىمىتىش. ھەر قىتىملىق ئىمىتىش ۋاختىنى مۇھاپىق ئۇزارتىپ، ئككى قىتىم ئىمىتىش ئارىسىدىكى ۋاقىتنى تەدىرىجى ئۇزارتىش كىرەك. ئادەتتە بىر ئايلىق بولغان بالىنى ئىككى ئۈچ ساەتتە بىر قىتىم، ھەر قىتىمدا 5 منۇتتىن 30 مىنۇت ئىمىتسىسە بولىدۇ. بوۋاقنىڭ يىشىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ ئىمىتىش ۋاختىنى ئۇزارتىپ، تۆت بەش ساەتتە بىر قىتىم قوسىقىنى تويغۇزۇپ ئىمىتىلسە ئەڭ مۇھاپىق بولغان بولىدۇ.

ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بالىنىڭ ئىمىشىدە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولـمىسا، سۈتنى شوراپ چىقارغۇچى  ئەسۋاپ سىتىۋىلىپ، بالىنى يىتەرلىك ۋاقىت ئىمىتكەندىن كىيىن دەرھال شۇ سۈتنى شوراپ چىقارغۇچى ئەسۋاپ  ئارقىلىق سۈتنى تارتىپ چىقىرىپ، ئەمچەكنىڭ سۈت بەزلىرىنى ۋاختى ۋاختىدا قۇرۇقداپ تۇرۇش كىرەك. ئەگەر خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بالىنى ۋاىتىدە ئىمىتەلمىگەندىمۇ، ئەمچەكنىڭ بەك چىڭقىلىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن شۇ سۈتنى شوراپ چىقارغۇچى ئەسۋاپ  ئارقىلىق سۈتنى تارتىپ چىقىرىپ، ئەمچەك بەزلىرىنى بوشۇتۇپ تۇرۇش كىرەك.

uyghuray

4

تېما

6

دوست

5492

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1694
توردىكى ۋاقتى: 622
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 15:19:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،ھازىر بىز خەقتە چوڭدىن تارتىپ كىچىكلىرىگىچە ئىلمى ئوزۇقلىنىش قارشى كەمچىل بولۇپ قوساق تومپايغان بىلەن ئوزۇغلۇق يىتىشمەسلىك مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىرمىش..شۇڭا،ئەخلاقى ۋە ئەقلى جەھەتتىن تەربىيەلىنىش بىلەن بىرگە جىسمانى-ساغلاملىق جەھەتتىنمۇ تەربىيەلىنىش تولىمۇ موھىم.

1

تېما

10

دوست

2484

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49995
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 716
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 20:54:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە. كەلگۈسىگە پايدىلىق تىما يوللاپسىز.

2

تېما

2

دوست

5100

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38188
يازما سانى: 635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1472
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-12 00:05:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
uyghuray

0

تېما

0

دوست

803

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33793
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-12 00:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئانىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيسىگە مۇناسىۋەتلىك تىمىكەن، مىنىڭ بالام 36كۈنلۈك بولدى، سۈت چىقمىدى دەپ سۈت پاراشۇكى بىرىش باشلاندى. گەپ قىلسا، ئەي....!

0

تېما

0

دوست

803

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33793
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-12 00:55:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئانىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيسىگە مۇناسىۋەتلىك تىمىكەن، مىنىڭ بالام 36كۈنلۈك بولدى، سۈت چىقمىدى دەپ سۈت پاراشۇكى بىرىش باشلاندى. گەپ قىلسا، ئەي....!

2

تېما

5

دوست

1248

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44545
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 376
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-12 11:25:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   payqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-12 11:35  
turghun1981 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-12 00:55
بۇ ئانىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيسىگە مۇناسىۋەتلىك تىمىكەن، مىن ...

مۇشۇنداق ئانىلارمۇ كۆپ بۇلىشى مۇمكىن   .

0

تېما

41

دوست

737

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   47.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35237
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-12 12:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 2 يېرىم ياشقىچە ئىمپتىكەنمەن ئاپامنى، ھازىرقى ئاياللا  تېخى بالىسى ئاياقتىن تۇغۇلۇپ بولغۇچە ماياقتىن پاراشوك بېرىشنى باشلايدىكەن، بىچارە ئاپام قانداقمۇ ئىمىتكەن بولغۇيتتى قېرىپ قالغان بوۋاقنى.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )