"بىلگەجاندىن بىلىۋالايلى" غا جاۋاب
تۆۋەندىكى سوئاللار ئىزدىنىش تورىدىكى پەيكار ناملىق تورداشنىڭ مەندىن سورىغان سوئاللىرى بولۇپ، بۇ سوئاللار قىزىقارلىق ھەم كىشىلەر بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم سوئاللار بولغانلىقى ئۈچۈن جاۋابىمنى بۇ يەرگىمۇ يوللاپ قويدۇم.
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم بىلگەجان مەن ئۇزۇندىن بېرى ئويلونۇپ كىلۋاتقان بىر نەچچە مەسلە بار ئىدى.مۇمكىن بولسا بىلمدان ژورنىلىدىكى يازمىلىرىڭىزدەك بۇ مەسىلىلەرنى ئىلمىي تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز بولاتتى!
بىرىنچى سوئالىم: بىزدە ئېغىر ئاياق ئاياللار تۆگە سۈتى ئىچىشتىن پەرھىز تۇتىدۇ ، سەۋەبى ھامىلدارلىق مەزگىلىنى ئۇزارتىۋىتدۇ دەپ قارايدۇ. راستىنلا شۇنداقمۇ )مەن ئۇزۇن يىللىق ئاياللار كېسەلىكى دوختۇرىدىن سورىسام ئۆزى يوللۇققان ئەمەلىي مېساللارنى كەلتۈرۈپ راستىنلا شۇنداق بولىدۇ دەپ جاۋاب بەردى( ئەگەر شۇنداق بولسا زادى قايسى خىل بىئو-خىمىيلىك ئامىل بۇنداق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
جاۋاب: بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ قانداق كونتىرول قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي. ھامىلدارلىق مەزگىلى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ۋە شۇ سىنىپقا تەۋە بولغان ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھايۋانلاردا بىر ئېنىق ۋاقىت مۆھلىتىگە ئىگە بولۇپ، ئادەتتە ھامىلدارلىقنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى جانلىقنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، جانلىقنىڭ پىشىپ يېتىلگەن نارسىدە تۇغۇشى (مەسىلەن، ئىنسان، مايمۇن، قوي، كالا دېگەندەك) ياكى پىشىپ يېتىلمىگەن نارسىدە تۇغىدىغان جانلىق بولۇشى (مەسىلەن چاشقان دېگەندەك) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەلۇم بىر تۈرگە نىسبەتەن ھامىلدارلىقنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئادەتتە ئوخشاش بولۇپ، ئىندىۋىدۇئاللار (يەككە جانلىق) ئارىسىدىكى پەرقلەر ئادەتتە ناھايىتى كىچىك بولىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، ئىنسانلارغا نىسبەتەن ھامىلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ كۆپرەك ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ خىل سەۋەبلىرى بار. ئەمما ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى، ھەتتا ئەسلىدىكى 9 ئاي ياكى 38 ھەپتىلىك (ۋە ياكى ھازىرقى دوختۇرخانىلارنىڭ ھېسابى بويىچە 40 ھەپتىلىك چۈنكى دوختۇرلار تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقىتنى ھېسابلايدىغان بولۇپ، ئەسلىدىكى قورساقتا قالغان كۈندىن تەخمىنەن 2 ھەپتە ئارتۇق بولىدۇ) تۇغۇت مۆھلىتىدىن ئېشىپ، 12 ئايغا سۈرۈلۈپ كېتىدىغان ئىش ھەر قانداق ئىلمىي تەتقىقاتلاردا خاتىرىلىنىپ باقمىغان ئەھۋالدۇر. بەزىدە ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشى 2 ھەپتە ئەتراپىدا كېچىكىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇنى نورمال ئەھۋاللار قاتارىدىن ساناشقا بولىدۇ، ئەمما بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سوزۇلۇپ كەتتى دېيىلسە، بەلكىم ھامىلدارلىقنىڭ باشلىنىش ۋاقتى توغرا ھېسابلانمىغانلىقتىن كىلىپ چىققان سەۋەنلىك بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
ھامىلىنىڭ قاچان تۇغۇلۇشى ئەمەلىيەتتە ھامىلە مېڭىسى تەرىپىدىن قوزغىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ قانداق فىزىئولوگىيىلىك جەريانلارنى بېشىپ ئۆتۈپ ھامىلىنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى يازغان ئىدىم. قىسقىچە، ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھامىلە مېڭىسى فۇنكىسىيەگە ئىگە بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ھامىلىنىڭ ئېنىرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى جىددىي ئېشىپ بارىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ھامىلە مېڭىسى ھامىلىگە يېتىپ كەلگەن گلۇكوزىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ياكى ئېھتىياج ئېشىپ كەتكەنلىكتىن قاندىكى گلۇكوزا مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى سەزگەندىن كېيىن، فىزىئولوگىيىلىك بېسىم پەيدا قىلىدىغان مېڭە رايونلىرىنى قوزغىتىشقا باشلايدۇ. بۇ ئاساسلىقى ئاستىنقى دۆڭچە مېڭىدىن باشلىنىدىغان ھىپوتالامۇس-ھىپوفىز-ئادرىنال ئوقىنىڭ جىددىي قوزغىتىلىشى ئارقىلىق بېسىم پەيدا قىلغۇچى ھورمۇن كورتىزولنىڭ قاندىكى مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ ۋە بالا ھەمرىيى ئارقىلىق ئانا مېڭىسىنى سېگناللاپ تولغاق كەلتۈرۈش ئارقىلىق ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەمدى تاشقى ئامىللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىنى ئۇزارتۋىتىش ئېھتىمالىنى ئويلاشساق، مەيلى تۆگە سۈتى بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئامىللارنىڭ ھامىلدارلىقنى ئۇزارتالايدىغان خۇسۇسىيىتى بارلىقى ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلانمىغان ۋە بىلىنمىگەن ئىش. تۆگە سۈتى ئەمەلىيەتتە ئوزۇقلۇق مىقدارى مول، بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار كۆپ ئېھتىياجلىق بولىدىغان تۆمۈر، كالىي قاتارلىق مېنىراللار بىر قەدەر مول بولغان سۈت بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن پەرھىز تۇتۇشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق. ئەمما مەيلى تۆگە سۈتى ياكى كالا سۈتى بولسۇن، ۋە ياكى بىز ئاڭلاپ كەلگەن ھامىلدار ئاياللار ئات گۆشى يېمەسلىك ھەققىدىكى پەرھىزلەر بولسۇن، بۇنىڭ مەلۇم ئىلمىي ئاساسى بار بولۇپ، باكتىرىيەسىزلەندۈرۈلمىگەن ئەھۋالدا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن خام سۈتلەرنى ئىچىشى تەۋسىيەق قىلىنمايدۇ.
ئات گۆشىنى يېمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بەلكىم ئىلگىرى ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلگەن ياللۇغقا قارشى دورا فېنىل بۇتازون بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن چۈنكى بۇ دورا ئىلگىرى ئاتلارنىڭ ھەر خىل كېسەللىرىنى داۋالاشتا بەك كەڭرى ئىشلىتلگەن بولۇپ، بۇ دورا ئىشلىتىلگەن ئاتلارنىڭ گۆشىنى كۆپ مىقداردا يىگەندە بۇ ماددا ئانا تېنىگە كىرىپ، ئاخىرىدا ھامىلىگە ئۆتۈپ ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى بار ئىكەن. بۇ خەتەرنىڭ نىسبىتى بەك كىچىك بولسا، بەلكىم ھامىلدار ئاياللار ئۈچۈن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك دەپ قارىلىپ پەرھىز تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
http://www.sciencedirect.com/sci ... i/S0022030292780795
ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ قانداق ئاخىرلىشىشى ھەققىدىكى ماقالەم:
http://bbs.izdinix.com/thread-58049-1-1.html
ئىككىنچى سوئالىم: بىزدە چايان رېماتىزىم ئادەمنى چاقمايدۇ دېگەن قاراش بار . بۇقاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ ؟
جاۋاب: چايان رىماتىزىم ئادەمنى چاقمايدۇ دېگەن قاراشنىڭ ئىسپاتلانغان ياكى ئىسپاتلانمىغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمىدىم، ئەمما رىماتىزىمى بار ئادەملەرگە نىسبەتەن چاياننىڭ زەھىرى پايدىلىق بولۇپ، ئەگەر خالىس ھالدا تەجىرىبە قىلىپ بېقىشنى خالايدىغانلار بولسا تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىش بەكمۇ ئاسان. مېنىڭچە، چايان بىر كىشىنىڭ رېماتىزىمى بار يوقلۇقىنى بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، شۇڭا چاياننى رىماتىزىمى بار ئادەم پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىسە، مەنچە چايان چاقماي قالمايدۇ. چايان زەھىرىنىڭ رىماتىزىم ۋە باشقا بىر قانچە كېسەللەرگە پايدىلىق ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى ماقالىدە تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، قىزىققۇچىلار شۇ يەردىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ:
http://news.harvard.edu/gazette/2004/01.08/01-scorpion.html
ئۈچىنچى سوئالىم: مايمۇننىڭ يۈرىكى راستنلا ئوڭ تەرەپتىمۇ؟)ئنسانلانىڭ يۈرىكى ئېغىزدا سول تەرەپتە دېگەن بىلەن ئۈچتەن ئىككى قىسمى سولدا ، ئۈچتەن بىرقىسمى ئوڭ تەرەپتە . مايمۇننىڭ ئەكسىچمۇ ؟( بۇ ئادەم بىلەن مايمۇن ئورتاق بىر ئەجداد ئەمەس دېگۈچىلەرگە بىر پاكىتلىق رولنى ئوينىيالامدۇ؟)
جاۋاب: مەن ھازىرغىچە كەم دېگەندە نەچچە يۈز مايمۇن ئوپراتسىيىسىنى باش ئوپراتسىيەچى سۈپىتىدە تاماملىدىم. تا ھازىرغىچە بىرەر مايمۇننىڭ يۈرىكىنىڭ ئوڭ تەرەپكە جايلاشقانلىقىنى كۆرمىدىم. يۈرەك كۆكرەك پەردىسىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، مايمۇننىڭ قارنىنى ئاچقاندا سول تەرەپكە يېقىن جايلاشقان. ئۆز تەجىرىبەمدىن باشقا تەتقىقاتلاردىمۇ تەساددىپىي ئەھۋالدا مايمۇن ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ مەلۇم ئەزالىرىنىڭ ئورنى ئەسلى بولۇشقا تىگىشلىك ئورنىدىن سەل چەتنىگەن ئاساستا جايلىشىپ قالىدىغانلىقى مەلۇم، ئەمما بۇ ئەھۋال مايمۇندا ئىنسان ياكى باشقا جانلىقلاردىن كۆپ كۆرۈلىدىغانلىقىغا پاكىت يوق. شۇڭا سىز ئوتتۇرىغا قويغان گەپنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوق دەپ قاراشقا بولىدۇ. |