- تىزىملاتقان
- 2015-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1313
- نادىر
- 0
- يازما
- 76
ئۆسۈش
31.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا payqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-12 13:34
دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا يۈز بەرگەن پايچېكى ئاپىتىدىن كۈرۈۋېلىشقا بۇلۇدۇكى ، ھەر قېتىملىق پايچېكى ئاپىتىنىڭ يۈز بىرىشى كۆپ خىل سەۋەپلەر تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدىندۇر . بۇ خىلدىكى سەۋەپلەر ئاساسلىقى ، بازار ئامىلى ، ئىجىتمائى ، ئىقتىسادى ئامىلىدىن باشقا ، يەنە ئاساسلىق ئامىللار تۈۋەندىكىچە :
1. بازاردىكى قائىدىگە خىلاپ ئىش -ھەركەتلەر ، پايچېكى ئاپىتىنىڭ كاتالىزاتۇرىدۇر .
بازاردىكى قائىدىگە خىلاپ ئىش -ھەركەتلەر بولسا : ئالدامچىلىق ، يالغان خەۋەر تارقىتىش ، ئىچكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . بۇ ئىش -ھەركەتلەر پايچېكى ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، چۈنكى شۇ خىلدىكى كىشىلەر قىسقا مۇددەت ئىچىدە زور پايدىغا ئىرىشىش ئۈچۈن ، كۈچىنىڭ بارىچە پايچېكىنى كۆپتۈرۈپ ، پايچېكىنىڭ ئۈسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۇ خىل ئۈسۈش ئاقىۋەتتە كىينكى چوڭ چۈشۈشنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان بۇلىدۇ .
2. ھەدىدىن ئارتۇق ھايانكەشلىك ، پايچېكى ئاپىتىنىڭ مۇقەررەر شەكىللىنىشىدۇر .
ئەمەلىيەتتە پايچېكى بازىرى بولسا بىرخىل مەبلەغ سېلىش بازىرى بۇلۇپ ، ھەرگىزمۇ ھايانكەشلىك بازىرى ئەمەس . ھايانكەشلەر پېيىنى بازارغا سالغان شىركەتنىڭ ئاز بولغان كىرىمى ۋە مەلۇم بىرخىل ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ ، پايچېكى باھاسىنىڭ ئۈسۈشىگە باھانە قىلىدۇ ۋە يۇقۇرى كۈتۈرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بولسا ، بۇ باھا كارخانىنىڭ ھەقىقى قىممىتىدىكى باھادىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى بولغانلىقتىن ، ئاخىرىدا پايچېكى ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ياپۇنىيەدە يۈز بەرگەن پايچېكى ئاپىتى ئالدىدىكى 1987-يىلى توكيو پايچېكى بازىرىنىڭ ئوتتۇرچە PE نىسبىتى 90 ئەتىراپىدا بۇلۇپ ، بۇ ۋاقىتتا پايچېكىگە مەبلەغ سېلىش قىممىتى ئاساسى جەھەتتىن يوق دىيەرلىك ئىدى . ئەمما پايچېكى كۆرسەتكۈچى تۇيۇقسىزلا شىددەت بىلەن ئۈسۈپ كىتىدۇ ، ھايانكەشلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوللىرىدىكى پايچېكىنى زور مىقداردا سېتىپ چىقىرىدۇ . پايچېكى باھاسى بىلەن شىركەتنىڭ قىممىتى ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنىڭ چوڭلىقى پايچېكى بازىرىنىڭ چوڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3.ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى ، پايچېكى ئاپىتىنىڭ مەنبەسىدۇر .
پايچېكى بازىرىنىڭ داۋالغۇشى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ ، ئەمما پايچېكىنىڭ داۋالغۇشغا ئەڭ چوڭ ، ئەڭ ئۇزۇن ، ئەڭ چوڭقۇر بولغىنى بولسا ئىقتىسادنىڭ دەۋريلىك ئۆزگۈرىشىدۇر . تارىختا پايچېكى ئاپىتىنىڭ يۈز بەرگەن ۋاختىغا قارايدىغان بولساق ، ھايانكەشلىك ۋە قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلاردىن باشقا ، ئىقتىسادنىڭ يۈكسەلگە
ن دەۋرىدىن ئاجىزلاشقان دەۋرىگە توغرا كىلىدۇ .
1929-يىلى ئامىرىكا پايچېكى ئاپىتى يۈز بىرىشنىڭ ئالدىدا ، ئامىرىكىنىڭ ئىقتىساد ئايلىنىشى ھالسىراشقا باشلىغان ئىدى . 1922-يىلدىن بىرى 7 يىل ئۇدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشى ئاخىرلىشىدۇ ۋە ئەسلىگە قايتىشقا باشلايدۇ دە ، نەتىجىدە پايچېكى ئاپىتى يۈز بىرىدۇ .
4.كۈپۈكنى قوغلىشىش ، پايچېكى ئاپىتى يۈز بىرىشنىڭ ئالامىتىدۇر .
كۈپۈكنى قوغلىشىش ، پايچېكى باھاسى ساختا ئۈسۈپ ،بىرخىل ساختا گۈللىنىشنى پەيدا قىلىدۇ ، بۇخىل ساختا ئۈسۈش پايچېكى باھاسىنىڭ شىركەتنىڭ قىممىتىدىن يىراق بۇلىشىغا سەۋەپچى بۇلىدۇ .پايچېكىنىڭ ساختا ئۈسۈشى ، پايچېكى باھاسى ۋە باشقا تاۋارلارنىڭ باھاسى بىلەن بىردەك بولمايدۇ ، بۇخىل ھادىسە شىركەتنىڭ مۇۋاپىقىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، پايچېكىنىڭ مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى تۈۋەنلىتىۋىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن پايچېكى باھاسى چۈشۈپ ، پايچېكى ئاپىتى يۈز بىرىدۇ .
كۈپۈكنى قوغلىشىش تارىخىنى 1636 -يىلدىكى گوللاندىيە كۈركۈم گۈلى ھادىسىدىن كۆرۈۋالساق بۇلىدۇ . ئالدىنقى تىمامدا مەخسۇس مۇشۇ تارىخنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ئىدىم . قىزىققۇچىلارنىڭ كۈرۈپ بېقىشىنى سۇرايمەن .
5. خەلقارالىق كۆچمە كاپىتال ، پايچېكى ئاپىتى يۈز بىرىشنىڭ ئۆستۈرگۈچىسىدۇر .
ھازىرقى ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى بىرلەشتۈرۈشى تۈپەيلىدىن ، كۆچمە كاپىتال ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارا تىز سۈرئەتتە كىرىپ چىقىدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا ، بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايۇنلار پۇل-مۇئامىلە ، پايچېكى بازىرىنى سىرىتقا ئېچىۋىتىپ ، خەلقئارالىق بىر گەۋدىنى ئەمەلگە ئاشۇردى .
1987-يىلىنىڭ ئالدىدا ، زور مىقداردىكى كۆچمە كاپىتالنىڭ ئامىرىكىغا كىرىشى تۈپەيلىدىن ، پايچېكى بازىرىنىڭ كۈچلۈك ئۈسۈشىگە سەۋەپچى بۇلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئامىرىكىدا 60 ئايغا يېقىن چاپ -چاپ بازارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ . 1987 -يىلى ئامىرىكىدا نۇرغۇنلىغان قىزىل رەقەملەر كۈرۈلۈشكە باشلايدۇ ، بۇ كۆچمە كاپىتاللار ئارقا-ئارقىدىن بازاردىن چىكىنىپ چىقىپ كىتىپ ۋە پايچېكى بازىرىنىڭ چوڭ كۈلەملىك چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
6.نازارەتنىڭ ئاجىزلىقى ، پايچېكى ئاپىتىنى ئۆز مەيلىگە قۇيۇۋىتىدۇ .
دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا يۈز بەرگەن پايچېكى ئاپىتىدە ، بازار نازارەتچىلىكىدىن سەۋەپنى تاپقىلى بۇلىدۇ . 1929- يىلدىكى دۇنيا خاراكتىرلىك پايچېكى ئاپىتىدىن كىيىن ، كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايۇنلار بازار نازارەتچىلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتتى ، ھەمدە ئارقا -ئارقىدىن قانۇن -نىزام تۈزۈپ ۋە ئورگان تەسس قىلىپ ،بازارنىڭ نازارىتىنى كۈچەيتتى .
دىمەك ، يۇقارقىدەك ئامىللار سەۋەبىدىن پايچېكىدە چوڭ چۈشۈش كۈرىلىدۇ ، شۇڭا پايچېكىگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يۇقارقى ئامىللارنى ئويلاشقان ئاساستا مەبلەغ سېىشىغا ، ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تىگىپ قالسا دىگەن ئۈمۈتتە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم ، تەكلىپ -پىكىر بىرىشىڭلارنى سۇرايمەن .
|
|