بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-12 18:26
2016-يىلى يۇقۇلىدىغان دۆلەتلەر 康斯坦丁 دولان تەرجىمىسى بىزخارتىرجەم تاماق يەۋاتقان، خىزمەت قىلغان ۋە ئۇخلىغان ۋاقتىمىزدا، بەزى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىن مەھرۇم قېلىشتىن غەم يەۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بۇلىشىڭىز مۈمكىن؛ بۇ ھەرگىزمۇ پۇپۇزا ئەمەس، چۈنكى بۇ دۆلەتلەر 2016-يىلى يۇقۇلىشى مۈمكىن، ئۇلار نېمە ئۈچۈن يوقۇلىدۇ؟سەۋەبىگە قۇلاق سېلىڭ. كىرىباتى جۇمھۇرىيىتى تروپىك بەلۋاغدىكى دۇنيانىڭ ئىخچام كۆرۈنىشى، پۈتكۈل دۆلەت بىرمۇھاپىزەت رايۇنىچىلىك كېلىدۇ؛ 1979-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، پارچە-پۇرات كىچىك ئارال، ھالقىسىمان مارجان خادا تاشلىرى ۋە سۇ ئاستى خادا تېشىدىن ھاسىل بولغان بۇ كىچىك دۆلەت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ساياھەت قىلىشىنى ئارزۇلايدىغان مەنزىرىلىك جايىغا ئايلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە سىز تېخى ئۇيەرگە بارمىغان بولسىڭىز، تىز تۇتۇش قىلىڭ، چۈنكى كىرىباتى جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىككى كىچىك ئارال ئاللىبۇرۇن سۇغا چۆكۈپ كەتتى، دېڭىز يۈزىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرىلىشىگەئەگىشىپ، بۇ دۆلەت ئىنتايىن چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە؛ ھەتتا زوڭتۇڭمۇ ئاممىنىڭ چېكىنىشىگە نەسىھەت قىلىش بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە فىجى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ خەلقنى قۇبۇل قىلىشىنى ئۈمۈد قىلماقتا. بەلكى سىز،ھۇنلاندىيە ( گوللاندىيە ) نىڭ دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بۇلىسىڭىزمۇ لېكىن ئۇنىڭ كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلگنلىكىنى بىلمەسلىكىڭىزمۈمكىن؛ كىرىباتى جۇمھۇرىيىتىگەسېلىشتۇرغاندا، زەھەر بىلەن پاھىشە قانۇنلاشتۇرۇلغان بۇ دۆلەت خەلقئارادا كۈچلۈك رول ئويناپ كەلگەچكە، بۇ دۆلەتتە پەيدا بولغان مەسىلە، خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇھىتقا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھازىر ھۇنلاندىيە سۇغا چۆكۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، توسما ياساشقا مەجبۇر بۇلۇپ، نۇرغۇن مەبلەغنى سەرپ قىلدى؛ يەرشارى كىلىماتىنىڭ بارغانسىرى ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن، ھۇنلاندىيەنىڭ 2016-يىلى سۇغا غەرق بۇلىش ئېھتىماللىقى بارغانسىرى چۇڭايماقتا. كانادانىڭ تارىخىي سەۋەبى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئەنگليە ۋە فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىك ئېلىپ بارغاچقا، ئاق-قارىنى ئايرىمايلا ئىككى لاگىرغا بۆلۈنۈپ كەتكەن، مۇشۇنداق سەۋەب تۈپەيلىدىن، كانادادىكى فارنسۇزلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار بىلەن ئەنگليەلىكلەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم مۇستەقىللىككە ئېرىشكۈسى بار، نۆۋەتتە كانادادىكى كۋېبېك ئۆلكىسىنىڭ مۇستەقىللىق ساداسى بارغانسىرى كۆچەيمەكتە؛ كۋېبېك ئۆلكىسىدىكى ئاھالىنىڭ%80 فارانسۇزچە سۆزلىشىدۇ، گەرچە كانادا ھۆكۈمىتى كۋېبېك ئۆلكىسىنىڭ مۇستەقىللىقىگە نۇرغۇن تۇسالغۇ پەيدا قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قۇيۇش ساداسى بارغانچەكۈچەيمەكتە، تەخمىنەن 2016-يىلى ئۇمۇمىي خەلق ئاۋازغا قۇيۇلىشى مۈمكىن، ئەگەرشۇنداق بولسا كانادا يۇقۇلىدۇ. پەلەستىن خەلقئاراداقانۇنلىق ئورنىنى ھازىرلىغان بۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم دۆلەت پەلەستىننىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە ب د ت دا قانۇنىي ئورۇنغا ئىگەبولسىمۇ لېكىن ئەجەپلىنەرلىك يېرى شۇكى ئاۋاز بېرىش ھۇقۇقى يوق؛ باشقا دۆلەتلەرگەسېلىشتۇرغاندا، پەلەستىن ئۇرۇشنىڭ ئارىلىق رايۇنلىق رۇل ئوينايدۇ، بۇلۇپمۇ ئەرەپ دۇنياسى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش داۋاملىق مۇشۇ يەردىن باشلانغان. خەلقئاراجەمئىيەت پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن ئارمىيەسىدىن ئۈزلۈكسىز ئۈمىدسىزلەنگەچكە،ئېھتىمال 2016-يىلى، بۇ دۆلەت مەۋجۇت بولماسلىقى مۈمكىن. ئەگەردۇنيادىكى قايسى دۆلەتنىڭ يۇقۇلىش ئېھتىمالى چوڭ دېگەندە، يۇقۇرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىماللىقى بىر-بىرىدىن پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن دۇنيادا قايسى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇشى تەس دېگەندە، ھايتى مۇققەرەر ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىدۇ؛ بۇ دۆلەتتە ئەزەلدىن ئۇرۇش ئۈزۈلمىدى، خەلق ئاممىسى نامراتلىق ۋە كېسەللىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا، بۈگۈنكى كۈندە دېڭىز يۈزىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ،ئۇمۇميۈزلىك قۇملىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە يەنە تەبىئى ئاپەتنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا، 2016-يىلى بۇدۆلەتنىڭ مەۋجۇت بۇلىشىمۇ بىر مەسىلە بۇلۇپ قالدى. ئادەم ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەك! بىز بىردۆلەتنىڭ تەقدىرىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ياكى ھەرۋاقىت ئاغدۇرۇلىش مۈمكىنچىلىكىنى ئويلىمايمىز، پەقەت يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلماي، ئۇرۇش ۋە بۆلۈنىش بولمىغان دۆلەتتە ياشىساق خۇرسەن بۇلىمىز، بۇ دۆلەتنى قىزغىن سۆيۈمىز ۋە چىن دىلىمىزدىن ھىمايە قىلىمىز.
|