- تىزىملاتقان
- 2014-4-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4887
- نادىر
- 0
- يازما
- 198
ئۆسۈش
96.23%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1017695944 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-14 00:29
ئەسلى ماۋزۇ: رايۇنىمىزدىكى نەشىرياتچىلارغا كىچىككىنەتەكلىپ-ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىڭ مۇقاۋىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
كىرىش سۆز: بۈگۈن مەن ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان ئويلاپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىڭ مۇقاۋىسى ھەققىدە ئازراق پىكىرىمى ئوتتۇرغا قويدۇم ،ئەگەر پىكىرىمدە كەمتۈكلۈك بولسا ئۆزر سورايمەن .
(مەزمۇن)
كىتاپ موقاۋىسى مەلۇم دەرىجىدەكىتاپنىڭ سېتىلىشى ، ئوقۇلۇشى ،ئوقۇرمەن تەرىپىدىن تاللاش تاللانماسلىقى ۋە كىتاپقا بولغان بىرىنچى تەسىرىنى بەلگىلەيدۇ .بەزىلەر پەقەت بىر كىتاپ موقاۋىسى ئۈچۈن بىر كىتاپنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن ، پەقەت كىتاپ موقاۋىسى ئۈچۈن ئۈنىڭغا قىزىقىپ ياقتۇرۇپ ئوقۇشى مۇمكىن .گەرچە ئوقۇرمەن كىتاپ موقاۋىسى ئوقۇمۇسىمۇ لىكىن ئۇ كىتاپ سېتىۋالغۇچىنىڭ پىسخىكىسغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ . بەزى كىتاپلارنىڭ مۇقاۋىسىدا ئۇ كىتاپنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىغاياكى بەزى مەزمۇنلىرىغا مۇناسىېۋەتلىك سۈرەت ۋە قىسقا سۆزلەر بۇ كىتاپنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى مومكىن .
مەن بەزى ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىڭ كىتاپ موقاۋىسىدا ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئازراق كەمچىل دەپ ھىس قىلدىم . كىتاپنىڭ بەت يۈزىنىڭ لايىھەلىنىش ، خەت شەكلى ، كىتاپ تېشىنىڭ قاتتىق تاشلىق بولىشى ، كىتاپنىڭ فورماتى(ئۇزۇنلۇق،كەڭلىك ،توملۇق)قاتارلىقلاردىمۇ چەت ئەللەردىكى ۋەئىچكىرىدە چىقىدىغان كىتاپلار بىلەن خىلى ئارلىق باردەك .
خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە يېزىقتا چىققان بەزى كىتاپلار بار ، شۇنداق ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ . كىتاپنىڭ فورماتى شۇنداق ئەپ يۈرۈشكە ئەپلىك ، مۇقاۋىسى سىپتاھەم كۆركەن .چەت ئەللەردە ۋە ئىچكىرىدە نەشىرىياتچىلىق تەرەققىي قىلىپ مەلۇم سەۋىيەگە يەتتى . رايونىمىزدىكى نەشىرىياتلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكى ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەنمۇ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىسىخىكىسىنى ئاساس قىلىىدىغان ھالەتكە كەلمىگەن بولىشى مومكىن .
مەن بەزى كىتاپخانىلاغا بارسام شۇنداق ئەپچىل ، لايىھەلىنىشى شۇنسداق كۆركەم كىتاپلارنى كۆرسەم ، نىمىشقا ئويغۇرچە كىتاپلار موشۇنداق ئەمەستۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. كىتاپ كىچىك ئەپچىل ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولسا تېىخىمۇ راھەت تۇيغۇ بېرىدىغاندەك . ئويغۇرچە كىتاپلاردىكى چىرايلىك نەقىشلار شۇنداق كۆركەم بولسىمۇ لىكىن ، بەك قېلىپلىشىۋالغاندەك .
ئەگەر مۇمكىن بولسانەشىرياتچىلارنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ ھەققىدە ئازراق ئويلىنىپ بېقىشىنى، ئويغۇرچە كىتاپلەرنىڭ موقاۋىسى ، فورمات لايىھەلىنىشى ۋە خەت شەكلە قاتارلىقلارد تېخىمۇ ئىزدىنىپ ، خىرىدارلارنىڭ تەسىراتى(用户体验) ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|
|