قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 16809|ئىنكاس: 223
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بەدۆلەت ياقۇپبەگ ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى

   تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

دوست

6281

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2130
توردىكى ۋاقتى: 362
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-13 15:58:30 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بەدۆلەت ياقۇپبەگ ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى

ئەخمەت مۆمىن تارىمى( نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)


19-ئەسىرـــــــ رايونىمىز تارىخىنىڭ داۋالغۇشقا، يېغىلىققا، ئەنسىزلىككە تولغان بىر ئەسىرى بولدى. بولۇپمۇ 1864-يىلى كۇچادا زۇلۇمغا قارشى قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيانلار پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىىگە كېڭىيىپ، چىڭ خانىدانلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاساسەن بەربات بولدى.كۇچا، قەشقەر ،يەركەن، خوتەن، تۇرپان، ئۈرۈمچى، ئىلىدىكى ئىسيانلار نەتىجىسىدە ،بۇ يۇرتلاردا ئايرىم –ئايرىم بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەر مەيدانغا كېلىپ ، ئاجايىپ تىزگىنسىز بىر ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە،قوقەندلىك ياقۇپبەگ شىنجاڭنىڭ تارىخ سەھنىسىدە پەيدا بولۇپ، بۇ زېمىندا 12 يىلدىن ئارتۇقراق پائالىيەت قىلىپ، شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر شەخس بولۇپ قالدى.

ياقۇپبەگنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەت ياقۇپ بولۇپ، 1820-يىلى قوقەند خانلىقىدىكى تاشكەنىت شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 50 كېلومىتىر كېلىدىغان پىسكەنت دېيىلىدىغان كىچىك بىر بازاردا ئۆزبېك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان(ئۇنى تاجىك دەيدىغان قاراشمۇ بار).چوڭ بولغاندىن كېيىن تاشكەنت ھاكىمى نارمۇھەممەد قۇشبېگىنىڭ مەھرىمى بولۇپ خىزمەت قىلغان ھەم ئورنى كۈندىن كۈنگە ئۆسۈپ ، ئاق مەسچىت دېگەن يەرنىڭ  ھاكىمى بولغان. كېيىن پىتنىچىلەرنىڭ ئەرزى بىلەن قوقەند خانىنىڭ كۆزىگە سىغماي بۇخاراغا قېچىپ ، قوقەند خانى ئالماشقاندا يەنە قايتىپ كەلگەن ھەم خوجەندنىڭ ھاكىمى بولغان. ئەمما يەنە رەقىپلىرىنىڭ پىتنىسى بىلەن يېڭى خاننىڭمۇ  كۆزىگە سىغماي ،قايتا بۇخاراغا قېچىپ كەتكەن ۋە بۇخارا ئەمىرىنىڭ خىزمىتىدە بولغان. كېيىن قوقەند خانى يەنە ئالماشقاندا،  بۇخارا ئەمىرىنى ئالداپ يەنە قۇقەندكە قېچىپ كەلگەن. بۇ ۋەجىدىن بۇخارا ئەمىرىدىن قۇقەندكە ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش  توغرۇلۇق يارلىق كەلگەن. مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، قوقەند خانلىقىغا خوشنا بولغان قەشقەردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن قىرغىز سىددىقبەگ سەردار تىكلەش مەقسىتىدە خوجا ئەۋلادلىرىدىن بىرىنى ئەۋەتىشنى سوراپ قوقەندكە خەت ئەۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن، قوقەند خانلىقىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرغان ئالىم قۇل دەررۇ ياقۇپبەگنى بۇزۇرۇك خوجىغا قۇشۇپ قەشقەرگە يولغا سېلىۋەتكەن.شۇنداق قىلىپ ياقۇپبەگ بېشىغا كېلىۋاتقان بالايىئاپەتتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، تەخمىنەن 1865-يىلىنىڭ بېشىدا شىنجاڭغا قەدەم بېسىپ، كېيىنكى «سەلتەنىتى»نىڭ يولىنى ھازىرلىغان②.

          ياقۇپبەگ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن تۈرلۈك ھىيلە-مىكىر، چارە-تەدبىرلەر بىلەن كۇچا، قەشقەر،يەركەن، خوتەندىكى بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەرنى بىر-بىرلەپ يوقىتىپ ،  1867-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە يەركەن ، خوتەن،ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ، كۇچار، كورلىغىچە بولغان جايلارنى قول ئاستىغا كىرگۈزگەنھەم  «يەتتە شەھەر خانلىقى»نى قۇرغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى شەرقىي تەرەپتە باغراش ۋە ئۇششاقتال، شىمالىي تەرەپتە مۇزتاغ ۋە زەۋقى ، غەربىي تەرەپتە ئالاي ۋە بەدەخشان، جەنۇبىي تەرەپتە قاراڭغۇ تاغ، لوپ، چەرچەنگىچە بولغان جايلارغا سوزۇلغان. 1871-يىلى زېمىنىنى ئۈرۈمچى ، تۇرپانغىچە كېڭەيتكەن.
        ياقۇپبەگ  «يەتتە شەھەر خانلىقى»نى قۇرغاندىن كېيىن ، شۇ زاماندىكى كۈچلۈك ئىمپىرىيەلەردىن بولغان ئەنگىلىيە ۋەچاررۇسىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان. يەنە كېلىپ بۇۋاقىتتا ئەنگىلىيە بىلەن چاررۇسىيەمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ، جۈملىدىن شىنجاڭدا  ھەدەپ تەسىر دائىرە تالىشىۋاتقانلىقتىن  ، ياقۇپبەگنى ئۆز يېنىغا تارتىشقان. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپبەگ بىلەن ئەنگىلىيە ، چاررۇسىيە ئايرىم –ئايرىم ھالدا شەرتنامە تۈزۈشۈپ ، بىر-بىرىنىڭ «ئېھتىياجلىرى»نى قاندۇرۇشقان. ياقۇپبەگ بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، ئەينى ۋاقىتتىكى يەنە بىر كۈچلۈك ئىمپىرىيە سانىلىدىغان ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن 1869-يىلى ئوسمانلى سۇلتانلىقىغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن ھەم سۇلتان ئابدۇلئەزىزخاننىڭ نامىدا پۇل قۇيدۇرغان ⑥.

            ۋەھالەنكى، ياقۇپبەگنىڭ بۇ «يەتتەشەھەر خانلىقى»نىڭ ئۆمرى ئانچە ئۇزاققا بارمىغان. چىڭ سۇلالىسى گەرچە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلاھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىيىتىدىن يانمىغان. لېكىن مۇشۇ مەزگىلدە،جۈملىدىن 1873-يىلى ياپونىيە تەيۋەننى بېسىۋېلىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي جەنۇپ  دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ مۇداپىئەسىدە ئېغىر كىرىزىس كۆرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن چىڭ ئوردىسىدا «زادى شەرقىي جەنۇپ دېڭىز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش مۇھىممۇ ياكى غەربىي شىمال قۇرۇقلۇق مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش زۆرۈرمۇ » دېگەننى چۆرىدەپ كەسكىن تالاش-تارتىش بولغان. بۇ تالاش –تارتىشنىڭ نېگىزى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ياكى شىنجاڭدىن ۋاز كېچىش مەسلىسى ئىدى.ئاخىرىدا زوزۇڭتاڭ قاتارلىقلارنىڭ « دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە قۇرۇقلۇق مۇداپىئەسى ئوخشاشلا مۇھىم، ئەمما نۆۋەتتە قۇرۇقلۇق مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئەڭ مۇھىم مەسىلە»دەپ قاراپ،  شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ئوردا شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارارقىلغان . شۇنىڭ بىلەن زوزۇڭتاڭنىڭ باشچىلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى 1876-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىپ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىگە ھەرقەدەمدە  زەربە بەرگەن. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، يەنى1877-يىلى 5-ئايدا ياقۇپبەگ كورلىدا قول ئاستىدىكى نىيازبەگ تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن(ئۇنى ئۆزى زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان ياكى كېسەل بىلەن ئۆلگەن دەيدىغان قاراشلارمۇ بار،ئەمما زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ پاكىت ئاساسى كۈچلۈك).ياقۇپبەگ ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئوغلى ھەققۇلى بەگ ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى قەشقەرگە دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغان. ئەمما ئاكىسى بەگقۇلى بەگ پىتنىچىلەرنىڭ سۆزى بىلەن ئىنىسى ھەققۇلىبەگنى «مەندىن تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىدىغان ئوخشايدۇ »دەپ ئويلاپ، ئادەم ئەۋەتىپ قەشقەرگە يېقىن بىر جايدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.شۇنىڭدىن كېيىن بەگقۇلىبەگ، ياقۇپبەگنىڭ قول ئاسىتىدىكىلەردىن بولغان ھېكىمخان تۆرە، نىيازبەگلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈزبېرىپ، ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچى تېخىمۇ پارچىلىنىپ ھەم ئاجىزلىشىپ، گۇمران بولۇشقا يۈزلەنگەن. 12-ئايدا چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى قەشقەرنىڭ بۇسۇغىسىغا كېلىپ قالغاندا، بەگقۇلىبەگ ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ ئاتايۇرتىغا ، يەنى شۇ ۋاقىتتا رۇسىيە تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن قوقەند خانلىقىنىڭ زېمىنى بولغان پەرغانىگە، جۈملىدىن تاشكەنتكە قېچىپ كەتكەن.شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى قەشقەرنى ئىگىلەپ ،  ئىلىدىن باشقا (بۇ چاغدا ئىلى چاررۇسىيەنىڭ«ۋاكالىتەن باشقۇرۇشى»دا ئىدى)پۈتكۈل شىنجاڭ رايونىنى قايتىدىن  ئۆزھۆكۈمرانلىقىغا ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى  شىنجاڭدا بۇرۇن يولغا قويغان ھەربىي مەھكىمە تۈزۈمى ۋە بەگلىك تۈزۈمىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ،شىنجاڭنى مۇستەھكەم ئىدارە قىلىش ئۈچۈن 1884-يىلى ئۆلكە تەسىس قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
       ياقۇپبەگ ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى توغرۇلۇق ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر تارىخ-تەزكىرىچىلىرى ، رۇسىيەلىك ۋە ئەنگىلىيەلىك سەيياھلار ھەم ئەلچىلەر نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ، دوكلاتلارنى ،خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. بۇلارنىڭ مۇھىمراقلىرى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا نەشىر قىلىنغانلىرى تارىخچى موللا موللا مۇسا سايرامىنىڭ«تارىخى ئەمىنىيە »(1903-يىلى) ۋە «تارىخى ھەمىدى»(1909-يىلى) ناملىق ئەسەرلىرى،رۇسىيەلىك كوروپاتكىننىڭ «قەشقەرىيە»(1879-يىلى)ناملىق ئەسىرى، ئەنگىلىيەلىك چارلىز بولگېرنىڭ «ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى» (1878-يىلى)ناملىق ئەسىرىدىن ئىبارەت.شۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپبەگ ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئىزچىل ھەرقايسى ئەللەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرى مەيدانغاكەلدى. جۈملىدىن رۇسىيە(سوۋېت ئىتتىپاقى)، ئەنگىلىيە، تۈركىيە(ئوسمانلى سۇلتانلىقى)، ئېلىمىز جۇڭگو، ياپونىيە، ئامېرىكا، كورىيە، فرانسىيە، شۇنىڭدەك مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئۆزبېكىستان ، تاجىكىستاندا نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بۇھەقتە ئىزدىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ياقۇپبەگ ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە بېغىشلانغان ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.بۇلارنىڭ مۇھىمراقلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىلىق گاۋرىلوۋنىڭ «قەشقەر ھۆكۈمرانى بەدۆلەت ياقۇپبەگنىڭ تارىخىدىن بىر سەھىپە»  ناملىق ماقالىسى(1927-يىلى)، تىخونوۋنىڭ «1864-يىلىدىكى شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭ»(1948-يىلى) ،«ياقۇپبەگنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر» (1958-يىلى) ناملىق ماقالىلىرى، ئابلەت خوجايېفنىڭ «چىڭ ئىمپېرىيىسى، جۇڭغارىيە ۋە يەتتە شەھەر»ناملىق ئەسىرى(1979-يىلى)،ئىسىيېۋنىڭ «يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى(1864-1877)» ناملىق ئەسىرى (1981-يىلى)، بېيسىمبېيىفنىڭ«‹تارىخى شاھرۇھىيە›دىكى شىنجاڭغا ئائىت بايانلار»ناملىق ماقالىسى(1983-يىلى)، ئەنگىلىيەلىك فرېچلىڭنىڭ«1863ــــ1881-يىللاردىكى ئەنگىلىيە ۋە رۇسىيەنىڭ شىنجاڭدىكى رىقابىتى»ناملىق ماقالىسى(1939-يىلى)، تۈركىيەلىك مۇھەممەد ئاتىفنىڭ «قەشقەر تارىخى»ناملىق ئەسىرى(1883-يىلى)، ئەھمەد رىزا بەكىننىڭ «ياقۇپبەگ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي، مەدەنىي ئەھۋالى»ناملىق دىسسېرتاتسىيەسى(1971-يىلى)،ئېلىمىزدىن بۇرھان شەھىدىنىڭ «ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ھەققىدە »(1958-يىلى)، « يەنەياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ھەققىدە»(1979-يىلى)ناملىق ماقالىلىرى، جى داچۈننىڭ «ياقۇپبەگنىڭ ئۆلۈمى»(1970-يىلى)، «ياقۇپبەگنىڭ شىنجاڭغا بېسىپ كىرىشى ۋە يوقىلىشى» (1979-يىلى)ناملىق ماقالىلىرى، ليۇ جىشياۋنىڭ «1864-يىلىدىكى كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋەقوزغىلاڭچىلارنىڭ ياقۇپبەگ باندىتلىرى بىلەن قىلغان كۆرىشى»ناملىق ماقالىسى(1996-يىلى)، ياپونىيەلىك تاكاكۇۋا كومايوشىنىڭ «ياقۇپبەگنىڭ ئۆلۈمى»ناملىق ماقالىسى(1919-يىلى)، خانىدا ئاكىرانىڭ « ‹غازات ئەل مۇسلىمىن›ـــــ ياقۇپبەگ ئىسيانىغا دائىر بىرتارىخىي ماتېرىيال» ناملىق ماقالىسى(1964-يىلى)، شىنمېن ياسۇشىنىڭ «ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە تەتقىقات»ناملىق ماقالىسى(1987-يىلى)، ئامېرىكىلىق لاتتىمورنىڭ «جۇڭگونىڭ ئىچكى ئاسىيادىكى چېگرا رايونى»ناملىق ئەسىرى(1940-يىلى)،يۈەن چىڭنىڭ «ياقۇپبەگ (1820-1877) ۋە جۇڭگو شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئىسيانى»ناملىق ماقالىسى(1961-يىلى)، فرانسىيەلىك زاركونىنىڭ «سىياسىيلاشقان سوفىزىم ۋە ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى(19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى) : ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئەلچىلىككە بېرىشىنىڭ رولى»ناملىق ماقالىسى(1998-يىلى)، كورىيەلىك كىم خودوڭنىڭ «جۇڭگودىكى مۇقەددەس ئۇرۇش : جۇڭگو شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئىسيانى ۋە ھاكىمىيىتى(1864-1877)»ناملىق ئەسىرى(2004-يىلى)، ئۆزبېكىستانلىق نۇرئەلى سىددىقوف ۋە شىرئەلى قولداشېفنىڭ«مۇھەممەدياقۇپبەگنىڭ سىياسىي پائالىيىتى»ناملىق ئەسىرى(2013-يىلى)، ئابلەت خوجايېف ۋە شىرئەلى قولداشېفنىڭ «مۇھەممەد ياقۇپبەگ»ناملىق ئەسىرى(2014-يىلى)، تاجىكىستانلىق ھەسەنباي شەرىپوۋنىڭ «بەدۆلەت ياقۇپبەگ»ناملىق ئەسىرى (2001-يىلى)دىن ئىبارەت. بۇ ئەسەرلەردە ياقۇپبەگ ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى توغرۇلۇق ھەرتەرەپتىن چۈشەنچە بېرىلىپلا قالماي، ياقۇپبەگنىڭ مىللەت تەۋەلىكى، تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە  يېرى، ياقۇپبەگنىڭ شىنجاڭغا كىرگەن ۋاقتى ۋە «يەتتەشەھەر خانلىقى»نى قۇرغان ۋاقتى، «يەتتە شەھەر خانلىقى»نىڭ زېمىن دائىرىسى، ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ خاراكتېرى ۋە گۇمران بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى، ياقۇپبەگنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى ۋە ئۈلۈمىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. بولۇپمۇ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدىكى قاراشلار بىر-بىرىدىن ئىنتايىن پەرىقلىنىدىغان بولۇپ، ئومۇمەن چەتئەللىكلەر، مەسىلەن،ئەنگىلىيەلىك بولگېر، رۇسىيەلىك كوروپاتكىن قاتارلىقلار ياقۇپبەگنى  مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرغان مۇسۇلمان ھۆكۈمران، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەقىل مۇسۇلمان ھاكىمىيىتى دەپ قارىغان بولسا، ئېلىمىزدىكىلەر،مەسىلەن ، زېڭ ۋېنۋۇ، جى داچۈن، بۇرھان شەھىدى قاتارلىقلار ياقۇپبەگنى بىرتاجاۋۇزچى، ئۇنىڭ  ھاكىمىيىتىنى شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىۋەتمەكچى بولغان بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت دەپ قارىغان. بۇ يەردە ئەينى زاماندىكى ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بولغان تارىخچى موللا مۇسا سايرامىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىغا نەزەر ئاغدۇرۇش تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولسا كېرەك. موللا مۇسا سايرامىنىڭ  «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ زات ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەت دەپمۇ قارىمىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھاكىمىيىتى دەپمۇ قارىمىغان، بەلكى مۇسۇلمانلار يۇرتىدا ئورنىتىلغان ئىسلام ھاكىمىيىتى دەپ قارىغان. شۇنداقلا، ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنىمۇ چۇڭقۇر تەھلىل قىلغان. ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن:« جانابى ئاتالىق غازى ناھايىتى ئۇلۇغ بىر پادىشاھ ئىدى.لېكىن ئۇ بىرەر قابىلىيەتلىك، دىيانەتلىك ۋەياكى بىرەر ھۇشيار ئادەمنى ۋەزىر قىلمىدى. مەملىكەتنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزىلا ئىشلىدى، باشقا كىشىگە ئىشەنمىدى...كېيىنكى كۈنلەردە كۆپ خىزمەت قىلسا ئاز ئىلتىپات قىلىدىغان، ھەتتا ئۇلارنى بىر سەۋەب بىلەن قاتتىق ئازاپلايدىغان بولدى...باشلىق ۋە ھاكىملارنىڭ زۇلۇم –جەۋرلىرىنىڭ ئۇلغىيىشىغا يول قويدى...بىرەرمۇ ئادەمنىڭ ئەرزى-دادلىرىغا يەتمىدى ۋە بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمىدى...بۇنىڭ بىلەن يېقىنلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن كۆڭلى قېلىپ، خەلقنىڭ ئۇنىڭدىن رايى يېنىپ، ئاقىۋەتتە ھاكىمىيىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە سەۋەپ بولدى».يەنە ئۇنىڭ قارىشىچە، ياقۇپبەگ چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرى قۇمۇلغا كەلگەندە ناۋادا ئۇرۇشۇپ غەلىبە قىلالماي قالسا ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنىڭ قالماسلىقى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن سۈلىھ قىلىپ شەرتنامە تۈزۈشنى كۆزلەپ، ئۇلار بىلەن يۈزتۇرانە ئۇرۇشۇشنى خالىماي، ئەسكەرلىرىگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماسلىقنى بۇيرۇغان ، شۇنداقلا قەدەممۇ قەدەم چېكىنگەن. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئادەملىرى چىڭ سۇلالىسى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ كورلىدا ئۆلۈشى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدا ئىچكى ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، كۈچى تېخىمۇ پارچىلىنىپ ھەم ئاجىزلىشىپ،مەغلۇبىيىتى تېزلەشكەن.
          ئومۇمەن ، قۇقەند خانلىقىدا تۇرالماي شىنجاڭغا كىرىپ، سىياسىي تەدبىرگە ، ھەربىي تاكتىكىغا ئۇستىلىقى ۋە ئامىتىنىڭ ئوڭدىن كېلىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىگىلەپ «بەدۆلەت» ئاتالغان بۇ سىياسىي ھايانكەش ـــــ مۇھەممەد ياقۇپبەگ گەرچە شىنجاڭغا كۆز تىكىۋاتقان شۇنچە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپمۇ 12يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرۈپ خېلىلا دەبدەبە قوزغىغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا تولىمۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈم بىلەن ئۆزىنىڭ شەۋكەتلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئۇنداقتا ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تەقدىرى قانداق بولغان؟  
         بۇ توغرىدا ھازىرغىچە بىز كۆرۈپ كەلگەن ياقۇپبەگكە ئائىت ماتېرىياللاردا ھېچبىر مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. بۇنىڭدا ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ئاپتۇرلىرىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا ، مۇھىمى شۇ بەگقۇلىبەگنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆزبېكىستانلىق نۇرئەلى سىددىقوف ۋە شىرئەلى قولداشېفنىڭ«مۇھەممەد ياقۇپبەگنىڭ سىياسىي پائالىيىتى»ناملىق ئەسىرىگە قارىغاندا، 1877-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياقۇپبەگنىڭ چوڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ پەرغانىگە قېچىپ كېتىپ چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى قەشقەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان . بۇلارنىڭ ئارىسىدا ياقۇپبەگنىڭ بەگقۇلىبەگ ۋە ھەققۇلىبەگدىن باشقا تۆت ئوغلى(تۆت ياش، يەتتە ياش، 14ياش ۋە 19ياشتا)، نەۋرىلىرى(ئىككى ياش ۋە ئۈچ ياشتا)، شۇنداقلا ئۈچ تۇڭگان خوتۇنى بولغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى زىندانغا تاشلىنىپ كېيىنچە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى يەركەننى ئىگىلىگەندىن كېيىن يەنە ياقۇپبەگنىڭ بۇ يەردىكى بىرخوتۇنى، ئىككى گۈدەك ئوغلى ۋە ئۈچ نەۋرىسىنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، يەنە قەشقەردىكى ئاپاق خوجا مازىرىغا دەپنە قىلىنغان ياقۇپبەگنىڭ قەبرىسىنى تېپىپ جەسىتىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭ ئۈستىدىن  «ئۇلۇغ خاننىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماي ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئىسيان كۆتۈرگەن» دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ ئالىي جازا بەرگەن ، يەنى پۈتۈن تۇرغان جەسەتنىڭ بېشىنى تېنىدىن چېپىپ ئېلىپ، قەشقەرنىڭ ئاساسىي دەرۋازىسىغا ئېسىپ قويغان، تېنىنى بولسا كۆيدۈرۈپ تاشلىغان⑿.
        ئۆزبېكىستانلىق ئەدھەم مەخەتقۇلوۋنىڭ «پىسكەنىت تارىخىدىن لەۋھەلەر» ناملىق ئەسىرى ، تاجىكىستانلىق ھەسەنباي شەرىپوۋنىڭ «بەدۆلەت ياقۇپبەگ»ناملىق ئەسىرىگە،شۇنداقلا بەگقۇلىبەگنىڭ ھازىر ئۆزبېكىستان پىسكەنىت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئەۋلادلىرىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ياقۇپبەگنىڭ چوڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ قەشقەردىن شۇقاچقانچە ئۇدۇل تاشكەنت يېنىدىكى ئاتا يۇرتى بولغان پىسكەنتكە بېرىپ توختىغان. ئۇنىڭ ئابدۇۋاھاببەگ، راخمانقۇلىبەگ، قادىرقۇلىبەگ ئاتلىق ئۈچ ئوغلى ، مەريەمخان،ئادالەتخان ئاتلىق ئىككى قىزى بولغان. بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:
        بەگقۇلىبەگنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇۋاھاببەگ 92 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئادالەت، ئابدۇقاھار، نازاكەت، بەشارەت، ئابدۇساتتار ئىسىملىك پەرزەنتلىرى بولغان؛ئوتتۇرانچى ئوغلى راخمانقۇلىبەگنىڭ پەرمانقۇلىبەگ، ئۇرىنقۇلىبەگ، خاسىيەتخان،شاراپەتخان، رىسالەتخان ئىسىملىك پەرزەنتلىرى بولغان؛ كىچىك ئوغلى قادىرقۇلىبەگنىڭ ئابلاقۇلىبەگ ئىسىملىك ئوغلى بولغان.
        ئابدۇۋاھاببەگنىڭ چوڭ قىزى ئادالەتخان ھازىر ھايات بولۇپ ، 2015-يىلى 90ياشقا كىرگەن. ئۇ ئوغلى بەختىيار ئاخۇن (2015-يىلى 67ياشتا) بىلەن بىللە تۇرىدىكەن.
        راخمانقۇلىبەگنىڭ چوڭ ئوغلى پەرمانقۇلىبەگدىن نايىپبەگ، ئەنۋەربەگ، مۇھەببەت،سالامەت، مەشھۇرە ئىسملىك پەرزەنتلەر دۇنياغا كەلگەن. بۇلاردىن ھازىر ئەنۋەربەگ ھايات بولۇپ، 2015-يىلى 79 ياشقا كىرگەن. ئۇ ئۇلۇغ بوۋىسى ياقۇپبەگ تۇغۇلغان شۇ ئۆينى ماكان تۇتۇپ، بالىسى ھەم نەۋرىسى بىلەن بىللە ياشايدىكەن.  راخمانقۇلىبەگنىڭ ئوتتۇرانچى قىزى شاراپەتخاننىڭ قىزى سائادەت يۈز يىلغا يېقىن ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئابدۇلئەزىز، ئابدۇخالىق،ئابدۇساتتار، ئابدۇرۇسۇل، سەنئەت، ئىناۋەت، بەشارەت، مۇھەببەت ئىسىملىك پەرزەنتلىرى بولغان. بۇلاردىن ئابدۇساتتارئاخۇن  2015-يىلى 69 ياشقا كىرگەن بولۇپ، پىسكەنت شەھىرىدىكى «ياقۇپبەگ» نامىدىكى چوڭ بىر شىركەتنىڭ (ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تىجارىتى قىلىدىغان) خوجايىنى ئىكەن، ئېلىمىز جۇڭگودىكى كارخانىلار بىلەنمۇ سودا مۇناسىۋىتى بارئىكەن.
         بەگقۇلىبەگنىڭ كىچىك ئوغلى قادىرقۇلىبەگنىڭ ئوغلى ئابلاقۇلىبەگدىن ۋەللەمبەگ، جۇرابەگ، سۇلتانبەگ، خاتمىنىسا، نەزىرە ئىسملىك پەرزەنتلەردۇنياغا كەلگەن⒀.

         ياقۇپبەگنىڭ چەۋرىسى ئادالەتخاننىڭ ئوغلى بەختىيار ئاخۇننىڭ ئېيتىشىچە، ياقۇپبەگنىڭ ئوغلى ھەققۇلىبەگ ئاكىسى بەگقۇلىبەگنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندە تېخى پەرزەنتلىك بولمىغان ئىكەن. ھازىر پىسكەنت شەھىرىدە ياقۇپبەگ ئەۋلادلىرىدىن تەخمىنەن 150ــــ 200 گىچە ئائىلە بارئىكەن.ياقۇپبەگنىڭ ئەۋرىسى سائادەتخاننىڭ ئوغلى ئابدۇساتتار ئاخۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۇلۇغ بوۋىسى بولغان ياقۇپبەگدىن «جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت قۇرغان ھۆكۈمدار »دەپ ناھايىتى پەخىرلىنىدىغان بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبتىن شىركىتىگە ياقۇپبەگنىڭ نامىنى قويغانىكەن.ياقۇپبەگنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى ئۇلۇغ بوۋىسى ياقۇپبەگنى ھەم ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ قارايدىغان بولۇپ، 2002-يىلى تاجىكىستانلىق ھەسەنباي شەرىپوۋ «بەدۆلەت ياقۇپبەگ»ناملىق كىتابىنى ئېلىپ ئابدۇساتتار ئاخۇنغا تەقدىم قىلغىلى كەلگەندە،ئابدۇساتتار ئاخۇن ئۇ كىتابتا ياقۇپبەگنىڭ «تاجىكلاردىن چىققان قەھرىمان»دېيىلگىنىنى ئۇقۇپ ناھايىتى خاپا بولۇپ ، كىتابنى ئېلىشنى رەت قىلغانىكەن. ئومۇمەن، ھازىر ياقۇپبەگنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئەۋلادلىرى ھەم ئۆزبېك تەتقىقاتچىلار ياقۇپبەگنى «ئۆزبېكلەردىن چىققان كاتتا سەردار، كاتتا ھۆكۈمدار» دەپ قارايدىكەن.

      پايدىلانمىلار:
     ① جى داچۈن:«ياقۇپبەگنىڭ شىنجاڭغا بېسىپ كىرىشى ۋە يوقىلىشى»، خەنزۇچە«تارىخ تەتقىقاتى»ژۇرنىلىنىڭ 1979-يىللىق 3-سانى؛كورىيەلىك كىم خودۇڭ: «جۇڭگودىكى مۇقەددەس ئۇرۇش: جۇڭگو شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئىسيانى ۋە ھاكىمىيىتى(1864-1877)»، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2004-يىلى ئىنگىلىزچە نەشرى، 181-بەت. بۇلاردا ياقۇپبەگ ئۆزبېكلەردىن كېلىپ چىققان، دېيىلگەن. ئەنگىلىيەلىك چارلىز بولگېر:«ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەشرى،110-111-بەتلەر؛ بۇرھان شەھىدى:«ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى توغرىسىدا»،خەنزۇچە«تارىخ تەتقىقاتى»ژۇرنىلىنىڭ 1958-يىللىق 3-سانى. بۇلاردا ياقۇپبەگنىڭ كېلىپ چىقىشى تاجىك دېيىلگەن.
      ②③④⑤⑥موللا مۇسا سايرامى:«تارىخى ھەمىدى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرى، 326 ـــ 335-،398-399-، 404-، 422-، 476-بەتلەر.
     ⑦موللا مۇسا سايرامى:«تارىخى ھەمىدى»، مىللەتلەر نەشرىياتى1986-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرى، 489-490-بەتلەر؛ ئۆزبېكىستانلىق نۇرئەلى سىددىقوف ۋە شىرئەلى قولداشېف:«مۇھەممەد ياقۇپبەگنىڭ سىياسىي پائالىيىتى» ، ئۆزبېكىستان «تۇران-ئىقبال»نەشرىياتى تاشكەنت 2013-يىلى ئۆزبېكچە نەشرى،86-88-بەتلەر. بۇلاردا ياقۇپبەگ قول ئاستىدىكى نىيازبەگ تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن، دېيىلگەن؛رۇسىيەلىك كوروپاتكىن:«قەشقەرىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەشرى،403-بەت؛ جى داچۈن:«ياقۇپبەگنىڭ شىنجاڭغا بېسىپ كىرىشى ۋە يوقىلىشى»، خەنزۇچە«تارىخ تەتقىقاتى»ژۇرنىلىنىڭ 1979-يىللىق 3-سانى. بۇلاردا ياقۇپبەگ قول ئاستىدىكى ئادىمى تەرىپىدىن ئۇرۇلغاندىن كېيىن ھۇشىدىن كېتىپ ئۆلگەن، دېيىلگەن. زېڭ ۋېنۋۇ:«جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى 1986-يىلى قايتا باستۇرغان خەنزۇچە نەشىر نۇسخىسى، بۇنىڭدا ياقۇپبەگ ئۆزى زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان ، دېيىلگەن. كورىيەلىك كىم خودۇڭ: «جۇڭگودىكى مۇقەددەس ئۇرۇش : جۇڭگو شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارئىسيانى ۋە ھاكىمىيىتى(1864-1877)»، ستانفورد  ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2004-يىلى ئىنگىلىزچە نەشرى، 168-بەت. بۇنىڭدا ياقۇپبەگ تۇيۇقسىز قوزغالغان شۇك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن،دېيىلگەن.
     ⑧⑨موللا مۇسا سايرامى:«تارىخى ھەمىدى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرى،529-،543-بەتلەر؛رۇسىيەلىك كوروپاتكىن:«قەشقەرىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەشرى، 407-،411-بەتلەر؛ ئەنگىلىيەلىك چارلىز بولگېر:«ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەشرى، 373-، 393ــــ395-بەتلەر.
     ⑩⑾ موللا مۇساسايرامى:«تارىخى ھەمىدى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرى،481 ـــ 491-، 516 ــــ 525-بەتلەر.
     ⑿ ئۆزبېكىستانلىق نۇرئەلى سىددىقوف ۋە شىرئەلى قولداشېف:«مۇھەممەد ياقۇپبەگنىڭ سىياسىي پائالىيىتى»،ئۆزبېكىستان« تۇران-ئىقبال» نەشرىياتى تاشكەنت 2013-يىلى ئۆزبېكچە نەشرى،89-90-بەتلەر.
   ⒀ ئۆزبېكىستانلىق ئەدھەم مەخەتقۇلوۋ: «پىسكەنىت تارىخىدىن لەۋھەلەر»، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى «پەن» نەشرىياتى تاشكەنىت 2010-يىلى ئۆزبېكچە نەشىرى، 31 ـــ 33-بەتلەر؛ تاجىكىستانلىق ھەسەنباي شەرىپوۋ : «بەدۆلەت ياقۇپبەگ»، موسكىۋا 2001-يىلى تاجىكچە نەشىرى، 445 ــــ 468-بەتلەر.

رەسىملەرنىڭ چۈشەندۈرمىسى(يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تەرتىپتە):
144135cih0iutnlrhtwogu.jpg.thumb.jpg

1-رەسىم: قۇقەند خانلىقىنىڭ دائىرىسى (سۈرەت توردىن ئېلىنغان)
IMG_1031.jpg

2-رەسىم :ياقۇپبەگنىڭ رەسىمى. بۇرەسىمنى تاجىكىستانلىق  رەسسام خاملېت سالىيېف ياقۇپبەگنىڭ 1870-يىللاردا تارتىلغان سۈرىتىگە (ئەنگىلىيەلىك روبېرت شاۋ ياكى دوگلاس فورسىيىس تەرىپىدىن تارتىلغان بولۇشى مۇمكىن)ئاساسەن سىزىپ چىققان.
IMG_2027.jpg

3-رەسىم: «يەتتە شەھەر خانلىقى»نىڭ دائىرىسى(خەرىتە كىم كورىيەلىك كىم خودوڭنىڭ كىتابىدىن ئېلىنغان)
IMG_0980.jpg

4-رەسىم:پىسكەنىت شەھىرىنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشى(2015-يىلى)
IMG_1028.jpg

5-رەسىم:  پىسكەنت شەھىرىدىكى ئەينى ۋاقىتتا ياقۇپبەگ چوڭ بولغان، ھازىرئەۋرىسى ئەنۋەربەگ ياشاۋاتقان ئۆي(2015-يىلى)
P1011801.JPG

6-رەسىم:  ياقۇپبەگنىڭ چەۋرىسى ئادالەتخان(90ياش)
IMG_1025.jpg

7-رەسىم:   ياقۇپبەگنىڭ ئەۋرىسى ئەنۋەربەگ(79ياش)

8-رەسىم: بۇ ئىككەيلەننىڭ ئوڭ تەرەپتىكىسى پىسكەنىت شەھىرىنىڭ ھاكىم ياردەمچىسى كامىلجان مەمەجانوۋ، سول تەرەپتىكىسى  ياقۇپبەگنىڭ ئەۋلادى، «ياقۇپبەگ» نامىدىكى  چوڭ شىركەتنىڭ خوجايىنى  ئابدۇساتتار ئاخۇن (69 ياش)

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنى باشقا تور ئىگىلىرى، سالون ئىگىلىرىنىڭ ئاپتوردىن رۇخسەتسىز   ھەرقانداق شەكىلدە ئۆز تورى ياكى سالونى ۋە ياكى باشقا تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدا تارقاتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەرمۇشۇنداق قىلمىش كۆرۈلسە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.   

uyghuray

1

تېما

0

دوست

5240

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1542
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-13 17:47:21 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر تارىخدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرسى ياقۇپ بەگدىن ئىبارەت بىر قانخور جاللاتنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا پەيدا بولۇشىدۇر. بۇ جاللات خوتەندە 60 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ خوتەننى قانغا بويىغان، بۇ ھارامزادە مەخلۇقنىڭ ھاياتى قىرغىنچىلىق، يەنى ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۆتكەن. ياقۇپ بەگ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن سىرتتىن كەلگەن قاراقچىلار شىنجاڭغا پۈتۈنلەي بايلىق ئۈچۈن كەلگەن مۇناپىق كىشىلەردۇر، بۇ مۇناپىقلارنىڭ كاساپىتىدىن ئۇيغۇرلار ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىدى. ياقۇپ بەگنىڭ 70 مىڭ ئەتراپىدا ئەسكىرى تۇرۇپ مانجۇلار بىلەن روبىرو تۇرۇپ ئۇرۇشمىدى، ئاقىۋەتتە پۈتۈنلەي ھالاك بولدى. ئەنجاندىن كەلگەن قاراقچىلار پۇل-ماللارنى بۇلاپ يۇرتىغا قاراپ قاچتى، لېكىن كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى بىچارە يەرلىك كىشىلەرگە كەلدى. مۇشۇ تارىخقا قارىساق ئەنجاندىن كەلگەن كەلگىندىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاچكۆز، پەسكەش، قاراقچى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ قاراقچىلار ئۇيغۇرلارغا مۆلچەرلىگۈسىز ئېغىر زىيانلارنى سالدى. مەن ياقۇپ بەگنى پەقەت بىر قاراقچى دەپلا ئويلايمەن، ئۇنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى ھەممىسى سۈيىقەستتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

0

تېما

1

دوست

1415

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28539
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-13 17:58:29 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېما يوللىنىپ بولغان ئىدىغۇ؟

19

تېما

2

دوست

5194

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1456
توردىكى ۋاقتى: 230
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-13 18:47:19 |ئايرىم كۆرۈش
iksak يوللىغان ۋاقتى  2016-1-13 17:58
بۇ تېما يوللىنىپ بولغان ئىدىغۇ؟

قاچان
uyghuray

0

تېما

0

دوست

938

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36603
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-23
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-13 19:00:05 |ئايرىم كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

2038

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52403
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-13 19:01:10 |ئايرىم كۆرۈش
ablimit007 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-13 17:47
ئۇيغۇر تارىخدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرسى ياقۇ ...

بۇرادەر ھەقانداق نەرسىنىڭ ئىككى يۈزى بۇلىدۇ   ئەگەرئۇھەقىقەتەن قاراقچى بولسا 12يىل ئەمەس 12ئايمۇ ھۈكۇم سۈرەلمىگەن بۇلاتتى شۇڭا شۇۋاقىتتىكى تارىنى100دە100توغرادەپ كەتكىلى بولمايدۇ شۇڭا بىز ئۇتارىختىن پەقەت تەنقىدى پايدىلانساقلا  بولدى

0

تېما

2

دوست

1473

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20597
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-13 19:07:09 |ئايرىم كۆرۈش
تەكرار تىما ئۆتكەندە بىر يوللىنىپ بولغان.

4

تېما

49

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3580
توردىكى ۋاقتى: 1172
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-13 19:16:08 |ئايرىم كۆرۈش
   ياقۇپبەگ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىككىنچى ئەڭ ئىسلام پالاكىتىگە دۇچار قىلغان .يەنە ئۇيغۇر زىمىنلىرىنى تىبەتلەرگە ‹سولاپ ›بەرگەن .تارىخ كەينىگە يانمايدۇ ھەم بىز تارىخنى ئارزۇيىمىز بويىچە ھاسىل قىلالمايمىز .ئەمما بىز تارىىـخن ساۋاق ئالالايمىز .ئۇ بولسىمۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىنى دىنچىلىق ياكى دىنىي ئەقىدىچىلىك ،دىنىي يىتەكلىنىش بىلەن تەقدىرى ئۆزگىرىشى قىلالمايمىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )