- تىزىملاتقان
- 2016-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 483
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
91.5%
|
1995-يىلى12-ئايلارنىڭ بىر يەكشەنبە كۈنى كەچتە ، شنجاڭ پوچتا-تېلىگراف تېخنىكا ئىشچىلار مەكتەپ ، سىنىپ مۇدىرىمىز ئابدۇنەبى مۇئەللىم سىنىپ يىغىنىدا ساۋاقداشلارغا تەربىيە ئېلىپ بېرىپ ؛ « ....... ......... ..21 -ئەسىرنىڭ ساۋاتلىقنىڭ ئۆلچىمى 1- ئۇزى ياخشى كۇرىدىغان كەسپىكە ئىگە بۇلۇش ، ھەم شۇ كەسىپنىڭ خەلىقئارادىكى تەرققىياتىدىن خەۋەردار بۇلۇش كىرەك . 2- ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا بىرخىل تىلنى، ئۇزنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدەك بىلىش كىرەك.3- كومپىيوتېردا ئۇزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان بۇلىشى كېرەك . 4- شۇپۇرلۇق پىراۋىسى بۇلۇش كىرەك 5- تاماق ئېتىپ ئۆزھاجىتدىن چىقالىشى كىرەك ......... » دىگىنى ھازىر دىگىنىدەك ئىسىمدە تۇرىدۇ .
21-ئەسىرنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئارتىپ 16- پاشتاققا چىقىپتۇق ، ماتماتىكىلىق ھىساپلاش ئېلىپ بارغاندا 21-ئەسىرنىڭ %16تى تۇگەپتۇ ، ھەجەپ تىز ھە ،
(1) كەسىپ ؛
ئىنسان ھاياتلىق جەرياندا ، چۇقۇم بىرخىل كەسىپكە ئىگە بۇلۇش كىرەك ..« بارلىق جىنايەتلەرنىڭ ئاساسى ئىشسىزلىق » . ئىشسىزلىق مەسىلىسى پۇتكۇل دۇنيادىكى خەلقئارالىق مەسىلە . كەسىپ مەسىلىسى بىر رايۇندىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇزىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە بىۋاستە مۇناسۋەتلىك . ھەم ئىگە بولغان كەسپىدىن خەلقئارالىق تەرققىياتىدىن خەۋەردار بۇلۇش ، شۇ ئىنساننىڭ كەلگۇسى ھاياتىغا ئجابى ھالدا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ
(2) ئاناتىلدىن باشقا يەنە بىر تىلنى بىلىش ؛
ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشاش جەريانىدا ، قۇشنا -قۇلۇمسىز ، يەككە-يېگانە ، بىكىنمە ھالەتتە ياشالمايدۇ ، ھەم باشقىلارنىڭ ياخشى- يامان تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ، ئۇگۇنىش ، ناچىرىنى شاللاش ئۇچۇن، ئۇزىنىڭ باشقىلارنىڭ ياردىمسىز بىۋاستە ئالاقە قىلىش ئۇچۇن تىل ئەڭ مۇھىم . شۇڭا بۇ ئالدىنقى شەرتلەرنىڭ بىرى .
(3) كومپىيوتېر مەشغۇلاتنى بىلىش ؛
21- ئەسىر ئۇچۇر - ئالەقە ۋە ئېنتىرنىت دەۋرى . مەيلى سىز يەر شارىنىڭ قەيىردە بولۇك ، ۋە قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇنلىنىڭ ھامان سىزگە بىۋاستە زەرەتلىشىدۇ . جەمىئىيەتنىڭ تەرققىياتىدىن كۇرۇشكە بۇلىدىكى گەرچە كۇمپيۇتېر باربارا ئۇمۇمىلىشىپ ، ھەم يۇزە كى شالىنىش بولسىمۇ ، مەيلى قانداق ئەقلىي ئىقتىدرلىق مەسۇلات بۇلشىدىن قەددىئى نەزەر كومپىيۇتېر ئەمەلدىن قالمايدىغان بوۋىسى ۋە ئاساسى..
(4) شوپۇرلۇق پىراۋا ؛
شوپۇرلۇق پىراۋا بۇلسا قەدىمقى زاماندىكى كىشلەرنىڭ ھازىرقى زامانىۋى ئېتىنى مۇنۇش ئىجازىتى . ئىنسان مەيلى قانداق رايوندا ياشىشىدىن قەددى نەزەر ، قاتناشقان ئىھتىياجلىق ،قاتناش مەسىلىسنى باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز ھەل قىلىش كىرەك . ( چۇنىكى ئۇ ئۇزى ئۇچۇن ياشايدۇ )
(5) تاماق ئېتىش
ئىنسان ياشاش ئۇچۇن يىيىش كېرەك ، ياشاشتىن مەخسەت ئۇزى ۋە باشقىلار ئۇچۇن . مۇشۇ مەخسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن بولسا باشقىلارغا تايانماسلىق كىرەك ..ئەڭ ئاددىسى تاماق مەسىلىسىدە ئۇزى ئۇزنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش كىرەك ..
بەزىدە ئۇيلاپ قالىمەن ساۋاتلىقنىڭ ئۆلچىمى بۇنداق بولغاندا زىيالىنىڭ قانداقتۇر ؟ مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا قانچىلىك خەلقىمىز ساۋاتلىقتۇ؟قانچىلىك خەلىقىمىز زىيالىدۇر؟
نىسپى-مۇتلەق
2016-1-14
|
|