- تىزىملاتقان
- 2011-1-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 600
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
20%
|
ئاق قان كېسىلىگە(قان راكى) گىرىپتار بولغان بالىنىڭ ئىلتىجاسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تاغا-ھەدىلە ياخشىمۇسىلەر!
مېنڭىڭ ئىسمىم ئىلىيار ھاسەن،2001يىل 8ئايدا يەكەن ناھىسىنڭ چارەك بازار چارەك كەنتىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇيمەن.
2009-يىلى 3-ئاي، بىر قېتىملىق ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىزىتما تۈپەيلىدىن
قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندىم ، دوختۇرخانىنىڭ دىئاگىنوز نەتىجىسىنى ئاڭلىغىنىدا،پۇتۇن ئائلىدىكىلەر قايغۇغا چۇمدى،ئاخىرى ئاتا-ئانام بىر خىل ئۈمىدنىڭ تۈرتكىسىدە مېنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋىرستېتى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىپ قايتاتەكشۈرتتى. ئەپسۇس، دىئاگىنوز نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش: «جىددىي خاراكتىرلىك ئاق قان كىسىلى»بولۇپ چىقتى.داۋالىنىشقا پۇل بولمغاچقا يۇرتتقا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.كېسىلىم ئېغىرلىشىۋىلىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىدا ئىككى يىلغا يېقىن خېمىيىلىك داۋالاشلارنى بېشىمدىن كەچۇردۇم ،كېسىلىم ياخشىلىنىشقا قاراپ يۇزلەندى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا ياردەم بىرىشكە كەلگەن مۇتەخەسىسلەرپۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇش تەكلىۋىنى بەردى. يېڭى ئۈمىد تۇغۇلدى. ھەممەيلەن شاتلاندى..ئاتا ئانام ئوي بىساتىمىزنى سېتىپ خوشنا خۇلۇملاردىن قەرز ئېلىپ،150مىڭ يۈەن تەييارلاپ 2010 يىلى9ئايدا مېنى تېببىي ئۇنىۋىرستېتى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلدى.4ئاي خېمىيەلىك داۋالاشنى بېشىمدىن كەچۈردۈم، 2011يىل 1ئايدا دوختۇرلار يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىمنى، مېنىڭ يىلىك تىپىم بىلەن دادامنىڭ 50%ماس كىلىدىغانلىقىنى ،ئاتا-ئانامنىڭ200مىڭ يۈەن پۇل تەييارلىشىنى ئۇقتۇردى. ئاخىرى ئاتا-ئانامنىڭ قەرىز ئېلىشى ھەم جەمىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلېرىنىڭ ياردىمىدە 2011يىل 1ئاينىڭ 11چىسلا دوختۇرلار ماڭا يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئېلىپ باردى .ئەمما ئوپراتسىيەدىن كىيىنكى داۋالاش ھەققى بەك يۇقرى بولغاچقا تەيىيارلىغان پۇل 10كۇنلۈكمۇ بولمىدى،مېنىڭ ھازىرئايرىم داۋالاش ئۆيىدىن چىقىشىمغا يەنە 40كۇن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدىكەن، مېنىڭ دادام باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ،ئاپا بولسا دېھقان،4ياشقا كىرگەن بىر ئىنىم بار،2ئائىلىدىكى ھەممىمىز دادامنىڭ ماشىغا تايىنىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدايمىز ،2يىلدىن بۇيان مېنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئاتا ئانام ئۆي بىساتىمىزنى ساتقاننىڭ سىرتىدا 100نەچچە مىڭ يۇەن قەرىز بوپ قالدى.نەچچە كۇندىن بۇيان ئاتا-ئانام تۆت تەرەپكە قاتراپ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلالمىدى،ھازىر دوختۇرخانىغا قەرىز بولۇپ قالغاچقا داۋالاشنى توختاتماقچى بولىۋاتىدۇ،،ئەمدىلا پەيدا بولغان ھاياتلىق شامىم ئۆچۈپ قېلىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ،مېنىڭ بۇنداقلا ئۆلۇپ كەتكىم يوق،ھۆرمەتلىك تاغا-ھەدىلە ماڭا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇپ قويۇڭلا،مەندىن قايىتمىسا ئۇلۇغ ئاللا ئىگەمدىن قايتا!
ھۈرمەت بىلەن تېببىي ئۇنىۋىرستېتى دوختۇرخانىسى 5قەۋەت قان كېسەلىلىكى بۆلۇمى 6-ئايرىم ئۆي ئىلىيار ھاسەن
مېنىڭ ياتاق نۇمۇرۇم 4366157-6006
ھېساپ ئاچقان بانكا: يەكەن ناھىيىلىك سودا سانائەت بانكىسى
كارتا ئىگىسى: ھەسەنجان مەمەت
ھېساپ نومۇرى 9558803012100127259
دادام ھەسەنجان مەمەتنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 13579064264
|
|