مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
بىلدۈرگۈ: بىر نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا قومۇل ئەدەبىياتى ژورنىلى ۋە باغداش قاتارلىق مۇنبەرلەردە تۆمۈرتى،نېرناسىلاردىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇريېزىقىدىكى بۇددا دىنى مەزمون قىلىنغان« مايتىرىيالار بىلەن ئۇچىرىشىش» ناملىق كىتاب ۋە كىتابنى تاپقۇچىلار ھەم ئۇنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان گېرمانىيە گۆتتىنگىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت ھەققىدە ماقالە يازغانتىم. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بېيىجىڭدىكى بىر ئايال تەتقىقاتچىنىڭ نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدىلا قومۇلدىن تېپىلغان « مايتىرىيالار بىلەن ئۇچىرىشىش» دېگەن كىتابنى مەن تاپتىم دەپ شۇ يىللىرىلا خەلقئارالىق بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئاڭلاپ( ئۇ خانىم بۇرۇن قومۇلغا كەلگەنمۇ بىلمەيمەن، ئەمما بۇ قەدىمىي كتاب بايقالغاندىن تارتىپ، مۇشۇ كۈنگە كەلگۈچە ئۇنىڭ مۇبارەك جامالىنى قومۇلدا كىرگەن يوق )، چىداپ بولالماي خەلقى ئالەمنى ھەقىقىي توغرا ئۇچۇر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.مەن بۇ يەردە ئۇ ئايال تەتقىقاتچىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىماي تۇراي، ئۇنىڭ تېزراق ئۇيغۇنۇپ، ئۇنتۇلغان ئىنسانىي ئەخلاقىغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پەزىلەتلىك كىشى پەسكەشلىك قىلمايدۇ. (ئۈندىدار سالۇنۇمدا خەنزۇچە نۇسخىدىمۇ تارقىتىلدى)
« مايتىرىيالار بىلەن ئۇچىرىشىش»تېپىلغان نېرناسى كەنتى
« مايتىرىيالار بىلەن ئۇچىرىشىش»تېپىلغان نېرناسى كەنتى
« مايتىرىيالار بىلەن ئۇچىرىشىش»تېپىلغان نېرناسى كەنتىنىڭ ئاددىي خەرىتىسى
ھەممىمىزگە مەلۇم، 1950-يىللاردا قومۇل شەھىرى تەرىتاغ يېزىسىنىڭ تۆمۈرتى كەنتىدىن« مايتىرىيالار بىلەن ئۇچىرىشىش» ناملىق بۇددا دىنىغا ئائىت قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان كىتاب بايقالغانتى. تىلچى كىتابقا مۇنۇ قۇرلارنى يازغان ئىكەن.- مەنكى پىراجناراكاسىتا (بۇددىسىت ئۇيغۇر)مايتىرى سىمىتنى توخرى تىلىدىن تۈرك ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇردۇم. بۇ يەردە تىلغائېلىنغان توخرى تىلى 8-9-ئەسىرلەرگىچە ئىشلىتىلىشتىن قېلىپ ئۆلگەن تىللار قاتارىغاكىرىپ بولغان تىل. شۇڭا ئۆز زامانىسىدا مايتىرى سىمىتنىڭ ئۆلگەن تىلدىن ئەمەس جانلىق ئىشلىتىلىۋاتقان دەۋىرلەردە يەنە 9- ئەسىردىن بۇرۇن توخرى تىلىدىن ئۇيغۇرتىلىغا ئاغدرۇلغانلىقى بىزگە مەلۇم بولىدۇ. دېمەك، بۇ كىتاب ئىدىقۇت ئۇيغۇرخاندانلىقىدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.( ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى 860-يىلى قۇرۇلغان ) قومۇلدىن تېپىلغان قىممەتلىك مىراسىمىز بولغان بۇ تەۋەرۈك ھازىر مەيلى جۇڭگونىڭ بولسۇن ۋە مەيلى خەلقارانىڭ بولسۇن ئىزچىل دىققەت ئېتىبارىغا سازاۋەربولۇپ كېلىۋاتىدۇ! دۇنيادىكى ئۇيغۇرشوناس ۋە ئۇيغۇر، تۈرك تارىخىغا قىزىققۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىتاب ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ھازىر بۇ كىتاب ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزىيخانىدا ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىۋاتىدۇ.
« مايتىرىيالار بىلەن ئۇچىرىشىش»تېپىلغان ئۆڭكۈر - نېرناسىدىكى تۇڭگۇز جىلغىسى
ئەمدى گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك، يەنە شۇ مۆجىزىلەر ماكانى بولغان تۆمۈرتى بىلەن خوشنا بولغان باتۇرىمىزسېيىت قۇرباننىڭ يۇرتى نېرناسىدىن يەنە بىر پارچە كىتاب بايقالدى! بۇ كىتابنىڭ بايقىلىش جەريانى تولايامان ئۇزۇنغا سوزۇلدى، بىز ھەم ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تارىخىغا قىزىققۇچىلار شۇنداق بىر كىتاب يا بولمىسا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بىرەر تال ھەرىپىنى بولسىمۇ ئىزلەۋاتقىلى 50-100 يىل بولاي دەپ قالغانتى...ئاخىرى ئۇدۇم قىلساڭ ئۇلىشىسەن، دەپ بۇ يىلقى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە بىز زارىقىپ كۈتكەن بۇ قەدىمكى ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقىل ئەجىرى، قان-تەرى سىڭگەن ئالتۇن كەبى سۆيۈملۈك كۆرۈنىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ ئۇچىرىغا ئېرىشىپ قالدىم.بۇنېرناسىنىڭ تېخى قىشلىق ئۇيقۇدىن ئۇيغانمىغان كۈنلىرى بولۇپ، ھاۋا تولىمۇ سوغوق ئىدى. شۇكۈنى يەنى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13- كۈنى مەن، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەرئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىرىشچان ئوقۇغۇچىسى ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇرى، تۈركىيە ئەنقەرەئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قەيسەر ئوقۇغۇچىسى سەزەن ئۆزقان قاتارلىق ئۈچەيلەن، قومۇل شېۋىلىرىنى يىغقىلى بۇ قەھرىتان قىشتىمۇ بىر خىل سېھىرلىك گۈزەللىككە تويۇنغان،قەدىمى تاغلىق كەنت نېرناسىغا قەدەم باستۇق. توۋۋا نېرناسى خەلقى نەقەدەرئوچۇق-يورۇق، مېھماندوست خەق ھە؟!مەيلى قايسىلا ئۆيگە كىرەيلى، خۇددى ئۆز تۇققانلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرگەندەك قىزغىن قارشى ئېلىناتتۇق. بىز تاغلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقكۆڭۈلىكىنى ھېس قىلغاچ ئۆز ئىش-ئەمگەكلىرىمىز بىلەن كۈننىڭ قانداقلار بولۇپ كەچ بولغىنىنىمۇسېزەلمەپتىمىز. قايتاي دېسەك يول يىراق، قالاي دېسەك بىز بۇ يەرگە ناتونۇش. ئاخىرى كەنت كادىرلىرى بىزگە ياتىدىغان جاي ھازىرلاپ بەردى. ئەتىسى نىمە ئىشلارنىڭ يۈزبېرىدىغىنىنى بىر ئاللا بىلىدۇ. بىز سەھەر تۇرۇپ نېرناسىدىكى مېھرىبان ئانىمىزپاتمىخاننىڭكىگە كىردۇق، ئۇ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن قوتۇرماچقا داخىل بولدۇق، ساپ نېرناسى شىۋىسىدە بىزنى سەنلەپ سۆزلەۋاتقان پاتمىخان ئانىمىز بەكمۇقىزغىن، ساپدىل، مېھرىبان، پاراڭچى ئايالكەن.
كىتابنىڭ ئۇچۇرىنى تۇنجى بولۇپ ماڭا ئېيىتقان بۇرھان بەكرىنىڭ ئۆيى
ئارىلىقتىكى بىر قانچە ئايلاردا ئابلاجان بىلەن سەزەن بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغىلى كەتتى.4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا سەزەن قومۇلغا يەنە بىر قېتىم كەلدى، بىز ئارتۈركچى مۇئەللىم ئايجاماللار بىرلىكتە شىۋە يىغىش ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. 2012-يىلى-5-ئاينىڭ21-كۈنىبىز سەزەننىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن ئۇنىڭ مېھرى چۈشۈپ قالغان خىلۋەتتىكى بۇ نېرىناسىغا يەنە قەدەم باستۇق.
نېرناسى كەنتى پاتمىخان ئانا ۋە تۈركىيەلىك سەزەن ئۆزقان (ئوتتۇرىدا)
بىز ئالدىراشچىلىق ئىچىدە پاتمىخان ئانام قاتارلىق بىر قانچە ئۆيلەرگە كىرىپ قايتايلى، دېسەك تۈركىيەلىك سەزەن يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ ماڭايلى، دەپ تۇرىۋالدى. چۈنكى ئۇ بۇ قەدىمىي ئويۇقلۇق ئۆيلەر بىلەن تولغان، پات ئارىدا تۈزلەڭگە كۆچۈرۈلۈپ كېتىش ئالدىدىكى نېرناسى دېگەن يۇرتنى ۋە بۇ يۇرتتىكى بارلىق ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى ياقتۇرۇپ قالغانتى. مەن يول مېڭىپ چارچاپ كەتكەچكىمۇ ئۆيگە كىرمەي سىرتتا قالغانتىم، توساتتىن ئاشۇ ئۆينىڭ سىڭىرىدىكىلا بىر كىچىك چوققىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇزۇن يىللىق تەجىرىبەمگە ئاساسلانغاندا، بۇ چوققا بىرقەدىمىي خارابىلىكتەك تۇراتتى، مەن ئۇنىڭ يېنىدىن بىر پارچە قەدىمكى ساپال سۇنىقىنى تېپىپ سىنچىلاپ قاراپ تۇرسام، بىر ئورۇقراق يىگىتچاق پەستىن چىقىپ كېلىپ مەن بىلەن ئەھۋاللاشتى. ئۇنىڭدىن بۇ چوققىنىڭ ئىسمىنى سورۇدۇم، بۇ چوقىنىڭ نامى كۆك دۇققا ئىكەن.
نېرناسى كەنتى كۆك دۇققا چوقىسى
ئەدەبلىك ۋە ئاقكۆڭۈل بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى بۇرھان ئىكەن. ئۇ ماڭا يەنەبۇ چوققىدىن نۇرغۇنلىغان كارساڭ ۋە كىشى سۆڭەكلىرىنىڭ چىققانلىقىنى دەپ بەردى. گەپ ئارلىقىدا ئۇ مەندىن - ئاكا سەن قەدىمكى يېزىق تونۇمسەن؟ دەپ سوراپ قالدى. شۇتاپتا بەك ھاياجانلىنىپ كەتسەممۇ ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ -تونۇيمەن ئەمما ئوقۇيالماسلىقىم مۇمكىن، ئۇ يېزىق يېنىڭدا بارمۇ؟ دەپ سورۇدۇم. ئۇ بۇ يېزىق بارقەغەزلەرنى قومۇلدىكى بىر دوستىنىڭ يېنىغا يۈرتىۋەتكەنلىكىنى ئېيىتتى. بۇرۇندىمۇبۇنداق يېزىق رىۋايەتلىرىگە تولا ئۇچىرىغانلىقىم ئۈچۈن ئانچە كوش قىلماپتىمەن، گەپ شۇيەردە قالدى. شۇنداقتىمۇ بۇرھانگاڭنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى ساقلىۋالدىم. ئارىدا بىرنەچچە ئايلاردا بىر تېلىفۇن ئۇرۇشۇپ تۇردۇق. ئارىدىكى بىر كەملەردە بۇ يېزىق ئۇچۇرىنى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بۆلىكىدە خىزمەت قىلىدىغان تارىخچى ئاغام ئابلېز ئۇرخۇنغا يەتكۈزدۈم. چۈنكى ئۇرخۇن ئاغام ماڭا كۆپ قېتىم، قومۇلدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى چىقىدۇ،بۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىلىرىدىكى ئىش(مەن قومۇل ۋىلايەتلىك مىللەت تىل- يېزىق، قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىدا ئىشلەيتتىم)،چوقۇم كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرسىلا، دەپ كۆپ تاپىلىغان ئىدى. شۇ جەرياندا ساقا ئارتامدىكى ئۇيغۇرشار خارابىلىكىنىڭ كۈن پېتىش تەرپىدىكى يوغان تاشلىقتىن ئىككى تال قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقنى تاپتىم. ئۇنى شۇ يىلى قومۇلغا كەلگەن يەنە بىر ئەزىزمېھمان تۈرك دوكتۇر خاقان مۇئەللىم ئوقۇپ بەردى، <ساقا سۈيى> دەپ يېزىلغان خەتكەن.بىز ئۇنى <ساقا سويان> دەپ خاتا ئوقۇۋالغانتۇق. كېيىن يەنى 2012-يىلى بۇ تاشتىكى خەتنى دوكتۇر ئابلەت سەمەت « ساقا شىتۇفا » دەپ توغۇرلاپ ئۇقۇدى.قەدىمكى تىلىمىزدىكى مەنىسى : ساقىنىڭ كىچىك بۇتى، بولىدىكەن.
ئارتامدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىق بار تاش
شۇ يىلى دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىدا بايرام باھانىسى بىلەن ئابلېز ئۇرخۇن ئاكام ئائىلىسىنى ئەگىپ قومۇلغا كەلدى. 9-ئاينىڭ 28- كۈنى كۆز قارايغان كەملەردە، بىز بۇرھانگاڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇ ئىشلەۋەتقان ئورۇنغا باردۇق. بىز قىسقىغىنە تېنچلىق-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن يېزىقنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇ يانچۇقىغا سالغان پۇلداندىن بىر كىچىككىنە قەغەزگە ئورالغان، سارغىيىپ كەتكەن بىر پارچە قەغەزنى قولىمىزغا تۇتقازغىنىدا ھاياجانلىق ياشلىرىم چاناقلىرىمدىن چاچىراپ كېتەي دېدى. بۇ دەل بىز تالاي يىللاردىن بۇيان ئىزلەۋاتقان خەت ئىدى...ئۇرخۇن ئاغاممۇ شۇھالەتتە، بۇرھانگاڭ بولسا ئۆز ئىشى بىلەن مەشخول ئىدى. بىز ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن بۇقەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن مىڭ تەسلىكتە بىزگىچە ئۇلۇشۇپ كېلەلىگەن تەۋەرۈك خەتنى رەسىمگە تارتىۋالدۇق.
2012年9 月28日 8:12:48
بىز بۇ قەغەزنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى سورىساق، بۇرھان قالغان قىسمىنىڭ يەنە بىر بۇرھان ئاسىپ ئىسىملىك نېرناسىلىق مۇئەللىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى دېدى. بىز ئۇنىڭمۇ تېلېفۇن نومۇرىنى سورىۋالدۇق.ئارىدىن بىر نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپ2012-يىلى10-ئاينىڭ20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇرھان مۇئەللىم بىلەن ئايشەم تورتىخانىسنىڭ ئالدىدا ئۇچىرىشىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنقى سەلتەنەتلىك تارىخىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئۇششاق پارچىلارغائايلىنىپ كەتكەن، جۈپ ئالقانغا لىق تولغۇدەك قەغەزلەرنىڭ سىماسىنى كۆردۇق. بۇرھان مۇئەللىم تولىمۇ كەمتەر، ئالدىن كۆرەر ،چىچەن بالىكەن. ئەگەر شۇ بۇرھان مۇئەللىم بولمىغان بولسا، بەلكىم بۇ كىتاب بىزگىچە مەڭگۈ يېتىپ كېلەلمىگەن بولاتتى. بىزئۇنىڭ رۇخسىتىنى بىلەن، كىتاپ پارچىلىرىنى ئېلىپ قالدۇق. بارلىق ياپراقچىلارنىڭ ئارقا ئالدىنى ئالاقويماستىن سۈرەتكە تارتىپ خاتىرىگە ئېلىۋالدىم. كەچتە ئۇرخۇن ئاغام ئۇلارنى ئۇخلىماستىن تاڭ سۈزۈلگىچە رەتلەپ چىقىپتۇ.
نەچچە كۈندىن كېيىن بۇخەتلەرنى بۇرھانگاڭ، موسا ( بۇرھان مۇئەللىمنىڭ ئۇكىسى، بۇندىن 8 يىل مۇقەددەم نېرناسى تۇڭڭۇز جىلغىسىدىن ئەسلى كىتابنى تاپقۇچى ۋە ساقلىغۇچى)،ئاقنۇرلارنىڭ سۈيلىشى بىلەن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇق. (ئەسلىدە بۇرھان مۇئەللىمنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇرخۇن ئاغامنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالغان كىتاب قاتناش بىلەن يەنە ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك يۇرتى قومۇلغا قايتىپ كەلدى.) بىز يۈرىكىمىزنى نەچچە يۈزمىڭ مۈشۈك تاتىلىغاندەك بولۇپ ئارامسىزلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنى ئارىدىن بىرەر ئايدىن ئوشۇقراق ۋاقىت ئۆتكەن كۈنلەردە، شەھەرلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەتلەرى قوغداش مەركىزىدە ئىشلەيدىغان يۈنۈس ئىبراھىم ئاكامنىڭ بۇ كىتاب ئۇچۇرىنى بىلىپ، ئۇ بالىلارنى ئىزلىگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇلىشى ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كىتاب پارچىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ئەي سۆيۈملۈك نېرناسى ئوغلانلىرى بەلكىم سىلەر ئاشۇ كىتابنى تېپىۋالغانلىق ۋە ئۇنى تەتقىقات ساھەسىگە تەقدىم ئەتكەنلىك ئىش ئىزىڭلار بىلەن دۇنيا يېزىق تارىخىنىڭ قامۇسىغا كىرىشكە مەڭگۈ ھەقلىقسىلەر!
كىتابنى تاپقۇچى بۇرھان بەكرى
كىتابنى تاپقۇچى موسا شاكىرى
كىتابنى تاپقۇچى ئاقنۇر ئاقمول
كىتابنى ئۆز يېنىدا ئەتىۋارلاپ ساقلاپ تۇرغان بۇرھان ئاسىپ مۇئەللىم
بۇ كىتاب ئالدى بىلەن نېرناسىغا تەۋە! ئاندىن قالسا قومۇلغا ھەم پۈتكۈل ئۇيغۇرغا ۋە دۇنياغا مەنسۈپتۇر! مۇشۇكۈنلەردە، بۇ كىتابنىڭ ئۇچۇرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزىي قاتارلىق ئورۇنلارغا، بېيجىڭدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. گېرمانىيەدىكى دوكتور ئابلەت سەمەت بىز ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن بىرپارچە ئۇۋۇلىنىپ كەتكەن كىتابنىڭ پۇچەك بەتلىرىدىكى بىر، ئىككى تال قەدىمكى ئۇيغۇريېزىقىنى ئوقۇپلا، بۇ كىتابنىڭ قومۇل تۆمۈرتىدىدىن تېپىلغان « مايتىرىيالار بىلەن ئۇچىرىشىش»نىڭ يوقالغان قىسمى ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ تەتقىق قىلىپ « مايتىرىيالار بىلەن ئۇچىرىشىش» نېرناسى نۇسخىسىنىڭ 90 نەچچە پارچىسىنىڭ ئورنىنى تېپىپ بولدى.
ئابلېز ئورخۇن ئەپەندىم 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىق بايقالغانلىق ئۇچۇرىنى(سۈرەتلەرنى ئەۋەتىپ) يازغاندىن كېيىن ، ئابلەت سەمەت دوكتورنىڭ 2012-يىلى 11-ئاينىڭ19-كۈنى تاپشۇرىۋالغان سۈرەتلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مايتىرىلارنىڭ ئۇچۇرىشىشى تۆمۈرتى نۇسخسىنىڭ پارچىلىرى ئىكەنلىكىنى ھاياجان ئىلكىدە بايقىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئابلېز ئەپەندىمگە قايتۇرغان خەت.
شۇ يىلى ئۆتكەندىن كېيىن ئابلەت سەمەت، ئابلېز ئورخۇن قومۇلغا كېلىپ نېرناسى، تۆمۈرتىلەردە تەتقىقاتتا بولدى. تۆمۈرتىدە...
دېمەك، بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى « مايتىرىيالار بىلەن ئۇچىرىشىش» نىڭ قالدۇق قىسمى تېپىلغان نېرناسىدا،بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ۋە نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى بىلەلەيمىز. نېرناسى ۋە تۆمۈرتىلەر ئاشۇ بىزگە نامەلوم دەۋىرلەردە دۇنيا مەدەنىيتىگە تەسىر كۆرسەتكەن تۆرت چوڭ دىننىڭ بىرى بولغان بۇددادىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان. بىزنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ قەدىم ماكاندا ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ۋە يېزىق مەدەنىيتىنى ياراتقان...بۇ يەر چوقۇم قوغدىلىشقا ھەقلىقتۇر! مەملىكىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن كىچىككىنە بىرەر مەدەنىيەت يادىكارلىقى چىقىپ قالسىمۇ ئۇ جايدا قۇرۇلۇش قىلىش ۋە ئۇيەرنى ئېچىش چەكلىنىدۇ. ئۈمىدىم مۇشۇ « مايتىرىيالار بىلەن ئۇچىرىشىش»نىڭ تېپىلىشى سەۋەپلىك تولىمۇ ئۇزاق ھەم سىرلىق تارىخىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان بۇ مۇقەددەس تاغلارنىڭ ھەقدات ئىگىلىرى بولغان يەرلىك ئاھالىلىرى تۈزلەڭلەرگە كۆچۈرۈلمىگەن ئاساستا، ئۇ كەنتلەر دۇنيا دەرىجىلىك ۋە ياكى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇلغان بولسا، تېخىمۇ كاتتا تەبرىكلىگۈدەك ئىش بولغان بولاتتى...
نېرناسى
ئەي نېرناسى،
سۈكۈتتىكى سىرلىق بىر ماكان،
سەن ئۇنتۇلغان تاغ باغردىكى تاشقاتما.
قار،يامغۇر ھەم شاماللار ئەسىرلەر سۆيگەن،
ئاي ۋە يۇلتۇز، شەپەقلەر سىرىنى تۆككەن.
ئەي نېرناسى،
سەن بىر چۈشسەن، ئۇيغۇنالالمايسەن،
تەڭرىتاغنىڭ چۈشىگە مەڭگۈ،
دەرتلىرىڭنى پىچىرلىغىلى،
قارلەيلىسى بولۇپ كىرىسەن...
2016-يىلى 1-ئاينىڭ18-كۈنى قومۇل
|