قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1341|ئىنكاس: 12

ئەلكۈن: بابۇر ۋە ناۋايى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

22

دوست

6428

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 2468
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-19 07:30:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاسىيەت بەكمىرزايېۋا

ئۆزبېكچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى
Nawayi_we_babur.jpg

ئەدەبىياتشۇناس باتىرخان ۋەلىخوجايېۋ بابۇرنىڭ ئۆزى ناۋايىنىڭ تېرىما دىۋانىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى “بابۇرنامە” ئاساسىدا ئېنىقلىغان. ناۋايىنىڭ كۈتكەن ھۆكۈمدارلىق ھەققىدىكى ئارزۇلىرى ھەم بابۇر پائالىيەتلىرىدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكىس ئەتكەن ئىدى. بابۇر ئۆزى تۈزىگەن “بۇيۈك ئىمپېرىيە” دە ئۆتكۈزگەن ئىسلاھاتلىرىنى قارار تاپتۇرۇش ۋە مەپكۈرەسىنى مۇستەھكەملەش ئۇچۇن ھەركەت قىلغان. بۇنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسلىرىنى يارىتىش مەقسىتىدە دىنىي پەلسەپىۋى، ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەسەرلەر يازغان. “مۇباييىن” ۋە ھەربىي مەسىلىلەر خۇسۇسىدىكى رىسالىلەر بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ.

ئەلشىر نەۋايىغىچە ھەم ئۆزبېك يازما ئەدەبىي تىلى مۇئەييەن دەرىجىدە شەكىللەنگەن، شېئىرىيەتتە ھەم مۇئەييەن ئەنئەنىلەر مەۋجۇت ئىدى. ئەلشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ماۋزۇغا بېغىشلانغان شېئىرىي ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنى راۋاجلاندۇردى. ئۇ بۇنىڭ ئۇچۇن ئۆزبېك تىلى شىۋىللەرى ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلاندى، مەۋجۇت ئەدەبىي مەكتەپلەرنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، يىگانە ئۈزەنگە سالغان ئىدى. پروفېسسور ئا . ھايىتمەتوۋ قەيت قىلغىنىدەك: “ناۋايىنىڭ ئۆزبېك تىلىدا يېزىش ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋە تەرغىباتلىرى ئۆز دەۋرىدە ئۇ كۈتكەن دەرىجىدە مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغان بولسا ئەمما ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا ناھايىتى كاتتا ئىجابىي رول ئوينىدى”. زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ شېئىرىي ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى شۇنىڭدىن دالالەت بەردى.

ۋ. بېلنىسكىي ئەدەبىي تەسىر خۇسۇسىدا سۆز يورۇتقان ئىكەن: “ئۇلۇغ شائىرنىڭ ئىككىنچى شائىرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئۇ ياراتقان پوئىزىيەنىڭ باشقا شائىردا كۆرۈنۈشىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ باشقا شائىردە بولغان، لېكىن ھەرىكەتسىز يۈتكەن كۈچنى يورۇتۇش ۋە ھەرىكەتكە كەلتۇرۇشىدەدۇر” دەپ تەكىتلەيدۇ. بابۇر ھەم ئوخشاش باشقا ئىجاتكارلاردا بار بولغان ئەدەبىي ئەنئەنىلەردىن، تەسىرلەنگەن بولسا ئىدى لېكىن ئۇ ناۋايىنىڭ “ئالىي ئۇسلۇبى” نى تەقلىد قىلمىغان. بابۇر ئاددىي تۈركىي ئۇسلۇبىدا ئەسەرلەر يازىدۇ. ئىززەت سۇلتاننىڭ پىكرىچە، ئۆز ئەسەرلىرىدە زاماننىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلىرىنى كۆتۈرگەن ناۋايى “ئالىي ئۇسلۇبى” دا يېزىشنى كاتتا ئەدەبىيات ئۇچۇن مۇناسىبىراق ھېسابلاپ ۋە شېئىرىيىتىدە ساددىلىقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ئىپادىلىگەن شائىرلارنى “كوپ تۈركىي يازدى” دەپ تەنقىد قىلغان. ناۋايى ئەسەرلىرى ۋە بابۇر ئىجادى بىر دەۋىردە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا مەۋجۇت بولۇشىنىڭ يارقىن نامانەيدىسىدۇر. “بابۇرنامە” شۇنداق ئاددىي، راۋان تىل بىلەن يېزىلغان. “بابۇرنامە” گە نىسبەتەن ئېيتىلغان بۇ پىكىرنى بابۇر شېئىرىيىتى خۇسۇسىدا ھەم شۇنداق دېيىش مۇمكىن. ئەدەبىياتشۇناس ئە. ئوچىلوۋ: “بابۇر شائىرلىرىنىڭ ھاياتلىغى ئۇلارنىڭ ئىجادخانىدە ئەمەس بەلكى ھايات قازىنىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئىجاد قىلىنغانلىغىدۇر” دەپ قەيت قىلىدۇ. ئا.ئازامىوۋ : “بابۇرنىڭ ئۆزىگە ماقۇل كەلگەن شېئىرلارنى يادىقا ئېلىش ئادىتى بولغان” دەيدۇ.

بابۇر ئۆزىگە ئۇستاز دەپ بىلگەن ناۋايى ئىجادىنى چوڭقۇر ئىخلاس بىلەن ئۆگەنگەن، ئۇنىڭ كۆپلىگەن غەزەللىرىنى يادىدا تەكرارلاپ يۈرگەن. “بابۇرنامە” نىڭ 1499 - 1500 يىللىرىغا بېغىشلانغان بابىدا ئۇنىڭ روھىيىتىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەنسىزلىك ھەققىدە:

“گاھ تەلبالاردەك يالغۇز پۇشتا ۋە داشتقا بولۇر ئىدىم،
گاھ بوئۇغت ۋە مەھەللەتىنى كۈچ - باكوچا ئاختۇرۇر ئەدىم.
نە يورۇماقتا ئىختىيارىم بار ئەدى، نە ئولتۇرماقتا،
نە بورماقتا قارارىم بار ئەدى، نە تۇرماقتا.

شېئىر:

نە بارارغا قۇۋۋىتىم بار، نە تۇرارغا تاقىتىم،
بىزنى بۇ ھالەتكە سەن قىلدىڭ گىرىپتار، ئەي كۆڭۈل”، دەيدۇ.

ئۇشبۇ مىسرالار ناۋايىنىڭ “ناۋادۇر ئۇش - شابوب” دىۋانىدىكى (385 - رەقەم) غەزەلنىڭ ئۈچىنچى بېيىتىدۇ.

روھىيىتىگە ماس كەلگەن ئۈچىنچى بېيىتنى ئېسىگە ئالغان بابۇر بۇ غەزەلنى تولۇق يادا بىلگەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ. بابۇرنىڭ ناۋايى ئىجادىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۇرگىنى ئۇنىڭ لىرىكىسىدا ھەم ئەكىس ئەتكەن. بۇ شېئىر لىرىكىسىدا ھەم ئېنىق ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ.

“بابۇرنىڭ لىرىك غەزەللىرىدە، رۇبائىلىرىدا بۇ ئۆگىنىشنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىنى سېزىۋېلىش مۇمكىن”. ناۋايىنىڭ ئايرىم شېئىرىي مىسرالىرى بابۇر شېئىرلىرىدە ئەينەن قايتىلانغان:

ئاشىق بولغاچ كۆردۇم ئۇل شامشاد قەددىن يۇز بالا….

“ئاللاھ، ئاللاھ، ئىشىق ئارا مۇنداق بالالەر بارىمىش”. (64)

تەزمىنى سەنئىتى ئاساسىدا بابۇر غەزەللىرىدىكى كۇبلىتلەرگە كىرگۈزۈلگەن ئىككىنچى مىسرا ناۋايىنىڭ مەشھۇر غەزەللىرىدىكى ئىككىنچى مىسىرادۇر:

ئاشىق بولدۇم بىلمەدىم يار ئۆزگىلەرگە يار ئەمىش،
ئاللاھ، ئاللاھ، ئىشىق ئارا مۇنداق بالالەر بارىمىش …

مەلۇمكى، ناۋايىنىڭ كۆپىنچە غەزەللىرى ئېنىق بىر ماۋزۇ بىلەن باشلانغان ۋە ئۇلار كومپوزىسىيۇن جەھەتتىن ئوخشاش بىر خاسلىققا ئىگە. شائىرنىڭ ئۇشبۇ غەزەللىرىدە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر بايان قىلىش خاھىشى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بابۇر ئىجادىدا ھەم ناۋايى شېئىرلىرى تەسىرىدە يېزىلغان مۇنداق غەزەللەر كۆپتۇر.

ناۋايى غەزەللىرىنىڭ ماۋزۇ ۋە مەزمۇن ئېتىبارى، قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەم كۆپ خىللىققا ئىگەدۇر.  بابۇر غەزەللىرى خۇسۇسىدا ھەم شۇنداق دېيىش مۇمكىن. ناۋايى نېمىگە ئېتىبار قاراتماقچى بولسا ئەسەر داۋامىدا ئوقۇغۇچى دىققىتىنى پات - پات ئەشۇ نۇقتىغا جەلىپ قىلالىدى، ئەنە شۇ مەقسەتكە يەتكۈزىدىغان سۆزلەردىن قايتا - قايتا پايدىلاندى. شۇنداق ھالەت يەنە بابۇر غەزەللىرىدە ھەم مەۋجۇت. بۇنىڭغا مىسال سۈپتىدە ئۇنىڭ تۆۋەندىكى غەزەللىرىنى كۆرسىتەلمەيمىز:

قۇياشىم ھەر سورىغا ئازم قىلسا، زەررائى ئولمەن،
نە ئۇچۈنكىم، ئەگەر ئايرىلسام ئۇندىن، كۈن كۇرە ئولمەن.
ئۇنىڭدەك بولمىشام ھەيران قۇياش ئاينغىلىغ يۇزۇنگاكىم،
قۇياشتەك نەزەرلەر تەگسە كۆزۇمگە كوز ئولا ئولمەن.
ئەگەرچى يار ئىشقى ناتىۋان كۆڭلۇمگە ئوت سالدى،
ۋالە، مەن ناتىۋان ئۇل يار ئىشقىدا كۆڭۇل سالمەن،
ئىبادەت ۋاقتى بولسا، ھەر نەچا مەغرۇپ ئۇتۇرۇمدا،
قاشىن نەقشىن تەسەۋۇر قىلماغۇنچا، ئەرگەباش چالمەن.
ئىرقۇ فورسا گار ئەتسە سەنىڭ بۇ شېئىرىڭ، ئەي بابۇر،
ئانى ھىفىز ئەتكۇزسى ھافىز، مۇسۇلمان تۇتقۇسى سالمەن.  (98)

غەزەللەردە شائىر قۇياش، يار ئىشقى كەبى سۆزلەرنى قايتا- قايتا ئىشلىتىدۇ. غەزەلدە تۆۋەندىكىدەك مەنە ئاڭلىتىلىدۇ:

قۇياشىم (يەنى يارىم) قاي تامان يۈرەر بولسا،
مەن ئۇندىن زەررە ھەم ئورتىدا قالمايمەن،
نەگە دېسىڭىز، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىم بولسا،
كۈن كۆرەلمەيمەن.
قۇياش يۈزۈڭگە شۇنچىلا ھەيران بولغانمەنكى،
قۇياش نۇرلارى گويا نەيزە بولۇپ كۆزۈمگە سانجىلسا ھەم،
ئۇنىڭدىن كۆز ئۈزەلمەيمەن.
ئەي ئىشقى ناتىۋان كۆڭلۈمگە گەرچە ئوت سالدى،
ئەمما مەن ناتىۋان يار ئىشقىدا كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلىپ بولالمايمەن.
ناماز ۋاقتى بولغاندا، قارىشىمدا مەغرىپ،
ئۇ ھەر قانچە يېقىن بولسا ھەم،
يار قوشنىڭ شەكلىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغۇچە،
سەجدە ئۈچۈن باش قويالمايمەن.
ئەي بابۇر، ئەگەر بۇ شېئىرىڭ ئىراق بولسا،
ۋە ئىرانغا يېتىپ بارسا،
ھاپىز ئۇنى ئاسراپ، سالمان ئەسلا ئەزىزلەيدۇ.

غەزەل مىسرالىرى مەزمۇنەن بىر - بىرلىرى بىلەن مۇستەھكەم باغلىنىپ، ئالدىنقىسى كېيىنكى نۆۋەتلەرگە يول ئاچقان. شائىرنىڭ باشقا غەزەللىرىدە ھەم شۇنداق مەنزىرە مەۋجۇت:

بۇ كېچە كۇلبەگە كەلدى ئۇل قۇياشىم يوشۇرۇن،
قارنلاردا كەلمادى ھارگىز مۇنىڭىدەك كەچقۇرۇن.
ئوغزىدەك تۇر پۇرسەت ۋەسلى، ۋالە، ھەجرى تۇنى،
ئۇل مۇئانبار ساچى ياڭلىغ ھام قورۇنغۇ، ھەم ئۇزۇن،
تو خايالى ئورازىنىڭ تۇشتى كۆڭۇلگە، ئەي قۇياش،
بولدى كۆيڭلۇم بىر يانار ئۇتۇ سۇڭاكلارىم - ئۇتۇن.
بولدى كۆڭلۇمدا گىرھى ھاسرەت ئاننىگ تار ئاغزىدىن،
بار ماگار جىسمىم مەنىڭ تورۇ كۆڭۇل ئاندا تۇگۇن.
ئالغالى جانىمنى ھىجرانغا ھاۋالە كەلدى يار،
كۈيۇمە ھىجرانغا، ئاجەل، جانىمنى ئول، تەڭرى ئۈچۈن!
سارۋەدەك قالدى فىراقىدا فىغانىمدۇر بالاند،
گۈل كەبى رۇخسارى ھاجرىدا ياشىمدۇر لولاگۇن.
ئىشىق ئىلە دەۋانالىغدا بۇلمىشام ساھىب كامال،
ئىشىق ئەھلى، ئەمدى بابۇرنى دەگەيسىز زۇفۇرنۇن. (101)

يۇقۇرىدىكى غەزەلنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىدەك:

بۈگۈن كېچىسى قۇياشىم (يارىم) كۈلبەمگە خۇپىيانە كەلدى،
شۇنچە زامانلار ھىچ بۇنداق كەچقۇرۇن كەلمەس ئىدى.
ۋىسال پۇرسىتى ئۇنىڭ ئاغزىدەك تار،
ھېجىر يولى ئەسلا ئانبار بۇيى، ساچى كەبى ھەم قورانغۇ، ھەم ئۇزۇن.
ئەي قۇياش (يار)، جامالىڭنىڭ ھاۋاسى كۈنگۈلگە چۈشكەك،
كۈنگلىم تۇتانتىرغۇ سۆڭەكلىرىم ئوتى بۇندىن،
تار ئاغزىنىڭ ھەسرىتىدىن كۈنگلىم خىجىل بولدى،
جىسمىم خۇددى بىر تارۇ كۈنگىل ئۇنداغى تۈگۈن.
يار جانىمنى ئۆلگىلى ھىجرانغا تاپشۇردى،
ئەجەل، ھىجرانغا قويغىنىچە، تەڭرى يولىدا جانىمنى ئال،
غەم قالدى پىراقىدا ئاھۇ پەريادىم يۈكسەككە ئۆرلىدى،
گۈل كەبى رۇخسارى ھەجرىدە كۆز يېشىم لالەرەڭ.
ئىشىقنىڭ دىۋانلىغىدا كاماللىققا ئېرىشتىم،
ئىشىق ئەھلى ئەمدى بابۇرنى ئالىم دەيسىلەر.

بابۇرنىڭ باشقا شېئىرلار كەبى ئۇشبۇ غەزىلىدە قوللانغان ھەم ئەرەبچە، ھەم پارسچە سۆز ۋە ئىبارىلەر نىسبەتەن كەم.

غەزەلدىكى قاپىيىداش سۆزلەر: يوشۇرۇن - كەچقۇرۇن - ئۇزۇن - ئۇتۇن - ئۇچۇن - لولاگۇن - زۇفۇنۇن قاتارلىقلار. بۇ ئەشۇ دەۋر شېئىرىيىتى ئۈچۈن مىسرا ئاخىرى قاپىيەلەر ھېسابلىناتتى.  بابۇرنىڭ “كاشكى” رادىفىلى (تەكرار قوللۇنۇلغان ئوخشاش قاپىيىلىك سۆزلەر) بار. لۇتفىينىڭ ھەم، ناۋايىمۇ شۇنداق رادىفىل غەزەللەر يازغان. جۈملىدىن ناۋايىنىڭ غەزىلىدە:

ئۆچمىگەي ئەردى جامالىنىڭ ئالەم ئارا كاشكى،
سالمىغاي ئەردى بارى ئالەمگە غەۋغا كاشكى،

- دېگەن بولسا، بابۇر غەزىلىدە يېڭى پىكىر، مۇلاھىزە، ئۆزگىچە ھېسسىيات - ئارمان، پۇشايمانلىق ھېسسىي تۇيغۇلىرى ئىپادىلىنىدۇ:

كۆرمىگەي ئەردىم جامالى ئالەم ئارا كاشكى،
بولمىغاي ئەردىم بارى ئالەمگە رەسۋا كاشكى.

ئىختىيار ئەت ئۆزگە ئىش، بابۇركى، ھوسۇل بولمىغاي
ئىشقى ۋەسلى ئەيىش ئىلە ئىشرەتتىن ئىللا، كاشكى. (142)

ناۋايىنىڭ ھەم بابۇرنىڭ يار ياغلىقى (رومىلى) ھەققىدە يازغان غەزىلى مەۋجۇت. ئەگەر بۇ غەزەللەرنىڭ مۇئەللىپلىرى ئېيتىلمىغان شارائىتتا قايتا - قايتا ئوقۇسا، شېئىريشۇناس بولمىغان كىشىمۇ غەزەللەرنىڭ قايسى بىرىنىڭ ناۋايىغا، قايسى بىرىنىڭ بابۇرغا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئاجىرتالايدۇ. تىنگلوۋىچ ئۇلارنى پەرىقلەپ ئالدى. بۇنىڭدا ئاۋال سۆز ۋە ئىبارىلەر تونۇشلۇقى، پىكىرنىڭ ئېنىق ۋە روشەن ئىپادىلىنىشىدۇر. قوللانغان بەدئىي تەسۋىر ۋاستىلىرى ئىمكان بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئىجادكارنىڭ ماھارىتىدىن دالالەت بېرىدۇ. بابۇرنىڭ ياغلىق ھەققىدىكى غەزەللىرىدە يارنىڭ رومىلى ئاشىققا “جان رىشتىسى” دىن تۇقۇلغانغا ئوخشاش كۆرۈنىشى تەكىتلەنگەن. لىرىك قەھرىمان مەشۇقىغا رومالىنىڭ جانلارنىڭ رىشتىللەرىدىن توقۇلغان دەيدۇ.

شائىر: “ھاستا جانلار رىشتەسىدىندۇر ماڭار ھەر تور ئاڭا؟” دەپ سۇئال بەرگەر ئىكەن رومالغا نىسبەتەن ھەۋەسلىنىپ: “ئورۇلۇر باشىمغايۇ گاھى يۇلتۇزغا يۈز قايرىپ، بۇ جىھاتتىن ئوت ئەمىش ‘گۇلپەچۇ’ گاھ گۇلزار ئاڭا“،  -  دەيدۇ. بۇ بېيىتتىن شائىر ياشىغان زاماندا رومالنىڭ “گۈلپەچ”، “گۈلزار” دىگەندەك تۈرلىرىنىڭ بولغانلىقى ئاڭلىتىلىدۇ. بىزنىڭچە، “گۈلپەچ”  - دوپپا، “گۈلزار” ئەسلى رومال مەنىسىدە كەلمەكتە. غەزەلنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى ئىككى بېيىت كۈنگىلگە خىتابەن ئېيتىلمىغان. ئۇلارنىڭ بىرىدە:

ئەي كۆڭۈل، يۈز پارا قىلسا يار تىغى، غەم ئەما،
لۇتف ئەتىب گەر باغلار بولسا ياغلىقىنى يار ئاڭا،  - دەپ كۈنگىلگە تەسلىم بەردى. مەقسەت بېيتىدا تەكرار بۇ پىكىرىنى يەنە كۈچەيتىدۇ:

كۆڭلۈم ئىستەر ياغلىقىنڭىنى، بەلكىم ئاندىن بىر ناسىم،
ئەستا بابۇرغا ئەرۇر جان بىرلە مىنناتدار ئاڭا! (32)

بابۇر غەزىلىدە ياغلىقنى ھەر بىر سۆزمۇ - سۆز تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ جانلىق ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ يەنە “بابۇر 18 ياشتەك ئارزۇنى ھەم غەزەل سەنئىتىنى ھەم يېتۈك دەرىجىدە ئېگەللىگەنلىگىدىن دالالەت بېرىدۇ.

بابۇرنىڭ غەزەللىرى خۇسۇسىدا ئېيتىلغان پىكىرلەرنى ئۇنىڭ رۇبائىلىرىغا نىسبەتەن ھەم قوللاش مۇمكىن. چۈنكى بابۇر ھەم ئۆز رۇبائىلىرىدا ناۋايىنىڭ ئەدەپ - ئەخلاق ۋە ئىنسانىي كامىللىق ماۋزۇلىرىنى داۋام ئەتتۇرگەن. مەسىلەن، بابۇرنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ئەھۋالى بىلەن باغلىق، “يات ئەتمەس ئەمىش كىشىنى غۇربەتتە كىشى” دەپ باشلىنىدىغان رۇبائىسى ناۋايىنىڭ “غۇربەتتا غارىپ شادمان بولماس ئەمىش” مىسراسى بىلەن باشلانغان رۇبائىيسىغا مەزمۇنەن ئااھاڭداشدۇر. ياكى بابۇرنىڭ: “رافتورىيۇ قەددىگە راۋائىم سادىقە، بىر باقىشىغا ئىككى جاھانىم سەدىقە”،  - دېگەندە، ئارىسىدىن ناۋايىنىڭ شۇ مەندىكى مىسرالىرى قەدىردان كۈيى بولۇپ قۇلۇقىمىز ئاستىدا ياڭرايدۇ. “كۆزۈم ئىچىرە يار تۇرۇپ، كۆڭلۈمدە مەنزىل قىلغۇدەك” مىسراسى ناۋايىنىڭ “قارا كۆزۈم….” دەپ باشلىنىدىغان بېيتىلىرىنىڭ ساددىيراق تالقىنىدۇر. لېكىن بۇنىڭدىن بابۇر ئىجادى ئەلشىر ناۋايى ئىجادىغا ناھايىتى يېقىن دەپ باھا بېرەلمەسمىز چۈنكى بۇنىڭدا سەۋەبلەر كۆپ. بۇ ھەقتە ھىندى ئەدىپى قامار رەئىس شۇنداق دەيدۇ: “ شائىرنىڭ پاجىئەسى شۇنداقكى، ئەلشىر ناۋايىغا نەسىپ ئەتكەن تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە ھالاۋەت بابۇرغا مۇيەسسەر بولمىدى. كاتتا تۇغما ئىستېداتى، كۈچلۈك بىلىمى ۋە ئۆزگىلەرگە ئوخشىماس پىكىرلىرى جەھەتتىن ئۇ مىر ئەلشىر ناۋايىدىن قېلىشماس ئىدى” دەيدۇ.

——————————————————

ئەسكەرتىش:

بۇ يازمىنى كەمىنە ئەلكۈن ئۆز قىزىقىشى ئاساسىدا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە شەئىرىيىتىگە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۆزبېك سلاۋىيان يېزىقىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانلىغىم ئۇچۇن بەلكىم غەزەللەردىكى چاغاتاي، پارىسچە، ئەرەب ئاتالغۇلىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلىغا سىڭىپ كەتكەن رۇس تىلى ئاتالغۇلىرى سەۋەبلىك قىسمەن سۆز - جۈملىلەر ناتوغرا بولۇپ قالغان بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. ئەگەر يازمىدا شۇنداق سۆز- جۈملىلەر خاتالىقلىرى ئۇچراپ قالسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاڭلىقلىق بىلەن توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى، پىكىر ۋە تۇزۇتۇشلەر بېرىشىنى سەمىمىيەت بىلەن سورايمەن.


مەنبە: خۇرشىد دەۋران كۇتۇپخانىسى، ئۆزبېكىستان
uyghuray

1

تېما

0

دوست

4017

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1199
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-19 11:08:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋائىي شەك-شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر، بابۇر بولسا موڭغۇل بىلەن تۈركنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تۇغۇلغان جاسارەتلىك ھۆكۈمران، بۇلارنىڭ ئۆزبېكلەر بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق. نەۋائىي ئۆزبېك دەيدىغان كاسكىلار نوچى بولسا ئىسپات كۆرسەتسۇن؟ بولمىسا ئۈجمىسىنى تەرسۇن، چۈنكى بىز ھازىرقى زامانىۋىي جەمئىيەتتە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىمىز. نەۋائىينىڭ ئۇيغۇرلۇقى توغرىلىق بىزدە ئىشەنچىلىك ماتېرىياللار بار.

2

تېما

2

دوست

5022

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38188
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1450
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-19 11:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimit007 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-19 11:08
نەۋائىي شەك-شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر، بابۇر بولسا موڭغۇل بىل ...

نەۋايى ئ‍ىنساندۇ  ،،،

0

تېما

7

دوست

1815

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37487
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-19 18:06:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋادۇر ئۇش - شابوب             نەۋادىرۇششەباب دەپ ئالساق توغرا بولامدىكىن
uyghuray

0

تېما

0

دوست

786

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10167
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 227
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-19 22:08:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   artteken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-20 12:51  

بابۇر ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغان سۇلتان سەئىدىخان بىلەن نەۋرە تۇققانلاردۇر ، سەئىدىخان تۇرپاندا تۇغۇلغان ، بابۇر مۇ ئېھتىمال تۇرپاندا تۇغۇلغان( بابۇرنىڭ تۇرپاندا تۇغۇلغانلىقىنى كىسىپ ئېيتالمايمەن  ، غۇۋا يادىمدا قاپتۇ ) ،چۈنكى تۇرپان شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاستانىسى ئىدى    ، چاغاتاي خانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاغىسىغا ئەگىشىپ (بابۇر مۇ شۇقاتاردا) ، ئوتتۇرا ئاسىيادا يەنى ھازېرقى ئۆزبىكىستان تەۋەسى قاتارلىقلاردا قىپچاق ئۆزبىكلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ، لىكىن مەغلۇب بۇلۇپ  ئافغانىستانغا چىكىنگەن ، كىيىن تاغىسى ئافغانىستاندا ماكان تۇتۇپ قالغان ، سەئىدىخان تاغىسنىڭ پاراسەتسىزلىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ نەۋرە ئاكىسى بابۇرغا ئەگىشىپ ھىندىستاننى ئىستىلا قىلغاندىن كىيىن بابۇرنىڭ ياردىمى بىلەن قۇشۇن باشلاپ تۇغۇلغان يۇرتى تارىم ۋە تەڭىرىتاغ ۋادىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ يەركەندتە سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغان .  بابۇرمۇ ئۆزبىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان . ئۇ چاغدىكى ئۆزبىكلەر قازاق - ۋە قىرغىزلار بىلەن بىر مەنبەدىكى قىپچاقلاردىن ئىدى ، سانى يەرلىك ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلاردىن  ئاز ئىدى ، ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن بۆلىنىپ چىققان زور قوشۇنغا ئىگە كۆچمەن چارۋىچىلاردۇر . بۇ قىپچاق ئۇرۇقىدىكلەر چاغاتاي خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا قورۇپ چىقىشقا زور توسالغۇ بولغان ،  بابۇرنىڭ ئۆزبىكلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ، بابۇر بولساچاغاتاينىڭ بالىسى  تۇغلۇق تۆمۇردىن باشلاپ ئۇيغۇرلىششقا باشلىغان ، يەنى تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ توققۇزىنچى ئەۋلادى  ، توققۇر ئەۋلاد ئۇيغۇرلاشقان كىشىنىڭ موڭغۇل تەركىۋى ئاساسەن قالمايدۇ ، قان ، ئىدىيە ، مەدەنىيەت ھەممسى ئۇيغۇرلىشىپ بۇلىدۇ ، ئەمما  ئەينى دەۋىردىكى قىپچاق ئۆزبىكلەر  بولسا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ يىلتىزى چىڭگىزخاننىڭ بالسى جۇجىخاننىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ ، ئۇلار ئاساسەن تۈرىكلەشكەن مۇڭغۇللاردۇر ، قىپچاقلار نەسىل ۋە باشقا جەھەتتىن ئۇيغۇرلاردىن  پەرىقلىندۇ ، چۈنىكى بىزگە قۇشۇلغان موڭغۇللارنىڭ سانى ئاز بولسا ، ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا تۈرىكلەشكەن موڭغۇللارنىڭ نىسبىتى  بىزگە قۇشۇلغان موڭغۇللارنىڭ نىسبىتىدىن كۆپىرەك  بۇلۇش سەۋەبىدندۇر .  
  ئەينى دەۋىردىكى ئۆزبىكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا خانلىق قۇرۇپ يەرلىك خەلىققە ئاسمىلياتسىيە بۇلۇپ كەتسىمۇ لىكىن نامىنى يەرلىك خەلىققە چاپلاپ قويدى ، لىكىن ھازېرمۇ بىرقىسىم ئۆزبىكلەر قازاق -قىرغىز ۋە موڭغۇللارغا ئوخشايدىغان ئەھۋال بار ، ئەينى دەۋىردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كىيىن كەلگەن ئۆزبىكلەرنى ھازېر پەقەت چىرايىغا قاراپ قىسمەن ئايرىغىلى بۇلىدۇ . چىرايى بىزگە ئوخشايدىغانلىرى يەنىلا كۆپ ساننى ئىگەللىشى مۇمكىن .  
ئەلىشىر نەۋەيى - ئۇچاغدا نەۋايى تۇغۇلغان يۇرىتنى سەئىدخاننىڭ تاغىسى  ئىگەللەپ ئۆزبىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۋاتقان ئىدى ، ھەم ئۆزبىكلەرمۇ ئافغانىستاندىكى ھېراتقا باستۇرۇپ بارمىغان تۇرسا ، ھەم ئۇ مەزگىلدە ئەلىشىر نەۋايى 1501-يىلى ۋاپات بولغان تۇرسا ، قانداق بۇلۇپ كىيىن كەلگەن ئۆزبىكلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بولغىدەك ، ئەمدى ئافغانىستاندىكى خەلىقنىڭ ئالدىنقى ئەسىرلەردە قانداق بۇلۇپ ئۆزبىك ئاتىلىپ قېلىشىدا ئالدى بىلەن ئۆزبىكلەر قۇرغان بۇخارا ،خىۋە ، قوقاند قاتارلىق خانلىقلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت ، سودا  ۋە ئورتاق تىلدىكى ئەۋزەللىكىدە ، ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتتە بۇلۇپ ئۆتكەن بۇلۇپ ، كىيىن  سۆۋىت مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ئاقارتىش مىللەت تەركىۋىنى بىكىتىش ، قاتارلىق ئىشلارنىڭ نەتىنجىسىدە مىللەت تەۋەلىكى ئۆزبىك دەپ ئايرىلغان خەلىقلەر بىلەن ئورتاق ھالدا ئۆزبىك مىللەت ئېڭىنى قۇبۇل قىلغان ھەم ، قۇبۇل قىلۋاتقىلى 5-6 ئەۋلاد بولدى . ھازېر بەلكى  قان - قېنىغا سىىڭىپ كەتتى ، خۇددى ئۆزبىكىستاندىكى قېرىنداشلاردەك .

0

تېما

0

دوست

2012

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52403
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 582
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-20 01:17:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزبىكلەرگە ماقۇل دەپ بەرسەك  ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەرلىكىنى مىنىڭ دەرمىكى دەپ قالدىم

3

تېما

1

دوست

1178

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5735
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 363
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-21 13:52:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە بولسا بولمامدۇ بىز بۇيەدە تۇرۇپ نىملا دىسەك بىكا ئشقىلىپ ئۇ بىر ئادەم

1

تېما

2

دوست

8376

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 2414
توردىكى ۋاقتى: 571
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-21 20:42:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوبدان تېمىنى پاخال قىلىپ، يېزىپ كەتكىنىنى.
ناۋايى ھەزرەت بىلەن بابۇر ھەزرەتنى ھەقىقىي ھۆرمەتلىسەڭلار، ئادەمدەك ئىنكاس يېزىڭلار. ئۆزبېك بولامدۇ، ئۇيغۇر بولامدۇ ئۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى، ئەينى دەۋردە قانداق رول ئوينىغان، ھازىرقى دەۋرىمىزدە يەنە قانچىلىك رول ئويناۋاتىدۇ. ئۇلارغا بولغان ھۆرمەتنى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئوقۇش ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز. نوپۇس تەكشۈرۈش خادىملىرىدەك ھە دېسىلە مىللىتىنى ئايرىۋالساقلا ھېساب ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )