- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 15732
- نادىر
- 64
- يازما
- 186
ئۆسۈش
14.33%
|
دۇنيادىكى بارلىق مۇتلەقلىقنىڭ ئىچىدە، ئۆلۈمنىڭ مۇتلەقلىغىدەك مۇتلەقلىق بولمىسا كىرەك. يەنى ئىنساننىڭ ھامان بۇ دۇنيادىن كىتىشى - مۇقەررەرلىكتۇر، بۇ دىگەنلىك ھەر بىر جانلىق ئۈچۈن ئۆلمەسلىكنىڭ ئىھتىماللىغى نۆل دىگەنلىكتۇر.
شۇنداق ئىكەن، مۇقەررەر يۇز بىرىدىغان ئىشتىن ۋايىم يىيىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما ياراتقۇچىمىز ھەر ئىنساننى توغرا بالا قازادىن ساقلىسۇن.
ئۆلۈم - ياش، مىللەت، ئىرق ۋە دىن ئايرىمايدۇ. لىكىن ئۇنىڭمۇ تۈرلىرى ۋە ئوخشىمىغان سەۋەپلىرى بار. مۇنداقچە ئىيتقاندا ئۆلۈمنىڭ تەقسىملىنىشى دۇنيادا تەكشى ئەمەس بولۇپ ئوخشىمىغان ئىجتىمائى، ئىقتىسادى شارائىتتا جەمىيەتتىكى ئۆلۈم-يىتىمنىڭ نىسبىتى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىنى ياشانغانلار تەشكىل قىلسا ئىقتىسادى نامرات، جەمىيىتى قالاق دۆلەتلەردىكى ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ سانىنى كىچىك بالىلار، ياشلار ۋە نامراتلار ئىگەللەيدۇ.
مەيلى كىشىلەر، كىسەللىك سەۋەبىدىن قازا قىلسۇن ياكى باشقا سەۋەپلەر مەسىلەن قاتناش ھادىسىسى ۋە ياكى خاتا جايدا خاتا پەيتتە بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بولسۇن، ئىنسان قازا قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ھايات قالغانلارغا ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرى ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن بىر مىھرىۋان دادىنىڭ 30 ياشقا بارمايلا نارىسىدە بالىلىرىنى يالغۇز قويۇپ خىزمەت ئۈستىدە قازا قىلىپ كىتىشىنى، بىر ياش ئانىنىڭ تۇنجى بالىسىنىڭ تويىنىمۇ قىلماي تۇرۇپ كۆكرەك راكى بىلەن قازا قىلىپ كىتىشىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۇرۇپ بىقىڭ....يەنى ئاشۇ نارىسىدە بالىلار ۋە تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان ياشلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاپ بىقىڭ...
بۇ ئۇلار ئۇچۇن يەنى ھايات قالغانلار ئۇچۇن نەقەدەر چوڭ يوقۇتۇش-ھە؟
لىكىن قازا قىلغان ئادەمنىڭ كىتىپ قالغىنىغا ئۇنىڭ يىقىنلىرى يەنە باشقىچە مۇئائىلىدە بولۇشى مۇمكىن ياكى ئامالسىزلىق ۋە ياكى سەۋىر بىلەن .
ئۆلۈم- گەرچە ھەر ئىنسانغا ئوخشاش بولسىمۇ ئەمما ئۆلۈمگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان مەدىنىيەتتىكى ھەر خىل خەلقنىڭ تۇتقان مۇئامىلىسىمۇ ئوخشىمايدىكەن.
"كەلگىنىڭ بار دۇنيادىن كەتمىگىڭ بار" دىيىلسىمۇ ئەمما قانداق كىتىشنىڭ يولى بار.
ھەر بىر ئىنسان بولۇپمۇ ئىتىقادلىق بار ئىنسان ھەر زامان ئۆلۈمنى ياد ئىتىپ تۇرمىغى لازىمدۇر. بىز ئۆزىمىز خالىمىغان بىر پەيتتە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىشىمىز مۇمكىن. لىكىن بىزدە ئۇزۇن ھەم ساغلام ياشاشقا بولغان ئارزۇ -ئۈمىتمۇ بولۇشى ھەم بىز بۇ سەۋەپ ئالىمىدە ئۆزىمىزگە بىرىلگەن بۇ ھاياتنى - ياشىمىسا بولمايدىغان بىر خىل ۋەزىپە دەپ ئەمەس، بەلكى بىر ھوقۇق دەپ قەدىرلەپ ياشىمىغىمىز تاكى ئەزرائىل يىنىمىزغا كەلگۇچە جىددى ئەمما خوشال ھاياتنى بەرپا قىلىپ ئاكتىپ ئىنىرگىيە ھاسىل قىلىپ ئۈمىتۋارلىق بىلەن ياشىمىغىمىز لازىمدۇر. مەن بۇ خىل ھىسلىرىمنى تۆۋەندىكى يازمامدا ئىپادە قىلغانمەن:
******************************
جىددى ھايات...
*********
ئەتە ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ياشا، دىدىڭ.
مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ياشا دىدىڭ.
مەن دەسلەپ «نىمە دەيدىغاندۇ؟» دىدىم.
ئەمما سىنى دانا كۆرۈپ، ئۆز كۆرۈپ،
ھەر ئىككى گىپىڭگە «ماقۇل» دىدىم.
بىرىنچى سۆزۈڭنى چۈشەنمەك بوپ،
ۋە جىددى بىر ھاياتنى بەرپا قىلدىم.
ھاياتنىڭ بۇ توختاۋسىز ئىقىنىدا،
ھەتتىڭەي، يىقىلدىم ھەم ھالسىرىدىم.
يىقىلغان چاغلىرىمدا تۇرغۇم كەلدى،
چارچىغان چاغلىرىمدا ئارام ئالغۇم.
مەن يىتىپ قالمىدىم ھەم تۇردۇم يەنە،
نەگىدۇر غايىپ بولدى چارچاش-قايغۇم.
يىقىلىش ئاسان ئىكەن تۇرماق بەك تەس،
تۇرساڭلا كىلىدىكەن داۋان ئاشقۇڭ.
ئىككىنچى سۆزۈڭنى ھەم تونۇپ يەتتىم،
تىپچەكلەپ جىددى ھايات قۇچىغىدا.
جىسمىڭنى ھاردۇرسىمۇ جىددى ھايات،
روھىڭغا قوشۇدىكەن ئۇچقۇر قانات.
توختاۋلىق-سۈر ھاياتنىڭ نىشانىدۇر،
ئۇنىڭدا بۇرۇختۇمدۇر ئىنسان قەلبى.
زەئىپلىك، لىڭتاسمىلىق بىر قوش گىزەك،
ئۇنىڭدا كەم سۇنىدۇ ئىنسان قەدرى.
سۆيىمەن سىنى شۇنداق جىددى ھايات،
سۆيگەندەك ياشلىغىمدا پەرىزاتنى.
سەن مەنا بەخش ئىتىپ قەلبلەرگە،
كۈچۈڭدە تەۋرىتىسەن مەۋجۇداتنى....
***********************************
چەتئەلدە ياشاش جەريانىدا مەن ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان مۇئامىلىسىگە دىققەت قىلدىم. ئەلۋەتتە، بىزدىكى مەدىنىيەت ئوخشىمىغانلىقتىن ئۇلاردىكى ئۆلۈمگە تۇتقان مۇئامىلىمۇ ئوخشىمايدىكەن.
بىز ئۇيغۇرلار - ئۆلۈمگە ئالاھىدە ئىتىۋار بىلەن قارايدىكەنمىز. بولۇپمۇ بىز ئۆلۈمگە نىسبەتەن ھىسسى نۇقتىدىن بەك ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىكەنمىز. ئەلۋەتتە، يىقىن بىر كىشىسىدىن ئايرىلسا ئادەملەردە قايغۇرۇش، ئازاپلىنىش ۋە ئاھ چىكىشلەرنىڭ بولۇشى تەبىئى...
مەن كىچىك چاغلىرىمدا، ئاتۇشتا تۇققانلىرىمىزنىڭ ئۆلۈملىرىگە بارغان چاغدىكى كورۇنۇشلەر ھازىرمۇ ئىسىمدە.
قازا قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى، ئاق رومال ئارتقان يىغا- زارە قىلىشىۋاتان ئاياللار، بەلۋاغ باغلاپ تۇرۇپ يىغلاۋاتقان ئوغۇللار، قوشاق قېتىپ يىغلاۋاتقان ھازىچىلار:
ئاتتەك چىپىپ چىقىپ كىتىپ دادام،
جىنازىدا يىتىپ كەلگەن دادام.
تاغدەك يۆلەنچۈگۈم ئەمەسمىدىڭ دادام،
ئەمدى مەن قايدا قىلىمەن جىنىم دادام...
****************************
چۆچۈرىدەك يەتتە بالاڭنى يىتىم قىلىپ،
تاشلاپ كەتتىڭغۇ جىنىم ئانام
تۇتقان ئۆي ماكانلىرىڭ قالغىدىغۇ ئانام
ۋاي بىز قايدا قىلىمىز شەپقەتلىك ئانام
خېنىم ئانام، جىنىم ئانام، تاتلىقىم ئانام، دۇنيارىم ئانام...
ئۇ كۆرۈنۈشلەر، ئۇ مۇڭلار ھەرقانداق باغرى تاش ئادەمنىڭمۇ كۆزىگە ياش كەلتۇرىۋىتىدۇ (مۇشۇنى يىزىۋاتقۇچە مەنمۇ كۆز يىشى قىلىپ سالدىم. كەچۈرۈڭلار.)
شۇندىن كىيىن مىيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ھەدىگەرلىككە (ئاتۇش شىۋىسى، زاراتكارلىق دىگەن گەپ) ئاپىرىپ مېيىتنى دۇئا-تىلاۋەت بىلەن كۆمۈپ قويغاندىن كىيىن، تۇققانلار 40 كۈن ھازا تۇتىدۇ. دادامنىڭ تاغىسى نەسرۇللا تاغام تۈگەپ كەتكەندە دادامنىڭ ئاھ چىكىپ 40 كۈن ساقىلىنى قىردۇرماي تاغىسى ئۇچۇن ھازا تۇتقىنى ئىسىمدە.
دىمەك ئۇ بىزدىكى بىر خىل قىلغۇچىغا بولغان سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بولسا، مۇنۇ ئامىرىكىلىقلاردىكى ئۆلۈم-يىتىمگە نىسبەتەن تۇتقان مۇئامىلە مىنى ھەيران قالدۇردى.
بۇلار بىزدەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيدىكەن. ئۇلار مىيىتنى ئۇزاتقاندا قازا قىلغۇچىنى مىيىت ئۇزۇتۇش ئۆيىگە قويۇلغان جىنازىغا چىرايلىق ياساپ ياتقۇزۇپ قويىدىكەن، كىشىلەر كىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا ئوقۇيدىكەن. ئۇ ئۆيگە بۇ كىشى ھايات ۋاقتىدىكى خاتىرىلىرىنى، ياشاپ ئۆتكەن مۇساپىسىكى ئەسلىگۇدەك نەرسىلەرنى كىشىلەرنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن رەتلىك قويۇپ قويىدىكەن. ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى خۇددى تويغا كەلگەندەك چىرايلىق ياسىنىپ ئۆلۈمگە كەلگەنلەرگە كۈلۈپ تۇرۇپ رەخمەت ئىيتىپ تۇرۇشۇپ كىتىشىدىكەن.
مەن بىزنىڭ قوشنىمىز دونالدنىڭ ئايالى -كلارا خانىم تۈگەپ كەتكەندە ئۆلۈمىگە قاتناشتىم. كلارا خانىمنىڭ ئادەتتە ئۆزىگە ئامراق باللىرىنىڭ ئۆلۈمنى ئۇزاتقۇچىلارغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ سالام قىلىشى مىنى ھەم بەك ھەيران قالدۇردى ھەم ئويغا سىلىپ قويدى.
"-ۋاي بۇ تويدەكلاغۇ، نەدە بۇ ئۆلۈم بولسۇن؟"... ئاناڭ بولغاندىن كىيىن، سەندىن مەڭگۇلۇك ئايرىلغاندىن كىيىن ئىچ-ئىچىڭدىن بىر يىغىمۇ كەلمەمدۇ ھوي؟
بىزدە ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇ كىشى جەمىيەتكە تۆھپە قوشقان شەخس بولسا ئومۇمى خەلق سۇپىتىدە ئەسلىشىدىكەنمىز ئەمما ئۆز جاھاندارچىلىغى بىلەن ئۆتكەن كىشى بولسا خەلق تۈگۈل ئۆز ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن بەزىلىرى ھېيت ئايەم كۈنىدە ئۇلارنىڭ قەۋرىسىنى يوقلاپ قويغاندىن باشقا بەزىلەر ئۇلارنى ئاسانلا ئۇنتۇشۇپ قالىدىكەن. شۇڭا چوڭلارنىڭ "زەپمۇ زەپ ئۆلگەنگە زەپ" دىيىشىمۇ سەۋەپسىز ئەمەس ئىكەن.
ئەمما بۇ ئامىرىكىلىقلار - ئۆلگۈچى ھەققىدە گېزىتلەردە گۈزەل سۆزلەر بىلەن ئاددى چۇشەندۇرۇش بەرگەندىن باشقا ئۆلگۈچىنىڭ يىلى توشقاندا بەزىلىرى ئالاھىدە سىغىنىش ئىچىدە شىئر، قوشاق يىزىپ ئەسلەيدىكەن. بەزىلەرنىڭ ئەسلىمىسى ئادەمنىڭ يۈرىگىنى تىترىتىدۇ.
ئامىرىكىدا قازا قىلغانلارنىڭ قەۋرىسى بەك چىرايلىق تۇتۇلىدىكەن. يەنى ئۇلار زاراتكارلىقنى ياخشى باشقۇرىدىكەن. ئۆلگۈچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە مەلۇم مەنىگە ئىگە بىر ئىككى جۈملە سۆز يىزىلغان قاتار قاتار تىكلەنگەن خاتىرە تاشلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يىشىللىق، زاراتكارلىقتىكى قۇشلار ئادەمگە باشقىچە يەڭگىل تەسر بىرىدىكەن...
مەن يەنە ئامىرىكىدا، بەزى كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى ئۆزلىرىدىن ئەھۋال سوراپ پۇل-پۇچەك ئەۋەتمەكچى بولغانلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى مەلۇم جامائەتنىڭ پاراۋانلىقىغا پايدىلىق تەشكىلاتلار، مەكتەپلەر ياكى يوقسۇللار جەمىيىتىگە ئىئانە قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقلىرىغا ھەم دىققەت قىلدىم.
ئۇنىڭدىن سىرت بەزىلىرى، قازا قىلىپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى ياكى بىر تۇققانلىرىغا بولغان سىغىنىش ھىسسىياتىنى جامائەت كۆپ ئۆتىدىغان يوللارنىڭ چىتىغا، باغچىلارنىڭ ئىچىگە ۋە كۆل بويلىرىغا ئورۇندۇق ياسىتىپ بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەسلىشىدىغانلىقلىرى بىلەن ئىپادە قىلىشىدىغانلىقلىرىنى نۇرغۇن قېتىم كۆردۈم يەنى "لارا پولشوۋىكنى سېغىنىپ ئۇنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن" دىگەندەك...
مەن يىقىندا شىمالدىكى بىر ناھىيىدە بىر ئۆمۈر مائارىپ ساھەسىدە شۇغۇللانغان بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر خانىمنىڭ ۋەسىيىتىدە ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە كەلگەن جامائەتكە "كىتاپ سوۋغا" قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىغىنى ۋە بۇ ھۆرمەتلىك خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاپىسىنىڭ ۋەدىسىنى شۇنداق ئورۇنلىغانلىغىنى كۆرۈپ تەسىرلەندىم. جانابى ئاللاھ بۇ خانىمنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي، ئامىن!
ئادەملەرنىڭ يىشى مۇئەييەن چەكتىن ئاشقاندىن كىيىن ئۆلۈم ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ يەنى "نەدە ياتارمەن، كىم بىلەن ياتارمەن،" دىگەندەك...
ۋەتەندە بۇ ھەقتە ئويلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۇنكى ئۇ يەردە ئۆز جامائىتىڭ، ئۆز خەلقىڭ بىلەن بىللە ياتىسەن. ئەمما بىزدەك مۇھاجىرلارغا نىسبەتەن بۇمۇ بىر باش قاتۇرىدىغان ۋە ئويلاشمىساق بولمايدىغان مەسىلە،....
ئامىرىكىدا مۇسۇلمانلار بار يەردە مۇسۇلمانلار زاراتكارلىغى بار، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۆزىمىزنىڭ زاراتكارلىغىنىڭ بولۇشىمۇ زورۇر ئىكەن دەپ ئويلاپ قالىدىغان بولدۇم يىشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ. بولۇپمۇ 2-3 يىلنىڭ ئالدىدا باشقا ئىشتاتتىكى بىر ئاغىنەمنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزاتتۇق. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامىرىكىغا كۆچمەن بولغان بۇ ئايال خانىم كىسەللىك سەۋەبىدىن 70 نەچچە ياشلاردا قازا قىلدى. بوستوندىن ئائىلەم بويىچە ئۆلۈمنى ئۇزۇتۇشقا باردۇق. مەسجىدتە نامىزىنى چۇشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن شۇ ئىشتاتتىكى مۇسۇلمانلار زاراتكارلىقىغا
بىرىپ خانىمنى يەرلىگىگە قويدۇق. شۇ كۇنى قار ياققان، ھاۋا سوغۇق بىر كۈن ئىدى. ئاغىينەمنىڭ يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ ھەم ئىچىم ئىچىشتى ھەم ۋۇجۇدۇمنى بىر سوغۇقچىلىق قاپلىدى.
بۇ ھاياتىمدا باشقىلار ھىس قىلغۇدەك ئىز قالدۇرالماي ئۆلۈپمۇ كىتىپ قالارمىزمۇ؟ نەدە ، كىملەرگە قوشنا بولۇپ ياتارمىز؟ باللىرىمىز بىلەن بىللە قەۋرىمىزنى يوقلاپ دۇئا قىلىپ قويىدىغان كىشىلەرمۇ چىقارمۇ؟
چۈنكى، ئۆلۈم - ئۇ بىر مۇقەررەرلىك. بىز ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمىز ئەمما، ئەمما چەتئەلدىكى مۇھاجىرلار ئۈچۈن قازا قىلغان چاغدىكى يىگانىلىكتەك بىچارىلىق بولمىسا كىرەك. شۇنى ئويلاۋىتىپ ئىنسان ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىدە ئۆلۈشنىڭمۇ بىر بەخت ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم.
مىنىڭ كۆز ئالدىمغا مەن كىچىك چاغدا كۆرگەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ئۈن قويۇپ قوشاق قىتىپ يىغلاۋاتقان تۇققانلىرىمنىڭ كۆرۈنۈشى قايتا زاھىر بولدى..
|
|