قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 738|ئىنكاس: 2

بىزدىكى پايدىلىق، پايدا قىلىش ئۇقۇمى توغۇرسىدا ئىككى ئىغىز پاراڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

5

دوست

930

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51269
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-19 10:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمەت ئىمىن

(ئەسكەرتىش: مىنىڭ يازمىلىرىم ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىدا يىزىلىپ يۇمشاق  دىدال "يۇلغۇن"  ئارقىلق كونا يىزىققا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئۆزگەرتىلىش جەريانىدا بەزى ئىملا خاتالىقلىرى يۈز بەرگەن بولۇشى،  بولۇپمۇ "ئو، ئۇ، ئۈ، ئۆ" ھەرىپلىرى ئۆز ئارا پەرىقلەندۈرۈلمەي يىزىلىپ قالغان بولۇش مۈمكىن، شۇڭا تۈزۈتۈپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.)
  تىلىمىزدىكى "پايدىلىق ۋە پايدا قىلىش" ئۇقۇمى ئاساسلىقى  قىلغان ئىش ھەركىتىمىز، ئىستىمال قىلغان يىمەك ئىچمەك ۋە دورا دەرمەنلىرىمىزنىڭ بىزگە مەلۇم مەنپەت ياكى ياخشىلىق ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، "زىيانلىق ۋە زىيان قىلىش" نىڭ ئەكسىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەمىلىيەتتە مەيلى "پايدىلىق، پايدا قىلىش" بولسۇن، ۋە ياكى "زىيانلىق، زىيان قىلىش" بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى نىسپى مەنەدىكى بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىق "ئاق" ۋە "قارا" دەك ئۇنداق ئىنىق ئەمەس، بەزىدە ھەتتا ئوز ئارا ئارىلىشىپ كىتىشى ۋە ياكى ئورۇن ئالمىشىپ قىلىشى مۇمكىن.
   كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا، كۆپۈنچىمىز ئۆزىمىز زىيانلىق دەپ قارىغان، ۋە ياكى زىيان قىلىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلگەن ئىش ھەركەت ۋە يىمەك ئىچمەكتىن ساقلىنىمىز، ئۇلاردىن پەرىز تۇتىمىز، بىراق پايدىلىق دەپ قارىغان ئىش ھەركەتلەر بىلەن نورمالدىن ئارتۇق شۇغۇللۇنۇشتىن،  پايدا قىلىدۇ دەپ قارىغان يىمەك ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلمايمىز. ئەكسىنچە پايدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەنمىز. پايدا قىلىدۇ دىگەن ئىش ھەركەت، يىمەك ئىچمەك قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايمىز. ئەمىلىيەتتە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغاندا بەدىنىمىزگە زىيان ئىلىپ كەلگىنىگە ئوخشاش، پايدىلىق دەپ قارىغان نەرسىلەرنى بەدەن ئىھتىياجىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلغاندىمۇ ئوخشاشلا بەدىنىمىزگە زىيان ئىلىپ كىلىدۇ.
    بىز نورمالدا زىيانلىق دەپ قارىغان بىر قىسىم نەرسىلەر گەرچە ھەر زامان زىيانلىق بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم زىيانلىق دەپ قارىغان نەرسىلەر  مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا بىزگە پايدا قىلىشى مۇمكىن. بىز پايدىلىق دەپ قارىغان ھەرقانداق نەرسە ئەگەر چىكىدىن ئاشسا ۋە ياكى بەدەن ئىھتىياجىمىزدىن ئىشىپ كەتسە ھەر زامان زىيانلىق نەرسىگە ئايلىنىپ قىلىشى، ۋە ئارزۇ ئىستەكلىرىمىزگە زىت ھالدا بىزگە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن.
    ھەممىمىز بىلگەندەك، بۇلغانغان مۇھىت، ئىس-تۈتەك، ئالاھىدە يۇقۇرى ياكى ئالاھىدە توۋەن تىمپىراتۇرا،  بۇلغانغان  ۋە ياكى بۇزۇلۇپ قالغان يىمەك ئىچمەكلەر  ھەر زامان زىيانلىق بولۇپ، مەن بۇ يەردە بۇ خىلدىكى ھەر زامان ۋە ياكى ئىنىقلا زىيانلىق بولغان نەرسىلەر ئۇستىدە توختاتلاميمەن.
    بىزدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىراقلا پايدىلىق ياكى زىيانلىق دەپ ئىنىقلا ئايرىۋىتىدىغان، ھەم پايدىلىق دەپ قارالغان نەرسىلەرنى قانچە كۆپ ئىستىمال قىلسا شۇنچە ياخشى دەپ قاراپ، قارغۇلارچە قوغلىشىدىغان ئەھۋاللار بىر ئاز ئومۇملاشقان ۋە ياكى ئادەتكە ئايلانغان مەسىلە بولۇپ، مەن تۆۋەندە بىزگە پايدىلىق دەپ قارالغان نەرسىلەر بىلەن بىزگە بەزىدە زىيانلىق دەپ قارالغان نەرسىلەرنىڭ قانداق ۋاقىتتا ۋە قانداق ئەھۋال ئاستىدا پايدا قىلىدىغانلىقىنى، قانداق ۋاقىتتا ۋە قانداق ئەھۋال ئاستىدا زىيان قىلىدىغانلىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئوتمەكچىمەن.
    مەيلى ئوسۇملۇك بولسۇن ۋە ياكى ھايۋانات بولسۇن، ھاياتلىق بولۇش ئۇچۇن ئەڭ مۇھىم بولغان ئۇچ ئامىل – قۇياش نۇرى، ھاۋا (ئوكسىگىن) ۋە سۇ. بۇلارنىڭ بىرى كەم بولسا ھاياتلىق بولمايدۇ. بۇ مەنەدىن ئەيىتقاندا ئۇلار بىزگە ناھايتى مۇھىم بولغان پايدىلىق نەرسىلەردۇر. ئۇلارسىز بىزنىڭ ساغلام بولۇشىمىز ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ياشىمىقىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىراق بۇ دىگەنلىك بىز ئۇلارنى قانچىلىك كوپ ئىستىمال قىلساق شۇنچە ياخشى دىگەنلىك ئەمەس. بىز قۇياشقا (ئاپتاپقا) قاقلىنىش ئارىقلىق نۇرغۇن كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز، ئەگەر قۇياشقا كوپ قاقلىنىپ كەتسەك تىرەك راكىغا گىرىپتار بولىمىز.
   ساپ ھاۋا (ئوكسىگىن) بىلەن نەپەسلىنىش بىزگە راھەت بىغىشلايدۇ، ئوكسىگىن بولمىسا بىز ئازراقمۇ ياشىيالمايمىز. ئوكسىگىن كەم بولسا نەپىسىمىز قىسىلىپ، ھاسىراپ قالىمىز، ئەقلى ھۇشىمىز نورمال ئىشلىمەي قالىدۇ. ئەگەر ساپ ئوكسىگىن بىلەن ئۇزۇن مۇددەت نەپەسلەنسەك، ئوكسىگىن بىلەن زەھەرلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.
   سۇمۇ ھاياتلىقتا ئوخشاشلا مۇھىم بولۇپ، بەدىنىمىزنىڭ 60-70% سۇدىن تەركىپ تاپقان. كۇندۇلۇك تۇرمۇشتا يىتەرلىك سۇ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ سۇ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، ۋە بەدەندىكى قالدۇق ماددىلارنى بەدەن سىرىتىغا ئاجىرتىپ چىقىرىش، بىزنىڭ ساغلام ياشىشىمىزدا بەكلا مۇھىم.  بىراق بۇنداق دىگەنلىك سۇنى قانچە كوپ ئىستىمال قىلسا شۇنچە ياخشى دىگەنلىك ئەمەس. بەدەنىمىزدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى سۇ تەڭپۇڭلىقى بولۇپ، ئەگەر بىز سۇنى ئاز ئىستىمال قىلساق، بەدەندىكى سۇ مىقدارى ئازلاپ، بەدەندىكى سۇدا ئىرىدىغان نۇرغۇن ماددىلارنىڭ قويۇقلىقى نىسپى ھالدا يۇقۇرلاپ كىتىدۇ، نەتىجىدە بەدىنىمىزدە يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بىز سۇنى ئىھتىياجدىن كوپ ئىستىمال قىلساق، بەدەندىكى سۇ مىقدارى كوپىيىپ، بەدەندىكى سۇدا ئىرىدىغان نۇرغۇن ماددىلارنىڭ قويۇقلىقى نىسپى ھالدا توۋەنلەپ كىتىدۇ، نەتىجىدە ئوخشاشلا بەدىنىمىزدە يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
    ئاقسىل، ماي، شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى)، ھەر خىل ۋىتامىنلار ۋە مىنىرال ماددىلار بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋە ساغلام ياشىشىمىز ئۇچۇن كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئوزۇقلۇق ماددالارنىڭ ئىچىدە ئاقسىل، ماي، شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى) بىزنى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەر خىل ۋىتامىنلار ۋە مىنىرال ماددىلار بولسا بەدىنىمىزدىكى ھەر خىل ئەزالارنىڭ نورمال مىتابولىزىمىنى ۋە فونكىسىيەسىنى  ساقلاشتا ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئەيىتقاندا، بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ساغلام ياشىشىمىز ئۇچۇن ناھايتى پايدىلىق، بىراق بۇنداق دىگەنلىك بىز ئۇلارنى قانچە كوپ ئىستىمال قىلساق، ساغلاملىقىمىزغا شۇنچە پايدا قىلىدۇ دىگەنلىك بولمايدۇ.
    ماي بىلەن شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى) نى ئىستىمال قىلمىساق، بەدىنىمز كۇندۇلۇك ئىھتىياجلىق بولغان ئىنىرگىيەگە ئىرىشەلمەيدۇ، نەتىجىدە بىشىمىز قەيىش، كوزىمىز تولىشتەك ئالامەتلەر كورىلىدۇ، بۇ ماددىلار بەدىنىمىزدە ئۇزۇن مۇددەت كەم بولغاندا، بەدىنىمىز كۇندۇلۇك ئىنىرگىيە ئىھتىياجى ئۇچۇن ئاقسىلنى پارچىلاشقا مەجبۇرى بولىدۇ، نەتىجىدە بىز كۇندىن كۇنگە ئورۇقلايمىز ۋە ئاجىزلىشىپ ماڭىمىز، ۋە ھەر خىل ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىمىز. ئەكسىنچە بىز ماي ۋە شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى) نى بەدەن ئىھتىياجىمىزدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلساق، بەدىنىمىزدە سىمىزلىك ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كىسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ. گوش مايلارنى ئوزۇقلۇق يىتىشمىگەن ۋە شۇ سەۋەپتىن ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئىستىمال قىلسا، ئۇلارغا پايدا قىلىدۇ ۋە شۇ سەۋەپتىن كىسىلى ساقىدۇ. ئەكسىچە ئوزۇقلۇق تولۇق بولغان ۋە ياكى سىمىز كىشىلەر ئىستىمال قىلسا، ئۇلارغا زىيان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يۇرەك قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى تىزلەشتۇرىدۇ.
    ۋىتامىنلارنى يىتەرلىك ئىستىمال قىلمىساق، ۋىتامىن كەملىك كىسىلى كىلىپ چىدۇ، ۋىتامىنلارنى بەدەن ئىھتىياجىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلساق ۋىتامىن بىلەن زەھەرلىنىش كىلىپ چىدۇ. ئەگەر بەدىنىمىزدە مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىن كەم بولسا، ئاندىن بىز شۇ خىلدىكى ۋىتامىن تابىلىتىنى ئىستىمال قىساق، بۇ چاغدا بۇ خىلدىكى ۋىتامىن تابلىتى بىزگە پايدا قىلىدۇ، بەدىمىزدىكى كەم بولغان ۋىتامىن تولۇقلىنىدۇ، نەتىجىدە ۋىتامىن كەملىكتىن كىلىپ چىققان كىسەل ساقىيىپ، ساغلاملىقىمىز ئەسلىگە كىلىدۇ. ئەگەر بەدىنىمىزدە ھىچقانداق ۋىتامىن كەم بولمىسا، بىز ۋىتامىن تابىلىتىنى ئىستىمال قىلساق، ئۇ بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا كوپ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، ئەكسىنچە بەدەندىكى ۋىتامىن دورىلىرىنى پارچىلايدىغان ئورگانلارنىڭ خىزمەت يۇكىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. ئەگەر بىز ۋىتامىن تابىلىتلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت بەدەن ئىھتىياجىمىزدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىۋالساق، ئۇ چاغدا بۇ ۋىتامىن تابىلىتلىرى بەدىنىمىزگە زىيان قىلىدۇ، يەنى بەدىنىمىزدە ۋىتامىن بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
     مىنىرال ماددىلارمۇ بەدىنىمىزدە ناھايتى مۇھىم خىزمەتلەرنى ئوتەيدىغان بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ ساغلام ياشىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللار ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار بەدىنىمىزدە كەم بولسا بولمىغانغا ئوخشاش، ئارتۇق بولسىمۇ بولمايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بەدىنىمىزگە بولغان پايدىلىق تەرىپىنى تەكىتلەپ، ئىھتىياجدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىۋالساق بەدىنىمىزگە ئوخشاشلا زىيان ئىلىپ كىلىدۇ. مەسىلەن كالتسىي بەدىنىمىزدىكى سوڭەكنى قاتۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم بولغان ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يەنە بەدىنىمىزدىكى نۇرغۇن ئورگانلارنىڭ نورمال فونكىسىيەسىنى ساقلاشتىمۇ ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەدىنىمىزدىكى كالتسىي كەم بولغاندا كالتسىي كەملىك كىسىلى كىلىپ چىقىدۇ. بەدىنىمىزدىكى كالتسىي يۇقۇرى بولغاندا كالتسىي يۇقۇرلۇق كىسىلى كىلىپ چىقىدۇ.
    يۇقارقى مۇھىم ئامىللاردىن باشقا ھەرىكەت ۋە بەدەن چىنىقتۇرۇشمۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ۋە ساغلام ياشىشىمىزدا ناھايتى مۇھىم. ھايات دىمەك ھەركەت دىمەك، كىچىگى ھۇجەيرىلەرنىڭ نورمال خىزمەتلىرىدىن باشلاپ، يۇرەكنىڭ سوقىشى، قاننىڭ ئايلىنىش، ئۇزلۇكسىز نەپەسلىنىپ تۇرىشىمىز ۋە كۇندۇلۇك خىزمەت، ئۇگۇنۇش، بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتتۇر. ھەركەت بولمىغان تەندە جان يوق دىمەكتۇر. بۇ مەنادىن ئەيىتقاندا ھەركەت قىلىش ۋە بەدەن چىنىقتۇرۇش بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ۋە ساغلام ياشىمىزدا ناھايتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گەرچە نورمال ھەركەت ھاياتلىق ۋە ساغلام ياشاشنىڭ كاپالىتى بولسىمۇ، بىراق بۇ دىگەنلىك ھەركەت قانچە كوپ بولسا شۇنچە ساغلام بولىدۇ دىگەنلىك بولمايدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى تەنتەربىيە جەھەتتە دۇنيا چىمپىيۇنى بولغانلار ئىچىدە ئۇزۇن ئومۇر كورگەنلەرنىڭ نىسبىتى توۋەن، بۇ چىمپىيۇنلارنىڭ كوپ قىسمى ياش ۋاختىدا ئۇزۇن مۇددەت ھەددىدىن زىيادە كوپ ھەركەت قىلغىنى ئۇچۇن، بەدەندە ئۇزۇن مۇددەت ئاستا خاراكتىرلىق زەخمىلەر يۇز بىرىپ، ياش 50، 60 دىن ئاشقاندا ھەر خىل ئاستا خاراكتىرلىق كىسەللەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. نەتىجىدە نورامل ھەركەت قىلغان ۋە بەدەن چىنۇقتۇرغانلاردەك ساغلام ياشىيالمايدۇ ۋە ئۇزۇن ئومۇر كورەلمەيدۇ.
     بىز كىسەل بولغاندا كىسىلىمىزنى داۋالاپ ساقايتىپ، ساغلاملىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشتە  ئىشلىتىدىغان مۇتلەق كوپ ساندىكى دورىلارنىڭ ھەممىسى خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۇدەك ئۇنداق ياكى مۇنداق ئەكىس تەسىرى بار، كەم دىگەندە جىگەر ۋە ياكى بورەكنىڭ خىزمەت يۇكىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئورگانلاردا بەزى ئاستا خاراكتىرلىق زەخمىلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بىز كىسەل بولغاندا ئۇ دورىلارنىڭ كىسىلىمىزنى داۋالاش جەريانىدا ئىلىپ كەلگەن پايدىسى، زىيىنىدىن كوپ بولغانلىغى ئۇچۇن، بىز ئۇ دورىلارنىڭ بەزى ئەكىس تەسىرىنى تەكىتلەپ كەتمەي، دورىنىڭ بىزگە ئىلىپ كىلىدىغان شىپاسىنى كوزدە تۇتۇپ دورا ئىشلىتىمىز. دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە توۋەنلىتىش، ئۇنىمىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە يۇقۇرى كوتۇرۇش ئۇچۇن، ئەڭ ئۇنۇملۇك، ئەڭ مۇھاپىق بولغان دورىلارنى تاللاپ، ئەڭ مۇھاپىپ مىقتاردا، ئەڭ مۇھاپىق (قىسقا) ۋاقىت ئىشلىتىشكە تىرىشىمىز. ئەگەر بىز مۇھاپىق بولمىغان دورىلارنى، مۇھاپىق بولمىغان مىقتاردا، مۇھاپىق بولمىغان ۋاقىت ئىستىمال قىلساق، كىسەل داۋالاش مەقسىتىگە يىتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، نەتىجىدە ئۇ دورىلارنىڭ زىيىنى پايدىسىدىن يۇقۇرى بولۇپ كىتىپ، بىزگە پايدا قىلىدۇ دەپ ئىستىمال قىلغان دورا ئەكسىنچە بىزگە زىيان قىلىدىغان دورىغا ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. مۇنداقچە ئەيتىتقاندا ھەرقانداق دورىنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى نىسپى بولۇپ، ئوخشاش بىر خىل دورا، شۇ دورا ماس كىلىدىغان كىسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارغا نىسبەتەن پايدىلىق بولغان بولسا، ھىچقانداق كىسەلگە گىرىپتار بولمىغان ۋە ياكى ئۇ دورا ماس كەلمەيدىغان باشقا خىلدىكى كىسەلگە گىرىپتار بولغان ئىنسانلارغا نىسبەتەن زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھەرقانداق دورىلارنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىش، پايدا قىلىدۇ دەپلا قارغۇلارچە دورا ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك. ھەرقانداق كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا، شۇ كىسەلگە ئەڭ مۇھاپىق بولغان دورىنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئۇنىمى ۋە ئىشلىتىش مەقسىتى ئىنىق بولمىغان ھەر خىل دورىلارنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرسى پايدا قىلىپ قالار دىگەن ئۇمۇتتە قارغۇلارچە دورا ئىشلىتىشتىن ۋە ياكى تەلەپ سىناشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.

خۇلاسە: دىمەكچىمەنكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغانغا ئوخشاش، دۇنيادا مۇتەلەق پايدىلىق، ۋە ياكى ھەر زامان پايدا قىلىدىغان دورا، ساغلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار يوق. ھەممە نەرسە نىسبى. شۇڭا ساغلام ياخشايمىز دەيدىكەنمىز، ھەممە جەھەتتە تەبىلىككە ۋە تەڭپۇڭلۇققا دىقەت قىلىشىمىز كىرەك.
uyghuray

2

تېما

2

دوست

5100

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38188
يازما سانى: 635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1472
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-19 11:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىلمىيلىكى ئ‍ىنتايىن يۇقىرى بىر ماقالە بوپتۇ ، ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ داۋايى غىزا تۈرىدىكى يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئ‍از ئ‍ىستىمال قىلىپ غىزايى داۋائ‍ىي تۈرىدىكى يەنە ئ‍اۋۋال غىزالىق رولىنى ئ‍ۆتەيدىغان يىمەك ئ‍ىچمەكلەرنى بەكرەك ئ‍ىستىمال قىلىشى بەدەننىڭ دورىغا كۆنۈپ قېلىشىنى ياكى تويۇنۇپ كىتىشىنى ئ‍ازايتىشى مۇمكىن ، تۇز ۋە باشقا تەم تەڭشىگۈچى دورىلارنى ئ‍از ئ‍ىشلىتىلگەن تائاملارنى كۆپرەك ئ‍ىستىمال قىلىشىنى كۆكتاتلارنىڭ ئ‍ەسلى تەمىنى تېتىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ،، يىمەك-ئ‍ىچمەكتىمۇ ئ‍وتتۇرا يول تۇتۇش لازىم ،،

0

تېما

7

دوست

2775

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 848
توردىكى ۋاقتى: 360
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-19 12:29:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى ئەسەر ئىكەن. زادى بىزلەردە ئەشۇنداق قارغۇلارچە ئىش قىلىدىغان ئىللەت بەك ئېغىر....ھارمىغايسىز. قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )