زۇكامنى داۋالاشتا ئارام ئېلىش دورا يېگەندىن بەكرەك پايدا قىلىدۇ .
قىش پەسلىدە زۇكام كۆپرەك كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ بىرى . ھازىرچە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىلار تېخى تېپىلمىدى . شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر ئارام ئېلىش زۇكامنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ .
زۇكام بولغانلاردا قىزىش ، يۆتىلىش ، پۈتۈن بەدىنى ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئىككى_ ئۈچ كۈن ئۆيدە ياخشى ئارام ئېلىش كېرەك ، زۇكام سوزۇلغانچە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ . يەنە كۈنىگە ئون سائەت ئۇخلاشقا ئېتىبار بېرىش كېرەك .
تاماق سىڭدۇرىدىغان تابلىتكىنى ئىككى كۈندىن ئارتۇق ئىچمەڭ
ھەزىم قىلىش تابلىتكىسىنىڭ تەركىبىدە دۇلانە ، پىچەكگۈل بار ، دۇلانە بىلەن پىچەكگۈلنىڭ تەبىئىتى ئسسىق بولغاچقا ، ئادەتتە ، ھەزىم قىلىش تابلىتكىسىنى ئىككى كۈندىن ئارتۇق ئىچمەسلىك كېرەك ، بولمىسا ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىسسىقلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا مىجەزى << قۇرۇق ئىسسىق>> بولسا ، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ ، سوغاققا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ، ئاسان سوغاق ئۆتىدىغان ، نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ . |