قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6784|ئىنكاس: 261

بىلىمخۇمار: تۇغۇلما مۇسۇلمانلارنىڭ 4 قىيىنچىلىقى

   تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 10:00:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇلما مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىدىغان 4 چوڭ قىيىنچىلىق ھەققىدە

بىلىمخۇمار
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى


مەن يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قاتتىق تىرىشىش نىشانى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەشەببۇس قىلدىم: ئۆز ئېتىقادىنى ساقلاپ، مائارىپقا تايىنىپ، تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكىدىن ئىبارەت 4 ساھەدە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، شۇ ئاساستا سانائەت بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىم بىر شوئار بولۇپ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان چارە-تەدبىرلەرنى مەن ئوتتۇرىغا قويالمايمەن. ئۇلارنى ۋەتەندىكىلەر ئويلاپ چىقىشى، ۋە يولغا قويۇشى كېرەك. مەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ شوئارنى بىر ئۇلۇغۋار ۋەزىپە، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزۇن مۇددەت جاپالىق ۋە قاتتىق تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. چوڭلار ۋە ياشلار، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ھەممىسى قاتتىق تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا ئېتىقادى كۈچلۈك كىشىلەرمۇ ۋە ئېتىقادى ئاجىز كىشىلەرمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقىرىدىكى ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

ھازىرقى دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىسلام تونىغا ئورىنىۋېلىپ ئەسكى ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشىلەر ئاساسەن مۇنداق ئىككى خىل كىشىلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ بىرىنچىسى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ۋە دىننى توغرا چۈشەنمىگەن كىشىلەر. ئۇلارنىڭ ئىككىنچىسى بولسا دىننى مەلۇم بىر سىياسىي مەقسەتنىڭ قورالى قىلىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن دىننى قەستەن بۇرمىلاۋاتقان، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقان كىشىلەر. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ دىنىمىزنى خاتا ياكى چالا چۈشىنىۋېلىپ، «بىزنىڭ دىنىمىز ئەنە شۇنداق» دەپ ئىش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم ناچار ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىمۇ ئەنە شۇ. ئاشۇنداق ناچار ئەھۋاللارنى تۈگىتىپ ياكى ئازايتىپ، يۇقىرىدىكى ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، پۈتكۈل خەلققە ھەقىقىي دىننى ھازىرقى زامانغا ماسلاشتۇرۇپ ئۆگىتىشنى مائارىپ مەزمۇنىنىڭ بىر قىسمى قىلىشتىن ئىبارەت. ھازىر ئاشۇنداق قىلىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە تۈركىيەنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئۇنداق مائارىپ سىستېمىسىغا ئىگە ئەمەس خەلق ئىچىدە يۇقىرىقىدەك بىرىنچى خىل كىشىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، پۈتكۈل خەلققە ھەقىقىي دىننىڭ ياكى توغرا دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت. مېنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە بەزىدە دوكتور ياسىر قازى بىلەن ئويغاننىڭ بىر قىسىم لېكسىيىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇشۇمدىكى تۈپ مەقسىتىم ئەنە شۇ.

مەن يېقىندا «ئىسلام زىيالىيلىقى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش» دېگەن ماقالىدە پەننىي زىيالىيلارنىڭ بىر ئاز دىن ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى، ۋە دىنىي زىيالىيلارنىڭ بىر ئاز ھازىرقى زامان پەنلىرىنى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئاللاھ ۋە ئىسلام دىنى ئۇ ئىككى خىل بىلىملەرگە پەرقلىق قارىمايدىغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاشۇ ئىككى خىل بىلىملەرنىڭ ھەر ئىككىسىنى تەڭ ئۆگىنىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم.  ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي مەسىلىلەرنى توغرا تەھلىل قىلىش ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈنمۇ بىز دىنىي بىلىم بىلەن پەننىي بىلىملەرنىڭ ھەر ئىككىسىگە موھتاج.  شۇنداقلا بىز شەرقتە تەربىيىلەنگەن دىنىي زىيالىيلار بىلەن، شەرقتىمۇ تەربىيە كۆرۈپ، غەربتىمۇ ئىسلام دىنى، تەبىئىي-پەن، پىسخولوگىيە، پەلسەپە، تارىخ، ۋە ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە تەڭ تەربىيە كۆرگەن دىنىي زىيالىيلار ۋە دىنىي زاتلارغىمۇ موھتاج. ياسىر قازى بىلەن ئويغان ئەنە شۇنداق زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ ئەزالىرىدۇر.

ئوقۇرمەنلەر دوكتور ياسىر قازى بىلەن خېلى ياخشى تونۇشۇپ بولدى. ئويغاننىڭ دادىسى بۇرۇن پاكىستاننىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى بولۇپ، ئويغان شۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان. ئىككىنچى سىنىپ ئوقۇشىنى باشلىغاندا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ خىزمىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەددە شەھىرىگە يۆتكىلىپ، ئويغان كېيىنكى 6 يىللىق ئوقۇشىنى شۇ يەردە تاماملىغان. ئاندىن ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى ئامېرىكىدا ئوقۇغان.  ئالىي مەكتەپ ئوقۇشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يەنى 2006-يىلى ئۇ ئامېرىكىدا بىر ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ، ئەرەب تىلى ۋە قۇرئان ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.  ئۇ يېقىندا ئىيوردانىيەدىكى بىر دىنىي تەشكىلات تەرىپىدىن «دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 500 نەپەر مۇسۇلماننىڭ بىرى»، دەپ باھالانغان.  مەن ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى بىر پارچە يازمىسىدا ئويغاننىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرىمەن.

پەقەت شەرقتىلا تەربىيە ئېلىپ، ھازىرمۇ شەرقتە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىيلار ۋە دەۋەتچىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئىككىيلەننىڭ يەنە مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بار: بۇ ئىككىيلەن غەربتىكى تەرەققىي قىلغان خرىستىئان ئەللىرى ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا، ۋە ئاشۇ دۆلەتلەردىكى ئىسلامغا قارشى ھەر خىل سىياسىي كۈچ ۋە باشقا دىنلارغا تەۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ كەمسىتىشى، چەتكە قېقىشى، ھۇجۇمى ۋە ئاغدۇرمىچىلىقى ئاستىدا ئىش ئېلىپ بېرىپ، ئاشۇنداق كۈچلەرنىڭ ھەممىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، غەرب ئەللىرىدە ئىسلامنىڭ مۇۋاپىق ئورنىنى ساقلاپ مېڭىشقا تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ. ئۇلار خرىستىئان دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان ئائىلىلىرىدە تۇغۇلغانلىقى سەۋەبىدىن مۇسۇلمان بولۇپ قالغان ياشلار ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىپ، ئاشۇ ياشلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى، ئەر-ئاياللارنىڭ ئوخشىمىغان رولى، ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن مۇھەببەتلىشىش، ۋە دىنسىزلىشىش قاتارلىق بىر قاتار ھازىرقى زامان مەسىلىلىرىنى ئاللاھ بۇنىڭدىن 1400 يىل بۇرۇن نازىل قىلغان قۇرئاندىكى مەزمۇنلار بىلەن تەھلىل قىلىپ، دىنىمىزغا قارىتىلغان ھازىرقى زامان ھۇجۇملىرىغا قۇرئان بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، غەربتىكى مۇسۇلمان ياشلارنىڭ توغرا ۋە ھەق يولغا مېڭىشىغا ياردەمدە بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئىككىيلەن مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە غەرب ئەللىرىدە سۆزلىگەن دوكلات-لېكسىيىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى يۇتيۇب (YouTube) ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار سۆزلىگەن مەزمۇنلارنى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ۋە دىنىي زىيالىيلار نازارەت قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ.  مېنىڭ تونۇشتۇرۇۋاتقىنىم ئەنە ئاشۇنداق سىناقلاردىن ئۆتكەن مەزمۇنلاردۇر. پەقەت شەرقتىلا تەربىيىلىنىپ، ھازىرمۇ شەرقتىكى بىرەر ئىسلام دۆلىتىدە ياشاۋاتقان دىنىي ئۆلىمالار ۋە دىنىي زىيالىيلار بولسا ئاساسەن دۆلەت ھۆكۈمىتى، غەيرىي مەقسەتتىكى سىياسىي كۈچ ۋە باشقا دىنلاردىكى ھەر خىل گۇرۇھلارنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشىغا ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنى «بىخەتەر ماكاندا ياشاۋاتقان كىشىلەر»، دېسەك، ئانچە خاتالاشمايمىز.

ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئاساسەن پەقەت ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە شەرقتە تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىققان دىنىي ئۆلىما ۋە دىنىي زىيالىيلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگىلا ئىگە بولۇپ كەلدى. شۇڭلاشقا مېنىڭچە بىز باشقا بارلىق پايدىلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويغاندىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرق ۋە غەربنىڭ ھەر ئىككىسىدە تەڭ تەربىيە كۆرگەن، ۋە ھازىر تەرەققىي قىلغان خرىستىئان غەرب ئەللىرىدە پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقان دىنىي زىيالىيلار بىلەن ئۇچرىشىپ بېقىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى بار. مانا بۇ مېنىڭ مۇشۇنداق تېمىلارنى تەييارلىشىمغا تۈرتكە بولۇۋاتقان يەنە بىر ئامىل. ئىنسانلار ئىندىۋىدۇئاللاردىن تەركىب تاپقان بولغاچقا، مەن ھەر قانچە تىرىشساممۇ، مېنىڭ يازمام ھەممە ئادەملەرنى تەڭ رازى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش كۆپلىگەن ياخشى نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، بەزىدە «قوشۇمچە مەھسۇلات» سۈپىتىدە بەزى بىر يامان نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. ئىشلارنىڭ بۇ تەرىپى ماڭا ناھايىتى ئايان. شۇنداق بولسىمۇ، ئاللاھ بۇيرۇسا مەن قۇربىتىمنىڭ يېتىشىچە توغرا ئىشلارنى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىمەن.

ئويغان مۇنداق دەيدۇ («تىرىشچانلىق ۋە ئىبادەت (2)» گە قاراڭ): (نەقىل) ھازىر دۇنيادىكى مېدىئالاردا «ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار مەدەنىيلەشمىگەن كىشىلەر، ئۇلار زوراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار ھازىرقى زامان دۇنياسىدا قانداق ياشاشنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ» دېگەندەك گەپلەر كەڭ تۈردە تارقىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇقىرىقىدەك سۆزلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كىم ئىسپاتلايدۇ؟ بىز ئۆزىمىز خالىغانچە نۇتۇق-دوكلاتلارنى سۆزلىيەلەيمىز. ئەمما بىزنىڭ نۇتۇقلىرىمىز ھېچنېمىگە ئىسپات بولالمايدۇ. دەلىل-ئىسپاتلار بىزنىڭ نۇتۇقلىرىمىزدىن كەلمەيدۇ. بىز ئەڭ ئادىل جەمئىيەت بەرپا قىلغاندا، بىز ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي سىستېما بەرپا قىلغاندا، بىز سودىدا ئەڭ ئادىل بولغاندا، بىز بىر-بىرىمىز بىلەن ئەڭ ئىناق ئۆتىدىغان بولغاندا، بىز غەيرى-مۇسۇلمان قوشنىلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز بىلەن ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغاندا، ئاندىن ھېلىقىدەك تەشۋىقاتلارنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيمىز. دۇنيانىڭ ئىسلامنى ئاڭلىغۇسى يوق. دۇنيانىڭ ئىسلامنى كۆرگۈسى بار. ئىسلامنى دۇنياغا ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار كۆرسەتمىسە، ئۇنى كىم كۆرسىتىدۇ؟ بىز ھازىرقى ھالىتىمىزگە قانائەتلەنسەك بولمايدۇ. (نەقىل تۈگىدى)

روشەنكى، دۇنياغا ئىسلامنى، ئىسلامنىڭ بىر گۈزەل دىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك.

مەن بەزى دىنىي مەسىلىلەرنى تىلغا ئالىدىغان يازمىلارنى تەييارلاشقا باشلىغاندىن تارتىپ، دىنىمىزنى توغرا ئۆگىنىشنىڭ بىر قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدىم. دىننى توغرا ئۆگىنىشتە قىينىلىش ۋە قايمۇقۇش مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى، بولۇپمۇ غەربتە ۋە غەيرى-مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىر ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ئويغان ئۆزىنىڭ ئىككى دوكلاتىدا مەخسۇس مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالغان. بۇ دوكلاتنىڭ بىرىنچىسى مەلۇم بىر «مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى» يىغىلىشىدا سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «بىر قىسىم تۇغۇلما مۇسۇلمانلارنىڭ دىنسىزلىشىپ كېتىشىنىڭ 3 سەۋەبى» ئىكەن [1]. بۇ دوكلات 2015-يىلى 3-ئاپرېل كۈنى يۇتيۇبقا چىقىرىلىپتۇ. ئىككىنچى دوكلاتنىڭ تېمىسى «ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە» بولۇپ، ئۇ 2015-يىلى 12-فېۋرالدا دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر چوڭ خەلقئارالىق يىغىندا سۆزلىنىپتۇ [2]. مەن مەزكۇر يازمىدا ئاشۇ ئىككى دوكلاتنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن. مېنىڭ مەزكۇر ماقالىدە تەسۋىرلەيدىغىنىم ئويغان دىن ئۆگىنىشنى يېڭى باشلىغاندا يولۇققان، ھەمدە تۇغما مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىلىرى يولۇقىدىغان 4 چوڭ قىيىنچىلىق بولۇپ، مەن كېلەر قېتىملىق يازمامدا ئويغاننىڭ ئۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭگەنلىكىنى بايان قىلىمەن.  مەن ئوقۇرمەنلەردىن مۇشۇ مەزمۇندىكى يازمىلارنى تولۇق ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلار ئۈستىدىن يەكۈن چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

f01_dubai.jpg

1-رەسىم: «ئويغان» 2015-يىلى 12-فېۋرالدا دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر چوڭ خەلقئارالىق يىغىندا  «ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.

تۆۋەندىكىسى ئويغاننىڭ ئىككى دوكلاتىنىڭ ئۆزۈم تاللىغان بىر قىسىم مەزمۇنلىرى.


1. تۇغۇلما مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىدىغان تۆت چوڭ مەسىلە

بۈگۈن ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان ھەققىدە بىر نەرسە ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلاندى. بۇ دوكلات مەن ئۆزۈم توغرۇلۇق ئەمەس - بۇ نۇقتا ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە ناھايىتى ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مۇھەببەتنى پەيدا قىلىدىغان نەرسە ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ سۆزى بولۇپ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق قۇۋۋىتى بار. مەن ئاشۇنداق مۇھەببەتنى داۋاملىق ئۆز بېشىمدىن كەچۈرۈپ تۇرىمەن. مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۈشىنىش، ھەمدە ئاللاھنىڭ كىتابى ھەققىدە چۈشەنگەنلىرىمنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش. مەن قىلىۋاتقان ئاشۇنداق كىچىك ئىشلار ئۈچۈنلا كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە دۇئاسىغا ئېرىشىۋاتىمەن. مەن قىلىۋاتقان ئىشلار ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار ئەمەس، ئەمما بۇ كىتاب ئادەتتىن تاشقىرى كىتاب بولۇپ، ئاشۇ كىتاب ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار ئاللاھنىڭ تارتۇقلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.

مېنىڭ بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىم بىر قىيىن تېما بولۇپ، مەن سۆزۈمنى ئۆزۈم توغرىسىدىكى بىر ھېكايە بىلەن، مەن قۇرئان ھەققىدە ئېرىشكەن ئەڭ دەسلەپكى چۈشەنچىلىرىم بىلەن باشلايمەن. مەن بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بىزنىڭ ئائىلە بىر ئوتتۇراھال پاكىستانلىق مۇسۇلمان ئائىلىسى ئىدى. ئۆيۈمدىكىلەر دىنغا ئۇنچىۋالا ئەستايىدىل قاراپ كەتمەيتتى. مەن ئەرەبچىنى ئۆگىنىپ باقمىغان، ياكى قۇرئاننىمۇ ناھايىتى زور تىرىشچانلىق بىلەن يادلاپ باقمىغان. مەن بالىلىق ۋاقتىمدا بىر قانچە سۈرىنى ئۆگەنگەن. مەن گېرمانىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، يەسلى تەربىيىسىنى شۇ دۆلەتتە ئالغان. كېيىن ئوردۇ تىلىنى ئازراق ئۆگەندىم. ئىككىنچى سىنىپتىن 8-سىنىپقىچە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇدۇم. ئەمما مېنىڭ ئوقۇغىنىم پاكىستانلىقلار ئۈچۈن ئېچىلغان مەكتەپ ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ يەردىمۇ بىر قىسىم ئوردۇ تىلىنى ئۆگەندىم. تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا كېلىپ، نيۇ يورك شەھىرىدە ئوقۇدۇم. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، مەن دىنغا ئۇنچىۋالا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىساممۇ بولىدىغان بىر ئەھۋال ئىچىگە كىردىم. مەن ئوقۇغان مەكتەپتە مەندىن باشقا يەنە بىر مۇسۇلمان بالا بار بولۇپ، مەن ئۇنىمۇ پەقەت ئۇنىڭ ئىسمىغا قاراپ «ئۇ بىر مۇسۇلمان ئىكەن» دەپ ئويلىدىم. ئەمما بىز ئارىلىشىپ باقمىدۇق.

مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى باشلىغاندىن كېيىن، «مەن ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە ئىسلام توغرۇلۇق قانداق تونۇشلاردا بولغان بولغىيتتىم؟» دەپ، ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ باقتىم. نەتىجىدە تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلىدە مەن ئىسلام توغرۇلۇق ئانچە ئويلىنىپ باقمىغانلىقىمنى بايقىدىم. ئىسلام توغرۇلۇق ئويلانغان ۋاقىتلىرىمدا بولسا مۇنداق 4 مەسىلە ئۈستىدە ئويلانغان ئىكەنمەن:

ئىلاۋە: ئويغان ئۆزىنىڭ 1-دوكلاتىدا 3 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىككىنچى دوكلاتىدىمۇ 3 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئىككى دوكلاتتىكى دەسلەپكى 2 مەسىلە ئوخشاش بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر مەسىلە بولسا بىر-بىرىگە ئوخشاش ئەمەس. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە ئىككى دوكلاتتىكى مەزمۇننى بىرلەشتۈرۈپ، «4 مەسىلە» قىلىپ ئالدىم.


(1) قۇرئان مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز

مەن دىنىمىزنى ئەڭ دەسلەپتە ئۆگىنىشكە باشلىغاندا، مۇنداق ئويلىدىم: قۇرئان مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. ئۇ قەدىمكى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدىلا سۆزلەيدىكەن. مەن ئۇچراتقان، قۇرئان ھەققىدە سۆزلەيدىغان كىشىلەر بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن ياشىغان كىشىلەرگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە ئوخشىمايدىكەن. ئۇلار سۆزلىگەندە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر قىياپەتتە سۆزلەيدىكەن. مېنىڭ دوستلىرىم ئۇنداق سۆزلىمەيدۇ، مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم ئۇنداق سۆزلىمەيدۇ، مېنىڭ مەكتەپتىكى پروفېسسورۇم ئۇنداق سۆزلىمەيدۇ. بىر ئىمام بىلەن ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كۆرۈشسىڭىز ئۇ نورمال كىشىلەر بىلەن ئوخشاش سۆزلەيدىكەن، ئەمما بىر مەسچىتتىكى مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىنلا باشقىچە بىر قىياپەتتە سۆزلەيدىكەن. ئۇلار خۇددى باشقا بىر زامانغا تەۋە كىشىلەردەك سۆزلەيدىكەن. سىز بىلەن ھېچ قانداق بىر باغلىنىشى يوق كىشىلەردەك سۆزلەيدىكەن. مەن ئەڭ دەسلىپىدە قۇرئان، سۈننەت، ۋە دىن توغرىسىدىكى باشقا تېمىلار ئۈستىدە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، بۇ دىننى خۇددى بۇ زامانغا تەۋە ئەمەس بىر نەرسىدەك، ئۇ بىر قەدىمكى نەرسىدەك، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشىلەرمۇ قەلبى بۇرۇنقى زامانغا تەۋە كىشىلەردەك ھېس قىلدىم. بۇ دىنغا ئىتائەت قىلىپ تۇرۇپ، ھازىرقى زامان ھاياتىنى كەچۈرۈش مۇمكىن ئەمەستەك ھېس قىلدىم.

مەن ئاڭلىغان كۆپلىگەن لېكسىيەلەردىمۇ سۆزگە چىققانلار ھازىرقى ۋاقىت مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نەقەدەر ناچار ۋاقىت ئىكەنلىكىنى، قەدىمكى ۋاقىتلارنىڭ نەقەدەر ياخشى ۋاقىتلار بولغانلىقىنى سۆزلىدى. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرى بەك ئېسىل دەۋرلەر ئىدى. ساھابىلەرنىڭ دەۋرى بەك ئېسىل، ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى دەۋرلەر ئىدى. ھازىر بولسا ھەممىمىز گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ياشاۋاتىمىز، شۇڭا ھەممىمىز ئاخىرەتتە دوزاختا كۆيىمىز»، دەپ سۆزلىدى. مېنىڭ جۈمە نامىزىغا بارغۇم يوق ئىدى، ئەمما دادام مەجبۇرلاپ ئاپىراتتى. شۇنىڭ بىلەن جۈمە نامىزى جەريانىدا تازا ئۇخلىۋالاتتىم. ناماز ئاخىرلىشاي دېگەندە ئاندىن ئويغىناتتىم. ئارىلىقتا چالا ئۇيقۇغا پېتىپ ئاڭلىغانلىرىم بولسا «ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ھارام» دېگەندەك سۆزلەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئېرىشكەن تەسىرات، ئەگەر مەن نورمال ياشايمەن دېسەم، چوقۇم بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇن ياشىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ياشىشىم كېرەك. بىر قەدىمكى ئادەم بولۇشۇم كېرەك. مەن ھازىرقى زامان ئادىمى بولۇپ ياشىسام بولمايدۇ. مەن پەقەت بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇن ياشاۋاتقان بىر ئادەم قىياپىتىدە ياشىشىم كېرەك. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆز ئىچىمدە «قەدىمكى ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتتى، بىز ھازىرقى ۋاقىتتا ياشايمىز، ئۇنداقتا ھازىر بۇ دىننى ئۆگەنگەننىڭ نېمە پايدىسى؟» دەپ ئويلىدىم. «بۇ دىن مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن، ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ۋاقتى توشۇپ بولۇپتۇ»، دەپ ئويلىدىم. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يۇقىرىدىكى پوزىتسىيە ئەمەلىيەتتە بىر مۇسۇلماننىڭ پوزىتسىيەسىدۇر. شۇ چاغدا ئاشۇنداق ئويدا بولغانلار مەن يالغۇز ئەمەس ئىدىم. مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق ئويلايتتى. مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ھازىرمۇ ئەنە شۇنداق ئويلايدۇ.


(2) بۇ دىن ۋە بۇ كىتاب ناھايىتى قاتتىق ۋە ناھايىتى كەسكىن ئىكەن

مەن ھېس قىلغان 2-مەسىلە مۇنداق: بۇ دىن ۋە بۇ كىتاب ناھايىتى قاتتىق، ناھايىتى كەسكىن، ناھايىتى قۇلاققا ياقماس ۋە ناھايىتى قىيىن (strict, harsh, difficult) ئىكەن. سىزنىڭ ئىشلارنى خاتا قىلىپ قويۇپ، دوزاخقا كىرىش ئېھتىماللىقىڭىز 99.9999 پىرسەنت ئىكەن. مېنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاڭلايدىغىنىم مەن بىر ئىشنى چاتاق قىلىپ قويغانلىقىم، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مېنىڭدىن نارازى بولغانلىقى بولدى. مەن ھەر قېتىم بىر ئىشنى قىلغاندا، ئۇنى دىنىي جەھەتتىن خاتا قىلغان بولدۇم.

بۇ دىننىڭ ھەر خىل قائىدىلىرىنى ئورۇنلىماق ئاسان ئەمەسكەن. بۇ دىندا بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىش چەكلەنگەن ئىكەن. يەنە بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭ قائىدىلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ھەمدە ئۇلار ناھايىتى ئېغىر ۋە قىيىن ئىكەن. شۇڭلاشقا ئۇلار رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن. ئۇلارنى سىز قىلالمايدىكەنسىز. ئەگەر سىز ئۇلارنى چوقۇم قىلماقچى بولىدىكەنسىز، سىز چوقۇم بىر دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەم بولۇشىڭىز كېرەك ئىكەن. سىز ھەرگىزمۇ بىر نورمال ۋە خۇشال ئادەم بولۇپ ياشاپ تۇرۇپ، بۇ قائىدىلەرنى ئورۇنلىيالمايدىكەنسىز. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ تەقۋادارلىقىڭىز قانچىلىك كۈچەيگەنسېرى، سىز شۇنچە چۈشكۈنلىشىپ كېتىدىكەنسىز، ھەمدە شۇنچە خاپا يۈرىدىغان بولۇپ كېتىدىكەنسىز. شۇنچە خاپا قىياپەتكە كىرىپ كېتىدىكەنسىز. سىز ئۇچرىتىدىغان تەقۋادار كىشىلەر ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك خاپا يۈرىدىغان كىشىلەر ئىكەن. بۇ دىن بەك قاتتىق بولغاچقا، ئۇ كىشىلەرنىمۇ شۇنچە قوپال، شۇنچە يىرگىنچلىك، ۋە شۇنچە خاپا قىلىۋېتىدىكەن. دىننى تولۇق قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن مەن ساقال-بۇرۇتلۇق كىشىلەرنى كۆرسەم، ئۇلاردىن ئۆزۈمنى ئەپقاچىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. ئۇلار ماڭا مەن قانداقلارچە دوزاخقا كىرىدىغانلىقىمنى دەيتتى. ياكى بولمىسا ماڭا «ھەي ئۇكام، نېمىشقا مانى قىلمايسەن؟ نېمىشقا ئانى قىلمايسەن؟» دەپ، مېنى ناماز ئوقۇشقا ئوخشاش بىرەر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇيتتى.

قىسقىسى، مەن ئېرىشكەن 2-چۈشەنچە دىنمۇ قاتتىق ئىكەن، بۇ دىنغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشىلەرمۇ قاتتىق ياكى قوپال ئىكەن، دېگەندىن ئىبارەت بولدى.


(3) «نېمىشقا مەن بىر مۇسۇلمان بولۇشۇم كېرەك؟» دېگەنگە ھېچ كىم جاۋاب بەرمەيدىكەن

كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنى ھەققىدە سۆزلىگەن ۋاقىتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە، ئۇلار ماڭا ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا مۇسۇلمان بولۇشۇم كېرەكلىكى ھەققىدە ھېچ قانداق گەپ قىلمىدى. ئۇلار ماڭا پەقەتلا مەن بىر مۇسۇلمان بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار ماڭا «سەن مۇنداق مۇنداق قىلىشىڭ كېرەك!» دېدى. مەن «نېمىشقا؟» دەپ سورىسام، «ئۇنداق قىلمىساڭ، دوزاختا كۆيىسەن!» دەپ جاۋاب بەردى.
--مەن ئۆزۈمنىڭ دوزاختا كۆيىدىغانلىقىغا قانداقلارچە ئىشىنىدىكەنمەن؟
--ئۇنداق دەپ سورىما! ئۇنداق دەپ سورىساڭ كاپىر بولۇپ قالىسەن! سەن شۇنىڭدىنمۇ گۇمانلىنامسەن! سەندە ئىمان يوقمۇ؟

مەن بىر شەيخنىڭ قېشىغا بېرىپ، «بۇ دىننىڭ بىز ئۈچۈن بىر توغرا دىن ئىكەنلىكىنى بىز قانداق بىلىمىز؟» دەپ سورىسام، ئۇ «سېنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ. سەن دەرھال تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇۋەتكىن!» دېدى. مەن تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇۋەتكەندىن كېيىن، ھېلىقى سوئالىمغا يەنىلا جاۋاب چىقمىدى: «بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇ دىنغا ئىتائەت قىلىمىز؟ دۇنيادا دىنلار كۆپقۇ؟» مەن ھەر قېتىم باشقىلاردىن مۇشۇ سوئالنى سورىسام، ئۇلار «ئەستاغپۇرۇللا! نېمىشقا بۇنداق سوئالنى سورايسەن؟ بۇنداق سوئالنى سورىساڭ بولمايدۇ! سېنىڭ مۇشۇنداق قىلىپ يۈرگىنىڭنى ئاتا-ئاناڭ بىلەمدۇ؟ بۇ يەرگە كەل، مەن ساڭا ئازراق دۇرۇت ئوقۇپ قوياي» دېدى. ئەمما، ماڭا دۇرۇتنى ئوقۇپ قويغاندىن كېيىن، مېنىڭ سوئالىم يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋەردى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن «بۇ كىشىلەردە ئۇنداق سوئالغا جاۋاب يوق ئىكەن»، دەپ ئويلاشقا باشلىدىم.


(4) قۇرئاننى ئوقۇپ چۈشىنىش بەك قىيىن ئىكەن

شۇنىڭ بىلەن مەن «قۇرئانغا ئۇنىڭ تېشىغا قاراپلا باھا بەرمەي، ئىسلام ھەققىدە مۇسۇلمانلارغا قاراپلا ھۆكۈم چىقارماي، باشقىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ۋە قىلغانلىرىغىلا قارىماي، بۇ دىننى مەن ئۆزۈم بىۋاسىتە چۈشىنىپ باقاي. قۇرئاننى ئۆزۈم ئوقۇپ، ئۇنى ئۆزۈم چۈشىنىپ باقاي. چۈنكى باشقىلارغا ئىشەنگىلى بولمايدىكەن»، دەپ ئويلىدىم. مەن ئەرەبچىنى بىلمەيتتىم. شۇڭا مەن قۇرئاننىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئەمما مەن قاتتىق قايمۇقۇپ كەتتىم. قۇرئان سۆزنى بىر ئىشتىن باشلاپ، يەنە بىر ئىشقا ئۆتۈپ كېتىدىكەن، يەنە بىر ئىشقا ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئاندىن يەنە بىر ئىشقا ئۆتۈپ كېتىدىكەن. مەن شۇ چاغقىچە ئۇنداق بىر كىتابنى ئوقۇپ باقمىغان. مەن بۇرۇن ئوقۇغان كىتابلار 1-بابتىن باشلىنىپ، ئۇ تولۇق چۈشەندۈرۈلۈپ بولغاندا ئاندىن 2-بابقا ئۆتەتتى. ئىككىنچى باب 1-بابتىكى مەزمۇن ئاساسىدا يېزىلغان، 3-باب بولسا ئالدىنقى ئىككى بابتىكى مەزمۇن ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، كىتابتىكى قالغان مەزمۇنلارمۇ مۇشۇنداق بىر تەرىقىدە داۋاملىشاتتى. ئەمما قۇرئان ئۇنداق ئەمەسكەن. ئۇنىڭدا ئايەتلەر تەكرارلىنىدىكەن. مەن بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلەلمىدىم. مەزمۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ماڭا ناھايىتى نامۇۋاپىق تۇيۇلدى. مەن قۇرئاننى ئوقۇپ، ئازراقمۇ تەسىرلەنمىدىم.


2. ئويغاننىڭ مۇلاھىزىسى

ئەمەلىيەتتە دۇنيادا مىليونلىغان كىشىلەر مەن بىلەن ئوخشاش ئويلايتتى. بىرىنچىدىن، ئۇ كىشىلەر سىزدىن 2015-يىلىدا ياشىماي، 1275-يىللىرىدا ياشاشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىزدىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب زامانىسىدە ياشاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ھازىرقى زامان بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئىككىنچىدىن، ئۇلار ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە قاتتىق ياكى قوپال. ئۈچىنچىدىن، ئۇلار مېنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىشنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن سورىغان سوئاللار گۇناھ بولۇشقا لايىق قەبىھ سوئاللاردىن ئىبارەت.  تۆتىنچىدىن، قۇرئاندىكى مەزمۇنلار ئادەمنى ناھايىتى قايمۇقتۇرىدىغان بولۇپ، ئادەمنى ئازراقمۇ تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. مۇشۇ 4 سەۋەب بىر ئادەمنى ئىسلامدىن يىراق تۇرۇشقا مەجبۇرلاشقا يېتىپ ئاشىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە مۇشۇنداق 4 مەسىلە مەۋجۇت بولۇپ، سىز ئىسلامغا يېقىن يولىماسلىقنى قارار قىلغان بولسىڭىز، مەن سىزنى تولۇق چۈشىنىمەن. مەن سىزنىڭ قارارىڭىزنى بىر لوگىكىلىق قارار، دەپ ھېسابلايمەن. مەن ھازىرغىچە بېرىپ باققان دۇنيادىكى ھەر بىر مۇسۇلمان ۋە غەيرى-مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇنداق بىر ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان كىشىلەرنى ئۇچراتتىم. مېنىڭ لېكسىيەلىرىمگە كەلگەن يۈز مىڭلارچە كىشىلەر كۆڭلىدە ئاشۇنداق ئىدىيىلەرنى ساقلاۋاتقان كىشىلەردىن تەركىب تاپتى. مەن مۇشۇنداق ئەھۋالغا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت دىققەت قىلدىم. شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزۈمنى قۇرئاندىن يىراق تۇتتۇم. سەۋەبى، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن، ئۇ ناھايىتىمۇ قاتتىق، ھەمدە ئۇ مېنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرەلمەيتتى. مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، «مەن ئەگەر قۇرئان بۈگۈنكى كۈندە نازىل بولغان بولسا، ئۇ بۇرۇنقىسىغا ئازراقمۇ ئوخشىمايدىغان بىر مەزمۇندا نازىل بولاتتى، دەپ ئويلايمەن»، دېگەن ئادەممۇ بار [2].

مەن نيۇ يورك شەھىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە ئىنسانشۇناسلىق دەرسلىرىنى ئالدىم.  تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ۋە ياۋروپا پەلسەپىسى قاتارلىقلارغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەندىم. مەن «بۇنىڭدىن 1400 يىل بۇرۇن نازىل قىلىنغان بىر كىتاب قانداقمۇ مېنىڭ ھازىرقى سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرەلىسۇن؟ شۇڭلاشقا مېنىڭ ئۇ كىتابنى ئۆگىنىشىمنىڭ ھاجىتى يوق»، دەپ ئويلىدىم.   

ئەمما ئاللاھنىڭ تارتۇقلىشى بىلەن، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆگىنىشنى باشلىغان ۋاقتىمدا، مەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدىكى ئېسىل ئۇستازلارغا يولۇقتۇم. شۇنىڭ بىلەن مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 4 ئىشنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئاللاھنىڭ كىتابى بىزنىڭ ھازىرقى زامانىمىزغا ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ كىتابتا مېنىڭ سوئاللىرىمغا، كۆڭلۈمدىكى مەسىلىلەرگە، ۋە مېنىڭ شەخسىي مەسىلىلىرىمگە جاۋاب بولىدىغان مەزمۇنلار بار ئىكەن. جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەر ۋە دۇنيادىكى مەسىلىلەر 2-قەدەم ۋە 3-قەدەمدىكى ئىشلار بولۇپ، مەن بۇ يەردە 1-قەدەم ئۈستىدە، يەنى مېنىڭ ھازىرقى شەخسىي مەسىلىلىرىم ئۈستىدە گەپ قىلىۋاتىمەن - ئاللاھنىڭ كىتابىدا مېنىڭ مەسىلىلىرىمگە جاۋاب بار ئىكەن.  

ئىككىنچى مەسىلە ئىسلام دىنىنىڭ بىر قاتتىق دىن ئىكەنلىكىدۇر. ئەمما مەن ئۇنى ئۆگەنگەنسېرى دىن قاتتىق ئەمەس، ئۇنىڭغا ئەگىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قاتتىق ياكى قوپال ئىكەنلىكىنى، كىتابنىڭ بولسا قاتتىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. ئاللاھنىڭ كىتابى رەھىمدىللىك بىلەن تولغان ئىكەن، ئەمما بىزدە رەھىمدىللىك يوق ئىكەن. بىز كەڭ قورساق ئەمەس ئىكەنمىز.  

ئۈچىنچى مەسىلە كىشىلەرنىڭ مېنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاب بەرمەسلىكى ئىدى. ئەمما، قۇرئان كىشىلەرنى سوئال سوراشقا، ۋە تەنقىد بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىكەن. دۇنيادا ئىسلامدىن باشقا بىرەر دىن «مېنى تەنقىد قىل» دېمەيدۇ.  ئىسلامدىن باشقا دىنلار كىشىلەرنى «كىتابىمىزدىن سوئال سورا، ئۇنى تەنقىد قىل» دېمەيدۇ. مەن كىتابىمىزدىكى «ئۆزۈڭ ئويلا» دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇغاندا، كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. ئەسلىدە ئۇ «سوئال سورىما، شۇ بويىچە ئىشەن!» دېيىشى كېرەك ئىدىغۇ، دەپ ئويلىدىم. باشقا دىنلار ئەگەشكۈچىلەردىن «ئويلاشنى توختىتىپ، پەقەت ئىشەن» دېگەننى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ دىنىمىز «سەن ئويلاشنى توختاتساڭ بولمايدۇ. سەن پەقەت ئويلىغاندىلا، ئاندىن بۇ دىنغا ئىشىنىسەن»، دەيدىكەن.      

شۇنىڭ بىلەن مەن 19 ياشقا كىرگەندە شۇنىڭغىچە مۇسۇلمان ئۈممەتلەر تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىمنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن پۈتۈن ئۆمرۈمنى بىر مۇسۇلمان بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما شۇ چاغقىچە ھېچ كىم ماڭا كىتابىمىزدا ئۆز مەسىلىلىرىمىز ھەققىدە جاۋابلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قاتتىق ئەمەسلىكىنى دەپ باقمىغان ئىدى. دېمەك، ماڭا ئىسلامنى ئۆگىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كىشىلەر ئىسلامغا توغرا ۋەكىللىك قىلالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈم بىر خىل زەربىگە ئۇچرىغان ئادەم بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتتا بولدۇم. مەن نۇرغۇن ئىشەنچلىرىمنى يوقاتتىم. ھېلىقى كىشىلەرگە ئىشەنمەس بولدۇم. دىننى ئۆزۈم ئۆگىنىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم. تەلىيىمگە يارىشا مەن ئىنتايىن ئېسىل زىيالىي ۋە ئۇستازلارغا يولۇقتۇم. دىننى ھەقىقىي تۈردە توغرا چۈشەنگەن ئۇستازلارغا ئېرىشتىم. ئەمما ئاشۇنداق دىننى ھەقىقىي تۈردە توغرا چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. مەن ئىگە بولغان ھېلىقى ئېسىل ئۇستازلار نۇتۇقنى ياخشى سۆزلىيەلەيدىغان كىشىلەردىنمۇ ئەمەس. ئەمما ماڭا دىننى خاتا چۈشەندۈرگەن كىشىلەرگە ئوخشاشلار بولسا نۇتۇق سۆزلەشكە ناھايىتى ئۇستا بولۇپ، ئۇلار ھەممە يەرگە كەڭ تارقالغان. بۇ بىر مەسىلە.  

بىز دائىم غەيرى-مۇسۇلمانلارغا دەۋەت ئېلىپ بېرىش ھەققىدە سۆزلەيمىز. ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى دەپ قوياي:  ھازىر ئۈممەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قۇرئان بىلەن بولغان باغلىنىشى ئۈزۈلۈپ قالدى. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر قۇرئان توغرىسىدا گەپ ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ ئاڭلايدىغىنى قۇرئاننىڭ قاتتىقلىقى، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى، ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەر بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ. گەرچە قۇرئاندا جاۋابلار بار بولسىمۇ، قۇرئاننى چۈشەندۈرىدىغانلار ئۇنى جايىدا چۈشەندۈرەلمەيۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاللاھنىڭ كىتابىغا چالا ۋەكىللىك قىلىۋاتىمىز. ھازىر مېنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرۇۋاتقان مەسىلە ئەنە شۇ. بىزنىڭ زامانىمىزدىكى قىيىن ئۆتكەل ئەنە شۇ. مېنىڭچە ھازىرقى ۋاقىتتا بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئەنە شۇ.  

قۇرئاندىن بىرەر ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈش ئىنتايىن ئاسان. قۇرئاندىكى بىر ئايەتنى خاتا چۈشىنىپ، ئۇنى خاتا قوللىنىشمۇ پەۋقۇلئاددە دەرىجىدە ئاسان بولۇپ، كىشىلەر ھازىر شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. بەزى كىشىلەر ئايەتلەرنى خاتا قوللىنىپ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھسىز كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئىشلارمۇ بار. ئەگەر قۇرئاننى خاتا قوللىنىدىكەنسىز، قان تۆكۈلۈش يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن. ھازىر ئاشۇنداق ئىشلارمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر قۇرئاننى خاتا قوللىنىدىكەنسىز، بىر قىسىم كىشىلەرنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىشىڭىز مۇمكىن. ھازىر ئاشۇنداق ئىشلارمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئاشۇنداق ئىشلار بىزنىڭ دەۋرىمىزدە، ياكى ھازىرقى زاماندا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر مۇسۇلمانلارنىمۇ «مەن ئەمدى ئىسلامنى ئىستىمەيمەن» دېگۈزۈۋېتىدىغان دەرىجىدە قۇرئان ھەققىدە تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  بۇ بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى بىر پاجىئەدۇر [1].

مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرماقچى بولغان ئويغاننىڭ ئىككى دوكلاتىدىكى مەزمۇنلار مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


3. ئاخىرقى سۆز

مەزكۇر يازمىدىكى مەزمۇنلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يەنە ئىككى چوڭ مەزمۇن بار. ئۇنىڭ بىرى، ئويغاننىڭ 19 يېشىدا دىنىمىزغا قايتىدىن رەسمىي كىرگەندە يۇقىرىدىكى 4 چوڭ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭگەنلىكى. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا، تۇغۇلما مۇسۇلمانلارغا يول كۆرسىتىپ، ياردەم قىلىشتا ھازىر قانداق مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقى، ۋە ئۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاقىلانە ئۇسۇللىرى، يەنى، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىش ئۇسۇللىرىدىن ئىبارەت. مەن ئۇ ئىككى مەزمۇننى بۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم تېما قىلىپ يوللايمەن. مەن ئاخىرىدا مېنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ ئەھمىيىتىنى توغرا چۈشەنگەن، ۋە مېنى ئىزچىل تۈردە قوللاپ، ماڭا قىزغىن ھالدا مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.  


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Three reasons make some born Muslims atheist
https://www.youtube.com/watch?v=tcJ6uy9w4yw

[2] In Need of Wisdom
https://www.youtube.com/watch?v=mX1oRcMbLzA


بۇ ماقالىنى ئىنىمىز «پىداكار» تەھرىرلىدى.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.



uyghuray

4

تېما

4

دوست

2402

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35511
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 726
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 11:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنى ئىسلامنى چۈشەنمەيدۇ دەۋاتقان كىشىلەر ماھىيەتتە ئۆزى قىلچىلىك چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن.شەرق ۋە غەربتە تەڭ تەربىيلەنگەن ئالىملارنىڭمۇ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى كۆردۇق.ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر بار دەپسىز، قانداق كىشىلەرنى كۆزدە تۇتىۋاتقىنىڭىز ماڭا ئايان ئىنكاس يىزىپ سىزنى قايىل قىلالمايمەن ئەلۋەتتە.لىكىن ئىسلامنىڭ كىلەچىكى سىز ئىسلامنى چۈشەنمەيدۇ دەۋاتقان شۇ كىشىلەرنىڭ قۇلىدا،ئۇلار ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ كىملىكىنى قانداق مۇئامىلە قىلىش كىرەكلىكىنى ئۇبدان  بىلىدۇ.ئىشقىلىپ بۈگۈن ماڭا ھەممە ئىش ئايان بۇلدى.خەيىر خۇش ئەركىن سىدىق ئەپەندى.

12

تېما

3

دوست

1259

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43890
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 11:37:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن سىدىق ئاكامنى مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخشىتىمەن

4

تېما

4

دوست

2402

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35511
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 726
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 11:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
970223 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-22 11:37
ئەركىن سىدىق ئاكامنى مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخ ...

ھىسسىي يەكۈن  
uyghuray

12

تېما

3

دوست

1259

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43890
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 12:03:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
vatanuqun يوللىغان ۋاقتى  2016-1-22 11:45
ھىسسىي يەكۈن

قانداق دەيسىز ؟ باشقىسىنىمۇ دىمەي ئامرىكىدەك ۋاقىت ھەقىقىي ئورنىنى تاپقان ، ۋاقىتنى سىكونتلاپ پىلانلايدىغان بىر يەردە ئۇيغۇر ئۇچۇن ، ياشلار ئۇچۇن ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ، جۇملىدىن ئۆزىنىڭ بايلىقىنى ، ئاتا قىلىنغان نىئمىتىنى بىزگە ئاتا قىلىۋاتقان ، بىلىمىنى ھىچقانداق ئىقتىسادىي مەئپەئەتنى كۆزلىمەي بىزلەرگە بۇلدۇرىۋاتقان كىشى ئەينى زاماندا ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆز جىنىنى ، مىلىنى تەقدىم قىلغان ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخشاتماي ، ئولۇغلىرىمىزغا ئوخشاتماي كىمگە ئوخشىتاي ،  پۇتۇن ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولالمىساممۇ ، كىمنىڭ بىز ئۇچۇن جان ۆكۇيدۇرىۋاتقانلىقىنى بىلگۇچىلىكىم بار.

0

تېما

6

دوست

2350

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26835
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 736
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 12:11:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەسسىلامۇ ئ‍ەلەيكۇم ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلپتۇ ،  بەزىلەر خاتا چۈشنىۋالغاندەك قىلىدۇ،،،ئ‍ۇيغۇرلارغا تەۋە بۇ زىمىندا ئ‍ەركىن ئ‍ەپەندىمدەك بىرەرسنىڭ تور يۈزىدە ، ئ‍ۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تەسىر قىلغۇدەك دىن توغرىسىدا بىرەر نەرسە يازالماسلىقى  ھەيران قالارلىق ئ‍ىش،،، خۇددى ئ‍ويغان دىگەن ئ‍ىش بۇ يەرلەردىمۇ ئ‍ىغىر، ە

0

تېما

6

دوست

2350

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26835
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 736
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 12:12:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلفۇندا يازغاشقا  ئ‍ىملا توغرا بۇلماي قىلۋاتىدۇ
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )