قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1745|ئىنكاس: 8

ئەلكۈن: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇچرىشىشى - يىپەك يولىدىكى سوپىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

22

دوست

6428

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 2468
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-23 08:23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-23 22:26  

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇچرىشىشى - يىپەك يولىدىكى سوپىلار

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرىنى بۈيۈك بىرتانىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە پائال تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى (London Uyghur Ensemble) لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ (SOAS - School of Oriantal and African Studies, University of London) تەكلىپى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ برۇنېي تىياتىرخانىسىدا 2016- يىلى 21- يانۋار كەچ سائەت 7 دىن 8  يېرىمىغىچە داۋام قىلغان “ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇچرىشىشى - يىپەك يولىدىكى سوپىلار”  ( A Central Asian Reunion – Sufis on the Silk Road )  نامىدىكى مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ سەنئەت كېچىلىكى بۇرۇن ئۆتكۈزۇپ كەلگەن كېچىلىكلەردىن پەرقلىق بولۇپ، كونسېرتقا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بارلىق خالىس سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان ئۆزبېك مۇزىكانتلاردىن ساردور مىرزاخوجايېۋ بىرلىكتە كونسېرت بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىپ، ناۋايى ۋە شاھ مەشرەپنىڭ غەزەللىرى ئېيتىلىدىغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئۆزبېك شاش مۇقامى (6 مۇقام) لىرىنى سەھنىدە نامايان قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا سوپى مۇزىكا سەنئىتىنى تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىش بىلەن ئالاھىدە مەنىلەرگە ئىگە بولدۇ.  

بۇ قېتىم ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ برۇنېي تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرتقا مەزكۇر ئىنستىتۇت ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتى تارمىقىدىكى ئىنستىتۇتلارنىڭ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى ھەم لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر تاماشىبىنلىرى ئىشتىراك قىلدى.

بۇ سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئېلان ۋە تەشۋىقات ئىشلىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۇچۇن كېچىلىككە ناھايىتى كۆپ تاماشىبىنلار كەلدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى تىياتىرخانىنىڭ 350 كىشىلىك ئورنى تولۇپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن نۇرغۇن تاماشىبىنلار كونسېرتنى كۆرۈشكە ئامالسىز قېلىشتى.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ  بۇ نۆۋەتلىك كونسېرتنىڭ سەنئەت كېچىلىك نامى “ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇچرىشىشى - يىپەك يولىدىكى سوپىلار” بولۇپ، مانا مۇشۇ نامنىڭ ئۆزىلا بۇ كونسېرتنىڭ ئەھمىيىتىنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ. بۇ سەنئەت كېچىلىكى تاماشىبىنلارغا گەرچە 20 - ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى خەلقلەر بۈيۈك ئىمپېرىيىلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتلەرنى تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان “بۈيۈك ئويۇن” لىرىنىڭ تراگېدىيىسى سۈپتىدە بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار بىر - بىرلىرىدىن سۇنئىي ھالدا ئايرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ جۇغراپىيىلىك رايوندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك مىللەتلىرىنىڭ ئوخشاش تىل، مەدەنىيەتكە ئىگە، سوپى مۇزىكا سەنئەت ئەنئەنىلىرىگە تەڭ ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر خەلقلەردىن ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر - ئۆزبېك ناخشا -مۇزىكا سەنئەتلىرىنى سەھنىدە بىرلىكتە كۆرسىتىش ئارقىلىق نامايان قىلدى.

2016 - يىلى 22 - يانۋار، لوندون



كونسېرتتىن تارتىلغان بىر قىسىم سۈرەتلەر


LUE_SOAS_Concert2112016_1.jpg



LUE_SOAS_Concert2112016_2.jpg



LUE_SOAS_Concert2112016_3.jpg



LUE_SOAS_Concert2112016_4.jpg



LUE_SOAS_Concert2112016_5.jpg




تۆۋەندە مەزكۈر سەنئتە كونسېرتنىڭ  ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىغى تەرپىدىن نەق مەيداندىن تارقاتقان قىسقا بىر سىن كۆرۇنىشىنى youku 优酷  تورىدىن كۆرەلەيسىز:







uyghuray

8

تېما

3

دوست

3961

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18570
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1244
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-23 11:28:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6133
توردىكى ۋاقتى: 1634
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-23 17:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئىكەن. ئۇستازنىڭ خەۋەر بەرگىنىگە رەھمەت .

1

تېما

9

دوست

6237

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1918
توردىكى ۋاقتى: 235
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-23 21:18:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghuray

21

تېما

22

دوست

6428

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 2468
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-23 22:08:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

21

تېما

22

دوست

6428

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 2468
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-23 22:09:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

0

تېما

0

دوست

1187

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52031
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 364
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-24 22:43:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان تىمىڭىزغا رەخمەت.

خوجە

0

تېما

12

دوست

6007

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1739
توردىكى ۋاقتى: 477
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-26 21:23:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghojia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-26 19:25  

رەخمەت ،،،مەنچە ئەۋەتمىسىڭىز بوپتىكەن،،،،ئۆزبىك دىسە ئۆمۇرلۇك دۇشمىنىدەك مۇئامىلە قىلدىغانلارغا لوخ گۆشتەكلا تۇيۇلدى.
ما مۇنبەردە  قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا ئولتۇرالمايدىغان غاجىلىغۇچى ئېنسانلار دائىم ماراپلا تۇردۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )