قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1149|ئىنكاس: 1

[نوبېل مائارىپى] بالىلارنىڭ پىسخىكا مەخپىيەتلىكىنى سىز قانچىلىك..

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

609

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34956
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-24 00:46:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nobel-edu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-24 00:47  

خاتا قىلغىنى ئېنىق تۇرۇپ ئۇنى يەنە ئېتىراپ قىلماسلىق
بالىلارنىڭ پىسخىكا مەخپىيەتلىكىنى سىز قانچىلىك چۈشىنىسىز؟


شىنجاڭ نوبېل مائارىپ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى



بالىلاردامۇنداق بىر پىسخىكا بار، يەنى قىلغان ئىشى ئېنىق خاتا تۇرۇپ، يەنە قىلغانلىقىنىئېتىراپ قىلمايدۇ، بالىڭىز ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىڭ تۇرۇۋالغانۋاقىتتا، سىز بەلكىم ئۇنى ئەيىبلىشىڭىز، بەك ئاچچىقىڭىز تۇتۇپ كەتسە ئۇنى ئۇرۇپ،تىللاپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ بىر ئويلىنىپ بېقىڭ، سىز ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدىكىمەخپىيەتلىكنى زادى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ ئەگەر چۈشەنگەن بولسىڭىز بەلكىمبۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشىراق بىر تەرەپ قىلالىشىڭىز مۇمكىن ئىدى.
سىز بالىڭىزنى«نەق مەيداندا» تۇتۇۋالغان ۋاقتىڭىزدا بەلكىم ئۆينىڭ قالايمىقانلىقىدىن پۇتقويغۇدەك يېرىمۇ قالمىغان ھالەتتە بولۇشى مۇمكىن، بالىڭىزدىن:«بۇنى كىم قىلدى؟»دەپ سورىغاندا ئاڭلايدىغان جاۋابىڭىز «بۇ كۈچۈك قىلدى» ياكى «تاشقى پىلانېت ئادىمىقىلدى» ۋە ياكى «ئۆي ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق ئىكەن» دېگەندەك جاۋابلارغا ئېرىشىسىز،ئۇنىڭدىن نەق جاۋابنى ئاڭلىشىڭىز تولىمۇ تەس.
تۆت - بەش ياشلىقبالىلار ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى قەتئىي خالىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنتوختىماستىن باھانە ئىزدەيدۇ. بالىلارنىڭ بۇنداق يالغانچىلىقلىرى،مۇتەھەملىكلىرىگە چىداپ بولالمىغان ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا يالغانچى، سەمىمىيەتسىز،قارا نىيەت، مەسئۇلىيەتسىز، كاززاپ دېگەندەك «چىرايلىق قالپاق»لارنى كىيگۈزۈپقويىدۇ.
ئەگەر ئاتا-ئانىلاربۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ قالسا، قەتئىي جىددىيلەشمەسلىكى، « مەن ئەجەب بىريالغانچى، مەسئۇلىيەتسىز بالا تەربىيەلەپ قويۇپتىمەن» دەپ ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىكېرەك. بۇ ياشتىكى بالىلاردا خاتالىقلىرىنى ئۈستىگە ئالماسلىقتەك ئورتاق  خاسلىق بار.
تەرەققىياتپىسخولوگى دوكتور توماس لىكونا(Thomas Lickona ) مۇنداق دەيدۇ،بۇ ياشتىكى بالىلاردا قائىدە ۋە  ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغاندا قانداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپچىقىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى بىر «تاپشۇرۇق»نىئورۇنلاۋاتقان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم بىر نۇقتىدىن قىلىپ ئېيتقاندا،بالىلارنىڭ ئېتىراپ قىلماسلىقى، باھانە كۆرسىتىشلىرى ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىدىكىناھايىتى ياخشى سىگنالدۇر چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىپ قويغان ئىشىنىڭ ياخشى ئىشئەمەسلىكىنى، ھەتتا خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلاربالىلارنىڭ خاتالىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش مەسىلىسىدە ناھايىتى سەۋرچان بولۇشىكېرەك. بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆيۈنۈشى، چۈشىنىشى ۋە يېتەكلىشى ئاستىدا ئەخلاققارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ چىن ۋە ياخشى قىلالايدۇ.
بۈگۈن بۇماقالىدە بىر قانچە بالىنىڭ «مەسئۇلىيەتتىن قاچتىڭ» دەپ ئەيىبكە ئۇچرىغانۋاقىتتىكى يۈز بېرىدىغان پىسخىكا مەخپىيەتلىكى سۆزلىنىدۇ، بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغاياردىمى تېگىپ قالسا، بالىلىرىنى چۈشەنسە ھەم ئۇلارغا ياردەم قىلالىسا بىزنىڭمۇھاردۇقىمىز چىقىدۇ، ئەلۋەتتە.
بىرىنچى پىسخىكا مەخپىيەتلىكى
ئەگەر مەنئېتىراپ قىلسام ئاپام قاتتىق ئاچچىقلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئېتىراپ قىلماسلىقىم كېرەك
بالىڭىزنىڭقورقىدىغىنى سىزنىڭ تاياق-توقمىقىڭىز، تىل-ئاھانىتىڭىز ئەمەس، بەلكى ئاچچىقلىنىپ،ئۇنىڭدىن نارازى بولۇشىڭىزدۇر. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقتى - بالىلارنىڭتوخۇ يۈرەكلىككە ھەقىقىي قەدەم قويغان ۋاقتىدۇر.
نۇرغۇنلىغانۋاقىتلاردا بىز بالىلارنى سەل چاغلاپ قېلىپ، بۇلار تاياقتىن ياكى تىل ئاڭلاشتىنقورقۇپ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ دەپ قارايمىز.ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنى جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىن ئازابلايدىغىنى دەل بىزنىڭئاچچىقىمىز ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئۈمىدسىزلىكىمىز، بىزنىڭ قايغۇرۇشىمىزدۇر. بىراق بىزئۇلارغا ھەقىقەتەن چوڭ تەلەپ قويۇۋېتىپ قالىمىز، بۇ ياشقا كىرىپ قالدى، ئۆزىقىلغان ئىشقا ئۆزى ئىگە بولۇشى، خاتالىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، «قىلمىدىم» دەپتۇرۇۋېلىپ بىزنى بىزار قىلماسلىقى، قاقشاتماسلىقى كېرەك دەپ قارايمىز.

بۇ ۋاقىتتائاتا-ئانىلار ئەسلىدە تۆۋەندىكىدەك قىلىشى كېرەك
گەرچە ئۇ سىزنىڭئىسپانىيەدىن ئەكەلدۈرگەن قىممەت باھالىق نوركىڭىزنى شەپەرەڭ پالۋاننىڭ يېپىنچىسىئورنىدا ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىڭىزنى قاتتىق بېسىۋېلىڭ، ئىچىڭىزدە ئونغىچە ساناپبولغاندىن كېيىن. ئۇنىڭدىن:«بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ سەۋەبىنى ئاڭلاپ باقايمۇ» دەپسوراڭ. شىمالى كارولىنا ئىشتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بالىلار تەرەققىيات ئالىمى،دوكتور كارىن دېبورد ئاتا-ئانىلارغا مۇنداق تەكلىپنى بېرىدۇ:«بالىنىڭ قىلغانئىشىغا قاراپلا ئۇنى ئەيىبلىمەڭ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، سەمىمىيەتلىك بىلەن ئۇنىڭئويلىنىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىڭ، مۇشۇنداق قىلغاندا بالا ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلىپ،نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سىزگە ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.»
ئۇنىڭغابىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن ئۆزگەرمەس ئىشەنچ تۇيغۇسىنى بېرىڭ. بالا سىزنىڭ ئۆزىنىكەچۈرۈۋېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ:«قانداق خاتالىق ئۆتكۈزۈشىڭىزدىن قەتئىي نەزەرماڭا دېگىن، مەن بەلكىم ئازراق ئاچچىقلىنىشىم مۇمكىن، بىراق سەمىمىي بالابولغانلىقىڭدىن تېخىمۇ خۇشال بولىمەن.» دېسىكەن دەپ ئويلايدۇ.

ئىككىنچى پىسخىكا مەخپىيىتى
مېنىڭ «كەچۈرۈڭ»دېگىم يوق!... مەن پەقەت مېنىڭ قىلغىنىمنى ئېتىراپ قىلمىساملا ئۇ گەپنى دېيىشىمنىڭھاجىتى يوق.
«كەچۈرۈڭ»دېگەن بۇ گەپنى ھەرقانداق ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا دېيەلمەيدۇ، چۈشەنمەيدۇ، نېمە ئۈچۈندەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. باشقىلاردىن كەچۈرۈم سوراشنىمۇ بالىلار چوڭ بولغاچئۆگىنىدۇ. ئەجەبا بىز ئۇنى تۇغۇلىشىمىزدىنلا بىلەمتۇق؟
تۆت - بەشياشلىق بالىلارنىڭ ئۆزلۈك قارىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق ئۇلار ئۇنىڭقانداق ئەھۋال ئاستىدا «غۇرۇر» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، قانداق ئەھۋال ئاستىدا«جاھىللىق» ۋە «ئەدەپسىزلىك»كە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئايرىيالمايدۇ. بالىلارغاباشقىلارغا ئازار بەرمەيدىغان ھەم ئۆزىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىمايدىغان ئادەم بولۇشيولىنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىش ناھايىتى مۇھىم.
بۇ ۋاقىتتائاتا-ئانىلار ئەسلىدە تۆۋەندىكىدەك قىلىشى كېرەك
بالىلارغا نېمەئۈچۈن «كەچۈرۈڭ» دەپ باشقىلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى دەپبېرىش لازىم. ئۇلارغا باشقىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغاندا ياكى باشقىلارنىبىئارام قىلىپ قويغاندا «كەچۈرۈڭ» سۆزىنى ئىشلەتسە قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىدائۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى، ئاچچىقلىرىنىڭ بېسىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مەسىلە ھەلقىلىشقا پايدىسى بارلىقىنى دەپ بېرىشىمىز، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپبېقىشى كېرەكلىكىنى ئۆگىتىشى ناھايىتى مۇھىم.
بالىلارسەمىمىيەتلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىغۇچە ساقلاش. سەمىمىي ھالدا كەچۈرۈم سوراشنىڭچوڭلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى تەس ئىكەنلىكىنى بالىلارغا چۈشەندۈرۈپ قويۇش لازىم.بالىلار سەمىمىي ھالدا كەچۈرۈم سوراشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، مەسئۇلىيەتتىنقاچمايدىغان بولىدۇ. بىراق بالىلارنى «كەچۈرۈڭ» دېيىشكە مەجبۇرلىماسلىق كېرەك.ئۇلار ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگىنى ياخشى، چىن كۆڭلىدىن كەچۈرۈم سوراشنىئۆگەنمىسە، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا ئۇ گەپنى دەپلا قويسا سىزمۇ بەرىبىر ئۇنىڭغا قايىل بولمايسىزھەم خوش بولالمايسىز.

ئۈچىنچى پىسخىكا مەخپىيىتى
ئۇنى مەنقىلمىغان دېدىم، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا مەنمۇ قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلمەيمەن.
بالىلارنىڭمەسئۇلىيەتتىن قېچىشى نۇرغۇنلىغان ۋاقىتتا ئاۋارىچىلىكتىن قېچىشى ئۈچۈن تېپىپچىققان ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلىدۇر. بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭمۇ بۇنداق غىپپىدەتىكىۋەتكۈسى يوق.
بالىلارنىڭدادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىئۈچۈن يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج بولىدۇ. ئۇ بەزەنئىشلارنى خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا خاتالىقىنىتوغرىلايدىغان پۇرسەتنى بىز بېرىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈزىنىئاياشنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك.
بۇ ۋاقىتتائاتا-ئانىلار ئەسلىدە تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارنى قىلىشى كېرەك
بالىلارغامەسىلىنى ھەل قىلىش پۇرسىتى بېرىشىمىز كېرەك. «سەنچە تامغاقالايمىقان سىزغان بالا قانداق قىلسا ياخشىراق بولار؟» دەپ سوراپ،بالىنىڭ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش، سەۋەنلىكىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈنپۇرسەت ۋە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بولىسىز، سىز گەرچە ئۇنىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈننارازى بولسىڭىزمۇ بىراق ئۇنىڭ خاتالىقىنى قوبۇل قىلدىڭىز ھەم تولۇقلىشى ئۈچۈنپۇرسەت بەردىڭىز، بۇنى ئاڭلىغان بالىڭىز ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن:«مەنچە ئۇ بالائاپىسىغا سەل تۇرۇپ تامنى چوتكا بىلەن پاكىز سۈرتۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دەپجاۋاب بېرىدۇ.

تۆتىنچى پىسخىكا مەخپىيىتى
ئۇنى مەنقىلمىغان، راسلا مەن قىلمىغان!
تۆت، بەش ياشلىقبالىلار خىيالى دۇنيا بىلەن رېئاللىقنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇلار بەزىدە ئۆزىنىڭتەسەۋۋۇرىدىكى دۇنياسىغا چۆكۈپ كېتىدۇ، ھەتتا بەزىدە ھېلى نېمە ئىش بولغانلىقىنىناھايىتى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
ئاتا-ئانىلار شۇنىئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەككى، ئۇلار يەنىلا كىچىك بالا، ئۇلار فىزىيولوگىيە ۋەپىسخىكا جەھەتتىن يېتىلىش ۋە مۇكەممەللىشىش باسقۇچىدا، ئۇلار بەزەن ئىشلارنى ئۆزىخالاپ ئەمەس، بىلىپ-بىلمەيلا قىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭلارنىڭ تەپەككۇرىبويىچە دائىم ئۇلاردىن قارىغۇلارچە گۇمان قىلىپ گۇناھنى ئۇلارغا زورلاپ تاڭماسلىقلازىم، ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ھەممىدىن موھتاج.
بۇ ۋاقىتتائاتا-ئانىلار ئەسلىدە تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارنى قىلىشى كېرەك
ئۇلار بىلەنمۇڭدىشىش. ئەگەر بۇ ئىش ھەقىقەتەن ئېغىر ياكى ئەستايىدىل بىرتەرەپ قىلىشقا ئەرزىسە، بالىڭىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ بۇ ئىشنىڭ زادى قانداقيۈز بەرگەنلىكىنى ياكى بۇ ئىشقا ئالاقىدار قانداق ئىشلارنى بىلىدىغانلىقىنى سوراڭ.بالىلاردا يامان نىيەت بولمايدۇ، سىزگە ئەسلەپ بەرگەچ ھەممىنى دەپ بېرىدۇ.
ئەگەر ئۇ كىچىكئىش بولسا، ئۇنداقتا بالىڭىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ مەسىلىنى ھەل قىلىۋېتىڭ.«لۆڭگىنى مەيلى سەن ياكى كۈچۈكنىڭ ئاشخانىغا تاشلاپ قويغىنى مۇھىم ئەمەس، بالام،كۈچۈك لۆڭگىنى مۇنچىغا ئەكىرىپ ئېسىپ قويالمايدۇ، بىراق سەن ئاسالايسەن، شۇنداققۇ؟ياردەملەشكىنىڭگە رەھمەت بالام».
«كەچۈرۈڭ»دېگەن سۆزنى ئېغىزدىن چىقىرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس
«كەچۈرۈڭ»سۆزىنى ئېيتىش ئۈچۈن يۈرەك، جاسارەت كېتىدۇ. بالىڭىز كەچۈرۈم سوراشقا ئۇنىمىسا،باشقىچە بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ. بۇ بالىلارنىمەجبۇرلاپ قارشىلىقىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈنمۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىشنىڭ ماھىيىتىنىھېس قىلالىشى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق.
قۇچاقلاش - ئۇنىڭ سىزنىقۇچاقلاپ قويغىنى دەل سىزدىن كەچۈرۈۋېتىشنى ئۆتۈنگىنىنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.
خاتا قىلدىڭمۇيوق؟-بالا بېشىنى لىڭشىتىپ خاتالىقىنى تونۇدى، ئەمدى ئۇنىڭغا يەنە شۇ «كەچۈر»نى دېگۈزۈشئۈچۈن كىرىشىۋالماڭ.


$nobel adress.jpg

مەنبە:
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5NzAzNzk4MA==&mid=401271649&idx=1&sn=04b424065ed29b98110461d0aaa56e11&scene=23&srcid=01193cgXDxPC5ce76FSoPQoc#rd


uyghuray

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6186
توردىكى ۋاقتى: 2535
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-24 15:23:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قويدۇم، قايتىلاپ ئۇقۇماي بولمىدى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )