قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1676|ئىنكاس: 6

[ئابدۇرېھىم دۆلەت] بالا تەربىيەلەش ئانىلارنىڭلا ئىشىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

609

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34956
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-24 22:48:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچى نوبېل قوش تىل بالىلار باغچىسىدىن ئابدۇرېھىم دۆلەت تەييارلىدى.
   ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى؛ بالىلارنىڭ تەربىيەسى ئانىلارنىڭ قولىدا؛ ئانىلارنىڭ بىر قولى بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىرقولى يەرشارىنى تەۋرىتىدۇ؛ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىلارنىڭ ساپاسىغا باغلىق!
   بىز ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئورنىنىڭ يۈكسەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان مانا مۇشۇنداق دەبدەبىلىك شوئارلارنى كۆپ ئاڭلىدۇق، كۆپ سۆزلىدۇق، ھەتتا كۆپ يېزىلدى. مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ساھەلەرمۇ بۇنى بەك تەكىتلەپ كەلدى. ئەلۋەتتە، ھەرگىزمۇ بىز پەرزەنت تەربىيەسىدە ئانا مۇھىم ئەمەس دېگەننى ئىلگىرى سۈرمەكچى ئەمەس، شۇنداقلا بۇ ھەقىقەتكە ئوت ئاچماقچىمۇ ئەمەس، بىزمۇ ھەمئانىنىڭ ئورنىنى، مۇھىملىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئانىلارنىڭ رولى، ئورنىنىڭ زىيادە تەكىتلىنىشى تۈپەيلىدىن ئۇنتۇلۇپ قېلىنىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم پاكىتنى ئاتا-ئانىلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قويماقچى، خالاس.
   مانا ئەمدى ھازىر پەرزەنت تەربىيەسى دېسىلا دەرھال ئانىلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغان، بۇ ئىش دادىلار بىلەن پەقەت مۇناسىۋەتسىزدەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالدۇق. ئەمەلىيەتتە، پەرزەنت تەربىيەسىدە دادا ۋە ئانا بىر - بىرىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، يەنى، ئانا قىلغاننى دادا قىلالمايدۇ، دادا قىلغاننى بولسائانا قىلالمايدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاندىن مۇكەممەل بىرئائىلە تەربىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
   شۇڭلاشقا،بىز بۇ مۇھاكىمىمىزدە دادىلار پەرزەنت تەربىيەسىدە قايسى ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىشى مۇمكىن دېگەن مەسىلىلەرنى چۆرىدەيمىز.

1- دادا بالىلىرى ئۈچۈن مەبلەغ سالالايدۇ.
   بىزنىڭ ئائىلەئەنئەنىمىزدە دادا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى، ئائىلىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداشنى ئۈستىگە ئالغۇچى. شۇڭلاشقا تەبىئىيلا بۇ يۈك ئاۋۋال دادىنىڭ زىممىسىگەچۈشىدۇ. تەربىيە دېگىنىمىز نوقۇل گەپ - سۆز، كىتاب ئوقۇش-ئوقۇتۇش بىلەنلاتۈگىمەيدۇ، بالىلارغا مەخسۇس ئويلىشىپ، پۇل خەجلەپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشمۇپەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ھالقىدۇر. ئادەم ئۆز مۇھىتىغا لايىق ئادەمبولىدۇ. دادا بالا تەربىيەسى ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ سالالىسا، بالىسىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ - يېتىلىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلمىي ئۇسۇلدا پۇل خەجلەپ، ئۇنىڭغائائىلىسىدە مۇۋاپىق مۇھىت يارىتىپ بېرەلىسە، بالىسىنىڭ تەربىيەسى ئۈچۈن كاتتا ئىشقىلىپ بەرگەن ھېسابلىنىدۇ.
   ئەپسۇسكى،رېئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق، بىزدە بالىلىرىنىڭ تەربىيەسى ئۈچۈن ھەقىقىي يوسۇندا ئىزدىنىپ ئىلمىي مەبلەغ سالىدىغان دادىلار بەكلا ئاز. بەك قىلىپ بەرگەنلىرى كىتاب ئېلىپ بېرىدۇ، ياكى ئائىلىگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ ياخشى ئىش، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەنلا كۇپايىلىنىش توغرا ئەمەس.سىزنىڭ بالىڭىز ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلىگىنىڭىزنى ھەرگىزمۇ باشقىلارغا قاراپ سېلىشتۇرۇپ ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ باشقا يەرگە سەرپ قىلىدىغان چىقىمىڭىزغاسېلىشتۇرۇپ ئاندىن توغرا ئۆلچىگىلى بولىدۇ. مەن نۇرغۇن بايلارنىڭ ئۆيىدە مەخسۇس بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بىرەر كىتاب ئىشكاۋىنىمۇ كۆرمىدىم، ئەمما قىزىق يېرىئۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش غېمىدە يۈرگەندەك كۆرۈنىدىغان ئادەملەر. نۇرغۇن بايلار ئۈچۈن ھازىر بىرەر ۋاق تاماق ئۈچۈن بىرەر-ئىككى مىڭ سومنىئۇچۇرۇۋېتىش ھېچقانچە ئىش ئەمەس. پات-پات كېلىپ تۇرىدىغان مېھمانلار ئۈچۈنمېھمانخانا ئۆيلەر شۇنداق ھەشەمەتلىك ياسالغان، نەچچە يۈزمىڭلاپ پۇللار پەقەت زىننەتلەشكىلا كەتكەن، ۋەھالەنكى، ھەر كۈنى ئاشۇ ئۆيدە ياشايدىغان بالىلارنىڭ كىچىككىنە ئايرىم كىتابخانا ئۆيىمۇ يوق. بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئوينايدىغان،چېنىقىدىغان ئۆيلەرنى قىلىپ بېرىش ھەرگىزمۇ ئىسراپچىلىق ئەمەس.  ئەمما مۇشۇنداق ئىسراپچىلىقنى قىلالايدىغان بايلار ھەرگىزمۇ بالىلىرى ئۈچۈن مىڭ سومغا ئەمەس، بەش يۈز سومغىمۇ كىتاب ئېلىپبېرىشكە قورسىقى ئاغرىيدۇ. ئېلىپ بېرىپ قالسا، بەك جىق پۇل خەجلىۋەتتىم، دەپ قارايدۇ.
   ھازىرقى ۋاقىتتائىقتىسادىي شارائىتى يار بېرىدىغانلار ئۈچۈن، بالىلىرىغا مەخسۇس ئۆي، كۈتۈپخانا،چېنىقىش ئۆيى قىلىپ بېرىش ھەرگىزمۇ ھەشەمەت ئىستېمالى ئەمەس، بەلكى ئەقەللىيزۆرۈرىيەتتۇر. مانا مۇشۇنداق شارائىت نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئىچكى ئېنېرگىيەسىنى قوزغىيالايدۇ، نۇرغۇنلىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى نامايەن قىلىدىغان، تەرەققىي قىلدۇرىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئادەمنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى،تالانتلىرى مۇۋاپىق تاشقى مۇھىت-شارائىتقا ئېرىشەلمەسلىكتىن كۆمۈلۈپ، ئىسراپ بولۇپكېتىدۇ.
    ئەلۋەتتە، بۇقىسقا يازمىدا بىز دادىلار ئۈچۈن مۇنۇ،مۇنۇ ئىشلار ئۈچۈن پۇل خەجلەڭ دەپ كونكرېت ئىشلارنى كۆرسىتىپ بولالمايمىز. ئىشقىلىپ شۇ نەرسە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇكى،ھازىرى ۋاقىتتا بالىلىرىمىزنىڭ تەربىيەسى ئۈچۈن پۇل خەجلەيدىغان يەرلەر بەك جىق.شۇڭلاشقا بىز مۇشۇنداق بىر ھەقىقەتنى سەمىڭىزگە سېلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز:بالىلار تەربىيەسىگە پۇل كېتىدۇ، ئەمدى بۇ پۇلنى قانداق خەجلەش، نېمىلەرنى قىلىپبېرىش دېگەن ئىشلارنى ئۆزىڭىز ئىزدىنىڭ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەتئېلىڭ. بىر تەرەپتىن بالىلارنى ياخشى تەربىيەلىسەم بولاتتى دەپ تىتىلداپ، يەنە بىرتەرەپتىن پۇل خەجلەشكە بېخىللىق قىلىپ يۈرۈش، خۇددى خوتۇنىغا گۆشنى يەتكىدەك ئېلىپ بەرمەي، پولۇنى ئوبدان ئوخشات، دەپ تۇرۇۋالغاندەك بىر بىمەنە، زىددىيەتلىك ئىشتۇر.

2-بالىلىرىغا خاراكتېر تەربىيەسى بېرەلەيدۇ.
    پەرزەنت تەربىيەسىدە، ئادىمىيلىك، خاراكتېرتەربىيىسىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ھەتتا مەلۇم نۇقتىدىن، ئۇنى بالىلارنىڭ مەكتەپلەردە ياخشى ئوقۇشىدىنمۇ مۇھىم، دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇتەربىيەنى ئىشلەيدىغان ئەڭ ماس ئادەملەر دەل ئاتا-ئانىلاردۇر. چۈنكى ئۇلارئائىلىدە بۇ خىل تەربىيەنى ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزلىرى بىلەنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمىئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ئىستىخىيلىك تەرزدە ئېلىپ بارىدۇ. ساغلام خاراكتېر،ئەخلاق دېگەننى مەكتەپلەردە دەرس ئۆگەنگەندەك ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇ پەقەتبالىلارغا يارىتىپ بېرىلگەن مۇھىت ئىچىدە ئاستا-ئاستا تەبىئىي رەۋىشتە سىڭدۈرۈلىدۇ. مانا مۇشۇنداق مۇھىتنى ئائىلىدە ئانىلا يالغۇز يارىتالمايدۇ، پەقەتدادا ۋە ئانىنىڭ ئىككىسىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىدىن شەكىللىنىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا، ئانىدا ئاياللىق خاراكتېر، دادىدا ئەرلىك خاراكتېر بار. بۇ تولىمۇ ئاددىي بىر ھەقىقەت، ئەمما مانامۇشۇ ئاددىي ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلغىنىمىز بىلەن، ئۇنىڭ تەقەززالىرىغا رىئايەقىلالمايۋاتىمىز، يەنى، بالىلىرىمىزنى ئانىلارغىلا تاشلاپ بېرىۋاتىمىز. ئانابالىلارنى ئۆزىدە بار خاراكتېر، مىجەز بىلەن تەربىيەلەيدۇ، بالىلارمۇ شۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئانىلار خاراكتېر جەھەتتىن مېھرىبانلىق،نازۇكلۇققا ۋەكىللىك قىلسا، دادىلار جەسۇرلۇققا، قورقۇمسىزلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.سىز بالىڭىزنىڭ، بولۇپمۇ ئوغلىڭىزنىڭ باتۇر، قورقماس بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىزيۇ،ئەمما ئوغلىڭىزنى پۈتۈنلەي ئانىسىغىلا تاشلاپ بېرىسىز. بالىڭىز مەردلىك،ئەركەكلىك، باتۇرلۇق دېگەندەك خىسلەتلەرنى كىمدىن ئۆگىنىدۇ؟ دېمەك، سىز بىر دادابولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، بالىلىرىڭىزنى خاراكتېرىنى ساغلام، ئادىمىيلىكى پاكىزەتەربىيەلەي دېسىڭىز، بالىڭىزغا ۋاقىت چىقىرىڭ، ئانىسىغىلا تاشلاپ قويماڭ. بالىڭىزئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىدىنمۇ قۇرۇق قالمىسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دادىسىنىڭ قاتتىققوللىقىنىڭ تەمىنىمۇ تېتىپ تۇرسۇن. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، بالىغا ئانا بەرگەننى دادابېرەلمەيدۇ، دادا بەرگەننى ئانا بېرەلمەيدۇ، ۋەھالەنكى، بالا بولسا ھەرئىككىلىسىگە موھتاج!

3- ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىڭ.
    ئەلۋەتتە، بۇ يالغۇز دادىغىلا دېيىلىدىغان گەپ ئەمەس،چۈنكى ئىناق ئائىلە مۇھىتى يالغۇز ئەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەنلا ئىشقا ئاشمايدۇ،ئانا ھەم ئورتاق ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشى لازىم. ئەمما، مەزكۇر يادىمىزدا پەقەتدادىلار توغرىلىقلا سۆزلەيدىغان بولغاچقا، گەپلىرىمىز بۇ ھەقتىكى دادىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدىلا بولىدۇ. تولا جېدەل قۇرۇمايدىغان، ئۇرۇش-ماجىرائۈزۈلمەيدىغان ئائىلە مۇھىتىنىڭ بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى سەلبىي تەسىرىنى ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىمىز. ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى ئۈزۈلمەس جېدەل - ماجىراسىز ھېس قىلمىغان بىلەن، سەبىي گۆدەكلەرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس داغ-جاراھەتلەرنى قالدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نورمال پىسخىك ساغلاملىقىغا زور زىيان يەتكۈزىدۇ.تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىناق ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ  بولغان بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى، جېدەل قۇرۇمايدىغان ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭكىدىن كۆپ دەرىجىدە ياخشى بولىدىكەن. بالىلارنىڭ بەخت-كۈلكىگە تولغان ئائىلە مۇھىتىدىن ئالىدىغانلىرى چەكسىزدۇر، بۇنى ھەتتا بىزمۇ ھېس قىلىپ بولالمايمىز.
    مۇشۇ نۇقتىلارنى نەزەرگە ئالغاندا، دادا بولغۇچى سىزچوقۇم بالىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ، خوتۇنىڭىز بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندا، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ھەرگىز بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئايالىڭىزغا قول تەگكۈزمەڭ، ئېغىرتىللار بىلەن تىللىماڭ. بالىلار بار يەردە ئۇلارنىڭ ئانىسىنى ھۆرمەتلەڭ، ئۇنى سىز ھۆرمەتلىمىسىڭىز، كېيىن بالىلىرىڭىزمۇ ھۆرمەتلىمەيدىغان بولىدۇ، بالىلىرىڭىزنىڭئالدىدا ئانىسىنىڭ نوپۇزى قالمايدۇ، ئانىسى بالىلىرىغا گېپىنى ئاڭلىتالمايدۇ.

4-بالىلىرىغا ساغلام دۇنيا قاراش تەربىيەسى بېرەلەيدۇ.
    بولۇپمۇ، بالىلار تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىن،ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نەرسىلىرى، ئويلىنىدىغان ئىشلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭىيىشكەباشلايدۇ. ئۇلارمۇ مىللەت، دۆلەت، تارىخ، دىن دېگەندەك چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدەبالىلارچە بولسىمۇ پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلايدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا بالاكاللىسىغا بۇ ھەقتىكى كەلگەن نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ئوقۇتقۇچىسىدىن سورالمايدۇ،ئەمما جاۋابىنى بىلگۈسى كېلىدۇ. مېنىڭچە بالىلارنىڭ مۇشۇ تېمىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە ئەڭ لايىق ئادەم دادىدۇر. چۈنكى، بىزنىڭ كۆپىنچە ئاياللىرىمىزيۇقىرىقى ساھەلەرگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ، ياكى قىزىققاندىمۇ، يېتەرلىك كىتاب ئوقۇمىغان بولغاچقا، قاراش-تونۇشلىرى دېگەندەك مۇكەممەل بولمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن،بالىلارنىڭ ئۇ خىلدىكى سوئاللىرىنى تومتاقلا گەپلەر بىلەن يىغىشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.ئەمما بۇ بالىلارنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ.
    شۇڭلاشقا بالىلارغا توغرا،ساغلام بولغان قىممەتقاراش، دۇنيا قاراش، غايە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش تەبىئىيلا دادىلارنىڭ زىممىسىگەيۈكلەنگەن بولىدۇ. بەلكىم دادىلارنىڭ ئەستايىدىل ئىدىيەۋى تەربىيەسى بىلەن بالىلارغايىلىرى بۈيۈك، قەلبىگە چوڭ ئارمانلارنى پۈككەن، كەلگۈسىدە قولىدىن چوڭ ئىش كېلىدىغان ئادەملەردىن بولالىشى مۇمكىن، چۈنكى، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان بالىلار ئۈچۈن توغرا بىر غايە، نىشان ئىنتايىن مۇھىمدۇر، ناۋادا دادا ئۆزىنىڭ تەربىيەسى بىلەن بالىسىغا مۇشۇ جەھەتتىن ياخشى ياردەم بېرەلىسە، كېيىنچە ئۇ بالائاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. چۈنكى، توغرا بىر غايىگە، دۇنيا قاراشقائېرىشىۋالغان بىر بالا گوياكى بىر كۈچلۈك بىر موتورغا ئېرىشىۋالغانغا ئوخشايدۇ،ئاتا-ئانىسى دائىم ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرمىسىمۇ، نېمە غايىگە يېتىش، قانداق ئۆگىنىش، دېگەنلەرنى ئۆزى ھەل قىلالايدۇ.
      خۇلاسە قىلغاندا، ئائىلە تەربىيەسى نوقۇل ئانىلارنىڭلا تەربىيە پائالىيىتىدىن تەركىب تاپقان جەريان ئەمەس، ئانىغىلا تايىنىپ قالغان ئائىلە تەربىيىسىمۇ مۇكەممەل تەربىيە ھېسابلانمايدۇ. ئائىلە مۇھىتى ئەر-ئايال ھەر ئىككىيلەننىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىدىن شەكىللىنىدۇ. شۇڭلاشقا دادا بولغۇچى ئەتىدىن-كەچكىچە پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە ئانىغىلا تاپا قىلىۋەرمەي، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىمۇ تونۇپ يېتىشى، ئۆزلۈكىدىن ئادا قىلىشى لازىم. ئەلۋەتتە، يۇقىرىدابايان  قىلغانلىرىمىز ھەرگىزمۇ داداپەرزەنت تەربىيەسىدە قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەس، ئەقىللىك دادائۆزىنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىشى لازىملىقىنى ئۆزى تاپالايدۇ.
uyghuray

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6401
توردىكى ۋاقتى: 1677
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-25 11:25:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئاتا-ئانىلارغا بىۋاستە پايدىلىنىدىغان، تەجرىبە خاراكتىرلىك يازمىلا بەكلا لازىم بۇلىۋاتىدۇ.

2

تېما

23

دوست

6367

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1981
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-25 12:15:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى قىممىتى زور يازما بۇپتۇ ! رەھمەت . بىزنىڭ ئائىلىدە باللىرىمنىڭ ئۇگۇنىشىگە كىتاپ ماتىريال سىتىۋىلىشىغا يولدىشىم مەسئۇل ، مەن ئائىلە ئىشلىرىغا مەسئۇل باللىرىمنىڭ ئۇگۇنىش ئەھۋالىمۇ ناھايتى ياخشى ..

0

تېما

0

دوست

635

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51185
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-25 13:00:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kamalet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-27 03:35  

ئ‍ىسىل يازما!ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ يازمىلىرى ئ‍ۆزى بىلەن ئ‍وخشاشلا يوقاپ كەتكىلى ئ‍ۇزۇن بولغان،بۇ يازما ئ‍ون نەچچە يىللار ئ‍ىلگىرىكى«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»يورنىلىنى ئ‍ەسلەتتى،ئ‍ابدۇرېھىم دۆلەت ئ‍ەپەندىمنىڭ ئ‍ۆمرىگە قۇت-بەرەكەتلەر تىلەيمەن!!!
uyghuray

3

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 3155
توردىكى ۋاقتى: 885
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-25 14:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندىنىڭ  ماقالىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان بىزگە روھىي ئوزۇق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر جەمئىيىتى خەلقنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان،ئەڭ ئېھتىياجلىق مەسىلىلەردە خەلققە خالس مەسلىھەتچى بولالايدىغان ئابدۇرېھىم دۆلەتتەك زىيالىلارغا مۆھتاج.

رەھمەت سىزگە، ئابدۇرېھىم!

3

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 3155
توردىكى ۋاقتى: 885
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-30 10:33:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنىڭ داۋاملىشىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.

6

تېما

0

دوست

1923

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29403
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-31 19:44:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بالىڭىزنىڭ، بولۇپمۇ ئوغلىڭىزنىڭ باتۇر، قورقماس بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىزيۇ،ئەمما ئوغلىڭىزنى پۈتۈنلەي ئانىسىغىلا تاشلاپ بېرىسىز. بالىڭىز مەردلىك،ئەركەكلىك، باتۇرلۇق دېگەندەك خىسلەتلەرنى كىمدىن ئۆگىنىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )