قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2101|ئىنكاس: 22

م.ئا.شەيدائى: ئادىپلەر سورۇنىدىكى رەزىللىك

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

16

دوست

8291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 711
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 00:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تور دۇنياسى گەرچە مەۋھۈم بىر ئوبېكت بولسىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن باي،رەڭدار مەنىۋىي ئوزۇقلىرى شۇنداقلا ئاددىي كاللا بىلەن تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىقتىدارلىرى بىلەن زامانىۋىي جەمىيىتىمىزدە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان ئۇچۇر-ئالاقە، پەن-مەدەنىيەت، مالىيە ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، داۋالاش...قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە بېرىپ تاقىلىدىغان زامانىۋىي ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىسى بولۇپ كۈنسېرى يىتەرسىزلىكلىرى توختاۋسىز تولۇقلىنىپ كەلمەكتە. ھەمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئەقلىي مۈلۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ يىراقنى يېقىنلاشتۇردى، ناتونۇشلارنى ئۆزارا تونۇشلاردىن قىلدى،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈگىدىن ئۆگۈنۈپ بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەپ مېڭىش قاتارلىق تەرەپلەردە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە. بۇ جەريانلارنى كۆرۈپ كۈزىتىپ كېلىۋاتقان بىل گايتىس قاتارلىق بۇ دۇنيانىڭ قۇرغۇچىلىرى شۇنداقلا ھەرقايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ ئايرىم نازۇك تەرەپلىرىدىن باشقىلىرىنى پەقەتلا «مېنىڭ» قىلىۋالماستىن ئىنسانىيەتكە ھەدىيە قىلدى ھەمدە قىلىۋاتىدۇ.بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىز ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيانى تونىدۇق، ئۆزىمىزنى مۇشۇ ۋاستە ئارقىلىق نۇرغۇن زىيالىي،ئەدىپ،ئالىم،تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تونۇتتۇق ھەمدە تونۇتىۋاتىمىز.
  ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك دىيارىمىزدىكى بىر چەكلىك دائىرە ئىچىدە ئەنە شۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۈلكىنى «مېنىڭ»قىلىۋېلىپ كېلىۋاتقان ئايرىم شەخىسلەر مەۋجۇت.تېخىمۇ قىززىقى شۇكى ئۇ شەخىسلەر ھەرگىز مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىرقەدەر تۆۋەن قاتلامدىكى شەخىسلەر بولماستىن ئاددىي كىشىلىرىمىز نەزىرىدە «ئەدىپ» سانىلىپ كېلىۋاتقان بەزى زىيالىيلىرىمىزدىن ئىبارەت. تولىمۇ ئەپسۇس، تولىمۇ ھەيرانمەن. ئۇيغۇردا زىيالىي بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقىي زىيالىيلىرى ئۈن-تىنسىز، شاۋقۇن-سۈرەنسىز ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆلىرىنىڭ ھالال تەرى بىلەن ئەشۇ ئۆزلىرىنى «ئەدىپ» قاتارىغا، زىيالىي قاتارىغا كىرگۈزىۋالغان ئاسانلا شالاقلايدىغان «يېرىم چىلەك سۇ» لارنىڭ بالىلارچە تەپەككۈرىنىڭ ھاسىلاتىنى يېپىپ ئۇيغۇرنى تېگەشلىك سورۇنلاردا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىپ كەلمەكتە.
   ساۋادى بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ جەمىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئۆز قەلىمىگە ئېيتىپ ئۇنى يېزىش ئارقىلىق مۇشۇ مەن دەۋاتقان تور دۇنياسىغا ھەقىقىي ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەستىق ئۆلچىمىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋالدا ئىلان قىلىپ جامائەتچىلىك بىلەن پىكىرلىشەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى باشقىلارنىڭ تولۇقلاپ بېرىشى، مۇئەييەن مەسىلىلەرگە قارىتا مۇئەييەن دەرىجىدە مەلۇماتقا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ. بۇ جەريان دەل ئەشۇ تور دۇنياسىدىكى باشقا تورداشلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆتكۈر پىكىرلىك، بىلىم قۇرۇلمىسى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان يولداشلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ئارقىلىقلا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.
  ئۇزۇندىن بۇيان تور دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان «ئۇيغۇرانە ئىنقىلاب»لار بولۇپ ئۆتتى. بۇلاردىن يېقىنقىلىرى ئەلى قۇربان مۇنازىرىسىگە باغلانغان بىر يۈرۈش كەسكىن تالاش-تارتىشلار، يالقۇن روزىغا قىلىنغان رەددىيە، ئاندىن ئۈمىد غەنى، زىۋىدە ئابدۇكېرەم... ھەتتا ئۇنىڭدىن ئالدىن ئۇيغۇر ئەدىپلىرىدە ئېقىم ئۆزگەرتىشكە نائىل بولغان ئەدىپ شائىرىمىز پەرھاد تۇرسۇن ئەپەندىمۇ قالمىدى، ھەتتا ئوكياننىڭ قارشى قىرغىغىدىكى ئالىملىرىمىزنىمۇ چىشلەپ باقتۇق. بۇ مەيدانغا ھەتتا يالقۇن روزىدەك ئۆتكۈر پىكىرلىك ئوبزورچىمىزمۇ سۆرەپ كىرىلدى. ئەلسۆيەردەك مۇخبىرىمىزمۇ قالمىدى...
  بىزدە ئەدىپلەرگە قارىتا ھۆرمەت تۇيغۇسى كەمچىلمىكىن دىسەم،ھەرقانداق ھۆرمەتنى ئورىنىدىن ئاشۇرۇپ بېجىرىدىغان بىر خەلقمىز. ئەلۋەتتە ھۆرمەت بار. بۇ جەريانلار ئەشۇ تېگىششلىك شەخىسلەرگە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن روھىي بېسىملارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە تەجرىبە-ساۋاق ۋە بىلىش ئېلىپ كەلدى. قېنى شۇلاردىن قايسىسى ماڭا «ياق، قارىسىغا جۆيلىمە!» دەپ باقىدۇ؟ ياكى ئىنكار قىلالايدۇ؟ مۇشۇ جەريانلار دەل مۇشۇ تور ۋاستىسىىنىڭ ياردىمىدە بولۇپ ئۆتتى. مەنمۇ ھېچقانداق ئەدىپمۇ ئەمەس،بىرەر ئىشتا بەلگىلىك ئۇتۇق-نەتىجە قازانغان شەخىسمۇ ئەمەس، پەقەتلا تارىخ ۋە ئەدەبىياتقا بولغان چوڭقۇر قىزىقىشىمنىڭ تۈرتكىسىدە ئىلھام ئالىدىغان بىر ھەۋەسكار قىزىققۇچى خالاس. بۇ مېنىڭ شەخسىي ھوقوقۇم. مەن ئەنە شۇ قىززىقىشلىرىمنى مۇشۇ مەۋھۈم دۇنيادا باششقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ بىلىم قۇرۇلمامنى مۇكەممەللەش ھوقوقۇم بار دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن مۇشۇ ئارزۇنى ئۆزىگە دوست تۇتقان قېرىنداشلىرىمىز بار. بىز شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرىگە ئېرىشەلەيمىز، ئەسەرلىرىمىز مەتبۇئاتلار دەرىجىسىگە ئۇيغۇن بولسا مەتبۇئاتلارغا سۇنىمىز، مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارالغانلىرىنى بەزى مۇنبەرلەرگە سۇنۇپ ئۇنىڭ كەمتۈك جايلىرىنى مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرى ئارقىلىق تولۇقلاش بىلەن بىرگە بىلىەىمىزنى ئاشۇرالايمىز. مۇنبەرلەرنىڭ ئاساسىي مەقسەت-نىشانىمۇ شۇنىڭدىن ئىبارەت. ھېچقايسىمىز بىلىپ تۇغۇلغان ئەمەس. مەن ھازىر ئوقۇپ بىلىم ئېلىشىم يوق گەپ، چۈنكى مەندە تۇرمۇش قالپىغى بار،ئىقتىسادىي ئەھھۋالىممۇ باشقا شارائىتىممۇ يار بەرمەيدۇ. شۇڭلاشقىلا مەن مۇشۇ ۋاستىدىن پايدىلىنىپ بىلىم ئالماقچى. بۇ قارىشىم مېنىڭچە خاتا بولماسلىغى مۈمكىن.
  ئەمدى گەپنىڭ ئاساسىي مەخسىدىگە كەلسەك: مەن ئادەتتە تارىخىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش بىلەن شېئىر يېزىش قىزىقچىلىغىمنىڭ تۈرتكىسىدە ئەيمەنمەستىن شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ، ئۇ مۇنبەرگە بەزى قىززىقىشلىرىمنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان. ئۇلارنى كۆرگەن بەزى ئۇستازلىرىم ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپلىرىنىمۇ بېرىپ بىر ئوبدان يىتەكلەپ كېلىۋاتقان. يېقىندا مەن مۇنبەرگە بىر قىسىم يازمىلىرىمنى ئىزچىل ئەۋەتكەن بولساممۇ مۇنبەر قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەس، مەزمۇنى ئاددىي، ۋەزنى بۇزۇلغان دەيدىغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇ يازمىلىرىم تەستىقلانمىدى.

پىغانىم بايان ئەيلەي
ۋىسالىڭ يار مېنى ئۆرتەر پايانسىز دەرت-ئەلەملەردە،
يىتەلمەي مەن ئەشۇ دەمگە، نىشانسىز يول-قەدەملەردە.
ۋۇجۇدتىن دەم ئاقار كۈيلەر،نەقىشلەي مەن تىزىپ، زەرلەپ،
پىغانىم مەن بايان ئەيلەي،زۇۋانسىز بۇل قەلەملەرگە.
بايانىم گەر ئۇقار بولسا، سامادىن دەم چۈشەر چاقماق،
ۋاپاسىز يار بىلەر بولسا، كۈلەدۇر مەن قەلەندەرگە.
ئەزەلدىن بار غۇۋا نامى- گۈزەللەر بىر نىھان قاتىل،
قاراڭكى شۇل يېلىن ئوتقا-بىپەرۋا ئول سەمەندەرگە.
بېرىپتۇ جان پىدا ئەتمەك، بىمارۇ شۇل كۆيۈك دىلغا،
تۈمەنمىڭ جۇل پىدا ئاشىق، يىتەلمەس ئول سەنەملەرگە.
بىلىپمۇ بۇل ئەزەل كۈينى، شەيدائى بار-يوقى ئوتتا،
ئەگەردە يار كۆڭۈل بەرسە، كىرەدۇر باغ-ھەرەملەرگە.
ناۋادا دەم كۈلەر بولسا، گۈزەلىم گەر ھامان تۆردە،
پاياندا بۇل مېنىڭ ئۆمرۈم، نىشانىم شۇل زەھەرلەردە.
  
مانا بۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر غەزەل. مەن بۇنىڭ ۋەزنىدىكى بۇززۇقلۇقنى تاپالمىدىم، ئەمما مەزمۇن ياكى بەدىئىيلىك جەھەتتە نۇقسانلارنىڭ بولۇشى ئېنىق. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ غەزەلنى يەنە شۇ يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى ياش ئەدىپ ئۈمىدجان قادىرى ئەپەندىگە كۆرسەتسەم مەن بىر رەتلەپ باقاي، بۇمۇ بوپتۇ لېكىن بەزى سۆزلەرنىڭ قاپىيەدارلىقى توغرا ئەمەس دېدى. مەنۇ شۇنداق سۆيۈنۈپ غەزەلنى ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن ئىدىم تۆۋەندىلىچە مېھنەت قوشتى:

بايان ئەيلەي پىغانىمنى
ۋىسالىڭ يار مېنى ئۆرتەر پىغان، دەردۇ-ئەلەملەردە،
يىتەلمەستىن تىپىرلايمەن پايانسىز يول-قەدەملەردە.


يۈرەكتىن ئىلتىجايىمدا پۈتۈپ نامە،شاماللاردىن-
ئەۋەتتىم،نەچچە رەت قايتتى،كۆرۈنمەي باغ-ئېرەملەردە.


بايانىمنى بىلەر بولسا، ساما چاققايكى چاقماقلار،
سېنىڭدىن ئۆزگە دىل كۈلمەس،مىسال ئايدەك سەنەملەردە.


ئەزەلدىن بارغۇ ئاشىقىلىق،بىرىگە باغلىنىپ قالماق،
يېرىپ كۆرسەڭ يۈرەكىمنى، سىزاتتىڭ ئوت قەلەملەردە.


سېنىڭچۈن بارى بەخشەندە، بىمارى بۇ كۆيۈك دىلغا،
بېرەلمەس مەلھەمى دورا،پەرىلەر شاھ ھەرەملەردە.


تۇغۇلغاي قايتا شەيدائى، نىگار ياندا كۈلەر بولسا،
قۇچار مىسكىننى كۈي ئەۋجى ناۋا،ئۆزھال،ئەجەملەردە.

مانا ئىشنىڭ قىززىقى- بۇنىڭمۇ ۋەزنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانمىش. بۇ شېئىرىيەتنىڭ تاجى بولمىش ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان غەزەل ئىدى. شۇنداقلا ئۈمىدجان قادىرىنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىمۇ تۆۋەندىكى شەكىلدە. ئۇنىڭ ھەتتا مەتبۇئاتلاردىمۇ نۇرغۇن غەزەللىرى ئالقىشلىنىپ تۇرۇپتۇ.

بۇ دۇنيا
مەن دۇنيانى تار دىسەم، لېكىن تارغا ئوخشىماس،
ۋە جۇلادا ئاي دىسەم، لېكىن ئايغا ئوخشىماس.
ۋە بەزىدە تاي دىسەم،لېكىن تايغا ئوخشىماس
گاھ تاتلىقۇ-بال دىسەم،لېكىن ئاڭا ئوخشىماس.
كۈلەي دىسەڭ گاھىدا، زار يىغلىتىپ خار ئەيلەر،
ئۇشبۇ نۇرلۇق كۆزۈڭگە ھەر تەرەپنى تار ئەيلەر.
ۋاقتى كەلسە كۈلدۈرۈپ،ھەر كۈنۈڭنى بار ئەيلەر،
دوستلار بىرلە دۈشمەننى بىر كېچىدە يار ئەيلەر.
تالاي ئالىمۇ-شاھلار يېتەلمىگەن بۇ دۇنيا،
مەۋجۇت تىلسىمۇ-خۇلقىن بىلەلمىگەن بۇ دۇنيا.
گاھى يىغلاپ،گاھىدا كۈلەلمىگەن بۇ دۇنيا،
يۈرەك تىلغاپ مۇرادتا يۈرەلمىگەن بۇ دۇنيا.
ھەقكە ھەمراھ ناھەقنى تەڭ بۆلمىگەن بۇ دۇنيا،
ئەركە چىڭگىز،ئىسكەندەر كىم ئۆلمىگەن بۇ دۇنيا.
مۆھۈر مەڭگۈ مىزانى، ھېچ تەۋرىمەس بۇ دۇنيا،
ھەتتا باغدا فىرئەۋىن بىر كۈلمىگەن بۇ دۇنيا.
ئىتەك ياساپ ياقىدىن، كۈلدۈرگەنمۇ بۇ دۇنيا،
خۇشال دەۋران ئاقىلغا سۈرگۈزگەنمۇ بۇ دۇنيا.
گاھى ئىللىق قۇچاغى،زىمىستانى ۋە گاھا،
زەپەر قۇچقان ئەركىنى ئۆلتۈرگەنمۇ بۇ دۇنيا.


دۇنيا
ئەلمىساقتىن مىراس سۈپەت كەلگەن دۇنيا بۇ،
ئەجىرگە خاس نىھمەتلەرنى بەرگەن دۇنيا بۇ.
ئوقۇغىنىم دىۋانىدۇر ئۇلۇغ بوۋامنىڭ،
ھاياتىمغا دۇردانىلەر تۆككەن دۇنيا بۇ.
بەزىلەرنى نى كويلارغا سالغان دۇنيا بۇ،
بىرىگە چىن، بىرلىرىگە يالغان دۇنيا بۇ.
قىسمىتىدە تاۋلاپ چىقىپ مەردانىلەرنى،
تاڭدا ۋىسال كۈيلىرىنى چالغان دۇنيا بۇ.
تەۋەللۇدتا كەلدى ئادەم بىرلا ھالەتتە،
سەپەرلەردە بىرى نۇردا، بىرى زۇلمەتتە.
بەزىلەرنىڭ نامۇ-نىشان،يوقتۇر ئىزلىرى،
تاپقانلىرى بەرىكەتسىز،ئۆتەر غۇربەتتە.
ئىسكەندەردىن قالدى نىشان، قالمىدى قەبرە،
فارابىيدىن قالدى ئىرپان، قويمىدى دۇنيا،
يۈسۈف خاستىن قالدى پەندى،قەشقەردە تاۋاپ،
فىرئەۋىندەك مال-دۇنياغا تويمىدى دۇنيا.
شەۋكەتلىرى، جىسمۇ-جانى ئامانەت دۇنيا،
ئامانەتنى توغرا تۇتسا، ئىجابەت دۇنيا.
نادانلىقتا كىبىر-سۆلەت جىنايەت دۇنيا،
نادامەتنى دوست تۇتسا كىم،خىيانەت دۇنيا.
ياخشىلىقتا ياشاپ ئۆتكەن ساھىبى دىلنىڭ،
قەبرىسىگە گۈللەر تىزىپ تۇرار نەۋرىسى.
يامانلىقتا نامى چىققان نەپسىگە قۇلنىڭ،
ئىمانىنى توپان بېسىپ، توزار قەبرىسى.
ھەممىمىزگە لەڭگەر سۈپەت قالار دۇنيا بۇ،
بەرگىنىدىن ھامان ھىساپ ئالار دۇنيا بۇ.
ئال شەيدائىي نىسىۋەڭنى ھالال تەر تۆكۈپ،
قىلمىشىڭنى تارازىغا سالار بۇ دۇنيا.

   بۇ ئىككى پارچە شېئىر ئاددىي بوپ قاپتىمىش. مۇنداقچە ئېيىتقاندا بەدىئىيلىگى تۆۋەن دىمەكچى. بەدىئىيلىكنىڭ مۇئەييەن قېلىپى بولامدۇ؟ بولسا ئۇ ئەشۇ بىرنەچچە باشقۇرغۇچىنىڭ يانچۇغىدىمۇ؟
  يەنە بىرى مەن شۇ مۇنبەردە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تاجىبولمىش،ئەدەبىياتتا مەۋلانا مۇقامىغا ئېرىشكەن جالاللىدىن رۇمىي ھەزرەتنىڭ «مەسنەۋىي شەرىف» ئەسىرىنى ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يوللاپ مېڭىۋاتقان. ئۇنىمۇ يوللىغاندا «داۋامى» دەپ يوللىغان، مەنبەسى دەسلەپكى پارچىسىدا قايسى كىتاپتنىڭ قايسى بەتلىرىدىن ئىكەنلىگىمۇ ئېنىق قەيىت قىلىنغان ئىدى، بۇ قېتىم مەنبەسى ئېنىق ئەمەسمىش.
  يازغۇچىلار تورىنىڭ بىلدۈرگۈسى:
تورىمىزنىڭ 2016-يىللىق بىلدۈرگۈسى




    ھۆرمەتلىك تورداشلار!

   2016- يىلغا قەدەم قويىۋاتقان كۈنلەردە ئالدى بىلەن تورىمىز نامىدىن بارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، يېڭى يىلدا ئىجادىيەتتە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىمىز. تورىمىز قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، بارلىق مۇھەررىرلىرىمىز ۋە تورىمىزدىكى بارلىق ئەدىبلىرىمىز خىزمەت ، تۇرمۇش، ئۈگىنىش ئىشلىرىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي، مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلدى.بۇنىڭ ئۈچۈن تورىمىز نامىدىن سىلەرگە چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. تورىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تورىمىزنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئىلگىرىكى بىلدۈرگۈلىرىمىز ئاساسىدا تورىمىز ئەزالىرىغا  تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەلەپلەرنى قايتىدىن ھەم يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپچىلىكنىڭ ئاڭلىق رېئايە قىلىشىنى سورايمىز.


   1.ئەسەر ئاپتورىنىڭ ئىسىمى ياكى تەخەللۇسى مۇنبەرنىڭ ئالدى بەت (تورنىڭ كۆرۈنمە يۈزى) دىكى ماۋزۇدا بار بولۇشى، كۆزنەكتىكى ئەسەرگە ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى تولۇق يېزىلىشى كېرەك. مۇنبىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇندەرىجە (كۆرۈنمە) ماۋزۇ ھالىتىدىكى بىرلىككە كەلگەن شەكلى مۇنبىرىمىزگە تېما يوللاشنىڭ نورمال ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.


   2. تورىمىزنىڭ تېما تەستىقلاش ئۆتكىلى داۋاملىق چىڭ تۇتۇلىدۇ، ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى، بەدىئىيلىكى ۋە ئىملاسىغا تېخىمۇ  يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ. چۈنكى  ئۆز نۆۋىتىدە تورمۇ بىر مەتبۇئات ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم گېزىت-ژۇرناللار مۇنبىرىمىزدىن بىۋاستە ئەسەر قوبۇل قىلىپمۇ ئىشلىتىدۇ. شۇڭا مۇنبەرداشلىرىمىز مەزمۇنى ئاددىي، بەدىئىيلىكى تۆۋەن،  ئىملاسىدا خاتالىق  كۆپ ئەسەرلىرىنى مۇنبىرىمىزگە يوللىماسلىقى كېرەك.


   3. مۇنبەرداشلىرىمىز ئىنكاس يازغىلى بولىدىغان سەھىپىلەردە ئەسەرگە بولغان باھا، ئەدەبىي قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان  ئىلمىي ئىنكاسلارنى يېزىشى كېرەك. قارشى تەرەپنىڭ شەخسىيىتىگە چېقىلىدىغان ھاقارەتلىك ئىبارىلەرنى، قارشى تەرەپنى ماختاش، خوشامەت قىلىشنى ئاساس قىلغان «مۇبارەك بولسۇن»،«ھارمىغايسىز» دىگەندەك ياغلىما سۆزلەرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىماسلىقى كېرەك. ئەسكەرتىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىزغا پەرۋا قىلمىغان ئەزالارغا تورىمىز تۈزۈم بويىچە چارە كۆرۈش ھوقوقىنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ھەر خىل چىراي ئىپادىلىرى، بەلگە-ئىشارىلەرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ. ھازىردىن باشلاپ، تورىمىزنىڭ «شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى»،«خىزمەت خەۋەرلىرى»،«تەكلىپ-پىكىرلەر»،« يېڭى كىتابلار تەكچىسى»، «مەتبۇئاتلار كاتالوگى»،«بېلەتلىك تېمىلار»،« ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ئۇچۇرلار» قاتارلىق ئۇچۇر - مۇلازىمەت، تەشۋىقات خاراكتىرلىك سەھىپىلىرىگە ئىنكاس يېزىش ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.


   4.«داۋامى بار» دەپ يېزىۋېلىنغان ئەسەرلەرنى ئاپتورلار داۋامىنى تولۇق تاماملىۋېلىپ ئاندىن تۈركۇملەپ يوللىشى كېرەك. چۈنكى بەزى ئاپتورلار ئەمدىلا باشلىغان  چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسىرىنى «داۋامى بار» دەپ يېزىپ يوللاپ قويۇپلا، مۇنبەرداشلار شۇنچە كۈتسىمۇ،  داۋامىنى يوللاپ بولالمايدىغان ئەھۋاللار  پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا «داۋامى بار» دېگەن نامدىكى ئەسەرلەر  مۇنبىرىمىزگە يوللىنىپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكىچە داۋامى يوللانمىسا مۇنبەردىن ئۆچۈرىلىدۇ.


   5.پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئۇچۇرچانلىقى يۇقىرى بولغان بىر قىسىم مەزمۇنلاردىن سىرت، باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېمىلار مۇنبىرىمىزدە بىردەك تەستىقلانمايدۇ. ئەمما مۇنبەرداشلىرىمىز مۇنبىرىمىزدىكى تېمىلارنى مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىسا، بۇنىڭغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.


   6.مۇنبىرىمىزدىكى  بىر قىسىم ئەزالىرىمىز بىر قانچە پارچە ئەسىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىردىن تېما قىلىپ يوللاشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلىۋالغان. بۇنداق يوللاش ئۆز نۆۋىتىدە ئاپتورلار ئۈچۈنمۇ، مۇنبەر مۇھەررىرلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ئاز قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى چېچىلىپ كېتىدۇ، باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن بۇ تېمىلارنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ئامال بار ئەسەرلىرىنى بىر تېما ئاستىغا يىغىپ يوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.  


   7.مۇنبەرداشلار گەرچە مۇنبەرلەرگە، جۈملىدىن، يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزگە ئۆزلىرى خالىغان، ئۆزلىرى ياقتۇرغان ناملاردا تىزىملىتىپ كىرىپ، ئۆزلىرى ياقتۇرغان رەسىملەرنى باش سۈرەت قىلىپ ئىشلىتىش ھەر كىمنىڭ ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىش بولسىمۇ، ئەمما مۇنبىرىمىز ئەزالىرىنىڭ باش سۈرىتىگىمۇ مەزمۇن جەھەتتىن چەكلىمە قويىدۇ. ئەزالارنىڭ باش سۈرەتلىرىگە دىننىي مەزمۇن، مىللىي ئۆچمەنلىك، قۇتراتقۇلۇق، سېرىق مەزمۇندىكى بەلگە ۋە سۈرەتلەرنى چىقىرىشىغا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئەزالىق نامى بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى بايقالغان ھامان ئۆچۈرىلىدۇ.  پىرىنسىپ جەھەتتىن يەنىلا ئەزالارنىڭ ئۆز ئىسىم - فامىلىسى ۋە دائىم ئىشلىتىۋاتقان تەخەللۇسى  بىلەن تىزىملىنىپ كىرىشى تەلەپ  قىلىنىدۇ. ئەزالىق ئارخىپىغا ھەقىقى ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرمىغان ياكى يالغان تولدۇرغان ئەزالار بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:


شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2015-يىل12-ئاينىڭ 29-كۈنى
  بۈگۈن يەنە كۆپ تالا-تارتىشلاردىن كىيىن ئۈچ پارچە يازمامنى پەقەتلا ئۆزۈم مۇنبەرگە ئەزالىق سۈپىتىمدە كىرگەندىن كىيىنلا كۆرەلەيدىغان ھالەتتە چىقىرىپ قويۇپتۇ. بۇ قىلمىشى ماڭا قىلىنغان ھاقارەتتىن ئىبارەت.مانا بۇ دىيارىمىز ئەدىپلىرىنىڭ يىغىلىش سورۇنىدا بولۇۋاتقان ئىشلار.ئەنە شۇنداق يازمىلارنىڭ قانچىلىك تەر بەدىلىگە روياپقا چىقىدىغىنى ئاشۇ بىر قىسىم ئەدىپلىك ئەخلاقىنى،غۇرۇرىنى ساتقانلارنىڭ ئۆزىگە بەش قولدەك ئايان. كىچىككىنە ئابرويدا پۈتۈن بىر مۇنبەرنى فىرئەۋىنلەر يۇرتىغا ئايلاندۇرىۋېلىشى توغرا ئىشمۇ؟ ئۆزىنى ئەدىپ ساناۋاتقان بۇ خىلدىكىلەرنىڭ قىلىغى بۇ تۇرسا باشقا ئاددىي ئاۋامدىن نىمىلەرنى كۈتۈش مۈمكىن؟ بۇ ئەدىپلىككە قىلىنىۋاتقان ھاقارەتتىنلا ئىبارەت. دەسلىۋىدە تەخەللۇسۇممۇ بەزىلەرگە يارىمىدى. چۈنكى ئوخشاپ قالغانلىقتىن. ئەنە شۇلارنىڭ ئەينەككە ئوبدانراق قاراپ بېقىشىنى، ئەتراپىغا سىنچىلاپ نەزەر تاشلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭلىق بىلەنلا مەن توختاپ قالمايمەن.

uyghuray

0

تېما

26

دوست

2153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35121
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 02:33:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم شەيدائي ئاكا ! ياخشىمۇسىز !
ئالدى بىلەن ، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىڭىزغا ، كۆپتىن ـ كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .
يازمىڭىز توغۇرلۇق ، ئۆزەمنىڭ يۈزەكى چۈشەنچەم سەۋەبلىك ، بۇنىڭدىن ئارتۇق پىكىر قاتناشتۇرۇشقا ، ھەقىقەتەن تىلىم ئاجىزلىق قىلدى . مەن يازمىڭىزنىڭ ، سەمىمىي ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى بولۇپ بەرسەم دەيمەن .
سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى تىلەيمەن !!!

3

تېما

0

دوست

2722

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7762
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 213
تۆھپە : 705
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 07:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى، «فىرئەۋىن»لىرىمىز بىرنېمە دەپ باقمامدۇ.

186

تېما

15

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1927
نادىر تېمىسى: 24
مۇنبەر پۇلى: 6655
تۆھپە : 7697
توردىكى ۋاقتى: 1686
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 11:35:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىن دەيدىغان بىرى بارغۇ ھە؟ شۇ غوجام يەكلىدىمۇ سىزنى؟كايىماڭ، ئۇلارمۇ قىلغانلىرىغا پۇشايمەن قىلىدۇ. تىرىشىڭ، قەلەم قۇۋىتىڭىز خېلى باركەن.
uyghuray

0

تېما

4

دوست

2444

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47286
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 750
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 12:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Tima igici kizzikkan ha ha ha ha

0

تېما

0

دوست

569

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36034
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 12:39:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىزنىڭ يازغۇچىلار تورىغا يوللىغان «ئەسەر»لىرىڭىزنى ئوقۇغان. بەكلا ئەخلەت نېمىلەرنى ئەسەر يازدىم دەپ يۈرۈپسىز. ئۇنداق نېمىلەرنى يېزىپ ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلغۇچە باشقا ئىش قىلغان بولسىڭىز بۇ يەردە بۇنچىلىك دادلاپ يۈرمەس بولغىيتتىڭىز؟!

4

تېما

1

دوست

2723

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9153
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 703
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 12:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى ئەخلەت بولسۇن ، ياكى گۆھەر بولسۇن ، نىمە دىگەن بىلەن بۇ توردىشىمىز ئىزدىنىپ ئۇنى بۇنى يىزىپ بىقىپتۇ ، يازغانلىرىنىمۇ ئەخلەت دىگۈدەك ئۇنچە قاملاشمىغان شېئىرلار ئەمەسكەنغۇ ؟ مانا مەن ئۆمرۈمدە بىر پارچە شېئىر يىزىپ باققىنىم يۇق ، ئىلھام بەرسەك ، خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزۈتۈپ بەرسەك بولىدىغۇ . ئۆمرىدە بىر پارچە ئەسەر يىزىپ باقىمىغان ئاتالمىش يازغۇچىلار جەميىتى ئەزالىرىدىن نەچچىنى بىلىمەن . ھەر ھالدا سۇغۇققانراق ئىنكاس يازايلى . ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى تۇرساق ، ئۇنداققا كىيىنچە شائىر - يازغۇچىلىرىمىز ئانىسىنىڭ قورسقىدىن شائىر - يازغۇچى بولۇپلا چۈشسسە بولغۇدەكتە ئەمسە ؟

6

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1332
تۆھپە : 2487
توردىكى ۋاقتى: 3114
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 13:09:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-27 14:37  

قېرىندىشىم. بۇ يازمىڭىزنى مەن توغرا تاپمىدىم.
سەۋەبى: سىز ئىلگىرى  باغداش مۇنبىرىدە تېتىملىق ئىنكاسلىرىڭىز بىلەن تورداشلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئىدىڭىز. بارا- بارا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، تېگىشلىك ئورنىڭىزغا قاراپ ئىلگىرىلىۋاتقان ئىدىڭىز. كېيىن يوقاپ كەتتىڭىز. يازمىڭىزدىن بىلسەم يازغۇچىلار تورىدا سۇگۇنۇپ يۈرۈپسىز. نىمە بار سىزگە ئۇ يەردە؟ بىر ئوبدان ھۆرمىتىڭىز بولىۋاتقان يەرنى قۇيۇپ، يازغۇچىلار تورىدا قۇرۇق پوققا قوڭىڭىزنى يېقىپ يۈرۈپسىز ئەمەسمۇ؟
ئەمدى بۇ يازمىنى يېزىپسىز، بولغۇلۇق بولۇپتۇ، يازمىڭىز كىشىگە بىرخىل داتلىنىۋاتقاندەك، بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا يازغان يازمىدەك تۇيغۇ بېرىدىكەن، ھەم ئازىراق غەيۋەت تۈسىمۇ بار!
شۇڭا مېنىڭ بۇ ھەقتە سىزگە سەمىمى دەيدىغىنىم؛ بولدى بۇ يازمىڭىزنى ۋە كۆڭلىڭىزدىكى خاپىچىلىقلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ! چۈنكى يازغۇچىلار تورىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ كىملىگىگە، جەمىيەتتە تۇتقان ئورنىغا ھەقىقى، توغرا، مۆتىدىل باھا بېرەلمەيلا قالماستىن، ئەقەللىيسى ئەدەبىياتنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىمۇ توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدىغان كىشىلەردۇر. شۇڭا بۇنداق مەسىلىلەردە ئالدىڭىزغا قاراڭ. سىزنىڭ ئىززىتىڭىزنى قىلىدىغانلار، يازمىلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە تەستىقلايدىغانلار يازغۇچىلار تورىدا بولمىسا باغداش تورىدا بار، ئىزدىنىش تورىدا بار. بولۇپمۇ ئىزدىنىشتىكىلەر يازمىلىرىڭىزغا نىسپەتەن سەمىمى پىكىر بېرەلەيدۇ. پەقەت سىز سەمىمى بولسىڭىزلام.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم. قەلەم قۇۋۋىتىڭىز كۈچلۈك ئىكەن. ئاۋۇ غەزىلىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ، ئارۇز ۋەزنىگە شۇنداق ياخشى چۈشۈپتۇ. ئۈمۈتجان قادىر ئەپەندىنىڭ تەرىرلىگىنىمۇ ياخشى بوپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئەشۇنداق ياخشى يازمىلىرىڭىزنى باغداش، ئىزدىنىش قاتارلىق مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىڭ، چۈشكەن پىكىرلەرگە ئاساسەن بىرە قۇر تەھرىرلىۋەتكەندىن كېيىن مەتبۇئاتقا يوللاڭ. توپلۇنۇپ مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا كىتاپ چىقىرىڭ. ئاندىن ئۆز يولىڭىزنى ئۆزىڭىز تاپالايسىز. كونىلارنىڭ خىلى خىلى بىلەن، گۈلى گۈلى بىلەن دىگەن ھىكمىتىنى ئۇنۇتماڭ. خىلىڭىزنى تېپىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )