قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 9905|ئىنكاس: 109
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئوغۇزمۇرات : رۇس - تۈرك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

3

دوست

904

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53724
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 346
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-23
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 01:20:58 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
   
   رۇس - تۈرك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى

   
      رۇسلار ۋە تۈركى خەلىقلەر مۇناسىۋىتى ، ياۋرو - ئاسىيا چوڭ دالاسىدىكى مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئالاقىلەرنىڭ بىرىدۇر . رۇسلار ئالتۇن ئوردىغا قاراشلىق موسكىۋا كىنەزلىكىدىن زورىيىپ ،  نەچچە يۈز يىللىق كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ئارقىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەدىكى  زىمىنلارىنى تىرىتورىيىسىگە كىرگۈزۈپ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ چوڭ تىرتورىيىدىكى دۆلەت ھىسابىغا ئىرىشتى .  تۈركى خەلىقلەر تارىختا رۇسلار بىلەن باشتىن - ئاياغ زىچ مۇناسىۋەتتە بولدى ،ۋە ئايرىم مەزگىللەردە رۇسلار ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى [1] . تارىخى جەھەتتىن ئىيىتقاندا مەيلى رۇسلارنىڭ مىللەت بولۇپ تارىخى سەھنىگە چىقىشى بولسۇن ياكى يىقىنقى 100 يىلدىن بۇيانقى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيادىكى تارىخى ، گىئو سىياسى ، ئىتنىك ئۆزگىرىش بولسۇن . ھەممىسىنى ئىككى تەرەپنىڭ مۇرەككەپ ئىجتىمائى ، سىياسى  ، تارىخى ئالاقىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر . نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلقىئارالىق گىئو سىياسى داۋالغۇش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا ،ئۇشبۇ ماقالە ئارقىلىق ئىككى خەلىقنىڭ  تارىختىكى مۇناسىۋەتلىرىنى  مەلۇم دەرىجىدە بىلدۈرۈشكە تىرىشىمىز.


دەسلەپكى رۇس تارىخى ۋە تۈركى خەلىقلەر
640.jpg
     840- يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمرىلىشى بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كەڭ كۆلەمدە غەربكە ۋە جەنۇبغا كۆچتى . ئۇيغۇر قەبىلىلىرىىڭ كەڭ كۆلەمدىكى غەربكە كۆچۈشى باشقا تۈركى قەبىلىلەرىڭ تىخىمۇ غەربكە سۈرۈلۈشىگە سەۋەپ بولدى [2] . بىر تۈركۈم ئوغۇزلار پارىس زىمىنلىرىغا ئىچكىرلەپ كىردى ، بىر قىسىم قىپچاقلار ھىندىستاغا بىسىپ كىردى . ئوخشاش ۋاقىتتا ئىتىل ۋە يايىق ئارىسىدا قازارلار بىلەن بىللە ياشايدىغان  پەچەنەكلەر[3] غەربكە سۈرۈلۈپ قارا دىڭىزىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارغا كۆچۈپ كەلدى . ھالبۇكى بۇ جايدا ياشاپ كەلگەن ماجارلار بىر قاتار ئۇرۇشلار ئارقىسىدا ھازىرقى ۋىنگىرىيە [4] ئەتراپلىرىغا كەڭ كۆلەمدە كۆچتى. بۇ بىر قاتار كۆچۈشلەر ياۋرو ئاسىيا دالاسىنىڭ جۇغراپىيىۋى ، سىياسى ئەھۋالىنى ئۆزگەرىتتى ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا بولسا قازار ئىمپىرىيىسىنىڭ خاراپلىشىشىدىن ۋۇجۇتقا چىققان كىيىۋ رۇس دۆلىتىدۇر[5].

     قازار تۈركلىرى دەسلەپتە غەربى تۈرك خانلىقىغا تەۋە بىر توپلۇق ئىدى .7- ئەسىرىڭ 30- يىللىرى غەربى تۈرك خانلىقى ئىچكى نىزاغا پىتىپ قالغان مەزگىلدە قازارلار [6] غەربى تۈرك ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ قازار ئىمپىرىيسىسىنى قۇردى .8 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا تەسىر كۈچى كىڭىيىپ غەربى ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئۇچ چوڭ مەملىكەت [7] قاتارىدا ئىتىراپقا ئىلىندى ۋە بۇ مەملىكەتلەر بىلەن گاھىدا ئۇرۇش گاھىدا تىنىچ ھالەتننى ساقلىدى .بۇ ۋاقىتتا رۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى سىلاۋىيان قەبىلىلىرى قازار ئىمپىرىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولدى [8] .چوڭ كۆچۈشنىڭ تەسىردە  ئىمپىرىيە ھەربى كۈچىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان پەچەنەكلەرنىڭ غەربكە سۈرۈلۈشى قازار ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىزلىشىىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە ھاكىمىيەت ئاستىدىكى سىلاۋىيان قەبىلىلىرنىڭ [9] بىرلىشىپ دۆلەت قۇرۇشىغا تارىخى شارائىت ياراتتى.

      قازار ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن ، ئىمپىرىيىە تەۋەسىدىكى سىلاۋىيان خەلىقلىرىنىڭ مۇستەققىللىق خائىشى كۈچەيدى . 862 - يىلى رۇرىك شەرقى سىلاۋىيان خەلقلىرىنىڭ رەھبەرلىكىگە كۆرسىتىلدى. رۇرىك قايتىش بولغاندىن كىيىن ئولەق [10] ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇردى . 882 - يىلى ئولەق قازار تۈركلىرى قولىدىن كىيىۋنى ئىگەللەپ ‹‹ كىيىۋ رۇس دۆلىتى ›› نى قۇردى  ۋە قازارلار قولىدىن قارا دىڭىز شىمالىدىكى باشقا زىمىنلارنى قولغا كەلتۈردى. بۇ رۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى سىلاۋىيانلارنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيەت شەكلىدە تۇنجى قىتىم تارىخ سەھىسىگە چىقىشىدۇر ۋە رۇس تارىخىنىڭ مۇھىم بىر تارىخى بۆلگۈچ نۇقتىسىدۇر [11] .  بارغانچە كۈچەيگەن كىيىۋ رۇس دۆلىتى قازار ئىمپىرىيىسىى مەغلۇپ قىلىپ بىر مەزگىل شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى ، ۋە مۇشۇ دەۋىردە شەرقى رىم  ئىمپىرىيىسى تەسىردە ‹‹ كۆپ تەڭرىلىك›› ئېتىقادىنى تاشلاپ خىرىستىئان دېنىنىڭ پىروسلاۋىيە مەزھىپىنى قوبۇل قىلدى . شەرقى سىلاۋىيانلارنىڭ [12] ئورتودوكىس پىروسلاۋ دېنىغا ئىتقات قىلىشى رۇس تارىخىنىڭ يەنە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى بۇندىن كىيىنكى رۇس تارىخىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.

_Vladimir ning dinni qobul qilish murasimi.jpg

    978- يىلىدى باشلاپ كىيىۋ رۇس دۆلىتى تەختىدە ۋىلادىمىر1 تەخىتتە ئولتۇردى ، ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغاندىن باشلاپ سىرىتقا قارىتا كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ئىلىپ باردى . بۇ ۋاقىتتا پولشالىقلار ۋە پەچەنەك تۈركلىرى [13] كىيىۋ رۇسلىرىنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى ھىساپلىناتتى . ۋىلادىمىر بۇ ئۇرۇشلاردا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى [14]   ئەسلىدە سىلاۋىيان ئىپتىدائىي ئېتىقادىكى كىيىۋ رۇسلىرى 988 - يىلدىن باشلاپ  ۋىلادىمىرنىڭ يىتەكچىلىكىدە خىرىستىئان دېنىنى قوبۇل قىلدى [15]  . ۋىلادىمىر شەرقى رىم  مەلىكىسى ئانناغا ئۆيلىنىپ خىرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئەتراپتىكى ھەرقايى مەملىكەتلەرگە دىنىي كۈزەتچىلەرنى ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم [16] . ۋىلادىمىر 1 دىن كىيىن 1016 - يىلىدىن باشلاپ ياروسلاۋ كىيىۋ رۇس دۆلىتى كىنەزلىكىگە ئولتۇردى . بىر قاتار تەخىت تالىشىىش كۈرەشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بىلگە ياروسلاۋنىڭ پەچەنەكلەرنى مەغلۇب قىلىپ پۈتۈن كىيىۋ رۇس زىمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكى ۋە ‹‹ رۇس ھەقىقىتى ›› نامىدا قانۇن كودىكىسى تۈزدۈرگەنلىكى مەلۇم . بىلگە ياروسلاۋدىن كىيىن كىيىۋ روس دۆلىتى بارا بارا ئاجىزلاشتى ۋە بىر قانچە كىنەزلىكلەرگە پارچىلاندى.
ruslarning kingiyishi.jpg

ئالتۇن ئوردا ۋە ئوسمانلى رۇس مۇناسىۋەتلىرى

       1240 - يىلى موڭغۇل - تاتار قوشۇنى كىيىۋنى ئىگەللىدى .كۆپ قىسىم رۇس زىمىنلىرى ئالتۇن ئوردا ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىردى . بۇ دەۋىردە رۇسلار قىپچاق تۈركلىرى ۋە موڭغۇللارنىڭ [17] ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولدى . بۇ دەۋىردە موسكىۋا كىنەزلىكى ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ [18] كۈچىيىشكە باشلىدى، ۋە كىنەز يۇرى ۋە ئىۋان 1   [19] دەۋرىگە بارغاندا تىز گۈللىنىپ ئالتۇن ئوردا تىرتورىيىسى ئېچىدىكى مۇھىم ئەمەلى سىياسى گەۋدىگە ئايلاندى. 1480 - يىلىدىن باشلاپ موسكىۋا كىنەزلىكى ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا ئولپان تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى ، بۇ دەۋىردە  ئالتۇن ئوردا خانلىقى بىر قانچىگە پارچىلىنىپ ئەمەلى كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى ، بۇ پۇرسەتتە موسكىۋا كىنەزى ئىۋان 3 [20]  بىر قانچە رۇس كىنەزلىكلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ  1502 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا خاتىمە بەردى . بۇ دەۋىردە رۇس ۋە تۈركى خەلىقلەر تارىخغا مۇھىم  تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر ۋەقە سۇلتان مەھمەتنىڭ ئىستانبۇلنى پەتىھ قىلىشى ۋە شەرقى رىم ئىمپىرىيىسنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈشىدۇر.
turki heliqlerge tutulghan rus hoquqdari.jpg

     1453 - يىلى سۇلتان مەھمەت شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان ‹‹ ئىككىنچى رىم›› ئاتالغان ، ئورتودوكىس پىروسلاۋ دىننىڭ مەركىزى بولغان كونىستانتىپولنى ( ھازىرقى ئىستانبۇل ) ئىشغال قىلدى . ئىمپىرىيىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەمەلدارلىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى غەربكە پاناھلىق تىلەپ كەلدى ، بۇلار ئىچىدىكى بىر مۇھىم شەخىس  زوئى پالىيولوجىنا دۇر ، رىمغا بارغاندىن كىيىن ئۇ ئەسلىدىكى گىرىكچە ئىسمى زوئىنى رىمچە سوفىياغا ئۆزگەرىتتى [21] ۋە دىنىي داھىي پاپا پائۇل 2 نىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا موسكىۋا كىنەزى ئىۋان 3 كە ياتلىق قىلىندى [22] .   ئىۋان 3 سوفىيانىڭ تەسىرىدە ئۆزىنى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى دەپ قارىدى ، ۋە 1497 - يىلى قانۇنى يارلىق چۈشۈرۈپ شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ سىمۋولى بولغان قوش باشلىق بۈركۈتنى‹‹ موسكىۋا بۈيۈك كىنەزلىكى›› نىڭ دۆلەت گىربى قىلىپ بىكىتتى . بۇ رۇسلارنىڭ ئۆزىنى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى ھىسابلىشىنىڭ تارىخى ئاساسى ھىسابلىنىدۇ .  بۇندىن باشقا موسكىۋا كىنەزلىكىدە ھەرخىل خاتىرە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ موسكىۋانى  ‹‹ ئۈچىنچى رىم ›› ، ‹‹ ئىككىنچى ئىرۇسالىم ›› سۈپتىدە قوبۇل قىلىشتى . ئۆزىنى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋارىسى ھىساپلىغان رۇس كىنەزلىكى ، رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمىرانلىق ئۈنىۋانىنى [23] چار پادىشاھ نامىدا قوبۇل قىلىشتى ، ئىلگىركى پايتەخىت كونىستانتىپولنى ئىشغال قىلغان ئوسمان ئىمپىرىيىسى ، رۇسلارنىڭ تەبئى دۈشمىنى قاتارىغا كىردى ، ئىستانبۇلنى تۈركلەر قولىدىن قايتۇرۋىلىش ‹‹ يىڭى ئىمپىريىنىڭ ›› بۈيۈك مەقسەتلىرىنىڭ بىرى ھىسابىغا ئىلىندى.
iwan.jpg

       1547 - يىلى ئىۋان 4 ئۆزىنى چار پادىشاھ ئاتىدى،   بۇ رۇس چارپادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن دىرەك بەردى ،   ۋە ئارقىدىنلا قازان تاتارلىرىغا ھۇجۇم قىلدى [24] . 1522 - يىلى قازان تاتارلىرىنى، 1556 - يىلى ۋولگا تاتارلىرىنى ، نوغاي ۋە باشقۇرتلارنى ئۆز ئېلكىگە ئالدى . قازان تاتارلىرىنى مەغلۇب قىلىش رۇس تارىخىدىكى مۇھىم بىر تارىخى ۋەقەدۇر[25]  . چارپادىشاھ بۇ ئۇرۇشتىن كىيىن زىمىنىنى تىزلىكتە كىڭەيىتتى ۋە سىبىرىيىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئىگلىدى.، ۋە ئاستىراخان ئەتراپىدا ھەربى قورغان قۇردى . 1568- يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى قوشۇنى چارپادىشاھ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى تاتارلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى خەلىقلەرگە ياردەم بىرىش ئۈچۈن ئاستىراخاننى[26]  قورشاۋغا ئالدى ، ئەمما ئاخىر تەبئىي ئامىللار ۋە ھەربى ئىستىراتىگىيە سەۋەنلىكىدىن ئاستىراخاننى ئىشغال قىلالمىدى، ۋە 1570 - يىلى ئىستانبۇلدا رۇس تەرەپ بىلەن  ئۆز - ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق توغرىسىدا كىلشىم ئىمزالىدى . بۇندىن كىيىن رۇسلار ۋە ئوسمانلى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا 12 قىتىملىق چوڭ كۆلەمدە ئۇرۇش بولدى . بۇ ئۇرۇشلار تارىختا ‹‹ رۇسيە - تۈركىيە ئۇرۇشى›› [27] نامىدا تىلغا ئىلىنماقتا . بۇ ئۇرۇشلارنىڭ بەزىلىرىدە ئوسمانلى قوشۇنلىرى يەڭدى ، بەزىلىرىدە مەغلۇب بولدى . رۇسلار بۇ ئۇرۇشلار ئارقىىسدا قىرىم يىرىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارا دىڭىزنىڭ شىمالى ، ۋولگا نەھىرى ، ۋە قاپقازنى[28] ئۆزئىچىگە ئالغان كەڭ زىمىنلارنى ئۆز تەسىر دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزىۋالدى.

يېقىنقى دەۋىر

      يېڭى دىڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى، سودا ئىنقىلابى ، سانائەت ئىنقىلابى، غەربنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تەڭ ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ( دەۋلەتى ئالىيە ) ئەمەلى كۈچى ئاجىزلىدى . بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ھۆكۈمىتى گىرمانيە تەرەپتە تۇردى ، بۇ خىل ئىستىراتىگىيىلىك خاتالىقنىڭ ئوسمان ئىمپىرىيىسى ۋە ئوسمان تۈركلىرىنى  ، تارىخى ئاتالغۇغا ئايلاندۇرىۋىتىش خەۋىپى زور بولغان . چاناق قەلئە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، ۋە رۇسىيە تەرەپ كىلشىم تۈزۈپ ، ئىستانبۇل ئىشغال قىلىنسا ئۇنىڭ رۇسيەگە تەۋە بولۇشى توغرىسىدا كىلىشكەنلىكى مەلۇم  ‹‹ ناۋادا ئەنگىلىيە تەرەپ ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلسا ، رۇسىيە ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالىدۇ›› . بۇ كىلشىم يالغۇز بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كەنجى ئۇرۇش ھاسىلاتلىرى سۈپتىدە ئەمەس ، رۇس - تۈرك تارىخى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ھاسىلاتى سۈپتىدە چۈشىنىلسە كىرەك .  ئەھۋالىغا ‹‹ يارىشا ›› ۋە ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن چاناق قەلئە ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە ،چار رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى مەغلۇب بولۇشتى ، رۇسلار بۇ چۈشىدىن مەھرۇم بولدى ، ھالبۇكى مەزگىل ئۆتۈپ ئەنگىلىيە ئىستانبۇلغا قىستاپ كىلىپ ، شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە بولسا قىزىل رۇسىيە بۇ كىلشىمدىن چىكىنگەنلىكنى جاكارلىدى [29] . كىلىشىم رۇسىيەنىڭ چىكىنگەنلىكى بىلەن ،  يۇنان ۋە فىرانسىيە قوشۇنىنىڭ ئانادولۇدىكى مەغلۇبىيىتىدىن كۈچىنى يوقىتىپ رۇسلار بۇ ئىستىراتىگىيىلىك پۇرسەتتىن مەھرۇم بولدى ، ئاللىقاچان ئىستانبۇلنىڭ ئىشغالىغا تەييارلاپ قويۇلغان ئىستانبۇلنىڭ يىڭى ئىسمى ‹‹ چار گىراد ›› ئۇنىڭغا قويۇلماي‹‹ قالدى ›› .  ئۇزاق ئۆتمەي ئانادولۇدا ئوسمانلىنىڭ ۋارىسى سۈپتىدە يىڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى ۋە لىنىن رۇسىيىسى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلىدى . ئەمما سىتالىن مەزگىلىدە بۇزۇلدى .يىقىنقى يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىتىل،  قاپقاز ، قىرىم ۋە ئانادولۇدىكى ‹‹ دوسىتلۇقى ›› ۋە تىركىشىشى  گىئو سىياسى جەھەتتىن بۇ زىمىنلارنىڭ تەقدىرى ۋە پۈتكۈل دۇنياغا زور تەسىرىنى كۆرسەتتى .
14489436663114600_a580x330.jpeg

      بۈگۈنكى بىر قەدەر جىددىي رۇسىيە - تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى  ئايرىم تارىخى ھادىسە بولماستىن رۇس - تۈرك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى داۋامىدۇر. رۇسىيە تۈركىيەنىڭ ئاجىز بولۇشىنى ياكى يوق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە ماھىيەت جەھەتتىن كورد مەسىلىسىدە كوردلارنى قوللايدۇ .سۈرىيە مەسىلىسىدە دائىشنى بومباردىمان قىلىش قالپىقىدا ، ئاسادقا ۋە كوردلارغا ياردەم بىرىۋاتقان رۇسىيە تۈركىيەنىڭ سەبرىنى سىناپ بىقىشى مۇمكىن ، ئەمما ئىقتىسادى جەھەتتە ھالسىز رۇسيە ، رۇسىيە ئىچىدىكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ھىسىياتىنى قايرىپ قويۇپ مۇھىم ئىقتىسادىى ، ئىستىراتىگىيىلىك ھەمراھى بولغان  ناتو قارمىقىدىكى تۈركىيەگە ئۇرۇش قوزغاشقا ھالسىزدۇر  .   پۈتىندىن كىيىنكى رۇسىيەنىڭ تەقدىرى خەلقىئارالىق شاھمات تاختىسىنىڭ مۇھىم بىر ئىستىراتىگىيىلىك ئۆزگىرىشى بولۇپ قالىدۇ ، خۇددى تارىختىكى مۇھىم ۋەقەلەرگە ئوخشاش بۇ قىتىمقى تىركىشىشمۇ بىر تارىخى بۇرۇلۇش بولۇپ قىلىش ئىھتىمالى بار .

    ئايدىڭلار :

[1].  رۇسلار كىيىۋ رۇس دۆلىتىىنى قۇرۇشتىن بۇرۇن قازار تۈركلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولدى . ئالتۇن ئوردا خانلىقى دەۋرىدە قىپچاقلار ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولدى.
[2].  ياۋرو ئاسىيا دالاسىدا تارىختا بىر قانچە قىتىملىق چوڭ كۆچۈش ھەرىكەتلىرى بولغانىدى. بۇنىڭغا مىلادىدىن ئاۋۋالقى ئارىيانلارنىڭ چوڭ كۆچۈشى، ۋە مىلادىدىن كىيىنكى ھونلارنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى مىسال ئىلىش مۇمكىن.
[3]. پەچەنەكلەر رىم تارىخچىلىرى بىر قەدەر كۆپ تىلغا ئالغان تۈرك قەبىلىسىدۇر. ئۇلار گاھىدا رىم بىلەن ئىتتىپاق ياساپ گاھىدا زىددىيەتلىشىپ تۇردى . مالازگىرىت ئۇرۇشىدا پەچەنەكلەر رىم قوشۇنلىرىدىن چىقىپ ئالپ ئارىسلانخان قوشۇنلىرىغا قوشۇلۇپ بۇ جەڭىنىڭ ئىستىقبالىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنىدى.تىلىمىزدا يايىق - ئۇرالنى ، ئىتىل - ۋولگانى كۆرسىتىدۇ.
[4]. ۋىنگىرىيە ھون زىمىنى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ، ئەمما ۋىنگىرىيىلىكلەر ـ ماجارلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى 9ـ ئەسىرلەردە كەڭ كۆلەمدە بۇ زىمىنغا كۆچۈپ كىرگەنىدى .
[5]. رۇسلار كىيىۋ رۇس دۆلىتىىنى قۇرۇشتىن بۇرۇن ‹‹ رۇس قاغانلىقى ›› نامىدا بەگلىكلىرى بولغانلىقى مەلۇم. بۇلاردا تۈركى خەلىقلەرنىڭ دۆلەت تۈزۈمى قوللىنىلغانىدى.
[6].قازارلار غەربى تۈركلەرگە تەۋە ھەرقايسى تۈركى خەلىقلەردىن تەركىب تاپقان سىياسى بىرلىك ئىدى . ئۆز دەۋىرىدە ئەرەب ئىمپىرىيىسى ۋە رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى ھىسابلانغان .740 - يىلىدىن باشلاپ يەھۇدى دىنىنى قوبۇل قىلدى . 10 - ئەسىردىكى ئەرەب سەيياھلىرى ئۇلارنىڭ يەھۇدىلاردىن پەرىقسىز ئىكەنلىكىنى يىزىپ قالدۇرۇشقان . ياۋروپا يەھۇدىلىرىنىڭ زور قىسمى قازارلانىڭ ئەۋلادى سانىلىدۇ.
[7]. بۇ ئۈچ چوڭ مەملىكەت قازار ئىمپىرىيىسى ، رىم ئىمپىرىيىسى ۋە ئەرەب ئىمپىرىيىسىدۇ
[8].قازار ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى ئىتىل ( ۋولگا) نى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقتە ئارال كۆلىدىن غەربتە ۋىنگىرىيە ( ئەينى ۋاقىتتا ئاۋارلارنىڭ زىمىنى ) گىچە سوزۇلغانىدى . زىمىنىدا بىر تۈركۈم ئوغۇزلار ، پەچەنەكلەر ، بۇلغارلار ، ئەرمەنلەر ، گىرۇزلار ، ئالانلار ،ئۇغۇرلار ، ھۇنلار ۋە   سىلاۋىيانلار ياشايىتتى . كاسپى دىڭىزنىڭ ئەسلى نامى قازار دىڭىزى ئىدى.
Hazarlar.jpg

  [9].سىلاۋىيانلار ئوتتۇرا ۋە شەرقى ياۋروپادىكى چوڭ ئىتنىك قوۋىمدۇر . ئاساسەن ئۈچ بۆلەك دەپ قارىلىدۇ . ئۇلار شەرقى سىلاۋىيانلار جەنۇبى سىلاۋىيانلار ۋە غەربى سىلاۋىيانلاردۇر.
[10]. ئۆلەق توغرىسىدىكى قەدىمقى مەلۇماتلار بىر قەدەر ئاز ۋە ئىنىقسىز . ئۆلەق كىيىۋ رۇس دۆلىتىنىڭ تۇنجى كىنەزى دەپ قارىلىدۇ.
oleqning  suriti.jpg

[11].كىيىۋ رۇس دۆلىتىنىڭ رۇس تارىخىدا تۇتقان ئورنى بىر قەدەر مۇھىم . بۇ رۇس مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كىيىنكى تەقدىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى . كىيىۋ ئەسلىدە قازارلارنىڭ بىر ھەربى قورغىنى ئىدى.
[12].كىيىۋ رۇس دۆلىتىدىكى شەرقى سىلاۋىيانلار كىيىنچە ئۈچ ئىتنىك قوۋىمغا بۆلۈندى ئۇلار رۇسلار ، ئۇكرائىنلار ۋە بىلىرۇسلار ( ئاق رۇسلار) دۇر.
[13].پەچەنەكلەرنىڭ كىيىۋ رۇس دۆلىتى قوشۇنىنى يىڭىپ كىنەزىنى ئۆلتۈرگەنلىكى مەلۇم . بۇنىڭ كىيىۋ رۇس دۆلىتىدە ۋەھىمە تۇغدۇرغانلىقى ئىھتىمال
[14].ۋىلادىمىر دەۋرىدە كىيىۋ رۇس دۆلىتى تىز تەرەققى قىلدى  . بولۇپمۇ ‹‹ پەچەنەك مۇھاسىرى›› دىن كىيىن ئۇ كىنەزلىك زىمىنىى غەربى سىلاۋىيانلار ۋە ۋولگا بۇلغارلىرى زىمىنلىرىغىچە كىڭەيىتتى.
[15]..ۋىلادىمىر كاتولىك ۋە پىروسلاۋ مۇرتلىرى تەرىپىدىن بۈيۈك كىشى سانىلىدۇ.ۋىلادىمىر شەرقى رىمدىن خىرىستىئان دىنىنى ( بۇ دەۋىردە پىرۇسلاۋىيە مەزھىپىگە تىخى ئايلانمىغانىدى) قوبۇل قىلغاندىن كىيىن پۇقرالارنى دىنىپىر دەرياسىدا دىنغا كىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىنى بۇيرۇيدۇ . خانلىق تەۋەسىدىكى پۇقرالارنىڭ خىرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىشى ماھىيەتتە كىنەزلىكنىڭ كۈچىيىشى ۋە رۇس تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئىجابى تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ دەۋىردە زور تۈركۈمدە تۈركى خەلىقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خانلىق تەۋەسىدىكى سىلاۋىيان بولمىغان قوۋىملار رۇسلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.
[16].دەسلەپكى رۇس تارىخچىلىرى مۇنداق قىزىق تارىخنى خاتىرلىگەنىدى : ۋىلادىمىر ھەرقايسى مەملىكەتلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ قايسى دىنغا كىرىشنى بەلگىلىمەكچى بولغان .ئەلچىلەر ۋولگا بۇلغارلىرىغا بىرىپ ئىسلام دىنىنىڭ ھاراق ۋە چوشقا گۆشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئىيتىشقان ، غەربى خىرىستىئانلار غا بارغانلار چىركاۋ ۋە دىنىي مۇراسىمىنىڭ تولىمۇ ئاددى ئىكەنلىكىنى ئىيتىشقان . پەقەت كونىستانتىپولغا ( ئىستانبۇل )بارغانلار چىركاۋ ۋە دىنىي مۇراسىمىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى ماختاشقان ، ۋىلادىمىر ئاخىر شەرقى خىرىستىئانلارغا( كىيىن پىروسلاۋىيە مەزھىپى بولۇپ شەكىللەندى) ئەگەشكەن.
[17].خانلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بىر قىسىم موڭغۇللار ھاكىمىيەتكە قاتناشقانىدى ، ئۆزبەكخاندىن كىيىن رەسمى تۈركلەشت.
[18].موڭغۇل - تاتار قىرغىنچىلىقىدىن كىيىن كىيىۋ رۇسلىرىنىڭ ئەمەلى كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى ، بۇ دەۋىردە موسكىۋا بىر قەدەر چەتكە جايلاشقانلىقى ۋە باشقا جۇغراپىيىلىك ئەۋەللىكلىرىگە تايىنىپ رۇسلارنىڭ يىڭى مەركىزىگە ئايلاندى.
moskiwadin korunush.jpg

[19].ئىۋان 1 نىڭ ئالتۇن ئوردا بىلەن بىرلىشىپ يەرلىكتىكى كۈچلەرنىڭ قارشىلىقلىرىنى تىزگىنلىكەنلىكى ۋە شۇ ئارقىلىق قىپچاقلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەنلىكى مەلۇم ، ئۇ مال دۇنيا يىغىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن . شۇ سەۋەپتىن يەرلىكلەر ئۇنىڭغا تۈركچە ‹‹ خالتا ›› دەپ لەقەم قويىۋالغان
[20].ئىۋان 3 1480 - يىلىدىن باشلاپ ئالتۇن ئوردىغا ئولپان تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى ، ۋە سىلاۋىيان بىرلىكى ئاساسىدا پارچىلىنىپ ئاجىزلىشىشقا يۈزلەنگەن ئالتۇن ئوردىغا ھۇجۇم قوزغىدى .ئىۋان 3 رۇس ئىمپىرىيىسىنىڭ( چاررۇسيە ) ئاساس سالغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ .
[21].شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى دۆلەتچىلىك ۋە تۇرمۇشتا گىرىكچە قوللىناتتى ، ھالبۇكى غەربتە بولسا لاتىنچە ھۆكۈمىران ئورۇندا ئىدى . مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققى قىلىشى كىيىنچە خىرىستىئان دىنىنىڭ ئىككى مەزھەپكە بۆلۈنىشىدە ئىپادىلەندى.
[22].پاپانىڭ موسكىۋا كىنەزلىكىنى كاتولىكلەرگە يىقىنلاشتۇرۇش ئويى بار ئىدى ، ئەمما سوفىيا موسكىۋاغا بارغاندىن كىيىن كۆپىنچە ۋىزانتىيەنىڭ قائىدە يوسۇن ۋە دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلدى، ئاخىرىدا رۇس ئىمپىرىيىسى ئۆزىنى شەرقى رىم ھوقۇقى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى دەپ قارىدى.
[23].چار پادىشاھ نامى رىم ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمىرانى كائىسارنىڭ ئىسمىدىن كەلگەنلىكى مەلۇم.
[24]. ئالتۇن ئوردىدىن بۆلۈنۈپ چىققان قازان خانلىقىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان قازان تاتارلىرى ۋولگا بۇلغارلىرى ۋە خانلىق تەۋەسىدىكى ياشىغان باشقا تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئەۋلادى ھىسابلىنىدۇ ۋە بۈگۈنكى تاتارىستان تاتارلىرىنىڭ ئاساسىنى تۈزىدۇ.
[25].قازان خانلىقىنى مەغلۇب قىلغاندىن كىيىن رۇسلار تىز كۈچەيدى ۋە سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىچكىرلەپ كىردى.
[26].ئاستىراخان ئاتىراۋنىڭ غەربىدىكى،  قەدىمدىن تارتىپ بىر ئىستىراتىگىيىلىك جايدۇر ، قازار ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى ئىتىل مۇشۇ جايغا جايلاشقانىدى .
[27]. مەنبەلەردە ‹‹رۇس - تۈرك ئۇرۇشى ›› ، ‹‹ رۇسيە - تۈركىيە ئۇرۇشى ›› دەپمۇ ئاتىلۋاتىدۇ،  مىنىڭچە شۇ دەۋىردىكى تارىخى چىنلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ‹‹ ئوسمانلى - رۇس ئۇرۇشى ›› دەپ ئىلىش بىر قەدەر مۇۋاپىق .
[28].قاپقاز تىلىمىزدا رۇسچىسى بويىچە كاۋكاز دەپ ئىلىنىۋاتىدۇ ، قاپقاز دەپ ئىلىش بىر قەدەر مۇۋاپىقراق.
[29].ئىستانبۇل ئەنگىلىيە باشقۇرۇشىغا كىرگەندە ، لىنىن بۇ كىلشىمدىن چىكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغانىدى ، ھەتتا مۇستاپا كامال قوشۇنىغا ھەربى ياردەم قىلغانىدى.

    پايدىلانغان ئەسەرلەر :
مارك سىتەيىنبىرىگ ، نىكولاس رىياسانوۋىسكى : ‹‹ روسىيە تارىخى››
گۈيباۋلى : ‹‹ قازار تۈركلىرى››
روجىر كىراۋلى : ‹‹1453 : كونىستانتىپول ئۇرۇشى››
ئىلبەر ئورتايلى : ‹‹ بۈيۈك كونىستانتىن ۋە ئىستانبۇل ››
ۋىرنادىسكىي: ‹‹ موڭغۇللار ۋە رۇسيە››
چىن جىچىياڭ :‹‹ ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى تارىخى››
ۋ.ۋ.بارتولد : ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا قىسقىچە تارىخى››
لۇئىس لىگېتى : ‹‹بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا ››
رىنى گىروسسىت : ‹‹يايلاق ئىمپىرىيىلىرى››

ئوغۇزمۇرات سالونى بىلەن باغداش تورىغىلا يوللاندى، باشقا توربەت، سالونلارنىڭ قالايمىقان كۆچۈرمەڭ!
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32330
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 904
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 09:25:12 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى ئىزدىنىش بوپتۇ . ھارمىغايسىز.

4

تېما

49

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3580
توردىكى ۋاقتى: 1172
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 10:04:37 |ئايرىم كۆرۈش
   مەزكۈر تارىخى قىممىتى ۋە ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىشى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە .مۇشۇنداق يۇقىرى سەۋىيىلىك تىمىلارنىڭ كۆپ چىقىشى مۇنبەرنى ھەقىقى بىلىم ئالىدىغان جايغا ئايلاندۇرىدۇ.
   ئەمدى ،بىز ئۇيغۇرلاردا  قارىغۇلارچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان روس ئۆچمەنلىكى ھەقىقەتەن بىر نادانلىقنىڭ ،ھەسەتنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلدۈرىدۇ .چۈنكى بىز روسلارغا ئۆچمەنلىك قىلدۇق .روسلارغا نىمە ئۈچۈن ئۆچمەنلىك قىلىمىز ؟ئالدى بىلەن شۇ تارىخى دەۋرلەردىكى روسىيە ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىق ياكى ئۆچمەنلىك قىلىش كىرەك .خەلق ئىچىدە ئىككى مىللەت ئىچىدە ئۆچمەنلىك كەيپىياتىنى داۋاملاشتۇرماسلىق كىرەك .
   مىسالغا ئالساق ،تۈركىيە ئىزچىل روس -تۈرك تارىخى ئۆچمەنلىكىگە ئىسلىۋالدى .يەنە ئۆزىدىن ئاجىز بولغان بۇلغار،ئەرمەنلەرگە سالغان زۇلۇم قىرغىنچلىقى ھەققىدە بىر ئىغىزمۇ سۆز قىلمىدى .روسىيە -تۈركىيە مۇناسىۋىتى تارىختىن بۇيان 100يىلدا ئىككى -ئۈچ قىتىملىق چوڭ ئۇرۇش بولۇش ھالىتىدە تەرەققىي قىلىپ كەلدى .2000-يىلدىن 2015-يىلغىچە تۈركىيە -روسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كەلدى .شۇڭا تارىخى ئۆچمەنلىك بىلەن مىللەتلەرگە باھا ياكى مۇئامىلە قىلماسلىق كىرەك .ئەگەر شۇنداق قىلىش توغرا كەلسە ئۇيغۇرلارنى تارىخى دۈشمەن دەپ قارايدىغان مىللەتلەر روسلارنى دۈشمەن دەپ قارايدىغان مىللەتلەردىن ئاز ئەمەس  .

0

تېما

6

دوست

3467

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47286
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 12:22:08 |ئايرىم كۆرۈش
Nadir tema.harmigayciz
uyghuray

6

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1332
تۆھپە : 2607
توردىكى ۋاقتى: 3188
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 12:27:52 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-27 12:32  
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-1-27 10:04
مەزكۈر تارىخى قىممىتى ۋە ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىشى يۇقىرى  ...

ھە پۇتىن ئەپەندى.
سىز مۇشۇ يېقىندىن بىرى يېزىلغان يازمىلارغا ئاساسەن دىگۈدەك خۇلاسە خارەكتىرلىق ئىنكاسلارنى يېزىپ، كۆپچىلىكتە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر قالدۇرىۋاتىسىز. يازغان ئىنكاسلىرىڭىزغا قاراپ كۆپ ئىزدەنگەنلىكىڭىزنى، بىلىمىڭىزنىڭ موللىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى ھەم بىلىمىڭىزنى ئىشلىتىشتە قىينىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. شۇ بىلىمىڭىزگە قاراپ سىزنى ھەرگىز ئاساسسىز سۆز قىلماس دەپ ئويلۇدۇم. ئەمما مۇنۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاخىرىدىكى بىر جۈملىنى چۈشۈنەلمىدىم، شۇڭا ئەشۇ جۈملىنى چۈشەندۈرۈپ قويامسىز.
سىز ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاخىرىدا «ئۇيغۇرلارنى تارىخى دۈشمەن دەپ قارايدىغان مىللەتلەر روسلارنى دۈشمەن دەپ قارايدىغان مىللەتلەردىن ئاز ئەمەس» دىگەن بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز. مۇشۇنىڭدا نىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئورۇسقا قارىغاندا ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى كۆپ دەپ كېسىپ ھۆكۈم قىلىسىز؟

1

تېما

9

دوست

6586

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2024
توردىكى ۋاقتى: 241
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 12:36:41 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسلىدىغۇ بىر قېرىنداش خەلق ئىدى!

4

تېما

49

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3580
توردىكى ۋاقتى: 1172
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 12:48:51 |ئايرىم كۆرۈش
qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2016-1-27 12:27
ھە پۇتىن ئەپەندى.
سىز مۇشۇ يېقىندىن بىرى يېزىلغان ياز ...

   ئىنكاسلىرىمغا نەزەر ئاغدۇرۇپ كەلگەنلىكىڭىزگە رەھمەت .
ئۇيغۇرلار تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا ،موڭغۇل ئىگىزلىكى ،كوئىنلون ،ئالتاي ،پامىر تاغ باغلىرىدا دۇنياۋى مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆز ئىزنالىرى قالدۇرۇغان .بىر مىللەت ھۆكۈم سۈرگەن ئىستىلا  زەنجىرى باغلانغان جايلاردا ياشايدىغان مىللەتلەردە ھەرخىل كەيپىياتلار بولىدۇ .بولۇپمۇ ،ئۇيغۇرلار شەھەرلەرگە ھۈجۇم قىلغاندا بىز باتۇر دىگەن ئۆزىمىزنى مەدھىيلەپ باتۇرلۇقتىنىڭ ئارقىسىدىكى ۋەھشىيلىك بىلەن ئۇرۇلغان قىلىچلارنى قالدۇرۇپ قويىمىز .ئۇرۇش ۋە يات قەۋمنى كونتىرول قىلىش ئادىللىق تەلەپ قىلمايدۇ پەقەت ،تىخىمۇ ئىلگىرىگەن ھالدىكى مۇتلەق كونتىروللۇق تەلەپ قىلىدۇ .
   ئۇيغۇرلار يات قەۋمگە  قانداق مىللىي قىرغىنچىلىق قىلغان مىنىڭچە نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلار كۆپ بىلىمگە ئىگە ئەمەس بىلىمدار بولغانلارمۇ ھەم دىمەيدۇ .چۈنكى بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز بۇ ئىشلارنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئەمەس بەلكى ئەتراپىمىزدىكى مىللەتلەر بىلەن يەنە بىز قىرىنداش مىللەت دەپ ئاتاۋاتقان مىللەتلەر بىلەن تىخىمۇ تىنىچ ،ئۆز -ئارا ھەمكارلىشىدىغان مۇناسىۋەت يارىتىش .چۈنكى بىزنىڭ تەقدىرىمىز ،مۇھىتىمىز ئوخشاش .شۇڭا بىزنىڭ كىشىللىرىمىز ئادىللىق ۋە ھەقىقەتنى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان يۆلىنىشكە ئىلىپ ماڭىدۇ .
    تۈركلەر بىلەن روسلارنىڭ قانداق ئۆچ -ئادەۋەتلىرى بار بۇ تارىخنىڭ خاتالىقى ئەمەس .يەنە شۇ مىللەت نامىنى قوللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ خاتالىقى ئەمەس .بۇ پەقەت ھوقۇق ،ئاچكۈزلۈك ،سىياسىي ئويۇن قاتارلىقلارنىڭ خاتالىقى  .

0

تېما

0

دوست

666

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36030
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 208
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-17
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 13:34:26 |ئايرىم كۆرۈش
پۇتىن ئەپەندىنىڭ ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلىمەن.ھەممە تېمىدا تېرەن پىكىر قاتناشتۇردۇ.قايىل بولىمەن.دېمىسىمۇ ئۆزىمىزگە ھە دىگەندە دۈشمەن تاپماي،ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئىشلىرىمىزغا پۇختا بولساق دەيمەن.بولسا پۇتىن ئەپەندى نادىر ئىنكاس يېزىۋەرمەي ،ئىسىل قاراشلىرىڭىزنى تېما قىلىپ يوللىسىڭىز.قوساقتىكى بىلىملەرگىمۇ زاكات كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟تەڭ بەھىرلەنسەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )