قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2025|ئىنكاس: 21

ئارقا ئىشىكتىن ماڭامسىز ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

0

دوست

1245

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32658
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 10:51:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ‹ئارقا ئىشىك›دىسەم ،قىرىنداشلىرىمىزنڭ كۆز ئالدىغا ،ئۆينىڭ ئىشىكى ،باغنىڭ ئىشىكى ،قازناقنىڭ ئىشىكى كەلگەن بولۇشى مۈمكىن .ئەمما بۇ ئىشىك ،كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان،كىرىپ چىققانلارنى بىلگىلى بولمايدىغان ،قۇلۇپ سالغىلى بولمايدىغان ،ۋىجدانىمىزنىڭ كەينىدىكى ،ئادىمىلىكىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى ئىشىكتۇر :
نۇرغۇنلىرىمىز ‹ئارقا ئىشىك›تىن مىڭىپ قالىمىز ،تىخى بەزىللىرىمىز ،ئىرادە ،ئارمان قىلىپ ماڭىمىز .
ھەتتا‹ ئارقا ئىشىك› تىن ماڭالىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلارمۇ بار،بۇنداقلار بىزدە قولىدىن ئىش كىلىدىغان سانىلىدۇ تىخى .
‹ئارقا ئىشىك › تىن مىڭىش ئومۇمەن ،يولدىن چىققان ،ئەخلاقتىن چەتنىگەن ،قانۇنغا توغرا كەلمىگەن ئىشلارنى ئاساسراق قىلىپ قالىدۇ ،شۇڭا ‹ئارقا ئىشىك›دىن مۇنداق ماڭىمىز :قورقۇپ ماڭىمىز ،ئەنسىرەپ ماڭىمىز ،يىلىنىپ يالۋۇرۇپ ماڭىمىز ،نىشانسىز ماڭىمىز ،ماشىنا ھەيدەپ كىتىپ بىرىپ ،قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىمىز، ساقچى بىزنى توسۇپ ،جەرىمانە قويىدۇ ،ياكى ماشىنانى تۇتۇپ قالىدۇ ،دەل شۇ چاغدا، ‹ئارقا ئىشىك›تىن ماڭىمىز
پەرزەنىتلىرىمىز ئالى بىلىم يۇرتىنى پۈتۈرۈپ كىلىدۇ ،ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدۇ ،بىرىنچى قىتىم مەغلۇپ بولىدۇ .بىز بالام تىرىشقىن دىمەي ،پۇل خەجلەيمىز .بەزىلەر مۇشۇ چاغدا ‹ئارقا ئىشىك›دىن ماڭىدۇ
    ئىدارىدە بىرسىنىڭ شۇنداق باشلىق بولغۇسى بار ،لىكىن قابىلىيتى يوق ،نىمە ئامال  شۇنداق قىلىپ ‹ئارقا ئىشىك›تىن ماڭىمىز .ئىلتىماسىمىزغا بىرەر تامغا ئۇرۇلماي قالدى ،شۇنى ئۇرغۇزۇش ئۈچۈن بولسىمۇ ‹ئارقا ئىشىك›دىن ماڭىمىز ، ئۇندىن باشقا ،ئۇنۋان ئىلىش،مۇتەخەسىس دوختۇرغا كۆرۈنىش ،ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئىلىش ،پىراۋا ئىلىش ،خىزمەت يۆتكەش،ئورۇن ئالمىشىش ،ئۆچرەتنىڭ ئالدىنى ئىلىش ،قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلاردا ‹ئارقا ئىشىك›دىن ماڭىمىز .
بىز نىمىشقا ‹ئارقا ئىشىك›دىن ماڭىمىز ؟
بىر جۈملە گەپ ،مەنپەئەت ئۈچۈن ،ئابرۇي ئۈچۈن !
بىز ‹ئارقا ئىشىك›دىن مىڭىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەيمىز ،روھى جەھەتتە باشقىلارغا يىلىنىمىز ،كۇچۇكلىنىمىز ،ۋىجداننى يانغا قارىيمىز ،ياخشى ياماننى ئايرىمايمىز .ماددى ،جەھەتتە غايەت زور ئىقتساى چىقىم تارتىمىز ،قىپقىزىل پۇللارنى خەجلەيمىز .داستىخان سالىمىز ،سوۋغات ئالىمىز ، چەكتىن ئاشقانلىرىمىز ئۇنىڭدىنمۇ پەس ئادەم تىلغا ئالغۇسىز ئۇسۇللار بىلەن ‹ئارقا ئىشىك›دىن ماڭىمىز .
‹ئارقا ئىشىك›دىن مىڭىش ئىنتايىن ئەخلاقىسىز قانۇنىسز بىر مەخپى يول بولۇپ ئۇ بىزلەرگە تۆۋەندىكەدەك ناچار ئىديەلەرنى قالدۇرۇپ كىتىدۇ .
1: بىر تۈركۈم چىرىك ،پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىيىپ كىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
2: ھەقىقەت يوقىلىدۇ .ياخشى بىلەن يامان ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كىتىدۇ .
3:ئىنسانلار ئارىسىدىكى نۇرمال مۇناسىۋەتنى بۇزىدۇ .ئىش بىجىرىش تەسلىشىدۇ
4:بىر تۈركۈم يارامسىز ،تەييار تاپ ئەۋلادلارنىڭ يىتىلىپ چىقىشىغا تۈرۈتكە بولىدۇ .
5 ئىقتىسادىمىزنىڭ خورۇشىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .جىدەل ماجرالار كۆپىيدۇ
ئومۇمەن جەمىيەتكە ئىنتىايىن ناچار تەسرى بىرىدۇ .مۇشۇنداق ناچار ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ  تۇرۇپ ئارقا ئىشىكتىن ماڭىمىز .
ئىرىشىدىغىنىمىز ۋە يوقاتقىنىمىز : بالىمىزنى ‹ئارقا ئىشىك›دىن مىڭىپ ئوقۇتقۇچى قىلدۇق .تالانتسىز بالىمىز مۇئاشلىق بولدى،ئوقۇتقۇچى بولدى .ئەمما شۇ ئورۇنغا لايىق ئوقۇغان تالانتلىق بىر ئوقۇغۇچى ئىشسز قالدى .مائارىپىمىز ۋەيران بولىدۇ .
‹ئارقا ئىشىك›دىن مىڭىپ،پىراۋا ئالدۇق ،ئەمما تىخنىكا ياخشى بولمىغاچ ھادىسە سادىر قىلدۇق .باشقىلارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلدۇق .
‹ئارقا ئىشىك›بىلەن مىڭىپ باشلىق بولدۇق ،ئەمما قۇرۇق قورساق باشلىق بولدۇق ،ئەلگە نەپ بىرەلەيدىغان ،باشلىق بولالايدىغان يەنە بىرى ،تازلىقچى بولۇپ قالدى .
‹ئارقا ئىشىك›دىن مىڭىپ ئۇنۋاننىڭ يۇغىنىنى ئالدۇق ،ئەمما تىخىنىكا يوق ،تىخىنىكىمىز  ئارقىدا قالدۇق.
‹ئارقا ئىشىك›دىن مىڭىپ تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالدۇق ،ئەمما شۇنىڭغا تايىنىپ تىرىشماي ،كەمبىغەل بولۇپ قالدۇق .
‹ئارقا ئىشىك›دىن مىڭىپ ئۆچرەتنىڭ بىرىنچىسىنى ئالدۇق ،ئەمما ھەقىقى مۇھتاجلار ئارقىدا قىيلىنىپ قالدى .
قاراپ باقساق ‹ئارقا ئىشىك›دىن مىڭىپ ئىرىشكەنلىرىمىزدىن ،يوقاتقىنىمىز كۆپكەن .بىز بىر ئادەم پايدىغا ئىرىشكەن بولساق ،يۈز ئادەمنى زىيانغا ئۇچرىتىش بەدىلىگە پايدىغا ئىرىشىدىكەنمىز .
بۇ يەردە شۇنداق بىر ئادەمنى ئالاھىدە تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر كۆردۇم .ئۇ بولسىمۇ ‹ئارقا ئىشىك›ياردەمچىسى ،كىشىلەرنىڭ ئىغىز تىلىدا -‹بىدىك› .
ئەسلى بىز سودىدا ئۆز ئارا كىلىشتۈرگىچىنى بىدىك دەيتتۇق ،لىكىن ھازىر جەمىيىتىمىزدە ،ئارقا ئىشىك قىلىشقا ياردەملىشىدىغان بىدىكلەر جىقكەن ،ئاڭلىسام نۇرغۇن ئارقا ئىشىكلەردە مۇشۇ ئادەم بولامىش ،ئۇ ئادەم ‹ئارقا ئىشىك›نىڭ قاچان، قاياققا ئىچىلىدىغانلىقىنى بىلەرمىش ،تىخى بەلگىلىۋالغان مۇقۇم باھاسى بارمىش ،ھەر بىر ساھە ھەر بىر كەسىپنىڭ ئايرىم –ئايرىم بىدىكلىرى بارمىش .ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئۇنۋانى بولۇپ ،بىرسى ،پالانى كوجاڭنىڭ ،بىرسى پالانى سوجاڭنىڭ،بىرسى پالانى بۇجاڭنىڭ بىر نىمىسىنىڭ بىر نىمىسى ئىمىش ،ھەر قانداق ئىشنى ھەل قىلىۋىتەرمىش .
ھازىر بىزدە مۇشۇنى ئالاھىدە كەسىپ قىلىپ ،كۈن كۆچۈرىدىغانلار مەلۇم دەرجىدە باركەن .تىخى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى پاراۋان ۋە ياخشى ئىكەن ،جەمىيەتتىكى ئورنى يۇقۇرى ئىكەن .نۇمۇس ھە
مۇشۇنداق نان كۇچۇكى ئادەملەرنىڭ بولىشى بىزدىكى ‹ئارقا ئىشىك›مەسىلىسىنى ئىغىرلاشتۇرۇۋاتىدۇ .
ئەلۋەتتە،بىزدىمۇ بار ،بىز ئۇلارنى ئىزدەپ بىرىپ ،ئىشىمىنى ھەل قىلىپ بەر دەپ پۇل بىرىمىز .ئۇلار بىزنى ئىزدەپ كەلمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇپ ،مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بىزلەر سەۋەپچى ياكى باشقا ئامىللار سەۋەپچى بولۇشى مۈمكىن .شۇڭا ‹ئارقا ئىشىك› تاقاشتا،ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇنداق ئادەملەرگە پۇرسەت بەرمەسلىك كىرەك ،ھەم مۇشۇنداق ئادەم بولۇپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىشىمىز كىرەك
‹ئارقا ئىشىك›بولمىغان تۇرمۇشنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۇپ باقتىم .ئىنتايىن نۇرمال ۋە راھەت .
ئىش بىجىرىش شۇنداق ئاسان، تالانتى بارلار ئىشقا ئورۇنلاشقان،يولدىن چىققانلار ئۆز جازاسىنى يىگەن ،ئەڭ مۇھىمى ،ئەخلاق ،ئادىمىيلىك ،ۋىجدان دەپسەندە قىلىنمىغان ،ئىنسانلار باراۋەر ھالەتتە ياشىغان .
بولدىغۇ مانا ‹ئارقا ئىشىك›ماڭمىساقمۇ ،يەر شارى نۇرمال ئايلىنىدىكەنغۇ ،؟شۇ كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن  ،ناچار ئىشلارنى قىلىشقا كۆڭلىڭىز تارتامدۇ ؟
شۇڭلاشقا ھازىر بۇنداق ئارقا ئىشىكلەر گە قاتتىق زەربە بىرىلىۋاتىدۇ .تاقىلىۋاتىدۇ .
ئەمما يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تاقاش كىرەك ،ئىچىلمايدىغان قۇلۇپ سىلىش كىرەك ،پىچەت سىلىۋىتىش كىرەك .شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەربىر قىرىنىدىشىمىز ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ ،‹ئارقا ئىشىك›قويۇپ ‹ئالدى ئىشىك› بىلەن داغدام ۋە  مەردانە مىڭىشى كىرەك .‹ئارقا ئىشىك › ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ،زىھنىمىز ،ئىقتىسادىمىزنى ،ئۈگۈنىش ،تىرشىشقا قارىتىشىمىز كىرەك .
دەڭلا چۇ قىرىندىشىم ،‹ئارقا ئىشىك› يەنە ماڭامىسز ؟


   
                  ئاتاۋۇللا ئەداخون
                            2016-يىل 01ـ ئاينىڭ -27-كۈنى ئۈستۈنئاتۇش

uyghuray

4

تېما

52

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3854
توردىكى ۋاقتى: 1256
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 19:55:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىنسانلاردىكى ئادىللىقنىڭ قىممىتى ئالدى بىلەن ئۆز شەخسىيىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن بولغان بولىدۇ .شۇڭا ،ئىنسانىيەت جەمىئىتى مۇشۇنداق ئادىل ۋە ئادىل بولمىغان ئىشلار ئارقىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىغا ھەرخىل مۇئامىلە قىلىدۇ .شەخسەن مەن ‹ئارقا ئىشىك›كە زىيادە ئۆچمەنلىك قىلمايمەن .چۈنكى ،مۇشۇ ‹ئارقا ئىشىك›مۇ ئىنساننىڭ ئاجىز بولغان ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر يولى .ئادىللىقمۇ يول ،ئارقا ئىشىكمۇ يول .پۇ پەقەت سىزنىڭ قايسى يولدا مىڭىشنى تاللاش بىلەن بىرگە سىزنىڭ شۇ يولدا ماڭالىشىڭىزغا باغلىق  .

1

تېما

3

دوست

6327

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1906
توردىكى ۋاقتى: 371
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 20:56:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ئارقا ئىشىك›بولمىغان تۇرمۇشنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۇپ باقتىم .ئىنتايىن نۇرمال ۋە راھەت .
   ئەسلى سىز دېگەندەك ئىدى . لىكىن بۇ پەس پارىخورلار نۇرمال تەرتىپتە ئىش بېجىرمەي نۇرغۇن دۇرۇس ،بىجرىم ئادەملەرنىمۇ ئەشۈ قارا يولغا مېڭىشقا مەجبۇرلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ماڭىسىز،ياكى ئىشىڭىزنى ھەل قىلمايلا ھەممىدىن ۋاز كېچىسىز ، قېرىندىشىم.
‹ئارقا ئىشىك› -ئىنساننىڭ غورۇرۇنى يەنچىپ تاشلايدىغان،ھەر قاچان ئىچىنى ئاچىققا تولدۇرىدىغان، نەپرەتلىك، ۋىجداننى ئازابلايدىغان دوزاق ئىشكىدۇر.
  بۇ دۆلەتتە بۇ ئىشىكنىڭ يوقىلىشى -يېڭى بىر يولنىڭ باشلىنىشى بوپ قالغۇسى.

0

تېما

0

دوست

261

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1597
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 22:12:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بولسام ئارقا ئىشىكتىن ھەرگىز  ماڭمايمەن
uyghuray

7

تېما

1

دوست

770

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 22:34:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nadram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-27 22:52  

ئارقا ئىشىكتىن ماڭماي ئۇنداقتا ئالدى ئىشىكتىن مېڭىپ بېقىڭ.ئىشىڭىز چۇقۇم ئۇنداق تېز ئالغا باسمايدۇ.بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.سىز ئارقا ئىشىكتىن مېڭىپ باشلىق بولغاندىمۇ يەنىلا سىز باشلىق،باشقىلار سىزگە ئىگىلىپ سالام قىلىدۇ،سىزنىڭ قىلچىلىك بىلىمىڭىزنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،سىز يىغىندا سۆزلىگەندە يەنىلا سىزگە چاۋاك چالىدۇ.ئەمەلدار ۋاقتىڭىزدا خالىغان ۋاقتىڭىزدا تۆۋەننى كۆزدىن  كەچۈرۈشكە بارالايسىز، يىمەك-ئىچمەك تەييار، ياتاق تەييار،ئاتپوسكا پۇلى تەييار يانچۇقتا،خالامسىز؟ئۇنداقتا سىز ئورنىڭىزنى باشقىلارغا بوشتىپ بېرەلەمسىز ؟باشقىسىنى دىمەيلى،مەنپەئەت ،مائاش زورجىدە تۆۋەنلەيدۇ،سىز ئەمەلدىن ئايرىلىپ  ھۆكۈمەت سىزگە سەپلەپ بەرگەن  ئىمپورىت ئاپتوموبىلنى قايتۇرۋالغاندا سىز باشقىلاردەك كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ خىزمەتكە بېرىشنى تۆۋەنگە چۈشۈشنىنى قىلالامسىز؟،بۇ ئاپتۇبۇسلار شۇنچىلىك قىستاڭچىلىقلىقىنى دىمەيلا قوياي. بارغاندىكى ئاپتۇبۇس بىلىتىنى ئات-چوت قىلدۇرالماي ئايىغىڭىز يىرتىلغاندىچۇ؟بارغاندا ئىشلارنى باشلىق ئورۇنلاشتۇرغاندەك قىلالمىغاندىكى سېسىق گەپ ،يەنە كىلىپ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولغان ۋەزىپىنى توشقۇزالمىغاندىكى مائاش تۇتۇشچۇ؟ ،ئەمەلدىن  چۈشكەندەخەقلەر سىزنىڭ ئەمىلىڭىز بار چاغدا دىيەلمىگەن گەپلەرنى يۈزىڭىزگە دەپ سىزنى ئەيىپلەيدۇ، تىللايدۇ.مەسخىرە قىلىدۇ.ھەتتا ئۆچى بارلار ياقىڭىزدىن بوغۇپمۇ قويىدۇ.سىز باشلىق چاغدىكى تېلفونىڭىزنىڭ نومىرى ئۆزگەرمىسىمۇ تېلفون جەىرىڭلىمايدۇ.دوستىلىرىڭىز سىزنى ئىزدىمەيدۇ. ئۆزىڭىزنى دۇنيادا قانچىلىك بىچارە دەپ ئويلىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
               قىلچىلىك بىلىمى يوق پەرزەنتىڭىزنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تىلغا ئېلىپ ، بىلىملىك بىرسىنىڭ يولىنى توسۋالدى دەپسىز_ توغرا.لىكىن ئۇنداقتا سىزنىڭ ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قانچىلىك بىلىمى باردۇ؟سىز ئۇنداقتا پەرزەنتىڭىزنى خىزمەتتىن بوشاتقۇزۇپ،ئۆز ئالدىغا باشقا ئىش قىلىشىغا قوشۇلامسىز؟ بىلىمسىز پەرزەنتىڭىزنىڭ سىرتتا قىشتا توڭلاپ،يامغۇردا سۇغا چىلىشىپ،ئاپتاپتا قارداپ پۇل تاپالىشىغا قاراپ تۇرۇپ ئىشىنەمسىز؟بۇنىڭغا يۈرىكىڭىز چىدامدۇ؟سىز بىر ئاتا ،شۇڭا پەرزەنتىڭىزنىڭ جاپا تارتىپ قېلىشنى ھەرگىز خالىمايسىز.شۇڭا قانداقلا بولمىسۇن،ياردەم قىلىسىز.
غەرىپ ئەدەبيات-سەنئەت گۈللىنىش دەۋىردىكى بىر پەيلاسوپ شۇ ۋاقىتتىكى دىننى جەمىئىيەتنى كۆزىتىپ ،پاپا،باش ئىپىسكوپ،ئىپىسكوپ قاتارلىقلار ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئادەتتىكى ئادەم بىلەن ئوخشاشلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.لىكىن بۇ ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟غەرپ دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق ،غەرپتە ھازىرغىچە بەزى جايلارغا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىندۇ.
ئارقا ئىشىك دىگەن سۆزنىڭ مۇناسىۋەت دىگەن مەنىسىمۇ بارلىقىنى ئۇنۇتماڭلار.مەنچە بۇ توغىرلىق پىكىر بولسا ئامىركىنىڭ ئاتامان دىگەن رومانىنى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى سورايمەن.
    ھەممەيلەن بۇنداق دىگەن بىلەن ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ.شۇڭا دەيدىغىنىم‹‹جاھان ساڭا باقمىسا ، سەن جاھانغا باق››
      ئەمەليەتتە مەنمۇ ئارقا ئىشىكنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.مەنمۇ باشلىق ئەمەس ،ئىلگىرى ئارقا ئىشىككە چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ ئىدىم.مەندەك ئوقۇش تارىخى بار كاتتا زىيالى ھازىر قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ، كەسپى خىزمەتنى قەتئى چۈشەنمەيدىغان ،ئىلگىركى باشلىقنىڭ شوپۇرىنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەۋاتىمەن.ھەتتا ئادالەتنى ياقىلايمەن دەپ باشقىلارنىڭ گىپىگە كىرىپ ،ياقا سىقىشتىم ،لىكىن پەستە مىنى دەيدەيگە سالغان لاتا خىزمەتدىشىم باشلىقنى كۆرۈپ180گىرادۇس ئۆرۈلۈپ ،گىپىنى يالغانغا چىقاردى.مانا بۇ بىزنىڭ ئاتالمىش ھەدىسىلا ھەققانىيەتتىن ئېغىز ئاچىدىغان كاتتا ھەققانىيەتچىلەردۇر. شۇڭا مەن بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ،باشقىلارنى ئىبرەت ئېلىشقا ئاگاھلاندۇرۋاتىمەن.

0

تېما

2

دوست

1742

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20597
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 22:41:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hitlir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-27 22:45  

بىكار

7

تېما

1

دوست

770

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 22:54:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنى دىمەك ئاسان ،قىلماق تەس

3

تېما

1

دوست

8513

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   70.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18155
يازما سانى: 784
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2560
توردىكى ۋاقتى: 455
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 23:31:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ئارقا ئىشىك›دىسەم ،قىرىنداشلىرىمىزنڭ كۆز ئالدىغا ،ئۆينىڭ ئىشىكى ،باغنىڭ ئىشىكى ،قازناقنىڭ ئىشىكى كەلگەن بولۇشى مۈمكىن .دەپ يېزىپسىز.مېنىڭچە نەچچە ئون يىللار ئىلگىرى شۇنداق بولىشى مۈمكىن ئىدى،لېكىن ھازىر «ئارقا ئىشىك»دېسە،ھەممە ئادەمنىڭ ئېڭىدا سوۋغا-سالام ياكى مۇناسىۋەت ئارقىلىقلا كىرىپ-چىققىلى بولىدىغان مەنپەئەت ئىشىگى پەيدا بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )