- تىزىملاتقان
- 2015-12-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 930
- نادىر
- 0
- يازما
- 35
ئۆسۈش
86%
|
يۇقارقى يازمامنى يىڭىدىن يىزىپ قايتا چاپلاپ قويدۇم.
تۇز بىزنىڭ كۈندۈلۈك يىمەك ئىچمىكىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددا. تاماقنىڭ تەملىك بولىشىدا تۇزنىڭ چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ھەممىز بىلىمىز. ئەگەر تاماقنىڭ تۇزى دەل جاھىدا بولۇپ تاماق ئوخشىغاندا تۇزنىڭ مەۋجۇتلىقى خىيالىمىزغىمۇ كەلمەيدۇ، بىراق تاماقنىڭ تۇزى كەم ۋە ياكى ئارتۇق بوپ قىلىپ تاماق ئوخشىمىسا، بىز تاماقنىڭ ئوخشىماسلىق سەۋەبىنى تۇزدىن كۆرىمىز.
ئەكسىنچە ئاچچىق مۇچ (لازا) گەرچە كۈندۈلۈك يىمەك ئىچمىكىمىزدە تۇزدەك ئۇنداق مۇھىم بولمىسىمۇ، تاماقنىڭ تەمىگىمۇ تۇزدەك ئۇنداق بىۋاستە تەسىر كورسەتمىسىمۇ، بىراق بىز ئاچچىق مۇچنى ھەر زامان ئۇنتۇپ قالمايمىز. بىز ئاچچىق مۇچنى ھەۋەس ئۇچۇن ئىستىمال قىلىمىز. تامىقىمىزنىڭ تەمى دەل جاھىدا بولغاندىمۇ، ئاچچىق يىمەكلىككە كۆنۈش ئۈچۈن بولسىمۇ تامىقىمىزغا ئاچچىق مۇچ (لازا) سىلىپ يىيىشنى ياخشى كورىمىز. تامىقىمىزدا ئاچچىق مۇچ كەم بوپ قالسا ئەلۋەتتە ئۇنى ئىزدەپ سوراپ يەيمىز. ئاچچىق مۇچ ئارتۇق بولۇپ تامىقىمىزنىڭ تەمىنى زەھەردەك ئاچچىق قىلىۋەتسىمۇ، ھەتتا كوزلىرىمىزدىن ياش، بۇرنىمىزدىن سۇ ئىقىتىۋەتسىمۇ، بىز ئاچچىق مۇچنى يەنىلا ئەيىپلىمەيمىز، ۋە ياكى گەرچە ئىغىزىمىزدا ئەيىپلەپ، قاقشاپ قويساقمۇ كۆڭلىمىزدە ئاچچىق مۇچنى يەنىلا ئۇنتالمايمىز.
جەمىيىتىمىزدە شۇنداق بىر قىسىم ھورمەتكە لايىق ئىنسانلىرىمىز باركى، ئۇلار جەمىيىتىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە روناق تىپىشىدا ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلار ھەر زامان جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى، خەلقىمىزنىڭ گۇللىنىشى ئۇچۇن قولىدىن كىلىشىچە تىرىشىدۇ، ئىزدىنىدۇ ۋە باش قاتىرىدۇ. ئەگەر ئۇلار جەمىيەتكە خاتالىقسىز توھپە قوشسا، بىز ئۇلارنىڭ قەدىرىگە يەتمەيمىز، ھەتتا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقى بىزنىڭ خىيالىمىزغىمۇ كەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزەپ قويسا، بىز ئۇلارنى تالاپ توختىمايمىز. ئەگەر ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ئەندىشە قىلىپ، جىم ئولتۇرسا، جەمىيەتتىكى ناچار ئىللەتلەر ۋە يىتەرسىزلىكلەرنىڭ سەۋەبىنى ئۇلارنىڭ ھىچ ئىش قىلماي جىم ئولتۇرۋىلىشىدىن كۆرىمىز. ئەگەر ئۇلار جەمىيەتتىكى ناچار ئىللەتلەرنى كۆرۈپ، ئوتۇرغا سەكىرەپ چۇشۇپ بۇ ناچار ئىللەتلەرنى تۇزىمەكچى بولغاندا، بىز ئۇلارغا دەستەك بولۇپ ئۇلارنى قوللاپ قۇۋەتلەشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى مەنمەنلىك قىلىۋاتىدۇ، بەك كۆرەڭلەپ كىتىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلەيمىز. ئامال بار ئۇلارغا ئورا كولاپ، ئۇلارنى يىقىتىۋىتىشقا تىرىشىمىز.
جەمىيىتىمىزدە يەنە شۇنداق بىر تۇركۇم ئىنسانلار باركى، ئۇلارنىڭ جەمىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە خەلقىمىزگە ئازراقمۇ پايدا مەنپەتى يوق. ئۇلار پۇتۇن ئەقىل پاراسىتىنى ۋە ئىنىرگىيەسىنى پەقەتلا باشقىلارغا ئورا كولاش، باشقىلارنى يىقىتىش ۋە ئۇنىڭ بەدىلىگە ئوز ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا سەرىپ قىلىشىدۇ. ئۇلار ھەق ناھاقنى، ھالال ھارامنى ئايرىمايدۇ، كىم روناق تاپسا، تەرەققى قىلسا ئۇنىڭ پىشىغا چۇشىدۇ، ئۇلارنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنى يىقىتىۋىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. ياۋاشنى بوزەك ئىتىدۇ، ۋە يامانغا خوشامەت قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى ئەيىپلىمەيمىز، ۋە ياكى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كورمەسكە سالىمىز، ۋاختى كەلگەندە ھەتتا ۋاي دەپ خوشامەتمۇ قىلىپ قويىمىز.
بۇ بىزنىڭ تۇزنىڭ ئازراق كەم ياكى ئارتۇق بولۇشىدىن ئاغىرنىپ، زەھەردەك ئاچىق مۇچتىن ھوزۇرلىنىشقا ئادەتلەنگەن پىسخىكىمىزدىنمۇ، ۋە ياكى ئۇلارنىڭ شۇملۇق قىلىشىدىن قورقۇپ "مىنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن" دەپ قارىغانلىقىمىزدىنمۇ؟ |
|