بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-29 14:51
مائارىپنىڭ ئۈمىدى يى جوڭتىيەن دولان تەرجىمىسى
پېقىرمائارىپچى بۇلۇش سۈپۈتىم بىلەن جۇڭگۇ مائارىپ مەسىلىسى توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتەي. بىرقانچەيىلنىڭ ئالدىدا، بېيجىڭدىكى « ئىقتىساد كۆزۈتىش گېزىتى » نىڭ بىر قېتىملىق مۇنبېرىدە، تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ بىرى مائارىپچى ياڭ دوڭپىڭ ئىدى، مەن ئۇنىڭدىن سۇرىدىم « ياڭ ئەپەندىم، جۇڭگۇ مائارىپى بىلەن جۇڭگۇ پۇتبۇلىنىڭ قايسسىدائۈمۈد بار؟ »، ئۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن « مائارىپ » دېدى، مەن «نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟ »، دەپ سۇرىسام ئۇ « جۇڭگو پۇتبۇلىدا ئۈمىد بولمىسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق، ئەمما مائارىپتا ئۈمىد بولمىسا بولمايدۇ » دېدى. مەسىلەشۇكى، بىزنىڭ ئويلايدىغىنىمىز، جۇڭگۇ مائارىپى پۈتكۈل خەلقنىڭ ساپاسىنى زورنىسبەتتە، كەڭ كۆلەمدە يۇقۇرى كۆتۈرەلىدىمۇ-يوق، دېگەن مەسىلە؛ ئەكسىچەكۆرۈۋاتقىنىمىز نېمە؟ جۇڭگو مائارىپىنىڭ پۈتكۈل خەلقنىڭ كاللىسىنى بۇزىۋاتقان ھالىتى؛ جۇڭگۇ مائارىپى بىلەن جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشاشلا كىشىلەرنى دۆتلەشتۈرىۋېتىشى؛ بۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ مائارىپىمىزنىڭ باھالاش نىشانى «يەڭگەن بەگ بۇلۇر، يېڭىلگەن خار » دېگەن جۇملىگە يىغىنچاقلانغان، يەنى ئەگەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشسىڭىز ئەڭ قالتىس،نۇبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىسىڭىز ياكى ئولۇمپىك ماتېماتىكىسىدا مۇكاپاتقا نائىل بۇلالمىسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق؛ يەڭگەنلەر بەگ،يېڭىلگەن خار بۇلىدىغان، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈدىغان، مەنپەئەتنى دەپ ۋىجدانىدىن كېچىدىغان، مائارىپنىڭ تۈپكى مەقسىدىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان ئىشلارنىڭ مەۋجۇت بۇلىشى ئاساسلىق سەۋەبلەردۇر. مۇشۇنداق «يەڭگەنلەر بەگ، يېڭىلگەنلەر خار » دېگەن باھالاش ئۆلچىمىنىڭ نەتىجىسىدە، ئوقۇغۇچىلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەي بەلكى ئۇلارنى ئەجدەرھا، ماتېرىيال، ماشىنا بۇلۇشنى ئۈمىدقىلىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىۋاتىدۇ؛ ئەجدەرھا دېگەن نېمە؟ ئۇبىر غەلىتە مەخلۇق؛ ماتېرىيال دېگەنچۇ؟ ئۇبىر ياغاچ؛ ماشىنا دېگەنچۇ؟ ئۇبىر نەرسە. نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنى غەلىتەمەخلۇق، ياغاچ ۋە ماشىنا بۇلۇشنى ئارزۇلايمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئادەم بولۇشىنى ئۈمىدقىلمايمىز؟ ھەممە يەردە « ئادەمنى ئاساس قىلىش » دەپ سۆزلىنىۋاتىدۇ، ئەسلى ئادەمنى ئاساس قىلىدېغىنى ئالدىبىلەن مائارىپ بۇلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما جۇڭگۇدا ئادەمنى ئەڭ ئاساس قىلىدىغان ساھادە ئادەمنى ئاساس قىلمايۋاتىدۇ. ھازىربالىلارنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىغا قاراپ باقايلى، بىر ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرجۇپ ئەر-خۇتۇننىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش ئىكەن، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بالىسى ئاتا-ئانىسىدىن بىركۈن ۋاقىت چىقىرىپ باغچىدا ئوينىتىشنى تەلەپ قىپتۇ، ئەر-خۇتۇن بىركېچە « زۈنيى يىغىنى » ئېچىپ،چىشىنى چىشلەپ بىركۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، بالىسىغا ھەمرا بۇلۇپ باغچىدا ئوينىتىشنى قارار قىپتۇ؛ تۇنجى ئويۇننى ئويناپ بالابەك خۇش بۇپتۇ، « قىزىقارلىقمىكەن؟ »سۇراپتۇ ئانىسى، « بەك قىزىقارلىقكەن »، « قايتقاندا بىر پارچە ماقالە ياز »،بالىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ؛ ئىككىنچى ئويۇننى ئويناپ بولسا ئانىسى يەنەسۇراپتۇ « قىزقارلىقمىكەن؟ » « قىزىقارلىقكەن »، « قايتقاندا ئېسىل ماقالىدىن بىرنىياز »، بالىسى « ئانا ئوينىمايمەن »دەپتۇ؛ بالىغا بىركۈن ئوينايدىغان ۋاقىت بەرمەيمىز، تاپشۇرۇق ئىشلىشىنى نازارەت قىلىمىز، شۇئارىمىز « بالىلار باشلىنىش نوقتىسىدا ئۇتتۇرۇپ قويسا بولمايدۇ ». ئۇنداقتا، پېقىر شۇنىسۇراپباقسام، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاخىرقى نوقتىسى قايەر؟ قەۋرىستانلىق؛ شۇڭايوقۇرىدىن-تۆۋەنگىچە، مائارىپ ئورۇنلىرىدىن تارتىپ ئائىلە باشلىقىغىچە، بالىنىڭ ئەجدارھا بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىشماقتا، شۇڭلاشقا پېقىر ھازىر بايرىقىم رۇشەن ھالداشۇنى جاكارلايمەنكى، مەن رىغبەتلەندۈرىشكە قارشى، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا قارشى،مۇۋاپىقىيەت شۇناسلىققا قارشى، ئەجدارھا يېتىشتۈرىشكە قارشى. مېنىڭ شۇئارىم، شۇنداقلا بۈگۈنكى دوكلاتنىڭ ئاساسىي تېمىسى، بالا ئالدىبىلەن ھەقىقى ئادەم بولسۇن؛ قانداق ئادەم؟ چىن ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە ئىگە ئادەم؛ يەنى بىرىنچى راستچىل، ئىككىنچى ئاق كۆڭۈل، ئۈچۈنچى ساغلام، تۆتىنچى خۇشال-خۇرام. بىرىنچىسى راسچىللىق؛ بەزىلەر مۈمكىن ئەمەس، مۇشۇيىللاردا كېممۇ راسچىل بولسۇن دەۋاتىدۇ؛ مەن دەيمەن، پېقىرنىڭ ئۆلچىمى يالغان گەپ قىلماسلىق؛ بەزىلەر « ئۇنداقتا سىز، پەقەت يالغان سۆزلىمەمسىز؟ » دەپ سۇرىدى،مەن «شۇنداق » دەپ جاۋاپ بەرسەم، ئۇ« مۈمكىن ئەمەس، راسگەپ قىلغانلارنى نەس باسىدۇ »دېدى، مەن « راسچىل بولسىڭىز نەس باسسا، ئۇنداقتا سۆزلىمىسىڭىز بۇلىدۇ؛ كانت مۇنداق دەيدۇ « كىشى چۇقۇم ھەق سۆزلىشى كېرەك، بىراق ئۇنىڭ ھەممە ھەق سۆزنى دېيىش مەجبۇرىيىتى يوق »؛ شۇڭا راس سۆزلەشتىن قورقسىڭىز، دېمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ؛ لىكىن ھەرگىز يالغاننى سۆزلىمەڭ. ئىككىنچىسى ئاق كۆڭىللىك. ئاق كۆڭىللىك-سىزنىڭ كۇچىلاردا پىدائى بۇلۇش ياكى لېي فېڭدىن ئۈگۈنىش كۈنىدە ياشانغان مۇماينى يولدىن ئۆتكۈزۈپ قۇيۇش ئەمەس، ئاق كۆڭىللىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن چىكى ھېسداشلىق قىلىش. ھېسداشلىق قىلىش دېگەنلىك بىگۇناھلارغا ئازاربەرمەسلىك دېگەنلىكتۇر، مەيلى ئادەم ياكى قۇرۇت-قوڭغۇز بولسۇن خورلاشقا بولمايدۇ،ئۇلارنىڭمۇ ياشاش ھوقۇقى بار. ئۈچۈنچىسى ساغلانملىق. ساغلاملىق-جىسمانىي ساغلاملىق ۋە پىسخىكا ساغلاملىقنى ئۆزئىچىگەئالىدۇ، پىسخىكا ساغلاملىق جىسمانىي ساغلاملىقتىن مۇھىم. تۆتىنچىسى خۇشال-خۇراملىق. خۇشال-خۇراملىق ئىنتايىن مۇھىم، كوڭزى ئەيتىدۇرلەركى « ئادەم بۇلىشنىڭ ئەڭ يۈكسەك نىشانى مېھرىبانلىق، ئىش قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چىكى ھەممىنى تولۇق ئويلاش؛ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئەڭ يۈكسەك نىشانى خۇشال-خۇراملىق ».ئەمەلىيەتتە ئادەم ناھايىتى ئاددىي نەرسە، مۇۋاپىقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىق، باش كۆتۈرىش- كۆتۈرەلمەسلىك، ئاتا-بۇۋىسىغا شۆھرەت كەلتۈرىش دېگەنلەر مۇھىم ئەمەس،مۇھىمى سىزنىڭ خۇشال-خۇرام ياشىغانلىقىڭىز. ئالايلۇق، ھازىر نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشى، مەمۇرلىققا ئىمتىھان بىرىش كۇچىسىغا قىستىلىپ كېرىدۇ؟ پېقىر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەمۇرلىققا ئىمتىھان بېرىشىگە ھىسداشلىق قىلساممۇ بىراق قوللىمايمەن؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەمۇرلىققا ئىنتىلىشى، تۆمۈر تاۋاققا ئېرىشىشتىن ئىبارەت بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدۇر. يېزىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ «مەن مەمۇرلىققا ئىمتىھان بېرىشكە قىززىقمىساممۇ، بىراق ئاتا-ئانام < مۇمۇرى بولساڭ كەنتتىكىلەر بىزنى بۇزەك قىلالمايدۇ > »، ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى. شۇڭا،جەمئىيىتىمىز ھەربىر پۇقراغا يېتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئاتا قىلىشى كېرەك، مەيلى ئۇ قايسى كەسپ بىلەن شۇغۇللانسۇن ياكى قايسى ئىش ئورنىدا بولسۇن، ھەممىسى بىخەتەر،ئىززەت-ھۆرمەتتەياشاش ھوقۇقىغا ئىگە، شۇندىلا ئۇلار خۇشال-خۇرام بۇلالايدۇ. مانابۇ پېقىرنىڭ جۇڭگو مائارىپىدىن كۈتۈدىغان ئۈمىدى؛ پېقىر جۇڭگو مائارىپى، جۇڭگوئىسلاھاتى ۋە جۇڭگۇ جەمئىيىتىنىڭ، ھەربىر بالىغا ۋە ھەربىر جۇڭگو پۇقراسىغاراسچىل، ئاق كۆڭىل، ساغلام، خۇشال-خۇرام ياشاش ئىمكانىيىتى ئاتا قىلىشىنى ئۈمىدقىلىمەن؛ مانابۇ پېقىرنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىدۇر.
|