بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Binam3300 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-29 18:05
تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن،سۈرئەتنىڭ ئاستىلىشىشى ۋە ياكى كەينىگە مېڭىشى بىر نورمال ئەھۋال.جۇڭگونىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،2016 -يىلى بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇش ئالدىدا،بۇ بىر يىل چۇقۇم تارىخى بەتلەرگە يېزىلىدىغان بىر يىل بولغۇسى. بۇ بىر يىل ناھايىتى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ،لېكىن نۇرغۇن پۇرسەتلەر بارلىققا كېلىدۇ، تۆۋەندىكى مەزمۇننى كۆرگەندىن كېيىن بۇنى چۇقۇم ھېس قىلىسىز،چۇقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ،تېرىشىڭ. 1.جۇڭگودىكى 60%شەخسىي كارخانا ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. 2.دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ،ئىش ئورنىدىن قېلىش دولقۇنى يەنە بىر قېتىم يېتىپ كېلىدۇ.لېكىن چوڭ قالايمىقانچىلىق چىقمايدۇ. 3.ئاز دىگەندە 3-5كە يېقىن بانكا تاقىلىپ قالىدۇ،سۇغۇرتا شىركىتى ئامانەت قويغۇچىنىڭ زىيانلىرىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. 4.جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي بىر كېچىدە باي بولۇش شەكلى يوقاشقا باشلايدۇ. 5.شىركەتلەرنىڭ سودا ماھىيىتى ئەسلىگە كېلىدۇ،مۇناسىۋەت ۋە مەنبە يادرولۇق رىقابەت كۈچى بولماستىن يېڭىلىق يارىتىش يادرولۇق مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. 6.ياپونچە باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۇمۇميۈزلۈك يۈرگۈزىلىدۇ،ئامرىكىچە يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلارنى بەس-بەسكە سالىدۇ. 7.GDPھىندىستان بىرىنچى،جۇڭگو ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. 8. 2016-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكىرىلەپ ئسلاھ قىلش باشلىنىش يىلى بولىدۇ. 9.بىر تۈركۈم ناھىيە شەھەر دەرىجىلىك پارىخور ئەمەلدارلار تۇتىلىدۇ،ئاساسى قاتلامدىكى ئەمەلدارلار رەتكە سېلىنىدۇ. 10.ئۆي باھاسى پەرقى چوڭىيىدۇ،بىر شەھەردىكى ئوخشىمىغان رايون ئۆي باھاسى ئوخشىمىغان باھادا ئۆسۈش چۈشۈش بولىدۇ. 11.خەلقنى بېيىتىش دۆلەتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسىگە ئايلىنىدۇ. 12.جۇڭگو پايچەك بازىرى يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان پۇل-مۇئامىلە سىياسەتلىرىنى قىيىن ئەھۋالدا قويىدۇ. 13.دۇكان تىجارەتلىرى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ،O2O,P2Pقاتارلىق مۇكەممەل بولمىغان تور سودا شىركەتلىرى كەڭ كۆلەملىك ۋەيران بولىدۇ. 14.نەشىرىيات بازىرى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ،چۈنكى نۇرغۇن ئادەم ئۆگىنىش قىلىشقا باشلايدۇ. 15.جۇڭگودىكى 50%كە يېقىن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ. 16.كىشىلەر مۈلىكى ئازىيىش بېسىمىغا ئۇچرايدۇ. 17.ئىنتېرنىت+ يېڭى ئىقتىساد دۆلەتنىڭ داۋاملىق قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. 18.ئەنئەنىۋى تۈستىكى كارخانا-شىركەتلەر ۋەيران بولۇشقا باشلايدۇ. 19.ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان بىرقىسىم كەسىپلەر قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. 20. 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى قوزغايدۇ. 21.ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تاللاش-شاللاش ئەمەس،ئىقتىساسلىقلارغا پۇرسەت بېرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا باشلايدۇ. 22.ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقى بارغانسىرى قەدىرلىنىدۇ. 23. 60% ئۆي-زىمىن سودىگەرلىرى 2016-يىلى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. 24.بىرقىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى قابىلىيىتى يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك ئىش ئورنىدىن قالىدۇ. 25.قوغلىشىپ سېتىۋالىدىغان بىر قىسىم زىبۇ-زىننەت گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتى ۋەيران بولىدۇ. 26.بىر قىسىم ياشلار تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى سەۋەبلىك توي قىلىشنى خالىمايدۇ. 27.بايلار مەبلەغ سېلىپ ۋەيران بولىدۇ،نامراتلار يېڭىلىق يارىتىپ باي بولىدۇ،خەلقنىڭ مال-مۈلىكى تەڭشىلىشكە باشلايدۇ. 28.دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ مۇئاشى ئۆسىدۇ،لېكىن تەمىنات كەملەيدۇ،دۆلەت يېڭىلىق يارىتىپ مۇكاپات ئېلىش تۈزىمىنى يولغا قويىدۇ. 29. شىمالى جۇڭگو رايونىنىڭ مۇھىتى داۋاملىق ناچارلىشىدۇ. 30.بىرقىسىم يەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسلىرى تاقىلىپ قالىدۇ. 31.سودا قىلىش ئاسان،شېرىك تاپماق تەس بولۇپ قالىدۇ. 32.كىشىلەر قانداق بەسلىشىشنى ئەمەس،قانداق ھەمكارلىشىشنى تەتقىق قىلىدۇ. 33.ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ سۆز ھوقۇقى ئاجىزلاشقا باشلايدۇ. 34.رايون ئاتلىغان ئېنتىرنىت،شىركەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇپ قالىدۇ. 35. 30%جۇڭگولۇق يېڭىچە ئىقتىسادنىڭ تۈرتكىسىدە ئەركىن خىزمەتچىگە ئايلىنىدۇ. بەلكىم بۇخىل قاراش بىرتەرەپلىمىلىك، لېكىن بىر قېتىملىق قىيىن ھەم پۇرسەتكە تولغان مەزگىلنى قولدىن بەرمەڭ ئۆگىنىڭ تېرىشىڭ. پۇل-مۇئامىلە جەھەتتىن پىكىرلەشمەكچى بولسىڭىز چ چ نى قېتىۋېلىڭ 493618038 |