قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2136|ئىنكاس: 19

ئىپپەت ئىلتىجاسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

1878

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29403
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-31 23:24:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       قەدىرىلىگىم ‹‹ئۇxxx››ياخشىمۇ سىز؟
     مەن خىزمەت،تىجارەت،سەپەر دەپ سىزدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.ئائىلىنىڭ بارلىق يۈكىنى ۋە سەبى بالىلىرىمنى بوينى قىسىق ھالەتتە سىزگە قالدۇرۇپ كەتتىم.مەن سىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم.بۇ ھىجرانلىق ئازابى منى بەكمۇ قىينىماقتا.مېڭىش ئالدىدا سىزنىڭ ماڭا ‹‹سىز يىراق جايغا كىتىۋاتىسىز،قاچان كۆرۈشىشىمىز ئىنىق ئەمەس،بۇ بەدەللەرنىڭ ئورنىنى ھېچ نەرسە باسالمايدۇ،چوڭ نەتىجىلەر بىلەن قايتىشڭىزنى ئۆمۈت قىلىمەن،مەندىن ۋە بالىلاردىن ئارتۇق غەم يىمەڭ،بىزگە ھەممىنى ياراتقان،ئولۇغ ئاللا ئۆزى ئىگە،بۈگۈنى بار ئادەم ئەتىسى يوق دۇنيا ئىكەن بۇ ، مەندىن رازى بولۇڭ›› دەپ كۆز ياشلىرىڭىزنى تۆكۈپ تۇرۇپ ئوزۇتۇپ قويغاندىكى سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدىن پەقەت كەتمەيدۇ.
    بالىلىرىمىزنىڭ ئىككى پۇتۇمغا ئېسىلىپ‹‹ دادا ،كەتمە!...جېنىم دادا... بىزنى تاشلاپ كەتمىگىن بولامدۇ؟! ...بىزمۇ بارىمىز!!!...›› دەپ يالۋۇرۇپ يىغلىغان ئاۋازلىرى ھېلىھەم قولاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرماقتا.ئويلىماي دىسەممۇ ئىختىيارىم ئەمەس،كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم.بەزىدە قانىتىم بولسىچۇ كاشكى دەپ كىتىمەن. يەنە بەزىدە ئىشلارنى شۇ پېتى تاشلاپلا قايتقۇم كىلىدۇ.مەسئۇلىيەت سەۋىبىدىن چىشىمنى چىشىمغا چىشلەپ تۇرۇپ قالىمەن ۋە سىزنىڭ ‹‹چوڭ نەتىجىلەربىلەن›› دىگەن سۆزلىرىڭىز ماڭا ئالاھىدە ئىلھام بولماقتا ھەم چوڭقۇر ئۆمۈت بېغىشلىماقتا .
    قەدىرىلىگىم<<ئۇxxx>> مەن بۇ قېتىم سىزگە بولغان قەلىب سۆزلىرىمنى ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن ئىزھار قىلىپ ئامانەت سۈپىتىدە يوللىماقچى.بۇ ئامانەتلەر ئىنتايىن قىممەتلىك چوقۇم ياخشى ساقلاڭ.بۇ ئامانەتلەرگە رىئايە قىلىش سىز قىلالايدىغان ۋە رازىمەنلىك بىلەن قىلىسىڭىز ئاخىرى چەكسىز سۆيۈنۈپ قالىدىغان كۆپراق قىلغان بولسامچۇ...! دەپ قالىدىغان ئىشلاردۇر.دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئادەملەر ئويلىغاندەك خۇراپاتلىق،ئاياللار ئەركىنلىگى دەپ جار سېلىۋاتقانلار ئويلىغاندەك قالاقلىق،مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەر ئويلىغاندەك ئارتۇقچە،چۈشەنمىگەن ئاياللار ئويلىغاندەك ئورۇنسىز ئىشلار بولماستىن ھەر بىر موسۇلمان ئايال ئۈچۈن مۇھىم ۋە پەزىلەت بولغان ئىبادەتتۇر.شۇنداقلا ئايال كىشىنىڭ نىيىتىنىمۇ،قەلبىنىمۇ،سۆز-ھەركەتلىرىنىمۇ يولدىشىغىلا باغلاپ،سۆيگۈسىنى،نازاكىتىنى،جەلىپكارلىغىنى،جەزبىدارلىغىنى،قەدرى -قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەردۇر.ئەركىشىنىڭ مايىللىغىنى قوزغاپ،قايىللىغىنى ئاشۇرۇپ،روھىنى ئۇرغۇتۇپ ئائىلىنىڭ بەختى،جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتى،ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ،ھەققانىيەت ئۈچۈن رىقابەتلىشەلەيدىغان مەيدانى ئىنىق ۋە ئىرادىلىك ئەرلەردىن قىلىدىغان سىرلىق مەنبەلەردۇر.بۇ ئامانەتلەرنى جايىدا ساقلىغان ئايال كىشىنىڭ يولدىشىغا بولغان تەسىرى ‹‹ئەرنى ئەر قىلغانمۇ يەر قىلغانمۇ خوتۇن››دىگەندەك ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.بۇ ئىشلار دەۋرىمىزدە ئاددى،ئۇششاق ئىشلار قاتارىدا سانىلىپ،سەل قارىلىۋاتقان بولغاچقا جەمىيىتىمىز ماددىۋى تەرەپتن خېلى تەرەققى قىلغان بولسىمۇ قىممەت قاراش، ۋىجدان،غۇرۇر،ئادىمىلىك دىگەندەك مەنىۋى تەرەپلەرىدىن كۈنسىرى چىكىنمەكتە.  قەدىرلىگىم بۇلارنى دىيىش مىنىڭ ئەرلىك بۇرچۇم،ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلگۈنۈم،ئەۋلاتلىرىمىزغا كۈيۈنگۈنۈم دەپ قارىغانلىقىمدىن.سىزگە ئىشەنمىگەنلىگىمدىن ئەمەس سىزنى ھەقىقى سۆيگەنلىگىمدىندۇر.
    دىمەكچى بولغانلىرىم:ئۆزەمنى ۋە سىزنى ئىپپەتلىك،ساداقەتمەن،تىرىشچان،تۆھپىكار كىشىلەردىن بۇلۇشقا تەۋسىيە قىلىمەن.
    يېنىڭلاردا مەن يوق بەزى ئىشلارنى مىنىڭ ئورنۇمدا سىرتقا چىقىپ سىز قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالىسىز.بەزىدە سودا-سېتىق،ئىش بىجىرىش جەريانىدا  يات ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشىشقا توغرا كىلىدۇ.جەمىيەتتە نورغۇن كىشىلەر ياراتقان خۇداسى ،قىلغاننىڭ جازاسى،ئۆلۈمنىڭ مەناسى يوقتەك بىخۇد ياشىماقتا. ۋىجدانسىز،دەللال ئەرلەر كۆپۈيۈپ كەتتى.
ئۆيدە مەن ئۈچۈن قانچە ئىسىل كىيىنسىڭىز ،ياسانسىڭىز مەن شۇنچە ياخشى كۈرىمەن ۋە قوللايمەن. ئەمما سىرتقا باشقىلارنى جەلىپ قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ،ياسىنىپ چىقماڭ.ۋىجدان،غۇرۇرۇم سىزدىن ھارام كۆزلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىشغا قەتئى يول قويمايدۇ.سىرتقا چىققاندا ئۆيدىكىلەر ياكى بالىلارنىڭ بىرەرسىنى ھەمراھ قىلىۋېلىڭ.مەھرەم ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقانداق يات ئەرگە تىكىلىپ قارىماڭ،بەك ئۇچۇق چىراي بولۇپ كەتمەڭ.خاتا چۈشەنچىدىن ساقلانماق تەس.ئاۋاز-ھەركەتلىرىڭىزنىڭ يامان تەسىر بىرىپ قېلىشىدىن ئىھتىيات قىلىڭ.ھەرقانداق يات ئەرنىڭ توغرا بولمىغان، مۇناسىۋەتسىز بولغان گەپ-سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭ.ئىشارەت ، ۋاسىتىللىرىگە پەرۋا قىلماڭ،توغرا بولمىغان ھالەتتە تىلفۇن نۇمۇرى، ئۈندىدار،ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىللىرىنى بىرىش،ئېلىش ، تىلفۇن،ئۇچۇرنى قۇبۇل قىلىش،ياكى توردا پاراڭلىشىشتن قەتئى ساقلىنىڭ. مەن سىزگە قەتئى ئىشىنىمەن.شۇنداقتىمۇ ھىلە -مىكرىلەرگە ئالدىنىپ قېلىش،قەستكە ئۇچراپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،ئاخىرى پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئىھتىيات،مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇڭ.
   ياخشى ئايال دوسلىرىڭىز بىلەن ئارلاشسىڭىز بولىدۇ.ئەمما غەيۋەت-شىكايەت،پىتنە-پاسات،پايدىسىز سۆز-ھەركەتلەردىن يىراق تۇرۇڭ.بۇ يامانلىقنىڭ تارقىلىشى ۋە تۈگىمەس دەرتكە مۇپتىلا بۇلۇپ قېلىشنىڭ يولىدۇر.ئەخلاقسىز،تەربىيەسىز ئاياللار بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭ.يولدىشىغا خىيانەت قىلىدىغان،مەسۇم قىز-ئاياللارغا كىسەل يۇقتۇرىدىغان، ئەڭ ئېغىر جىنايەتچى دەللال،نۇمۇسسىز،ھېقىر كىشىلەر شۇلارنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ...ئاللا ئەڭ ياخشى سىرداشتۇر. ئونىڭ دىگەنلىرى دەردىمىزگە ھەقىقى داۋا بولىدۇ.سىز يالغۇز ئەمەس.مەن داۋاملىق سىزنى ئويلاش،ئەسلەش بىلەن بىللە.مەن سىزنىڭ جسمىڭىزنىمۇ،روھىڭىزنىمۇ،ھاياتىڭىزنىمۇ،ماماتىڭىزنىمۇ ماڭىلا خاس دەپ قارايمەن.مەن سىزنى قوغداش ئۈچۈن بارلىغىمنى قۇربان،جېنىمنى پىدا قىلىشقا رازىمەن.ئىسىت بەزى ئەركەكلەرگە ئاياللىرىنى مەن سىنى ئونداق،مۇنداق ياخشى كۆرىمەن ،سەن ئۈچۈن ئۆلىمەن دەپ ئالدايدىغان باشقا ئەركەكلەرنىڭ يامان كۆزلىرىدىن ،يامان قىلىقلىرىدىن قوغدىمايدىغان، ھەتتا شىرىك پايدىلنىدىغان......
    ھەرقانداق يامان ئوي،سۆز-ھەركەتتىن ساقلىنىڭ،ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ نازارەت قىلىپ ،پەرىشتىلەرنىڭ خاتىرلەپ تۇرۇۋاتقانلىغىنى،ئەتراپىڭىزدىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ ھەتتا ئۆز ئەزالىرىڭىزنىڭمۇ قىيامەت كۈنى گۇۋاھچى بۇلىدىغانلىغىنى ئەسلەپ تۇرۇڭ.ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى رازى بولمايدىغان ئىشقا مەنمۇ رازى بولمايمەن.ئاللاھنى رازى قىلالمىغان،يولدىشىنى نارازى قىلغان ئايال قانداقمۇ نىجات تاپالىسۇن؟ۋە قانداقمۇ دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخىتلىك بۇلالىسۇن؟
    خىياللىرىڭىز چېچىلىپ،ئىرادىڭىز بوشۇشۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەرقانداق يامان ۋەسۋىسىگە،يامان تەسىرگە دەسلىۋىدىلا ئورۇن بەرمەڭ.ئەگەر خىيالىڭىز چېچېىلىپ كەتسە ئويلىماسلىققا،ئۇنتۇپ كىتىشكە،دەرھال دىققىتىڭىزنى باشقا ياققا بوراپ،ئورۇن يۆتكەپ،تاھارەت ئېلىش،ناماز ئۇقۇش،دۇئا قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلۇشقا تىرىشىڭ.شەيتان ئەگەشمىگەن ئادەمنى ئازدۇرالمايدۇ. لايغا پېتىپ قالماسلىقنىڭ چارىسى قەدەمنى باسماسلىق.
    كىتاب ئوقۇشتىن توختاپ قالماڭ .كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىقمۇ خالىغان بىلىملەرنى ئىگەللىگىلى،دونيادىكى داڭلىق ئالىملەردەك يتىشىپ چىققىلى بولىدۇ.كىتاب بىلىم بۇلىقى،بىلىم قەلىبنىڭ نۇرى،ئەقىلنىڭ چىرىغى دىمەكتۇر. لېۋ تولىستوي:‹‹ياخشى كىتاب ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئاچقۇچى››دىگەن.مەن سىزنىڭ كىتاپخۇمار ئادىتىڭىزدىن،ياخشى كىتاپلارنى تەكرار ئوقۇش روھىڭىزدىن تولىمۇ سۈيىنىمەن.سىز كىتاپ ئوقۇپ بەرسىڭىز باللىرىمىزمۇ ئۈگۈنىدۇ.
كىتاپ ئوقۇش بولسا سەۋىيەلىك ئادەم بولۇش،ساپالىق ئائىلە قۇرۇش، مەدەنىيەتلىك جەمىيەت بەرپا قىلىش،روناق تاپقان مىللەتكە ئايلىنىشنىڭ ئاساسى قۇرالى.
    سىز داۋاملىق مەن ياراملىق خۇتۇن،تۆھپىكار ئانا ،ئىخلاسمەن بەندە، ئۇلۇغ ئادەم بولىشىم كېرەك دەپ ئۈزىڭىزگە سۆزلەپ تورۇڭ. كۈندىلىك،ھەپتىلىك،ئايلىق،يىللىق،ئۆمۈرلۈك پىلانلارنى تۈزۈپ ھەر بىر ئىشنى ئامال بار ۋاقىتىدا ،جايىدا ئورۇنلاشقا تىرىشىڭ.
    بالىلىرىمىزنىڭ مەنىۋى ۋە مادىۋى تەرەپتىن تەڭ ئۇزۇقلىنىشىغا،ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە،ساپالىق تەربىيەلىنىشىگە بەك ئەھمىيەت بىرىڭ.ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى.ئائىلە بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى.بىنانىڭ مۇستەھكەملىگى ئۇل تېشىغا باغلىق بولغاندەك بالىلارنىڭ كەلگۈسى مۇۋەپپەقىيىتى كىچىكىدىن باشلاپ كۆڭۈل بۈلۈشىمىزگە باغلىق بولىدۇ.قايسى بىر ئۇستاز‹‹ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە تەربىيەلەيدىغان بالىسى بار تۇرۇپ سىرتلاردا ئىشلەپ يۇرىشى يا مەنىۋى يا ماددىۋى موھتاجلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ››دەپ بەك توغرا ئېيتقانكەن.مەن سىزدىن سىرتتا ئىشلەپ ئۆيگە بىرەر نەرسە ئېلىپ كىلىشىڭىزنىمۇ خالىمايمەن.ھەم سىزنى موھتاجمۇ قىلمايمەن.ئائىلىدە مىنىڭ نىشانىم ۋە مەسئۇلىيىتىم ھالال رىزىق ئارقىلىق سىز بىلەن بالىلارنى باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىىش،سىلەرگە ياخشى يىتەكچى بولۇش، سىلەرنى بۇدۇنيادا بەخىتلىك قىلىش ،ئۇ دۇنيادا دوزاخ ئۇتىدىن ساقلاپ قېلىش.سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز بارنى جايىدا ئىشلىتىپ ئۆينى ياخشى تۇتۇش،بالىلار بىلەن ماڭا يارەمچى بولۇش ئارقىلىق ئاللانى رازى قىلىش بولسۇن.ئاندىن بىز بەخىتلىك ئەر-ئايال،بەخىتلىك ئاتا-ئانا،بەخىتلىك كىشىلەردىن بولالايمىز.
    ئاخىرىدا دەيدىغىنىم :بىلىمەن سىزگە ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى.بالىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى سۇنۇق.ئۆيدىكى چوڭلارغىمۇ كۆپ جاپا بولدى.ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى،سائىتى بار. سىلەرنىڭ  سەبرى قىلىشىڭلارنى،توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ،ئۈمۈتۋارلىق بىلەن ساقلىشىڭلارنى،ئىشەنىچ بىلەن ياشىشىڭلارنى ئۆمۈت قىلىمەن!ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.بىز ئاللا خالىسا پات ئارىدا ئۇچرىشىمىز.مەن سىزدەك بىر ئىخلاسمەن، ۋاپادار، ئىسىل ئايالىمنىڭ بولغانلىغىدىن پەخرىلىنىمەن.
   خەيىر،سىزگە ۋە بالىلىرىمىزغا خاتىرجەملىك ھەم ئامانلىق تىلەپ،ئۆمۈرلۈك يولدىشىڭىز : <<ئاxxx>>
  2016-يىلى 31 -يانىۋار
uyghuray

0

تېما

17

دوست

6989

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   39.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2244
توردىكى ۋاقتى: 238
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 12:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rahmat.  ajringizga

0

تېما

7

دوست

2641

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 303
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 17:43:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ.ئىتقاتلىق كىشىنىڭ يازغان خېتى ئىكەن.

5

تېما

0

دوست

1878

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29403
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 18:12:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگىمۇ رەھمەت
uyghuray

5

تېما

0

دوست

1878

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29403
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 18:44:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار ياخشى بولسا بۈشۈكتىكى يىغلاۋاتقان بالىلارنى تەۋرىتىپ ئۇخلاتسا، ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلاپ قالغان ئەرلەرنىى ئويغۇتالايدۇ.

Uyghur.Biz

0

تېما

1

دوست

328

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12360
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 103
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 19:12:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر

5

تېما

0

دوست

1878

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29403
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-2 05:05:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟مەن بەزى تۆربەت ئىگىللىرى ۋەئۈندىدار سالۇن باشقۇرغۇچىللىرىنىڭ ماڭا يازغان  ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.ئۇلار مىنىڭ بەزى تىمىللىرىمنى  ئۆزلىرىنىڭ تور دۇنياسىدا تارقىتىشىنى ئۆمۈت قىپتۇ.مەن تامامەن قوشۇلىمەن ۋە ئۇلارغا چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرىمەن . يەنە نۇرغۇنلىرىنىڭ بەزى تىمىللىرىمنى مىنىڭ خەۋرىمىسىز تارقاتقانلىغىنىمۇ كۆردۇم ۋە ئاڭلىدىم... ئۇلارغىمۇ باشقىچە پىكرىم يوق.دىمەك مەن بارلىق تۆھپىكارلارغا رەھمەت ئېيتىمەن ھەم تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پايدىلنىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن.

11

تېما

2

دوست

2918

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28080
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 282
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-2 10:10:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بولۇپتۇ.بۇ بارلىق اياللارغا يېزىلىپتۇ لېكىن بەرنا يىگىتلەرمۇ بىلۋالسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )