قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1497|ئىنكاس: 6

موغۇل يازمىلىرى- يوقۇتۇپ قويۇش (مۇلاھىزىلىك ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

401

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   50.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11192
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-2 22:39:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قاچانلاردىن باشلاپ ئادەتلىنىپ قالدىمكىن، بىلمەيمەن. كەچلىرى ئىشتىن قايتىپ كېلىمەن يۇ،كېيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ كارۋىتىمغا چىقىپ يانپاشلىغىنىمچە تېلىۋىزۇر قاناللىرىنى يۆتكەشكە باشلايمەن. بىردەم ئۇ قانالنى، بىردەم بۇ قانالنى كۆرۈپ، بىرەر سائەت قانال زىيارىتى قىلىمەن، ھەممىنى بىرقۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، زادى قايسى قانالنى كۆرۈشۈم كىرەكلىكىنى مۇقىملاشتۇرالماي، يەنىلا ئاخىرى ئۆز تىلىمىزداسۆزلەيدىغان قاناللارنىڭ بىرىنى ئېچىپ، كۆرۈشكە باشلايمەن. بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويىچەئىشتىن كېلىپلا كارۋات ئۈستىگە يانپاشلاپ، قانال يۆتكەشكە باشلىدىم. نېمىشقىكىنمەن مۇشۇنداق كارۋات ئۈستىدە يانپاشلاپ يېتىشىمنى بىرخىل تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتىنى سۈرىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. چۈنكى ئادەتتە مەن مۇشۇنداق ھوزۇر سۈرىۋاتقان چاغلىرىمدا كۆپۈنچە ئايالىم ئالدىراپ تېنەپ ئىشتىن قايتىپ كېلىپ كېيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاشخانا ئۆيدە تاماق تەييارلاشنى باشلىۋەتكەن بولىدۇ.ئوتتۇرانچى ئوغلۇم بولسا ئېغىر سومكىسىنى يۈدۈپ دۈكچىيىپ كىرگىنىچە ياتاق ئۆيىدەتاپشۇرۇقلىرىنى ئالدىغا يېيىپ، بىر نىمىلەرنى يېزىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. بىردەمدىن كېيىن بولسا مەن تېلىۋىزورنىڭ ئويغۇرچە قانىلىغا كېلىپ توختىغان، ئايالىم ئىككىچىنە ئاشنى كۆتۈرگىنىچە داستىغان ئالدىغا كېلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. بەلكىم مېنىڭ يانپاشلاپ يېتىشنى  شاھانە ھوزۇر ھېسقىلىشىم باشقىلار تىنىمسىز جاپا چىكىۋاتقاندا ئۈزۈمنىڭ شۇنچىلىك ئىمتىيازغا ئىگەبولۇپ ئارام ئالالىغانلىقىمدىن كەلگەن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولسا كىرەك.
    ئەممابۈگۈن ئۆيگە قايتقان بىرىنچى كىشى  مەن ئىكەنمەن. ئايالىممۇ تېخى ئىش ئورنىدىن، ئوتتۇرانچى ئوغلۇممۇ تېخى مەكتىپىدىن قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. چوڭ ئوغلۇم بۇ يىل ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكەكەتكەندىن كېيىن، كىچىك ئوغلۇمنى يەسلىدىن ئېلىپ كېلىش ۋاختى قەرەللىك بولماي قېلىش ۋە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن باقىدىغانغا ئادەم يوق ئايالىمنىڭ كەچلىك تاماقنى ئېتەلمەسلىك سەۋەبىدىن قېينى ئاناملار «بولدى، سىلە قىينىلىپ قالغۇدەكسىلە،كىچىكىنى بىز ئېلىپ كېتىپ بېقىپ بىرەيلى» دەپ ئېلىپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان بىزدىكى دائىملىق ئائىلە ئەزالىرى پەقەت شۇ ئۈچىمىز بوپ قالغان ئىدۇق. ئۆيگەكىرگىنىمگە خېلى بوپقالغان بولسىمۇ، بۈگۈن نېمە بولدىكىن ھېلىقى ئىككى ئەزا تېخىغىچەقايتىپ كەلمەيۋاتاتتى.    قاناللارنى يۆتكەش پائالىيىتىممۇ ئاخىرلىشىپ بولدى، ئەممائۇلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. «نېمە بولغاندۇ ئۇلارغا؟ تېلىفۇن قىلىپ باقايچۇ »دەپ ئويلاپ تېلىفۇننى قولۇمغا ئېلىشىمغا خۇددى مېنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا تېلىفۇن تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، تېلىفۇننى قولۇمغا ئېلىپ قارىسام تېلىفۇن ئىكرانىداكۆرۈنگىنى ئايالىمنىڭ ئەمەس بەلكى ناتونۇش بىر تېلىفۇن نومۇرى ئىدى. « كىمدۇ بۇ؟»دەپ ئويلىدىم ۋە دەرھال تېلىفۇننىڭ ئۇلىنىش كۇنۇپكىسىنى باستىم.
---ۋەي، ۋەي،دادامما؟- تېلىفۇندىن چىقىۋاتقان ئاۋازدىن چوڭ ئوغلۇمدەك بىرخىل تۇيغۇ پەيدابولغان بولسىمۇ، ئەمما چوڭ ئوغلۇم شۇ ئىكەنلىكىگە تولۇق جەزىم قىلالمىدىم. چۈنكى بىرىنچىدىن تېلىفۇن ئۇرۇلغان نومۇر ئوغلۇمنىڭ تېلەفۇن نومۇرى ئەمەس ئىدى،ئىككىنچىدىن ئوغلۇم ئادەتتە بۇرۇنقى چاغلاردا ئۈزىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، تېلىفۇن ئۇرۇش جەھەتتىكى ئەدەپ- قائىدىلەرگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرەتتى. ئادەتتە تېلىفۇندائالدى بىلەن ئەنئەنىۋى قائىدىمىز بويىچە « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دادا، قانداق ئەھۋالىڭىز، ئانام ۋە ئىنىلىرىم ھەممىڭلار تېچلىقمۇ؟» دىگەندەك ئەھۋال سوراش سۆزى بىلەن باشلاپ، ئاندىن ئۆز ئەھۋالى ۋە باشقا جەھەتلەردىن سۆز ئاچاتتى. شۇڭا بۇئىككى خىل ئەھۋالنىڭ تەڭ يۈز بىرىشىدىنمىكىن، ئۇنىڭدىن سوراشقا توغرا كەلدى:
--- ھە، ئېھسانجانمۇسىز؟
---ھەئە، دادا، مەنشۇ ئوغلىڭىز، تونىيالمايۋاتامسىز؟ ھاھ ھاھ ھا...
---شۇنداق، بالام تونىيالمايۋاتىمەن، نىمانداق ناتونۇش نومۇردا تېلىفۇن قىلىپ قاپسىزغۇ؟
---شۇ، شۇ، قاراڭ دادا، تېلىفۇنۇمنى يوقۇتۇپ قويدۇم، شۇڭا...
ئوغلۇم بىرخىل خىجىللىق ئىچىدە تەمتىرىگىنىچە جاۋاپ بەردى.
--- شۇنداقمۇ؟ نەدە؟نېم بولۇپ يوقىتىپ قويدىڭىز؟
شۇنداق قىلىپ ئوغلۇم بىر ھازا ئوڭايسىزلانغان ھالدا تېلىفۇننى يوقۇتۇپ قويۇش جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ كەتتى.
--- بوپتۇ بالام، كۆڭلىىزنى يېرىم قىلماڭ، مەن كېلەر ھەپتە ئىش ھەققىمنى ئېلىپ مۇۋاپىقراق تېلىفۇندىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئۇقۇتقۇچىڭىزغا ئەۋەتىپ بىرەمەن،- دىدىم ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرىپ. ئۇنىڭدىن باشقا نېمىمۇ دەيتتىم. چۈنكى ئوغلۇمنىڭ تېلىفۇن ئويناش ئادىتى ئۇنى تېلىفۇندىن ئايرىلالماس قىلىپ قويغانلىقىنى بىلەتتىم.
--- ماقۇل دادا، ئەمىسە خوش، كەچلىك مۇزاكىرىگە كىرىدىغان ۋاخ بوپقاپتۇ،- دىدى ئوغلۇم، ئۇ كۆڭلى خاتىرجەم بولمىغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك ئانىسى ۋە ئىنىلىرىغاسالام ئېيتىشنىمۇ ئۇنتۇپ، تېلىفۇننى قويىۋەتتى.
تېلىفۇننىڭ ئۈزۈلىشى بىلەن ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى تەڭلا كەلدى. قارىسام ئىشىكتىن ئايالىم بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغلۇم كىرىۋېتىپتۇ.
---ۋاي كېلىشسىلە،ئەزىز مېھمانلا، ئالدىلىرىغا چىقالماي قاپتىمەن،- دىدىم ئۇلارنىڭ بۈگۈن كەچ كەلگەنلىكىگە كۆڭلۈمدىكى نارازىلىقىمنى ئىپادىلەش مەخسىتىدە تەنە قىلغان ئاساستا.
---ۋاي، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك ئادەمگە نەشتەر سانچىغاندەك گەپ قىلماڭلا، - دىدى ئايالىم قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرغان ئاساستا. ھەر كۈنى مېنى كۆرۈپلا ئەركىلەپ يۈگۈرۈپ كېلىپ بوينۇمغا ئېسىلىدىغان ئوغلۇممى، قىزىرىپ ئېسىلگىنىچە يەرگە قاراپ تۇراتتى.
---ۋاي نىمەبولدۇڭلا، ئىككىلەڭلا باشقىچە بولۇپ كىرىپسىلەغۇ بۈگۈن؟
ئايالىم گەپمۇقىلماي، ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كىيىم ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى.
--- كېلىڭە ئوغلۇم،سىزگە نېمە بولدى؟- دىدىم مەن ئوغلۇمغا قاراپ.
ئۇ گەپمۇ قىلماي بېشىنى تۈۋەن سالغىنىچە مەن تەرەپكە كېلىشكە باشلىدى. ئۇ چاققىچە كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ چىققان ئايالىم ئەرۋاھى ئۇچقان ھالەتتە گەپ باشلىدى:
---ۋاي نىمە بولاتتى،مەن كىملىكىمنى يوقۇتۇپ قويدۇم. ئىزدەپ، ئىزدەپ ساراڭ بولايلا دىدىم. ئەمما ھېچيەردىن تاپالمىدىم.
---نېمە؟كىملىكىڭلىنى يوقۇتۇپ قويۇپ تاپالمىدىڭلىما؟
بىردە چاخچاققا،بىردە تەنىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تەلەپپۇزدا ئاغزىمدىن چىققان بۇ گەپتىن ئايالىم تېخىمۇ چىچاڭشىپ كەتتى.
---ھەئە، توغرادىدىڭلا، كىملىكىمنى، كىم ئىكەنلىكىمنى يوقۇتۇپ قويدۇم.
ئايالىمنىڭ بۇ گېپىخېلىلا ۋەزنى باردەك قىلاتتى. شۇ ھامان تۇرۇپلا يا كۈلۈشنى يا گەپ قىلىشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم.
---ھە، نېمە بولۇپ يوقىتىپ قويدۇڭلا كىملىكىڭلارنى؟نەدە يوقۇتۇپ قويدۇڭلا؟
---نەدە يوقۇتۇپ قويغانلىقىمنى بىلسەمغۇ شۇ يەردىن تاپاتتىم، شۇ سىلى تاپشۇرغان «ۋەزىپىلەر»نى ئىجرا قىلىۋاتقاندا قولۇمدا بار ئىدى. كېيىن قارىسام يوق تۇرىدۇ. نەدە يوقۇتۇپ قويغانلىقىمنى بىلەلمىدىم. ئىزدىگىلى تۇرغىلى 2 سائەتتىن ئاشتى، ئاخىرى  تاپالماي قايتىپ كەلدىم.
ئايالىمنىڭ«ۋەزىپىلەر» دىگىنى مەن ئەتىگەن ئۇنىڭغا ئانامنىڭ ئالدىنقى ھەپتە دوختۇرخانىدايېتىپ داۋالىنىپ قايتقان چاغدىكى ھىساۋاتىنى قىلىش بىلەن بىرگە كېسەللىك تارىخىنى كۆپەيتىپ ئېلىپ كىلىشنى ۋە ئاشقان پۇلنى ئانامنىڭ بانكا كارتىسىغا قويىۋىتىشنى بۇيرىغانلىقىمنى كۆرسىتەتتى.
---شۇنچىلىك ئىشلارنى قىلالماي كىملىكىڭلارنى يوقۇتۇپ كىرىپسىلە دە.
---ھەئە، مەن شۇنداق كالۋا ئوخشايمەن،- ئايالىم شۇنداق دىگىنىچە غۇدىراپ ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدى.
---ھە، ئوغلۇم سىزچۇ؟نىمب ولدى سىزگە؟
---كىملىكىمنى تاپالماي ئاچچىقىمدا يېرىلغۇدەك بولۇپ كېلىۋاتسام يولدا، بۇ يىغلاپ ئولتۇرىدۇ.نېمە بولدىكىن دىسەم مەكتەپتىن يېنىپ يولدا كېلىۋېتىپ كەپسىز بالىلار بىلەن تاش سوقماق ئوينايمەن دەپ سومكىسىنى يولنىڭ چېتىدە قويۇپ قويۇپ ئويناپتۇ، كېيىن قارىساسومكىسى يوقمىش، سومكىسىدىكى بارلىق كىتاپ- دەپتەر، قەلەم- جابدۇقلىرىنى بىراقلايوقۇتۇپ قويۇپتۇ. تاپالماي يىغلاپ ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە مەن كەپتىمەن.
---نىمە؟ بۇمۇ ھەممەنەرسىسىنى يوقۇتۇپ قويۇپتىما؟- شۇنداق دىدىميۇ، ئۇنىڭغا نېمە دىيىشنى بىلەلمەيتۇرۇپلا قالدىم. ئۇ مىشىلداپ يىغلىغىنىچە ئالدىمدا تۇراتتى.
---ھەئە، بۇمۇ مەن تۇققان بالا بولغاندىكىن مەن بىلەن تەڭلا نەرسىلىرىنى يوقۇتۇپ قويمىسا بولامدىغان.ئايالىم شۇنداق دىگۈنىچە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.
--- راست دىدىڭلازادى، ئاۋۇ ئىچكىرىدىكى چوڭىمۇ سىلە تۇققان بالا بولغاندىكىن ئۇمۇ بۈگۈن تېلىفۇنىنى يوقۇتۇپ قويۇپتۇ، دىدىم مەن قاتتىقراق ئاۋازدا.
---نېمە، ئېھسانجانمۇيوقۇتۇپ قويۇپتىما؟-دىدى ئايالىم ھەيرانلىق ئارىلاشقان تەئەددىلىك ئاۋازدا.
---ھەئە، شۇنداق قىپتۇ، تېخى ھېلىلا باشقا بىر تېلىفۇندا تېلىفۇن قىلىپ شۇنداق دەيدۇ.
--- توۋا مائىشنى...
ئايالىم يانانېمىلەرنىدۇر دەۋاتاتتى، ئۇشتۇمتۇت سايرىغان تېلىفۇنۇمنىڭ ئاۋازى ئۇنى ئۈزۈپ قويدى. تېلىفۇننى قولۇمغا ئېلىپ قارىسام قېينى ئانامنىڭ تېلىفۇن نومۇرى ئىكەن.
---ماۋۇ تېلىفۇننى ئېلىڭلا، قېينى ئانامكەن، دەپ تېلىفۇننى ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكىگە ئەكىلىپ ئايالىمغا تەڭلىدىم. ئۇ تېلىفۇننى قولىغا ئېلىپ، ئىش قىلغاچ پاراڭلىشاي دەپ ئويلىدى بولغاي، ئاۋال ئۇلىنىش كۇنۇپكىسىنى، ئاندىن سىرىتقى ئاۋاز ئارقىلىق سۆزلىشىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويدى.
---داد..داد..داددا،ھې..ھې-داد..داد..داددا
تېلىفۇندىن چىقىۋاتقان ئاۋازدىن ئۇنىڭ كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، مەنمۇئاشخانا ئۆيگە كىردىم.
---ۋۇتان، ۋۇتان،ئوغلۇم، قۇزام...
ئايالىمنىڭ ئەركىلىتىشلىرىدىن كىچىك ئوغلۇمنىڭ يىغا ئاۋازى سەل پەسلىدىيۇ، يەنە ئۈزى بىلگەن تىل بىلەن يىغا ئارىلاش گۇكىلداپ كەتتى.
---داد..داد..داددا،ھې..ھې-داد..داد..داددا...
---ۋاي بالام، ۋاي قوزام،دادىڭىزنى سېغىندىڭىزما؟ دادىڭىز يېنىڭىزدا يوق تۇرامدا؟ ...
ئوغلۇم، شۇ ھامان تېخىمۇ ھېقىقداپ يىغلاپ كەتتى.ئوغلۇمنى پەس بولارمىكىن دەپ مەنمۇ گەپ قىلىپ باقتىم، ئەمما ئۇ ھېچ توختىمىدى.
---يىغلىماڭ،يىغلىماڭ بالام، مانا، مانا، مانا، داددا بار بالام،- قېينى ئانام شۇنداق دەپ بىردەم بەزلىگەندىن كېيىن، سەل پەسلىگەندەك بولغاندا گەپ باشلىدى؛
----بالام ھەممىڭلا تېچلىقمۇ؟ بۇ بالا تۈنۈگۈندىن بۇيان ھە دەپ «داددا، داددا» دەپلا يىغلايدىغان بولىۋالدى، پەقەت پەسلىتەلمەي شۇڭا تېلىفۇندىمۇ بولسا ئاۋازىنى ئاڭلىسا پەسلەمىكىن دەپ تېلىفۇن ئۇرغان.
---ئانا، ساڭىمۇ جاپاسالدۇق، بىز ئەتە بارايلى، بۈگۈن بىر ئامال قىلىپ گولداپ تۇرغىنە، بۈگۈن پەقەتلامىجەزىم يوق تۇرىدۇ،- دىدى ئايالىم قېينى ئانامغا.
---ھېچقىسى يوق بالام، سەل تۇرۇپ يەنە پەس بوپ قالىدۇ، ئىشىڭلا بىلەن بولىۋىرىڭلا، ئاللاھقائامانەت،- دىدى قېينى ئانام ۋە تېلىفۇننى قويىۋەتتى.
---يائاللا، ئەمدى بۇكىچىكى نېمىسىنى يوقۇتۇپ قويغاندۇ؟ بۇنىڭ كۆڭلى تېخى بىزنىڭكىدىنمۇ يېرىم يا؟-دىدى ئايالىم.- بۈگۈن بىر نەرسىسىنى يوقۇتۇپ قويمىغان ئائىلە بويىچە پەقەت سىلىلاقاپسىلىمۇ دەيمە دادىسى،- دىدى ئۇلاپلا.
---شۇنداقمۇ؟- دىدىم ئۇنىڭغا، بۈگۈن بىردەمنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى ئويلىغاچ، يەنە ئاستاچىقىپ كارۋىتىم ئۈستىگە ئېغنىدىم. كاللامدا بولسا بۈگۈنكى يوقۇتۇپ قويۇش ۋەقەلىرىنىڭ جەريانلىرى ئەكس ئېتىۋاتاتتى.
  «يوقۇتۇپ قويۇش»- بۇبىر ھادىسسە، ئۇ ئوخشىمىغان ماكان ۋە ئوخشىمىغان زاماندا، ئوخشىمىغان سەۋەپلەربىلەن يۈز بىرىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ كىشى قەلبىدىكى جاراھىتى ۋە ئېلىپ كەلگەن زىيان ئاقىۋىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى يوقۇتۇپ قويۇشلار بولىدۇ، ئۇنى كېيىن مەلۇم بەدەللەر ئارقىلىق تولۇقلاپ قايتا ئېرىشكىلى بولىدۇ. يەنە بەزىلىرىنىچۇ؟؟؟
   ئوغلۇم تېلىفۇنىنى يوقۇتۇپ قويدى، تېلىفۇننىغۇ مەن بىر ئامال قىلىپ يېڭىدىن ئېلىپ تولۇقلاپ يەتكۈزۈپ بىرەرمەن، ئاپلا، راست ئۇنىڭ ئىچىدىكى كارتا مۇشۇ جايدا ئۇنىڭ كىملىكى بىلەن بىجىرىلگەن كارتا ئىدى، ئۇنى تولۇقلاپ بىجىرىش ئۈچۈن چوقۇم يەنە مۇ شۇ جايغائۆزى كېلىپ، تېلىگىراف شىركىتىگە كىرىپ كىملىكىنى كۆرسىتىپ بىجىرىشكە توغراكېلىدۇ، ئەمما، ئۇ يەنە يېرىم يىلغىچە مەكتەپتىن بۇ جايغا قايتىپ كىلەلمەيدىغان تۇرسا. ئۇ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىن باشقا كارتا بىجىرىپ ئىشلەتسۇنمۇ دەيلى، ئەممائۇنىڭ ئاشۇ نومۇرى ئۇرۇق- تۇققان، ساۋاقداش، ئەل- ئاغىنىلىرىنىڭ ھەممىسىگەتونۇشلۇق ئىدى. ئۇلار ئالاقىلىشىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ كارتىسىنىڭ مۇلازىمەتتىن توختىتىلغانلىقىنى بىلىپ، كۆڭلى يېرىم بولماسمۇ؟ تېخى يەنە بىر گەپ، 20دىن ئارتۇق تېلىفۇن نومۇرىنى يادا بىلىدىغان كىشىنى تېپىش تەس بولىۋاتقان مۇشۇنداق زاماندا،ئوغلۇمنىڭ يوقالغان تېلىفۇنىنىڭ تېلىفۇن خاتىرىسىگە كىرگۈزىۋالغان 300نەچچەكىشىنىڭ تېلفۇن نومىرىنى قايتا تېپىپ بولۇش مۇمكىنمۇ؟؟؟ مانا بۇلار تولۇق ئەسلىگەكەلمەيدىغان ۋە نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدىغان جەرياندۇر.
   ئايالىم– كىملىكىنى يوقۇتۇپ قويدى. توغرا، ئۇنى ج خ ئورۇنلىرىغا قايتا تولۇقلاش ئىلتىماسى سۇنۇش ئارقىلىق تولۇقلاپ ئېلىۋالسا بولىدۇ. لېكىن تولۇقلاپ ئېلىپ بولۇش ئۈچۈن ئازبولغاندا بىرەر ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. مۇقىملىق تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىللەردە بىرەر ئاي ئىچىدە ئىش بىجىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلمەمدۇ؟ھازىر ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى قايسى ئورگانغا ئىش بىجىرىش ئۈچۈن كىرمەكچى بولسا،چوقۇم كىملىك بولمىسا ھەرقانچە تونۇش ئادەملەر بولغان ھالەتتىمۇ كىرىش مۇمكىن ئەمەس تۇرسا. مانا بۇ ۋاقىت ئىچىدىكى قايتا تېپىۋالغىلى بولمايدىغان يوقۇتۇپ قويۇش ئەمەسمۇ؟ تېخى يېڭىدىن تولۇقلاپ بىجىرىۋېلىش بىلەنلا ئىش پۈتەمدۇ؟ يۇقالغان ئەسلىكىملىك بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسىچۇ؟ ئاخىرقى ئاۋارىچىلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. مانا بۇ جەھەتتىكى خاتىرجەمسىزلىك- قايتاتېپىۋالغىلى بولمايدىغان يوقۇتۇپ قويۇشنىڭ يەنە بىر تەرىپى.
    ئوتتۇرانچى ئوغلۇم سومكىسىدىكى بارلىق كىتاپ ۋە ئوقۇش قۇراللىرىنى يوقۇتۇپ قويدى. دەپتەر-قەلەملەرنىغۇ تولۇقلاپ بازاردىن ئېلىپ بىرەرمەن. ئەمما، دەرسلىك كىتاپلار ھازىرمەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا پەقەت بىريۈرۈشتىنلا پىلانلىق ھالدا تەمىنلىنىدىغان تۇرسا، ئۇنى يەنە بىر يۈرۈش تېپىش مۇمكىن بولماي قېلىشى مۇمكىن. كىتاپ دىمەك قۇرال دىمەكتۇر، قۇرالسىز جەڭگە كىرگەن جەڭچى غەلبىنى قولغا كەلتۈرىشى مۇمكىنمۇ؟؟ كىتاپ يوق بولدى، ئوغلۇمنىڭ روھى سۇندى،سۇنغان روھتا ئۈمۈت قۇياشىنىڭ نۇر چېچىشى قانچىلىك؟؟ مانا بۇمۇ قايتا تېپىۋېلىش قىيىن بولغان يوقۇتۇپ قويۇشتۇر.
    كىچىك ئوغلۇمچۇ؟ ئۇمۇ يوقۇتۇپ قويدى. نېمىنى؟ كۈندە ھېدلاشقا تېگىشلىك دادا مېھرىنى.ۋاقىت ئۆتىدۇ، ئۇ ئەسلى ھەركۈنى ئېرىشىشكە تېگىشلىك دادا مېھرىگە تويۇنالمىسا، ئۇچوڭ بولۇپ قايتىپ كەلگەندە مۇشۇنداق سەبىي چاغلىرىدا يوقۇتۇپ قويغان دادا مىھرىگەتويۇنالارمۇ؟ دادا مىھرىگە قېنىپ، دادىنىڭ غەيۇرانە روھىدىن ئۆرنەك ئېلىپ چوڭ بولمىغان ئەركەكتىكى ئەركەكلەرچە روھ قانچىلىك يېتىلەر؟؟ مانا بۇمۇ تولۇقلاپ تېپىۋالغىلى بولمايدىغان يوقۇتۇش ئىكەن.
---خىياللارغا چۆكۈپ كېتىپسىلەغۇ؟ خۇددى سىلىمۇ بىر نەرسەڭلانى يوقۇتۇپ قويغاندەك،- ئايالىمنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم ۋە ئۇنىڭ قولىدىكى بىر چىنە سۇيۇقئاشنى ئېلىپ ئالدىمغا قويغانچە يەنە يالتلا بىر خىيال كاللامدىن كەچتى.
   «يوقۇتۇپ قويۇش؟؟؟- مەن راستىنلا ھېچنىمەمنى يوقۇتۇپ قويمىدىمما؟ - ياق، مەن يوقۇتۇپ قويۇپتىمەن، مەن ئۈزەممۇ سەزمىگەن ھالدا يوۇقۇتۇپ قويۇپتىمەن، ئەسلى مەندىكى يوقۇتۇپ قويۇش- ئۆز ئائىلەمدىكى ھەربىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ يوقۇتۇپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەن. ئەسلى مېنىڭ خىزمىتىممۇ ئانچە ئالدىراش ئەمەس، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئائىلەمنىڭ بىر قىسىم يۈكلىرىنى كۈتىرىدىغان ئىشنى ئۈزەم قىلىشتىن باش تارتىپ كەپتىمەن. بۇ قېتىمقى ئىشلارنى مىسالغا ئالساق، ئەسلى ئانامنىڭ دوختۇرخانا ھىساۋاتىنى قىلىش ۋە ئارخىۋىنى ئېلىش ئىشلىرىنى ئۈزەم بېرىپ قىلغان بولسام، بەلكىم ئايالىمنىڭ كىملىكىنىڭ يوقاپ كېتىشىدەك ئەھۋال يۈز بەرمىگەن بولاتتى. (چۈنكى ئايالىم 3 بالىنىڭ ھەممىسىنى ئوپىراتسىيە ئارقىلىق تۇققان بولغاچقا، تەكرار ناركوزنىڭ تەسىرىدىن بولسا كىرەك، ئۇنتۇلغاق بوپقالغانلىقى ماڭائايان ئىدى). بالدۇرلا ئىشتىن چۈشكەن تۇرۇغلۇق، ئەسلى باشقا دادىلارغا ئوخشاش مەكتەپ ئالدىغا بېرىپ ئوغلۇمنى ئۈزەم ئېلىپ قايتقان بولسام، بەلكىم ئۇنىڭ يوقۇتۇپ قويۇشلىرى يۈز بەرمىگەن بولاتتى. كىچىك ئوغلۇمنىڭچۇ؟ ئەسلى ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئۇنى يەسلىدىن ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئانىسى تاماق ئەتكۈچە ئارىلىقتا ئۇنى بېقىشقا يارىدەملەشكەن بولسام، ئۇنى قېينى ئاناملارنىڭ بېقىپ بىرىشىگەئاپىرىۋىتىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق ئىدى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ سەبى چاغلىرىدىكى يوقۇتۇپ قويۇشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى. چوڭ ئۇغلۇمنىڭچۇ؟ ئەسلىدە ئۇنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ئوقۇش، ئۇنى باشتىن تارتىپلا تېلىفۇن مەستانىسى بولۇشتىن توسۇپ، توغرايولغا يىتەكلەپ ئادەتلەندۈرگەن بولسام، ئۇنىڭ تېلىفۇننى زۆرۈر بولغاندا قەرەللىك ئىشلىتىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگىلى بولاتتىدە، بۈگۈنكىدەك يوقۇتۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.
   خىياللىرىم شۇ يەرگە كەلگەندە، كاللام ۋاللىدە ئېچىلغاندەك، بارلىق مەسىلەلەرنىڭ تۈگۈنى يىشىلگەندەك بولدى دە، يېنىمدا ئولتۇرۇپ ئاشقا قوشۇق سېلىپ بىرىۋاتقان ئايالىمنىڭ قولىنى ئاستا تۇتتۇم؛
    « خوتۇن، ئەسلىكىملىكىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشى ئەسلى سىلە ئەمەس مەن ئىكەنمەن. راست، مەن ئۈزەمنىڭ كىملىكىمنى يوقۇتۇپ قويۇپتىمەن، مەن ئەسلى دادا، بۇ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ئىدىم،ئەسلى ئېغىر يۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى مەن پىداكارلىق بىلەن كۆتۈرۈشۈم كېرەك ئىدى.بۈگۈن ئائىلىمىز ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىدە يۈز بەرگەن يوقۇتۇپ قويۇشلارنىڭ مەنبەسى-دەل مەندىكى كىملىكىنى يوقۇتۇپ قويۇش ئىكەن....»

(تۈگىدى) مەنبە: قەلىمىم.      2016- يىلى 2- فېۋرال.

uyghuray

2

تېما

17

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3764
توردىكى ۋاقتى: 412
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 11:47:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت . ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار يازما ئىكەن .

مەن سىزنىڭ ھىكايىڭىزدكى ئاۋۇ دادىدىنمۇ ئۆتە ئادەم ئىدىم .

2

تېما

23

دوست

6367

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1981
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 14:43:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە تەشەككۇرلەر بولسۇن ! تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولغان ئىسىل يازمىدىن بىرنى سۇنغىنىڭىزغا ! ھارمىغايسىز ،،

0

تېما

0

دوست

90

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54536
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 16:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ بۇ ئەسەر.نۇرغۇن ئائىللەردىكى ئورتاق ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر جانلىق ئەكىس ئەتتۈرلۈپتۇ. قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

430

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32514
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 00:09:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ  ئەسەر، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر ئىكەن ، رەھمەت سىزگە.

2

تېما

0

دوست

367

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53228
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 12:29:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا مۇشۇنداق تونۇشقا كېلىدىغان ئەرلەرمۇ باركەن ھە. مەن بۇنى ھىكايە ئەمەس ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى دەپ چۈشەندىم، شۇنداقمۇ تېما ئىگىسى؟

2

تېما

0

دوست

367

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53228
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 12:36:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ھەممىسى مانا سىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق تونۇشقا كەلگەن بولسا، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلغان بولسا،  ئەھۋالىمىز باشقىچە بولغان بولاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )