قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 7096|ئىنكاس: 35
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىتالىيەدەئوقۇۋاتقان بىر ئاسپىرانتنىڭ ياپۇنىيەدە كۆرگەنلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

312

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54292
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-12
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 19:20:25 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئابدۇۋەلى ئىسكەندەر

2016-يىل يانۋار. كامېرىنو، ئىتالىيە



   ئىتالىيەگە كېلىپ فىزىكا كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇۋاتقىلى ھەش پەش دېگۈچە ئىككى يىل بوپقاپتۇ. بۇ جەرياندا ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ۋە ئىتالىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ساياھەتكە بارغان بولساممۇ بۇ ھەقتە بىرەر ساياھەت خاتىرىسى ياكى ئۆگۈنۈش ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا يېزىپ باقمىغانىدىم. بۇ قېتىم ياپونىيەگە ئاكامنى ۋە ئاپامنى يوقلىغاچ 13 كۈنلۈك ساياھەتكە بېرىپ كەلدىم. راست گەپنى قىلسام قولۇمغا رەسمى قەلەم ئېلىپ ئۆز ئانا تىلىمدا ئەدەبىيات كاتىگورىيىسىگە تەۋە بىرەر نەرسە يېزىپ باقمىغىلى ساق 7 يىل بوپتۇ. گەرچە يېزىقچىلىقتىكى بۇ قەلىمىم گاللىشىپ ئۆتمەس بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ياپونىيەدىكى كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم ۋە ھەرخىل ئوي خىياللىرىم مېنى ئۆزۈمگە جەڭ ئېلان قىلىپ قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى.
    مېنىڭ ئاكام ياپونىيەدە بىئولوگىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتاتتى. ئاپاممۇ بىر ياشتىن ئاشقان نەۋرىسىگە قاراپ بېرىش سەۋەپلىك ياپونىيەدە تۇرىۋاتقىلى 2 ئايدىن ئاشقانىدى. ئۇزۇندىن بېرى ئاكام ياپونغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىمنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىتالىيەدىكى ئۆگۈنۈشلۈرۈم ئالدىراش بولغان سەۋەپلىك ئانچە ئېرەن قىلماي كەلگەنىدىم. لېكىن ئالدىمىزدا كېلىدىغان 15 كۈنلۈك بايراملىق ھاردۇق ۋاقتى (روجرېستوۋا بايرىمى ۋە باشقا بايراملار قوشۇلۇپ) مېنى غىدىقلاپ ياپونىيەگە بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە كۈشكۈرتتى.
    مەن ئاكامغا جىددى ۋىزا ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان تەكلىپ خېتى دېگەنگە ئوخشاش ماتېرياللارنى ئەۋەتىپ بېرىشنى ئېيتتىم، ئاكام 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ماتىرياللارنى پوچتىدىن سېلىۋەتتى. 24-چېسلادىن 1-ئاينىڭ 10-غىچە بايرملىق ھاردۇق ۋاقتى ئىدى ، مېنىڭ مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدىلا بېرىپ كېلىش ئىمكانىيىتىم بار ، بايرامدىن كېيىن ئالدىراش ئ‍ۆگۈنۈش قاينىمىغا غەرق بولۇشۇم كېرەك ئىدى. خەت كۈتكەن ۋاقىتتا كەلمىدى، شۇنداق بولىشىغا قارىماي 24-چېسلا سەھەردىلا تەۋەككۈل دەپ ئۆزۈمدە بار بولغان ۋە مەكتەپتىن چىقارتقان ماتېرياللارنى ئېلىپ رىمدىكى ياپونىيە كونسولخانىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. بىزنىڭ مەكتەپتىن رىمغا بېرىش ئ‍ۈچۈن 4سائەت كېتەتتى، مەن بولبويى قولۇمدىكى ماتېرياللار بىلەنلا ۋىزامنىڭ ھەل بوپ قېلىشىنى تىلەپ ماڭدىم، چۈنكى كونسولخانا ماڭا چوقۇم پوچتىدا كېلىۋاتقان ئورگىنال ماتېرياللارنى تاپشۇرۇشۇمنى ئېنىق ئېيتقانىدى، قولۇمدا بولسا ئۇ ماتېرياللارنىڭ ئورگىنالى ئەمەس بەلكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىلا بار ئىدى.
    ياپۇن كونسولخانىسىغا سەل ھوددۇقۇش ئىچىدە كىرىپ كەلدىم ۋە ماتېرياللارنى تاپشۇردۇم، مۇلازىمەتچى خادىم ياپۇنلۇق ئىدى، ئۇ ماتېرياللارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئورگىنال نۇسخىسى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ نېمىشقا ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ كەلمىگىنلىكىمنى سوراپ مېنى ياندۇرىۋەتكىلى تاس قالدى، مەن ئۇ ماتېرياللارنىڭ يولدا كېلىۋاتقىنىنى، ئەگەر ئۇنى ساقلىسام بايراملىق ھاردۇق ۋاقتىم ئۆتۈپ كېتىپ ياپۇنغا بارالمايدىغانلىقىمنى چۈشەندۈردۇم .مەن خۇددى دادىسىدىن ئويناپ كېلىشكە رۇخسەت سوراۋاتقان كىچىك بالىدەك چىرايىمنى  بىچارە قىلىپ تۇراتتىم. ئۇ مېنىڭ ئۈستى بېشىمغا بىرقۇر قارىۋېتىپ ماتېرىياللارنى ئېلىپ قالدى ۋە چۈشتىن كېيىن كېلىشىمنى ئېيتتى. ئىچىمدە قاتتىق ھاياجان ۋە ئەندىكە بولغاچقا دېيىلگەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بالدۇرلا كۆزنەكنىڭ ئالدىغا بېرپ ئولتۇردۇم. يېنىمدا بىر ياپۇنلۇق بالا (چىرايىدىن ئوقۇغۇچى) ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ خۇددى قىز بالىلاردەكلا ئولتۇراتتى. كىيىنىشلىرى شۇنچىلىك ئاددى ئەمما پاكىز ئىدى، ئايىقىغا قارىسام بىز پەقەت ئالى مەكتەپكە كىرىپ ھەربىي مەشىق قىلغان چاغدىلا كىيىدىغان يېشىل رەڭلىك ئەسكەر ئايىقى (چۇخەي) تۇراتتى.  ياپۇنلۇقلارغا بولغان تۇنجى تەسىرىم ئۇلار قارىماققا ئاددى ساددا، ھەشەمدىن خالى، تىجەشلىك ۋە ئەدەپلىك تۇراتتى. بۇنداق ئاياقلارنى بىزنىڭ زامانىمىزدىكى ياشلار ئېتىۋەتسىمۇ سىرتلاردا كىيىپ يۈرمەيتتى ياكى كەيگەنلەرنى مازاق قىلاتتى. خىياللار دېڭىزىدا ئۈزىۋاتسام تۇيۇقسىز ئىسمىم چاقىرىلدى، مەن دىككىدە قوپۇپ كۆزنەكنىڭ ئالدىغا كەلدىم، مۇلازىمەتچى خادىم ماڭا ۋىزا چاپلانغان پاسپورتۇمنى ئۇزاتتى. شۇ دەقىقىدە پاسپورتنى قولۇمغا ئېلىپ خۇشالچىلىقىمدا ھېلىقى ياپۇنلۇقنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتكىلى تاس قالدىميۇ ئۆزۇمنى تۇتىۋالدىم، ئۇ خادىمغا رەھمەتنىڭ چوڭىنى ئېيتىپ تالاغا چىقىپلا قاتتىق ۋاقىرىۋەتتىم ۋە يولبويى ئېگىز پەس ناخشا توۋلاپ رىم پويىز ئىستانسسىغا قايتتىم.
    مەن رىمغا مەكتەپ سومكامنى ئېسىپلا، ئىچىگە ئېھتىياتتىن، بىرەر كېچە قونۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىر قۇردىن ئارتۇق كىيىم سېلىۋېلىپلا كەلگەنىدىم. ئەمدى مەكتەپكە قايتىپ سومكامنى تولدۇرۇپ، ئاكىلىرىمغا بىرەر سوۋغاتلىق سېتىۋېلىپ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ قايتا رىمغا كېلىش ئاۋارچىلىق تۇيۇلدى ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا تېلفۇنۇمدىن رىمدىن توكيوغا باردىغان بېلەتنى تەكشۈردۈم. تەلىيىمگە يەنە 4 سائەتتىن كېيىن ماڭىدىغان، بېرىپ كېلىشى 4000 يۈەنلىك ئەرزان بېلەت ئۇچراپ قالدى. ئادەتتە بېيجىڭدىن توكيوغا بېرىپ كېلىش بېلىتىمۇ بۇنىڭدىن قىممەت ئىدى. ئارىلىق بېيجىڭدىن نەچچە ھەسسە يىراق تۇرۇپمۇ باھاسى ئەرزان، قىززىق ئىشتە بۇ.  شۇ تاپتا كۆڭلۈمدە ياپونىيەگە بولغان ئىنتىلىش تۇيغۇسى ئۇلغۇيۇپ كوممىناتسىيە نۇقتىسىغا چىققانىدى. ئاچچىقىم نەدىن كەلدى شۇ بېلەتنى دەرھال زاكاس قىلىپ رىم ئايرىدرومىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. بۇ ھالىتىمنى كۆرگەن كىشى مېنىڭ ياپونىيەگە ماڭغىنىمغا ھەرگىز ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.
    ئايروپىلان قوزغالدى، ئولتۇرغىنىم قاتار ھاۋا يوللىرى لىنىيەسى بولۇپ بويىن 788 تىپلىق ئايروپىلان ئىدى . قاتار ئ‍ايروپىلانى باشقا مەن ئولتۇرغان ئايروپىلانلاردىن يېڭى ھەم ئىلغار ئىدى، دېرىزىلىرىنىڭ قۇياش نۇرىنى ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ئاپتوماتىك كۇنۇپكا بىلەنلا باشقۇرىلاتتى ، تاماقلىرىمۇ يېيىشلىك ھەم شۈبھىدىن خالى ئىدى. ئايروپىلان قوزغىلىشتىن بۇرۇن قىسقا دۇئا ئوقۇلاتتى. بۇ يەردە زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە بىربىرىگە يۈكسەك ھۆرمەت قىلغان ئاساستا شۇنچە تەبىئى رەۋىشتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى. رىمدىن قاتار پايتەختى دوخاغا 6  يېرىم سائەتتە كەلدۇق ۋە ئىككى سائەت ساقلاپ، يەنە 9 يېرىم سائەت ئۇچۇپ ئاخىرى توكيوغا چۈشتۈم. ئۇ چاغدا توكيو ۋاقتى 23 تىن ئاشقانىدى. پەلەكتىن توكيو زېمىنى ناھايىتى ھەيۋەت، ھەرخىل قىزىل يېشىل رەڭلىك چىراقلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى ۋە خۇددى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىۋاتقان قىران ياشتەك كۆرىنەتتى. كۆڭلۈمدە ياپونىيە ھەقىقەتەنمۇ ئەپسانىلەدىكىدەك شۇنچىلىك پاكىزمىدۇ، ئادەملىرى شۇنچىلىك مەدەنىيەتلىكمىدۇ، ئاممىۋى ئوبۇرنىلىرى بىزنىڭ ياتاق  ئ‍ۆيلىرىمىزدىنمۇ پاكىز ھەم خۇشپۇراقمىدۇ، مۇلازىمەتچىلىرى شۇنچىلىق قىزغىن ۋە ئادەمگە تازىم قىلىپ خىجىل قىلىۋېتەمدىغاندۇ ، پورتمالىڭىز مېترودا چۈشۇپ قالسا تېپىۋالغۇچى ھەقىقەتەن سىزنى ئىزدەپ تېپىپ سىزگە يەتكۈزۈپ بېرەمدىغاندۇ، بىرەرسىدىن يول سورىسىڭىز شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ سىزنى دېگەن يېرىڭىزگە ئاپىرىپ قويامدىغاندۇ،.... دېگەنگە ئوخشاش، مەن ئىلگىرى گۇمانى نەزەر بىلەن قاراپ كېلىۋاتقان سوئاللار مېنى تېزراق ئايروپىلاندىن چۈشۈپ سىرتقا چىقىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بېقىشقا ئ‍ۈندەيتتى . مەن ئايرىدىرومدىن چىقىپلا ئاكامنى كۆردۈم ۋە قىزغىن قۇچاقلىشىپ ھال ئەھۋال سوراشتۇق. ئاكام مېنىڭ يىپيىنىكلا كەلگىنىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە ھەجەپ شيۇشىيەنلا كەپسەنغۇ دەپ چاقچاق قىلدى. بىز ئاكامنىڭ ماشىنسىغا ئولتۇرۇپ ئىككى سائەتتەك يول يۈرۈپ ئاخىرى ئۆيگە كەلدۇق ۋە ئاپام، يەڭگەملەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ بىر قاچا ئىسسىق سۇيقئاشقا داخىل بولدۇم. چارچىغاندا يېگەن بۇ سۇيقئاش بىردەمدىلا تومۇر تومۇرلىرىمغا سىڭىپ كەتتى. ئاكامنىڭ ئۆيى سايتامادا بولۇپ 60 نەچچە كۋادرات مېتىر كەلسىمۇ ۋەتەندىكى80 كۋادراتمېتىرلىق ئۆينىڭ تۇيغۇسىنى بېرەتتى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۆي ئىچىدە قېلىن تاملار يوقكەن، ئۆينىڭ چوڭلىقى تام ئىشكاپلارنىڭ ئىچىدىن ئەمەس سىرتىنى ئۆلچەم قىلىپ ئۆلچىنىدىكەن، بوشلۇقتىن ئ‍ۈنۈملۈك پايدىلىنىدىكەن . تام ئىشكاپلار ۋە تام قەغەزلىرى ئۆيگە يېڭى كىرگەن چاغدىلا تەييار بار بولىدىكەن. بىز بولساق 80 ك.م. لىق قۇپقۇرۇق يېڭى ئۆيگە كىرىدىكەنمىز، 100مىڭ يۈەن پۇلنى خەجلەپ ئۇنى زىننەتلەپ، تام ئىشكاپلارنى قىلدۇرۇپ، قېلىن جازىلارنى تىكلەپ، تام قەغىزى چاپلاپ، پول يېيىتىپ، نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئىككى-ئۈچ قات ئاتالمىش ياۋروپا پاسون پەردىلەرنى ئېسىپ يەنە بەزى يەرلىرىنى بوغۇپ ئ‍ۆينى 60 ك.م. قىلىپ قويىدىكەنمىز. ياپۇنلار قارىماققا بۇنداق كۆپ ئاۋارىچىلىقتىن خالى ئىدى . بۇ يېرى ئىتالىيەگىمۇ ئوخشاپ قالاتتى. ئىتالىيەلىكلەرمۇ بىزدەك بۇنچىلىك جىق پۇل خەجلەپ ئ‍ۆيلىرىنى زىننەتلەپ يۈرمەيتتى. ئ‍اتالمىش ياۋروپا پاسون پەردىلەرنىمۇ ئاسمايتتى، گۈل باقاتتى. ئۇلار چىرايلىق بىر داچا سېلىپ قەدىمى پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان ھالەتتە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتى . تەرەققى تاپقان ئەلدىكىلەر ئۆي ئاددى ساددا، پاكىز بولسىلا بولدى دەپ ئويلايدىغان ئوخشايدۇ.  ئاكامنىڭ ئۆيى 3 ئېغىز بولۇپ ھەربىرى ياغاچ تاختايلار بىلەن ئايرىلغان، تېگى تاتامى، ئۈستىدە گىلەم، ئىشىكلىرى پۈتۈنلەي سېرىلما ئىشىك ئىدى. ئۆي شۇنچىلىك يىغىشلىق ھەم پاكىز ئىدى. توڭلاتقۇ، گاز ئوچاق، كىر ئالغۇ، تېلىۋېزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، نەملىك تەگشىگۈچ ... ھەممە نەرسە بار ئىدى. تېخى توڭلاتقۇسىنىڭ ئىشىكى ئىككىلا تەرەپتىن ئاچقىلى بولىدىغان بولۇپ بۇ ماڭا يېڭىلىق تۇيۇلدى. ئاتا-ئ‍انام 30 يىل جاپالىق خىزمەت قىلىپمۇ بۇنچىلىك توڭلاتقۇلارغا ئىگە بولمىغانىدى.   
    تاماقتىن كېيىن ئازراق ھال-مۇڭ قىلىشىپ ئۇخلاپ قېلىشتۇق. چەت بىر ئەلدە ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بولۇش ئادەمنىڭ چاڭقىغان قەلبىگە ئاجايىپ ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن. شۇ تاپتا ۋەتەندىكى دادام ۋە ئايالىممۇ كېلەلىگەن بولسا ، بۇ خۇشاللىقىمىزدىن تەڭ بەھىرلەنگەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە...


ساياھەتنىڭ 1-كۈنى:
    بىرىنچى كۈنى ئۆيدە ھاردۇق ئېلىپ ئەتىسى توكيودىكى تۈركىيە مەسچىتىگە بېرىپ كۆرۈپ كەلدۇق. بۇ توكيودىكى ئەڭ داڭلىق مەسچىت بولۇپ، كىرىپ چىقىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى. مەسچىت چوڭ جەھەتتىن ئىككى قەۋەت بولۇپ، ئاستىنقى قەۋەتتە چوڭ لىكسىيە زالى، خاتىرە بويۇم ساتىدىغان جاي، پاراڭلىشىش ئۆيى ۋە تاھارەت ئالىدىغان جايلار بار ئىدى. لېكسىيە زالىدا پات-پات بىلىملىك ئۆلىمالار چاقىرىلىپ پايدىلىق تەلىم-تەربىيىلەر،ئىسلامى چۈشەنچىلەر سۆزلىنىدىكەن. خالىغان ئادەم كىرىپ ئاڭلىسا بولىدىكەن. ئۈستۈنكى قەۋەت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىت ئىدى. مەسچىت ئاپئاق مەر-مەر تاشتىن سېلىنغان بولۇپ ئاجايىپ ھەيۋەت ئىدى. ساياھەتچىلەر مەسچىت ئىچىگە كىرىپ-چىقىپ رەسىمگە تارتاتتى ۋە مەسچىت تاملىرىنى ئادىمۇندا سىلاپ قوياتتى. ناماز ۋاقتى بولغاندا ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەتچىلەرنى مەسچىتنىڭ كەينى بۇلۇڭىغا يىغىپ ئولتۇرغۇزاتتى ۋە شۇندىلا ساياھەتچىلەر ئالدىدىكى ناماز ئوقۇۋاتقانلارغا ھەۋەسلىنىپ زوق بىلەن باقاتتى. ئالدىدىكىلەر شۇنداق ھەيۋەت كۆرۈنەتتىكى گويا بۆسۈپ ئ‍ۆتكىلى بولمايدىغان قورغان ئىدى. ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەتچىلەرگە ئالدىدىكىلەرنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ۋە بەزى ئۇقۇملارنى تۆۋەن ئاۋازدا چۈشەندۈرەتتى. بۇ ئاۋاز ئالدىدىكىلەرگە دەخلى قىلمايتتى. ناماز تۈگىگەندىن كېيىن قىزىققان ساياھەتچىلەر نامازدىن يانغانلار بىلەن پاراڭلىشاتتى، بەزىلىرى ئىمامنىڭ يېنىغا بېرىپ كاللىسىدا شەكىللەنگەن سۇئاللارنى سورايتتى. ئىماممۇ مەمنۇن بولغان ھالدا ئۇلارغا زېرىكمەي چۈشەندۈرەتتى. ئۇلار ئاساسەن ياپۇنىيەلىكلەر ئىدى. ئۇلار باشقىلانىڭ دىنىنى ئاجايىپ ھۆرمەت قىلىدىكەن ۋە ئۇنى ئۆگۈنۈپ بېقىشقا ئۇرىنىدىكەن. بۇ بىر پۈتۈن مەنزىرە ئادەمنى ئويغا سالىدۇ ۋە ئ‍ۆز ئەھۋالىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
    توكيونىڭ كوچىلىرى مەن ئويلىغاندىنمۇ پاكىز ئىكەن. ھەقىقەتەن كوچىلاردا ئەخلەت ساندۇقى يوق ئىكەن. مەن شۇنچە ئىزدەپمۇ يوللاردىن بىرەر ئەخلەت پارچىسى تاپالمىدىم. ئادەملەر شۇنچىلىك ئاڭلىقلىق بىلەن ئ‍ۆز ئەخلەتلىرىنى يانچۇقىغا سېلىپ ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىدىكەن. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى كوچىلاردا تاماكا چېكىپ ماڭغان بىرمۇ ئادەمنى كۆرمىدىم. ئاممىۋى سورۇنلاردا تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. كوچا-كويلاردا مەخسۇس تاماكا چېكىدىغانلار ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئورۇن ئۇچراپ تۇرىدىكەن،خۇمىرى تۇتقانلار مۇشۇ يەردە توختاپ بىرەدىن چېكىۋېلىپ يەنە ئالدىراش يولىغا راۋان بولىدىكەن. توۋۋا، نەدىن كەلگەن ئاڭلىقلىقتۇ بۇلارغا. بىزنىڭ ئىتالىيەنىڭ كوچىلىرى بۇنچىلىك پاكىز ئەمەس ئىدى. رىم كوچىلىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقالىرىدا چوڭ-كىچىك ئەخلەتلەر ئۇچراپ تۇراتتى. ئادەملەر يوللاردا تاماكا چېكىپ ماڭاتتى ۋە تۈگىگەندە يەرگىلا تاشلايتتى. بۇ جەھەتتا ياپونىيە ئىتالىيەگە ئوخشىمايدىكەن. قارىغاندا ياپونىيىلىكلەر دۇنيادىكى ساپاسى ئەڭ يوقۇرى مىللەت دېگەن گەپ پو كەتمىگەندەك تۇرىدۇ.
    قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغاندا بىز ئودايبادىكى ۋېنىس فورت (VenusFort) دېگەن سودا سارىيىغا باردۇق، چۈنكى ئاكامنىڭ ئايالى مۇشۇ يەردە ئىشلەيتتى. ئودايبا دېگەن بۇ رايون توكيو قولتىقىغا جايلاشقان بىر چوڭ سۈنئىي ئارالكەن. بۇ جايدا پەلەككە تاقاشقان ئېگىز بىنالار، رائ‍ىنبوۋ كۆۋرۈكى ۋە كىچىكلىتىلگەن ئەركىنلىك ئىلاھى بار ئىكەن. ۋېنىس فورت دېگىنى ئىتالىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق سۇ ئ‍ۈستى شەھرى ۋېنىتسىيەگە تەدبىقلاپ سالغان چوڭ بىر سودا سارىيىكەن.شۇڭا مەن تېخىمۇ بەكرەك قىزىقتىم. بىز ئىچىگە كىردۇق. مەن ئۆزۈمنى خۇددى ۋىنىتسىيە كوچىلىرىدا ماڭغاندەكلا ھېس قىلدىم. چۈنكى ئىچىدىكى دۇكانلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشلىرى، تاملارنىڭ رەڭگى، قۇرۇلۇش شەكىللىرى ۋىنىتسىيەنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆگزە تەرەپكە پروجېكتور ئارقىلىق سۈنئىي ئاسمان ئۈنۈمى بېرىلگەن بولۇپ بۇلۇتلار ئاستا ھەرىكەت قىلىپ تۇراتتى ۋە ئادەمگە ھەقىقى ئۈستى ئوچۇق بىر كوچىدا ماڭغاندەك تەسىر بېرەتتى. ئىتالىيەدە ئىمارەتلەرنىڭ ئاساسەن مۇشۇ رەڭدە ۋە مۇشۇنداق قەدىمىي شەكىلدە سېلىنىدىغانلىقىنى ئاپام ۋە ئاكامغا دەپ بەدىم.
    بۇ <<كىچىك ۋىنىتسىيە>> نى كۆرۈپ بولۇپ بىز باشقا بىر قەۋەتكە ئۆتتۇق. ئۇ قەۋەتنى چۆگىلەۋېتىپ كۆزۈمگە <<بوۋاقلار ئۆيى>> ئۇچراپ قالدى. بۇمۇ بىزنىڭ يۇرتلاردا كۆرۈش مۇمكىن بولمىغان بىر مەنزىرە ئىدى. ئۇنىڭ ئىچى ئازادە ھەم پاكىز بولۇپ يەرلەر پارقىراپ تۇراتتى. تام تەرەپكە يۆلەپ قويۇلغان زاكا ئالماشتۇرۇش كارىۋىتىدىن ئوندەك،  ئىمىتىش ئۆيىدىن ئۈچ ئېغىز ۋە تازىلىق ئۆيى بار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا كىيىم ئالماشتۇرۇش تەكچىسى، ئاپتوماتىك زاكا ۋە ھەرخىل ئىچىملىك سېتىش ماشىنىسى، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، قايناق سۇ بار ئىدى. بىز ئوماق جىيەنىم بۇرھاننىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ، پۈرۈكلىرىنى بىرەرقۇر يۇيۇپ تازىلاپ، چىققان ئەخلەتلەرنى بېكىتىلگەن ئورۇنغا تاشلاپ چىقىپ كەتتۇق. بۇنداق ئەتراپلىق لاھىيەلەنگەن <<بوۋاقلار ئ‍ۆيى>> نى ئىتالىيەدىمۇ كۆرۈپ باقمىغانىدىم. بۇ يەردە بوۋاقلارنىڭمۇ خېلى ئىناۋىتىنى قىلىدىكەن مانا. دۇكانلارنى ئارىلاۋېتىپ ئەرمەك ھايۋانلارنى سېتىش ماگىزىنىغا كىرىپ قالدۇق. بۇ يەردە ئىت ۋە مۈشۈك سېتىلاتتى. بۇ يەردىكى ئەرمەك ھايۋانلانىڭ باھاسى مېنى ھەيران قالدۇردى. بىر مۈشۈك 600 مىڭ يىن  (جۇڭگو پۇلىدا 33 مىڭ يۈەن) بولۇپ بىز كىچىكىمىزدە چوڭ ئۆيدە باققان مۈشۈككە قارىماققا ئوخشاش ئىدى . مەن بۇنىڭ نېمىشقا بۇنچىلىك قىممەت بولۇپ كەتكىنىنى تازا ئ‍ۇقالمىدىم. بۇ دۇكاننىڭ بېقىنىدىكى كىچىك بىر مەكتەپ مېنى يەنە بىر قېتىم <<توۋۋا !>> دەپ ياقامنى چىشلىشىمگە سەۋەپچى بولدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئىچى پاكىز ھەم يىغىنچاق بولۇپ،بىرنەچچە ئېغىز بىرگەبىر دەرس ئۆتۈش سىنىپلىرى ۋە چوڭ چېنىقتۇرۇش مەيدانىدىن تەركىب تاپقان، ئىچىدە ھەرخىل ئويۇنچۇقلار بار ئىدى. لېكىن بۇ بالىلار ئۈچۈن ئېچىلغان مەكتەپ بولماستىن بەلكى ئىت-مۈشۈكلەر ئۈچۈن سېلىنغان بولۇپ، ئىگىلىرى ئەرمەك ھايۋانلىرىنىڭ ساغلام ئەقىللىق چوڭ بولىشى ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە كېلىپ مۇتەخەسسىسلەردىن قانداق يېمەكلىكلەرنى بېرىش، قانداق بېقىش،قانداق ئەكىلىتىش... توغرىسىدا تەلىم ئالاتتى ۋە ھايۋانلىرىنى مەيداندا چېنىقتۇراتتى. ئۇلار بۇ ھايۋانلارغا بىز ئۆز بالىسىدەك كۆيۈنەتتى. بەلكىم ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولمىسا كېرەك. بىز ئىت-مۈشۈكلەرنى دېمەي تۇرايلى،  ئۆز بالىلىرىمىزنى قانداق بېقىش، قانداق تەربىيلەش،قانداق ئادەم قىلىش توغرىسدا شۇ بالىلارنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئاتا ئانىلىرىمىز بىرەر ئورۇنغا بېرىپ بۇ ھەقتە تەربىيلىنىپ باقتۇقمۇ؟ ھەتتا پەرزەنت تەربىيلەش توغرىسىدا بىرەر پارچە كىتاپ ئوقۇپ باقتۇقمۇ؟ مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئ‍ۆزىمىز ھېچقانچە تەربىيلىنىپ باقمىدۇق، بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش،قانداق خارەكتېر يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمەيمىز. بالا تەربىيلەش مەكتەپنىڭ ئىشى دەپ ھەممە ئىشنى مەكتەپكە تاشلاپ بېرىمىز.  تەبىئىيكى بىزدە بۇنداق ئورۇنلار يوق، چۈنكى بىز بۇنداق تەربىيلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى ياراتمايمىز. بالىنى ئۆزىمىز باقالايمىز، ئۇ ئۆزى تەبىئ‍ي چوڭ بولىدۇ دەپ قارايمىز.
    بۇ يەردىن چىقىپ ئاكامدىن سورىسام ئىچىدە مېھمانخانىمۇ با بولۇپ، سەپەرگە چىقماقچى بولغانلار ئەرمەك ھايۋانلىرىنى ۋاقىتلىق بېقىپ بېرىشىنى مۇشۇ مېھمانخانىغا ھاۋالە قىلىپ قويۇپ كېتىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭ باھاسىمۇ ئەرزان ئەمەسكەن. ھايۋانلارنىڭ مېھمانخانىدا يېتىشىنى ئەمدى ئاڭلاپتىمەن، بەزىدە بىزمۇ ياتالمايمىز بۇ «مېھمانخانا» دېگەن يەردە.
    قورساق ئاچقانىدى. بىز سودا ساراينىڭ ئىچىدىكى بىر «سۇشى» خانىغا كىردۇق. سۇشى دېگىنى بارماقچىلىك گۈرۈچكە ھەرخىل خام بېلىقنى بېسىپ يەيدىغان تاماق تۈرى ئىكەن. ئەمدى مەن ھەقىقى سۇشى يېيېش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئاشخانىغا جوزا ئۈستەللەر تام بويلاپ قويۇلغان بولۇپ ھەر بىر ئۈستەلدە بىردىن تاختا كومپيۇتېر(ئايپەد)، بۇلۇڭىدا چاي چۈشىدىغان جۈمەك بار ئىدى. بىز ئ‍ايپەتتىن يەيدىغان سۇشى تۈرلىرىنى كۆرۈپ بىر نەچچىسىنى يېنىكلا چېكىپ قويغانتۇق بىردەمدىلا بۇ نەرسىلەر يان تەرەپتىكى رېلىس ئارقىلىق بىزگە جىددى يەتكۈزۈلدى. مانا زامانىۋىلىق، مانا ئاپتوماتلىشىش.  مەن باشقا بىر نەچچە تال سۇشىنى چېكىپ باقتىم، رېلىس دەرھال ھەركەتكە كېلىپ مەن تاللىغان نەرسىلەر نەق بىزنىڭ جوزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ياپۇنلارنىڭ بۇ ئىجاتچان روھىغا قول قويماي تۇرالمىدىم.  سۇشى بەك يېيىشلىك بىلىندى.
    توكيودىكى تۇنجى كۈنلۈك ساياھەت مۇشۇنداق ئاياقلاشتى. مۇھىم دەپ قارىغان يەنە بىر نۇقتا شۇ بولدىكى: بىز ئەتتىگەندە جىيەنىمنى ھارۋىسىغا سېلىپ يولغا چىققانىدۇق. بۇ ھارۋا ۋە بالا بىز مېترولارغا چىقىش، يوللارنى كېزىش، ئاشخانىلارغا كىرىش ۋە سودا سارايلاردا بازار ئايلىنىش جەريانىدا ئازراقمۇ قولايسىزلىق ئېلىپ كەلمىدى. ئەكسىچە قولاي قىلدى. چۈنكى ياپۇنلار ئاللىبۇرۇن بۇنداق ھارۋا يېتىلىگەنلەرنى ، مىيىپلارنى ئالدىن ئويلىشىپ ھەممە يەرگە لېفىت ئورۇنلارشتۇرغانىكەن. چاقلىق ئورۇندۇقتىن چۈشەلمەيدىغانلارمۇ يالغۇز بازار ئايلانغىلى سىرتقا چىقسا ھەرگىز قىينىلىپ قالمىغۇدەك. ئاشخانىلارغا كىرىشىمىزگە خۇددى ئۆز ئ‍ۆيىگە كەلگەن مېھماننى كۈتكەندەك شۇنچىلىق ئىللىق تەبەسسۇم قىلىشلار، دۇكاندىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇ ئۆيدىكى ئەزىز مېھماننى ئۇزاتقاندەك ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ تازىم قىلىپ خوشلىشىشلار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى ۋە ئويلاندۇردى. بىر ئاشخانىغا كىرسەك بۇرھان ئۈچۈن ئالاھىدە (يىقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە بويى جوزىغا ماسلاشتۇرۇلغان) ئورۇندۇق ۋە بالىلار تاماق قاچىسى ئېلىپ كېلىندى. بۇرھان شوخلىقىدىن قاچىدىكى چاينى يەرگە تۆكىۋەتكەنىدى مۇلازىم دەرھال كېلىپ بۇرھاننى ئەركىلىتىپ قويدى ۋە خۇشخۇيلۇق بىلەن پولنى سۈرتىۋەتتى. قەتئىي ۋايسىمىدى. ئەگەر شىنجاڭدىمۇ ئاشخانىلار مۇشۇنچىلىك مۇلازىمەتنىڭ يېرىمىنى قىلالىغان بولسا ئىدى، ئارىلىق ھەر قانچە يىراق بولسىمۇ شۇ يەرگە بېرىپ تاماق يېگەن بولاتتىم. لىكىن بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدە بۇنچىلىك ئاڭ-ساپا نەدە .... بىزدىكى شۇ توڭقاپاق مۇلازىمەتچىلەرنى ئويلىسام يۈزىگىلا سالغۇم كېلىدۇ.   
图片2.jpg 图片1.jpg

图片4.jpg 图片3.jpg

ساياھەتنىڭ 2-3- كۈنلىرى:

   2-كۈنى ئەتتىگەندە بىز ھەممىمىز سايتامادىكى بىر ئارشاڭغا باردۇق. ئارشاڭ مەدەنىيىتى ياپونىيەدە خېلى ئوموملاشقان بولۇپ، بىزنىڭ يۇرتلادىكى <<ساڭنا>> لارغا ئوخشىمايتتى. ئارشاڭنىڭ سۈيى تەبىئ‍ي بولۇپ ، ئۈستى ئوچۇق زال سىرتى ۋە زال ئىچى قىسمى با ئىكەن. زال سىرتى قىسمىدىكى كۆلچەكلەردىن سۇ ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. ھەر بىر كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ تەركىبى ئوخشىمايدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ قان ئايلىنىشنى راۋاجلاندۇرۇپ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىش رولى بارئىكەن. كۆلچەكلەر ئىچىدە ئادەم خېلى كۆپ، قېرىلار جىق ساننى ئىگىلەيتتى. قار ياكى يامغۇر ياققان كۈنلىرى ئادەم تېخىمۇ جىق بولۇپ كېتىدىكەن. چۈنكى ئاشۇنداق مۇھىتتا قار مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغاچ ئىسسىق ھورى چىقىپ تۇرغان ئارشاڭدا چىلىنىپ يېتىش ئادەمنى تەبىئەتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا باشلاپ كىرەتتى. ئەپسۇس، بىز كىرگەن چاغدا قار ياغماي قالدى.  بۇ يەردە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ياپيالىڭاچ ھالەتتە ھەتتا چوڭلا بوپقاغان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كۆلچەكلەرگە چىلىنىپ ياتاتتى (ئەلۋەتتە ئەرلەر بۆلۈمچىسى ۋە ئاياللار بۆلچىسى ئايرىم) . بىزدە ئاتا بىلەن بالا، ئاكا بىلەن ئىنى ئوتتۇرىسىدا پەدىشاپ دەيدىغان بىرنەرسە بار، لېكىن ياپۇنلاردا يوق ئىكەن. بۇ بىزنىڭ ئۇلاردىن ئىلغار تەرىپىمىز بولسا كېرەك. ئاڭلىسام ئۇلار (ئاتىلىرى) ھەتتا مەكتەپ يېشىغا يېتىپ قالغان قىزلىرى بىلەنمۇ بىللە مونچىغا چۈشىدىكەن. بىز مەدەنىيەتلىك دەپ قارايدىغان بۇ مىللەتنىڭ نۇرغۇن مەدەنىيەتسىز تەرەپلىرىمۇ بار ئىكەن.
    ئارشاڭدىن يېنىپ ئاپامنىڭ ئىنىسى ئىسكەندەر ئاكاملارنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ئۇ ئاكامنىڭ قىزى 5ياشتا بولۇپ ئۇيغۇرچە ۋە ياپۇنچىنى نورمال سۆزلىيەلەيتتى. كەينىدىن يەنە ئاپامنىڭ نەۋرە ئىنىسى مەخموت ئاكام ئىككى بالىسى ۋە ئايالىنى ئېلىپ كەلدى. مەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشمىگىنىمگە بىر يىلدىن ئاشقانىدى،  شۇڭا بىز قىزغىن ھال-مۇڭ قىلىشىپ كەتتۇق. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بۇ تۆت بالىنىڭ بىريەرگە كېلىپ چۇقان-سۈرەن قىلىشلىرى ماڭا يۇرتتىكى چوڭ ئ‍ۆيلىرىمىزدە ھەممە تۇققانلار يىغىلىشقان ۋاقىتلارنى ئەسلەتتى. بۇ قىيا-چىيا ماڭا شۇنداق خوشياقتىكى  شۇ تاپتا  ئۆزۈمنى ياپونىيەدە ئەمەس بەلكى شىنجاڭدا تۇرغاندەكلا ھېس قىلدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ ئ‍ۆيلىرىدە ئادەتتە مۇشۇنداق ئاۋات، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مۇھىت ئۈزۈلمەيدۇ، ياپۇنلاردا بولسا تاپقىلى بولمايدىكەن. بۇمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى ئەلا بىلىدىغان ئىغار تەرىپىمىز ئىدى. بۇ يەردىكى قېرىلار ھەتتا ئۆزىنىڭ بالىسى بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇراتتى. ئۇلار تۇققانلار ئارا بىزدەك بۇنچىلىك ئىزدىشىپ كەتمەيدىكەن. يالغۇز بىر ئۆمۈر تەنھا ياشاپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ خېلى جىقكەن. بۇ تەرىپى ئىتالىيەلىكلەرگە ئوخشاپ قالىدىكەن. ئىتالىيەدىمۇ قېرىلار يالغۇز ياشايتتى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتتىكى  ئۆتكەن-كەچكەن ئادەملەرگە قاراپ خىيالغا چۆكۈپ تەنھا ئولتۇرغىنىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن. سىرتلارغا چىقىپ قالسا مۈكچەيگەن بەللىرىنى ھاسسىسى بىلەن كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ ئاران-ئاران يول يۈرەتتى، خۇددى ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك، ياكى بولمىسا بىرەر ئىتنى ھەمراھ قىلىۋالاتتى. ئۇلارنى كۆرسەم يۆلەپ ماڭغۇزۇپ قويغۇم كەپكىتەتتى ۋە مۇشۇلارنىڭ قارايدىغان بالىلىرى يوقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. ئۆز بالىلىرىدىن ئېلىشقا تېگىشلىك ۋاپادارلىقنى ئىت-مۈشۈكلەردىن ئالاتتى. تەنھالىق قېرىغاندا ئادەمگە ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر كېلىدۇ. بەلكىم ئ‍ۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ھەسرىتى بولسا كېرەك.
    بۇ ئىككى ئاكام ياپۇندىكى ماگىستىر ئوقۇشلىرىنى تۈگۈتۈپ بىرلىشىپ بىر نىمكەش ماشىنا شېركىتى قۇرغىنىغا ئۇزۇن بولمىغانىدى. شېركەتنىڭ ئىسمىنى <<ساراي>> دەپ قويغانىدى. ساراي دېگەن ئىسىم بىز كىچىكىمىزدە ئويناپ چوڭ بولغان ئاشۇ ھويلىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇ جايغا بالىلىقىمىزدىكى شوق ۋە غەمسىز ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملىنىپ كەتكەن. لېكىن ئۇ ھويلا ھازىر شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە چېقىش ئىشلىرى بىلەن خارابىيلىققا ئايلىنىپ كەتتى. ھەر قېتىم شۇ تەرەپكە ئۆتكەندە ھويلىنىڭ قېپقالغان تاشلاندۇق قىسىملىرىغا قاراپ كۆڭلۈم جۇغغىدە بولاتتى ۋە رەھمەتلىك مومام يادىمغا كېلەتتى. مومام ھازىرقى مۇشۇ نەۋرىلىرىنى ۋە ئەۋرىلىرىنى كۆرەلىگەن بولسا قانچىلىق خوش بولۇپ كېتەر ئىدى ھە...
      ئەتىسى بىز شېركەتكە باردۇق. شېركەتتە 70 تەك نىمكەش ماشىنا بار بولۇپ ئائىلە ماشىنىلىرى، مۇسابىقە ماشىنىلىرىمۇ (پاۋچې)  بار ئىدى. يىل تارىخى خېلى ئۇزۇن ماشىنىلارمۇ شۇنداق يېڭى ھەم پاكىز ئىدى. بىزنىڭ يۇرتلاردا بۇنچىلىك ئۇزۇن تارىختىكى ماشىنىلار براكقا (باۋفېي) چىقىپ بولاتتى. دېمەك ياپۇننىڭ ئۆز دۆلىتىگە ساتىدىغان ماشىنىلىرى بەكرەك پۇختا ئىشلىنىدىكەن ياكى يوللىرى بىزنىڭكىدىن ياخشىكەن. قىززىق يېرى ماشىنىلارنىڭ رولى بۇيەردە ئوڭ تەرەپتە بولىدىكەن ۋە ماشىنىلار سول تەرەپنى بويلاپ يول يۈرىدىكەن. يەنە ھەيران قالغىنىم شۇ بولدىكى بىز ۋەتەندە 10-20 تۈمەنگە سېتىۋالىدىغان ماشىنىلار بۇ يەردە 1-2 تۈمەنگىلا كېلىدىكەن. مائاشنى بىزدىن نەچچە ھەسسە جىق ئالىدىغان بۇ خەقلەر ئۈچۈن بىرەر ماشىنا ھېچنېمە ئەمەس، شاپاقنىڭ ھەققىكەن دەپ ئويلۇدۇم. بەزىدە ماشىنىسىنى ئالماشتۇرۇپ ھەيدىگۈسى كېلىپ قالغان ياپۇنلۇقلار كونا ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ ئۇنى بېكارغا بېرىۋېتىپ باشقا بىر نىمكەش ماشىنىنى پۇلغا سېتىۋېلىپ كېتىپ قالىدىكەن. چۈنكى ياپۇندا ماشىنا توختىتىدىغان يەر قىس ھەم قىممەت بولۇپ، ئ‍ۇلار كونا ماشىنىسىنى تاشلىۋەتمىسە يېڭى ماشىنىنى قويىدىغان جاي يوق، ئەخلەتخانىغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتەي دېسە ئۇ يەردىمۇ تاشلىۋېتىش ھەققى دەپ بىرمۇنچە پۇل ئالىدىكەن، شۇڭا مۇشۇ ئەڭ ئاقىلانىلىك ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىرەر ماشىنىنىڭ پۇلى ئۈستىدە دومىلاپمۇ يۈرمەيدىغان چىراي.
    ئىسكەندەر ئاكاملار شېركەتنىڭ ئىشىدىن باشقا شىنجاڭدىن ياپونىيەگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلارغا مەكتەپ ئ‍ۇقۇشۇپ بېرىش، ياتاق ئۇقۇشۇپ بېرىش قاتارلىق ياردەملەرنىمۇ قىلىدىغانلىقىنى، ياپۇنغا چىقماقچى بولغانلارنىڭ ئىزدىسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.(ئاكامنىڭ ئېلخەت ئادرىسى: saraycarjp@gmail.com)  
图片5.jpg

ساياھەتنىڭ 4-كۈنى:
  بۇ كۈنى بىز ياپونىيەدىكى داڭلىق سەيلە-ساياھەت باغچىسى فۇجىكيۇ خايروندوغا باردۇق.  بۇ جاي ئ‍ۆيدىن 100 كلومېتىردەك كېلەتتى، شۇڭا بىز ئاكام ۋە مەخموت ئاكام ئۈچىمىز ئەتتىگەندىلا ماشىنىنى ھەيدەپ يولغا چىقتۇق. كېلەي دېگەن چاغدا چوڭ يولدىن ياپونىيەنىڭ ۋەكىل خارەكتېرلىك تېغى بولغان فۇجى تېغىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلاندىم.  بۇ تاغنى كىچىكىمىزدىن تارتىپ كىتاپ-ژورناللاردىن كۆرۈپ كەلگەنىدۇق. ئەمدىلىكتە بۇ تاغ كۆز ئالدىمدىلا تۇراتتى . ئۇ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ ھەيۋەت ئىدى. بىز 5000 يىندىن (280يۈەن) ئۈچ تال بېلەت ئېلىپ ئىچىگە كىردۇق. مۇشۇ بېلەت بىلەنلا ئىچىدىكى ھەممە ئويۇنلارنى ئوينىغىلى بولاتتى. مېنىڭ تاغ پويىزىغا ئاجايىپ ئىشتىياقىم بار بولۇپ بىزمۇ مۇشۇ ئويۇننى دەپلا كەلگەنىدۇق. بۇ يەردە دۇنيا بويىچە «تېزلىنىشى ئەڭ تېز»، «سۈرئىتى 4-تېز»، «ئەڭ چوڭ يانتو بۇلۇڭلۇق»، «دۇنيا جىننىس رېكورتى شەرىپىگە ئېرىشكەن»... دېگەنگە ئوخشاش ناملار بېرىلگەن تاغ پويىزلاردىن 4-5 خىل بار ئىكەن. بۇ مېنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە ئەڭ ھاياجانلانغان ۋاقتىم بولدى. مەن  نۆلدىن 172 كلومېتىر ھەر سائەتلىك سۈرئەتكە پەقەت 1.8 سېكونت ئىچىدىلا چىقىپ بولۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مۇشۇ يەردە ھېس قىلدىم. بۇنداق ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنى خېلى ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم . بەزى تاغ پويىزلىرى 80 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئادەمنى پەسكە ساڭگىلىتىپ قوياتتى ۋە تۇيۇقسىز تېزلىنىپ «ئاھ، مەن ئۆلىدىغان بولدۇم!» دېگۈزىۋېتەتتى. بەزىلىرى 4 ئۆلچەملىك بوشلۇقتا سىزنىڭ ئىچ-قارنىڭىزنى ئېگىز پەس قىلىۋېتەتتى. چۇقان-سۈرەڭلەر ئۈزۈلمەيتتى، بەزى جىددى ئايلانمىلاردا ئادەمنىڭ دېمى ئىچىگە تىقىلىپ نەپەسمۇ ئالغىلى بولمايتتى. بىزنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمىز بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چەككە يېتىپ قالاي دېگەنىدى. ھەتتا بەزىلەرنى يىغلىتىپ تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلغۇزىۋېتەتتى. ئەمما بۇ تاغ پويىزلىرى ماڭا بەك يارىدى. خۇماردىن چىققاندەك بولدۇم. خۇددى نېرۋامنى غىدىقلاپ بەدىنىمدىكى قېرىپ كەتكەن ھۈجەيرىلەرنى ھازىرلا بۆلۈنۈپ چىققان ياش ھالەتكە ئەپكېلىپ قويغاندەك پۇت-قوللىرىمنى خېمىرغا ئوخشاش يۇمشاق قىلىپ قويغانىدى. باغچىدا نەچچە مىڭ ساياھەتچى بار بولۇپ بىز ھەربىر ئويۇنغا بىريېرىم سائەتتەك ئۆچىرەت تۇرۇپ بىر كۈندە 4 خىل تاغ پويىزى ۋە بىرنەچچە باشقا ئويۇنلارنىلا ئوينىيالىدۇق. قالغان نۇرغۇن ئويۇنلارغا ۋاقىت يەتمىدى.
   تىلغا ئېلىپ ئ‍ۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى،  باغچا ئىچىدىكى ئاممىۋى ئوبۇرنىلارغا كىرىپ ياپونىيەدىكى ئاممىۋى ئوبۇرنىلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يۇرتلىرىمىزدىكى بەزى ياتاق ئۆيلىرىمىزدىنمۇ پاكىز ئىكەنلىكىگە شاھىت بولدۇم. غەيرىي پۇراق ئەسلا يوق، ئەكسىچە خۇشخۇي، كىرگەن ئادەمگە ھۇزۇر ئاتا قىلاتتى. ئەدەپنىڭ چوڭىنى قىلىش زۆرۆر بولۇپ قېلىپ ئوبۇرنا ئايرىمخانىسىغا كىرىپ ئولتۇردۇم، ئىچىدە بوۋاق بالىلارنى قويۇپ قويىدىغان سېۋەت بار ئىدى، دېمەك ئۇلار بالا كۆتۈرۈپ كىرگەن ھاجەتمەنلەنىمۇ ئالاھىدە ئويلاشقان گەپ. «ماتۇڭ» نىڭ ئولتۇرىدىغان قىسمى توكتا قىزىيدىغان بولۇپ ئىسسىق ھارارىتى سوغۇقتا ئالدىراپ كىرىپ ئولتۇرغان ئادەمگە ئاجايىپ خۇشياقاتتى. مەن تېخى بېشىدا بىرەسى ئولتۇرۇپ قىزىتىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن. «ماتۇڭ» نىڭ يېنىدا بىرمۇنچە  كۇنۇپكىلىرى تۇراتتى . ھاجىتىم تۈگەپ بۇ كۇنۇپكىلارنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ چىقتىم. ئاستى تەرەپتىن ئىسسىق سۇ چىقىپ سىزنىڭ كاسسىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ ھازىر ئىستىنجا قىلىپ چىققاندەك قىلىپ قويىدىكەن. ماۋۇ نەرسە بولىدىغان نەرسىكەن دېدىم مەن شۇ ۋاقىتتىلا. مەن بۇنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغانىدىم، يۇيۇپ قويىدىكەن، ئەرتىپ قويىدىكەن دېگەندەك گەپلەرنى ئەمما ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن ۋە پاكىز بولۇشىغا ئۇدا ئىشەنمەي كەلگەنىدىم . كۆڭلۈممۇ كۆتۈرمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. لېكىن بىر ئىشلىتىپ كۆرۈپ ئۇ گۇمانلىرىمنىڭ ھەممىسى يوقىدى. بۇنى نېمىشقا شىنجاڭنىڭ بازىرىغىمۇ سېلىپ باقمىغاندۇ باي ئاكىلار دەپ ئويلاپ قالدىم.  
图片6.jpg 图片7.jpg

ساياھەتنىڭ 5-كۈنى:
  بۇكۈنى بىز توكيودىكى ئابلەت ئاكىمىز تەرىپىدىن يېڭى ئېچىلغان ئويغۇر ئاشخانىسىنىڭ ئېچىلىش زىياپىتىگە داخىل بولۇپ قالدۇق. ئاشخانا ھېندىستاننىڭ مۇسۇلمانچە كارى تاماقلىرىنى چىقىرىش بىلەن تىجارەت باشلاپتۇ. كېيىنچە خېرىدارلارنى كۆندۈرىۋېلىپ ئۇيغۇرچە تاماق چىقىرىدىكەن. سۇرۇنغا توكيو ۋە ئەتراپتىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق مېھمان كەلگەنىدى. چوڭلار، كىچىكلەر ھەتتا زىيالىيلارمۇ بار ئىدى. مۇڭلۇق قىرائەت بىلەن ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەر تىلىنىپ سورۇن باشلاندى. مەن بۇ يەردە يېشىمغا ماس كېلىدىغان دوستلاردىن 6-7 سى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ۋە بىردەمدىلا چىقىشىپ ئەل-ئاغىنە بولۇشۇپ كەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچى بولۇپ بەزىلىرى تىل مەكتىپىدە، بەزىلىرى تىلنى پۈتتۈرۈپ ئۇنىۋېرستىتلاردا ئوقۇۋاتقانىكەن. ئۇلار مېنىڭ ئىتالىيەدىن كەلگەنلىكىمنى ئۇقۇپ ھەيران قېلىشتى ۋە قىزىقىپ ئىتالىيەنىڭ ئەھۋاللىرىنى بەس-بەستە سوراپ كېتىشتى. مەن بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئەھۋاللىرىنى ، ئوقۇش، ياتاق، تاماق خىراجەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت يىلدا 2000 ياۋرو (14000 يۈەن) ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغىنىمىزنى، بۇلارنىڭ ئالدىنقى شەرتى بېكىتكەن ئوقۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىمىز كېرەكلىكىنى، دەرسلىرىمىزنىڭ ئېنگىلىز تىلىدا ئۆتىلىدىغىنىنى ، تۇرمۇشتا قىينىلىپ كەتمەيدىغانلىقىمىزنى، سىتلاردا ئىشلەپمۇ يۈرمەيدىغىنىمىزنى، دىققىتىمىزنى ئاساسەن ئۆگۈنۈش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا قارىتىدىغىنىمىزنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇلار «ھەقسىز»، «پۇل بېرىدۇ» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قېلىشتى ۋە نېمىشقا ئىتالىيەدە ئوقۇمىغاندىمىز دەپ كېتىشتى. لىكىن مەن كۆڭلۈمدە نېمىشقىمۇ ياپۇنىيەدە ئوقۇمىغاندىمەن دەپ ئويلاۋاتاتتىم. ئادەم ئۆزىدە بارنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ دېگەن شۇدە. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ شارائىتى ھەقىقەتەن شۇنداق ياخشى ئىدى. مەكتىپىمنىڭ ئىسمى كامېرىنو ئۇنىۋېرسىتى Camerino University بولۇپ ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، ماركې رايونىدىكى كىچىك بىر تاغلىق كەنتكە جايلاشقان بولۇپ، بۇ كەنت بىزنىڭ مەكتەپ،بىزنىڭ مەكتەپ بۇ كەنت ئىدى. بىرەر يېرىم سائەتتە دېڭىز بويىغا بارغىلى بولاتتى. 7000 نوپۇسقا ئىگە بۇ كەنتتە بىزگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرئىقلىمىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت ئاساسەن مۇشۇ جايدا ئۇزۇندىن ئولتۇراقلاشقان ئىتالىيەلىك قېرىلار بار ئىدى. مەكتەپنىڭ ئېنىق چېگرا تېمى يوق بولۇپ بىر فاكۇلتىت بۇ يەردە يەنە بىر فاكۇلتىت ئۇ يەردە يەرلىق خەلقنىڭ قورولىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى. مەكتەپ كۈتۈپخانىسى تاغ چوققىسىغا، سىنىپ، ياتاق، ئاشخانىلار تاغ باغرىغا جايلاشقان، ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىسىمۇ تاغقا يامىشىدىغان ئىش بولغاچقا پىيادە ماڭساق ھەسىرەپ قالاتتۇق. شۇڭا ئاپتۇبۇسقا چىقاتتۇق. ئەلۋەتتە ئاپتۇبۇسلارمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەقسىز ئىدى. سورىسام كۈتۈپخانا بىنارىمىز 1470- يىللىرى سېلىنغان بولۇپ دەسلەپكى قىسمى 1200-يىللاردا سېلىنغانىكەن. بۇيەردە ئ‍ىمارەتلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدىمىي، ئەمما ئىچى ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇلۇپ ، سىرتى شۇ پېتى ساقلانغان. بىز بولغان بولساق بۇنداق بىنالارنى ئاللىبۇرۇن چېقىپ تۈزلەپ يول سېلىپ بولاتتۇق. بىنانى تەشكىل قىلغان قورام تاشلارنىڭ بەزىلىرى سەل تېشىغا پولتۇيۇپ چىقىپ قالغان، بەزىلىرى ئ‍ىچىگە كىرىپ كەتكەن، بىرسى چوڭ بىرسى كىچىك. بۇنداق تاملارنى كۈتۈپخانىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپمۇ كۆرەلەيسىز. ئەجداتلىرى بەك پۇختا سېلىۋەتكەچكە ھازىرمۇ خاتىجەم ئىشلىتىۋېرىمىز.  پراففېسسورلىرىمىز ئۆز ساھەسىدە خېلى تونۇلغان ۋە بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئامراق ئىدى.  ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئاساسەن ھەممىمىز ئېرىشەلەيتتۇق. شىنجاڭنىڭ 50 مىڭ يۈەنلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن ئىككى قېتىم بەھىرلەنگەنمۇ بولدۇم. مەكتىپىمىزدە ئوقۇۋېتىپ تۇرۇپ ياۋروپادىكى باشقا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئۇنىۋېرستىتلارغا قوش ئۇنۋان ياكى ئېراسموس پىلانى بويىچە بېرىپ ئوقۇپ كېلىش پۇرسەتلىرىمۇ بار ئىدى. مەكتەپ ياتاقلىرىمۇ بىر كىشىلىك ۋە ئىككى كىشىلىك دەپ ئايرىلغان، خالىغانچە ئىلتىماس قىلالايمىز. ياتاقلارغا كىچىك توڭلاتقۇلارمۇ سەپلەنگەن. بايرام ياكى ھاردۇق كۈنلىرى ياتاق ئاستىدىكى ئاشخانىمىزدا خالىغىنىمىزنى ئېتىپ يېيەلەيمىز. ھەر شەنبە كۈنى 5 كىشىلىك مەيدانغا چىقىپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ پۇتبول ئوينايمىز ۋە بەزىدە ئىتالىيەلىك، ئافرىقىلىق ياكى ئالبانىيەلىك بالىلار بىلەن مۇسابىقە ئويناپ قالساق بىز ئۇتۇپ سالىمىز. چۈنكى بىز بىر پۇتبولخۇمار مىللەت.  دەرسلەرنىڭ بەزىلىرىنى 4-5 ، بەزىلىرىنى 9-10 ئادەم بىللە ئاڭلايمىز. ئىمتاھانلىرىمىز ئ‍ۆزگىچە بولۇپ ھەممىسى دېگۈدەك ئېغىزچە. ئىمتاھان ۋاقتىنىمۇ ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز. تەييارلىقىمىز پۈتكەندە پىراففېسسورنىڭ يېنىغا كىرىپ ئىمتاھان بەرمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى، ۋاقتىنىڭ بار يوقلىقىنى سورايمىز. مۇئەللىم شۇ بىرنەچچە كۈن ياكى بىر-ئ‍ىككى ھەپتە ئىچىدىكى بوش ۋاقتىدىن بىرنى دەيدۇ ۋە بىز دېيىلگەن ۋاقىتتا ئىشخانىسىغا كىرىپ بىرگە-بىر يۈزتۇرانە ئىمتاھان بېرىمىز. ھېساپتا ئىككى سائەتتەك پاراڭلىشىپ چىقىمىز . پىراففېسسور بىزنىڭ دېگەن گەپلىرىمىزدىن قانچىلىق بىرنەرسە ئۆگەنگىنىمىزنى ئاسانلا بىلىۋالىدۇ ۋە ئىمتاھاننىڭ نەتىجىسىنى شۇزامانلا دەيدۇ. بىز بۇ نەتىجىگە رازى بولساق ئالىمىز، رازى بولمىساق يەنە بىرەر-ئىككى ھەپتە ئۆگۈنۈپ كېلىپ قايتا بېرىشنى سورايمىز. پىراففېسسورمۇ ئەلۋەتتە بۇ قارارىمىزغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئىشلار شۇ يوسوندا داۋام قىلىدۇ ۋە ئادەمنى ئاساس قىلغان رەۋىشتە راۋاجلىنىدۇ. ئىمتاھان تۈزۈلمىسىنىڭ بۇنداق بولۇشى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ۋاقتىنى  مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇستەقىل ئۆگۈنۈش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيتتى. مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇش شارائىتى شۇنداق ياخشى تۇرسىمۇ بۇيىل ئاران 6 بالا كەلدى.
图片8.jpg

كۆڭلىمىز يېرىم بولدى. يۇرتتىكىلەر بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش ئۇچۇرىنى كۆرمەمدۇ ياكى كۆرسىمۇ ياراتمامدۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. بىزدىكى ئۆرلەپ ئوقۇش قىزغىنلىقى نېمىشقا شۇنچىلىك تۆۋەن؟ شارائىت بولمىسىغۇ مەيلى، بار تۇرۇپمۇ يەنە خوشياقمىغان. ئەھۋالىمىزنىڭ مۇشۇنداق خاراب ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنىڭ ئوقۇماسلىقتا ئىكەنلىكىنى نېمىشقا ئويلاپ باقمايمىز ۋە شۇنىڭغا يارىشا تەدبىر قوللانمايمىز؟
مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرى:
http://www.bektur.cn/bbs/thread-2803-1-1.html
http://www.bektur.cn/bbs/thread-2935-1-1.html
http://www.bektur.cn/bbs/thread-2860-1-1.html
图片9.jpg

    بۇ يېڭى تونۇشقان دوستلىرىمنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدىم . ئۇلار بىر ياقتىن ئوقۇپ بىر ياقتىن ئىشلەيدىكەن. بىزنىڭكىدەك ياتاق-تاماق ھەقسىز ئوقۇش بۇ يەردە ئاساسەن يوقكەن. ھەتتا دوكتورلارمۇ پۇلغا ئوقۇيدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ھەپتىدە 28 سائەت ئىشلىشگە رۇخسەتكەن. ئېشىپ كەتسە بولمايدىكەن. بىر كۈن(8 سائەت) ئىشلىسە تەخمىنەن 600 يۈەن تاپالايدىكەن. دېمەك بىر ئايدا 10 كۈن ئىشلىسە 6000 يۈەن تېپىپ، توكيودا بىر ئېغىزلىق (15 كۋادراتمېتىر ئەتراپىدا) ئۆينىڭ ئىجارىسىنى كۆتۈرۈپ، قولىغا بىر-ئىككى مىڭ يۈەن ئېشىپ قالىدىكەن. يەنى قورساق ئېچىپ قالمىغۇدەك ياكى تالادا توڭلاپ قالمىغۇدەك پۇل تاپساڭ بولدى، قالغان ۋاقىتتا ئوقۇ، دېمەكچىكەن.  ئۇلار خىزمەتلىرىدىن ۋە رۇخسەت قىلغان ۋاقىت چەكلىمىسىدىن قاقشاپ قوياتتى. پاراڭ بەكرەك خىزمەت توغرىسىدا بولاتتى. شۇ كۈنى يېڭى يىل ھارپىسى ئىدى. بىز  يېڭى يىلنى بىللە ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ بۇ سورۇندىن تاراپ كەچتە يەنى يىغىلدۇق.
图片10.jpg

بىللە تاماق يەپ بولۇپ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز مۇنار، دۇنيا بويىچە ئىككىنجى ئېگىز ئىمارەت—توكيو سكايتسىرىغا (Skytree) كەلدۇق. بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەت 634 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ ئاستىغا كىلىپ ئۈستىگە قارىسىڭىز ئادەم ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ۋە كىچىكلىكىنى ھېس قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە كۆپ يەر تەۋرەيدىغان دۆلەت بولغاچقا بۇ مۇنارنىمۇ يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سالغانىكەن. يەر تەۋرىگەن چاغلاردا مۇنارنىڭ كۈچلىك لەپەڭشىگىنىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇ يەردىكىلەر بۇنىڭغا كۆنەك بولۇپ يەر تەۋرەپ قالسا قىلچە ھودۇقمايدىكەن ئەكسىچە بىرنەچچە ۋاقىت يەر تەۋرىمەي قالسا ھەجەپ تەۋرىمەيدا دەپ بىئاراملىق ھېس قىلىپ كېتىدىكەن. يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىققان ئادەم خېلى جىق تۇراتتى. بىز ئەمدى نەگە بارىمىز دېسە نەگە بارىمىز دېيىشىپ ئاخىرى روپپونگېغا بېرىشنى قارار قىلدۇق. بۇ روپپونگې دېگىنى قانداق يەركىن دېسەم پۈتۈن كېچىلىك كلاپلارنىڭ نوچىسى يىغىلغان، ياشلار بېرىپ كېچىچە ئويناپ كۆگۈل ئېچىپ كېلىدىغان يەر ئىكەن. قارىساق كوچىلاردا تىقىم-تىقىم ئادەم، يول يۈرۈشمۇ شۇنچىلىك تەس. يېڭى يىل كىرىشكە ئون سېكونت قالغاندا چۇقان-سۈرەنلەر تۇيۇقسىز ئۇلغۇيۇپ تەتۈر ساناق باشلاندى. ھەممە ئادەم خۇددى قازاندا قايناۋاتقان سۇدەك قايناپلا كەتتى ۋە ۋارقىرىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. مەنمۇ مۇشۇ قايناۋاتقان ئادەم دېڭىزىنىڭ بىر مولىكولىسى بولغاچقا قاتتىق ھاياجانلاندىم ۋە شۇ دەقىقىلەردە ئەڭ يېققىنلىرىمغا ئۈندىدار ئارقىلىق سالام يوللىدىم. كلاپلارنىڭ ئىچىنىمۇ بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتۇق. قايتىدىغان چاغدا بىر دوستۇم ئۆيىدە قونۇپ قېلىشىمنى ئېيتتى. مەنمۇ ئىككىلەنمەي قونۇپ قالدىم. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋاللىرىدىن تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئ‍ۆيى 15-20 كۋادرات مېتر چوڭلۇقتىكى ئۇزۇنچاق بىر ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ ئىشىكتىن كىرگەنلا يەردە ئوڭ تەرەپتە ئوچاق،ئاشخانا بويۇملىرى،سول تەرەپتە تازىلىق ئۆيى، ئاياقنى شۇ يەردە سېلىپ يەنە ئۈچ-تۆت قەدەم ماڭسا چوڭ دالان ئ‍ۆي، ئۇنىڭمۇ ئ‍ىچكىرىسى بالكون ئىدى. قارىماققا كىچىك بولسىمۇ 2-3 ئادەم ياتسا كەڭتاشا پاتاتتى. دالاڭ ئۆينىڭ يېرىمى ئىككى قەۋەت قىلىپ لاھىيەلەنگەن، كىچىك شوتا ئارقىلىق يەر بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئۈستىدىمۇ بىر ئادەم ياتقۇدەك ئورۇن بار ئىدى. ئۇ بۇ ئ‍ۆيدە يالغۇز تۇرىدىكەن ۋە ئايدا 4000 يۈەندەك ئىجارە تاپشۇرىدىكەن. بۇيەردە ئوقۇۋاتقان بويتاق ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن مۇشۇنداق ئۆيلەردە تۇرىدىكەن. ئاكامنىڭ ئۆيى توكيونىڭ ئىچىدە بولمىغاچقا ئايلىق ئۆي ئىجارىسى 2500 يۈەن ئەتراپىدىكەن. سۇ، توك، گاز ۋە قورساققا كېتىدىغان چىقىملار 3-4 مىڭ يۈەنگە بېرىپ قالىدىكەن. دېمەك ئ‍ۆزلىرى ئىشلەپ پۇل تاپمىسا ۋەتەندىن ئەۋەتىپ بېرەلەيدىغان پۇل ئۇلارنىڭ ھېچيېرىگە كەلمەيدىكەن.  

ساياھەتنىڭ 6-كۈنى:
ئەتىسى ئاكام تېلېفون قىلىپ سۇ جانلىقلىرى باغچىسىغا بارىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. مەن ئۇ دوستۇم بىلەن خوشلۇشۇپ ئاكام بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان جايغا باردىم . بۇ باغچا ئېگىز بىر بىنانىڭ ئۆگزىسىگە جايلاشقانىدى. بىز 100 يۈەندىن بېلەت ئېلىپ ئىچىگە كىردۇق. ئىچىدە ئاجايىپ-غارايىپ بېلىقلار، پىنگىۋىن، دېڭىز شىرى ...دېگەندەك نۇرغۇن جانلىقلار بار ئىدى. ئەينەك تامنىڭ ئىچىگە ئېلىنغان غايەت زور بېلىق قاچىلىرىدا مەندىنمۇ يوغان بېلىقلار ئەركىن ئ‍ۈزۈپ يۈرەتتى. كۆندۈرگۈچى غەۋۋاس كىيىمىنى كىيىپ بېلىقلار بىلەن بىللە ئۇسۇل ئوينايتتى. جىيەنىم بۇرھان ئۇيان-بۇيان يۈگىرەپ كۆز ئالدىدىكى بۇ گىگانت مەخلۇقلارغا قاراپ ھەيران قالاتتى ۋە قورقۇپ يىغلاپ كېتەتتى. ئەتراپنى بېشىغا كىيىپ ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە قاراتتى ۋە بىزنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. قارىسام ياپۇنلۇقلارنىڭ بالىلىرى قويغان يېرىدە جىملا تۇراتتى قەتئىي جىدەل قىلمايتتى. باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىق ئىدىيىسى بالىلىرىنىڭ قېنىغىمۇ سىڭىپ كەتكەندەك تۇراتتى.
图片11.jpg

ساياھەتنىڭ 7-كۈنى:
بۈگۈن  ئاكامنىڭ ئىشلەيدىغان كۈنى ئىدى. شۇڭا مەن ئۆزۈم يالغۇر توكيونى ئايلىنىدىغان بولدۇم. 13مىليون نوپۇسقا ئىگە مۇشۇنداق چوڭ بىر  شەھەردە ئازراقمۇ ياپۇن تىلى بىلمەي تۇرۇپ يالغۇز سىرتقا چىقىشىم ئاپامنى سەل ئەنسىرىتىپ قويغان بولسىمۇ مېنى قاتتىق ھاياجانغا سالغانىدى. چۈنكى مەن ناتونۇش بىر شەھەردە ھېچقانداق يېتەكچىسىز ھالدا ساياھەت قىلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. مەن بارماقچى بولغان ئورۇنلارنى ۋە قانداق بېرىشنى بىر ۋاراقچىغا يېزىۋېلىپ يولغا چىقتىم. ئاپام ئۆيدە بالىغا قاراپ قالدى. مېتروغا چىقىپ ماڭغىنىمدا ئىختىيارسىز ئەتراپتىكى ئادەملەرگە دىققەت قىلماي تۇرالمىدىم. خېلى كۆپ ئادەم ماسكا تاقىۋالغانىدى. جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە مۇھىت بەك بۇلغانغان بولغاچقا بەزى ئادەملەر ماسكا تاقىۋېلىش ئارقىلىق ھاۋادىكى زەھەرلىك ماددىلاردىن ئازتولا مۇداپىئە كۆرەتتى. لېكىن ياپونىيەنىڭ مۇھىتى شۇنچە پاكىز تۇرسا نېمىشقا شۇنچە كۆپ ئادەم ماسكا تاقىۋالىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. كېيىن ئاڭلىسام ياپونىيەلىكلەر باشقىلارغا دەخلى قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ياكى زۇكامداپ قالغانلار باشقىلارغا زۇكىمىنى يۇقتۇرۇپ قويماسلىق ئ‍ۈچۈن ئۆزلىكىدىن ماسكا تاقاپ سىرتقا چىقىدىكەن. بۇلارنىڭ باشقىلارغا دەخلى قىلىپ قويۇشنى شۇنچىلىك دەرىجىدە ئېغىر بىلىشى ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىدە بىلىنىپ تۇراتتى: ئۇلار زېرىكىشلىق بۇ پويىزدا ئۆز ئارا پاراڭمۇ سېلىشمايتتى ياكى سېلىشسىمۇ پىچىرلىشىپ گەپ قىلاتتى. تېلىفونمۇ سۆزلەشمەيتتى. پويىز شۇنچىلىك جىمجىتكى كۆزىڭىزنى يۇمىۋالسىڭىز خۇددى پويىزدا سىزدىن باشقا ھېچكىم يوقتەك بىلىنەتتى. ئۇلار ۋاقىتنى كىتاب كۆرۈپ ياكى تېلېفوندا ئويۇن ئويناپ ۋە ياكى ئۇخلاپ ئۆتكۈزەتتى . ياپۇنلۇقلارنى كۈزەتكەچ ئولتۇرۇپ بىردەمدىلا بارماقچى بولغان يېرىم «توكيو بېكەت» كە كېلىپ قاپتىمەن.  بۇ بېكەتتىن كۈنىگە تۆت يۈزمىڭدىن ئ‍ارتۇق ئادەم مېتروغا چىقىدىغان بولۇپ، توكيو بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىكەن. مەن مېترودىن چۈشۈپ قايسى ئىشىكتىن چىقىشنى ئۇقالماي ئادەم دېڭىزى ئىچىدە ئېزىپ قالدىم. چۈنكى بۇ بېكەتتىن چىقىدىغان ئىشىكنىڭ سانى بەك كۆپ ئىدى، ھەر بىر چىقىش ئىشىكى ئادەمنى ئوخشىمىغان مەنزىلگە باشلايتتى. كۆڭلۈمدە بىرەرسىدىن يول سورىسام قانداق بولار دەپ ئويلۇدۇم. ئاخىرى يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ تامدىكى يول كۆرسەتكۈچ خەرىتىسىگە قاراپ تۇرغان بىر چۈپ ئەر-ئايال ياپۇنلۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا توكيو بېكىتىنىڭ سىرتتىن تارتىلغان رەسىمىنى كۆرسەتتىم ۋە مۇشۇ يەرگە بېرىش ئۈچۈن قايسى ئىشىكتىن چىقىشىم كېرەكلىكىنى سورىدىم. مەقسىتىمنى خېلى تەستە قول ۋە بەدەن ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرگەنىدىم. ئۇلار خەرىتىگە بىر ئاز قارىۋېتىپ ماڭا يول باشلاپ ماڭدى. بېكەتنىڭ ئىچى بەك چوڭ بولغاچقا خېلى مېڭىپمۇ يېتىپ بارالمىدۇق. بىر چاغدا ئۇلارمۇ يولنى تاپالماي قالدى ۋە بىر ساقچىدىن يول سوراپ شۇنىڭ دېگىنى بويىچە مېنى چىقىش ئىشىكىنىڭ ئالدىغىچە ئاپىرىپ قويدى ۋە مەن بىلەن ئۆز-ئارا تازىم قىلىپ خوشلاشقاندىن كېيىن ئالدىراپ قايتىپ كېتىشتى.  مەن ھەيران قالدىم. ئۇلار ئەسلى مەندەك بىر ناتونۇش ئادەمگە بۇنچىلىك جاپا تارتىپ يۈرمىسىمۇ، ياكى «ئۇقمايدىكەنمىز» دەپ قويسىمۇ، ھېچبولمىغاندا «ئاۋۇ تەرەپتە» دەپ يۈنۈلۈشنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ بولاتتى. مەن بۇ ئىشنىڭ تاساددىپىيلىق بولۇپ قالغىنىغا گۇمان قىلىپ باشقا بىر كۈنىمۇ يول سورىغانىدىم. ئۇ چاغدا مەن ۋوگزال سۇپىسىدا تۇرۇپ مېترو ساقلىغاچ بىر قىزدىن توغرا ئورۇندا تۇرغان تۇرمىغىنىمنى سورىغانىدىم. ئۇ قىز خاتا سۇپىدا تۇرۇپ قالغانلىقىمنى، ئاۋۇ تەرەپتىكى باشقا بىر سۇپىدا ساقلىشىمنى ئېيتىپ ،«بولدىلا، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي» دەپ توغرا ئورۇنغا ئاپىرىپ قويغانىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئادەمگەرچىلىكى مېنىڭ ياپۇنىيىلىكلەرگە بولغان ھۆرمىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. مەن بۇ ئىشىكتىن چىقىپلا رەسىمدىكىگە ئوخشاش بېكەت بىناسىنى كۆردۈم . بۇ ئەڭ دەسلەپكى توكيو بېكىتىنىڭ بىناسى بولۇپ 1914-يىللىرى سېلىنغانىكەن. بۇ قەدىمى پاسوندىكى ئىمارەتنىڭ ئالدىدا ئىككى پارچە رەسىم چۈشۈپ بولۇپ مۇشۇ جاينىڭ يېنىغىلا جايلاشقان توكيو پادىشاھ  ئوردىسىغا قاراپ ماڭدىم. مەن ئۆيدىلا بۇ بېكەتتىن پادىشاھ ئوردىسىغا قانداق مېڭىشنى ئوبدان كۆرىۋالغان بولغاچقا قىلچە قىينالمايلا ئوردىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدىم. ئادەم ئاجايىپ كۆپ ئىدى. كۆز يەتكۈسىز ئادەملەر خۇددى بىرەر ئىش بولغاندەك بىر يۆنۈلۈشكە قاراپ مېڭىۋاتاتتى. مەن نېمە ئىش بولغىنىنى تازا ئاڭقىرالماي ئېقىمغا ئەگىشىپ ئادەم دېڭىزى ئىچىدە غايىپ بولدۇم. سورىسام ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ، پادىشاھ چىقىپ خەلق بىلەن يۈزكۆرۈشىدىكەن ۋە سۆز قىلىپ پۇخرالارغا سالام يوللايدىكەن. ئالە شەرىڭنى، مۇشۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قالغان بارمۇ؟ نەق ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كەپقاپتىمەن دېسە. ئادەملەر ئەسلى پادىشاھنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەنىكەن . تۈركۈم-تۈركۈم ئادەملەر ئ‍وردىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئېقىۋاتاتتى. ئ‍وردا ناھايىتى پاكىز بولۇپ ئەتراپ ياپيېشىل ئىدى. بىز چوڭ بىر مەيدانغا كېلىپ يىغىلىپ ھۆرمەتلىك پادىشاھ ئاكىخىتو ئەپەندىمنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇردۇق. مەيداندا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇياق-بۇياققا مېڭىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . خۇددى پۈتۈن ياپۇن خەلقى مۇشۇ يەرگە يىغىلغاندەكلا. شۇنداق تۇرۇقلۇق قالايمىقانچىلىق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىرەر قۇراللىق ساقچىمۇ يوق ئىدى، پەقەت يول كۆرسىتىپ تۇرغان خادىملارلا بار ئىدى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ياپونىيە ناھايىتى خاتىرجەم ۋە تېنچ بىر دۆلەت ئىدى. پادىشاھ خانىمى ۋە بىرنەچچە ئادەم بىلەن چىقىپ كەلدى. ئۇ چاچلىرى ئاقارغان ناھايىتى سالاپەتلىك ئادەم بولۇپ تولىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆرۈنەتتى. ئادەملەر قىلچە چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈشمەي ئەكسىچە قوللىرىدىكى بايراقنى پۇلاڭلىتىپ ھەيۋەت بىر مەنزىرە ھاسىل قىلىشتى ۋە پادىشاھقا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. پادىشاھ بىزگە ئامانلىق تىلەپ سۆز قىلدى. سۆزدىن كېيىن كېيىنكى مەنزىلىمگەن ئالدىراپ بۇ يەردىن ئايرىلدىم . لېكىن قايتقان بىر تۈركۈم ئادەمنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ كەينىدىن يەنە بىر تۈركۈم كېلىۋاتاتتى. يەنە نۇرغۇن ئادەم پادىشاھنى يېقىنراق ئارىلىقتىن كۆرىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ قېلىپ قېلىشتى. پادىشاھنىڭ پۇخرالار قەلبىدىكى ئورنى ھەقىقەتەن يوقۇرىكەن.
    كېيىنكى مەنزىلىم بۇ جايدىن 3 بېكەت يىراقلىقتىكى دۆلەتلىك تەبىئەت ۋە پەن-تېخنىكا موزىيى ئىدى. ئۆزۈم بىر تەبىئىي پەنچى بولغاچقا بۇ ئورۇن ئىسمىدىنلا مېنى ئۆزىگە بەك جەلىپ قىلدى. موزىي 1871-يىلى ئېچىلغان بولۇپ 2007-يىلدىن باشلاپ مۇشۇ نام بېرىلگەنىكەن. مەن 600 يىنگە (32يۈەن) بېلەت ئېلىپ ئىچىگە كىردىم. بۇ باھا تولىمۇ ئەرزان ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەقسىزكەن. قارىماققا بۇ پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئورۇن ئەمەسكەن. مۇزىي ياپۇن مۇزىيى ۋە يەرشارى مۇزىيى دەپ ئىككى چوڭ بىنادىن تەشكىل تاپقانىدى. ئالدىنقىسىدا ياپۇنىيەنىڭ ئومومى تارىخىغا ئالاقىدار ھەرخىل يازمىلار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئەدەتلىرى، ياپونىيەدىن تېپىلغان قەدىمكى ئادەم سۆڭەكلىرى، ھەرخىل ھايۋانلار، قەدىمكى ياپۇنلۇقلارنىڭ نۇرغۇن كەشپىياتلىرى (مەسىلەن ئىپتىدائى يەر تەۋرەشنى ئالدىن ئ‍ۆلچەش ئەسۋابلىرى، دۇربۇن...) قاتارلىقلار قويۇلغانىدى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يېتىلەپ بۇلارنى كۆرسىتەتتى، ئۆز تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگۈتەتتى. بۇلاردىن باشقا يەنە 360 گرادۇسلۇق كىچىك كىنوخانىمۇ بار بولۇپ، مەن بۇنداق كىنوخانىغا ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىمدا بېيجىڭدىكى بېيجىڭ پەن-تېخنىكا مۇزىيىغا كىرگەندە بىر كىرگەنىدىم. ئەينى چاغدىكىسى شارسىمان ئىكران ئىدى، شارنىڭ ئوتتۇرىسىدا 20-30 ئادەم بويۇنلىرىنى تولغاپ تۇرۇپ يۇمىلاق ئىكراندىكى مەزمونلاردىن ھۇزۇرلىناتتى. لېكىن بۇ يەردىكىسى سىلىندىرسىمان چوڭ بىر ئۆي بولۇپ، 30 دەك ئادەم سىلىندىرنىڭ ئوق قىسمىدا تۇردۇق .  360 گرادۇسلۇق بۇ چوڭ ئىكراندا ئىپتىدائىي ئادەملەر دەۋرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ئۆزگۈرۈشلەر، دېڭىزنىڭ تېگىدىن تارتىپ ئاسماندىكى ھەرخىل كۆرۈنۈشلەر سېموۋوللاشتۇرۇلۇپ تەسۋىرلىنەتتى. پەلەكتە كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر چىققاندا ئادەمگە ھەقىقەتەن ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى. ئ‍ۈستىمىزمۇ، تېگىمىزمۇ، ئالدى-كەينىمىزمۇ ھەممىسى ئېكران بولغاچقا ھەر بىر كۆرۈنۈش كۆرىۋاتقان كىشىنى ئاشۇ ئ‍ۈچ ئۆلچەملىك مۇھىتتا تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇراتتى.
图片12.jpg 图片13.jpg

图片14.jpg 图片15.jpg


  يەرشارى مۇزىيى بىناسى بولسا ئاستىغا ئ‍ۈچ قەۋەت، ئ‍ۈستىگە ئۈچ قەۋەت بولۇپ ئىچىدە يەرشارىنىڭ تارىخى، ئادەملەرنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى، دىنازاۋۇرلار، مۇھىم كەشپىياتلار...قاتارلىقلارغا ئالاقىدار نەرسىلەر بار ئىدى. قورسىقىم ئېچىپ كەتكەن بولسىمۇ مەن بۇلارنى جىقراق كۆرىۋېلىش ئ‍ۈچۈن تاماق يېيىشكىمۇ ۋاقىت چىقارالمىدىم. مەن ھەممىنى كۆرۈپ بولالمايلا ۋاقىت توشۇپ مۇزىي تاقالدى. بۇ يەر بالىلارغا نىسپەتەن تەبىئەت ۋە ئىلىم-پەننى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ياخشى بىر دەرسخانىكەن. فرانسىيەگە بارغان ۋاقتىمدا پارىژدىكى دۇنياغا ئەڭ داڭلىق مۇزىي—لورۇخ سارىيىدا مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىۋاتقىنىنى كۆرگەنىدىم. مۇزىي ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغان بولسىمۇ ئوقۇتقۇچى بىر بۇلۇڭدا دېلاكلاۋا سىزغان «ئەركىنلىك كىشىلەرنى ئالغا باشلايدۇ» دېگەن رەسىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئەينى چاغدىكى تارىخنى رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەۋاتاتتى. 10-15 ئوقۇغۇچى يەردىلا ئولتۇرۇپ دەرس تىڭشايتتى. دەرس بۇنداق ئۆتۈلسە ئەلۋەتتە ئۆگەنگۈچىدە كۈچلۈك قىزىقىش ۋە ئ‍ىزدىنىش روھى تەبىئىيلا يېتىلەتتى. دەرسخانىلارنى سىنىپ ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى سىرتلارغىچە كېگەيتىش بىزنىڭمۇ ئىسلاھ قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مۇھىم ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى دەپ قارايمەن.


ساياھەتنىڭ 8-9-كۈنلىرى:
  بۈگۈنمۇ ئاكاملار ئىشقا كەتتى. مەن ئاپام بىلەن ئۆيدە بۇرھانغا قارپ قالدۇق. سىرتقىمۇ چىقمىدۇق. بۇرھان بەك شوخ بولۇپ ئازراقمۇ تىنىم تاپمايتتى. شۇڭا ئۇنىڭغا قاراپلا تۇرمىسا يا يىقىلىپ بېشىنى يېرىۋالغان يا بىرەر نەرسىنى تارتىپ ئۆرىۋەتكەن ئىشقىلىپ ئادەمگە ئارام بەرمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمىز ئۇنىڭ ھەرقانداق سەۋەنلىكلىرىنى كۆتۈرىۋېتىشقا يېتىپ ئاشاتتى. ئۇ مېنىمۇ ئاكامنىمۇ ئوخشاشلا دادا دەپ چاقىراتتى. ئىككى تال دادام بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان چېغى. مۇشۇنداق چاقىرىشتىن ئىككىسىلا ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىراتتى. ئاپام چۈشلۈك تاماققا تۇتۇش قىلىپ ئاشخانا ئىشلىرىغا ئۆتتى، مەن بولسام بۇرھاننى ئوينىتىپ ھېرىپ قالدىم. ئاپامنىڭ مەن كەلمەستە بىر ياقتىن بالىغا قاراپ بىر ياقتىن ئاشخانا ئىشلىرىغا قانداق ئۈلگۈرگىنىگە ھەيرانمەن. ئاپامغا ئوخشاش ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگۈنۈش ۋە خىزمەت ئىشلىرىنى ياخشى قىلىۋېلىشى ئۈچۈن نەۋرە بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئانىلىرىمىز بىزدە ئاز ئەمەس. بۇ ئەلۋەتتە مۇھەببەتنىڭ كۈچى. ئەمما ياپونىيەدە بۇنداق ئەھۋال ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىكەن. ئۇلاردىكى ئائىلە مۇھەببىتى، پەرزەنت مۇھەببىتى زامانىۋىلاشقان ئىجتىمائى تۇرمۇش مېتودى تەرىپىدىن سۇسلاشتۇرىۋېتىلگەندەك تۇراتتى. ئۇلار ئائىلىنىڭ، پەرزەنتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن خېلى كۆپ ياشلار ئ‍ۆيلەنمەي بويتاق يۈرەتتى. ئۇلار جەمىيەتنىڭ ۋە خىزمەتنىڭ بېسىمىدا ئۆرە بولالماي ئالدىراش يۈرگەچكە بۇنداق ئىشلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ جىق بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئەركىن بولالمايمىز دەپ قارايتتى. لېكىن ئائىلىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق بېسىمى بولغان بىلەن ئۇ بىزگە مۇھەببەت ئاتا قىلىدىغان بۆشۈك ئىدى. بىزنىڭ ھاردۇقىمىزنى چىقىرىدىغان، ئىشلىرىمىزغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېرىدىغان  ۋە بىزنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان روھى ئوزۇق ئىدى.
图片16.jpg

    ئاپام ئەتكەن مەززىلىك تاماقنى يەپ روھىم كۆتۈرۈلدى.تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ مەھەللىنى ئايلاندىم. ئەخلەت ئۇچرىمايدىغان شۇنچىلىك پاكىز مەھەللە مۇھىتى ئادەمگە ھۇزۇر بېرەتتى. يۇرتىمىزدىكى مەھەللىلەرگە ئوخشاش ۋارقىرىشىپ خۇشال ئويناۋاتقان بالىلار، قەرت ئويناپ ئىشپۇشىقىنى چىقىرىۋاتقان قېرىلار بۇ يەردە يوق ئىدى. ئەتراپتا بىرەر بىكار تۇرغان ياكى بىرەرسى ئۇچراپ قالسا ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ گەپ ساتىدىغان ئادەملەرمۇ كۆرۈنمەيتتى.  ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىدە، ياكى سىرتقا چىققانلار ئالدىراش ئۆز ئىشلىرىنى بېجىرگىلى ماڭاتتى. مەھەللىنى ئىككى چۆگىلىۋېتىپ ئازراق نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ ئۆيگە يېنىپ كىردىم. بۇرھان ئۇخلاپ قالغانىدى. مەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى پۇراپ ياتتىم. ئۇنىڭ غەمسىز ھەم گۆدەك كۆزلىرىدىن ئۆزۈمگە تەسەللى تاپاتتىم. ئۇنىڭغا قاراپ بالىلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەشكە تىرىشاتتىم. ئاپام بالىلار چۆچەك كىتابىدىن بىرنى ئېلىپ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ماڭا ئوقۇپ بەرمەكچى بولدى. مەن ئاپامنىڭ يوتىسىغا بېشىمنى قويۇپ چۆچەك ئاڭلاشقا باشلىدىم. ئۇ ھېلىقى ئاچكۆز بۆرە بىلەن ئەقىللىق قوزىچاقلارنىڭ ھېكايىسى ئىدى. ئاپام كىچىكىمىزدە بۇنداق چۆچەكلەرنى بىزگە دائىم ئوقۇپ بېرەتتى. 20 يىلدىن كېيىنكى مۇشۇ كۈندە يەنە بىر قېتىم چۆچەك ئاڭلاش ماڭا نىسىپ بولدى . كۆڭلۈم تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىرخىل لەرزىگە چۈشتى. گەرچە چۆچەكنىڭ مەزمۇنى ماڭا يادا بولسىمۇ ئەمما مەن ئۈن-تىن قىلماي ئاڭلاپ ياتتىم . چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتاتتىم. بالىلىقىمدا ئاڭلايدىغان ئاشۇ ئاھاڭ ئاشۇ رېتىم مېنى ئىختىيارسىز بالىلىق قوينىغا باشلاپ كىردى. مەن ئۇنى ئاخىرى تاپتىم. 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاپامنىڭ قوينىدا يېتىپ تۇرۇپ ھېكايە ئاڭلايدىغان ئاشۇ ھېسسىياتنى ئاخىرى تاپتىم. مەن گويا ئۆزۈمنى ئاشۇ ۋاقىتقا قايتىپ قالغاندەكلا ھېس قىلدىم. كۆز ئالدىمدا بۇرھان ياتاتتى. مەن كۆزۈمنى قاتتىق يۇمىۋالدىم. چۈنكى كىرپىكلىرىم ئاللىبۇرۇن نەملىشىپ بولغانىدى....
    图片17.jpg

ئەتىسى بىز ئۆي كۆچتۇق. چۈنكى ئاكامنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى يىللىق ئ‍ىجارىسى توشۇپ، داۋاملىق تۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىرمۇنچە پۇل قوشۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى يەنى ئۆينىڭ ئىجارىسى ئۆسكەنىدى. شۇڭا ئاكام خوشنا بىنادىن مۇشۇ ئۆيگە ئوپمۇ ئوخشاش ئەمما باھاسى بۇرۇنقىدەك سەل ئەرزانراق بىر ئۆي ئۇقۇشۇپ قويغانىكەن. بىز ئاكاملار ۋە بىرنەچچە ئاغىنىلىرى قوشۇلۇپ ئالتە-يەتتىمىز بىر كۈندە ئاران كۆچۈپ بولدۇق. بۇ يەردە ئۆي كۆچۈش دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن . ئىسكەندەر ئاكاملار ياپۇنغا كېلىپ 9 يىل جەريانىدا جەمئىي 8 قېتىم ئۆي كۆچۈپ بوپتۇ. بۇ گەرچە ئاۋارىچىلىق بىر ئىش بولسىمۇ ئىقتىساتچىل بولۇش ئۈچۈن ياخشى بىر تاللاش ئىدى.
图片19.jpg

ساياھەتنىڭ 10-كۈنى:
   بۇ كۈندىمۇ مەن يالغۇز سىرتقا چىقتىم. مەن توكيودىكى بېرىپ باقمىغان يەرلەرگە بېرىشنى ئۈمۈد قىلىپ شىنجىكۇغا قاراپ ماڭدىم. شىنجىكۇ مېترو بېكىتى يولۇچى سانى بويىچە ھېساپلىغاندا دۇنيا بويىچە ئەڭ «ئالدىراش» بېكەت بولۇپ كۈنىگە 3.64 مىليون ئادەم كىرىپ چىقىدىكەن(2007-يىلىدىكى ستاتىستىكا). بېكەتنىڭ 36 ۋوگزال سۇپىسى، 200 دىن ئارتۇق چىقىش ئىشىكى بار ئىكەن. بۇ رايون سودا-ئىقتىساد ئەڭ گۈللەنگەن رايون بولۇپ كۆككە تاقاشقان ئېگىز بىنالار بىر-بىرىدىن بوي تالىشىپ تۇراتتى. 18 كۋادرات كلومېتىر كېلىدىغان مۇشۇ رايوندا ھەر كۋادرات كلومېتىرغا توغرا كېلىدىغان نوپوسنىڭ زىچلىق 18 مىڭ ئادەمدىن ئاشىدىكەن. سىرتقا چىقىپ ئادەم دېڭىزى ئىچىدە ئىختىيارى بىر يۆنۈلۈشكە قاراپ ماڭدىم. كاللامدا ئېزىپ قېلىش دەيدىغان ئۇقۇملار يوق ئىدى. مەن مېڭىپ مېڭىپ چوڭ بىر باغچىغا كېلىپ قالدىم. بۇ شىنجىكۇ باغچىسى ئىدى. مەن 200 يىنگە بېلەت سېتىۋېلىپ ئىچىگە كىردىم. باغچا ناھىيىتى چوڭ بولۇپ ئ‍ادەملەر بەك شالاڭ ئىدى. بەزىلەر چىملىقتا تەبىئەتتىن ھۇزۇر ئالغاچ ئولتۇرۇپ دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشاتتى، بەزىلەر باغچىدا يۈگۈرەپ چېنىقاتتى. بايىقى تىقىم-تىقىم ئادەملەر بېشىمنى ئاغرىتىۋەتكەن بولسا ئەمدى بۇ ياپيېشىل تەبىئەت قوينىغا قايتىپ كۆڭلۈم ئازادە بولۇپ قالدى. ئادەملەر ۋە ئېگىز بىنالار شۇنچە زىچ بۇ رايوندىن بۇنچىلىك چوڭ باغچە ئورنى چىقىرىشى ياپۇنلۇقلارنىڭ تەبىئەتنى سۆيىدىغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى ئىدى.
图片18.jpg 图片20副本.jpg

كېيىنكى نىشانىم «توكيو دوم» بولدى. بۇمۇ بىر كۆڭۈل ئېچىش شەھەرچىسىكەن. بۇ جايغا كېلىپ بىرىنچى بولۇپ كۆزۈمگە چېلىققىنى چوڭ بىر بىنا بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاغ پويىزى ئىدى. پويىز بىنانى بويلاپ يوقۇرى ئۆرلەيتتى ۋە بىنانىڭ بىر بۇلۇڭىنى تېشىپ ئېتىلىنىپ چىقاتتى. مەن ئىككىلەنمەيلا 1000 يىنغا (52 يۈەن) بېلەت ئېلىپ پويىزغا چىقتىم. پويىز ئېگىز كۆتۈرۈلگەندە بىنالار ئاستىمىزدا قالدى، پۈتۈن سۈرئەت بىلەن پەسكە شۇڭغىغاندا بولسا كۆڭۈللەردە ھېچقانداق دەرت-ھەسرەت قالمىدى. تولا چىقىراپ كانەيلىرىم ئاغرىپ كەتكەنىدى. فۇجىكيۇدىكى تاغ پويىزلىرىغا ئوخشاش بۇ يەردىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ھېسسىياتلارغا ئىگە بولدۇم.
图片21.jpg      

ساياھەتنىڭ 11-كۈنى:
  بۈگۈن ياپۇنىيەدىكى ساياھىتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئەتە ئىتالىيەگە قايتىمەن. شۇڭا بىز بۇ كۈنى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان دىسنېي باغچىسىغا بېرىشنى قارار قىلدۇق. دىسنېي باغچىسى دېگەننى بۇرۇن بەك ئاڭلايتتىم، لېكىن بېرىپ باقمىغانىدىم. بىز ئىككى ماشىنا بولۇپ ئەتتىگەندىلا يولغا چىقتۇق. ئاكامنىڭ دوستى ئەسئەتمۇ ئاتا-ئانىسىنى ئېلىپ بىزگە قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ يېقىندا ياپۇنىيەگە كەلگەنىكەن. بىز ئىككى سائەت يول يۈرۈپ ئاخىرى يېتىپ كەلدۇق. مەشھۇرلىقى جەھەتتە بۇ ئامېرىكىدىكى دىسنېي باغچىسىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بىز 7000 يىندىن (365يۈەن) بېلەت ئېلىپ ئىچىگە كىردۇق. بۇ بېلەت بىلەن ئىچىدىكى يۈزنەچچە خىلدىن ئارتۇق ئويۇننىڭ ھەممىسىنى ئوينىغىلى بولىدىكەن. بۇ جاي بەئەينى بىر چۈش دۇنياسىدىكى شەھەر ئىدى. شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپ ھەرخىل كارتون ئوبرازى سىياقىغا كىرىۋالغان ئادەملەرنىڭ ناھايىتى خۇشال ھەم ھاياجان ھالىتىنى كۆردۇم. خۇددى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق غەم ئەندىشىسى يوقتەك ئادەمگە خۇشاللىق بېغىشلايتتى. بىز خەرىتە بويىچە بىرياقتىن ئايلىنىشقا باشلىدۇق. ئالدى بىلەن باغچىنى چۆگىلەيدىغان پويىزغا، ئاندىن قۇلۋاققا، كەينىدىن چوڭ بىر پاراخوتقا چىقتۇق. بۇ ئۇيۇنلارغا ئۆچىرەتتە تۇرىۋاتقان ناھايىتى كۆپ ئادەم بار ئىدى. لېكىن بىز چوڭلارنىڭ ئۇزۇن ئۆرە تۇرالمايدىغانلىقىنى، پۇتى ئاغرىيدىغانلىقىنى ئېيتىپ «تېز تونېل» دەيدىغان، ھېچقانداق ئۆچىرەت تۇرۇش ھاجەتسىز بولغان ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشتۇق. بىز پەقەت خادىملارغا بۇ ئالاھىدە بېلىتىمىزنى كۆرسىتىپ دېيىلگەن ۋاقىتتا قايتا كەلسەكلا ئۆچىرەتنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىلاتتۇق. بۇ ياشانغانلار ۋە مىيىپلارغا بېرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىيازكەن. بۇنىڭدىن ياپۇنلۇقلارنىڭ ھەممە ئىشنى ئەتراپلىق پىلانلايدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بىز بۇ ئالاھىدە بېلىتىمىز ئارقىلىق نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى تىجەپ قالدۇق. ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتىۋاتاتتى. چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا ئاران باغچىنىڭ بىر بۇلۇڭىنىلا كۆرۈپ بولالىدۇق. ئېلىۋالغان تاماقلىرىمىزدىن شۇ جايدىلا قورساق توقلىۋېلىپ، شۇ كۈندىكى ئەڭ نادىر نومۇر—پاراتتىىن ئۆتۈش مۇراسىمىدىن ھوزۇرلاندۇق. بۇنىڭدا ئادەملەر باغچا يوللىرىنىڭ ئىككى يېنىدا يەردىلا ئولتۇراتتى . ئوتتۇرىدىكى يولدا بولسا بىزگە تونۇشلۇق بولغان بارلىق كارتون ئوبرازلىرى شۇ كارتون فىلىمىدىكى ئەينى ھالىتى بويىچە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىپ ئويۇن قوياتتى، ساياھەتچىلەرگە سالام بېرەتتى ۋە كىچىك بالىلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنى خۇشال قىلاتتى.
图片23.jpg

بىز گويا كارتون دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەكلا بولدۇق. يېقىملىق مۇزىكىلار، جانلىق ئۇسسۇللار كەيپىياتنى ناھايىتى يوقۇرى پەللىگە چىقاردى. بىرەر سائەتچە داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتتىن كېيىن ئادەملەر يەنە باشقا ئويۇنلارنى ئويناش ئۈچۈن تاراپ كېتىشتى. بىز ئۆچىرەتتە تۇرمىغاچقا خېلى كۆپ ئ‍ويۇنلاردىن بەھىرلىنەلىدۇق. ئەڭ ئاخىرىدا، ئەمما مەن ئ‍ۈچۈن ئەڭ تەسىر قىلغان تۈر «يۇلتۇزلار ئارا ئۇرۇش 3 ئۆلچەملىك كنوخانىسى» بولدى. بۇ كىنوخانا 50 نەچچە ئادەم پاتقۇدەك چوڭ بىر ھەرىكەتچان ئۆي بولۇپ،  3 ئۆلچەملىك بوشلۇقتا ئېگىز-پەس، ئالدى-كەينى خالىغانچە ھەرىكەتلىنەلەيتتى. بىز ئورۇندۇقتا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلاپ ئولتۇردۇق. خادىملار ئىنچىكىلىك بىلەن تاسمىمىزنى تەكشۈردى. كۆزىمىزدە D3 كۆزەينەك، ئالدىمىزدا بولسا چوڭ ئىكران. تۇيۇقسىز چىراقلار ئۆچۈپ كىنو باشلاندى. كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغىنى: بىز چوڭ بىر ئالەم كېمىسى ئىچىدە، ماشىنا ئادەملەر بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى.كېمە يەڭدىگەندە ئۆيمۇ تەڭ يەڭدەيتتى. كېمە تېزلەنگەندە ئۆي كەينىگە ئېڭىشىپ تېزلىنىشنىڭ تۇيغۇسىنى بېرەتتى، جىددى توختىغاندا بولسا ئالدىغا كۆمتۈرۈلۈپ كەتكىلى تاس قالاتتى. ئەگەر تاسما بولمىغان بولسا ئ‍الدىغا ئۇچۇپ كەتكەن بولاتتۇق. ئوق زەمبىرەكلەر كېمىمىزگە تەگكەندە راست بومبا تەككەندەك ئ‍ۆي ۋە ئورۇندۇقلار سىلكىنىپ كېتەتتى. بۇنچىلىك ھەقىقى تۇيغۇ بېرەلەيدىغان كىنوخانىنى ئەمدى كۆرۈشۈم ئىدى. پىلانىتلار ئارا بۇ 20 مىنۇتلۇق قاتتىق ئۇرۇشتىن كېيىن ھەممىمىز ساق-سالامەت ھايات قايتىپ چىقىشتۇق.
图片22.jpg

   بۈگۈنكى دىسنېي باغچىسى پائالىيىتىمىز تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى. چوڭلارنىڭ ئۆچىرەت ساقلىمايدىغان بۇ ئىمتىيازى بىزگە بەك قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. مۇلازىمەتچى خادىملار سىلەر ياشكەنسىلەر دەپ چوڭلارنىلا ئ‍ۆتكۈزۈپ بىزنى قايتۇرۋېتىدىغان ئىشنى قىلمىدى. ئۇلار شۇنچە مۇلايىملىق بىلەن يېرىم ئېگىلىپ تۇرۇپ بىزنى VIP تونىلىغا باشلايتتى. بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ياشانغانلارغا ئاپتۇبۇس بېلىتى ئالمايدىغان سىياسەتنى يولغا قويغانىدى. لېكىن بېلەت ساتقۇچىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىما پۇلىنى ئېلىپ تۇرۇپمۇ يەنە نارازى ھالدا ياشانغانلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغىنىنى كۆرگەن ۋە بەزى ياشانغانلارنىڭ بۇنداق خار بولۇپ ھەقسىز ئاپتۇبۇسقا چىققاندىن پۇل تۆلەپ چىقايلى بولدى دېگىنىنىمۇ ئاڭلىغانىدىم. ئىللىق مۇئامىلە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ھۇزۇر بەخش بېرىپ كەيپىياتنى يوقۇرى كۆتۈرىدىكەن. مۇئامىلە جەھەتتە ياپۇنىيەلىكلەردىن ئۆگۈنىشىمىز كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ قويغۇم كەلدى.
图片24.jpg

ئەڭ ئاخىرقى كۈن:  
    شۇنداق قىلىپ ياپۇنىيەدىكى كۈنلۈرۈممۇ ئاخىرلىشىپ قالدى. بۇ 13 كۈن جەريانىدا كۆرمىگەن نەرسىلەرنى كۆردۈم. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم. ياپۇنىيە ھەققىدە يېڭىچە تونۇشقا ئىگە بولدۇم. نەزەر دائىرەم كېڭىيىپ قالغاندەك بولدى. ياپۇنىيەگە كېلىشتىكى يەنە بىر مەقسىتىم ئەگەر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ قالسام ياپۇنىيەدە ئوقۇش كېرەكمۇ ياكى باشقا جايدىمۇ دېگەنگە جاۋاپ تېپىش ئىدى. ياۋروپا تەرەپتە دوكتۇرلۇق ئوقۇسا ئادەتتە بىر-ئىككى مىڭ ياۋرو (7-14 مىڭ يۈەن) مائاش ئالغىلى بولاتتى. بۇ پۇل بىلەن تۇرمۇش كاپالەتكە ئىگە بولاتتى. ئەمما مەنچە ئادەم يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالاتتى. ياپۇنىيەدە بولسا دوكتۇرلارغا مائاش يوقكەن. يەنە باشقا بىر يەردە ئىشلەشكە توغرا كېلىدىكەن، ھەم ئالدىراشلا يۈرىدىغان گەپكەن. ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇسا ئەلۋەتتە ئوقۇشنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ بۇ جاي مېنى يەنىلا ئۆزىگە بەك جەلىپ قىلدى. قانداق قىلىش كېرەك؟
كاللامدىكى خىياللار خۇددى يانچۇقتىن چىقارغان تېلىفوننىڭ تىڭشىغۇچىدەك چېگىش بولۇپ كەتتى. بۇنى يىشىش جەريانى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقاتتى ۋە بۇنىڭغا سەۋرىچانلىق كېتەتتى. مەن بۇ ئىشلارنى ئەڭ ياخشىسى كۆز ئالدىمدىكى ئوقۇشۇمنى ياخشى تۈگۈتۈپ بولۇپ ئاندىن ئويلىشاي...   
图片25.jpg

   مەن كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن ياپۇنىيە ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە ئويغا پاتتىم. بۇلارنىڭ ئادەمگە بولغان خۇشخۇي مۇئامىلىسى، خىزمەت ۋە ئۆگۈنۈشتىكى تىرىشچانلىق، شۇ قەدەر ئاڭلىقلىقى،  ئىش بېجىرىشتىكى پىرىنسىپچانلىقى، ئ‍ۆز كەسپىگە بولغان قىزغىنلىقى، مۇھىتنى سۆيۈش ئېڭى، باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىق ئىدىيىسى، ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتىگە ناھايىتى ھۆرمەت قىلىشى..... مەندە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى.   
   بەزى جەھەتلەردە بىزنىڭ بۇلاردىن ئىلغار يەرلىرىمىز بولسىمۇ لېكىن نۇرغۇن تەرەپلىرى بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا تامامەن ئەرزىيتتى. بىز چەتئەلنىڭ نەدىكى ئەبجەش مەدەنىيىتىنى ئۆگەنمەي ئ‍ىلغار تەرەپلىرىنى ئۆگۈنىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بۇنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بىزدە كەمچىل بولسا كېرەك.
图片26.jpg

كەچ كىردى. ئاكام بىلەن ئاپام مېنى ئۇزۇتۇپ ئايرىدىرومغا چىقتى. ئاپام يەنىلا كونا ئادىتى بويىچە ياخشى ئوقۇشۇمنى، زىيادە ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالماسلىقىمنى جېكىلايتتى. خوشلىشىش ئادەمنى بەك ئازاپلايتتى.
خەير، كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭلار...
uyghuray

1

تېما

2

دوست

8376

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 2414
توردىكى ۋاقتى: 571
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 21:01:53 |ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل.

4

تېما

4

دوست

2402

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35511
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 726
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 21:06:43 |ئايرىم كۆرۈش
بىرىنچى بۇلۇپ ئۇقۇۋالدىم دەھشەت سەت ۋەھشى رەھمەت ئىيتىمەن

7

تېما

1

دوست

4244

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5470
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 195
تۆھپە : 1191
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 21:19:27 |ئايرىم كۆرۈش
سىلەرگە ناھايتى ھەۋەس قىلدىم.....بىز بولساق مۇشۇ ئۇستى ئۇچۇق «يۇرت» تىن چىقالماي ئۈلۈپ كىتىدىغان ئوخشايمىز...
uyghuray

6

تېما

0

دوست

5429

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1614
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1111
تۆھپە : 933
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-17
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 21:27:10 |ئايرىم كۆرۈش
1-2 تۈمەنگە دېگىنىڭىز خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندىن كېيىنكى باھامۇ ؟ ياپۇنىيەدە ماشىنا ئەرزان دەپ ئاڭلىغان لېكىن  ئۇنچىۋالا ئەرزان دەپ ئويلىماپتىمەن ،
ئەسلى مۇمكىن بولغان بولسا  دۆلىتىمىزدە كۆپرەك سېتىلغان بىرە ياپۇننىڭ ماشىنسىنىڭ شۇ يەردىكى باھاسىنى تەمىنلىگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولۇركەنتۇق ،
بۇ ياخشى يېزىلغان بىر ساياھەت خاتىرىسى بوپتۇ . ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن . ئىتالىيە توغۇرلۇق يازما يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئامىرىكا ، ياپۇنىيە ، ئەنگىلىيە توغۇرلۇق نۇرغۇن ساياھەت خاتىرلىرى يېزىلدى ، ئىتالىيەگە ساياھەتكە چىققانلار ياكى ئوقىۋاتقانلار بەك ئاز بولىشى مۇمكىن ، ئەزەلدىن سىياسەتكە جىق ئارلىشىپمۇ كەتمەيدىغان بۇ دۆلەت قانداقراق ؟

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6209
توردىكى ۋاقتى: 1646
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 22:39:14 |ئايرىم كۆرۈش
يەنە نادىر يازمىدىن بىرنى ئوقۇيدىغان بولدۇق.

ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر

18

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3772
تۆھپە : 3207
توردىكى ۋاقتى: 529
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 23:04:34 |ئايرىم كۆرۈش
چەتئەلدىكى ئىلىم تەھسىل قىلۋاتقان مۇساپىر قېرىنداشلىرىمغا ئالىي ئېھتىراملار بولسۇن. تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز.

ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر

18

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3772
تۆھپە : 3207
توردىكى ۋاقتى: 529
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 23:07:38 |ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى ئەسەردىن يوللاپسىز ، مۇشۇنداق چەتئەلگە ئالاقىدار ئىلغار ئىدىيەلەرنى بىزلەرگە يەتكۈزۈپ  تۈرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )