قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1486|ئىنكاس: 3

موغۇل يازمىلىرى- دادا، باشلىق بولمىغىن (مۇلاھىزىلىك ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

401

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   50.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11192
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 22:12:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(1)
--- ئوغلۇم، تېز ئورنۇڭدىن تۇرمامسەن، ئاپلا، ماۋۇ بالىنى، تۇرە، تۇرە، ۋاخ بوپكەتتى، ئىشقا كېچىكىپ قالىمەن.
--- ۋايە..ي، ماقۇل، ماكۇل. مانا.
--- بالام، بالام، بولغىنە تېز، كېيىمىڭنى تېز كىيىپ، يۈزۈڭنى تېز يۇغىن، ئىشقا كېچىكىپ قالىمەن.
--- ماقۇل دادا، ھازىرلام....
--- ئاپلا، نېمانچە ئەزمەڭنى ئېزىسەن؟ بولغىنە تېز. ئىشقا كېچىكىپ قالىمەن.
--- مانا ئىچىۋاتىمەنغۇ چېيىمنى..
--- بولغىنە بالام، خوش بوپقالاي، مەن ئىشقا كېچىكىپ قالىمەن. بولمىسا قالە، ئۈزەڭ بار مەكتىپىڭگە.
--- مانا، ھازىرلام تۈگەيدۇ. مانا تۈگىدى، ماڭدىم...
  بۇ يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى بىزنىڭ ئائىلىدە تاڭ سەھەردىلا باشلىنىدىغان دىئالوگقا ئايلىنىپ قالغان ئىشلار. دىمىسىمۇ يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئايالىمىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەركىۋىدە يېزىغا چۈشۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، ئەتتىگىنى ئوغلۇمنى جابدۇتۇش، ناشتىلىق تەييارلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈزۈم قىلىپ كېلىۋاتقاچقا، ئەتتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرۇشقىمۇ رايىم يوق تەستە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن زىچ كېلىۋاتقانلىغىدىن قاخشاپ تۇرۇپ، يۇقارقىدەك بىر تالاي دىئالوگلارنى تۈگۈتۈپ ئاندىن ئۆيدىن چىقىشقا ئاران مۇيەسسەر بولىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىدارىمىزدىكى خادىملارنىڭ ئاز قېلىشى، تۈرلۈك كەسپىي خىزمەتلەرنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، كەچلىرى ئىش قوشۇپ ئىشلەشمۇ كۈندە دىگۈدەك ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ قالغىلى نىكەم. بۇنداق چاغلاردا ئوغلۇمنى مەكتىپىدىن ئالدىراپ تېنەپ ئېلىپ كىلىمەن دە، بازاردىكى تېز تاماقخانىلاردىن تاماق يەپ، ئۇدۇل ئۇنى ئېلىپ ئىشخانىغا كېتىدىغان گەپ. ئوغلۇم ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ، مەن تۈرلۈك تۈگىمەس سان- سىفىرلارنى جەدۋەلگە تولدۇرۇش بىلەن بوپكىتىمەن. كەچلىرى شۇ تەرىقىدە ئوغلۇم تاپشۇرۇقلىرىغا بېشىنى قويۇپ مۈگدەشنى باشلىغاندا ئاندىن ئامالسىز ئىشنى يىغىشتۇرۇپ، ئويگە قاراپ ماڭىمىز. ئۆيگە كېلىپ بىز ئۇخلايدىغان چاغنىڭ ۋاقىت- سائىتى ئېىق ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن، ئەتىگىنى ئەنە شۇنداق «چاقماق تىزلىكىدە» بولمىساق ئىشقا كېچىكىشىمىز تۇرغانلا گەپ.
  بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلىپ ھەنىمبولسا ئۆيدىن چىقىۋالدۇق. ماشىنامنىڭ بېشىنى مەكتەپ تەرەپكە قايرىپ، تېز- تېز ھەيدىگەچ ئاخشام چالا قالغان ئىشنى باشلىقنىڭ ئەتىگەندىلا سۈرۈشتۇرۇپ قېلىش- قالماسلىقىنى ئويلاپ كېتىۋاتاتتىم، ئويلىمىغان يەردىن ئوغلۇم گەپ باشلاپ قالدى.
---دادا، سەن ھەر ئەتىگىنى مېنى شۇنداق ئالدىرىتىپ، ئالاقىزادە بولۇپ ماڭىسەن، ماشىنىنىمۇ بەك تىز ھەيدەيدىغان بولىۋالدىڭ، ئاپام سېنى ماشىنىنى ئاستىراق ھەيدەڭلا دىگەن ئىدى، سەن نېمىشقا ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي شۇنداق ئالدىياشلا يۇيىسەن؟
شۇ زامات بالامغا چېچىلىپ سۆزلەشكە باشلىدىم:
-- ۋاي بالام، مەن ساڭە دائىم دەيمەنغۇ، مۇشۇنداق ئالدىرىمىساق مەن ئىشقا كېچىكىپ قالىمەن.
---كېچىكىپ قالساڭ نېمە بولىدۇ دادا؟
بالامنىڭ بۇ گېپى تېخىمۇ چىشىمنى قېيىشتۇردى، ئۇنىڭغا نېمەمۇ دەي؟ شۇڭا ئۇنىڭ چۈشىنىشى ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇدۇللا دىدىم:
-- بالام، كېچىكىپ قالسام باشلىق تىللايدۇ شۇ.
---ھە،.. ،- ئۇ شۇنداق دەپ بېشىنى لىڭىشتقىنىچە جىمىپ قالدى.
(2)
-- بالام، ماڭغىنە تېز، مەن ساڭا ئەتىگەن دىدىمغۇ،  دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن مەيداندا ئويناپ يۈرمەي، دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ مېنى ساقلاپ تۇر دەپ، ھە، يەنە ئۇيان- بۇيانغا قارايسەنغۇ، بولە تېز.
--دادا، نەگە بارىمىز؟
-- نەگە باراتتۇق، تاماق يىگىلى.
-- ئاندىنچۇ؟
-- ئىشخانىغا؟
-- يەنە ئىشخانىغا بارىمىزما؟ يەنە ئىشلەمسەن؟
-- ھەئە.
-- بۈگۈن بىردەم ئوينىۋالايمىكىن دىگەن. بۈگۈن كەچتە ئىشلىمىسەڭ بولمامدۇ؟
--ۋاي بالام، بولمايدۇ، ئىشلىمىسەم بولمايدۇ.
-- نېمىشقا؟
يەنە ئەتىگەنكى گەپنى تەكرارلاشقا توغرا كەلدى؛
--ئىشلىمىسەم باشلىق تىللايدۇ.
ئوغلۇممۇ يەنىلا ئەتتىگەنكىدەك ئاستا بېشىنى لىڭىشتىپ قويدى.
(3)
--- ئوغلۇم، تېز ئورنۇڭدىن تۇرمامسەن، ئاپلا، ماۋۇ بالىنى، تۇرە، تۇرە، ۋاخ بوپكەتتى، ئىشقا بارمىسام بولمايدۇ.
   ئوغلۇم ئاستا كۆزىنى ئۇۋلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ دىدى:
--- دادا، بۈگۈن شەنبىدە مەن مەكتەپكە بارمايمەنغۇ؟ سەن يەنە ئىشقا بارامسەن؟
--- ھەئە، بۈگۈن جابەر ئىشلەيمىز، بارمىسام بولمايدۇ.
---مەن تېخى بۈگۈن سەن بىلەن كىتاپخانىغا بارايمىكىن دىگەن، سەن بۈگۈن ئىشقا بارمىساڭ بولمامدۇ؟
-- بولمايدۇ.
-- بارمىساڭ نېمبولىدۇ؟
يەنە شۇگەپنى تەكرارلاپ قالدىم:
-- بارمىسام باشلىق تىللايدۇ.
  ئوغلۇممۇ يەنىلا تۈنۈگۈنكىدەك ئاستا بېشىنى لىڭىشتىپ قويدى.
---ئىشخاناڭغا بارغۇم يوق، ئۇنداقتا مەن نەدە تۇرۇپ تۇرىمەن؟
--- ئۇنداقتا سەن ئاكامنىڭ باللىرى بىلەن ئويناپتۇر، شۇ يەرگە ئاپىرىپ قوياي، تېز قوپۇپ يۈزۈڭنى يۇيۇپ، چېيىڭنى ئىچكىن.
شۇنداق قىلىپ ئىشىكتىن چىقتۇق. ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭدىم، دەل شۇ پەيتتە تېلىفۇنۇم سايراپ كەتتى.
كىمدۇ بۇ ئادەم ئالدىرىغاندا تېلىفۇن قىلغان؟- دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ۋە دەرھال تېلىفۇننى قولۇمغا ئالدىم. تېلىفۇن قىلغان كىشى- ئايالىم ئىكەن. ئادەتتە ئايالىم بىلەن بەش- ئون مىنۇت سۆزلىشىپ قالىدىغانلىقىمنى بىلگەچكە، ۋاقىتنى تىجەش ئۈچۈن تېلىفۇننىڭ سىرتقى ئاۋازدا سۆزلىشىش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋىتىپ، گەپ قىلغاچ مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم. ئايالىمنىڭ ئاۋازى خېلىلا جاراڭلاپ، ماشىنا ئىچىنى بىر ئالدى. ئۇ بىردەم مېنىڭ ۋە ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندىن كېيىن، نېمىش قىلىۋاتقىنىمىزنى سورىدى.
-- بۈگۈن جابەر ئىشلەيدىكەنمىز، ئىدارىگە ماڭغان،- دىدىم ئۇنىڭغا قىسقىلا.
-- ھە، راست، ماڭا دىمەي يۈرۈپسىلە، مۇبارەك بولسۇن، بۇ قېتىم سىلىنى ئۆستۈرۈشكە يوللاپتىمىشقۇ؟ باشلىق بولىدىكەنسىلە ھە ئەمدى؟
-- ۋاي تېخى پىشمىغان گەپكە تەبرىكلەپ كەتتىڭلاغۇ، دەپ يۈرگىدەك نېمىسى بار؟
  شۇ تەرىقىدە بىردەم پاراڭلاشتۇق، دىمىسىمۇ، بۇيىل ئۆستۈرىدىغانلار قاتارىغا مېنى لاھىيە قىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى راست ئىدى. ئئارقىدىن بىز تۇرمۇشىمىز ھەققىدىكى بەزى ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىپ بولۇپ، خوشلىشىپ تېلىفۇننى قويىۋەتتىم. شۇ مەھەلدە ئوغلۇمنى ئەكىلىپ قويماقچى بولغان ئاكامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغىمۇ كېلىپ قالغان ئىدۇق. ماشىنىنى توختىتىپ، ئوغلۇمنىڭ ماشىنىدىن چۈشۈشىنى ئىشا رە قىلدىم، ئەمما نېمىشقىكىن ئوغلۇم خۇددى ماڭا بىرەر گېپى باردەك، كۆزۈمگە تىكىلگىنىچە چۈشمەي ئولتۇرىۋەردى.
-- بالام، نېمبولدى؟ چۈشمەمسەن؟- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-- دادا، سەن باشلىق بولامسەن؟- ئۇشتۇمتۇت سورالغان بۇ سۇئالغا جاۋاپمۇ بەرمەي ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلدىم.
-- ئوبدان دادا، باشلىق بولمىغىنە، مەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي.
  ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ئەجەپلىنىپ سورىدىم:
  -- نېمىشقا، نېمىشقا بۇنداق دەيسەن ئوغلۇم؟
   -- سەنمۇ باشلىق بولساڭ شۇ باشقىلارنى تىللايسەن، باشقىلار سېنى تىللايدۇ دەپ باللىرىنى ئويناتمايدۇ، كىتاپخانىلارغا ئاپارمايدۇ، شۇڭا ئۆتۈنەي سەن باشلىق بولمىغىن...
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن بىر سەبىي قەلىبدىن ئۇرغىۋاتقان ئىنتايىن گۈدەكلەرچە بىر رىياللىق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.
ئاپلا، نېمىدەپ چۈشەندۈرسەم بولا بۇ بالىغا، « باشلىق» دىگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى توغرا يوسۇندا چۈشەندۈرمىسەم بولماپتۇ ،- دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە؛
-- ئوغلۇم، « باشلىق» دىگەن ئۇنداق يامان كىشى ئەمەس، ئۇ دىگەن خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ، خەلىقنى خۇشال قىلىدىغان كىشى،- دىدىم ئۇنىڭغا قىسقىلا قىلىپ.
-- دادا، بىز كىچىك بالىلار قاچانلىققا خەلق بولىمىز؟ خەلق بولساق  ئاندىن بىزنىمۇ خوش قىلامدۇ؟
ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ئەمدى نېمىدەپ جاۋاپ بېرىشنى زادىلا بىلەلمىدىم.
(تۈگىدى) مەنبە: - قەلىمىم.   2016- يىل 3- فىۋرال.
uyghuray

5

تېما

1

دوست

9592

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   91.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 2482
توردىكى ۋاقتى: 433
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 13:53:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە ھەممىدىن مۇھىم، ئەگەر سىزگە تۇيۇقسىز بىر ئىش بولسا، ئىدارىڭىزدىكى باشلىقىڭىز دەرھاللا سىزنىڭ ئورنىڭىزغا كىمنى قويۇشنى ئويلايدۇ، ئاشنىڭىز بولسا ئەمدى كىمنى تېپىشنى ئويلايدۇ، دوست بۇرادەرلىرىڭىز بولسا سىزنى بىر مەزگىل ئەسلىسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئىسىدىن تىزلا چىقىپ كىتىسىز.
لىكىن ئائىلىڭىزدىكىلەر سىز ئۈچۈن ئازاپلىنىدۇ، سىزنىڭ سۈرىتىڭىزنى مەڭگۈ ساقلايدۇ. ھەر قېتىم سىزنىڭ تۇتقان قويغان نەرسىلىرىڭىزنى كۆرگەندە ئازاپلىنىدۇ.

0

تېما

0

دوست

90

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54536
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 17:07:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنىڭ داۋاملىق يوللىنىپ تۇرشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . كۆپ تەشەككۈر

14

تېما

6

دوست

4250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 527
تۆھپە : 1000
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-7 13:29:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزدىن كۆرە، ئىسمىڭىز بەكرەك مېنى جەلىپ قىلدى.
ئۆزىڭىزگە ياخشى تور ئىسمى تاللاپسىز، نۇرغۇن كىشىلەر تارىختىكى مۇغۇل بىلەن ھازىرقى موڭغۇلنى ئارىلاشتۇرىۋېلىپ بارىدۇ. دەرۋەقە، بىز نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان بىزمۇ مۇغۇل ئاتىلىپ، دىيارىمىز مۇغۇلىستان ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى.
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )