ئۆزگىلەر يەتتى ساماغا مەندە ئىشرەت ئەۋجىدە، كونىلار قويغان لىباستا،چۈشتە شەۋكەت ئەۋجىدە. سىزدى گۈلنى سېھرىگەرلەر نە پۇراقى ھۆسنى يوق، ئىچكۆيەرلەرمۇ ئەجەپكى ساختا شەپقەت ئەۋجىدە.
تالىبى ئوينار ئەجەمگە موللا ھەسرەت ئەۋجىدە، ئالىمى ساختا ساپادا تاپتى نۇسرەت ھەجۋىدە، ساھىبى ئەھدۇ- ۋاپانىڭ دەم سۇخەنگە مۇپتىلا، تۈلكىلەر قويچە كۆرەكتە بارچە سۈلكەت ئەۋجىدە.
قۇردىشىم ئويناپ راۋاقتا ياتتى شەھۋەت ئەۋجىدە، ئۆيدە قىلماس دىيانەت ئەمما ھەيۋەت ئەۋجىدە، بارچىدا ساختا ئىبادەت لېك ئىمانى رەستىدە، سەيلىدە رەڭدار ئەمەلى چۈشتى كۈلپەت سەجدىدە.
گۇپپاڭچى
قازى بولۇپ، ئاق كۆرسە، قارا دەيدۇ گۇپپاڭچى، ئەمچى بولۇپ مەڭ كۆرسە،يارا دەيدۇ گۇپپاڭچى. بىلىملىك «سارڭ»دەرلەر، نادان تۆردە بەگلىكتە نەپكە كەلسە خەتمىسنى چالا دەيدۇ گۇپپاڭچى.
ئىلىمدىن ئېغىز ئاچساڭ باتىل دەيدۇ گۇپپاڭچى، ھەقنى سالسا زىندانغا، ئادىل دەيدۇ گۇپپاڭچى. يامان كۆزدە قارىماڭ، كۆزىڭىزگە مىخ كىرەر، تۇرسا تازىم، لەببەيدە ساپ دىل دەيدۇ گۇپپاڭچى.
شىرىن لوقما،كۈلكىدە سىرنى ئالار گۇپپاڭچى، ھەقىقەتتە، ناھەقتە قىرنى ئالار گۇپپاڭچى. سالام قىلسا پۈكلىنىڭ،ئەكسى بەلدىن چىقار قاس، ۋىژداننى سېتىپ زەرگە، پىرنى ئالار گۇپپاڭچى.
خۇرۇچ نۆۋىتى كەلسە، ئۆيدە بىمار گۇپپاڭچى، قازانغا چۆمۈچ چۈشسە، نەپسى قاينار گۇپپاڭچى. نومۇس كەمدۇر ئەمەلدە، تۈتىمەيدۇ يۈزىمۇ، تاش چاينىسا ھەقلىغى، ياغ چاينايدۇ گۇپپاڭچى.
ھەيرانىمەن قىسمەتتە شۇنداق كۆپكەن گۇپپاڭچى، دائىم نىشان ئىككىنى، قىلماق تۆتكەن گۇپپاڭچى. ھەر ئەمەلدە بار قىپتۇ، ئادەملەرنى ئىگىسى، ئاخىر ئۆزى گۈلخاندا، پۇرسەت كۈتكەن گۇپپاڭچى. |