قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6194|ئىنكاس: 18

[سۈبھى تەرجىمىسى]: ئەرەبلەرنىڭ شى رەئىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

64

تېما

10

دوست

3693

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35358
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 163
تۆھپە : 1282
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23

مۆھتىرەم ئەزا نادىر يازما چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 10:33:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
001aa0ba3c16180a77a107.jpg



ئەرەبلەرنىڭ شى رەئىسى


جاۋ مىڭخاۋ (جۇڭگو)


سۈبھى باغداش تەرجىمىسى


جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتە زىيادە قورقۇنچاق دەپ تەنقىدلەيدىغان كىشىلەر مەيدانىنى قايتىدىن ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك. جۇڭگو رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندىلا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاساسلىق كۈچ، نۆۋەتتە قاتتىق تىركىشىش ھالىتىدە تۇرماقتا. بۇ قېتىمقى زىيارەت شى جىنپىڭ يېتەكچىلىكىدىكى تېخىمۇ ئاكتىپ دىپلوماتىيە سىياسىتى يۆلىنىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتە شۇنداق. بۇ يېڭى يۆلىنىش بىر مۇھىم مەسىلىنى تارتىپ چىقتى: جۇڭگونىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىر كۈچى ئامېرىكىنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىجابىيلىققا ئىگىمۇ؟
ھازىر ئېنىقلا ئوتتۇرا شەرققە ئارىلىشىشتىكى سەزگۈر پەيت، رىچارد ن.خاسنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر رايون بىر مەيدان يېڭى 30 يىللىق ئۇرۇشنى قانات يايدۇرغان، «ئىچكى ئۇرۇش ۋە ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ». نۆۋەتتىكى مالىمانچىلىقنى (بۇنىڭ مەنبەسى كۆپلىگەن چوڭقۇر قاتلاملىق خىرىس ۋە توقۇنۇشنىڭ توپلىنىشى) كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ ئامىل بولسا 2003-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشىدۇر. ئامېرىكا سادام ھۈسەيىننىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شىئە رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتكە يول تازىلاپ بەردى، بۇ ئۆزگىرىش رايون تەڭپۇڭلىقىنى ئىرانغا ئاغدۇردى ھەم سۈننىي مەزھىپى ھۆكۈمرانلىقىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىنى شىئەلەر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈردى.
شۇڭا، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا چوڭقۇر ئارىلاشتى. ئۇلار سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدنىڭ ئالاۋى ھاكىمىيىتىنىڭ تەقدىرى رايون تەرتىپىگە نىسبەتەن زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېقىندا ئىران يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئەھۋالدا(ئىراننىڭ رايونلۇق رەھبەر بولۇش ئىرادىسىنى ئۇزۇن مەزگىل چەكلەپ كەلگەن خەلقئارالىق ئىقتىسادىي جازا بۇ سەۋەبلىك بىكار قىلىندى)، ئىراننى چەكلەش سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى.
ئەلۋەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراندىن قالسا يەنە تۈركىيە بار، تۈركىيە رايونلۇق تەسىر كۈچ تالىشىش رىقابىتىگە يېڭىلا قوشۇلدى، ھەممىسى بىۋاسىتە توقۇنۇشۇشنى خالىمايدۇ. بۇ دۆلەتلەر باشقا ھەرىكەتكە ئۆتكەن تەرەپلەرنى يۆلەيدۇ، بۇ خەتەرلىك دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە زوراۋانلىقنىڭ خۇسۇسىيلىشىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. رايونلۇق دۆلەتلەرنىڭ بۇ تاكتىكىسى سەۋەبلىك قەد كۆتۈرگەن تېررورىزم ھەرىكىتى (يەنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى)نى ئەنئەنىۋى تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق مەغلۇپ قىلىشقا ئامالسىز.
سالماقلىق بىلەن مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە، ئوتتۇرا شەرقتىكى تىركىشىۋاتقان بۇ تەرەپلەر مەزكۇر رايوندىكى نۆۋەتتىكى مالىمانچىلىقتىكى بىردىنبىر ئالاقىدار تەرەپلەر ئەمەس. مەسىلەن فرانسىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق سىرتقى كۈچلەرمۇ بۇنىڭغا چوڭقۇر ئارىلاشتى، ھەربىر تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسەت نىشانى بار. ھازىر جۇڭگومۇ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ، تەڭداشسىز ئىجابىي سىياسەت ئاتا قىلدى.
خەنزۇچىدىكى «كىرىزىس» (危机) دېگەن سۆزدە «خەتەر» ۋە «پۇرسەت» دېگەن ئىككى خەت بار. بۇ دەل نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق قارىشى. ئەڭ ئالاقىدار ھەرىكەتدار تەرەپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقىرى خەتەردىكى جۇغراپىيىۋى سىياسەت رىقابىتى غايەت زور ئىقتىسادىي پۇرسەتنى غۇۋالاشتۇرىدۇ. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇنداق ئەمەس. شى جىنپىڭ يېقىندا قاھىرەنى زىيارەت قىلغاندا:«بىز ئوتتۇرا شەرقتە ۋاكالەتچى ئىزدىمەيمىز، بەلكى يارىشىشقا نەسىھەت قىلىمىز؛ تەسىر كۈچ دائىرىسى تالاشمايمىز، بەلكى كۆپچىلىكنى "بىر يول بىر بەلباغ" دوستلار چەمبىرىكىگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى.
بۇ شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان تېخىمۇ چوڭ قاتلامدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتى قايتا تەڭپۇڭلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئىسراتېگىيەلىك «تىرەك نۇقتىسى» بىر رايوندىن باشقا بىر رايونغا ئىزچىل يۆتكىلىپ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، جۇڭگو ھازىر «دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي»دىن «تور ئارىسىدىكى سىياسىي»غا بولغان قايتا تەڭپۇڭلۇقنى يولغا قويۇپ، «كونترول قىلىش»قا ئەمەس بەلكى «ئۆتۈشتۈرۈش»كە ئېتىبار بەرمەكتە.
بۇنداق ئۆتۈشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلغان چوڭ ئىستراتېگىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا شەرق رايونى ھەل قىلغۇچ مۇھىم، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم قاھىرەدە جاكارلىغان «بىر يول بىر بەلباغ» پىلانىدىكى ئاچقۇچ. جۇڭگو قەدىمقى يىپەك يولىنى (ئوتتۇرا شەرقنى كېسىپ ئۆتىدىغان يىپەك يولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قايتا قۇرۇش ئىرادىسىگە كەلدى، شۇڭا يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگو بىلەن 8 ئەرەب دۆلىتى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتتى ھەمدە 6 ئەرەب دۆلىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. ئىران، تۈركىيە ۋە 7 ئەرەب دۆلىتى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرغۇچى دۆلەتلەر، مەزكۇر بانكىسىنىڭ باش ئىشتابى بېيجىڭغا تەسىس قىلىنغان، ئاساسىي ئەسلىھە تۈرىگە ئالاقىدار ئاچقۇچلۇق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئورگىنى.
ئەمما جۇڭگو «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى تامانلانغاندىن كېيىن ئاندىن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن سودىنى ئاشۇرۇشنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن جۇڭگونىڭ ئەركىن سودا سۆھبىتىنىڭ بۇ يىل تاماملىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، شى جىنپىڭ يەنە  جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرققە 55 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سانائەتلەشتۈرۈش ئالاھىدە قەرزى، 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان سودا قەرزى ۋە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېتىبار قەرزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتاردىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش فوندى شەكلىدە، مەزكۇر رايوندىكى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە، ئاساسىي ئەسلىھە تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ياسىمىچىلىق كەسپىگە مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى مىنىستىرلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان «1+2+3» ھەمكارلىق ئەندىزىسى بىلەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ لايىھەگە ئاساسلانغاندا، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى يادرو بولۇپ، ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلىشى بىلەن سودا مەبلەغ سېلىش ئىككى قانىتى بولۇپ، يادرو ئېنېرگىيەسى، سۈنئىي ھەمرا ۋە يېڭى ئېنېرگىيە بولسا ھەمكارلىقتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان ئۈچ چوڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنىڭ نىشانى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىش، بىرلا ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سانائەتلىشىشى ۋە ئىقتىسادىي كۆپ خىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتۇر.
ئەلۋەتتە، جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مەزكۇر رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، توقۇنۇشنى ئازايتىش، نىسبەتەن ئاجىز دۆلەتلەرنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشكە موھتاج، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپلىگەن ھەرىكەتدار تەرەپلەرنىڭ ئالاقىلانە دىپلوماتىيە سىياسىتىگە موھتاج. ئەمما تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاشقۇنلۇق يۈزلىنىشىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى چوقۇم ئاممىغا ئىقتىسادىي پۇرسەت تەمىنلىشى كېرەك، ئىقتىسادىي پۇرسەت پەقەت سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئاچقۇچلۇق جەھەتتە، جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ناھايىتى كۆپ ياردەملەرنى بېرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭمۇ ياردەم بېرىش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.




تۈر-كارخانا بىرلەشمىسى تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.  


سالون ۋە باشقا مۇنبەرلەرگە ئەسكەرتىش: بۇ مېنىڭ باغداش مۇنبىرى ئۈچۈن قىلغان تەرجىمەم، پەقەت ۋە پەقەت باغداشتىلا ئېلان قىلىشنى ۋە باغداشقىلا خاس بولىشىنى خالايمەن.

uyghuray

0

تېما

2

دوست

4695

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35417
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1414
توردىكى ۋاقتى: 412
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 10:43:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىر يول بىر بەلباغ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق تىنىچلانمىسا بولمايدۇ، چۈنكى دۆلىتىمىزنىڭ كۆزلەيدىغىنى ئوتتۇرا شەرق ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى غەرپ.

4

تېما

4

دوست

2557

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35511
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 770
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 11:00:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇنىڭ بىر يۇل بىر بەلۋاغ ئىستىراتىيگىيسى ئامىرىكىنىڭ نۆل يىغىندىلق ھەرىكەت تاكتىكىسى  بىلەن رىقابەتكە چۈشىۋاتىدۇ.

4

تېما

42

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3522
توردىكى ۋاقتى: 1025
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 11:10:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تەرجىمىگە كۈچىگەن كىشىلەرگە رەھمەت .
تېمىغا قايتىپ كەلسەك ،بۇ يازما ۋە باشقا ھازىرقى خەلق ئىچىدىكى غايىۋى كۈچلۈك دۆلەت جۇڭگۇ ۋە شى رەئىسنى تەشۋىق قىلىدىغان يازما .ئوتتۇرا شەرق نىمە ئۈچۈن جۇڭگۇ بىلەن شۇنچە زىچ مۇناسىۋەت ساقلاپ كەلدى ؟بۇ مۇناسىۋەت ؟ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق ؟ئىران ۋە روسىيە ،جۇڭگۇ ئەزەلدىن يىقىن دۆلەتلەر بولۇپ ،ئەينى ۋاقىتتدا ئەرەبلەر جۇڭگۇنى ئوتتۇرا شەرقتە ئارىغا ئالمىغان .ئىراننى جازالاش بىكار قىلىش قەدەملىرىنىڭ يىقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ دۆلەت ئوتتۇرا شەرقتە كۈچلۈك ئىقتىسادى بىر گەۋدە ھاسىل قىلىش قەدەملىرىنى بىسىشقا باشلىدى .ئىراننىڭ ئىككى ياندىشى بىلەن روسىيە كىرزىس ئاستىدا بولسىمۇ لىكىن بۇ دۆلەتنىڭ ئىراننى كونتىرول قىلىش كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ .يەنە جۇڭگۇ .بۇ دۆلەت ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۇپپىتى بىلەن بۇلارغا كىرەكلىك ئىنىرىگىيە ناھايىتى كۆپ .شۇڭا ،بۇرۇنقى جۇڭگۇ چەتكە قاققان ئەرەب دۆلەتلىرى بەس -بەس بىلەن جۇڭگۇنى ئۆز يىنىغا تارتماقتا .
    بۇ ئىشلارغا ئامىرىكا ۋە روسىيە نىمىشقا قاراپ تۇرىدۇ ؟ئەجىبا جۇڭگۇنىڭ ئوتتۇرا شەرققە كىرىشى ئامىرىكا بىلەن روسىيەنىڭ تەسىرىگە خىرىس قىلماسمۇ ؟بۇ يەردىكى ئويۇن دەل ھەممە دۆلەتنىڭ سوقىۋاتقان پىلانى بار .ئەگەر ئوتتۇرا شەرقتە جۇڭگۇ ئۆزىنى بىلىپ يۈرمىسە ئامىرىكا ۋە روسىيە يەنە بىرىلىشىدۇ .ئىران بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىستىراتىيىگىلىك ھەمراھلىق ئورنىنى تىخىمۇ ئاشۇرىدۇ .سەئۇدى قاتارلىق ئوپىك بولسا ،ئامىرىكىنىڭ بىسىمىدىن ئازراق بولسىمۇ يەوگىللەيدۇ .ئامىرىكا بولسا ،جۇڭگۇنى ئوتتۇرا شەرقتە ئىقتساد ۋە سىياسىي، ھەربىي جەھەتتە بابلىماقچى .ئوتتۇرا شەرق ئوتىنى جۇڭگۇ تۇتاشتۇرماقچى .بۇيەردىكى قۇربانلىق يەنىلا ..بىز .شۇڭا مۇشۇنداق تېمىلارنىڭ كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىڭىنىڭ ھەم ئىستىراتىيىگىيە ئىڭىنى غىدىقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
uyghuray

0

تېما

0

دوست

225

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53535
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 12:17:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-4 11:10
تەرجىمىگە كۈچىگەن كىشىلەرگە رەھمەت .
تېمىغا قايتىپ ك ...

پۇتىنچاقنىڭ ما ئ‍ىنكاسى ئ‍ويلىشىدىغان ئ‍ىنكاسكەن،پۇتىنغا ئ‍ەگەشتىم!

0

تېما

0

دوست

73

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53979
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 12:39:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەشتىم
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

3

تېما

3

دوست

5453

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22018
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1654
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 16:07:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شى رەئىس بىر بەلباغ پىلانىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن بۇ رايوندىكى ئىككى رەقىپ دۆلەتنى تەڭ زىيارەت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھېچقايسى تەرەپكە يان باسمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئوتتۇرا شەرىقنىڭ تىنچلىقى ئەلۋەتتە جوڭگۇنىڭ بىر بەلباغ پىلانى ئۈچۈن پايدىلىق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )