- تىزىملاتقان
- 2015-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1313
- نادىر
- 0
- يازما
- 76
ئۆسۈش
31.3%
|
ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچېكى بازىرىدىن 3 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلاندى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامىرىكا پايچېكى بازىرىدىن 1 تىرلىيۇن 77 مىلياد دوللار ، باشقا چەتئەل پايچېكى بازىرىدىن 1 تىرلىيۇن 400 مىلياد دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى . دۆلىتىمىز پايچېكى بازىرى يېڭى يىل كىرگەندىن باشلاپ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە 800 نوختا چۈشۈپ ، كۆرسەتكۈچ 22% تۈۋەنلىدى . ئۇنداقتا يېقىنىقى پايچېكى بازىرىدا پارغا ئايلانغان 15 تىرلىيۇن دوللار پۇل نەگە كەتتى ؟ بۇنچە كۆپ مەبلەغنىڭ ئېغىش يۈلىنىشى ۋە ھەركىتىنى تەھلىل قىلىشىمىز ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا يېڭى بىر مەبلەغ سېلىش يۈنىلىشى ۋە پۇرسىتىنى تېپىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . بۇلۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتتىكى پايچېكى بازىرى ، پىرىۋوت بازىرى ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرلغان تاۋارلار بازى ئارقا-ئارقىدىن چۈشىۋاتقان شارائىت ئاستىدا تېخىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ .
سانلىق مەلۇماتلاردىن كۈرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، خەلىقئارا كاپىتال يېقىندىن بىرى ئەڭ كۆپ كىرگەن رايۇن بولسا دەل ئامىرىكا . ئامىرىكىغا ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا 31 مىلياد 400 مىليۇن دوللار كىرگەن بۇلۇپ ، چەتئەل كاپىتالىنىڭ زور سوممىلىق ئامىرىكا زايۇمىنى سېتىۋېلىشى قايتىدىن ھاسىل بولدى . خەلقئارا كاپىتالنىڭ ئامىرىكغا كىرىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ئامىرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى كۈرۈنەرلىك .
پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سېلىش بازىرى ھازىر يامان ئەھۋالدا بۇلۇپ ، خىيىم -خەتەر كۈپەيمەكتە ، چوڭ مەبلەغ سېلىش كارخانىللىرنىڭ ئامىرىكا زايۇمىنى سېتىۋېلىش كەيپىياتى يۇقۇرى كۈتۈرۈلمەكتە . قانداقلا بولمىسۇن ئامىرىكا زايۇمى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر مەبلەغ سېلىش تۈرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .
يەنە بىر جەھەتتىن ، پايچېكى بازىرىدىكى پارغا ئايلانغان 15 تىرلىيۇن دوللارنىڭ زور بىر تۈركۈمى نەق پۇلغا ئايلىنىپ بولدى . پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ خىيىم-خەتىرى ئېغىرلىشىۋاتقان ، خەۋىپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ يۇقۇرى كۈتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ، نەق پۇلنى ساقلاپ تۇرۇشنىڭ دەۋرى يىتىپ كەلدى . ئىلگىرى ، خەلىقئارا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ھىساپلاپ كۆرگەن بۇلۇپ ، پۇلنى ساقلاش ، پۇل -مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ سېلىشتىن ئۈنىمى يۇقۇرى ئىكەن .
نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان يەنە بىر ئىش بولسا ، دەل ئالتۇن بازىرى . ئالتۇن بولسا ، پايچېكى بازىرى چوڭ كۈلەملىك چۈشكەن ئەھۋال ئاستىدا ، ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى . مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرسەك ، ئۆتكەن ھەپتىلەردە ، فونىتلارنىڭ ئالتۇننى سېتىۋېلىشنى كۈپەيتىشى 1 ھەسسە يۇقۇرلىغان . 1-ئايدا ، قەرەلىك مال 3.4% ئۆرلىدى ، بۇ ئاي ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ئاي بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .
ئامىرىكا قەرەلىك مال كومىتىتى يېقىنقى 3 سودا كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ، ئالتۇن قەرەلىك مال سودىسىنىڭ سانى كۈپىيۋېتىپتۇ .
يۇقارقى ئالامەتلەردىن كۈرۈۋېلىشقا بۇلۇدىكى ، ئالتۇن بولسا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن . ئالتۇننىڭ ئۈسۈشى پەقەت ۋە پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا خالاس . ئەمما ئامىرىكا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۈسۈم قۇشىشى بەلكىم ئالتۇننىڭ قاڭقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىردىن بىر ئامىل بۇلىشمۇ مۇمكىن .
|
|