- تىزىملاتقان
- 2016-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 349
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
24.5%
|
تەنھالىق
ئەلەم مامۇت سەھرايى
قالدىم تەنھا يارسىز، يۆلەكسىز،
قىش—جۇدۇندا ئاياق ئۆتۈكسىز.
ماڭا نېسىپ بولار قاچانمۇ،
ئىللىق بىر ئۆي ئىسسىز، تۈتەكسىز.
قىش تۈنلىرى شۈنچىلىك ئۇزۇن،
قالاش ئۈچۈن تېپىلماس ئوتۇن.
ئۆيۈم ئوخشاپ قالدى لەھەتكە،
تۈگەپ كەتكەچ قەدىناس خوتۇن.
ئۆي ئىچىنى باسقان غېرىپلىق،
تام– تۇرۇستا ئۆمۈچۈك تورى.
چالما ئوچاقتىن تۇرار ئىس يېنىپ،
چۈشمەس ھەتتا قۇياشنىڭ نۇرى.
چىرايىمغا چىقماس يېگىنىم،
يالجىمايمەن قېرى كالىدەك.
كىيىملىرىم تولىمۇ مەينەت،
قىلىقلىرىم كىچىك بالىدەك.
سۆڭەك تۈگۈل تۇڭلاپ يىلىكىم،
ئازلاپ كەتتى كۈنسىرى يىمىكىم.
نۆۋەت كېلىپ قالسا ناۋادا،
نەدە قالار مىسكىن ئۆلۈكۈم.
ھەر پېشكەللىك مېنى تاپىدۇ،
ئەجەل پات– پات ئىشىك قاقىدۇ.
يېتىپ باقسام ئۆلۈمنى كۈتۈپ،
يەنە بىر رەت تاڭمۇ ئاتىدۇ.
كۆزۈم غۇۋا، ئېغىر قۇلىقىم.
تېنىم ئەمەس، يېغىر يۈرىكىم.
بىر كۈن تىنچ ئۆتسە غەنىمەت،
ئۇندىن باشقا يوقتۇر تىلىكىم.
تۇغۇلدۇق بىز ئۆلىمىز بىر كۈن،
ئۆچەر ئاخىر ھاياتلىق ئىزى.
باغاش ئېتىپ ياتسام ۋەتەننى،
ماڭا بەخت ئاشۇنىڭ ئۆزى!..
ھەسەت ھەققىدە غەزەل
ھەسەت بىر خىل كېسەلدۇركى ساقايماس دەۋرى- دەۋراندىن،
ئاڭا ھېچ بىر داۋا يوقتۇر سوراپ كۆرسەڭمۇ لوقماندىن.
ھەسەت بىر پارچە ئوتتۇركى چاراسلاپ كۆيدۈرەر جاننى،
نەجانكى، يەر جاھان كۆيگەي گۇناھى پەيلى شەيتاندىن
ھەسەت شۇنداق يامان ئادەت، قېرىنداشلار ئارا ئاپەت،
مىسالى ئەيلىدى سۈرگۈن يۈسۈپنى شەھىرى كەنئاندىن.
ھەسەت ھوقۇش كەبى ۋەيران قىلار ھەتتاكى ئىقلىمنى،
سۈرۈپ بولبۇلنى ھەر دائىم چىمەنزار باغۇ- بوستاندىن.
ھەسەتنىڭ دەستىدىن نۇرغۇن خاقانلار قان يۇتۇپ ئۆلدى،
جۇدا بولغاچقا مال مۈلكى پاراغەت شانۇ– شەۋكەتتىن.
ھەسەتخور خۇش قىلار شەيتان لەئىننى شۇ خۇيى بىرلەن،
يىراقلاپ كەتسىمۇ گەرچە بىھىشتۇ-باغۇ رىزۋاندىن.
ھەسەت ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلغاي،
ئوتۇننى قوغدىماق مۈشكۈل تونۇر ئالدىدا گۇلخاندىن.
ياقامنى چىشلىدىم ھەيھات! دۇئاغا قول كۆتۈردۈم پات،
ئىلاھىم ساقلىسۇن ھەر بەندىنى بۇ نەۋئى تۇغياندىن.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
|
|