قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 10547|ئىنكاس: 134
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئا.ئايۇپ - سەمىمىيەتنىڭ بەدەلى ۋە كونا ئاپەت

   تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

67

تېما

62

دوست

5773

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33614
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 164
تۆھپە : 1892
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-6 19:07:53 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئابدۇۋەلى ئايۇپ

    بەيتۇللاھتىكى تاۋاپ جەريانىدا ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ بۇ قەدەر قارشىلىققا ئۇچرىشىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئۇيغۇردا ئىككى ھەرەم زىيارىتى ھەققىدىكى تۇنجى خاتىرە 90-يىللاردا يېزىلغان ئىدى. ئاپتۇرلار ئىللەتنى ئۇيغۇردىن ئىزدەپ ئالقىشلانغان، كىرنى ئۇيغۇرنىڭ تىرنىقىدىن تېپىپ ھۆرمەتلەنگەن، چارەسىز خارلىقنىڭ  سەۋەبىنى "ناچارلىق" لىمىزغا دۆڭگەپ تەبرىكلەنگەنىدى. ھالبۇكى، مېنىڭ كېسەلنىڭ مەنبەسىنى مۇستەبىت تۈزۈمدىن، چىرىك ھاكىمىيەتتىن، ئادالەتسىز قانۇنلاردىن ئىزدەپ يۈرگۈزگەن مۇلاھىزەم بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
   ئىللەتچى يازغۇچىلار ئۇيغۇرنى ھورۇن، مەينەت، قوپال، ئەخلاقسىز... دەپ ئاغىزىغا كەلگەنچە ھاقارەت قىلسا دەرھال چىنپۈتۈپ "جاھاندا بىزدىن ئەسكى خەق يوق" دېيىشىپ بەرگەنلەر، مېنىڭ يازمامدىكى ئەرەبىستان ساقچىسىنىڭ ھاكاۋۇر، توڭ، مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە ئىشىنىپ بولالمىدى. بۇ قانداق مەنتىقە؟ ئەجەبا مەككىدە ياشىمايدىغان پۈتۈن بىر مىللەت تەنقىدلەنسە بولىدۇ، كەبىدە ئىشلەيدىغان بىر قانچە ئەرەب تەنقىد قىلىنسا بولمامدىكەن؟ ئەرەبىستان بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز شارائىتتا، رودىپايدەك چاپلاشقان بەختسىزلىكلەردىمۇ ئاللاھتىن ئۈمىدسىزلەنمەي ياشاۋاتقان چارەسىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەيىبى ئېچىلىپ ھۆرمىتى يەرگە ئۇرۇلسا مەيلى، بەيتۇللاھنىڭ باشقۇرۇلۇشتىكى يېتىشسىزلىكلىرى تىلغا ئېلىنسا كەبىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلنغان بولامدۇ؟ ئۇنداقتا پايغەمبىرىمىزنىڭ "مۇسۇلماننىڭ ھۆرمىتى كەبىدىن يۈكسەك" دېگىنى يالغانمۇ؟ مەھەللىسىدىكى مەسجىدنىڭ مۇنچىسىنى سېلىش ئەمەس بىر تال كېىسىكىنى يۆتكىيەلمەيدىغان ئۇيغۇرنىڭ يىگىنىدىن تارتىپ ئولتۇرۇپ قوپۇشلىرىغىچە نۇقسان ھىساپلىنىپ، سەئۇدى جەمەتىنىڭ كەبە مەيدانىنى قىستاڭ قىلىپ قەسىر سالغان مۇستەبىتلىكى قۇسۇرسىز سانىلامدىكەن؟ قەشقەرنىڭ "پاسكىنا" كوچىلىرىنى ھوزۇرلىنىپ سازايى قىلغان يازغۇچىلارنى ماختىغان چېغىمىزدا مەككىنىڭ مىسپىل كوچىلىرىغا دۆۋلەنگەن ئەخلەتلەر ھەققىدە ئويلانمامدۇق؟ قەشقەردىكى ئىللەتنى كۆپتۈرۈپ مەككىدىكى مەينەتنى يوشۇرۇش ئادىللىقمۇ، سەمىمىيەتمۇ؟ ئەقىدىمىز دىنسىزغىمۇ ئادالەتلىك بولۇشنى بۇيرىغان تۇرسا نېمىشقا مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا ئادىل بولمايمىز؟، رەسۇلىمىز "دىن سەمىمىيەتتۇر" دېگەن تۇرسا نېمىشقا مەككە ھەققىدە راست سۆزلىمەيمىز؟ ئۇيغۇرغا ئاشمىغان قەشقەرنىڭ مەڭزىدىكى نوقۇتتەك خالغا ئوپىراتسىيە پىچىقىنى دەڭلەپ، مۇسۇلماننىڭ ئىلكىدىكى مەككىنى بۇلغاۋاتقان مۇستەبىتلىكنى كۆرمەسكە سالغىنىمىز سەمىمىيەتمۇ؟
   ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ "مۇقەددەس سەپەردىكى پاراڭلار" ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسىدە "ئۇ دېگەن ئەرەب!" ماۋزۇلۇق بىر پارچە بار. ئەسەردە ئاپتۇر ئۈچ تۆرت ئۇيغۇرنىڭ مەككىدە ئەرەب شوپۇرنىڭ زوراۋانلىقىغا دۇچ كەلگەنىدە "ئۇ دېگەن ئەرەب" دەپ قورقۇپ باش ئەگكەنلىكىنى ئىچىنىپ يازىدۇ. ئادەتتە ئىللەتچىلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلار بۇنى ئۇيغۇردىكى قورقۇنچاقلىققا دۆڭگەيدۇ. شۇنىسى سىر ئەمەسكى، سەئۇدىنىڭ تۈزۈمىدە يەرلىك ئەرەب بىلەن مۇساپىر مىللەت، بولۇپمۇ ۋەتەنسىز ئۇيغۇر تەڭ بولالمايدۇ. يەرلىكلەر بىلەن بولغان داۋالاردا يېڭىلىپ بۇرنىغا سۇ ئەمەس قان كىرگەن ئۇيغۇرلار شۇندىن كېيىن نەگە بارسا ئاشۇنداق ھەسرەت بىلەن "ئۇ دېگەن ئەرەب" دەپ دېمىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر. بەلكىم بەزىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئادالەتسىزلىكلەرنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرنى سېسىتسا چىداپ ئەرەبنى تەنقىد قىلسا ئولتۇرالماسلىقى سەئۇدىنى كەبە دەپ چوقۇنۇش ، قەسىرنىڭ خوجايىنلىرىنى قىبلىنىڭ ئىگىسى دەپ ئۇلۇغلاش، شاھلىقنىڭ دەخىلىسىزلىكىنى شەرىئەتنىڭ دەخىلسىزلىكى دەپ چۈشىنىش دېگەنلەرگە ئوخشاش بىر تۇيغۇ بولسا كېرەك.
    "دوللار قارى" دېگەن سۆز يېقىندا ئۇيغۇرنىڭ پەخرىلىك ئۆلىمالىرى يىغىلغان بىر سورۇندا دېيىلگەن بولۇپ مەن شۇ مەيداندا بۇ ھەقتە يازىدىغانلىقىمنى دېگەنىدىم. ئەمما سورۇندا دېيىلگەن تەپسىلاتنى ۋە كېيىن ئاڭلىغان نومۇسلۇق ۋەقەلەرنى يازغۇم كەلمىدى. چۈنكى بىز ئىنساننىڭ ئەيبىنى ئېچىشقا ئەمەس يېپىشقا بۇيرۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچىلاردىكى ئىلىمدىن بەكرەك دوللارغا بېرىلىش مەسىلىسى ئومۇمى ھادىسىگە ئايلانغان بولۇپ سەئۇدىدىكى دىن ئوقۇۋاتقانلاردىلا ئەمەس، تۈركىيەدە پەن ئوقۇۋاتقانلاردىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇد ئىدى. مەن شۇ سورۇندا ئىسمى دېيىلگەن  تىجارەتچى قارىلارنى توغرا چۈشىنىش تەرەپتارى ئىدىم. ئەتراپىمىدىكى موللا ئاغىنىلىرىم ئارىسىدىمۇ ئۇتۇقلۇق تىجارەتچىگە ئايلانغانلىرىمۇ خېلى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن يازمامدا سودىغا مەشغۇل ئوقۇغۇچىلارنى ئاقلاپ، ئۇلارنى"دوللار قارى"لىقتا ئەيىپلەشنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى يازدىم. كۈتۈلمىگەندە، مەن ئاقلاپ ئوتتۇرىغا چىققان قارىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ھەتتا "پاسىق" دېگەندەك قەبىھ سۆزلەر بىلەن قىلغان ھاقارەتلىرىگە ئۇچرىدىم. ھاقارەتلەنمىگەن غەمگۇزار ئاناممۇ قالمىدى. تەھدىتلەرمۇ كەلدى. بىرەيلەن تېخى "بەيتۇللاھ زىيارىتىدىن كېيىن يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەڭ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى" مازۇلۇق ھۇجۇم خېتىنى كەڭ تارقىتىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئاپتۇرنىڭ يازمامنى ئوقۇمىغانلىقى ماڭا "قارى قۇرئانلارغا لەقەم قويدى، سۈرە ھوجۇراتنىڭ 11-ئايىتىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىدى" دېگەن تۆھمىتىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئاپتۇرنىڭ ئاخىرقى قۇرلاردىكى "مېنىڭچە، يەنە قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىغۇسى بارمىدۇ بىلمىدىم" دېگەن تەھدىتى ئۇنىڭ "ئەھلى ئىلىملەرنى قوغداش" يولىدىكى ئارقا تىرىكىنى ۋە ھەقىقى مەقسىدىنى ئاشكارىلايدۇ.
   يۇقارقىدەك ئىلىم ئىگىسىگە ئىلمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماي، ماقالىگە ماقالە بىلەن رەددىيە بەرمەي ئەكسىچە پىكىر قىلغانغا ھۇجۇم قىلىدىغان، تەنقىد قىلغۇچىغا تەھدىت سالىدىغان، ھەتتاپەرقلىق چۈشەنچىدىكىلەرنى زاماندىكى قۇدرەتكە تايىنىپ جازالىتىۋېتىدىغان قىلمىشلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كونترول قىلىپ كەلگەن مۇستەبىتلىك سەۋەبلىك يىلتىز تارتقان. مەرھۇم جەدىت ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگىنى پۇل ئۈچۈنلا قولىغا پىچاق ئالغان ساۋاتسىز كىشى ئەمەس بەلكى داموللامنىڭ يېڭىچە مائارىپ ئىددىيەسىگە قارشى مەيداندىكى ئەمەت ئىسىملىك ئىلىم ئەھلى مەزىن ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى تۇتۇپ بەرگەنمۇ شائىرىمىز ئۈستىدىن "ئۈممەتنى خاتا يولغا باشلاۋاتىدۇ" دەپ گەپ تارقىتىپ كۆرەلمەيدىغان مەدرىستىكى ساۋاقدىشى روزا موللا ئىدى. 2013-يىلى ئىيۇندا بىر ئوقۇرمەنىم ئۆلىما چىقىپ قېلىپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم. ئۇ كىشنىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىر يېىزىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلەندىم. ئەمما بىر دوستى بىلەن ئۆزى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ۋاھابىزىمنىڭ دىيارىمىزدا قىسىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىشىپ كېلىپ غۇلجىلىق بىر ئوقۇغۇچىسىغا دائىرىلەرگە ۋاھابىلارنى چاققانلارنى چېقىش ھەققىدە مەسلەھەت بەرگەنلىكىنى دەپ قالدى. مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي بۇنداق دېيىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمىنى سوراپ تۇرۇۋالدىم. ئۇ ھىچ ئىككىلەنمەي قۇرئان ۋە ھەدىستىكى دەلىللەرنى سۆزلىۋىدى، سۆھبەتنى شۇ يەردە چىرايلىق ئۈزۈپ خوشلاشتىم. چۈنكى مەن دىندار مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى چۈشەنچە ئوخشىماسلىقىنى دىندىن خالى كۈچكە تايىنىپ ئۇجۇقتۇرماقچى بولغان كىشىنىڭ ھەر قانداق پەتىۋالىرىنى رەت قىلاتتىم.
    پەرقلىق چۈشەنچىدىكىلەرنى نوپۇزغا تايىنىپ بوغۇش خاھىشى يۇقارقىدەك ئۆلىمالارغىلا خاس ئەمەس. 1993-يىلى بېيجىڭدىكى مەن ئوقۇۋاتقان فاكۇلتىت ئىككىنجى فاكۇلتىت دېگەن ئېنىقسىز نامدىن قۇتۇلۇپ تۈرك تىللار مەدەنىيەت ۋاكۇلتىتى دەپ ئۆزگەرتىلدى. ھەممەيلەن ئىككىنجى فاكۇلتىت دېگەن ئەگەشمىلىك، بېقىندىلىق چىقىپ تۇرۇدىغان ئىسىمدىن قۇتۇلغىنىمىز  ئۈچۈن ھاياجانلاندۇق. ئەمما ئۇزاققا قالماي نامىمىز ئەمەلدىن قالدى. سەۋەبى بىر پروفېسسورىمىز "فاكۇلتىتنى پانتۈركىزىمچىلار قاپلاپ كەتتى، شۇڭا نامىنىمۇ تۈركى تىللار فاكۇلتىتىغا ئۆزگەرتىۋېلىشتى" دەپ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا شىكايەت قىلىپتۇ. بۇندىن باشقا يىللار بۇرۇن دىيارىمىزدا چوڭلىرىمىزنىڭ قولىدىن چىققان "ئۈچ كىتاب" ھەققىدىكى دوكىلات، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىددىيسى ھەققىدە مەركەزگە يوللانغان ئەرز قاتارلىقلاردىمۇ ئىچىمىزدىكى چۈشەنچە پەرقىنى تاشقى كۈچلەرنىڭ قولىدا يوقۇتۇش خاھىشى ئەكىس ئەتكەن.
    روزى موللا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققاندا "ئۈممەتنى خاتا يولغا باشلاۋاتىدۇ" دېگەننى باھانە قىلغان بولسا، پروفېسسور مەرھۇم تارىخچىنى ئەرز قىلغاندا "مىللەتنى خاتا يولغا باشلاۋاتىدۇ"  دېگەننى ئاساس قىلغان. ماڭا كەلگەندە "ئۆلىمالارغا لەقەم قويدى" دەپتۇ. ئوخشاش يېرى مەيلى موللا، قارى ياكى پروفېسسور " بولسۇن "ھەسەتتىن چىدىيالماي چاقتىم، يالاق يالاي دەپ چاقتىم، ئۆچۈمنى ئالاي دەپ چاقتىم، ھوقۇقتا قالاي دەپ چاقتىم" دېمەيدۇ. ئەسلىدە ئالى مەكتەپتە پروفېسسور بولغان كىشى ئەگەر  تارىخچنىڭ مىللەتنى خاتا يولغا باشلاۋاتقانلىقىنى بايقىغان بولسا چېقىملىقچلىق قىلماستىن قارشى كىتاب يازسا بولاتتى. ئەگەر روزا موللا ھەقىقەتەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۈممەتنى خاتالىققا باشلىغىنىنى ھىس قىلغان ئەھۋالدا توغرا يولدىكى تەبلىقلىرى ئارقىلىق تاقابىل تۇرسىمۇ بولاتتى. پىكىرگە پىكىر بىلەن، ماقالىگە ماقالە بىلەن، تەبلىغقە تەبلىغ بىلەن قارشى تۇرماي زوراۋانلىققا مۇراجەت قىلىش، كۈچلەرگە چېقىمچىلىق قىلىش، ياكى خەلقنى كۇشكۇرتۇش مۇستەبىت تۈزۈمدىكى كىشىلەردە ئومۇملاشقان كېسەلدۇر. بۇنداق كىشىلەرنى قاھىرەدىن موسكۇۋاغىچە، شىمالى كورىيەدىن جەنۇبى كىرىيەگىچە ھەر زامان، ھەر يەردە ئۇچرىتىپ تۇرىشىمىز تەبىئىدۇر.

uyghuray

0

تېما

3

دوست

465

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47200
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-29
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-6 19:45:38 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turankaxkari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-6 20:21  

قەلىمىڭىز ھارمىغاي ئابدۇۋەلى مۇئەللىم، ئىلمى مۇنازىرە قىلىشنى بىلمەيدىغان، پاكىتقا پاكىت بىلەن ئىنكاس ۋە تىما يازمايدىغان بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ سۆزلىرى سىزنى بىئارام قىلمىسۇن! سىزنىڭ داۋاملىق يېزىشىڭىزغا نۇرغۇنلىغان قوللۇغۇچىلىرىڭىز مەدەت بىرىمىز.
مۇنبەردە ئىلمىي ۋە ئەدەپ بىلەن تېما ۋە ئىنكاس يېزىۋاتقان قىرىنداشلارغا ئاپىرىن! يەنە نۇرغۇن قىززىققان، چۇس مىجەز، ئالدىراڭغۇ ئىناس يېزىۋاتقان قىرىنداشلار، ئۆزىمىنى بىسىۋىلىپ تېمىنى قايتا-قايتا ئويلۇنۇپ، تېمىغا بىر نوقتىدىن ئەمەس ھەر تەرەپتىن، ئۆزگىچە پىكىردە ئىنكاس يازساق، تېمىنىڭ يىتەرسىزلىكى ياكى بىر تەرەپلىمە جايلىرىن بولسا سەمىمىي ۋە ئىلمىي رەدىيە بەرسەك دەپ ئۈمىد قىلىمەن، بىز ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى ئىناقلىق، ئۆزىمىزنىڭ ئىناقسىزلىق تەرەپلىرىمىزنى مۇنبەر يۈزىدىمۇ ھىچ كىمنىڭ كۆرگىسى يوق ئەلۋەتتە..

0

تېما

3

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48349
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-6 20:02:05 |ئايرىم كۆرۈش
سەۋىر قىلىڭ، ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ئەجرىڭىز بىكار كەتمەيدۇ.

4

تېما

1

دوست

1768

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43591
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 566
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-6 20:04:23 |ئايرىم كۆرۈش
گۈلەن مۇئەللىم بۇ ماقالىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. ھەربىر جۈملىسىدىن سەمىمىيلىك،دادىللىق چىقىپ تۇرىدۇ. ھارمىغايسىز مۇئەللىم!
uyghuray

0

تېما

1

دوست

1022

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18377
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-6 20:11:04 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nursiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-6 20:14  

خەنزۇچە مۇنبەرلەردە بىر گەپ بار « 键盘侠 » دەيدىغان ،  ئۇيغۇرچىغا نىمدەپ تەرجىمە قىلساق بولاركىن ؟  كومپىيۇتېر ئالدىدا بىر تەرەپتىن تەييار چۆپ چىلاپ ئىچىپ، بىر تەرەپتىن  قالايمىقان ئىنكاس يازدىغان " بىلىملىكلەرنى " كۆرسىتىدىغان چېغىۋا.  
بىر ماقالىغا ئىنكاس يازماق ناھايتتى ئاسان، لىكىن سەۋيەلىك ئىنكاس يېزىش ئاسان ئەمەس . بولسا ئاپتۇرنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلساق، ئىنكاسىنى ئاپتۇرنىڭ شەخسىيتىگە ئەمەس  ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا قارتا يازساق، قارشى پىكىرمىزبولساھاياجانلىق بىلەن قالايمىقان ئنكاس يېزىۋەمەي بولسا ئۆزىمىزمۇ بىر تولۇق نەرسە يېزىپ بېقىپ ئاندىن چوڭ گەپ قىلىلى.

0

تېما

0

دوست

539

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35352
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 170
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-28
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-6 20:13:30 |ئايرىم كۆرۈش
گۈلەن مۇئەللىم، مىنىڭىچە بەك يەڭگىللىك بىلەن يىزىپ قويۇپسىز بۇ ماقالىنى،  سىز ئالدىنقى قىتىملىق  مەككىدە ئۇچرىغان تۈركىيەلىكلەرنى نامۇۋاپىق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئىشلىرىنى يىزىپ كىلىپ ئۇلار دىموكراتىيەنى چۈشەنگەنلىگى ئۈچۈن  جىم ئولتۇرۋىلىش،  ئەرز يىزىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ يىزىپتىكەنسىز ، ئەمما سىز بۇماقالىنى ئويلىشىش قىلماي  ھاياجان بىلەن يىزىپ قويغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم .  مىنىڭىچە سىز بۇنىڭدىنمۇ ياخشى  ئۇسۇل بىلەن رەدىيە بىرەلەيتىڭىز. ئويلىشىپ بىقىڭ ،  مىنىڭىچە بۇ ماقالىنى مۇنبەردىن ئۆچۈرسىڭىز.

0

تېما

4

دوست

1388

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30196
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 448
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-6 20:13:40 |ئايرىم كۆرۈش
سىزدە توردىكى ئىنكاسلاررغا نىسپەتەان كۈچلۈك ئىممۇنىتىت ئىقتىدارى بولشى كىرەك ،
بۇنداق خاتا چۈشنىلگەن بەزى ئىنكاسلارغا چىچىلىپ كەيپىياتىڭزنى ، ھىسياتىڭزنى بۇزۋالسىڭز  ، كىينكى تەپەككۇرلىرىڭزبۇزۇلۇپ كىتىدۇ   ،   بەلكىم كۆپىنچى تورداشلىرمىزدىكى سىزنى ماختاپ كۆتۈرۈشلىرگە بەكرەك كۆنۈپ كەتكەنلىكڭىزدىن ياكى چىن كۆڭلىڭزدىن چىقرىپ يازغان ئەسەرلىرڭىز خاتا چۈشنىلىپ قالغانلىقتىن ئاچقىڭز كەلگەن بولشى مۇمكىن  ،    كوللىكتىپنى بەك سۆيۈپ كەتكەن ۋاقتىمىزدا  ھەربىر شەخس بىزگە بەك چۈشنىكسىز بوپ كۆرۈنىدۇ، شۇڭا بەزى ۋاقىتتا ھىسياتىمىزنى قايرىپ قويۇپ ئاشۇ شەخسلەرنىڭ ھىسياتنى چۈشنىپ بىقىش كىرەك بولشى مۇمكىن.

0

تېما

1

دوست

1022

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18377
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-6 20:18:28 |ئايرىم كۆرۈش
ئابدۇۋەلىكامنىڭ ئەسەرلىرنى ياخشى كۆرشۈمدىكى سەۋەپ ھەقىقي، چىن تۇرمۇشنى يازىدۇ، ئۆزىنىڭ كۆرگىننى يازىدۇ، باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى يازىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )