- تىزىملاتقان
- 2013-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2472
- نادىر
- 0
- يازما
- 369
ئۆسۈش
15.73%
|
سالا مىلىتى زادى كىمىنىڭ ئەۋلادى بۇنى مەن بىلمەيدىكەنمەن ئەمما مىنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم شۇنداق چوڭ ... بۇنۇڭغا مىنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە ئۆتكەن بىر قىشلىق تەتىلىم سەۋەب بۇلغان ...
مەن 2 يىل بۇرۇن مەكتەپتە قېپ قالدىم . تۇنۇشتۇرش بىلەن بىر سالا ئاشخانىسدا ئىشلەپ قالدىم ،... مەن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ تۈركى تىللق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن ....
ئىشقا چۈشكەن بىرىنچى كۈنى بىز بىرگە ناشتا قىلدۇق ، تاماق ۋاختىدا ئۇلار مەندىن .ئىسمىمنى سوراشتى ، مەن خەزۇچە قىلىپ ئىسمىنى دەپ بەردىم ، خەنزۇچە تەلەپۇز قىلسا ئۇزۇن بىلىندىغان بۇ ئىسىم ئۇلارغىمۇ ئۇزۇن بىلىندى...
_مەكتەپتىكى ئىسمىڭ نىمە ؟
_ ھە؟
_ ..._ئۇلار بىر بىرگە قاراشتى ، ئەڭ بەك چۈشەنمەي قالغنىى مەن ئىدىم ، ئەپسۇس مەن كىمگە قارايمەن ...
_ ھەي، ھەممە ئادەمنىڭ مەكتەپتە ئىسمى بار ، سىنىڭ يوقمۇ ؟ يوق بولسا قانداق ئۇقۇدۇڭ مەكتەپتە؟
مەن سەل بىر نىمنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم ...ئاندىن مەن ئىلگرى ئۇيغۇرچە ئانا تىلىمدا ئۇقۇغانلىقىمنى ، ئانا تىلدا بۇ ئىسىمنىڭ ناھايتى قۇلايلىق ئىكانلىكىنى ئېيتىم ... ئۇلار تېخمۇ ھەيران قالدى ... شۇنداق قىلىپ ، ئىشلار چۇگۇلۇپ چىقىتى ... ئاردىكى چۈشەنمەسلىكلەرنى گاڭگېراشلارنى تېخمۇ ئايدىڭلاشتۇرۋالدۇق ....مەن كىيىنكى سۆھبەتلەرنى قىسقا قىلىپ، تىىلىمغا ئايلاندۇرۇپ دەپ ئۈتەي....
ئەسلى ئۇلار چىڭخەيدىن كەلگەن، بۇ دۆلەتكى يەنە بىر تۈرۈك تىللق مىللەت ئىكەن ، ئەمما ئۇلارنىڭ تىلىدا ئاز بولمىغان خەن ۋە تىبەتلەرنىڭ سۆزلىكى بار ئىكەن... مەسلەن ئانا دىگەننى ئاماي، دادا دىگەننى ئاباي، يېىزنە دىگەننى جيې فاي دىگەندەك ، يەنە گۆش دىگەننى ئېخ (تىبەتچە)دىگەندەك ، نۇرغۇنلىرنى بىللەتىم مۇشۇنچىلىك مىسال قىلاي .... ئەڭ قۇرقۇنۇچلىقى بۇلاردا يېزىق يوقكەن ، خەن يېزىقىنى ئورتاق ئىشلىتىدىكەن ، شۇڭا مەن بايا ئانا تىلىم دىسەم ھەيران قاپتۇ ، چۇنكى ئۇلار بىزنىڭ يېزىقىمىز بارلىقىنى بىلمەيدىكەن ، ... ئۇلارنىڭ نەزىردە جوڭگۇدا پەقەت 3 خىللا كىشلەرياشايدكەن ،بىرى خەن رېن ، يەنە بىرى خۇي مىن ، يەنە بىرى زاڭ مىن ...شۇڭا ،ئۇلاردىن سەن نەدىن دىسە ئاساسەن لەنجۇدىن دەپ جۋاپ بىردۇ ... سەن سالامۇ دەپ سورمىسىڭىزلا ، مەن خۇي مىن (خۇي رېن) دەپ كىتىۋېردۇ ، ئۇلار نەزىردە سالا دىگەن ئانچە چوڭ ئۇقۇم ئەمەس(باللىردىن سالا تۇغرلۇق سورىسام ، ۋاي تاڭ دام ئاپام سالا دەيدۇغۇ تاڭ دەپ جاۋاپ بەردى ....)...شۇڭا بىزنىمۇ بىر تۇتاش شىنجاڭ رېن دەپلە كىتىۋېردۇ .... ئۇلارغا ئۈزۈمنى ئۇيغۇر دەپ خەنچە تۇللۇق قىلىپ دەپ بەرسەم بىلمىدى ، بالكىم ۋېيزۇ دىگەننى بىلشى مۇمكىن...ئۇلارغا بىز نەچچە ئون ناھيە كىشلىرى ئىكەنلىكىمنى دىسەم ھەيران قېلىشاتتى ...
شۇنداق قىلىپ بۇلارنىڭ تىلدا خېلى بىر ئۇقۇمغا ئىگە بولدۇم ، ئۇلارنىڭ تىلدىكى تۈرۈكچە سۆزلۈكلەر سۆزلرنىڭ تۈپ سۆز قىسمى باشقا تۈرۈك مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. گىراماتكىسى خېلىلا پەرىق قىلاتتى ... مەسلەن ، ئاشخانىغا 3 ئادەم كرىپ ئولتۇرۇپ بولغان بولسا ، ئۈچ كىشى كىلمىش دەيدۇ . بۇيەردكى _مىش قۇشۇمچىسى ئىش ھەركەتنىڭ ئاخېرلاشقانلىقىنى بىلدۈردىكەن . يەنە ، مەن تاماق يىمەيمەن دىگەننى مەن تاماق يىمەس دەيدىكەن ... ئىرۇر دىگەندەكلىرى بولسا تۈرۈكلەرگە ئوخشاپ قالدىكەن . مىنى ئېچىندۇردىغىنى بۇلارنىڭ يېزىقى يوق بۇلۇش ى . شۇ سەۋەبلىك تىلىنىڭ يۇقۇلىشى تىز دەپ كىسىپ ئېيتسام خاتا بولماس . ئەمما بۇلاردىكى ئىمان ئىتقاد ، بۇ ئاز غىنە كىشلەرنىڭ ، شۇنچە كۆپ خەنلەرنىڭ قورشاۋىدا قېلىپمۇ ، مانجۇ ، موڭغۇللاردەك تىزلا ئاسمىلاتسىيە بۇلۇپ كەتمىگەنلىكىگە ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىم .
بىر كۈنى مەن بىلمەيلا بەيسەي تاڭ بىر دەپ ئاشپەزگە ئۇيغۇرچە ئارلاش دوكلات قىلپ ساپتىمەن .ئۇلار ماڭا قاراپ ، سەن نىمە دىگەن ئەققىلىق سالاچىنى ھەجەپ تىز ئۈگۈنۋاپسەن دەپلا كەتتى . مەن ئۇلار غا بىز بىر نى بىر ئىككىنى ئىككى دەيمىز دىسەم ئايال خۇجايىن( 40 لار ئەتراپىدىكى ئايال )ھاياجانلىنىپ يۈزگىچە ساناپ ، ھەممىسى بىز بىلەن ئوخشاشما دەپ كەتتى . ئەمما قىزى يۈگرەپ كىلىپ سىلەر نىمە دەۋاتسىلەر دەيدۇ !!! كىيىن سەزسەم ئۇلار گىپىدە خەنچە كۆپرەككەن، بۇنداق ساپ تۈرۈك تىلدىكى ساناقلارنى تۇنجى ئاڭلىشى ئىكەن ، شۇڭا ھەيران قاپتۇ ، سەل ئەندىكىپ تىترەپ كەتتىم ...
ئەمما مىنى چۈچۈتكىنى ئۇلار ئەزان بىلەن قويغان ئىسمىنى قوللانماي ، ما ،خەن فامىلىسى بىلەن چىرايلىق قۇيۇلغان مەكتەپ ئىسمىنى قوللىندىكەن . ھەتتە كىچىك بالىسى ئىبرايمنى يىبۇلايىمۇ دەپ چاقىرىپ بۇلالماي ، ما #$% دەپ چاقىردىكەن .... شۇڭا مەن ئانا تىل مەكتىپى تىمىسىدا ئىسمىمىز كىيىنكىلەرگە تەس كەلسە ، ئىسمىمىزنى ئۆزگەرتىۋەتسە قانداق قىلمىز ؟ فامىلىمىز ۋاڭ بوپ قالسىچۇ ؟ دەپ بىر ئىنكاسنى قالدۇرغان ئىدىم ، توغرا ئانا تىل ، يېزىقىمىز ، مەكتىپىمىز مانا مۇشۇندا ق مۇھىم ...بۇ يەردە قايتا دەپ ئۈتۈپ كىتەي .... مۇڭغۇللارنىڭ بۇرۇن ئىككى ئىسمى بار ئىدى ، ھازىر پەقەت بىر ئىسمى بار . سالالارنىڭ ئىسمىمۇ ئازۋاقىتتىن كىيىن پەقەت خەنزۇچە بۇلۇپ قالىدۇ !!! ھېلىھەم ئۇلارنىڭ كىملىكىدە مەكتەپتىكى ئىسمى يېزىغلىق . ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمنى ئاتا ئانسى بىلدۇ . بەزىدە ئاتا ئانسى ئۇنتۇپمۇ قالىدۇ !! قانداق مۇنبەرداشلار يېزىقى بولمىسا دىگننى قىياس قىلىپ باقتىڭلارمۇ ؟؟؟؟ كىملەر دىگەندەك ، تىلى يوقىسا مىللەت بۇلۇپ تۇرۇۋېردۇ دىگەن گەپكە ئەمدى سەل قارامسىلەر ؟ تەلىيگە ئۇلارنىڭ فامىلىسى ما بۇلۇپ قاپتۇ !!! بىزنىڭ ئەۋلادلارغا قانداق فامىلە بۇيرۇلدۇ خۇدا ئۈزەڭ با !!!!!!!!!
شۇنداق قىلىپ ، ئىلگىرى مۇڭغۇل دوستۇمنىڭ گەپ سۆزلىرى، ۋە سالا ئاشخانسىدىكى سەرگۈزەشتەم شۇنداق نەرسىنى ماڭا پۇراتتى ...يەنى يېزىقسىزلىق !!! ئۇنداق ئاسان يۇقالمايدۇ ، بۇنداق بولمايدۇ دىگەنلەرگە ئاغزىغا تاش !!! بۇنداق قىلىپ نىمە پايدا كۈرسەن ، نىمە تىلدا بولسا مەيلى گەپ قىلسا بولدۇغۇ ؟ دىگەنگە جاۋاپ مەن ئۇيغۇر !!! بۇنداق قىلىپ نىمە پايدا كۈرسەن ؟ دىگەنلەرگە سەن نىمە ئىش قىلساڭ مەيلى ، پۇل تاپساڭمۇ تاپ ، ئۇ سىنىڭ خوشالىقىڭ . مەن دەل مۇشۇنداق ياشاپ خوشال بۇلمەن ! .... ئىشقىلىپ مەنمۇ گۈلەن ، قانۇن يۇلىنىڭ يولدا ماڭمەن ھەم مېڭۋاتىمەن . ھىچ بولمىسا ئۆز بالامنى ئۆيدە بولسىمۇ ساۋاتلىق قىلىپ ، كىچىك ئائىلە كۈتۈبخانسى قىلۋېلىپ ، ئاشۇ ئۆيدە بالام قىزىقىپ زىرىكمگەن ھالدا ئۈزىمىزنىڭ كىتابلىرىنى بولسىمۇ ئۇقىسا مەن شۇنۇڭغا ئالەمچە خوشال !!!!
يەنە بىر كۈنى بىر تاماق ۋاختىدا مۇنداق پاراڭنى قىلىپ قالدۇق .... ئۇلار سىلەر بەك جخدەلخور (<<تۇمۇز>> نى تىلغا ئالدى )، ئۇرۇشقاق خەقكەنسىلەر ، بۇ ياقتا بىر ئاشخانا ئاچىدىغان ئۇيغۇرلار بار ، ئۇلار ئىچىدۇ ھەم ئەسكى ئىشارنى قىلىدۇ ، ھەممىدىن يامىنى ئۇلار ئوغۇرلۇق قىلىدۇ ... ئوغۇرلۇق قىلسىغۇ مەيلى دوپپا كىيۋالىدۇ ، مەن ئوغرلاۋاتقان يېرىدىن نەق كۆرگەن ... ئۇلار ئوغۇرلۇق قىلسا مەيلىتى ،دوپپا كىيۋالغىنى قاملاشمىدى ، مەن جۈمەگە بارسام دوپپامنى كىيەلمەي يا نچۇققا سېلۋېلىپ مەسچىتككە كىرگەندە كىيۋالمەن ، بولمىسا ئۇلار بىزنى ئوغرى دەپ يانچە قارايدىكەن دىدى... مەن سەل خىجىل بۇلۇپ ئاۋال ئۇنۇڭدىن كەچۈرۈم ۋوردۇم ، ھەم شۇندا بىر قىسىم نائەھلىنى بىزمۇ تىللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۈم . ۋە ئاخىردا يۇرتىمىزدىكى يەرلىك سىياسەتنىڭ بىزگە قىلۋاتقان << غەمخورلىق>> ىنى سۆزلەپ ھەققى ماھيىتىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن ، ئۇلار ھىچقانداق پىكىر بەرمىدى . گەپ ئارلىقىدا ئۇلارنىڭ ناھيە ھاكىىنىڭ ناماز تاشلىمايدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، ئۈنلۈك ئاۋازدا : ناماز ئۈتۈيدۇ؟؟؟ دەپ تەكرارلاپ كەتتىم ... ئۇلار مەندن بەكرەك ھەيران قېلىپ ، ئەلۋەتتە ئۈتشى كىرەك ، بولمىسا سايلىنالمايدۇ دىدى .... ئەمدىلا ئۇلارنىڭ ھە دىسلا ئىسلاھات ، ماۋ رەئىس ، دىڭشىياۋپىڭ دىگەنلەرنى ھۇزۇرلىنىپ دەيدىغانلىقىنى ، بىزنىڭ بولسا ...................ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلدىم . ئەمىلەشكەن قانۇن نىمانداق قالتىس ھە !!!
ئۇلار بەك ھالال تىجارەت قىلدۇ . مەن ئاشخانىغا ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنىلا ئۇلارنى پاكىزلىقىغا قول قويغان ئىدىم . ئاشخانا ئىچى ئادەم ئارا بولسىلا سۈپۈرلۈپ تۇراتتى .
ھەر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈش ئالدىدا ھەممە ئۈزى بۈلۈنگەن دائىرسىنى بىر قېتىم چوڭ تازلاپ چىقاتتى ، ھەتتا تام تۇرۇشلارمۇ بوش قالمايتى .شۇڭا فارفۇر بېسىلغان تام تۇرۇسلار ئاپپاقلا تۇراتتى ... بىز بىلىمىز ئاشخانا تېمى قانچىلىك قارا بۇلدىغانلىقى ...شۇڭا مىھمانلار قول يۇيىمەن دىسە گەپ سۆزسىز ئاشخانا ئۆينى كۆرسىتىپ قۇياتتى ...
تاما ق خۇرۇچلىرنى خۇجايىن ئۈزى سەھەر تۇرۇپ نامازغا بارغاچ ، شۇ جايىن ئىشەنچىلىك ئېلىپ كىلەتتى . ئۇلارنىڭ سودا ھاللالىقىدا شۇنداق قول قويدۇمكى ، ھەتتا مەن ئۇلارغا بۇنچە چوڭ قاچىلىق ئۈگۈرنى ئاران 7 يۇەنگە ساتسەن ، توڭگانلارمۇ 13 يۇەندىن 14 يۇەندىن ساتىدۇ ، ئازراق ئۆستۈر دىسەم ، ياق ئاشۇرۇپ پايدا يىسەم ھارام بۇلىدۇ دەيدۇ ....بۇنى بىزنىڭ كۇلىدىكى ئاشخانا تاماق باھاسىغا سېلىشتۇرۇپ بىر ىمىلەرنى ھېس قىلدىم .... يەنە بىر ئىش مىنى ئويلاندۇردى ... بۇ خۇجايىننىڭ ئىسمى خەن يۇنۇس ( بۇ يەردىكى خەن خەنزۇ دىكى خەن ئەمەس )بۇلۇپ ، بۇ يەرگە (جىڭجۇ) كەلگىلى 12 يىل بوپتۇ . دەسلەپ ئايالى ۋە ئايالىنىڭ ئىنسى ئەر ئايال بۇلۇپ 4 ئادەم ئاشقان ئىكەن كىيىن يۈرشۈپ قاپتۇ ... ئاندىن يىرق يىقىن تۇققانلىرىغا ئاشپەزلىكنى ھەقسىز ئۈگۈتۈپ مەبلەغ سېلىپ دۇكان ئايرىپ بېرىپتۇ ، ھازىر 8 ئاشخانا ئىكەن ، گەرچە باشقا بىر نەچچە دۇكاننىڭ سودىسى ئۈزدىن ئېشىپ كەتسىمۇ ، ۋايسىمايدىكەن ، شۇڭا باشقا ئاشخاندىكىلەر پات پات يوقلارپ كىلىپ تۇراتتى .... شۇڭا مىھمان ئزۈلمەيتى ...ئەمما شۇ تەتىلدە ئاشخانىغا بىر غولجىلىق كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ دىيىشچە ئۇ بالىسىنى ئۇقۇتقاچ ، ناۋايلىق قىلاي دەپتىكەن ، بىر ئۇيغۇر بىزنىڭ كۇچىدا ئاشما ، ئاشساڭ چاقمىز ، بۇ بىزنىڭ كۇچا دەپ تەھدەت ساپتۇ ، كىراغا چۇشلۇق پۇل تاپاي دەپ كىرىپتۇ ، ئەپسۇس خەنچە بىلمەيدىكەن ، خۇجايىن ئامال يوق ئىشقا ئالمىدى ، كىيىن مەسچىتتە ئۇچۇرشۇپ قالدۇق ، يەنە بىر ياخشى نىيەتلىك ئۇيغۇر ئاشخانىسدا قاچا يۇيۋېتىپتۇ ، ئاز ۋاققىتىن كىيىن قايتىدىكەن ....يەنە بىر ئىشنى دەپ ئۈتەي .... ئىچكىردە ئۇيغۇرلار ساتقان كاۋاپنى ئويلۇشۇپ يەڭلار ، مەن تۇنجى ئىچكىرگە كەلگەن چاغدا كاۋاپتىن 5 زىق دىسەم ، ئۇكام سىلە بۇ كاۋاپى يىمىسلە دىگەن ... شۇ ئاشخاندىكى چاغلىرىمدا كىچىك ئاشپەز ماڭا ،<< بىر قىسىم شىجاڭلىقلار $%#گۈشنى كاۋاپ قىلىپ ساتىدۇ ، مەن ساتما دىسەم، ھىچقىسى يوق ساڭا ساتمايمەن ، مسۇلمانغا ساتمايمەن ، خەنگە ساتىمەن دىدى >> دەپ ھىكايە قىلىپ بەردى ۋە << ھارام نەرسە ساتقان پۇلمۇ ھارام >> دەپ قىسقا يەكۈن بەردى .... مەن ئاشۇ بىزنى خۇنۇكلەشتۈرگەنلەگە ئىچىمدە يەنە بىر قېتىم لەنەت ئئۇقۇدۇم .... ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئىمكان بولسا ، سالا ئاشخانىسىدا تاماق يىيىشنى قارار قىلدىم ، ھەم شۇنداق قىلۋاتمەن . مەن ئۇقۇش سەۋەپلىك ئۇ شەھەردىن ئايىرلدىم ....ئەمما سىز نەگلا بارماڭ ئوتترا ھىساپ بىلەن ھەر 4 كۇچىدا بىر سالا ئاشخانسى بار ، ئەگەر سىز ئىچكىرگە كىلىپ قالسىڭىز ، شۇلانىڭكىدە تاماقنى ئىشەنچىلىك ئىستىمال قىلشىڭىزنى مۇسۇلمانلىق سۈپىتىم بىلەن تەشەببۇس قىلمەن . مەن ھازىر ئۇقۇۋاتقان مەكتەپ ئەتراپدا يىقىنلا جايدا 4 سالا ئاشخانسى بار ، بىرسىدىن باشقا ھەممىسى مىنى بۇرۇقىدەكلا رازى قىلىپ كەلدى، باشقا ئۇيغۇر دوسلارمۇ شۇلاردا يەيمىز .... ئۇلارنىڭ ئاشخانسى توڭگانلانىكى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ ، سوراپ بىلەلەيسىز ...
|
|