قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 10131|ئىنكاس: 43
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

TED : ئۆلۈم توغرىسىدا جۆيلۈمىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

12

دوست

2470

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 812
توردىكى ۋاقتى: 326
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 16:18:35 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئۆلۈم توغرىسىدا جۆيلۈمىلەر
سىتىۋېن كېيۋ


مېنىڭ بىر سوئالىم بار : ئاراڭلاردا كىم ئۆزىنىڭ ”  مەن ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىدىكەنمەن “ دېگەن بۇ ھەقىقەتنى ئۆمىرىدە  تۇنجى قېتىم ھېس قىلىپ يەتكەن ۋاقتىنى ئەسلىيەلەيدۇ ؟
مەن ئەسلىيەلەيمەن . ئەينى چاغدا مەن تېخى كىچىك ئىدىم ، بوۋام ئەمدىلا ئالەمدىن ئۆتكەنىدى . ئېسىمدە قىلىشىچە ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ، مەن كارىۋاتتا ياتقىنىمچە بوۋامغا يۈز بەرگەن ئىشنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم : ئۇ ئۆلدى ، بۇ زادى نېمە دېگەن گەپ ؟ ئۇ نەگە كەتتى ؟ خۇددى رېئاللىقتا ھالاكەتلىك قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن بىرسى ئېچىلىپ ئۇنى يۇتۇپ كەتكەندەكلا قىلاتتى . ئارقىدىنلا مېنى ھەقىقەتەنمۇ چۆچۈتكەن بىر ئوي كاللامغا كەلدى : ئەگەر ئۇنىڭ ئۆلۈشى مۇمكىن بولسا ، مەنمۇ شۇنداق بولارمەنمۇ ؟ ھالاكەت ئۆڭكۈرى ئېچىلىپ مېنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمۇ ؟ ئۇ ئۆڭكۈر مېنىڭ كارىۋىتىمنىڭ ئاستىدىنلا ئېچىلىپ ، مەن ئۇخلاۋاتقاندا مېنى يۇتۇپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق !
نىھايەت ، مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە ھەممە بالىلار ئۆلۈمنى بىلىپ يېتىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ خىل بىلىش ئوخشىمىغان شەكىلدە كېلىدۇ ، ھەم ئوخشىمىغان قاتلاملار بويىچە ئاستا-ئاستا چوڭقۇرلىشىدۇ ، بىزنىڭ ئۆلۈمگە بولغان قارىشىمىز يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چوڭقۇرلاپ بارىدۇ . ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىمىڭىزنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىنى ئاختۇرسىڭىز ، سىز بەلكىم مەن بوۋام تۈگەپ كەتكەندە ھېس قىلغان نەرسىلەرنى ئەسلىيەلىشىڭىز مۇمكىن : مەنمۇ ئۆلىدىكەنمەن ، ھالاكەت بوشلۇقى مېنى كۈتمەكتە . بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىزدىكى بۇ خىل تەرەققىيات بىز ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن . خۇددى كىچىك چىغىڭىزدىكى مەلۇم بىر ۋاقىت نۇقتىسىدا سىزنىڭ ئۆزىڭىز ۋە ۋاقىت توغرىسىدىكى تۇيغۇلىرىڭىز پىشىپ يېتىلىپ سىزگە ئۆلۈمنى بىلدۈرگەنگە ئوخشاشلا ، ئىنسانىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مەلۇم بىر نۇقتىدا ، بەزىبىر ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ۋە ۋاقىت توغرىسىدىكى ھېس-تۇيغۇسى ۋە بىلىملىرى يېتەرلىك دەرىجىدە پىشىپ يېتىلىپ ، تۇنجى قېتىم ئۇلارغا ” مەن ئۆلۈپ كېتىدىكەنمەن “ دېگەننى بىلدۈرگەن .
بۇ خىل بىلىش بولسا بىز ئىنسانلارغا تەگكەن بىر قارغىش ، ئۆزىمىزنىڭ شۇنچىۋالا ئەقىللىقلىقىمىز ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل . بىز ئۆزىمىزگە يۈز بىرىشى مۇمكىن بولغان ئەڭ يامان ئىشنىڭ ھامان بىر كۈنى چوقۇم يۈز بىرىدىغانلىقىنى بىلگەن ھالدا ياشايمىز . بىزنىڭ بارلىق پىلانلىرىمىز ، ئۇلۇغۋار غايىلىرىمىز ، ئارزۇيىمىز ، بىزنىڭ دۇنيايىمىز ھامان بىر كۈنى ئاياغلىشىدۇ . ھەر بىرىمىز ئۆز قىيامىتىمىزنىڭ شولىسى ئاستىدا ياشىماقتىمىز . نېمىدىگە دەھشەت ، نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق !
شۇنداق قىلىپ ، بىز بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدىدۇق . مەسىلەن ، مەن بەش ياش ۋاقتىمدا ئانامدىن سورىدىم . مەن ” بىز ئۆلگەندە نېمە يۈز بىرىدۇ ؟ “ دەپ سورىغىنىمدا ، ئەينى چاغدا ئەتراپىمدىكى چوڭلار ئوڭايسىزلىنىش ئىلكىدە تىپىك ئەنگىلىيەچە چالا خىرىستىئانىزمنىڭ  جاۋابنى بەردى . ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ، بوۋام ئاسماندا بىزگە قاراپ تۇرىدىكەن ، ئەگەر مەنمۇ ئۆلسەم ، ئۇنداقتا مەنمۇ ئاسمانغا چىقىدىكەنمەن . بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ئۆلۈمنى مەۋجۇتلۇقنىڭ لېفىتىغا ئايلاندۇرغانىدى . بۇ ئاڭلىماققا تازا قاملاشمىغاندەك قىلاتتى ، چۈنكى ئەينى چاغدا مەن دائىم ئۆسمۈرلەر خەۋەر پروگراممىسىنى كۆرەتتىم ، ئۇ چاغ ئاللىقاچان ئالەمنى ئىزدىنىدىغان دەۋرگە كىرگەنىدى ، ئاسمانغا راكىتالار ئۇچۇپ تۇراتتى . بىراق ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ بىرەرسىمۇ بوۋامنى تىلغا ئالمىدى ، ئۇلار ھەم باشقا ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ گىپىنىمۇ قىلمىدى . بىراق مەن يەنىلا قورقۇنچ ئىچىدە ئىدىم ، شۇڭا مەۋجۇتلۇق لېفىتىغا ئولتۇرۇپ ئاسمانغا چىقىپ بوۋام بىلەن كۆرۈشۈش ئۇخلاۋاتقاندا ھالاكەت قاراڭغۇلۇقىغا يەم بولغاندىن ياخشىراق تۇيۇلدى . شۇنداق قىلىپ ، قانداقلا بولمىسۇن ، ھەتتا قانچىلىك بىمەنە بولمىسۇن مەن يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشەندىم .
مەن ئەينى چاغدا ، شۇنداقلا كېيىن چوڭ بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئۇ خىل تەپەككۇر جەريانى پىسخىكىدا ” تەرەپلىمىلىك “ دەپ ئاتىلىدىكەن . تەرەپلىمىلىك بولسا بىزنىڭ سىستېمىلىق ھالدا شەيئىلەرگە خاتا قارايدىغان ، خاتا چوت سوقىدىغان ، خاتا ھېسابلايدىغان ، خاتا ھۆكۈم چىقىرىدىغان ، رېئاللىقنى بۇرمىلايدىغان ، ياكى ئۆزىمىز كۆرۈشنى خالىغاننىلا كۆرىدىغان بىر خىل روھىي ھالىتىمىز ۋە ئۇسۇلىمىزنى كۆرسىتىدۇ . مەن دەسلەپتە دەپ ئۆتكەن تەرەپلمىلىك بولسا مۇنداق يۈز بىرىدۇ : مەلۇم بىر ئادەمنى ئۇنىڭ ھامان بىر ئۆلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتكە يۈزلەندۈرسىڭىزلا ، ئۇ ئادەم مۇشۇ ھەقىقەتنى ” يالغان “ دەيدىغان ، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەڭگۈ ياشىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ھەر قانداق ھېكايىگە چىنپۈتىدۇ ، ھەتتا بۇ مەن بايا دەپ ئۆتكەن لىفىتقا ئىشىنىشتىن دېرەك بەرسىمۇ شۇنداق قىلىدۇ .
بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ، بۇ ئەڭ چوڭقۇر تەرەپلىمىلىك بولۇپ ، بۇ خىل تەرەپلىمىلىك  400دىن ئارتۇق تەجرىبە تەتقىقاتى ئارقىلىق ئېچىپ بىرىلگەن . بۇ تەتقىقاتلار ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن ئىلىپ بىرىلغان ، بىراق تولىمۇ ئاددىي . ئۇلار مۇنداق ئىلىپ بىرىلىدۇ : تەتقىقاتچىلار ئالاقىدار جەھەتلەردە ئاساسەن ئوخشاش بولغان ئىككى گۇرۇپپا ئادەمنى تېپىپ كېلىدۇ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر گۇرۇپپا ئادەمگە ئۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ ، يەنە بىر گۇرۇپپىغا بولسا ئەسكەرتىلمەيدۇ ، ئاندىن بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتى سىلىشتۇرىلىدۇ .تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىنكى ھاسىل بولغان بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ ئۇلارنىڭ ئىش ھەرىكىتىگە قانداق چوڭ تەسىرلەرنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر قېتىملىق تەجرىبىدە ، نەتىجە ئوپمۇ-ئوخشاش : ئۆلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن كىشىلەر ئەسكەرتىلمىگەن كىشىلەرگە قارىغاندا ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ۋە مەڭگۈ ياشاشقا ئالاقىدار ھېكايىلەرگە بەكرەك ئىشىنىدۇ . تۆۋەندىكىسى بۇ تەتقىقاتنىڭ بىر مىسالى : تەتقىقاتچىلار ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتقادى توغرىسىدا تېخى بىر قارارغا كېلىپ بولالمىغان بىلگىلى بولماسلىق تەرەپدارلىرىنى يىغىپ كىلىپ ، ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەردىن ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلىنىشنى تەلەپ قىلغان ، يەنە بىر گۇرۇپپا كىشىلەردىن بولسا يالغۇزلۇق توغرىسىدا ئويلىنىشنى تەلەپ قىلغان . تەجرىبە ئاخىرلاشقاندا ، تەتقىقاتچىلار يەنە بىر قېتىم ئۇلاردىن دىنىي ئەقىدىسى توغرىسىدا سوئال سورىغان . نەتىجىدە ، ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلىنىشى تەلەپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ تەڭرى ۋە ئەيسا پەيغەمبەرگە بولغان ئېتقادى يالغۇزلۇق توغرىسىدا ئويلىنىشى تەلەپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە چوڭقۇر بولۇپ چىققان ( ئېتقادنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى قانداق ئۆلچىگەنلىكى بۇ يەردە نامەلۇم —— تەرجىمە قىلغۇچىدىن ) . گەرچە تەجرىبىدىن ئىلگىرى ئىككى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلگىلى بولماسلىق تەرەپدارلىرىدىن بولسىمۇ ، بىراق ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاشلانغاندا ، ئۇلار ئەيسا پەيغەمبەرگە قاراپ يۈگۈرگەن .
بۇ شۇنى كۆرسىتدۇكى ، كىشىلەرنىڭ يادىغا ئۆلۈمنى سىلىش ئۇلارنى ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان ، تەرەپلىمىلىككە تولغان ئېتقادقا باشلايدۇ ، بۇ خىل ئېتقاد دىنىي ئېتقاد بولۇپلا قالماستىن ، يەنە بىزگە ئۆلمەسلىكنى ۋەدە قىلىدىغان باشقا نۇرغۇن شەكىلدىكى ئىشەنچ - ئېتقاد بولۇشىمۇ مۇمكىن ، مەيلى ئۇ نام-ئاتاق بولسۇن ، پەرزەنتلەر بولسۇن ۋە ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك شەكىلىدە كەلسۇن . بۇ خىل تەرەپلىمىلىك ئىنسانىيەت تارىخىنى شەكىللەندۈرگەن . 400 دىن ئارتۇق تەجرىبە تەتقىقاتى ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلگەن بۇ خىل تەرەپلىمىلىكنىڭ ئارقىسىدىكى نەزەرىيە بولسا ۋەھىمىنى بىر تەرەپ قىلىق نەزەرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ ، بۇ نەزەرىيە تولىمۇ ئاددىي بولۇپ ، مەزمۇنى مۇنداق : بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆلۈم ۋەھمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ھازىر بىز ئىشىنىۋاتقان ھېكايىلەرنى سۆزلەپ ، ئۆزىمىزدە ھازىر بار بولغان دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن . بۇ خىل ئۆلمەسلىك ھېكايىلىرىنىڭ نەچچە مىڭ خىل ئىپادىلىنىش شەكىلى بار بولۇپ ، ئۇنى ئاساسلىقى تۆت خىل تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ . بۇ ھېكايىلەر تارىختىن بۇيان چەكسىز قېتىم تەكرارلانغان ، پەقەتلا ھەر قايسى دەۋرنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئانچە مۇنچە ئۆزگىرىشلەر بولغان ، ھەر بىر نۇسخىسىدا ئەينى دەۋرنىڭ تىنىقى پۇراپ تۇرىدۇ . مەن ھازىر ئۆلمەسلىك ھېكايىلىرىنىڭ بۇ تۆت خىل ئاساسلىق تۈرىنى چۈشەندۈرىمەن ، شۇنداقلا ئۇ ھېكايىلەرنىڭ ھەر قايسى دەۋر ، ھەر قايسى كۈلتۇر ( مەدەنىيەت ) دىكى ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىش شەكىلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن .
بىرىنچى ھېكايە ئەڭ ئاددىي . بىز ئۆلمەسلىكنى ئارزۇ قىلىمىز ، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى تىنىمىز بىلەن ھازىرقى مۇشۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشاشنى ئۈمىد قىلىمىز . بۇ ئۆلمەسلىك ھېكايىسىنىڭ ئەڭ ئاددىيسى بولۇپ ، مۇنداقلا ئاڭلىماققا بىمەنىلىكتەك تۇيۇلىدۇ ، بىراق ھەر بىر مەدەنىيەتتە ئۆلمەسلىكنىڭ كۇمىلىچى ياكى ياشلىق بۇلىقى دېگەندەك نەرسىلەرگە ئالاقىدار ئەپسانە - رىۋايەتلەر تېپىلىدۇ . قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتىدە مۇشۇنداق رىۋايەت بار ، قەدىمكى بابىلون ، قەدىمكى ھىندىستان قاتارلىقلاردىمۇ بار . ياۋروپا تارىخىدا بىز ئۇلارنى كىمىياگەرلەرنىڭ كىتابىدىن تاپالايمىز . بىز بۇنىڭغا ھەتتا بۈگۈنمۇ ئىشىنىمىز . ئەلۋەتتە ، بىزنىڭ بۇ تۈردىكى ھېكايىمىز ھازىر ئىلىم-پەننىڭ تىلى ئارقىلىق ئېيتىلىدۇ . 100 يىل بۇرۇن ھورمۇن بايقالغاندىن كېيىن ، كىشىلەر ھورمۇن تېخنىكىسى تۈرلۈك كىسەللىكلەرنى شۇنداقلا قىرىلىقنى داۋالىسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىشتى ، ھازىر بىز بۇ ئۈمىدنى غول ھۈجەيرە ، گىن قۇرۇلۇشى ، نامو تېخنىكىسى قاتارلىقلارغا باغلاۋاتىمىز . بىراق ” ئىلىم-پەن ئۆلۈمگە تاقابىل تۇرالايدۇ “ دېگەن بۇ قاراش ئەمەلىيەتتە ئۆلمەسلىكنىڭ سىھىرلىك كۇمۇلىچىغا ئالاقىدار ھېكايىنىڭ بىر بابى خالاس ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى باشلانغاندىن تارتىپلا بۇ ھېكايە ئېيتىلىپ كەلگەن . بىراق  مەڭگۈ ئۆلمەي تۇرۇش يولىدا سىھىرلىك كۇمىلاچنى تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن ھەممىنى دوغا تىكىۋېتىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەستەك قىلىدۇ ، چۈنكى تارىختىن قارىغاندا ، كۇمىلاچ قاينىتىپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر ئۆلۈپ بولدى .
شۇڭا بىز ئىككىنچى پىلانغا مۇھتاج بولدۇق . بۇ پىلان بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى ۋەدە قىلدى ، ئۇ بولسىمۇ قايتا تېرىلىش . بۇ خىل قاراش كىشىلەرنىڭ ئۆلىدىغانلىقىدەك بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىدۇ ، ئەمما ئۇنىڭ دېيىشىچە ، گەرچە مەن بىر قېتىم ئۆلۈپ بولغان بولساممۇ ، بىراق مەن يەنە گۆردىن قوپۇپ چىقىپ تېرىلەلەيمەن . باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئەيسا پەيغەمبەر قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەن .ئەيسا پەيغەمبەر ئۆلگەندىن كېيىن ، قەبرىسىدە ئۈچ كۈن ياتتى ، ئاندىن ئۇ تېرىلىپ قوپۇپ داۋاملىق ياشىدى . تېرىلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئىدىيە خىرىستىئانلارنىڭلا ئەمەس ، بەلكى يەنە مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭمۇ تەۋرەنمەس ئىتقادى . بىراق بىزنىڭ بۇ ھېكايىگە ئىشىنىشكە بولغان ئارزۇيىمىز شۇنچىلىك كۈچلۈككى ، بىز ئۇنى ئىلىم-پەن دەۋرىگە ماسلىشىدىغان قىلىپ قايتىدىن يېزىپ چىقتۇق . مەسىلەن ، ئادەم تىنىنى توڭلىتىش . بۇنىڭدا ، سىز ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى توڭلىتىپ قويالايسىز ، كەلگۈسىدە ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىلىم-پەن قاتتىق تەرەققىي قىلىپ شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ، ئۆزىڭىزنى قايتىدىن ئېرىتىپ ئەسلىڭىزگە قايتالايسىز ، يەنى ، تېرىلەلەيسىز . شۇڭا ، بەزى كىشىلەر قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ ئۇلارنى تېرىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ، بەزى كىشىلەر بولسا قۇدرەتلىك ئىلىم-پەننىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ . بىراق يەنە بەزى كىشلەرگە نىسبەتەن ، قايتا تېرىلىش دېگەن بۇ خىل ئىدىيە خۇددى جەسەتلەرنىڭ مىڭىپ يۈرگىنىگە ئوخشاپ قالىدۇ ، سىسىپ چىرىپ كەتكەن بەدەننىڭ قايتا تېرىلىدىغانلىقىغا ئادەمنىڭ تازا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ .
شۇڭا ، ئۇلار ئۈمىدىنى ئۈچىنچى تۈردىكى ھېكايىگە باغلىدى . بۇ روھنىڭ ئۆلمەسلىكىگە ئالاقىدار بىر ھېكايە بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە ، بىزنىڭ روھىمىز تىنىمىزدىن ئايرىلغان ھالدا مەڭگۈ ياشايدۇ . يەر يۈزىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ بىر روھى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ . روھنى مەۋجۇت دەيدىغان بۇ ئىدىيە نۇرغۇن دىنلاردا يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدۇ . گەرچە ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى روھنىڭ ئۆلمەسلىكىگە ئالاقىدار ھېكايە كەڭ تارقالغان بولسىمۇ ، بىراق ، بىز ئۇنى ھازىرقى زامان رەقەم دۇنياسىغا ماسلاشقان قىلىپ قايتا يېزىپ چىقتۇق . مەسىلەن ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تىنىدىن ئايرىلغان ھالدا ئۆز روھىڭىزنى ، ماھىيىتىڭىزنى كومپيۇتېرغا يوللاپ قويالايسىز ، شۇنداق قىلىپ ، ئېفىردىكى ئاۋاتار شەكلىدە ياشىيالايسىز . بىراق ، بەزىلەر يەنىلا گۇمانلىنىدۇ . ئىلىم-پەن تەمىنلىگەن بەزى ئىسپاتلاردىن قارىغاندا ، سىزنىڭ روھىڭىز ، ماھىيىتىڭىز ، يەنى سىز ” مەن “ دەپ ئاتايدىغان ئۆزىڭىز بولسا بەدىنىڭىزنىڭ مەلۇم قىسمى بىلەن ، يەنى مېڭىڭىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ .
بۇ خىلدىكى گۇمانخورلار ئۆلمەسلىكنىڭ تۆتىنچى خىل ھېكايىسىدىن تەسەللى ئىزدەيدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى قالدۇرغان مىراس ئارقىلىق ئېرىشىلگەن مەڭگۈلۈك ھايات .ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ دۇنياغا قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىي مىراسلىرىڭىز ، نام-ئاتىقىڭىزغا تايىنىپ تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئېلىپ مەڭگۈگە ياشىيالايسىز . مەسىلەن ، يۇنانلىق قەھرىمان ئاكېللىسقا ئوخشاش،  ئۇ ترويا ئۇرۇشىدا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ، شۇنىڭلىق بىلەن مەڭگۈلۈك ئۆچمەس نامغا مۇيەسسەر بولغان . نام-ئاتاقنى قوغلىشىش ھازىرمۇ خۇددى بۇرۇنقى ھەر قايسى دەۋرلەرگە ئوخشاشلا مودا . يەنە كېلىپ ، بىزنىڭ ھازىرقى رەقەم دەۋرىمىزدە ، نام-ئاتاققا ئېرىشمەكمۇ كۆپ ئاسانلىشىپ كەتتى ، نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن سىزنىڭ باتۇر جەڭچى ياكى قەھرىمان ، پادىشاھ بولۇشىڭىز كەتمەيدۇ ، پەقەت ئېنتىرنېت تورىغا چىقالىسىڭىزلا كۇپايە . ئەمما بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ، مەسىلەن پەرزەنتلىرى ئارقىلىق داۋاملىق ياشاشنى كۆزلەيدۇ ؛ يەنە بەزىلەر بولسا دۆلەت ، قەبىلە ياكى ئائىلە قاتارلىق چوڭراق گەۋدىنىڭ بىرەر قىسمى سۈپىتىدە داۋاملىق ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ . بىراق ، يەنىلا بەزىلەر ئۆزى قالدۇرغان مىراسنىڭ ئۆلۈش-ئۆلمەسلىكىگە بىر نېمە دېيەلمەيدۇ . مەسىلەن ، ۋۇدىي ئېلىن مۇنداق دېگەنىدى : ” مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ قەلبىدە ئەمەس ، بەلكى ئۆز ئۆيۈمدە ياشاشنى خالايمەن . “
مانا بۇ ئۆلمەسلىككە ئالاقىدار ئاساسلىق تۆت تۈرلۈك ھېكايە . مەن ئۇلارنىڭ ھەر بىر دەۋر كىشىلىرى تەرىپىدىن ئۆز دەۋرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانداقلارچە قايتا يېزىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تېرىشتىم . ئۆلمەسلىككە ئالاقىدار بۇ ئوخشىماس  ھېكايىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان شەكىلدە قايتا-قايتا تەكرار ئېيتىلىشى بىزنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىرىنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ . قايتا تېرىلىشكە بولغان ئۈمىدنى بەزى كىشىلەرنىڭ قۇدرەتلىك تەڭرىگە باغلىشى ، بەزى كىشىلەرنىڭ بولسا ئىلىم-پەنگە باغلىشىدەك بۇ ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسىتدۇكى ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئېنىق بولغان ئىسپاتلار ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ؛ ئەكسىچە ، بۇ ھېكايىلەرگە ئىشىنىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى ، بىز ئۆزىمىزدىكى بىر تەرەپلىمىلىك تەرىپىدىن شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغان ، چۈنكى بىز ئۆلۈمدىن شۇنچىلىك قورقىمىز .
شۇڭا ، بۇ يەردىكى مەسىلە بولسا ، بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان بۇ بىردىنبىر ھاياتنى قورقۇنچ ۋە بىر تەرەپلىمىلىك ئىچىدە ياشاپ تۈگىتىشكە بەنت قىلىنغانمۇ ، ياكى بىز بۇ خىل بىر تەرەپلىمىلىكنى يىڭەلەيمىزمۇ ؟ يۇنان پەيلاسوپى ئېپىكىيۇرېس دەيدۇكى ، بىز يىڭەلەيمىز . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئۆلۈمدىن قورقۇش تەبئىي ، بىراق ئەقلىي ئەمەس . ” ئۆلۈم بىزگە نىسبەتەن ھېچنېمە ئەمەس ، چۈنكى بىز بار چاغدا ئۆلۈم يوق ، ئۆلۈم يېتىپ كەلگەندە بولسا بىز ئاللىقاچان كېتىپ قالغان بولىمىز . “ دەيدۇ ئۇ . ئۇنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزى تالاي قېتىملاپ نەقىل كەلتۈرۈلگەن ، بىراق ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس ، چۈنكى ” كېتىپ قىلىش “ دېگەننى تەسەۋۇر قىلىش تولىمۇ قىيىن . 2000 يىلدىن  كېيىن ، يەنە بىر پەيلاسوپ ، لۇدىۋىك ۋېتگىنشىتېيىن ئۇ ئىدىيەنى مۇنداق بايان قىلىدۇ : ” ئۆلۈم بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى بىر ۋەقە ئەمەس . بىز ياشاۋىتىپ ئۆلۈمنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزمەيمىز “ . ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ : ” مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، ھاياتنىڭ ئاخىرى يوق “ . شۇڭا ، مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدا ھالاكەت قاراڭغۇلۇقىغا يەم بولۇشتىن قورققانلىقىم تەبئىي ، بىراق ئۇ ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى ئەمەس ، چۈنكى ھېچقايسىمىز ھايات تۇرۇپ ھالاكەت قاراڭغۇلۇقىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزەلمەيمىز .
يۇقرىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ئۈستىدىن غالىب كىلىش ئاسان ئەمەس ، چۈنكى ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھەر بىرىمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان . بىراق ، ۋەھىمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتكىنىمىزدە ، شۇنداقلا شۇ ۋەھىمىنىڭ  بىزدىكى بىر تەرەپلىمىكنى پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن يوللىرىنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىققىنىمىزدا ، بىز ئۇنىڭ ھاياتىمىزغا كەلتۈرگەن تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيمىز .
مېنىڭچە ، ھاياتنى بىر كىتابقا ئوخشاتقان ھالدا ياشىغان ياخشى . بىر كىتاب ئۆزىنىڭ مۇقاۋىسى ئىچىدە ، باشلىنىشى بىلەن ئاخىرى ئارىسىدا چەكلەنگەنگە ئوخشاشلا ، بىزنىڭ ھاياتىمىزمۇ تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈشنىڭ دائىرسىدە چەكلىنىدۇ . گەرچە بىر كىتاب باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىش ئارىسىدا چەكلەنسىمۇ ، بىراق ئۇ يىراق-يىراق جايلارنى ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى ، ئاجايىپ-غارايىپ سەزگۈرەشتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ ؛ گەرچە بىر كىتاب باشلىنىش بىلەن ئاياغلىشىش ئارىسىدا چەكلەنسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئىچىدىكى پېرسوناژلارغا نىسبەتەن ئۇپۇقنىڭ چىكى يوق . ھەتتا كىتاب يېپىلغان تەقدىردىمۇ ، ئۇلار پەقەت ئۆز ھېكايىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاشۇ دەقىقىلەرنىلا بىلىدۇ : كىتابتىكى پېرسوناژلار كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىگە يېتىپ بىرىشىدىن قورقمايدۇ ، لوڭ جون سىلۋېر سىزنىڭ « ئۈنچە مەرۋايىت ئارىلى » دېگەن كىتابنى ئوقۇپ تۈگېتىۋىتىشىڭىزدىن قورقمايدۇ .
بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك . ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ كىتابىنى تەسەۋۇر قىلىڭ : ئۇنىڭ مۇقاۋىسىنى ، باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشىنى ، ئۆزىڭىزنىڭ تۇغۇلۇشىڭىز ۋە ئۆلۈشىڭىزنى تەسەۋۇر قىلىڭ . سىزنىڭ بىلىدىغىنىڭىز پەقەتلا ئوتتۇرىلىقتىكى ۋاقىتلار ۋە سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى تەشكىل قىلغۇچى دەقىقىلەر . ” كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى سىرتىدا نېمە باردۇ ؟ “ دەپ قورقۇپ يۈرۈش ئەخمىقانىلىق ، مۇقاۋىنىڭ سىرتىدىكىسى مەيلى سىزنىڭ تۇغۇلۇشىڭىزدىن بۇرۇنقى ۋاقىت بولسۇن ياكى ئۆلگەندىن كېيىنكى ۋاقىت بولسۇن ؛ كىتابنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنلۇقىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ؛ ئۇ كىتاب بىر چاتما رەسىملىك كىتابچىمۇ ياكى داستانمۇ ، بۇنىڭدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق .
بۇ يەردە ئەڭ مۇھىمى ، سىز بۇ كىتابنى ياخشى يېزىڭ .                                                
   
تەرجىمە قىلغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل      
مەنبە:
http://v.163.com/movie/2014/4/R/K/M9MPLO58F_M9MRNLDRK.html

bagdax

2

تېما

0

دوست

1557

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29581
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 486
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 19:48:49 |ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل تىما،تەرجىمانغا،يوللۇغۇچىغا رەھمەت!بولسا تەرجىمىسىنى يەنىمۇ پىششىقلاپ ئاندىن تورغا يوللىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.

2

تېما

0

دوست

1522

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55047
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 452
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 20:03:53 |ئايرىم كۆرۈش
ھاياتلىقنىڭ چىكى ئۆلۈم بىلەن تۈگەللىنەمدۇ؟ ئۆلۈمدىن ئىبارەت سىرلىق پەردىنىڭ كەينىدە زادى نىمە بار؟ ئۆلۈم ھاياتلار ئۈچۈن مەڭگۈ سىر پىتى قالامدۇ؟ ئىنسان ئۆلۈمنىڭ كەينىدىكى سىرنى بىلىشكە ھەقىقەتەن ئامالسىزمۇ؟ ئىنساننىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشى بىر تاسادىپىيلىقمۇ ياكى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ؟
ئۇنداقتا بىز پەقەت ئۆزىمىزنى بەزلەش ئىچىدە ياشامدۇق؟

2

تېما

0

دوست

1557

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29581
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 486
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 20:29:22 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-8 20:34  

قىلىدىغانغا ئىشىم يوق بىكارچىلىقتا تەرجىمە قىلىپ ئويناپ يوللىغان ئەسەر ئەمەس بۇ،،،،،
خاتا چۈشەنچە بولۇپ قالمىسۇن قېرىندىشىم،مەن سىزنىڭ تىما تاللاش،تەرجىمە قىلىش دىتىڭزدىن سۆيۈندۈم،بۇ ساھەدەيەنىمۇ تېرىشىپ،زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشڭىزگە تىلەكداشمەن.ئۆزۈممۇ تەرجىمانلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا ماۋۇ تەرجىمىڭىزنىڭ تىلىنى يەنىمۇ پىششقلىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دېمەكچى،باشقا مەقسىتىم يوق.بوز قىر تورىدىن نىتچشىنىڭ يالغۇز ئادەم نامىلىق تەرجىمىڭىزنى كۆرۈپلا سىزگە ئاپرىن ئېيتقان ،ھەمدە تەرجىملىرىڭىزگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان ئىدىم.بەزى تەرجىمە ئەسەرلەرنى تورغا ئەمەس،شىنجاڭ مەدەنىيتى،شىنجاڭ ياشلىرى،ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى دېگەندەك مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئامان بولۇڭ!
bagdax

1

تېما

4

دوست

1917

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30196
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 618
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 21:28:11 |ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇرۇن داۋاملىق ئۆزۈمنىڭ دۇنياغا قايتا تۆرىلىپ بۇرۇنقى ھەرىكەتلىرىمنى تەكرارلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلەتتىم ،  ھاياتلىق تەكرارلىنىدىغاندەك .
مەنچە ئۆلۈم ۋەھمىسنىڭ پەيدا بولۇشى: روھنىڭ تەندىن ئايرىلىشنى خالىمىغانلىقى بولشى مۇمكىن.

0

تېما

0

دوست

328

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55061
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-19
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 22:29:16 |ئايرىم كۆرۈش

0

تېما

5

دوست

5047

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1572
توردىكى ۋاقتى: 319
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 00:38:34 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆلۇمنى ئويلاپ باقمىدىم ، ئويلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق  . ئۇنى ئويلىغىچە ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلغىنىم تۈزۈك

0

تېما

0

دوست

392

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17567
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-14
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 00:52:54 |ئايرىم كۆرۈش
Stephen Cave نى سىتىفىن كېيۋ دەپ تەرجىمە قىلساق تېخىمۇ توغرا بولغۇدەك ، ھازىر TED دىن تېپىپ ئېنگلىز تىلىدىكى نۇتۇقىدىن ھوزۇرلىنىشنى باشلىدىم ، رەھمەت !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )