قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 813|ئىنكاس: 5

قۇتادغۇبىلىگ ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

2532

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26983
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 796
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-8 23:49:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سىز قۇتادغۇ بىلىگنى ئوقۇپ باققانمۇ؟قۇتادغۇبىلگ ھەقىيقەتەنمۇياخشى ئەسەر.ئۇنىڭغابىرسۆزكۇپايە،مەن ئۆمرۇم مۇشۇچاققىچە،ئۇنىڭدەك ياخشى يىزىلغان بىرەركىتاپ ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم.مەيلى مۇكەممەلىكتەبولسۇن،ياكى ئۇئۆزئىچىگەئالغان مەنا  تەم مەنپەت جەھەتلەردەئەقلىمنى ئاجايىپ لال قىلىدۇ.
پەلسەپە نۇرغۇنلارغابىرمەۋھۇم تىما،بىراق ئۇنچىۋىلاسىرلىق نەرسەئەمەس.ئۇنىڭ يۇمۇق سىرلىق بۇلىشى، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ كاللائىشلىتىش تەپەككۇر قىلىشقاقارغاندا، يادىلاشقا بەكراق خۇشتاربۇلىشىدىن دىيىشكەبۇلىدۇ.پەلسەپەنوختىسىدىن قارغاندا،بىلىمگەياكى خاس تەپەككۇرغا تايىنىۋالغاندا پەلسەپە ھاسىل بولمايدۇ.پەلسەپە يەنە،تەدبىرپەزىلەت تەلەپ قىلىدۇ.تەپەككۇر تەدبىرپەزىلەت بىلىم، بۇتۆتكە تەڭ ئىتىبار قىلمىغاندا، پەلسەپەمەنزىلگەيىتەلمەيدۇ.
گەپنى يەنەشۇيەتتىدىن باشلاي.بىرھەپتەيەتتەكۇن،قۇتادغۇبىلىگىدەيەتتەيۇلتۇزتوغرىسىدابىرباپ بار.ئاسمان يەتتەقات دەپ يىزىغلىق.
   ئىنسان تۇپراقتىن ئاپىدابۇلىدۇ،ئاندىن ئابىيمەنىي،لەختەقان،پارچەگۆش،سۆڭەك،سۆڭەككەگۆش قونۇپ،ئاخىرداتىرەئۇنۇپ يەتتەباسقۇچ تاماملانغاندا ئىنسان سىياقىغا كىرىدۇ.ئەمىلىيەتتەبۇ،پەلسەپىنىڭ مۇھىم سىستىمىلىرى دىن بىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.قۇتادغۇ بىلىگىدىكى ئايتولدىمۇبەخىت بىلىشنى سۇپەتلەشتە،ئورنى شەكلى قىلىقى پەزلى ئەيىپى تەبىرى تەغدىرى يەتتە تۇررىتى بۇيىچەتوختالغان.گەرچەمەن پەلسەپەقەسرىنىڭ ئىتىك قۇلۇپلىرىنى ئىچىشقامۇيەسسەربۇلالمىغان بولساممۇ،ئىزدەنگۇچى سىياقىداشۇسىستىمىغايىقىنلىشىپ، مەزكۇر كىتاپتىكى پەلسەپەھىكمەتلىرىگەئۇرنۇپ بىقىشنى شەرەپلىك دەپ بىلدىم.
قۇتادغۇبىلىگدىكى پەلسەپىنىڭ ماھىيتى
   قۇتادغۇ بىلىگىدەپەلسەپەبارمۇ؟ھەئە.بەلكى،قۇتادغۇبىلىگىنىڭ بۇنداق شۆھرەتكەنايىل بولىشىدا.پەلسەپە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. قۇتادغۇبىلىگدە ئايتولدى،كۇنتۇغدى،ئوگدۇلمىش،ئوغدۇرمىشتىن ئىبارەت تۆت پىرسۇناج مۇنازىرسى بايان قىلىنغان.ئايتولدى بەخىت ئامەت، كۇنتۇغدى ئەدلى ئادىللىق قانۇن،ئوگدۇلمىش ياخشىلىق،ئودغۇرمىش قانائەتنى ئىپادىلەيدۇ. بەخىت بىلەن قانائەت تەتۇر.قانائەتنى يەڭگەندە بەخىتكە ئىنتىلىدۇ كىشى.ئادىللىق بىلەن ياخشىلىق،ئوت بىلەن سۇ مىسالى.ئەمىلىيەتتە يۇسۇپ خاس ھاجىپ، ماكاندىكى تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا تۆت تادۇنى،ياكى،ئىنساندىكى سەۋدا سەپرا بەلغەم خۇن تۆت خىل مىجازنى،مەنىۋىيەتتىكى بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆتخىل ئاڭ پائالىيتىگە پەلسەپەۋىي تەدبىقلىغان.بىلىش دىمەك، مىجازى سەۋدا تۇپراق.ئادىللىق سەپرائوت،ياخشىلىق بەلغەم سۇ،تەقۋادارلىق مىجازى خۇن ھاۋادۇر.
بۇ تۆت يارماڭاتۆت تادۇدەك ئىرور،
تۇزۇلسە تادۇچىن ھاياتلىق بولۇر.
مۇشۇ ئىككى مىسرادا،ئالەمشۇمۇل قىممەتكە ئىگە پەلسەپەئەكىس ئىتىدۇ.
ياراتتى يۇكسەلىتتى تاللاپ ئادەم،
بىرىپ ھۇش ئەقىل پەزىل ئىلىمنى ھەم.
تىلنى چىقارىپ،ئاڭابەردى دىل.
ئۇيات بەردى يەنە،گۇزەل خۇشپىئىل.
   قىساسۇل ئەنبىيادائىنسان دىكى ئاڭ، تەپەككۇر قەلىپ كۆڭۇل روھتىن تۇزۇلگەنلىكى قەيىت قىلىنىدۇ.يۇقارقى مىسرالاردا تەپەككۇر-ھۇش ئەقىل پەزىل بىلىمدىن ئىبارەت تۆت تادۇغائايرىلغان.كۆڭۇل-تىل دىل ئۇيات پىئىل تۆتكەئايرىلغان.يىغىنچاقلىساق،تەپەككۇر بىلەن كۆڭۇل،يەنى تۇپراق بىلەن سۇمۇناسىۋىتى ئەكىس ئىتىدۇ.
   تۆت تادۇ پەلسەپىسىگەقىسقاچۇشەنچەقىلساق؛دۇنيا،تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن ئىبارەت تۆت ئاناسۇردىن تەشكىل تاپقان دەپ قارىلىدۇ.   
   ئەمىلىيتىمىزدىمۇكۆپ ئۇچىرايدۇ.مەسلەن؛ تاماقلارنى ئىسسىق سۇغۇق ئايرىيمىز،يەل كەپتۇ دەيمىز،يەل ھاۋانى كۆرسىتىدۇ.تىۋىپلىرىمىزمىجازنى سەۋداسەپرابەلغەم خۇن تۆتكەئايرىپ،شۇنىڭغائاساسەن داۋاقىلىدۇ.پەلسەپىدە،ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەت دەپ يىزىلىدۇ.ماكان،تۇپراق ئوت سۇھاۋادىن تۇزىلىدۇ.زاماندا،ئىسسىق سۇغۇق ھۆل قۇرۇق بولىدۇ.ئىنسان مىجازى سەۋدا سەپرابەلغەم خۇن تۆتكە ئايرىلىدۇ. مەدىنىيەتتە،بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق ئەكىس ئىتىدۇ.ھەممىسى تۆت تادۇنىڭ ۋاريانتى باشقىچە ئىپادىلىنىشى.
   خۇينى  تۆت تادۇغاسالىمىز،ئاندىن قىلىق بۇيىچەبۇنى ماڭدۇرىمىز،زىدىيەت مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىمىز،كىسىلى داۋاسىنى تاپماي بولمايدۇ.تەغدىرىنى قىياسلايمىز.بۇئاددىي ھالقىلىرى.قەدىمدەئەجداتلىرىمىزنىڭ مۇشۇپەلسەپە بىلەن ،نۇرغۇن ئۇتۇققا باش بولغانلىقىنى پاكىتلاش ئۇنچەقىيىن ئەمەس.نۇرغۇن ساھالارغاتەدبىقلانغان.ئىلىم پەننىڭ كىلىپ چىقىشى شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.جاھاندانۇرغۇن پەلسەپىلەرباردىسەك،ھەممىسى تۆت تادۇپەلسەپىسىگەبىرىپ تاقىلىدۇ.مەدىنىيەتتىكى تۆت چاھاريار، ھىساپتىكى تۆت ئەمەل، ئىنسان يۇزدىكى مۇبارەك تۆت ئەزا،شاخمات تاختىسىدىكى تۆت سەركەردەھەممىسى تۆت تادۇپەلسەپىسى.
     قۇتادغۇ بىلىگىنىڭ بىشىدائاۋال ماكان،ئاندىن يەتتەيۇلتۇزئون ئىككى بۇرۇج زامان تەبىرى،ئاندىن ئىنسان،ئاندىن دىن مەدىنىيەت رىتى بۇيىچە كەلگەن.ماكان تۇپراق،زامان ئوت،ئىنسان سۇ،مەدىنىيەت ھاۋابولىدۇ.ئۇندىن باشقا مۇھىم تەدبىر قارالمىلارتۆت تادۇنىڭ زىدىيەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئۇيغۇن.دىمەك؛ئومۇمىي قۇرۇلمىسى جەھەتتە،قۇتادغۇبىلىگىدەتۆت تادۇپەلسەپىسى گەۋدىلىنىدۇ.

بىلىش مىجازى سەۋدا تۇپراقتۇر.
   بىز سەۋدا مىجازلىق كىشىنى قىياسلاپ باقايلى.سەۋدانىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى خىيالچان بۇلۇپ قىلىشتۇر.نۇرغۇن خىيال تەسەۋۋۇرئىچىدە ياشايدۇ.خىيال دەستىدىن كىچىسى ئۇيقىسى كام بولىدۇ. ئادەتتە بىرەر ياخشى رومان ياكى چۆچەك ئوقىساق ، خىيالىمزدا شۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ ، پىرسۇناج بىلەن تەڭ ،ئۇچارگىلەمدە ئۇچۇشقا باشلايمىز.تەسەۋۋۇر بىلىشنىڭ باشلىنىشى.ئۇندىن باشقا، سەۋدامىجازلىق كىشى گۇمانخور كىلىدۇ.نۇرغۇن مەسىللەرگە گۇمان نەزىردە قارمىغاندابىلگىلى بولمايدۇ. تۇپراقنى قىياسلاپ باقايلى. تۇپراق شامالنى كۆرسە ئۇچۇشقاباشلايدۇ،تەسەۋۋۇرغا ئوخشاش. ئوتنى كۆرسە كۇل بولىدۇ،گۇمانخورغا ئوخشاش.
ئايتولدى بىلىشنى مۇنداق سۇپەتلەيدۇ.
مانا ئەمدى مىنىڭ ساڭا كەلمىشىم،
ئىدى خۇي ۋەپەيلىمنى كۆرسىتىشىم.
ئورۇن بەردىڭ ئاۋال مەن ئولتۇرمىدىم،
ئورۇن يوق ماڭا ئۇق دىمەكچى ئىدىم.
بىرتوپ يەرگ قويدۇم سۆزۇم بىكىتىپ،
ئۆزۇمنىڭ ئوخشىشىنى ساڭا كۆرسىتىپ.
نىچۇك دومۇلار ئۆزىچە بۇتوپ،
بۇ دەۋلەتمۇشۇنداق كىتەر سوزۇلۇپ.
   بىلىشنىڭ ئورنى يوق، شەكلى توپقا ئوخشايدۇ،قىلىقى دوملايدۇ.ئادەتتە بىلىشكە خۇشتار سەۋدا مىجازلىق كىشىنىڭ خىيال تۇپەيلى مەۋقەسى بولمايدۇ. ياكى، تولا ئۆزگۇرۇپ تۇرىدۇ.ئۇنى بىلىپ بۇلۇپ،بۇنى بىلىشكەئالدىرايدۇ.توپتەك دوملايدۇ. بىرساھاغا قىزىقىدۇ،مىڭ جاپادا ئازراق نەتىجەچىقسا،دەرھال كەسىپ ئالماشتۇرىدۇ.كەسىپ مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىسا ، خوتنى يۆتكەپ تىجارەتكە قىزىقىدۇ. ئاداققىچە تۇتۇپ قىلمايدۇ.
پەزلى ، پۇتۇن ئارزۇلار ماڭا باغلىنار ،تۇمەنمىڭ تىلەككە يىتىپ يەيدۇ ئاش دىيىلگىنىدەك،بىلىش بەخىت ئامەت ئىلىپ كىلىدۇ.
ئەيىپى،تۇراقسىز. يىڭىلىق ئىستەيدۇ.
تۇراقسىز بولۇشۇم ماڭا ئەيىپ ئەمەس ،
تاللايمەن ئۆزۇمگە يىڭى نەرسە بەس.
تەبىرى ، خۇددى ئايتولدى يۇملاق بوپىنى بىسىپ چىڭ ئولتۇرغاندەك، تۆت تەرەپتىن چىڭ تۇتۇش.
تەقدىرى ،ئايغا ئوخشايدۇ.يەنى ئايدەك دەسلەپ كىچىك چىقىدۇ،ئوغاق ھالەتتە.ئاستا ئاستا يوغىناپ تۇلۇن بۇلىدۇ.ئاندىن كىچىكلەپ ئاۋالقى ھالىتىگە قايتىدۇ. بىلىشمۇ شۇنداق، دەسلەپ ئاز ئازدىن ئۇگۇنۇپ ئالىمبۇلۇر، ياشتا يوغىنىغانچە ئەقىل كەمىيىپ كىچىك بالىدەك قالۇر.
    دىمەك ،يۇقارقىلاردىن شۇنى ھىس قىلىشقا بۇلىدۇ.قۇتادغۇبىلىگىدىكى بەخىت بىلىش بىلەن ،ئىنسان مىجازىدىكى سەۋدا ، ماكاندىكى تۇپراقنىڭ خۇي پەيلىدەئوخشاشلىق بار.بىر بىرىگە تەدبىقلانغان.ياكى ،پەلسەپە بىلەن ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەتتىن ئىبارەت تۆت تادۇنى بىر بىرىگە باغلاشقا بولىدۇ.
پەلسەپە بولغاچ باشقا ساھالارغا تەدبىقلاپ باقساق.مەسلەن ؛ بىلىش سەۋدا  يەھۇدىي مەدىنىيتىنىڭ ئورنى يوق،قۇمدەك دۇنيانىڭ جاي جايلىرىغا چىچىلغان.شەكلى يۇملاق مەۋقەسى يوق،شەنبە كۇنى ساماۋىي كىتاپ ئوقۇيدۇ،باشقا كۇنى باشقىنى تەشۋىق قىلىدۇ.قىلقى دوملايدۇ سەۋىرسىز ،ئاسماندىن تەييار تائام چۇشسە زىركىپ،سامساق يىسىموق تەلەپ قىلىشقان.پەزلى ، مۇشۇلاردىن ئەندىزە ئالسا ياكى ئۇگەنسە تىزتەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.بايلىق بەخىتنىڭ مودىسى شۇلاردا.ئەيىپى، يىڭىلىق ئىستەيدۇ، ئىجادىي كۇچ مەنبىيى.تەدبىرى ،چىڭ تۇتۇش. تارىختا نۇرغۇن قىتىم چىڭ تۇتۇلغان،گىتلىر مىسال .تەقدىرى ئايغا ئوخشايدۇ.
ئادىللىق سەپرا ئوتتۇر.
   ئوت كۆيدۇرىدۇ.بۇ ئۇنىڭ زىيىنى قۇسۇرى ئەيىپى.لىكىن توڭغاندا ئىسىنغىلى،تاماق پۇشۇرۇپ يىگىلى بولىدۇ. بۇ پەزلى. ئوتنى كوسەيدەماتىلايمىز.بۇتەبىرى. ئوت قارىماققا ئۇچ بۇجەك، بۇشەكلى.ئوت ئەركىن كۆيسەم دەيدۇ،بۇ قىلىقى.سۇ قۇيساق ئۆچىدۇ ،بۇ تەغدىرى.ئوت ئوتۇن تۆپىسىدە ،بۇ ئورنى.
كۇنتۇغدى ئىلىگ،ئادىللىق ئەدلى قانۇننى مۇنداق ئوبرازلاشتۇرغان.
ئادالەت ۋە قانۇن ئۆزۇم مەن قارا،
قانۇننىڭ ۋەسپىنى بۇنىڭدىن سورا.
مۇنۇ مەن ئولتۇرغان كۇرۇسقا باق،
ئەي كۆڭلۇم توقى،بار ئۇندا ئۇچ ئاياق.
پۇتۇن ئۇچ ئاياق قىڭغايماس بولۇر،
تۇرۇر ئۇچ پۇتى تۇز ھەم قايماس بولۇر.
قىڭغايسا بىرى ئۇچ ئاياقنىڭ ئەگەر،
قايار ئىككىسى،ئولتۇرۇچى چۇشەر.
   شەكىل جەھەتتە؛ئادىللىقنىڭ ياكى قانۇننىڭ ئۇچ پۇتى بولىدۇ.بىرى قىڭغايماس مۇستەھكەملىك چىڭلىق. بىرى تۇزلۇك. يەنە بىرى باراۋەرلىك.<قىڭغايسا بىرى >دىگەن مىسرالار،باراۋەرلىككە ئىشارەت.قانۇن ئادىللىق باراۋەرلىك ئىستەيدۇ،قانۇن ئالدىدا ھەممەئادەم باراۋەر.قانۇن ھەممىگە تۇز قارايدۇ. ئاساسەن ئىگىلمەيدۇ.ياكى،سەۋەپ جەريان نەتىجە بۇيىچە تۇز لىنىيە ئىستەيدۇ.قانۇن بار يەر بىلەن قانۇن يوق يەرنىڭ پەرقى، مۇستەھكەملىكتە.
ئورنى،كۇمۇش كۇرۇس ئۇستىدە،كۇمۇش تەڭگە ،ئاقچىغا تايىنىدۇ. مەسلەن؛ ئامرىكا قانۇنغاكۇچەيدۇ،دوللىرى داڭلىق.
قىلىقى؛قولىدا پىچاق بار، پىچاقمۇ غىلاپتىن چىقىپ ئوت كەبى ئەركىن بولغاندا كىسىدۇ.
بۇ خەنجەر پىچاقكىم قۇلۇمدا تۇرۇر،
پىچار ھەم كىسەر بىر قۇرال ئەي غەيۇر.
پەزىلى؛
شىكەرشۇكى،بىركىم زۇلۇم يەتتى دەپ< توڭدۇم دەپ>
ئىشىگىمگەكەلسە ئادالەت تىلەپ.
شىكەردەك لەززەتلەر يانۇر ئۇكىشى،
سۇيۇنۇپ ئىچىلور يۇزى ھەم قىشى.<ئىسسىيدۇ>
ئەيىپى ؛ئوراغۇن ئىچكەندەك رەھىمسىز،كۆرۇكسىز،يۇزسىز كۆيدۇرىدۇ.
تەبىرى؛پاكىزەبولۇش،يالغانچىلىق،زۇلمىگەر،ئاچكۆز،تاماخور،تويماس،ئالدىراڭغۇ،ئۇياتسىز،غەزەپكار،ئوغرى،ھاراقكەش بولماسلىق.
تەقدىرى ؛ئىسمى كۇن تۇغدى،كۇنگە ئوخشايدۇ.مىنىڭمۇ ھۆكۇمۇم شۇ يوقالماس ئۆزۇم.بۇرجى ئارىسلان ئويى بۇزۇلماس. يەنى؛ يوقالمايدۇ بۇزۇلمايدۇ،بىر خىل تۇرىدۇ.
   دىمەك، قۇتادغۇبىلىگدەقانۇن ئادىللىقمۇ پەلسەپە رىتى بويىچە،قانۇنىيەتلىك بايان قىلىنغان.ياكى مۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ. سەپرا، تەپەككۇردا تەدبىر ئەقىل قوغلىشىدۇ.قەلىپتە ئاچچىقى يامان كىلىدۇ.كۆڭۇلدە ئۇياتسىز ئەركىن جىنسىيەت قوغلىشىدۇ.
ياخشىلىق بەلغەم سۇ.
   ئەمدى ئۆزىمىزنى تادۇلاپ باقايلى. تەپەككۇر-ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىمگە ئايرىلىدۇ. قەلىپنىڭ گۇمانى  ھەددىسى ھۇزۇرى قورقىشى بولىدۇ.كۆڭۇلنىڭ تەسەۋۋۇر خۇشلىقى  مۇھەببىتى ۋاپاسى بار.روھ -غايە  ئادەت خۇي ئۇدۇم تۆت تادۇغائايرىلىدۇ.ئۇيغۇرلار تەپەككۇردا پەزىلەت ئىستەيمىز. ياكى تەپەككۇرىمىزنى پەزىلەت بەلگۇلەيدۇ. يەھۇدىيلارنىڭكىنى ھۇش بايقاش بەلگۇلەيدۇ. قەلبىمىز ھۇزۇرىي قەلىپ، كۆڭلىمىزمىھرى مۇھەببەتكە تولغان،غىرىپ سەنەم گۇۋا. بۇدىسىتلاردا كۆڭۇل  ۋاپادارلىققا تولغان ۋاپانى تەكىتلەيدۇ. روھىمىزخۇي تارتىدۇ. يەنى يەھۇدىيلار ئەنئەنە غايە دىسە، نىسارالار ۋاقىت ئادەتكەكۇچىسە،بۇدىسىتلار ئۇدۇم ئالسا، بىزنىڭ روھىمىز خۇي بويىچە بەلگۇلەيدۇ.
   ئۇيغۇرلار ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەت بويىچە، ئىنساننى قوغلىشىدۇ. يەھۇدىيلار ماكاننى ،نىسارالار زاماننى، كەچلىكىڭىزخەيرىلىك بولسۇن، خەيرىلىك سەھەر دىگەندەك.بۇدىسىتلار مەدىنىيتىنى قوغدايدۇ.يەھۇدىيلار بىلىش، نىسارالار ئادىللىق، مۇسۇلمانلار ياخشىلىق، بۇدىسىتلارتەقۋادارلىق، بۇمۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيتىدىكى تۆت تادۇ.بىزدە ئادىمىيلىك ئادىمگەرچىلىك ئادەتلىشىپ كەتكەن.ئادىمىيلىككە خىلاپ ئىشلار كۆزىمىزگەسىغمايدۇ.شۇڭا ئارىمىزدا غەيۋەت ھەسرەت تولا.
   تۆت تادۇ پەلسەپىسى، ئويغۇرلارنىڭ ئىرسىيتەپەككۇر ئۇسۇلى. چوڭدىن كىچىككىچە، ئالىمدىن دىخانغىچە، ھەممىسىدە ئەكىس ئىتىدۇ.باشقا ئىجادىي تەپەككۇر ئۇسۇلى، ماتىريال ئىلمى،لوگىكا، ئوبرازلىق ئۇخشۇتۇشقاتارلىق مىتودلارنىڭ قوللىنىشى يۇزەكى .ياكى چۇشەنسەكمۇ باشقىلاردەك ھەقدارىغايەتكۇزۇشتە، ئىشلىتىشتە قىينىلىمىز.لىكىن ،فارابىي، ئىبىن سىنا ، يۇسۇپ خاسھاجىپ،ناۋايى،ئۇلۇغ بىگ ھەممىسى بىزنىڭ تىۋىپ ئۇلىمالىرىمىز.
ئۇيغۇرلاردا قىلىق جەھەتتە؛ تەۋەككۇل قىلىش .يەنى، نىسارالاردەك مۇستەھكەم پىلان تۇزۇپ ئىش باشلايدىغان، ياكى يىللىق، ئايلىق،ھەپتىلىك، ئۆمۇرلۇك پىلان تۇزۇپ، شۇبۇيىچە ئەمەل قىلىشقا تىرشىدىغان مۇساپىگە قارغاندا،قۇشقاچتەك تەۋەككۇل دەپ چىقىپ،ئەمەلىي پۇرسەتلەر ئۇستىدە ئىجتاھات قىلىدىغان ئەھۋال بىرقەدەر ئومۇملاشقان.
  قۇتادغۇ بىلىگىدە ياخشىلىق مۇنداق سۇپەتلەنگەن.
   تەرجىمىدە ئەقىل دەپ ئىلىنغان.لىكىن،ئازىراق قىستۇردىغان يىرى، ئەسلىسىدە ئۇقۇش<ئۇقۇمۇشلۇق> دەپ ئىلىنغان.
جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش،ئىيىتتى،ئەقىل-
قىلىغى دۇرۇس،قىممىتى تولا،بىل
يۇزى تۇرقى كۆركەم يىشىدۇر كىچىك،
پۇتۇن ياخشىلىققا بۇلۇر ئۇكىچىك
سەۋىرلىك سىلىق خۇلقى يۇمشاق،
دىلى ھەممە جانلىق ئۇچۇن مىھرىۋان،
قايەرگە سۇنسا قول تۇزەتىپ بارار،
سۆزى يەتسە نەگە ،شۇيەردە ئۆتۇر.
سول ئوڭ بىرلە،ئالدى ئارقىدىن باقار،
پۇتۇن ئىشقا چارە بىلەن ۋاقىت تاپار.
يىتەر قاچقۇچىغا،ئۇچقاننى تۇتار،
بۇزۇقنى تۇزەر ئۇسۇنۇقنى تاڭار.
ئەڭ ئاۋال ئەقىلنىڭ قىلىغى ئوڭاي،
دۇرۇسلۇق بىلەن يۇرەر يىل ۋە ئاي.
   ئۇيغۇرلاردا ياخشىلىقنىڭ ۋەزنى ئىغىر.ياخشىلىققا تايىن ئىش ئەمەللەر كۆپ.مەسلەن؛ ئاتا- ئانىنى ھۆرمەتلەش،قىرىپ قالغانداھالىدىن خەۋەر ئىلىش،ھەتتا مىيىت ئۇزۇتۇش جەھەتلەردە ، ماڭىدىغانلارغائۆلگە بۇلالايدۇ.ئۇندىن باشقا يۇت مەھەللىگە تاماق تارتىش،مۇساپىر يىتىم يىسىرئاجىزلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش قاتارلىق نۇرغۇن پەزىلەتلىرى بار. بەزىلەرنىڭ قانۇنى داڭلىق،بەزىلىرى ئىجادىيەتكە ھىرىس، بەزىلىرى ئاغماس مۇستەھكەم روھقا ئىگە . شۇنىڭدەك بىز ياخشىلىق قىلىش جەھەتتە خاسلىق قىممەتكە ئىگە.

تەقۋادارلىق مىجازى خۇن ھاۋادۇر.
1.تەقۋادارلىقنىڭ مەنبىيى كۇنەگ ئادەتتۇر.
تىلىمدە ھىساپسىز كۆپ ھەمدۇ سانا،
ئوقۇيمەن خۇداغايىل،ئاي ھەم مانا.
   مەسلەن؛قەدىمدە تەسسەۋۇپ ئەھلىلىرىدە،ئويغاق بولسىلا خۇدانى يات ئىتىشنى ئۇزۇپ قويمايدىغان ئادەتلەر بولغان. پالانى ئايەتنى مانچە مىڭ قىتىم،ماۋۇسۇرىنى مانچە مىڭ قىتىم دىگەندەك. ئوقىغانچە كۆنىدۇ،كۆنگەنچەئوقۇيدۇ. يۇسۇپ خاس ھاجىپ ئۆزىنى زاھىت دىگەن . زاھىتنى زاھىت بىلىدۇ. ئۇلارنىڭمۇئۆزلۇك ئارىفلىق دىگەندەك ،روھىي ھالەت باسقۇچلىرى باردەپ قارايمەن .بەلكىم ئىنسان يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئىچىش مۇشۇ ساھا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك. شىرىيەت پىشىۋاسى ناۋايى بۇمۇ زاھىت كىشىدۇر.
2.تەقۋادارلىق تۇزۇلىشى جەھەتتە؛ بىر بىرىگەتۇتاشقان بوي سۇنغان ھالەتتە بولىدۇ.مەسلەن ؛ئوتتۇر تۇزلەڭ خەلىقلىرى: شەخىس ئائىلىگە،ئائىلە جەمەتكە،جەمەت قەبىلىگە،قەبىلە يۇت كاتتىلىرغا،يۇت كاتتىلىرى خاندانلىققا بوي سۇنۇپ،ئۆمۇچۇك تورىدەك تۇركۇملىنىدۇ.
3.تەقۋادارلىق ھاۋايى ھەۋەسكە بىرىلمەيدۇ. شۇڭاتەرىك دۇنياچىلىقنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.مالايسىيە،ھىندى ئەللىرى،ئىران خەلىقلىرى،خۇيزۇلار،سوپىلاردا تەقۋادارلىق ئەكىس ئىتىدۇ.بۇ خاسلىقى خۇسيىتى.
خۇداغا سىغىندىم،نەپسىمنى يىغدىم.
كۇزەتسۇن خۇدايىم ئىمانىم،دىنىم.
4.ئالاھىدىلىك جەھەتتە؛  مۇستەھكەملەش ساقلاش ئالاھىدىلىكى بار. مەسلەن؛جەمىيەتشۇناسلىقتا ،ئالىم ھاكىم باي دىھقان دىيىلىدۇ. دىھقانلاردا نۇرغۇن ئەنئەنىۋىيلىك ساقلىنىدۇ،ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئۇلىشىدۇ.دىھقانغا ئۆزلەشسە ،ئۆزگەرىتمەك قىيىن.
5.كەمچىلىكى؛
ۋەلىكىن بىرقانچە قۇسۇرۇممۇ بار،
ئۆزۇم بارسام ئاخىرى زىيان بولار.
بىرى مەندە خىزمەت قىلىش ئىلمى يوق،
بىرىپ ئىشلىمىسەم،يۇز بولماس يۇرۇق.
يوق مەندە مۇناسىپ قايىدە يۇسۇن خۇلىق،
يۇسۇن بىلمەس كىشى ئىشقا نالايىق.
ئىككىنجى بۇدۇنيا جاپاچى بىلدىم،
جاپانى ئاۋال مەن ئاڭا ئەيلىدىم.
6.چارىسى؛ تىرىكلىك،يىگىتلىك،كىسەلسىز، باي قىلىش. پۇتكۇل خىيالى شۇنىڭدا.
7.ئاقىۋىتى؛قىسمەتلىرى تولا.
گۇستاخمەن،گۇستاھلىق ئازاپقا سالۇر،
ھىلىم سەن، ھىلىملىق سىنىڭدىن كىلور.
دىمەك خۇلاسىلىغاندا،قۇتادغۇ بىلىگ پەلسەپىسى قەدىمقى تۆت زات قارشى بۇيىچە ، شۇ سىسستىما قانۇنىيەتنى بويلاپ بىيىغان بۇلۇپ، بۇنىڭغا ھازىرقى ئىدىيە قورولىدا تۇرۇپ باھا بىرىش دىگەندەك مۇۋاپىق ئەمەس. ئىنسان نوختىتىسى  خۇي پەيلى ئاساس قىلىنىدۇ.

قۇتادغۇبىلىگدىكى پەلسەپىنىڭ سىسستىمىسى
بىرىنجىدىن؛ دۇنيادا تادۇتۆت
ماكان -تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن تۇزلىدۇ،زامان -نىڭ تۆت پەسلى بار. ئىنسان -تۆت خىل مىجازدا، مەدىنىيەت-  يەھۇدىيچە نىساراچە مۇسۇلمانچە بۇددىسىتچە دەپ تۆتكە بۆلىنىدۇ. تەدبىقلىيالىساق، قۇتادغۇ بىلىگىدىكى تۆت خىل مەنىۋىي ھايات ، تۆت خىل مەدىنىيەت ئەندىزىسىگە باپ كىلىدۇ. كونكىرىت دىسەك، ئاي تولدى يەھۇدىي مەدىنىيتىگە چۇشسە، كۇنتۇغدى نىسارا مەدىنىيتىنى يۇرتىدۇ. ئودغۇرمىشتا بۇددىسىتچەمەدىنىيەت ئەندىزىسى ئەكىس ئىتىدۇ. ياكى بۇددىسىت مەدىنيتىنىڭ ئادەتلىرىگەۋدىلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىز ياشاۋاتقان زىمىندىكى جانلىقلاردىن ئىنسان تۇپراقتىن، جىن ئوتتىن، ھايۋان سۇدىن، ئۆسۇملۇك ھاۋادىن يارتىلغان دەپ قارىلىدۇ.خەنزۇلار- شەرىق ئەجدەرھا، شىمال تاشپاقا، غەرىپ شىر،جەنۇپ پەخىنىش دەيدۇ.شەرىق ئوت ، شىمال تۇپراق، غەرىپ سۇ،جەنۇپ ھاۋا بولىدۇ.خىمىيەدىكى مىتال ئوت،مىتاللويىدلار تۇپراق، گازلار ھاۋا، كىسلاتا ئىشقارلار سۇ.
قۇتادغۇ بىلىگ ئەسلى يازمىسىدا، كۇنتۇغدىنى ئەدلى دەپ ئالغان. ئوگدۇلمىشنى  ئۇقۇش ،ئايتولدى ئوگلۇك، ئودغۇرمىش قانائەت دىيىلگەن. ئىنسان تەپەككۇرىنى  <ئاڭا بەردى،ئەردەم بىلىگ ئۆگ ئوقۇغ>يەنى، ئەردەم- ئادىللىق تەدبىر پىلان. بىلىگ- بىلىم.ئوقۇغ –ئۇقۇش پەزىلەت. ئوگ - سەزگۇرلۇك يىڭىنى بايقاش. دىمەككى، ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم دەپ تۆت تادۇغا ئايرىغان. بۇنىڭ تۇتقىچىسى بولغان كۆڭۇلنى، تىل ئۇيات قىلىق پىئىل دەپ تۆتكە بۆلگەن.
دىمەك؛ مەيلى ئىنسان روھىيتى بولسۇن، ياكى ماكان زامان مەدىنىيەت ھەرقاندىغىنى تۆت تادۇغا ئايرىغىلى بولىدۇ. تۆت تادۇغاسالمىسا،باغلىغىلى شۇنداقلا زىدىيەت مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلغىلى بولمايدۇ.
ئىككىنجىدىن؛ ئۇچ،  يەتتە، قىرىق، يىل .بۇ پەلسەپە سىسستىمىسىنىڭمۇھىم سانلىرى.
ئايتولدى بىلىش،ئاي تۇپراق ، بىر يىل ئون ئىككى ئاي. ئاسماندا ئون ئىككىبۇرۇج بار.ئۇچ كەرە تۆت ئون ئىككى.يەھۇدىيلار ئون ئىككى بۇلاقتىن سۇ ئىچكەن.مۇقام ئون ئىككى.
قوزى يازغى يۇلتۇز كىيىن ئۇي كىلور
جەۋزا بىلەن سەرتان تۇرتۇشۇپ يۇرۇر
ئىرور خوشنا بوغداي بىشى ئارىسلان
كىلەر ئارقىدىن قەۋەس ئەقراپ مىزان
كىلەر ئاندىن ئوغلاق سوغا ھەم بىلىق
تۇغۇلسا بۇلار كۆك بولغىسى يۇرۇق.
خەنزۇ تىبابىتىدەيۇقارقى ئون ئىككى بۇرۇج ئىنسان بەدىنىدىكى تۆۋەندىكى ئەزالارغا قىياس قىلىنغان.قۇزا- باش قىسمى. ئۆكۇز –بويۇن . قوشماق – تاغاق قول.قىسقۇچ پاقا –كۆكرەك.ئارىسلان –يۇرەك.سۇمبۇلە – قوساق. تارازا-ھەزىم سىستىمىسى.چايان- جىنسىي ئەزا.يا –سۆڭگەچ.ئوغلاق-چاچتىرە. سوغا- پاقالچاق. بىلىق پۇت. دىمەك باشتىن ئاياغ تەرتىپ بۇيىچەسىلىشتۇرۇلغان.
ئاساسەن ؛ بىلىش ماكان بۇ تىمىدا، ئون ئىككى قىسىم بويىچە ئايرىم ئايرىم بايقاش چۇۋۇش ئاساس قىلىنىدۇ.بايقاش تۇنۇش  جەھەتتە ،بۇ ئۇسۇلنىڭ رولى بار.
ئۇچ، ئادىللىقنىڭ ئۇچ پۇتىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرمۇ قانۇن سىسستىمىلىرىدا سەۋەپ جەريان نەتىجە دىگەن گەپنى كۆپ ئاڭلايمىز. لوگىكىمۇ مۇشۇ ئۇچ گەپنى ئاساس قىلىدۇ. زامان قىلىق ھەركەتنىڭ سەۋەپ جەريان نەتىجىسى بولىدۇ.قۇتادغۇ بىلىگدە مۇستەھكەملىك تۇزلۇك باراۋەرلىك دىيىلگەن. ئۆتمۇش ھازىر كەلگۇسى بۇمۇ زاماندىكى ۋاقىتتىكى ئۇچ پۇت.
ياخشىلىقنىڭ تادۇسى تۆت بولىدۇ. خۇددى تۆت يار ماڭا تۆت تادۇدەك ئىرور دىيىلگەندەك، ئەبۇ بەكرى بىلىش،ئۆمەر ئادىللىق، ئوسمان ياخشىلىق، ئىلى تەقۋادارلىق بولىدۇ. ياكى ئەرەپلەر بىلىش،خاۋارىجلار ئادىللىق، تۇرۇكلەر ياخشىلىق، شىئەلەر تەقۋادارلىق بويىچە گەۋدىلىنىدۇ.دىمەك ، سۇبەلغەم ئىنسان پەزىلەت بۇنىڭدا ؛ تۆت تادۇ بۇيىچە ئايرىيمىز.
تەقۋادارلىق يەتتەبىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئاسمان يەتتە قات.بۇلار سەكەنتىر،ئوڭاي،كۇرۇد،قۇياش،سەۋىت،ئارزۇ، يالچىقلاردۇر. ياكى، ئىجادىي تەپەككۇردا ئون ئىككى،لوگىكىدا ئۇچ ، تادۇچە تەپەككۇردا تۆت، ئوبىرازلىق تەپەككۇردا يەتتە مۇشۇسىسستىمىغا بويسۇندىرىمىز.
ئۇچۇنجىدىن ، قۇتادغۇبىلىگىدە يەتتە يۇلتۇز بىلەن ئون ئىككى بۇرۇج بىرىكتۇرۇلگەن ھالەتتە قىياس ئىتىلگەن.ئاينىڭ بۇرجى سەرتان  ئويى تىزئۆزگۇرۇر دىيىلگىنىدەك. ئادىللىقنىڭ بۇرجى ئارىسلان. ياخشىلىقنىڭ قىلىقى ئوڭاي .
يەنە خەنزۇلاريىگىرمەسەككىز يۇلتۇز بۆلىكىگە ئايرىيدۇ. يەتتىسى سۇ ،يەتتىسى ئوت، جەمىي يىگىرمەسەككىز.
مىسال  ئۇچۇن؛ ئادەم بەدىنىدە، ئىغىز ئاشقازان ئۇچەي تاناسىل ئەزالار تۆتىنىڭ مىجازى سۇ بولىدۇ. يۇرەك جىگەر كۆز ئۇچنىڭ مىجازى ئوت. بۇرۇن بىلەن مىڭىنىڭ مىجازى تۇپراق. قۇلاق ئۆپكە گۆشتىرە سۇڭاك قان  سۇت  قاتارلىق يەتتىنىڭ مىجازى يەل. ئىچكى ئەزا -يۇرەك بۆرەك جىگەر قاتارلىقلار يەتتە، تاشقىي ئەزا - كۆز قۇلاق بۇرۇن ئىغىزقاتارلىقلار يەتتە، تۇزگۇچى- گۆش تىرە سوڭاك بۇلار يەتتە،مىڭىگە تايىن نىرىپ قاتارلىقلار يەتتە بولىدۇ. ئەرەپ ھەرىپى يىگىرمە سەككىز.چىشىممۇ يىگىرمە سەككىز.ئاسماندا يىگىرمە سەككىز يۇلتۇز بۆلىكى بار. قەدىمدە سازلارنىڭ تۇرى يىگىرمەسەككىز بولغانلىق توغرىسىدا مەلۇمات بار.

قۇتادغۇبىلىگىدىكى پەلسەپىنىڭ قانۇنىيتى
مەسلەن ؛نىيوتۇننىڭ بىرىنجى ھەركەت قانۇنى دىيىلىدۇ. بىر جىسىمغا بىر كۇچ تەسىر قىلسا، قارشىلىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، تۇز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.ئۇندىن باشقا، ئارىمىزدىمۇ ئەگرىيلىك قانۇنىيتىنى تەتقىق قىلدىغانلار بار. ماتىماتىكىدانۇرغۇن فورمىلالار بار.تەدىرجىي تەرەققىيات نەزىريىسى دەيمىز. ئادەتتىكى بىرتىلفۇن ئايپونغا ئايلىنىش ئۇچۇن نۇرغۇن تەرەققىيات باسقۇچىنى بىسىپ ئۆتكەن.دىمەك؛تىلفوننىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ، كۇللى مەخلۇقاتنى شۇنداق تەرەققىي قىلغان دىيىش تەدىرجىي تەرەققىيات بولىدۇ.
ئاي ئاۋال تولامۇ كىچىك تۇغۇلۇر،
كۇندىن كۇن چوڭۇيۇپ يۇقرى چىقور.
تولۇن بولسا تولۇپ،جاھان يۇرۇتار
جاھان خەلقى ئۇنىڭدىن يۇرۇقلۇق ئالار.
يۇقارقى ئاي تولدىنىڭ سۇپىتىدىكى ئاينىڭ تەدىرجىي يوغىنىشىدىن ئىبارەت قانۇنىيەت ،ياكى ھازىرقى تىلىمىزدىكى ئۇزلىكسىز تەرەققىي قىلىش ، ئۇزلىكسىز يىڭىلىق ئىستەش ، قۇتادغۇبىلىگىدىمۇ ئەكىس ئەتكەن. بىراق قۇتادغۇ بىلىگىدە، بىلىش ماكان تۇپراق سەۋداغاتەدبىقلانغان.باشقا تادۇلارغا تەدبىقلانمىغان .دىمەك؛ ماكان ماددىلار ئىلىم پەن بىلىش، سەۋدا مىجازدىكى يەھۇدىيلار تۇپراق تەدىرجىي تەرەققىي قىلىدۇ.تەدىرجىي تەرەققىي قىلسا بۇلىدۇ. بىراق ،ئىنسان سۇ  بۇلىقىدىن ئۇرىقىدىن ئۇنىدۇ.ھەممىگە ماس كەلمەيدۇ.
تۆت تادۇ پەلسەپىسىنىڭ مەن قىياس قىلالىغان قانۇنىيەتلىرىدىن بىرى، ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەت تىن ئىبارەت تۆت تادۇدا ئوخشاشلىق بار.
بۇ ئىنسانغا قاراپ تۇرۇپ، ماكاننى زاماننى مەدىنىيەتنى پەلسەپە بىلەن سىستىمىلىق شەرھىيلىگىلى بولىدۇ  دىگەننى بىلدۇرىدۇ. مەسلەن؛ ئاسماندىكى يۇلتۇزغا قاراپ زىمىندا يول تىپىش قەدىمدە تامامەن مۇمكىن بولغان. بىزگە نىسبەتەن بۇ خىلى يۇقرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ. بۇ زاماندىكى قانۇنىيەتنى يەز زىمىن ماكانغاتەدبىقلاش بولىدۇ. ئاسماندا يەتتە يۇلتۇز بار، ئاھاڭ يەتتە، رەڭ يەتتە، ئىقلىم يەتتە. خەنزۇلار قەدىمدە يەتتە يەردە تۆت ،يىگىرمە سەككىز يۇلتۇز بۆلىكىنى ھەرقايسى رايۇنلار، ئىنسان بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارغا بۆلگەن. ئۇيغۇرتىبابىتى دورا ئۆسۇملۇكلىرىمۇ يۇلتۇزلارغا تەدبىقلانغان. دىمەك ماكانغا قاراپ،زاماننى تۇزگىلى. زامانغا قاراپ ئىنسانغا داۋاقىلغىلى .ئىنسان ئارقىلىق مەدىنىيەتنىڭ سىر ئەشيالىرىنى سىسستىمىلىق يەشكىلى بولىدۇ.  




ھازىرچە شۇنچىلىك بولسۇن.
uyghuray

0

تېما

1

دوست

747

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   49.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52917
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 21:18:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان ئىلىم - بىلىم مائارىپ  تەربىيىسىگە سەل قارىسا ، ئاسانلا جىنايەتچى ، ھايۋانىيەتچى بۇلۇپ قالىدۇ  ئىككىلا ئالەمدە خار بۇلىدۇ .

0

تېما

6

دوست

1617

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54591
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 21:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرپان شىركىتى نەشىر قىلدۇرغان ئابدۇقەييۇم ئەمىن ئاكىمىز ئاۋاز بەرگەن  يەشمىسىنى ئاڭلاپ ئىنسانلار ئىجاد قىلغان بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ بىزنىڭ قەۋىمنىڭ ئىچىدىن چىققىنىدىن شۇنداق سۇيۇنگەن ھەم چەكسىز پەخىرلەنگەن  ئىدىم

0

تېما

6

دوست

1617

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54591
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 21:27:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0310631 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-9 21:18
ئىنسان ئىلىم - بىلىم مائارىپ  تەربىيىسىگە سەل قارىسا ،  ...

مۇشۇگۇاڭ تۇچاڭنى كوسەملە بىرخىل كۇلگۇم كىلدۇ دىسە
uyghuray

0

تېما

10

دوست

1118

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51110
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 22:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ATILLA يوللىغان ۋاقتى  2016-2-9 21:27
مۇشۇگۇاڭ تۇچاڭنى كوسەملە بىرخىل كۇلگۇم كىلدۇ دىسە[ ...

6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )