- تىزىملاتقان
- 2012-6-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2309
- نادىر
- 1
- يازما
- 117
ئۆسۈش
10.3%
|
ئۆتكەندە بىر سورۇندا قازاق قېرىنداشلىرىم بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە قازاق تىلىنىڭ «ساپلىق دەرىجىسى» توغۇرسىدا قىزغىن پاراڭلىشىپ قالدىم. قازاق خەلقى- كۆچمەن چارۋىچى خەلق بولغاچقا،قازاق تىلى كېيىنكى مەزگىلدە روس تىلىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچىرىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ،باشقا تىللارنىڭ بولۇپمۇ ئەرەپ –پارس تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىشى ناھايتى ئاجىز بولغان.لېكىن ئۇيغۇرلار تېرىم مەدەنىيىتىگە ئېگە خەلق بولغاچقا ،ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەپ- پارستىلىنىڭ تەسىرىگە،20-ئەسردىن باشلاپ روستىلى، خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگىلىز تىلىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچىرىدى ۋە ئۇچراۋاتىدۇ. ساپ ئۇيغۇرچە(تۈركىي تىل) سۆزلەر بىلەنبولغان ئارلىقىمىز يىراقلاشقانسېرى،ھازىرقى تۈركىي تىللىق قېرىنداشلاردا ساقلىنىپ قالغان نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئەسلىدە ئۆز تىلىمىزدا بار بولغان «بۇرۇنقى سۆزلەر» ئىكەنلىكىنى بىلمەيۋاتىمىز.(مەسىلەن:قازاقچەئىسىم دەپ قارلىۋاتقان «نۇرلان، ئېرلان، ئېربول،جارقىن...» دېگەن سۆزلەر ئەسلىدىكى «نۇرلان،ئەرلەن،ئەبول،يارقىن....»دېگەن ئىسىملاردىن ئازىراق «تاۋۇش ئۆزگىرىشى»قىلغان سۆزلەردۇر).
ئاشۇ قېتىملىق سۆھبەتتە،بىر قازاق قېرىندىشىم قازاقستاننىڭ تىلچىلىرى بىلەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلەۋاتقان «ئەخلەت تاشلاش»نامىدىكى بىر فىلىمنى تىلغا ئالدى.
پروگرامما جەريانى مۇنداق ئىكەن.
سەھىنىدەرىياسەتچى بىلەن تىلچىلار ،تۆۋەندە كۆرۈرمەنلەر ئولتۇرىدىكەن،رىياسەتچىنىڭ ئالدىدىكى تېلېفون ئوچۇق بولۇپ،ئاشۇ فىلىمگە ئىشتىراك قىلغان ھەرقانداق كۆرۈرمەننىڭ ئۆيىدەئولتۇرۇپلا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شۇ فىلىمدە دېيىلىۋاتقان سۆز ھەققىدىكى قارىشىنى رىياسەتچى ۋە تىلچىلارغا بىۋاستە دېيەلەيدىكەن.(ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بىزنىڭ فىلىملىرىمىزگە ئوخشاش بولسىمۇ،لېكىن نەق مەيدان ۋە نەق مەيدان تېلېفون ئەۋزەلىكىگە ئېگە ئىكەن) .رىياسەتچى تىلچىلارنى بىر قۇر تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، بىر پارچە ئاق قەغەزگە ئالدىن يېزىپ تەييارلىۋالغان،چەت تىلدىن قازاق تىلىغا كىرىپ ئۆزلەشكەن مەلۇم بىر سۆزنى (مەسلەن «چەيدو» دەپ تۇرايلى) تىلچىلارغا ،نەق مەيداندا شۇ فىلىمگە قاتنىشىۋاتقان ھەم تېلېۋىزوردىن شۇ فىلىمنى كۆرىۋاتقان كۆرۈرمەنلەرگە كۆرسۈتىدىكەن(ئاڭلاشلارغا قارىغاندا قازاق تىلىدىكى بارلىق نەشرىيات ئورۇنلىرى بۇ فىلىمنى كۆرۈشى كېرەك ئىكەن).
ئارقىدىنلا رىياسەتچى تىلچىلاردىن بۇ سۆزنىڭ تارىخىي كېلىش مەنبەسى،قازاق تىلىنىڭ تاۋۇش قائىدىسىگە چۈشكەن -چۈشمىگەنلىكى،قازاق تىلىدا مۇشۇ سۆزنىڭ ئورنىغا قايسى سۆزنى دەسسەتسە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۇئال سورايدىكەن. تىلچىلار قازاق تىلىنىڭ سۆز ياساش قائىدىسى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ بولۇپ،ئۆزىنىڭ قارشىنى(مەسىلەن :«چەيدۇ»نىڭ ئورنىغا «قىڭراق» دەپ ياساپ باقىدىكەن) سۆزلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ فىلىمگە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنى ئاشۇ ئۆلچەم بويىچە تېخىمۇ قولايلىق تېخىمۇ ئەپچىل سۆز ياساشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن.ئەگەرئىشتىراك قىلغۇچىلار «چەت تىلدىن كىرگەن »ئەشۇ سۆزنىڭ تەڭدىشىنى تاپالىسا ياكى ياسىيالىسا ،شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا تېلېفون ئارقىلىق تىلچى ۋە رىياسەتچىلەرگە ئۆزقارىشىنى ئېيتىدىكەن. «يېڭى ياسالغان سۆز»نى مەيلى كىمنىڭ ياسىشىدىن قەتئىي نەزەر،شۇ چاغدىكى تىلچىلار ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆپسانلىقىنىڭ قوللىشىدىن ئۆتەلىسىلا، بۇيېڭى سۆز بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە يېزىلىپ مۇقىملاشتۇرىلىدىكەن. رىياسەتچى شۇجايدىلا بۇ يېڭى سۆزنىڭ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىناۋەتكە ئېلىنغانلىقىنى،بارلىق قازاق مەتبۇئاتلىرىدا ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ،« چەت تىلدىن ئۆزلەشكەن ھېلىقى سۆز»نىڭ ھازىردىن باشلاپ قازاق تىلى ئىستىمالىدىن قالغانلىقىنى جاكارلاپ، چەت تىلدىن كىرگەن سۆز يېزىلغان قەغەزنى پۇرلاپ-پۇرلاپ «ئەخلەت ساندۇقى»غا تاشلايدىكەن.شۇڭا بۇ پروگراممىغا «ئەخلەت تاشلاش» دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىكەن.
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسى نېمىشقا تىلچىلار بىلەن بىرلىشىپ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر فىلىمنى يولغا قويمايدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ قالدىم.
مېنىڭچە،ئەگەر بىزنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىمىز مۇشۇنداق بىر فىلىمنى ئىشلەيمەن دېسە تامامەن بولىدۇ. گەرچە بىزنىڭ شارائىتىمىزئۇلارنىڭكىدەك نەق مەيدان كۆرسۈتۈشكە ئامالسىز بولسىمۇ.
ئىشلەيمەن دېسە،مېنىڭ تەكلىپىم: فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئۇيغۇر تىلشوناسلىرى بىلەن بىرلىشىپ ،ئىستىمالىمىزدىكى بىر قىسىم كالامپاي سۆزلەرنى ۋە تىلىمىزنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىنى(ئۆزىمىزدىكى سۆزدىن پايدىلىنىش ياكىي تۇققان تۈركىي تىللاردىن ئېلىپ ئىشلىتىش) ئېلان قىلىشى، يوقارقى فىلىمگە ئوخشاش ئاۋامنى جەلىپ قىلىشى ھەم سۆز ياساشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولۇق خاتىرىلەپ(بىزدە نەق مەيدان كۆرسۈتۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاندىن كېيىن،فىلىم ئىشلەش گورۇپپىسى بىر تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلسا،سۆز ياسىغانلار شۇ تېلېفوندا ئۆزىگەمۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قالدۇرسا)،تىلچىلار يېڭى ياسالغان سۆزلەر ئىچىدىن تىلچىلارنىڭ«قائىدىگە چۈشكەن،ئەڭ مۇۋاپىق،ئەڭ ئىخچام» سۆزنى تاللاپ مۇقۇملاشتۇرسا شۇنداقلا يېڭى سۆز ياسىغۇچىنى«رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلىسا.بۇ تېمىغا قىزىققىدىغانلارنىڭ سانى ئاشىدۇ. بىرمىللەتتە ئۆز «ئانا تىلى»غا بولغان سۆيگۈسى بار كىشىلەر كۆپەيسە،ئۇلارمەسئۇلىيەتنى ئىككىلەنمەستىن زېممىسىگە ئالىدۇ. ئۇلار قۇرۇق شۇئارتوۋلىمايدۇ،باشقىلاردىن زارلانمايدۇ.پەقەت ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يەتكەن دائىرە ئىچىدەئۆزى «بورۇچ» دەپ بىلگەن ئىشنى مىننەتسىز قىلىۋېرىدۇ.
مەن بۇتېمىنى « تىلچىلار ۋە تېلۋېزىيە ئىستانسىسىدىكى فىلىم ئىشلىگۈچى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس» دېگەن نېيەتتە يوللىدىم.
|
|