بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jimsary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-11 13:06
«ئۇيغۇر تىلى»نىڭ تەۋەلىكى
«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، ئۇيغۇر تىلى دىگەن سۆزگە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: «...ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىلى، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركى تىللار تۈركۈمىگە كىرىدۇ...».بۇ ئىزاھات، مىنڭچە كىشىگە ئېنىق ئۇقۇم بېرەلمەيدۇ. چۈنكى تىللارنىڭ تەۋەلىكىنى ئايرىشتا، تىل تۇركۈمى، تىل گۇرۇپىسى، تىل تارمىقى ۋە تىل تۈرىدىن ئىبارەت 4 دەرىجە بۇيىچە ئېنىقلىما بېرىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئىزاھاتتا، ئۇيغۇر تىلى، تىل گۇرۇپپىسى بىلەن چەكلىنىپ قالغان. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بۇھەقتىكى چۈشەنچەلىرىمنى بايان قىلدىم.
تىل، ئوخشاش تۈردىكى جانىۋارلار ئارىسىدا، ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىش ئېھتىياجىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ بەكىتىلگەن شەرتلىك ھەم ئۆلچەملىك تاۋۇش بەلگىلىرىنى كۆرسەتىدۇ. بىزنىڭ ئادەتتە، تىل دەپ ئاتىغان سۆزىمىز، ئادەم (ئىنسان) تىلىنى كۆرسەتىدۇ. شۇڭا، تىل دىگەنىمىز، ئادەملەر ئۆز ئارا ئالاقە قىلىشتا، قوللىنىدىغان تاۋۇشلۇق جىسىمسىز ئالاقە قورالىدىن ئىبارەت. ئادەملەر، تىل ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزلىرى ياراتقان مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتلەرنى ساقلاپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. دىمەك، ھەر بىر مىللەت، مەرىپەت، مەدەنىيەت ۋە تىلنىڭ قان-گۆش-سۆڭەكتەك رولى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. شۇڭا، تىل، بىر مىللەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تىلشۇناسلار، تىللارنى چۈشۈنشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇيىچە، تىل تۈركۈمى (ئۇيغۇرچە ئەسەرلەردە سىستېمىسى دىيىلگەن)، تىل گۇرۇپپاسى (ئۇيغۇرچە ئەسەرلەردە تۈركۈمى دىيىلگەن)، تىل تارماقى، تىل تۈرى دىگەندەك 4 دەرىجە بۇيىچە ئايرىپ چىققان.
مەن كۆرۈپ باققان مەنبەلەرگە قارىغاندا، تىلشۇناسلار دۇنيادىكى تىللارنى، تۆۋەندىكىدەك يەتتە خىل تىل تۈركۈمىگە ئايرىغان: ①-ھىندى-ئاۋروپا تىل تۈركۈمى (印欧语系) ②-خەن-تىبەش تىل تۈركۈمى (汉藏语系) ③-ئالتاي تىل تۈركۈمى (阿尔泰语系) ④–سامىت تىل تۈركۈمى (闪含语系) ⑤-دېلاۋىدا تىل تۈركۈمى (德拉维达语系) ⑥-كاۋكاز تىل تۈركۈمى (高加索语系) ⑦-ئۇرال تىل تۈركۈمى (乌拉尔语系)
3-ئالتاي تىل تۈركۈمىنىڭ تىل گۇرۇپپىلىرى
مەنبەلەرگە قارىغاندا، دۇنيا بۇيىچە تەخمىنەن، 250 مىليوندىن كۆپ ئادەم، ئالتاي تىل تۈركۈمىدە سۆزلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. ئالتاي تىل تۈركۈمى، تۈرك تىل گۇرۇپپىسى، مۇڭغۇل تىل گۇرۇپپىسى ۋە تۇڭگۇس تىل گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت 3 تىل گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلگەن ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۈرك تىل گۇرۇپپىسىدا سۆزلىشىدىغان ئادەم، دۇنيا بۇيىچە، تەخمىنەن، 135 مىليوندىن كۆپ دەپ مۆلچەرلەنگەن. دۆلىتىمىز دائىرسىدىن قاراغاندا، تۈرك تىل گۇرۇپپىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، ئۆزبەك، تاتار، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، سالا، سېرغۇر ( سېرىق ئۇيغۇر) قاتارلىقلار بار .
4-تۈرك تىل گۇرۇپپىسىدىكى تىل تارماقلىرى
مەنبەلەرگە قارىغاندا، تۈرك تىل گۇرۇپپىسى تۆۋەندىكىدەك، 5 خىل تىل تارمىقىغا ئايرىلىدىكەن: ①-ياقۇتلارتارماقى (雅库特语支)، مەن كىچىك چاغلىرىمدا، ئاتام، دادامدىن ھەم ئۆيگە كەلگەن مېھمانلاردىن بۇلارنى ئاقتۈركلەر دەپ ئاتاغانىنى ئاڭلايدىغان. ②-تۇۋالار تارماقى (图瓦语支). يەنە خاكاس تىل تارماقى دەپمۇ ئاتالسا كېرەك. مەن كىچىك چاغلىرىمدا، ئاتام، دادامدىن ھەم ئۆيگە كەلگەن مېھمانلاردىن بۇلارنى كۇپارقىرغىزلار دەپ ئاتاغانىنى ئاڭلايدىغان. ③-تۈركەشلەر تارماقى (土耳其语支). يەنە ئوغۇز تىل تارماقى دەپمۇ ئاتالسا كېرەك. مەن كىچىك چاغلىرىمدا، ئاتام، دادامدىن ھەم ئۆيگە كەلگەن مېھمانلاردىن بۇلارنى قاراتۈركلەر دەپ ئاتاغانىنى ئاڭلايدىغان. ④–ئۇيغۇرلار تارماقى (维吾尔语支). يەنە قارلۇق تىل تارماقى دەپمۇ ئاتالسا كېرەك. مەن كىچىك چاغلىرىمدا، ئاتام، دادامدىن ھەم ئۆيگە كەلگەن مېھمانلاردىن ئۆزىمىزنى كۆكتۈركلەر دەپ ئاتاغانىنى ئاڭلايدىغان. بىز كۆكتۈركلەر، دەپ گەپ قىلاتتى. ⑤-قىرغىزلار تارماقى (吉尔吉斯语支). يەنە قىپچاق تىل تارماقى دەپمۇ ئاتالسا كېرەك. مەن كىچىك چاغلىرىمدا، ئاتام، دادامدىن ھەم ئۆيگە كەلگەن مېھمانلاردىن بۇلارنى مۇسۇلمان قىرغىزلار دەپ ئاتاغانىنى ئاڭلايدىغان.
5-ئۇيغۇر تىل تارماقىدىكى تىل تۈرلىرى
ھازىرقى چۈشەنچەمدە، ئۇيغۇر تىل تارماقىدا، ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۆزبەك تىلى بار. دىمەك، ئۇيغۇر تىل تۈرى بىلەن ئۆزبەك تىل تۈرىنىڭ تەپسىلى تەۋەلىكى مۇنداق بولۇدۇ: تىل تۈركۈمى: - ئالتاي تىللىرى تۈركۈمى تىل گۇرۇپاسى: -تۈرك تىل گۇرۇپپاسى تىل تارماقى: -ئۇيغۇر تىل تارماقى تىل تۈرى: -ئۇيغۇر تىل تۈرى -ئۆزبەك تىل تۈرى. دىمەك، ئۇيغۇر تىلى، ئالتاي تىللىرى تۈركۈمى، تۈرك تىل گۇرۇپپاسى، ئۇيغۇر تىل تارماقى، ئۇيغۇر تىل تۈرىگە مەنسۇپ بولغان تىل تۈرى بولۇدۇ. ئۆزبەك تىلىمۇ، ئالتاي تىللىرى تۈركۈمى، تۈرك تىل گۇرۇپپاسى، ئۇيغۇر تىل تارماقى، ئۆزبەك تىل تۈرىگە تەۋە تىل تۈرى بولۇدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبەك تىلى، خۇددى بىرئاتا-ئانانىڭ قوشكېزەك بالىلىرىغا ئوخشايدۇ.
يوقۇرىدا، ئۇيغۇر تىلىنى چۆرىدەپ، تىل تۈركۈمى، تىل گۇرۇپىسى، تىل تارمىقى ۋە تىل تۈرى توغرىسىدا بىلگەنلىرىمچە ئۆز چۈشەنچەمنى بايان قىلدىم. مەقسەت، ئۆز تىلىمىزنىڭ ئورنىنى ئېنىق بىلىشتىن ئىبارەت. ئەمما مەن، تىلشۇناسلىق ياكى تارىخ بىلەن ھەپىلەشمەگەنلىكىم ئۈچۈن، ئەسەردە خاتا بولغان ياكى كام قالغان جايلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ تۈزۈتۈش پىكرى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
|